ئاپتورى: ئابلا ئىسھاق پەروزان
(پوۋېست)
توي −− جۈپلۈك كامالىنىڭ بوسۇغىسىنى ئاچىدۇ، سىزنى تەنھالىق قەپىسىدىن قۇتۇلدۇرۇپ، يېڭى ھاياتنىڭ پاياندازىدىن ئاتلىتىدۇ، مۇھەببەت زوقىدىن لەززەتلىنىش ئىستىكىڭىزنى قاندۇرىدۇ... دېگەندەك گەپ - سۆزلەرنى تولا ئاڭلاپ يۈرۈپ، غەمسىز، ئەركىن، دەۋرىم بىلەن خوشلىشىپ، توي قىلىش يېشىغا يېتىپ، مانا ئاخىر تويمۇ قىلىۋالدىم. يەنە كېلىپ كۆڭلۈم چۈشكەن قىز بىلەن ئۆزۈم خالاپ توي قىلىۋالدىم. ئايالىمنىڭ تۇرمۇشۇمدا پەيدا بولۇشى تىنىق، ئەمما تەنھا ھاياتىمنى قىممەتكە ھەم يېڭى مەنىلەرگە ئىگە قىلىپ، قەلب ئالىمىمگە ئاياللىق مۇھەببەت - كۆيۈملىرىنى ئاتا قىلدى. ئۆي - ئوچاقلىق، بالىلىق بولدۇم. ئۇ چاغلاردا ئۆيىمىزدە ھازىرقىدەك ئاددىي، قۇرۇق ۋە ئۆلۈك ھالەتلەر يوق ئىدى. ئۆزۈممۇ خېلى جۇشقۇن، ئەركەكلىك گېنلىرىم تىرىك ئىدى. توسۇن ھاياتلىق قانچىلىغان يىللار، قانچىلىغان كۈن - تۈنلەرنى ئاستا - ئاستا ئارقىدا قالدۇرۇپ، توختاۋسىز ئالغا ئىلگىرىلىدى. بۇ ئىلگىرىلەش ئۆزىنىڭ شاد كۈلكىلىرىگە تۈرلۈك قايغۇ - ئەلەملىرىنى قوشۇپ بىزگە ھەمراھ قىلىپ قويۇپ، زەيتۇن شېخى چىشلىگەن كۆك كەپتەرنى بوسۇغىمىزدىن بارا - بارا يىراقلارغا ئۇچۇرۇپ كەتتى. ھاياتلىق كۈلكىلىرى بىزدىن ياتلاشقان، سۆيگۈ - مۇھەببەت تۇرمۇشىمىزدا ئۆزىنىڭ جازىبىدارلىقىنى يوقاتقان، كۆڭلۈم نىكاھلاپ ئالغان ئايالىمدىن ئازار يېگەن چاغلاردا، خۇشاللىقنىڭ ئۇرۇقى بولسا، مۇشۇنداق قاپىقى يامان ئاياللارنىڭ رۇخسارىنى ئېتىز قىلىپ تېرىپ قويسام، سۈكۈتتىن سېھىرلەنگەن شىپالىق زەمزەم سۈيى بولسا، ئاغزى بېسىقماي سۆزلەيدىغان چوكانچاقلارنىڭ لەۋلىرىگە تېمىتىپ قويسام، دەپ ئارمان قىلىپ يۈردۈم. شۇنداق بولغاندا ئارامچىلىق بىلەن ئېجىللىق جېدەل - ماجىرالىق ئۆيلەرنىڭ بوسۇغىسىدا مۈگدەپ ئۇخلاپ قالمايتتى، خۇشاللىق ھەم تەنتەنىلەر كوچا - كويلاردىلا ھۆسنىنى كۆرسىتىپ يۈرمەي، ئۆي - ئۆيلەرنىڭ ئىشىكىنى چېكىپ تۇراتتى. ئاياللىق خاراكتېرى غىدىقلانماس بولۇپ قالغان قىسمەن ئاياللار، تىنىمسىز ۋاتىلداشلىرى بىلەن جاسارەتلىك ئەرلىرىنىڭ ئەرلىك گېنىنى ئۆزلىرىنىڭ كۈنلەمچىلىك ئەلگىكىدە تاسقاپ، پۇچەكلەشتۈرۈپ ئاۋارە بولمايتتى. ئۆزىنىڭ ئاياللىق زىباسى ئارقىلىق ئەرلىرىنىڭ روھىنى ئۆزلىرىگە چىڭ باغلاپ، خاتىرجەملىك ئىچىدە كۈلۈمسىرەپ ياشايتتى.
ئايىغى چىقماس كۈنلەمچىلىكلەردىن، جېدەل - ماجىرالاردىن خالىي ياشىغان ئاشۇ چاغلارنى ھازىر بۇ ئۆيدىن ئەنقانىڭ تۇخۇمىدەك تاپقىلى بولمايدىغان بولۇپ قالدى. بىشەملىك ئۇرۇقلىرى ئايالىم ئوينىغان قاتار چاي، توي - تۆكۈنلەردىكى غەيۋەت - شىكايەتلەر ئارىسىدىن يىغىلىپ كېلىپ، ئۆيىمىزنىڭ بۇلۇڭ - پۇچقاقلىرىغا تېرىقتەك چېچىلىپ كەتتى. سۆيۈملۈك ئايالىم بارا - بارا ئىلگىرىكى نازاكەتلىك ئاياللىق سالاپىتىنى، قىز چاغلىرىدا كىيگەن كىيىم - كېچەكلىرىگە قوشۇپ ساندۇقىغا سېلىۋەتتى. مەن تەنگە، ئۇ روھقا ۋەكىللىك قىلدۇق. تەن بىلەن روھنىڭ ئارىسىغا »=«لىك بەلگىسى قويۇلمىغانلىقتىن، روھ تەننى كونترول قىلىش كەيپىياتى شەكىللەندى. ئۇنىڭ ئۆيگە، يانفونۇمغا، كىيىم - كېچەكلىرىمگە، ھەتتا ئەرلىك روھىمغا بەند قىلىۋېتىلگەن خىرىسچان روھى مەن بىلەن تەڭ يۈرۈپ، مېنى تىزگىنلىيەلەيدىغان كۆپ ئىقتىدارلىق سېھىرلىك تىزگىنەككە ئايلاندى. ئاتا - ئانام مېنى كىچىكىمدىن تارتىپ تاكى ھازىرغىچە توختى قارىي، دەپ ئەركىلىتىپ چاقىرغان بولسا، ئايالىم توختى دېگەن خاس ئىسمىمنىڭ كەينىگە يۇمشاق دېگەن چىرايلىق سۈپەت سۆزىنى قوشۇپ توختى يۇمشاق، دەپ چاقىرىدىغان بولدى. ئىككى ئوغلۇممۇ بەزىدە ئەركىلەپ تۇرۇپ، يۇمشاق دادا! دەپمۇ قويۇشىدۇ تېخى. ئىلگىرى ئائىلىمىزدە ئىسيانكارلىق يوق ئاياللىق ئىتائەتمەنلىك بار ئىدى. يۈگەنسىز قىزىققانلىق يوق، سۈلكەتلىك سەۋر - تاقەت بار ئىدى. گۇمانسىراش بىلەن تىنىپ كەتكەن ئۆكۈنۈش يوق، بىر - بىرىمىزنى يېقىنلاشتۇرىدىغان تاتلىق ھېس - ھاياجان بار ئىدى. بىراق ھازىر بۇلارنىڭ ئورنى ئالماشتى. ئالدىنقىلىرىنى زەيتۇن شېخى چىشلىگەن كۆك كەپتەر قاياقلارغىدۇر ئېلىپ كېتىپ، كېيىنكىلىرىنى قارغىش تەگكۈر سېغىزخان ياكى ھۆپۈپلەر بىزگە سوۋغا قىلغان ئوخشايدۇ، مېھرىبان ئايالىم بارا - بارا چىشى يولۋاسنىڭ خۇيىنى ئېلىپ قالدى. خۇشاللىقنى يوقىتىپ قويغان چىراي ئادەمنىڭ كۆزىگە خۇددى خۇشياقمىغاندا جىجىلىپ سىزىلىپ قالغان رەسىمدەك يېقىمسىز كۆرۈنىدىكەن. ئۇ ئاچچىقلانغان چاغلىرىدا، ماڭا بۇ ئۆمرۈمدە كۆرۈپ بېقىش نېسىپ بولمىغان، ئەمما چۆچەكلەردە ئوقۇغان ياۋۇز ئالۋاستىنى ئەسلىتىپ قويىدۇ. كۆڭۈل ئازادىلىكىگە تەلپۈنگەن چاغلىرىمدا، روھىمغا ئاراملىق تاپاي دەپ تولىراق ھويلىدىكى ئالما تۈۋىدە ئولتۇرۇپ مېۋە شاخلىرى ئارىسىدا ۋىچىرلاپ يۈرگەن قۇشقاچلارغا ھەۋەس بىلەن قاراپ، ئۇلارنىڭ ئويۇنىدىن ئېجىللىقنىڭ رېڭىنى ئالىمەن، ئۇلارنىڭ يېقىملىق سايراشلىرى، شوخلۇق بىلەن بىر - بىرىنى قوغلىشىپ يۈرگەن چاغدىكى ئېجىل تۇرقىدىن كۆركەملىك ئۇرۇقى بىلەن زىبالىقنىڭ دېنىغا ئېرىشكەندەك لەززەتلىنىمەن. ئايالىم ئاشۇ قۇشقاچ بولۇپ قالغان بولسا، ئۆگەتسەم قولۇم ياكى مۈرەمگە قونىدىغان بولاتتى، دەپ ئويلاپ كېتىمەن بەزىدە. بىراق قۇش بولۇشتىن بۇرۇن قۇشنىڭ تىلىنى بىلىش كېرەكتە. ئايالىم قۇشلار تىلىنى ئەمەس، مېنىڭ تىلىمنىمۇ تۈزۈك بىلمىسە ھازىر...
بەزىدە كۆز ئالدىمغا بۇرۇنقى زامانلاردىكى تۆت - بەشتىن خوتۇن ئېلىۋالغان ئاتا - بوۋىلار كېلىدۇ. ئاشۇ خوتۇنلىرىنىڭ تۈگىمەس جېدەللىرىنى قانداق بىر تەرەپ قىلغان بولغىيتتىكىن؟ يا ئۇ چاغلاردىكى ئاياللار بەكلا رايىش بولغىيتىمىكىن؟ دەپ ئويلاپ كېتىمەن. ناۋادا مېنىڭكىدەك يامانراق خوتۇندىن بىرگىلا ئۇچراپ قالسا چاچلىرى بالدۇر ئاقىرىپ، بەللىرى ۋاقىتسىز مۈكچىيىدۇ ھەر قاچان. مەن ئەسلىي توي قىلغاندىن كېيىن تۇرمۇشنىڭ ئاجايىپ كاتتا مەنزىرىلىرىنى كۆرىمەن، ئۇنىڭ بىلەن مۇھەببەت، ۋاپادارلىق ئىچىدە ياشايدىغان بىر جۈپلەرگە ئايلىنىمەن دەپ ئويلىغانىدىم. ئەپسۇس، بۇ ئارمانلىرىم كۆل يۈزىدىكى بىرە - بىرە چالغىشتىن پەيدا بولۇپ، يەنە بىردەمدىلا غايىب بولۇپ كېتىدىغان كۆپۈكتەك ئاستا - ئاستا يوقىلىپ بارماقتا. قەلبىم تۇتۇق ئاسماندەك غۇۋالىق ئىچىدە بىسەرەمجان بولماقتا...
دېسەم چىنپۈتمەيسىز. ئۆيگە قاچان، قايسى يول بىلەن قايتىمەن، ئايالىم ۋاقىت بەلگىلەپ خەرىتە سىزىپ بېرىدۇ، شۇ لىنىيە بويىچە ماڭىمەن. ئۆيگە كىرىپ چاپاننى قەيەرگە ئىلىمەن، ئايالىم قوزۇق قېقىپ بېرىدۇ، شۇ يەرگە ئىلىمەن. ئاياغنى قەيەرگە سېلىپ، تۇمشۇقىنى شەرققە قارىتىمەنمۇ، غەربكىمۇ؟ ئايالىم كۆرسىتىپ بەرگەن يۆنىلىشكە توغرىلاپ سالىمەن. ئاندىن ئۈستەلگە كېلىپ دائىملىق ئورۇن تەرتىپىمىز بويىچە تاماققا ئولتۇرىمىز ھەم قائىدە بويىچە ئاۋاز چىقارماي، بىر خىيالنى تەڭ بۆلۈشۈۋالغاندەك جىمجىتقىنە ئولتۇرۇپ تاماق يەيمىز. ئىككى ئوغلۇمنىڭ تاماق يېگەندىكى تارتىنچاق تۇرقىنى، ئاپىسىنىڭ سورىغان سوئاللىرىغا قورۇنغان ھالدا قىزىرىپ تۇرۇپ جاۋاب بېرىشلىرىنى كۆرۈپ، بىردە ئايالىمنىڭ ئۈششۈك تەگكەن غورىدەك ئاچچىق تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان قاپىقىغا، بىردە بالىلىرىمنىڭ قىزىرىپ يەرگە قارىغاندىكى ئوماق تۇرقىغا قاراپ خىيالغا چۆكۈپ ئولتۇرۇپ قالسام ئايالىم:
−− ھۇيت، توختاخۇن! قۇشناچىنى سېغىنىپ قالغان موللا ئاكامدەك ئېڭەك يۆلەپ ئولتۇرۇپ كەتتىڭىزغۇ، تېزرەك يەپ قاچىنى بىكار قىلماي. نېمە تاماق تېتىمايۋاتامدۇ - يا؟ −− دەپ كۆزۈمنىڭ ئىچىگە قاراشقا باشلايدۇ. ناۋادا يۈرەكنى تومراق قىلىپ:
−− بۈگۈن بۇ تاماق سەل ئوخشىماي قاپتىمۇ نېمە؟ −− دەپ قويسىڭىز ئىش پۈتتى:
−− ئەتكەنگە خۇش بولۇڭە، جاپا تارتىپ غالچىلىقنى قىلغانغا خۇش بولمايدىكىنا بۇ خەق، يارىمىغان بولسا خۇدايىم بەرگەن قولىڭىز بولغاندىكىن ئۆزىڭىز ئېتىپ يەڭ، نېمە جېنىمنى چىقىرىدۇ! −− دەيدۇ - دە، يەۋاتقان تامىقىڭىزنى يۇلۇپ ئېلىۋالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئىككى ئېغىز گەپنى زىيادە قىلغىنىڭىزغا تويۇپ، بىر كۈن كەچكىچە قورسىقىڭىزنىڭ دۇمباق چالغىنىنى ئاڭلاپ يۈرىسىز. بىزنىڭ ئائىلىنىڭ تۇرمۇشىنى رومانتىكمىكىن دېسەم ئۇنىڭدىن بەكلا يىراقتەك بىلىنىدۇ، ئۇرۇش - جېدەلنىڭ سەھنىسىمىكىن دېسەم، خۇشاللىقلارنىڭ سېماسىمۇ بار، ئايالىمنى باشقا ئاياللارغا ئوخشىمامدىغاندۇ دېسەم، ئۇنىڭدىمۇ ئاياللاردا بولىدىغان ئۆلچەملەرنىڭ ھەممىسىلا تېپىلىدىكەن، ئۆزىدە ئاياللىق قابىلىيەت يېتىلدۈرەلمىگەنمىدۇ - يا؟ دەپ سىنچىلاپ قاراپ باقسام، ئائىلىمىزنىڭ گۆھىرىدەك كۆرۈنىدۇ. بەلكىم ئۇ ئاياللىق سىناقلاردا چېنىپ قېلىۋاتقاندۇ ياكى مەن ئەرلىك روھىمنى ئۇنىڭ ئالدىدا ئىپادە قىلىشنى بىلمەي يۈرگەندىمەن... دېگەندەك تەگسىز خىياللارغا غەرق بولۇپ، غەش تۇيغۇلار ئەسىرىگە ئايلانغان ھالدا ياشايمەن.
قىسقىسى، قورسىقى تويسىلا گەپ قىلماي، تۈگىمەس جورۇشلارغا »ھە مانا كەلدىم« دەپ يۈگۈرۈپ كۆنۈپ كەتكەن، رايىغا بېقىپ ئۆگىنىپ كەتكەن ماڭا ئوخشاش ئادەم، ئايالىڭىزنىڭ مىجەزىگە كۆنۈپ كېتىدىكەنسىز. ئايالىڭىز رەيھان گۈلىدەك ئېچىلىپ قالغان چاغلاردا ئۇنىڭ بىلەن يولدا ماڭغاندىمۇ مۈرىلىرىڭىزنى لىكىلدىتىپ ماڭىدىكەنسىز، قاپىقىنى تۈرسە مۈرىڭىزنى لىكىلداتماي سوكۇلداپ ماڭىدىكەنسىز. مانا، ماڭا قارىمامسىز. بۇ ئۆيدىكى كۆڭۈلسىز دىشۋارچىلىقلار يېتىشمەيۋاتقاندەك، خىزمەتداشلارمۇ جېنىمىزغا تۆرەپ، ئارىمىزغا تۈرلۈك زىددىيەتلەرنى سېلىپ قويۇشىدۇ. ئايالىم ئاق - قارىنى ئايرىمايلا ئۆيدە قۇيۇن چىقىرىپ، ئالەمنى - مالەم قىلىپ، ئۇرۇش - جېدەلنىڭ دۇمبىقىنى يارىدۇ. شۇنىڭ بىلەن قىيامەت قايىم بولىدۇ. جېدەلنىڭ تىۋىشىنى ئاڭلاپ قالغان قوشنام تۇنىسا تورپاق نېمە بولغاندۇ بۇ چۈجە خورازلارغا؟ دەپ پۇتىنىڭ ئۇچىدا دەسسەپ ئۆيىدىن چىقىپ، قۇلىقىنى ئىشىكىمىزنىڭ ئاراشلىرىغا ئاستاغىنە ياقىدۇ...
بىر كۈنى ئايالىم دەرسكە كىرىپ كەتكەن بىر پەيتتە، مەكتىپىمىزدىكى ئىككى - ئۈچ ئايال خىزمەتدىشىمنىڭ بىز توغرۇلۇق قىلىشىۋاتقان گەپلىرىنى ئاڭلاپ قالدىم:
−− ھەي، ئاڭلىدىڭلارمۇ راست، ئىككى - ئۈچ كۈننىڭ ئالدىدا مېھرىبان بىلەن توختى يۇمشاق قاتتىق ئۇرۇشۇپ كېتىپتۇدەك، مېھرىباننى توختىغا ئېسىلىپ كىيىملىرىنى يىرتىپ بىر قىلىۋېتىپتۇ دەيدۇ.
−− بۇ گەپلەرنى نەدىن ئاڭلاپ يۈرىسەن ھەي قۇلاق موللىسى؟
−− ھۇيت خوتۇن! »يامان سۆز يەتتە تىنىقتا يەتتە ئىقلىمغا يېتىدۇ« دېگەننى ئاڭلىمىغانما؟ قوشنىسى تۇنىسا تورپاق ئۇلارنى ئاجرىتىپ قويۇپتىدەك. ئۇ مەھەللىدىكى ئىشلارنى شۇ خوتۇن جاھانغا يايىدۇ، مەن تاپقان گەپ ئەمەس جۇمۇ بۇ.
−− نېمە تالىشىپ ئۇرۇشۇپتۇ ئۇنچىۋالا ئەمدى؟
−− شامالنىڭ شەپىسىگىمۇ چۆچۈپ قارايدىغان مېھرىبان ئېرىنى بىزنىڭ ماۋۇ ئايشەم نايناقتىن كۈنلەپ قالغان چېغى.
−− مېھرىبانمۇزە، ئاشۇ يۇمشاق ئېرىنى كۈنلەپ، ئۇرۇشۇپ قىلمىغىنى قالمايدىكەن، توختىنىڭ كۈنلىگۈدەك ئىشلىرىمۇ بارمىدۇ زادى؟ قاچانلا قارىسا چالا پىشىپ قالغان بۇلماقتەك سوزۇلۇپلا يۈرگەن. ئۇنىڭ ئاشۇ يۇمشاقلىقىدا باشقا خوتۇن - قىزلارغا قارىغۇدەك ھالى يوق جۇمۇ...
ئۇلار غەيۋەت قىلىشىۋاتقان ئىشخانىغا بوراندەك ئۈسسۈپلا كىردىم:
−− ئەسكى چاپاننىڭ ئىچىدە توختاخۇن بار جۇمۇ تېخى، يەنە ئاشۇنداق ئاغزىڭلارغا كەلگەنچە جۆيلۈيدىغان بولساڭلار ھە... ھەرقايسىڭنى بىر - بىرىڭگە قوشماي قاتار تىزىۋېتىپ قالماي يەنە...
−− كىمنى قاتار تىزىۋېتىسىز توختاخۇن، بېقىش تېپىپ كۈچىڭىزگە توختاۋاتامسىز نېمە؟ −− گېپىم چورتتىدە ئۇزۇلدى. چۆچۈپ كەينىمگە ئۆرۈلدۈم. ئايالىم ئەپتىدىن قار - يامغۇر ياغدۇرۇپ، ماڭا ھومىيىپ قاراپ تۇراتتى. شۇنداق قىلىپ بۇ شۇم ئېغىز خوتۇنلار قاغىدەك قاقىلدىشىپ، يوق يەردىن جېدەلنىڭ پىلتىسىگە ئوت يېقىپ قويدى. ئۆيگە كېلىپ ئايالىمغا ئەھۋالنى ئەينەن بايان قىلىپ بەردىم، لېكىن ئۇ:
−− بولدى قىلىڭ! پادىچى ئۆزى باققان قويلىرىنىڭ خۇيىنى ئوبدان بىلىدۇ. ئۆزىڭىز قايسى خوتۇن ماڭا قاراپ چىشىنىڭ ئېقىنى چىقىرىپ بېرىدىكىن دەپ تىمىسقىلاپ كىرگەنسىز ھەرقاچان، سىز شۇلارنىڭ يېنىغا كىرمىسىڭىز، ئۇلارنىڭ سىز بىلەن نېمە ئىشى؟ خوتۇن خەقنىڭ ھىجايغىنىنى كۆرسە، يۈرىكى جىم تۇرمايدىغان سىزدەك ئەركىشىلەرنى ئوبدان چۈشىنىمەن، −− دەپ ئۆزىنىڭ گېپىنى راست قىلىپ مەن بىلەن نەچچە سائەت ئۇرۇشتى. ئاغزىغا كەلگەنچە تىللاپ، ياقىلىرىمغا ئېسىلىپ بار ئەسكىلىكلىرىنىڭ ھەممىسىنى قىلىپ بىر چاغدا ھاردى بولغاي، قېيىداپ ئاشخانىغا كىرىپ كەتتى. ھەر نېمە بولسا قۇلاق تىنچىدى، شۈكۈر دەپ تاماكامنى شوراپ ئولتۇرۇۋېرىپتىمەن. ئارىدىن 20نەچچە مىنۇتچە ۋاقىت ئۆتتى، ئۆينىڭ ئىچى تۇيۇقسىزلا جىمجىت بولۇپ كەتتى. ئەجەب جىمىپ كەتتىغۇ بۇ ۋات - ۋات دەپ ئەنسىرەپ، چاي ئىچىش باھانىسىدە ئاشخانىغا كىرسەم ئۇ چالا ئۇيۇپ قالغان لەڭپۇڭدەك مىلىققىدە بولۇپ، پولدىكى گىلەم ئۈستىدە سوزۇلۇپ ياتىدۇ. ۋاي نېمە بولغاندۇ دەپ قارىسام، ئۆتكەندە ئاغىنىلەر بىلەن ئىچىشىپ ئېشىپ قالغان 300گىرام »ماۋتەي« ھارىقىنىڭ قۇرۇق بوتۇلكىسى ئۈستەلدە تۇرىدۇ. ئاپلا، دېدىم - دە ئۇنى يۆلىدىم. ئۇ ئىككى بوتۇلكا ئىچىۋەتكەن ئادەمدەك قاتتىق كەيپ بولۇپ كېتىپتۇ. 75كىلوگىراملىق تەننى نەدە ئورنىدىن قوزغىيالايمەن، ئۆزىنى تاشلىۋەتكەن ئادەمنى قىمىرلاتماقمۇ تەسكەن. ئەركەكلەر ئىككى سائەتتە ئاران ئىچىپ كەيپىنى سۈرىدىغان 300گىرام ماۋتەينى مۇنۇ خوتۇنۇم بىر كۆتۈرۈپلا بىر تەرەپ قىلىۋېتىپتۇ. بۇلار ئىش بوپتۇ، دەپ ئويلاپ كۆرپىسىنى ياتقان يېرىگە سېلىپلا دومىلىتىپ كۆرپىگە چىقىرىپ، بېشىغا ياستۇق قويۇپ بەردىم. ئارىدىن بىرەر سائەت ئۆتتىمىكىن، كۆزۈم ئەمدىلا ئۇيقۇغا بېرىپتىكەن، ھۆ دېسە ھۆ قىلىپ، قۇسە - قۇس بولۇپ كەتتى. يۈگۈرۈپ چىقىپ داسنى ئەكىرىپ ئالدىغا قويدۇم. شۇنداق قاتتىق قۇستىكى ئاشقازىنى ئاغزىدىن ئېتىلىپ چىقارمۇ دەپ قورقۇپ بېشىدا قاراپ تۇردۇم. ئۇنىڭ تۇرقىغا قاراپ ئىچىم ئاغرىدى. بىردەم دولىسىغا يېنىككىنە مۇشتلايمەن، بىردەم غولىنى پەسكە قارىتىپ سىيرىيمەن. ئۇ ھازىرلا ھارام بولۇپ قالىدىغاندەك غەيرىي قىلىقلارنى قىلىدۇ ئادەمنى ئەنسىرىتىپ. ئاخىر بولماي مەن خاتا قىپتىمەن مېھرىبان، ئەمدى قاتتىق دىققەت قىلاي، بۇ ساڭا بەرگەن ۋەدەم بولسۇن، دەپ تاغاردا بىر ۋەدە بېرىپ يۈرۈپ تەستە ئۇخلاتتىم. ئىككى كۈن ئاشۇنداق مەست - ئەلەس دېگۈدەك يۈرۈپ، ئۈچىنچى كۈنى ئاندىن رەڭگىرويى تۈزەلدى. شۇ ئىشتىن كېيىن ھاراق ئىچىپ قايتىپ كەلسەم، مېنى ئىلگىرىكىدەك زابوي دەپ تىللىمايدىغان، ئەكسىنچە ناۋات چاي دەملەپ ئالدىمغا ئەكېلىپ بېرىدىغان بولۇپ قالدى. ئۇ ئەركىشىنىڭ ھاراق ئىچكەندىن كېيىنكى دەردىنى چۈشىنىپ قالغاندەك قىلاتتى. لېكىن شۇنىڭدىن كېيىن ئايالىم قاتتىقراق ئۇرۇشۇپ قالساقلا »ماۋتەي« ئىزدەيدىغان ناچار ئادەتنى تېپىۋالدى. مەنمۇ چاققان كېلىپ ھاراقلىرىمنى ئۇ بىلمەيدىغان جايلارغا تىقىشتۇرۇپ ساقلايدىغان بولدۇم.
يارىلىشىدا زۇۋۇلىسى بىلەن خۇرۇچلىرى ئوخشاش بولمىغان ئاياللارنىڭ تۇرمۇشقا تۇتقان مۇئامىلىسى بىلەن ھاياتتىن ئالىدىغان ھۇزۇرىمۇ ئوخشاش بولمايدىكەن. ئائىلىدە گۇمانسىراش بىلەن كۈنداشلىقنىڭ ئۇرۇقى بىخلاپ قالسا ئايال كىشىنىڭ ئەقىل كۆزى ئېتىلىپ لەۋلىرى، كۆزلىرى، رۇخسارىدىكى كۈلكىسى نەلەگىدۇر غايىب بولۇپ، توپ سېتىش بازىرىدىكى تۆكمە مالدەك ئەرزان ئاچچىقى ئەرلەرنىڭ ئەرلىك جاسارىتىنى، قارام ھاكاۋۇرلۇقىنى ئاستا - ئاستا سۇندۇرۇپ تاشلايدىكەن...
بىر ئارام كۈنى مۇنداق بىر ئىش يۈز بەردى. ئەتىگەنلىك ناشتىنى قىلىپ بولۇپ كىتاب ئوقۇپ ئولتۇرسام، كىر يۇيۇشقا تۇتۇنغان ئايالىم ئەتىگەندە ئالماشتۇرغان كۆڭلىكىمنى ئالدىمغا كۆتۈرۈپ كېلىپ بۇرنىغا تەگكۈزۈپ تۇرۇپ:
−− توختى! بۇ كۆڭلىكىڭىزدىن ئەتىر بىلەن ئايال كىشىنىڭ گىرىمىنىڭ پۇرىقى كېلىۋاتىدۇغۇ، قايسى قونچاقلارغا سۈركىلىپ يۈرىسىز يەنە؟ −− دەپ ماڭا چەكچەيدى. ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ يۈرىكىم جىغغىدە قىلىپ قالدى:
−− نېمە دەيدىغاندۇ ماۋۇ، ئەكېلە! −− ئۇنىڭ قولىدىن كۆڭلەكنى ئېلىپ پۇرىدىم. بۇرنۇمغا راستلا گۈپپىدە ئەتىر پۇرىقى ئۇرۇلدى، −− قىزىق ئىشقۇ بۇ. مۇشۇ 40كۈندىن بۇيان مەن ئايال كىشى ئەمەس، ھەتتا بىرەر چىشى چىۋىننىمۇ ئۆزۈمگە قوندۇرمىغان تۇرسام، نەدىن سىڭگەن ئەتىر پۇرىقى بۇ ئەمدى؟ −− دەپ ئولتۇرغان يېرىمگە سىڭىپلا قالدىم.
−− ھەي، تىلىڭنى چاينىماي گەپ قىلە، نەقلا يېرىڭدىن تۇتتۇممۇ ئەمدى؟ −− ئۇنىڭ مېنى سەن دېگىنى بىر مەيدان ئۇرۇشنىڭ سىگنالى ئىدى. ئۇنىڭ كۆزۈمگە مىختەك قادىلىپ تۇرۇپ سەنلىشىدىن يۈرىكىم ئاغرىدى. گۇناھكار ئىكەنلىكىم بەرھەق. ئولتۇرۇپ ئويلىنىشقا باشلىدىم. ئويلىسام بۇ پۇراق ماڭا ئىلگىرىمۇ دائىم پۇرايدىغان تونۇش پۇراقتەكلا تۇيۇلدى، كۆڭلىكىمنى قايتا بۇرنۇمغا ئاپاردىم، ئەمدى كۆڭلىكىمدىن ئايالىم ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان ئەتىر - گىرىملەرنىڭ پۇرىقى كېلىۋاتقاندەك قىلاتتى. كۆز ئالدىم يورۇشقا باشلىدى، مېنى تۈگىمەس ئاھانەتكە قويغىلى قىل قالغان بۇ نازۇك ئەنزىنى ئېنىقلاشقا تىرىشتىم. ئاخشام ئۇخلاشتىن بۇرۇن كۆڭلىكىمنى سېلىپ باش تەرىپىگە قويدۇم - دە، ئۇيقۇم كەلمەي يېتىپ تېلېۋىزور كۆردۈم. ئارىلىقتا خۇمارىم تۇتۇپ بىر تال تاماكىنى ئەمدىلا تۇتاشتۇرۇشۇمغا، ئايالىمنىڭ ئۇيقۇچىلىقتا كايىغان ئاۋازى ئاڭلاندى. شۇنىڭ بىلەن مېھمانخانا ئۆيگە چىقىپ تاماكامنى چېكىپ، قايتىپ كىرىپ ئۇخلاپ كېتىپتىمەن. ئەتىگەندە ئۇنىڭدىن بالدۇرراق ئورنۇمدىن تۇرۇپ كىيەي دەپ كۆڭلىكىمنى ئىزدىسەم قويغان يېرىمدە يوق، ئۇياق - بۇياقنى ئىزدەۋېتىپ قارىسام، ئايالىمنىڭ ئاخشام ئاسقۇغا ئاسمايلا سېلىپ تاشلاپ قويغان كىيىم - كېچەكلىرىنىڭ ئاستىدا بېسىلىپ تۇرۇپتۇ. كۆڭلىكىمنى ئېلىپ ئەمدى كىيەي دەپ تۇرۇشۇمغا ئايالىمنىڭ كۆزىنى ئاچمايلا:
−− باشقا كۆڭلىكىڭىزنى كىيىڭە، بۈگۈن كىر يۇياي، −− دېگىنى ئاڭلاندى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ كۆڭلەكنى قويۇپلا پاكىز كۆڭلەكتىن بىرنى ئاسقۇدىن ئېلىپ كىيىۋالدىم. دېمەك، بۇ گۇناھكار كۆڭلىكىم كېچىچە ئۇنىڭ كىيىملىرى ئاستىدا بېسىلىپ يېتىپ، ئايالىمنىڭ كىيىملىرىدىكى ئاياللىق پۇراقلارنى تويۇنۇپ سۈمۈرۈۋالغانىدى. ئايالىم چۈشەندۈرۈشلىرىمنى ئاڭلاپ پەسكويغا چۈشتى. ئورۇنسىز بۇ جېدەلگە تازا ئاچچىقىم كېلىپ تۇمشۇقىغا شاپىلاق بىلەن چاڭ - چۇڭلا قىلىپ بىر نەچچىنى سېلىپ، زۇۋانىنى ئېچىلماس قىلىپ قويۇشنىمۇ ئويلىدىم. ئەمما ئايال كىشىنىڭ ئاغزىدا پويىزنىڭ كۈچى بولغان بىلەن جىسمانىي جەھەتتە بەرىبىر مېنىڭ خىلىم ئەمەس، يەنە كېلىپ نەچچە ئېغىز گەپنى زىيادە قىلىپ قويغىنى ئۈچۈن ئاغزى - بۇرنىنى رەڭلىۋەتسەم، بۇ ئاداۋەت مەڭگۈ ئېسىدە قالىدۇ. ناۋادا قېيىنئاتام بىلەن مۇشتۇمى زور ئىنىسى ئۇنى ئۇچۇقدىغىنىمنى ئاڭلاپ قالسا ماڭىمۇ ياخشى كۈن يوق. شۇڭا ئەرلىك سالاپىتىمنى ھەرگىزمۇ مۇشت - پەشۋا بىلەن نامايان قىلماسلىقىم كېرەك، دېگەنلەرنى ئويلاپ:
−− »ئېشىڭ ھالال بولسا، كوچىدا ئىچ« دەپتىكەن كونىلار. سادىقلىقىمنى ئۆزۈمگە ھەر يەردە ھەمراھ قىلىپ، تولىمۇ پاكىز ياشايدىغان ئادەممەن. شۇنداق تۇرۇپ بۈگۈنكىدەك ئۇۋالچىلىققا قالسام يۈرىكىم ئامبۇر بىلەن قىسقاندەك ئاغرىيدىكەن. شۇڭا بۇنداق كۈلكىلىك گۇمانلارنى قايتا قىلىپ يۈرمە ئەمدى، −− دېدىم ئاچچىققا مايىلراق كۈلكەم بىلەن ئۇنىڭ كۆزىگە تىكىلىپ تۇرۇپ.
−− پاكىز ياشىغىنىڭىز ياخشى، ئىشقىلىپ قولۇمغا چۈشۈپ قالماڭ، ناۋادا چۈشۈپ قالغۇدەك بولسىڭىز، بۇ ئۆيدىن سىزنىڭمۇ، مېنىڭمۇ تىرىكىمىز چىقمايدۇ بىلەمسىز؟
−− كۆڭلۈڭدە گۇمان قالمىسۇن قارا، مەندەك يۇمشاققا قىز - چوكانلارمۇ قارىمايدۇ. شۇڭا سېنىڭ قولۇڭغا قالغان بىچارىغۇ مەن! ياخشىسى، مەندىن ئەنسىرىمەي ئۆزۈڭنىڭ شەپشەكلىكىڭدىن ئەنسىرىگىن، −− دېدىم ئۇنى قەستەن تېرىكتۈرمەكچى بولۇپ.
−− ۋاييەي، گەپلىرىڭىزدىن ئۆرگىلەي توختى! ھازىرچۇ قاراڭ، بىزدەك شەپشەكلەر ئات كۆتۈرىدۇ، ئەكسىچە سىزدەك يۇمشاقلار... −− ئۇ ماڭا لەپپىدە بىر قارىۋېتىپ، −− جىمىغۇرنىڭ چىشى قولتۇقىدا دەپ كىم بىلىدۇ سىزنى، −− دېدى.
−− مېنىڭ چىشلىرىم قولتۇقۇمدا ئەمەس، سەن چۈشۈرۈۋەتكەن ئاشۇ بىر تېلىدىن باشقىسىنىڭ ھەممىسى ئاغزىمدا، مانا قارا، −− مەن ئاغزىمنى يوغان ئېچىپ ئۇنىڭغا كۆرسەتتىم، ئۇ تېرىكتى.
−− سىزنىڭ مۇشۇ ئاسمان دېسەم ئادراسمان دەپ قاراپ ئولتۇرىدىغان گومۇشلۇقىڭىزنىزە، نېمە دەۋېتەي ئەمدى!
−− گومۇش بولمىسام ئاشۇ پىلىموتتەك تاراسلاپ توختىمايدىغان ئاغزىڭغا سالىتىم كېلىشتۈرۈپ.
−− ھە، ئولتۇرۇپ بېرەتتىم، توختى يۇمشاقنىڭ شاپىلىقى قاچان تېگەركىن ئاغزىمغا دەپ.
−− يائاللا، بولدى قىلاي دېمەيسەن ھە، تۇخۇمىنى بازارغا سالمىسا كۆڭلى ئارام تاپمايدىغان توخۇنىڭ ئۆزىلىغۇ سەن، −− گېپىم تۈگىمەيلا ئۆينىڭ تېلېفونى جىرىڭلاپ قالدى. شۈكۈر، ئۇنىڭ ئاۋازى تېلېفون تۇرۇپكىسىغا يۆتكەلدى. مەن پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىپ ھويلىنى بىردەم ئايلىنىپ كىرەي، دەپ قويۇپ سىرتقا ماڭدىم، ئاچچىقىممۇ يېنىپ قالغانىدى.
−− ھەي توختى، توختاڭە... −− ئۇنىڭ ۋارقىرىغان ئاۋازى ئاڭلاندى. مەن ئاڭلىمىغان بولۇپ ئىشىكنى پەم بىلەن يېپىپ قويۇپ، ئۆزۈمنى سىرتقا ئاتتىم. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئۇنىڭ ئۆتكۈر پۇراش ھەم كۆزىتىش سېزىمى مېنى قىز - ئاياللاردىن بەش - ئون مېتىر يىراق ماڭىدىغان قىلىۋەتتى.
ئىككىنچى ئوغلۇم تۇغۇلغان يىلى مۇنداق بىر ئىش يۈز بەردى. بىر ئىشخانىدا ئىشلەيدىغان ئايال خىزمەتدىشىم ئايشەم ئۆزىنىڭ يانفونىغا كەلگەن خەنزۇچە ئۇچۇرنى ماڭا كۆرسىتىپ:
−− بۇنى كۆرۈپ بېقىڭە توختى، بىر دوستۇم ئەۋەتىپتىكەن، چۈشىنەلمىدىم، −− دەپ يانفونىنى ماڭا بەردى. مەن خەنزۇچە سۆزنى ئوبدان چۈشەنگىنىم بىلەن خېتىنى تازا ياخشى تونۇمايتتىم، شۇڭا يانفوندىكى بەش قۇر خەتنىڭ ئىچىدىن ئاران 10- 20دەك خەتنى ئوق−ۇيالىدىم. ئاخىر بولماي ئۇنىڭ يانفونىنى كۆتۈرۈپ خەنزۇچىنى سۇدەك بىلىدىغان ئايالىمنىڭ ئىشخانىسىغا كىرسەم، ئۇ كىچىك ئوغلۇمنى ئېمىتكىلى ئاپىسىنىڭ ئۆيىگە كېتىپ قاپتۇ. ئايالىمنىڭ يوقلۇقىنى ئۇققان ئايشەم:
−− ئۇنداقتا كەچتە مېھرىباندىن سوراپ مەزمۇنىنى ئۇقۇپ، ئەتە كېلىپ ماڭا دەپ بېرىڭ، −− دەپ ئۇچۇرنى مېنىڭ يانفونۇمغا يوللاپ قويدى. كەچتە ئۇ ئۇچۇرنىڭ مەزمۇنىنى سوراش چورتلا ئېسىمدىن كۆتۈرۈلۈپ كېتىپتۇ. ئادەتتە يېنىمدىن ئايرىمايدىغان يانفونۇمنى ئۇ كۈنى تاماق ئۈستىلىگە تاشلاپ قويۇپ، مېھمانخانىدا ياستۇققا يۆلىنىپ يېتىپ تېلېۋىزور كۆرۈپ كېتىپتىمەن. بىر چاغدا ئايالىم يېنىمغا بوراندەك باستۇرۇپ كىرىپ يانفونۇمنى بېشىمغا پىرقىرىتىپ ئاتتى. ھېلىمۇ ياخشى بېشىمنى ئىتتىكلا ئېلىپ قېچىۋالدىم، يانفون سافانىڭ يۆلەنچۈكىگە تېگىپ، قاڭقىپ ئېتىكىمگە چۈشتى، مەن ئەنسىز چۆچۈپ كەتتىم.
−− ۋاي يەنە نېمە بولدۇڭ، ئادەمنى يۈرەك كېسىلى قىلىۋېتەمدۇ نېمە بۇ خوتۇن ! بۈگۈن مەن بىلەن ئۇرۇشمىغىنىڭ يادىڭغا يېتىپ يۈگۈرۈپ كىرگەن ئوخشىمامسەن؟ −− ئۇ غال - غال تىترەۋاتاتتى.
−− ئېرىنىڭ قوينىدا يېتىپ، ساڭا تىنماي ئۇچۇر يوللايدىغان قايسى بۇزۇق خوتۇن ئۇ؟ ياۋاشلىق بىلەن ئېيت! −− ئۇ شالىنى چاچراتقىنىچە ئالدىمىغا دىۋەيلەپ كەلدى. خىزمەتدىشىم ئايشەمنىڭ ماڭا يوللاپ بەرگەن ئۇچۇرى يادىمغا كېلىپ، بولغان ئەھۋالنى يولى بويىچە ئۇنىڭغا قالدۇرماي دېدىم. بىراق ئۇ ئىشەنمىدى:
−− ئۇ مېنىڭمۇ خىزمەتدىشىمغۇ، نېمىشقا بىۋاسىتە مەندىن سورىماي ساڭا ئۇچۇر يوللايدۇ؟ مەن تۇغۇپ ياتقاندىن بۇيان يانفونۇڭ جۇدۇندا قالغان يېتىم قوزىدەك پات - پات تىترەيدىغان بولۇپ قالغانتى ئەسلىي. سۆيۈملۈك ئايشەملىرىڭ سەندىن دان تەلەپ قىلىپ، سايراپ ئۇچۇر بېرىدىكەندە.
ئۇنىڭ ئاغزى بېسىقىدىغاندەك ئەمەس، ئەكسىچە تېخىمۇ ئەدەپ ئەزۋەيلىگىلى تۇردى. ئېغىر ھەم ئاچچىق بىر تۇيغۇ ۋۇجۇدۇمغا ئىز سالدى.
−− نېمانداق گەپ چۈشەنمەيسەن؟ ئۇ مەكتەپتە كۈندە بار ئايالغۇ، ئىشەنمىسەڭ ئەتە بېرىپ سورىساڭ بولىدۇ ياكى بولمىسا ھازىر تېلېفون قىلىپ سوراپ باق، ھەممە ئىش ئايدىڭلىشىدۇ، −− دېدىم مەن راست بولغان ئەمەلىي ئىشقا ئۇنچىلىك قىلىپ كېتىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوقلۇقىنى ئېيتىپ.
−− ھەي گومۇش! ھەممە ئادەمنى ئۆزۈڭگە ئوخشاش ساددا چاغلامسەن؟ ئەگەر ئايشەمنىڭ ساڭا كۆڭلى چۈشۈپ قېلىپ، بۇ ئۇچۇرنى يوللىغان بولسىچۇ؟ ئۇ دېگەن تۇل خوتۇن بىلىۋال! −− ئۇنىڭ بۇ گېپىدىن چۆچۈپ كەتتىم. راست ئۇ تۇل خوتۇن. ئايالىم تۇغۇپ ياتقاندىن بېرى ئايشەم مېنى كۆرسىلا ئىللىق كۈلۈمسىرەپ بۈگۈنى ئۇنداق، ئەتىسى بۇنداق ئىشلارنى قىلىشىپ بېرىڭ دېگەندەك باھانە - سەۋەبلەر بىلەن ماڭا يېقىنچىلىق قىلىدىغان بولۇپ قالغان. ئۇچۇرنى ئ−ۆزى يېزىپ چۈشەنمىگەن باھانىدە ماڭا كۆڭۈل ئىزھار قىلدىمۇ - يا؟ ئەمدى مەن ئۆز - ئۆزۈمدىن گۇمانلىنىپ قېلىۋاتاتتىم.
−− قېنى ئوقۇغىنا، نېمە دەپتىكىن ئۇ ئۇچۇردا؟ −− دېدىم - دە، يانفوننى ئايالىمغا تۇتقۇزدۇم. ئۇ ماڭا ھومىيىپ قاراپ قويۇپ ئۇچۇرنى خەنزۇچە ئوقۇشقا باشلىدى. مەن تەرجىمە قىلدىم. »كۆپىنچە ئاياللار ئادەتتە پەرھاتتەك كۈچلۈك، غېرىبتەك پىداكار، تاھىردەك ئۆزىنى قۇربان قىلىش روھىغا ئىگە ئەركەكلەرنى ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ. ئەمما مەن قويدەك ياۋاش، تۆگىدەك مۇلايىم، كالىدەك رايىش ئەرلەرنى ياقتۇرىمەن، چۈنكى ئۇلار ئىگىسىگە مەڭگۈ ۋاپادار كېلىدۇ.«
−− ئوبدان ئاڭلىغانسەن! ساڭا قارىتىپ يازغىنى ئېنىقلا تۇرمامدۇ مانا! −− ئايالىم يەنە ۋارقىرىدى.
−− بىراق، مەن... −− كېكەچلەپ قالدىم. تىلىمدىن مۇۋاپىق جاۋاب چىقمىدى. ئۇنىڭ گۇمانىغا لايىق جاۋاب تاپماق ھەقىقەتەن تەس ئىدى. يەنە كېلىپ ئايشەم مەن بىلەن بىر ئىشخانىدا ئولتۇرىدىغان بولغاچقا، ئايالىم پات - پات ئىشخانامغا كىرىپ مېنى نازارەت قىلىپ تۇراتتى، ئايشەمگىمۇ ئانچە - مۇنچە زەھىرىنى چېچىپ تۇراتتى. ئەمما مەن ئايالىمنى خاپا قىلىپ قويۇشتىن قورقۇپ مەكتەپتىكى ئاياللارغا زىيادە گەپ قىلمايتتىم. شۇڭا ئۇلار مېنى ئىشقى يوق، دەپ نەزىرىگە ئېلىپ كەتمەيتتى. بىراق ئايشەم ماڭا باشقا ئاياللاردەك قارىمايتتى، كۆڭلىدە ئويلىغانلىرىنى دەپ بېرەتتى. شۇ يوسۇندا بىز ئولتۇرۇپ كۆپرەك مۇڭدىشىپ قالاتتۇق. شۇنداق قىلىپ خىزمەتدىشىم ئايشەمنىڭ كۆڭلىنى قىلىمەن دەپ يېمىگەن مانتىنىڭ پۇلىنى تۆلەپ، ئۆزۈمگە تۈگىمەس بالا تېپىۋالدىم. چۈشەندۈرۈشلىرىم، يالۋۇرۇشلۇرۇم كارغا كەلمىدى. مەن چۈشەندۈرگەنچە ئۇ ئەزۋەيلەيتتى، تىللايتتى، يىغلايتتى، تىترەيتتى. ماڭا نېمە كۈن بۇ ئەمدى! دەپ ئۆزىنى كاچاتلايتتى... ئاخىر چىدىماي ئۇ دىققەت قىلمىغان پۇرسەتتە يانفونۇمنى ئاستا يانچۇقۇمغا سېلىپ، ساپما كەش بىلەنلا چاپىنىمنىمۇ كىيمەي تالاغا غىپپىدە قاچتىم.
ئالاھازەل يېرىم سائەتلەردىن كېيىن يانفونۇم سايراپ كەتتى. خۇشياقمىغان ھالدا نومۇرغىمۇ قارىمايلا تېلېفوننى ئالدىم. تېلېفوندا چوڭ ئوغلۇمنىڭ يىغلىغان ئاۋازى ئاڭلاندى:
−− دادا، تېز ئۆيگە قايتىپ كىرە، ئاپام ئۆلۈپ قالدى.
−− ئاپام ئۆلۈپ قالدى؟ −− مېڭەمدىن تۈتۈن چىقىپ كەتتى. ئۆيگە ئۇچقاندەك يۈگۈردۈم. ساپما كەشىم بىر يەردە پۇتۇمدىن چۈشۈپ قالدى. يالاڭ ئاياغ يۈگۈرۈپ پەلەمپەيلەردىن ئۆمىلەپ دېگۈدەك چىقىپ ھاسىرىغىنىمچە ئۆيگە كىردىم. دېگەندەك ئۇ ئاغزىدىن كۆپۈك قاينىتىپ ئۆلۈكتەك سوزۇلۇپ تۈپتۈز يېتىپتۇ، ئوغلۇم بېشىدا يىغلاپ ئولتۇرۇپتۇ. قۇلىقىمنى مەيدىسىگە قويۇپ يۈرىكىنى تىڭشىدىم، يۈرىكى ئاجىزراق بولسىمۇ سوقۇۋاتاتتى. ئوقتەك ئېتىلىپ بېرىپ »120« گە تېلېفون قىلدىم. توپتوغرا توققۇز مىنۇتتا قۇتقۇزۇش ماشىنىسى يېتىپ كېلىپ، دوختۇرلار ئالدىراش زەمبىلىنى كۆتۈرۈشۈپ ئۆيگە كىرىپ كېلىشتى. ھايات ئاتا قىلغۇچى بۇ پەرىشتىلەر يېتىپ كەلگىچە، مەن ئايالىمنىڭ مەيدىسىنى بېسىپ، بۇرنىنىڭ ئاستىنى ئۇۋۇلاپ، پۇت - قوللىرىنى سىيرىپ، ئۆزۈم بىلىدىغان يەرلىك ئۇسۇللاردا ئۇنىڭ ھاياتىنى ئۇزارتىپ تۇردۇم. دوختۇر جىددىي بىر قۇر تەكشۈرگەندىن كېيىن:
−− دورىدىن زەھەرلىنىپتۇ، −− دېدى ۋە ئۈستەلدىكى مەن دىققەت قىلمىغان دورا قۇتىسىنى ئىتتىك قولىغا ئېلىپ سىنچىلاپ قارىدى:
−− ئۇيقۇ دورىسىكەن، كۆپ ئىچىۋالغاندەك قىلىدۇ، تېز ماڭايلى! −− مەن يوتقان - كۆرپە ياپقان يۇڭ ئەدىيالنى يۇلۇپ ئېلىپلا ئۇنىڭ ئۈستىگە ياپتىم. دېمەك، ئۇ مەن چىقىپ كەتكەندىن كېيىن ئۇيقۇ دورىسى ئىچىۋالغانىدى. دوختۇر ماشىنىسىنىڭ سۈرلۈك ھەم ئەلەملىك گۈدۈكى ئىچىدە بىر نەچچە مىنۇتقا قالمايلا دوختۇرخانىغا يېتىپ باردۇق، ئۇنى جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىگە ئەكىرىپ كېتىشتى. خېلى بىر چاققىچە ئېسىمنى يىغالمىدىم. ئادەمنىڭ زېھنىنى ئۇپرىتىدىغان بۇ ئىشلارنى ئويلاپ بېشىمنى ساڭگىلىتىپ ئولتۇرۇپ كېتىپتىمەن. بىر چاغدا قايغۇلۇق يىغا ئاۋازىدىن چۆچۈپ بېشىمنى ئىتتىك كۆتۈردۈم. قېيىنئانام قېيىنئاتامنىڭ قولتۇقىدا بىرىگە ھازا ئاچقاندەك قان - يامغۇر يىغلاپ، يېرىم پۈكلىنىپ دېگۈدەك مېڭىپ مەن تەرەپكە قاراپ كېلىۋاتاتتى. دېمەك، ئۇلارغا ئوغلۇم خەۋەر بەرگەن بولسا كېرەك. قېيىنئاتام ئالدىمغا كېلىپ قاپىقى تۈرۈك ھالدا نېمىش بولغانلىقىنى سورىدى. مەن:
−− دورىنى كۆپرەك ئىچىۋالغان ئوخشايدۇ، −− دېيەلىدىم تىترەڭگۈ ئاۋازدا. قېيىنئاتام ھازىر پېنسىيەدە بولغاچقا، بۇرۇنقىدەك سۈرلۈك كۆرۈنۈپ كەتمىدى. ئەگەر بۇرۇنقى ئەلپازى بولسا شۇ تاپتا مەنمۇ قىزى بىلەن تەڭ »جىددىي قۇتقۇزۇش« بۆلۈمىگە كىرىپ كېتەرمىدىممىكىن.
ئايالىم بەش كۈنلۈك داۋالاشتىن كېيىن دوختۇرخانىدىن چىقىپ يامانلاپ ئانىسىنىڭ ئۆيىگە بېرىۋالدى. كىچىك ئوغلۇم تۇغۇلغاندىن تارتىپلا شۇ ئۆيدە بولۇپ، قېيىنئانام بېقىپ بېرىۋاتاتتى. چوڭ ئوغلۇممۇ ئاپىسىغا ئەگىشىپ كېتىپ قالدى، ئۆيدە تىكەندەك يالغۇز قالدىم. قۇلاققۇ تىنچىدى، بىراق ئىشنىڭ ئاخىرى قانداق بولار؟ ئۇ مەندىن ئاجرىشىپ كېتەرمۇ؟ دېگەن غەم مېنى بەكلا قىينىدى. كاللام گاراڭ، ھېسسىياتلىرىم مۇرەككەپ ھالدا بىر نەچچە كۈننى ئۆتكۈزدۈم. ئاشۇ كۈنلەردە ئۆز - ئۆزۈمگە پىچىرلاپ، ئەگەر ئۇ ئۆيگە قايتىپ كەلسە ئەمدى ئۇنىڭ بىلەن ئىللا - بىللا ئۇرۇشمايمەن دەپ ۋەدە بەردىم. پەندىيات، يەنە تەڭ تۇرىمەن دەپ ئۆزۈمگە بالا تېپىۋېلىشتىن خۇدا ساقلىسۇن! ئاپىسى يولۋاسنىڭ يۈرىكى بىلەن شىرنىڭ مېڭىسىگە سېزىك بولۇپ تۇغقان، يىلپىزنىڭ تېرىسىگە ئوراپ چوڭ قىلغان بۇ ئايالنىڭ بىر قولىدا ئوت، بىر قولىدا سۇ باركەن، قولىدىن ھەر بالا كېلىدىغاندەك قىلىدۇ. ناۋادا كېرەك ئۆلۈپ - تارتىپ قالسا مۇنۇ ئىككى بالىنى نەدە، كىمنىڭ ئالدىدا سۆرەپ يۈرگۈلۈك؟ ئاخىرىنى داۋاملىق ئويلاشقا جۈرئەت قىلالمىدىم. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئۇنىڭ گۇمانلىق قاراشلىرىدىن، ئەسەبىي ۋارقىراشلىرىدىن، خىرىسچان ھومىيىشلىرىدىن، قەرەلسىز گۇمانسىراشلىرىدىن قورقىدىغان، ئەيمىنىدىغان، ئۆز - ئۆزۈمدىن خۇدۈكسىرەيدىغان بولۇپ قالدىم. ماۋتەي بوتۇلكىسى بىلەن ئۇيقۇ دورىسى كۆز ئالدىمغا كەلسىلا تېنىم شۈركۈنۈپ، ئۇنىڭ ئۆلۈپ قالغان ھالىتى كۆز ئالدىمدا پەيدا بولىدۇ - دە، پۈتۈن ۋۇجۇدۇمنى بىر خىل دەككە - دۈككىچىلىك بېسىپ كېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۆزۈممۇ تۇيمىغان ھالدا تەڭرىم، ئۆزۈڭ ئاسان قىلغايسەن! دەپ ئۆز - ئۆزۈمگە پىچىرلاپ تاشلايمەن...
ئارىدىن 15كۈنچە ئۆتۈپ قوشنىلار بېرىپ ئايالىمنى قايتۇرۇپ كەلدى. ئۇنىڭ بىلەن تەڭ ئىككى بالاممۇ قايتىپ كەلدى. ئۇ قايتىپ كېلىپ ئاجرىشىمەن، دەپ داۋراڭ سېلىپ مېنى ئاۋارە قىلىپمۇ كەتمىدى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئۆزۈمنى ئۇنىڭ ئىلكىگە تاپشۇرۇپ تىللىسىمۇ، ۋارقىرىسىمۇ، تۇرمۇشۇمدا كۈندە ئ−ۇچرىشىپ ت−ۇرىدىغان بۇندان ئاھانەتلەرگە چىشىمنى چىشلەپ، بېشىمنى ئىچىمگە تىقىپ ياشاشقا باشلىدىم. چۈنكى سۈكۈتلا مېنى ھەم ئائىلەمدىن، ھەم بالىلىرىمدىن ئايرىمايدۇ. كۆڭلۈم ئارام تاپمىغىنى بىلەن جېنىم ئارام تېپىپ قالىدۇ. بۈركۈت پاتقان ئالەمگە توشقان پاتماي قالامتى؟ شۇنداق بىر ئۆينىڭ ئاتموسفېراسىدىن ئورتاق نەپەس ئېلىپ ياشاۋاتقان ئادەملەر بىر - بىرىنىڭ خۇيىنى ئوبدانلا چۈشىنىپ قالىدىكەن.
بۇنىڭدىن بىر نەچچە يىل ئىلگىرى بىر كەچلىك تاماق ۋاقتىدا ئايالىم توساتتىن:
−− قاراڭ، توختەم! مەكتەپ مېنى ئىككى يىللىق بىلىم ئاشۇرۇشقا ئەۋەتمەكچىكەن، بېرىش - بارماسلىققا بىر قارارغا كېلەلمەيۋاتىمەن، سىزچە قانداق قىلسام بولار؟ −− دەپ گەپ باشلاپ قالدى. بۇ گەپنى ئاڭلاپ كۆزلىرىمگە مۆللىدە ياش كەپ كەتتى. يا ئاللا خۇدا، مېنىڭمۇ دەردىمگە يېتىدىغان كۈنلىرىڭ بولىدىكەن - ھە سېنىڭ! مەن بىچارە توختى يۇمشاقنىڭ توققۇز يىللىق ئاھانەتلىك تۇرمۇشىغا ئىچىڭ ئاغرىپ، ئاخىر ئىككى يىل بولسىمۇ ئارامخۇدا ياشىۋالسۇن دېدىڭمۇ نېمە؟ يا رەببىم! شۈكرى!!!
−− نەدە ئوقۇيدىكەنسەن؟ ئەجەب مەن بىلمەيدىكەنمىنا بىللە ئىشلەپ تۇرۇپ؟ −− شۇلارنى ئويلىغاچ ئىچىمدىكى يانارتاغدەك پارتلاپ چىقشقا ئازلا قېلىۋاتقان خوشاللىقىمنى تەستە بېسىپ تۇرۇپ سورىدىم. ئىچىمدە بولسا بېيجىڭ، لوندون ياكى پارىژ بولسىتتى بىر، ۋاشىنگتون بولسا تېخىمۇ ياخشى بولاتتىغۇ. تەتىل - پەتىل دېگەن گەپمۇ يوق، بايرام دېگەن مانا شۇ! دەپ ئويلايتتىم تەنلىرىم يايراپ.
−− ئۈرۈمچىدە ئوقۇيدىكەنمەن، ئىككى بالا بىلەن قىينىلىپ قالارسىزمۇ؟ بارماڭ دېسىڭىز بارمايمەن، −− ئايالىم شۇنداق دېگىنىچە ماڭا لەپپىدە قارىدى. يۈرىگىم قارت قىلىپ قالدى. ياق، ئۇ چوقۇم بېرىشى كېرەك، ئىككى يىل بولسىمۇ ئۇنىڭ تىنىمسىز كوتۇلداشلىرىدىن، ئايىغى چىقماس كۈنلەشلىرىدىن قۇتۇلۇشۇم كېرەك. ئۇ كېتىدىغان، مېڭەم ئارام ئالىدىغان ئىش بولسا، ھىلىغۇ ئىككى بالا ئىكەن، بىر سىنىپتىكى 40بالا بولسىمۇ باقمامدىغان.
−− بار، بېرىپ ئوقۇپ كەل، بۇنداق ياخشى پۇرسەت داۋاملىق نېسىپ بولمايدۇ ساڭا. يەنە كېلىپ ھازىر دىپلوم بىزنىڭ »كىملىك«ىمىز بولۇپ قالدى. ئىككى يىل دېگەن تېزلا ئۆتۈپ كېتىدۇ. بالىلاردىن خاتىرجەم بول، مەنمۇ جېنى بار ئادەمغۇ! −− دېدىم ئۇنى خاتىرجەم قىلىشقا تىرىشىپ. ئوقۇشقا بېرىشىغا شۇنچە ئاسان قوشۇلغىنىمغا ئاغزىنى ئېچىپ ھاڭ - تاڭ قالغان ئايالىم ماڭا قاراپ ئولتۇرۇپلا قالدى. ئۇنىڭ خۇش بولۇۋاتقىنىنى ياكى خاپا بولۇۋاتقىنىنى ئۇققىلى بولمايتتى. نىيىتىدىن يېنىپ قالمىسۇن دەپ ئەنسىرەيتتىم. ئاخىر تەييارلىقىنى پۇختا قىلدۇرۇپ، يۈك - تاقلىرىنى خۇشال - خۇراملىق بىلەن بېكەتكە ئاپىرىشىپ ئۇنى ماشىنىنىڭ ئىچىگە ئىتتىرىپ دېگۈدەك چىقىرىپ، ئۆزۈمنى كۆزلىرىمگە ياش ئالغان قىياپەتتە كۆرسىتىپ، ئۇنى ئاخىر ئۈرۈمچىگە يولغا سېلىۋەتتىم. ئۇ ئاخىر كەتتى، يىراققا، مېنى باشقۇرالمايدىغان، ماڭا ھومىيالمايدىغان، كىيىملىرىمنى پۇراپ، يانفونۇمنى ئاختۇرالمايدىغان يىراق بىر يەرگە كەتتى.
يولدا كېلىۋاتىمەن، بۈگۈن شۇنچىلىك خۇشالمەنكى، توۋا مۇنۇ قۇياش نېمىدېگەن ئىللىق - ھە! بۇرۇن ئەجەب بېشىمنى بىر كۆتۈرۈپ قاراپ باقماپتىكەنمىنا؟ يولدىكى ھەر بىر كىشى كۆزۈمگە شۇنچىلىك ئىللىق ھەم يېقىملىق كۆرۈندىكى، تونۇغان - تونۇمىغانغا قارىماي ئاپپاق چىشلىرىمنى كۆرسىتىپ سالام قىلىپ ماڭدىم. ھەتتا بۇرۇن ئۇرۇشۇپ ئىتتەك تالىشىپ زادىلا پېتىشالمايدىغان، كۆرسەم كۆزۈمگە بەئەينى تورپاقتەكلا كېلەڭسىز كۆرۈنىدىغان، مۇنۇ سېمىز ئۇدۇل قوشنام تۇنىساقىزمۇ بۈگۈن كۆزۈمگە بۆلەكچىلا ئىللىق، شۇنداق زىلۋا، چىرايلىق كۆرۈنۈپ كەتتى.
قولۇمغا ئاخىر تەگكەن ئاچقۇچنى تەمتىرىمەي سېلىپ ئىشىكنى ئېچىپ كىرىپ، جىمجىت بولۇپ قالغان ئۆيگە قاراپ كۆڭلۈم ئېچىلىپ كەتتى. ئەمدى ياشا توختاخۇن! ساڭا بايرام! بۇ بايرامنى قانداق ئۆتكۈزسەڭ بولار؟ مانا ئەمدى خالىغان ۋاقىتتا ئۆيۈڭگە كېلەلەيسەن، خالىغان چېغىڭدا سىرتقا چىقالايسەن. »تاماق پىشتى، ئۆيگە تېز قايتىپ كىرىڭ توختى، دەپ يۇقىرىقى بەدىنىنىڭ يېرىمىنى دېرىزىنىڭ تېشىغا چىقىرىۋېلىپ ۋارقىراپ، يۈرەكنى جۇغۇلدىتىدىغان، ئارامسىز تېلېفون قىلىپ قۇلاق - مېڭەڭنى يەيدىغان ئايالىڭ يوق. ئۆيۈڭنىڭ خالىغان يېرىدە، ئۆزۈڭ خالىغان شەكىلدە ئېغىناپ ياتالايسەن. ئوڭدا ياتامسەن - دۈمدىمۇ، مەست ياتامسەن - ساقمۇ ئۆزۈڭنىڭ ئىختىيارى. ئەمدى سېنى باشقۇرۇپ ھېلى ئۇياققا، ھېلى بۇياققا ئىتتىرىپ سىلكىشلەيدىغان ئادەم يوق. ئەڭ مۇھىمى توي قىلىپ تېخى قولۇڭ تۈزۈك تېگىپ باقمىغان، ئەمدىلىكتە قولۇڭغا چۈشكەن مۇنۇ مائاش كارتاڭدىن پۇل چىقىرىپ خەجلەشنى ئۆگەن. بۇرۇنقىدەك قولۇڭغا مائاش تەگكەن كۈنى خوتۇنغا بېرىدىغان پۇلنى چوڭ يانچۇققا، ئۇنىڭدىن يوشۇرۇپ ئۆزۈڭ خەجلەيدىغان پۇلنى ئۇ بىلمەيدىغان ئوغرى يانچۇقۇڭغا تىقىشتۇرۇپ ئاۋارە بولىدىغان ئىشلارمۇ يوق. توختا، بۈگۈنچە بانكىدىن قانداق پۇل ئالىدۇ، ھېلىقى پۇل بەرگۈدىن پۇلنى قانداق چىقىرىدۇ، ئاۋۋال شۇنى ئۆگىنىۋېلىش كېرەك. يەنىچۇ؟ ئەمدى ئەل - ئاغىنىلەر تېلېفون قىلىپ كەچتە بىردەم - يېرىمدەم ئولتۇرايلى دېيىشكەنتۇق، چىقالامسەن؟ دېسە بۇرۇنقىدەك ئايالنىڭ چىرايىغا قاراپ، تىرناق تاتىلاپ يېرىم كۈن خۇشامەت قىلىدىغان ئىش يوق. ئەركىن - ئازادە چىقىپ، ھەقىقىي ئەركەكتەك ئولتۇرىدىغان گەپ. تېلېفوننىمۇ خاتىرجەم ئوچۇق قويۇپ تېخى. يەنىچۇ؟ يەنە نېمە ئىشلارنى قىلساڭ بولار؟ ھەراست، مەكتەپ پۈتكۈزۈپ مۇشۇ كەمگىچە ئىزدىشىپ، دىدارلىشىپ باقمىغان ساۋاقداشلار بار ئىدى، مانا ئەمدى ئوبدان پۇرسەت كەلدى. شۇلار بىلەن كۆرۈشۈپ ئۇلارنى يوقلاپ سىرتلارنى ئازادە ئايلىنىپ قانغۇدەك بىر ئويناش كېرەك، ئوينىغاندىمۇ نەچچە يىللىق ئويۇننى تولۇقلاپ ئوينىۋېلىش كېرەك! ئايالىڭ قايتىپ كەلسە بۇنداق پۇرسەت ساڭا يەنە كېلەمدۇ - كەلمەمدۇ بۇنى ياراتقۇچى بىلىدۇ توختاخۇن!... خىياللىرىم مانا مۇشۇنداق تاتلىق.
شۇنداق قىلىپ بايرام كۈنلىرىم باشلاندى، بىراق نېمىشقىدۇر پەقەتلا بايرامدەك بولمايۋاتاتتى. ھەر كۈنى ئەتىگەندە چوڭىمىز 36ياش، ئوتتۇرانچىسى سەككىز ياش، كىچىكى تۆت ياش ئۈچ ئەركەك ئورنىمىزدىن تۇراتتۇق ھەم چاي ئىچەتتۇق. گەپ قىلماڭ، بۇ ئىككىسىگە بىر چىنە چاينى ئىچكۈزۈپ بولغىچە نەق بىر سائەت جەڭ قىلاتتىم. ئۇلار ئىچمەيتتى، چاي بۇرۇنقىغا ئوخشىمايدۇ، دەپ چاينى تۆكۈپ سالاتتى ياكى قۇرۇق ناننى يېگىلى ئۇنىماي جاپا سالاتتى. بەزىدە ئىككىسى چۈجە خورازدەك ئولتۇرۇپلا ئۇرۇشۇپ كېتەتتى. شۇ جەڭگى - جېدەللەر ئىچىدە چاي ئىچكەن بولاتتۇق - دە، ئۆيدىن سۇغۇرۇلۇپ چىقاتتۇق. كىچىكىنى كەينى ئورۇندۇققا، چوڭىنى ئالدى رامغا، ئۆزۈمنى ئوتتۇرىدىكى ئېگەرگە جايلاپ، ھەممە يېرى تاراقشىيدىغان بۇ ئاسار - ئەتىقىگە سېركچىلەردەك يامىشىپ مىنىپ، بىرىنى مەكتەپكە، بىرىنى يەسلىگە ئاپىرىپ ئاخىرىدا خىزمەتكە ئاران ئۈلگۈرۈپ بېرىپ، ئۆزۈمنى ئىشخانامغا ئاتاتتىم. چۈشتە ھەم كەچتە يەنە بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا بالىلارنى ئاشخانىغا ئاپىرىپ قورسىقىنى توقلايتتىم. ئەسلىي جېدەل بۇ يەردە ئىكەن ئەمەسمۇ تېخى. ئىككى ئوغلۇم ئاشخانىغا كىرىپ بىرى كاۋاپ دېسە، بىرى مانتا، بىرى سامسا دېسە، بىرى لەڭمەن دەپ غەلۋە قىلىشاتتى. ئۇلارنىڭ جېدىلىنى بېسىقتۇرۇپ، بالىلىق ئىدىيەسى بىلەن يەيدىغان تامىقىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ بولغۇچە، تاماق تىزىملىغىلى كەلگەن كۈتكۈچى قىز كېتىپ بولاتتى. يامىنى تاماق بەك قىممەت بولۇپ، ئاشۇ تۆت ياشلىق كىچىك ئوغلۇم يەيدىغان يېرىم ئاش دېگىنىمۇ بەش يۈەن ئىدى. ئاشنىڭ ئازلىقىدىن تەخسىنىڭ ئىچىگە چوكا سالسا تەخسىدىكى لەڭمەن پىر - پىر قىلىپ قاينامدەك پىرقىرايتتى. ئۈچىمىزنىڭ بىر ۋاقلىق تامىقىمىز نەق 20يۈەن بولاتتى. بەزىدە پۇلنى تۆلەۋېتىپ چىدىماي، ئۇن - ماينى بۇنچىلىك ئۆستۈرۈۋەتكىچە، پاي - چەكنى مۇشۇنداق ئۆستۈرسىچۇ، دەپ كېتىمەن...
كەچتە ئۆيگە بېرىپ ئورۇن - كۆرپە سالىمەن، بۇمۇ ئاددىي ئىش ئەمەسكەن ئەسلىدە. دەسلىپىدە مېنىڭ ئورنۇم قايسى بولغىيتتى؟ چوڭ ئوغلۇمنىڭ ياستۇقىچۇ؟ كىچىك بالام قايسى كۆرپىدە ياتار بولغىيتتى؟ دەپ ئۇلارنىڭ يوتقان - كۆرپىسىنى ئۈچ كۈنگىچە تاپالماي يۈردۈم. بالىلىرىم بۇ مېنىڭ ئەمەس، ئاۋۇ مېنىڭ، دەپ بىر - بىرىنىڭ يوتقان - كۆرپىسىنى بۇلايتتى، ياستۇق تالىشىپ ياقا سىقىشىپ كېتەتتى. شۇنداق قىلىپ بىر ھەپتىدىن كېيىن ئاران مۈلكىمىز ئېنىق بولغان بولدى.
مۇشۇ تەرىقىدە بىر ئاي ئۆتتى. سىرتتا يەۋېرىپ ئاشخانىدىكى تاماق چىقىمىغا راستلا چىدىمىدىم. شۇ چاغدىلا ئايالىمنىڭ بىر ئۆينىڭ خىراجىتى قانچىلىك، سىز بۇنى بىلمەيسىز، بىر ئۆينىڭ تۇرخۇنىدىن ئىس چىقىرىش ئاسان ئەمەس، دېگىنى يادىمغا يېتىپ، ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن كۆكتات بازىرىنىڭ ئۇ بېشىدىن بۇ بېشىغا ئېرىنمەي مېڭىپ، بىر باش پىياز ئۈچۈن باھا تالىشىپ چىقىدىغىنىنى چۈشىنىپ يەتتىم. توختا، شۇ پۇلنى خەققە بەرگۈچە مەنمۇ ئۆيدە تاماق ئېتىپ باقايچۇ، مەن يا قولىدىن ھىچ ئىش كەلمەي پۇلنى ساماندەك سورۇپ يۈرىدىغان ھەسەن باينىڭ نەۋرىسى بولمىسام، دېگەن خىيال بىلەن بىر كۈنى كەچتە ئوچاققا ئوتنى يېقىپ قازاننى ئېسىپ قويۇپ، سىڭلىمغا تېلېفون قىلىپ تاماق رېتسېپىنى سوراپ تۇرۇپ نەق مەيداندا گۈرۈچ ئاش ئەتمەكچى بولدۇم. ئۆمرۈمدە قازان بېشىغا ئۆتۈپ باقمىغان مەندەك ئاكىسىنىڭ تاماق ئەتمەكچى بولغانلىقىنى ئاڭلىغان سىڭلىم تازا كۈلدى ۋە نەق يېرىم سائەتتە ئارام تاماق رېتسېپىنى دەپ بېرەلىدى.
خۇداغا شۈكۈر، توختاخۇننىڭ ئەل ئۆمرىگە كېلىپ تۇنجى قېتىم ئەتكەن تامىقى ئاخىرقى ھېسابتا پىشقان بولدى. تۇنجى قاچىسىنى تاماققا تەلمۈرۈپ، قوشۇقىنى يالاپ، ئۈستەلدە ئاللىقاچان تەخ بولۇپ ئولتۇرغان ئىككى ئوغلۇمغا ئۇسسۇپ بېرىپ، چەكسىز مەمنۇنلۇق ئىچىدە ئايالىم بولمىسىمۇ تاماق ئېتەلەيدىكەنمەنغۇ مانا، دېگەن خىيال بىلەن ئۆزۈمگە تاماق ئۇسسۇۋاتاتتىم، كىچىك ئوغلۇم ئۆڭسۈلى يوق ھالدا ئاشخانىغا يۈگۈرۈپ كىرگەن پېتى جىددىي ھالەتتە:
−− دادا، سەن ئەتكەن بۇ تاماق ئاپام ئەتكەن تاماققىمۇ، بازاردا يېگەن تاماققىمۇ ئوخشىمايدىغۇ؟ ئاكام ئىككىمىز پەقەتلا يېيەلمىدۇق، −− دېدى.
−− نېمە دەيدۇ ماۋۇ شۇملار ئەمدى! نېمىسى قانداق بولۇپ قاپتۇ؟ −− مەن ئاچچىقلانغىنىمچە ئۆزۈمنىڭ قاچىسىدىكى ئاشتىن بىر قوشۇقنى ئاغزىمغا سالدىم، سالدىم - يۇ، تاماقنىڭ بەتتەملىكىدىن شۇ زامات پۈركۈپ چىقىرىۋەتمەكچى بولدۇم. بىراق ئالدىمدا ئىككى بالام چەكچىيىپ قاراپ تۇرغاچقا، ئامالسىز كۆزۈمنى يۇمۇپلا يۇتۇۋەتتىم. تاماق تۇزسىز ھەم ئىس تارتىپ كەتكەن، قورۇما تولىمۇ بەتتەم بولۇپ، بەلكىم بۇ تاماقنى يەر شارىدا بىرەرى ئېتىمەن دەپمۇ ئېتەلمەسلىكى مۇمكىن ئىدى. ئامالسىز شۇ بىر قاچا ئاشنى بالىلىرىمنىڭ ئالدىدا ئەلەم بىلەن تەتۈر كۆشەپ تۈرۈپ يەۋەتتىم. ئىككى بالام ئېغىزغا ئالغۇسىز ئاشۇ بەتتەم تاماقنى چىداپ يەۋەتكەن مەندەك دادىسىنىڭ قەيسەر روھىغا قايىل بولغاندەك چىرايىمغا چېكىتتەك قاراپ ئولتۇرۇشتى. بىراق تاماقنى ئەسلا يېگىلى ئۇنىماي، قۇرۇق نان بىلەن چاي ئىچىشتى. ئۇلارنىڭ قۇرۇق نان غاجىلاۋاتقان ئاشۇ تۇرقىغا قاراپ، تۇنجى قېتىم ئەلەملىك نىدا قىلىۋەتتىم: ئاھ ئاپىسى!
ئايالىم كەتكەندىن كېيىن، مەن توختاخۇننىڭ ئېغىر كۈنلىرى قارا قىشنىڭ زەھىرىدەك پۈتۈن روھىمغا، پۈتۈن جىسمىمغا، پۈتۈن تۇرمۇشۇمغا سىڭىپ كىرىپ، قۇۋۋىتىمنى خورىتىپ، ھالسىرىتىشقا باشلىدى. مەن پۈتۈنلا ماشىنا ئادەم بولغان ئىدىم. كۈنلىرىم ئەتىگىنى ئورۇن يىغىش، كەچتە ئورۇن سېلىش بىلەن ئۆتەتتى. مۇشۇ ئىشلارمۇ شۇنچىلىك ئېغىر كەلدىكى، بەزىدە مۇشۇ ئورۇن - كۆرپىنىمۇ ئاپتوماتىك يىغىپ سالىدىغان ماشىنا بولسا، شۇنداقلا يانپاشلىساڭ تام تۈۋىدىن بولامدۇ ياكى ئىشكاپ ئىچىدىن بولامدۇ بىر يەردىن ئورۇن - كۆرپىلەر شارتتىدە چىقىپ سېلىنسا، سەن ئۇخلىساڭ، ئەتىگىنى ئورنۇڭدىن شۇنداق تۇرغاندا، ئۆزى يەنە شۇنداق شارتتىدە قىلىپ قەيەردىن چىققان بولسا شۇ يەرگە كىرىپ كەتسە... دەپ ئەخمەقنىڭ خىياللىرىنى قىلىپ كېتىمەن. كۈنلەر تۇزى يوق چاي ئىچىش بىلەن ئاشخانىنىڭ دورا - دەرمىكى گۈپۈلدەپ پۇراپ تۇرغان تاماقنى يەپ ئۆتمەكتە.
ھەپتە ئاخىرىدا ئىككى ئوغلۇمنى ئۆيمۇ ئۆي قوغلاپ يۈرۈپ، پىلتىڭلاپ قاچقان يېرىدىن تۇتۇپ كېلىپ، چىرقىرىتىپ تۇرۇپ يۇيۇش، ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن چۈشكەن كىر - قاتلىرىنى داسقا چىلاپ مۇجۇش، ئىككى بالام ئۆرىتۆپە قىلىۋەتكەن، چاڭ - توزان باسقان ئۆيلەرنى سىيرىپ - سۈپۈرۈش، ئاخىرىدا ئۈچ ئەركەكنىڭ ئايىغىنى مايلاش... دېگەندەك تۈگىمەس ئۆي ئىشلىرى مېنىڭ ۋەتۋەرىكىمنى چىقىرىۋەتتى.
دەسلەپ كىر يۇغاندا قىزىق ئىش قىلدىم. كىيىمنى يۇيىمەن - يۇيىمەن ھىچبىر كىرى ئېچىلمايدۇ. تېلېۋىزور ئېلانىدا تولا بېرىلىۋېرىپ ماڭا ياد بولۇپ كەتكەن »گۈزەل« ماركىلىق، »بۈركۈت« ماركىلىق، يەنە xx ماركىلىق پاراشوكلارنىڭ ھەممىسىدىن سېتىۋېلىپ ئىشلىتىپمۇ ئاق پايپىقىمنى پاكىز ئاقارتالمىدىم. مەن ئاق رەڭلىكلا پايپاق كىيەتتىم، بۈگۈن كىيسەم ئەتىسىلا قاپقارا بولۇپ كەتسىمۇ باشقا رەڭدىكى پاپياققا پەقەتلا خۇشۇم يوق ئىدى.
توختا، قاچا يۇيۇش سۇيۇقلۇقى بىلەن بىر سىناپ باقمايمۇ دېدىم - دە، قاچا يۇيۇش سۇيۇقلۇقىغا 84لىك دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقىنى قوشۇپلا كىر يۇدۇم. دېگەندەك بۇ ئۇسۇلۇم ئۈنۈم بېرىپ، يۇغان كىرلىرىم پاكىز ئېچىلىپ كەتتى. ئەممازە كىرنى يۇيۇپ بولۇپ قارىسام يۇغان كىرلىرىمنىڭ رەڭگى ئۆزگىرىپ، ھەر خىل رەڭدىكى كىيىملەر ئاقۇچ بىر خىللا رەڭگە كىرىپ قاپتۇ. نېمىلا بولسا شۇنچە كىرنى يۇيۇپ تۈگەتكىنىمگە خۇش بولدۇم. ئۆز ئىشىمغا ئۆزۈمنىڭ مەستلىكىم كېلىپ كىرلەرنى يېيىپ تۇرسام تۇيۇقسىزلا:
−− توختاخۇن، كۈنلىرىڭ قانداقراق؟ ئورۇقلاپ موزاي يالىۋاتقان شاپاققىلا ئوخشاپ قاپسەنغۇ ئەمدى؟ خوتۇن كىشى بولمىسا قانداق بولىدىكەن؟ −− دېگەن ئاۋاز ئاڭلاندى. قارىسام مۇنۇ ئۇدۇل قوشنام تۇنىسا تورپاق ھىجىيىپ ئۆيگە كىرىپ كېلىۋاتىدۇ. ئۇ مەن يېيىۋاتقان كىرلەرگە قاراپ:
−− ۋاي، بۇ كىرلەرنى نېمە بىلەن يۇدۇڭ توختى؟ −− دېدى ھەيرانلىقىنى باسالماي. ئۇنىڭغا كىر يۇغان چاغدىكى كەشپىياتلىرىمنى دەپ بېرىۋېدىم، ئۇ كۈلۈپ يىقىلىپ قالغىلى تاس قالدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە ئۇ سۇيۇقلۇقلار كىيىمنىڭ رەڭگىنى ئاقارتىۋېتىدىكەن. ئۇنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ يەرگە كىرىپ كەتكۈدەك خىجىل بولۇپ كەتتىم. چۈنكى مەن دائىم مەسخىرە قىلىپ كۆزگە ئىلمايدىغان بۇ تورپاق مانا ئەمدى مېنى مەسخىرە قىلىپ كۈلۈۋاتاتتى. ئۇنىڭ شۇ تاپتا مېنى ئۆزى بىلەن سېلىشتۇرۇپ، شاپاققا ئوخشاپ قاپسەن، دېگىنى تېخىمۇ جېنىمغا تەگدى.
−− بىرەر ئىشىڭ بارمىتى تۇنىسا؟ −− تۈگمىدەك ئىشنى تۆگىدەك كۆرسىتىپ سۆزلەيدىغان بۇ سېغىزخانغا ئىپادىسىز ھالەتتە قارىدىم.
−− باشقا ئىشمۇ يوق، قارىسام كىر يۇيۇپ كېتىپسەن، ئەر كىشىنىڭ كىر يۇغىنىنى كۆرۈپ باقاي دەپ كىرگەنتىم. بىر داس كىرنى يۇيۇپ بولالماي قىلغان ئىشىڭنى قارا سېنىڭ، ئەمدىغۇ ئايال كىشىنىڭ قەدرىنى ياخشى بىلگەنسەن توختاخۇن؟ بىز ئاياللار بولمىساقچۇ سىلەر ئەرلەر ئىشتىنىڭلارمۇ ئوڭشاپ كىيەلمەيسىلەر مانا، −− دېدى ئۇ كۆرەڭلىك بىلەن. ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ شۇنداق ئاچچىقىم تۇتتى - دە:
−− قارا تۇنىسا، ئەگەر سەن دېگەندەك سىلەر ئاياللار بولمىغان بولساڭلار، بىز ئەرلەر شۇ ئىشتاننى كىيىمىز، مۇشۇ كىر - قاتنى يۇيىمىز دەپ ئاۋارە بولاتتۇقمۇ؟ −− دېدىم - دە، ئۆز ئىشىمنى قىلىۋەردىم. ئۇ:
−− ئوھۇش، ساراڭ! مېھرىبان بىكارغا تىللىمايدىكەن سېنى، −− دەپ چىچاڭشىغىنىچە چىقىپ كەتتى. ئۆمرىدە توي قىلىپ باقمىغان بۇ قىز تېخى مېنى ياراتمايدۇ. مېنىلا ئەمەس، پۈتۈن ئەر زاتىنى ياراتمايدۇ، ئەرگە تېگىمەن دەپ جاننى ئۇپراتقۇچە، مەندەك تەنھا ياشىغان تۈزۈك، چۈنكى ھازىرقى ئەرلەردە ۋاپا يوق بولغاننىڭ ئۈستىگە ئىشەنچسىز ھەم قوپال، بىز ئاياللارنىڭ قەدىرىمىزنى قىلىشنى بىلمەيدۇ. شۇڭا ئۇ خەقنىڭ غالچىسى بولۇپ ياشىغاندىن كۆرە، ئۆزۈم خان، ئۆزۈم بەگ ياشىغىنىم مىڭ ياخشى، دەپ ئۆز كۆڭلىنى ئۆزى ياسايدۇ. ئەينى چاغدا نى - نى يىگىتلەرنىڭ كۆزىدىن ئوت چىقىرىپ يۈرگەن قىز ئىدىم مەنمۇ دەپ ئۆز - ئۆزىنى ئاقلايدۇ. ئۇنىڭ بۇنداق تېتىقسىز گەپلىرىنى ئاڭلىغان چاغلىرىمدا، خۇشياقمىغاندەك قوپال يارىلىپ قالغان بۇ ئايالغا قاراپ ئىچىممۇ ئاغرىپ قالىدۇ. ئىچىدە گەپ ياتمايدىغان، بىر كۈننىڭ ئۈچتىن ئىككىسىنى ئۇيقۇ بىلەن تاماققا، قالغان قىسمىنى غەيۋەت بىلەن ئىتىگە ئاتاپ ياشاپ كېلىۋاتقان بۇ خوتۇننىڭ نېمە يەپ شۇنچىلىك سەمرىپ، نەدىن پۇل تېپىپ ئىتىنى سۈت بىلەن بېقىپ يۈرگىنىنى چۈشىنەلمەي يۈرىمەن...
تۇرمۇش ئۆز يولىدا كېتىپ بارىدۇ، مەنمۇ چارچاپلا قالدىم، ئۆيگە كىرسەم ئىچ - ئىچىمدىن يىغا تەپچىيدۇ، ئۆينىڭ تۆت تېمىدىن بوران ئۇچىدۇ. كۆڭلۈمدىكىنى دېسەم، ئۆيدە تۇرغۇممۇ كەلمەيدۇ. نېمىلا دېگەنبىلەن يەنىلا ئىككى ئادەم ھەمكارلىشىپ تۇتقان ئائىلىنىڭ ئىشلىرى تولۇق ھەم مەزمۇنلۇق بولىدىكەن. ئايالىمنىڭ قەدرىنى ئۇنىڭ بارىدا بىلمىگەنىكەنمەن، نۇرغۇن ئىشلار ئۇنىڭ چېۋەر قولىدا ئۆز رىتىمىنى تاپىدىكەن ئەسلىدە. ئاياللىق ئۆي پەرىشتە كىرگەن جەننەتكە ئوخشايدۇ توختاخۇن دېسە، نېمە دەيدىكەن بۇ جاۋىلداق دەپتىكەنمەن. راست گەپكەن، شۇ تاپتا ئۇ ئۆيدە بولۇپ، مېنى تىللىسىمۇ، ئۆيگە سولاپ قويسىمۇ رازىتىم. چۈنكى ئۇنىڭ قەدرى ئۇ كېتىپ ئوبدانلا ئۆتۈلدى، مانا ئەمدى ئىككى بالا بىلەن ئۇ بار چاغدىكىدىنمۇ بەكرەك ئۆيگە باغلىنىپ كەتتىم.
ئەينى چاغدىمۇ ئايالىم بىلەن شۇنداق تىللىشىپ - سوقۇشۇپ يۈرۈپ تونۇشقانىدىم. ئىككىمىز بىر مەكتەپتە ئىشلەيتتۇق. تولۇق ئۇ ئوتتۇرا مەكتەپكىچە خەنزۇچە ئوقۇغان ئىكەن. ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا بىر نەچچە نومۇرى كېمىپ قېلىپ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيالماپتۇ. كېيىن مائارىپ ئىدارىسىدە ئىشلەيدىغان دادىسى ئۇنى بىزنىڭ مەكتەپنىڭ كۇتۇپخانىسىغا خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇپ قويدى، كۇتۇپخانىدا ئىككى يىلچە ئىشلىگەندىن كېيىن مەكتەپ ئۇنى ئوقۇتقۇچىلىق ئىشتاتى بىلەن خەنزۇچە دەرس بېرىشكە ئورۇنلاشتۇردى. مەن مەكتەپنىڭ خەت - چەكلىرىنى توشۇغاچ، ئارقا سەپ ئىشلىرىنى قىلاتتىم. شۇڭا مەكتەپنىڭ گېزىت - ژۇرناللىرىنى ئەكىرىپ بېرىش باھانىسى بىلەن كۇتۇپخانىغا كۈندە نەچچە قېتىم كىرىپ ئۇنىڭ بىلەن ئۇچرىشىپ تۇراتتىم. بەزىدە قەستەن چىشىغا تېگىپ تېرىكتۈرۈپ قويۇپ چىقىپ كېتەتتىم. ئۇ چىرايلىق، مىجەزى تۈز، لېكىن چىرايى ئاسان ئېچىلمايدىغان، جاھىلراق قىز ئىدى. دادىسىغا بەك ھەۋەس قىلاتتى. ئىككىمىز توي قىلغاندىن كېيىن قېيىنئاتام مەندەك توپا - چاڭ ئۆرلەپ تۇرىدىغان سەھرادا چوڭ بولغان كۈيۈئوغلىنى رەسمىي ئوقۇتقۇچىلىققا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويدى. شۇڭا مەن ئۇلاردىنمۇ، ئايالىمدىنمۇ تەپتارتىدىغان، ئەيمىنىدىغان بولدۇم. تىلىمغا نوختا سېلىندى، يۈرىكىمگە قورقۇنچنىڭ دەسلەپكى تامغىسى بېسىلدى. مەن ئۇنى ئەمرىمگە ئېلىپ شارائىت ھەم ماكاننى ياراتتىم، ئاندىن ئۇ مېنى ياراتتى ھەم توختى يۇمشاقنى ئۆز تۇرمۇشىدا ئىجاد قىلدى. خاراكتېرىمىزنى بىز ياشىغان ئائىلە بەلگىلىدى. مېنىڭ بۇرۇنقى شوخ، تەمكىن، ياۋايى مىجەزلىرىمنى ئاستا - ئاستا ئۆزىنىڭ مىجەزىگە ماسلاشتۇرۇپ ئاسسىمىلياتسىيە قىلىۋەتتى. مەن ئائىلىگە چىرايلىق بىر يىلاننى باشلاپ كىردىم. بۇ ئىنچىكە ھەم چىرايلىق يىلاننىڭ تىلىنىڭ ئۇچىدا ئۇ بار ئىدى، ئۇنىڭ زەھىرى ئەرلىك جاسارىتىمنىڭ ئومۇرتقىلىرىغا تاراپ مېنى مۇلايىم، يۇمشاق، قانائەتچان قىلىپ قويدى. توي قىلغاندىن كېيىن مەكتەپتە ئۇرۇشۇپ باقمىدۇق، بارلىق جېدەل بوسۇغىنىڭ ئىچىدىلا قالىدىغان بولدى. بىراق يامان خەۋەرنىڭ پۇتى ئوتتۇز دەپ، ئۇرۇشۇش خەۋەرلىرى تۇنىسا تورپاق ھەم قولۇم - قوشنىلار ئارقىلىق جاھانغا يېيىلىپمۇ تۇراتتى. ئەجەب ئىش دېسە، تويدىن بۇرۇن ئۇنىڭدىن پەقەتلا قورقۇش ھېس قىلمايتتىم، بىرنى دېسە ئىككىنى دەپ جېنىغا تېگىپ تۇراتتىم. نېمىشقىكىن، باشقا ھەرقانداق خىزمەتدىشىم بىلەن چىقىشاتتىم - يۇ، شۇنىڭ بىلەنلا ئۇرۇشقۇم كېلىپ تۇراتتى. ھەتتا بىر قېتىم ئۇنىڭغا ۋارقىراپ:
−− مۇشۇ تەرسا خۇيۇڭ بىلەن، قانداق بىر پايتىمىسىنى تەتۈر ئورىغان بەختسىزگە تېگىپ قالارسەنكىن مېھرىبان؟ ئالدىرىمىساڭ ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرىمەنغۇ تېخى شۇ پالاكەت ئەرنى! −− دېگەن ئىدىم ئاچچىقىمدا.
−− ئىشقىلىپ ساڭا ئاشماسمەن، مېنىمۇ ئېزىپ - تېزىپ سەندەكلەرگە بۇيرۇپ قالماس خۇدايىم، −− دېگەنىدى ئ−ۇمۇ ب−وش كەلم−ەي. ئاخىرىدا ئاشۇ پالاكەت باسقان ئەرنىڭ دەل ئۆزۈم بولۇپ قالىدىغانلىقىنى پەقەتلا ئويلاپ باقماپتىكەنمەن. چۈنكى مەن بارا - بارا خۇددى سېھىرلىنىپ قالغاندەك ئۇنىڭدىن ئايرىلالماس بولۇپ قېلىۋاتاتتىم. ئۇنىڭ گەپلىرىنى سېغىنىپ قالاتتىم. تۇرۇپلا ئۇنى كۆرگۈم كېلىپ قالاتتى - دە، يۈگۈرۈپلا يېنىغا كىرەتتىم. ئۇ بولمىسا زېرىكىدىغان، ھايات مەنىسىز بىلىندىغان، ئۇنىڭ بىلەن بىر كۈن ئۇرۇشمىسام، جاڭجاللاشمىسام كۈنۈم ئۆتمەيدىغان بولۇپ قېلىۋاتاتتى. بەزىدە ئۇنى ئىزدەپ يۈرۈپ ئۇرۇشىدىغان بولدۇم. ئۇنىڭ خۇيلانغان، دومسايغان ھالىتىنى كۆرۈپ تۇرمىسام ئىچىم پۇشۇپ، زېرىكىپ قالاتتىم، ئامراق رەقىبلەرنى جېدەل - ماجىرالاردىن ئايرىۋەتمەيدىغان بۇ تەقدىر ئاخىر ئىككىمىزنى بىر ئۆيگە سولاپ قويدى. ئىككىمىز ئەنە شۇنداق سوقۇشۇپ يۈرۈپ، كېيىنچە بۇ ئۇرۇشۇشنى تۇرمۇشىمىزنىڭ مەڭگۈلۈك بىر قىسمى قىلىۋالدۇق ھەم ھازىرغىچە داۋاملاشتۇرۇپ كەلدۇق. ئەگەر ئۇ قايسىبىر كۈنى جىمىپ ھېچقانداق گەپ قىلمىسا، مەن ھەيران قالاتتىم - دە، بېرىپ ئۇنىڭ پېشانىسىنى تۇتۇپ باقاتتىم:
−− ئاغرىپ قالدىڭما مېھرىبان، بۈگۈن ھېچ بىر مېنى تىللاپ كوتۇلدىمايسەنغۇ ئادەمنى ئەنسىرىتىپ؟
−− ئوھۇش، مېڭىڭە نېرى ئىچىمنى پۇشۇرماي! −− ئۇ تېرىككەندىلا ئاندىن:
−− ھە، ئەمدى بىزنىڭ خوتۇن نورمال بولدى، −− دەپ قويۇپ خاتىرجەم ئىشىمغا ماڭاتتىم.
بىر كۈنى ئايالىم مەكتىپىدىن ماڭا تېلېفون قىلىپ:
−− قاراڭ توختەم، بىزنىڭ ياتاقتىكى قىزلار، سىلەرنىڭمۇ ئۇرۇشىدىغان كۈنۈڭلار بولامدۇ؟ دەپ سورىغانىدى، مەن كۈلۈپ كېتىپ، سىلەرنىڭ ئۇرۇشمايدىغان كۈنۈڭلارمۇ بارمۇ؟ دەپ سوراڭلار دېدىم، −− دېگەنىدى، ئۆزۈمنى بېسىۋالالماي كۈلۈپ كەتتىم - دە:
−− شۇنداق، تەڭرى سېنى مېنىڭ قېشىمغا جەڭ قىلىشقا ئەۋەتكەن، لېكىن ئۇرۇشاي دېسەممۇ مانا ھازىر يېنىمدا سەن يوق، ئىلگىرىكى سەن پاكىز تۇتىدىغان ئۆينى مۇشۇ كۈندە توپا - چاڭ باستى، ئىلگىرى بەس - بەستە ئېچىلىپ تۇرىدىغان رەڭگا رەڭ گۈللىرىڭ توزۇپ، ئۈچ تەشتەك گۈلۈڭ ئۆلۈپ مېنى ھازىدار قىلىپ قويدى. دەزمال سالىمەن دەپ سېنىڭ ئەتىرىڭ سىڭىپ قالغان ھېلىقى كۆڭلىكىمنىڭ ياقىسىنى كۆيدۈرۈپ، يەنە بىر ئىشتىنىمنىڭ پۇچقىقىغا ئوت قويۇۋەتتىم. ئۆزۈممۇ سەن بار چاغدىكى »ئەركەك غاز«دەك غادىيىپ ماڭىدىغان توختاخۇندىن، ھازىرقى بېشى يوق چىۋىندەك ھەممە يەرگە ئۈسسۈپ يۈرىيدىغان گومۇشقا ئايلىنىپ قالايلا دېدىم. بىر كۈنى ئېھتىياتسىزلىقتىن ھويلىمىزدىكى قېرى توغراققا ئ−ۈسسۈۋېلىپ، بېشىمنى ئىتتىك كۆت−ۈرۈپ كەچۈرۈڭ! دەپ ئەپۇ سوراپتىمەن. يەنە بىر كۈنى كارىدوردا كېتىۋېتىپ مەكتەپ مۇدىرىمىزنىڭ سېمىز قورسىقىغا ئۈسسۈۋېلىپ، ئۆزۈم كەينىمگە قاڭقىپ كېتىپ ئىزاغا قالدىم. مۇدىرىمىز خاپىلاشنىڭ ئورنىغا:
مېھرىبان كېتىپ جۈدەپ شۈمەكتەكلا بولۇپ قاپسەنغۇ ھەي توختاخۇن، ئاش يېمەيۋاتامسىلەر نېمە؟ قىيىنچىلىقىڭ بولسا دېگىن جۇمۇ! دەپ قويۇپ كۈلگەن پىتى ئىشخانىسىغا كىرىپ كەتتى قارا. تېخىمۇ قىزىق بىر ئىش بار، دەپ بېرەي، ئاڭلامسەن؟ بىر قېتىملىق تەنەپپۈستە سېنى خىيال قىلىپ، تاماكا چېكىپ تۇرسام دەرس قوڭغۇرىقى چېلىنىپ قالدى. تاماكا قالدۇقىنى ئاغزىمدىلا تۈكۈرۈپ تاشلاپ سىنىپقا كىرىپ كېتىپتىمەن. بىر چاغدا كۈيۈكنىڭ پۇرىقى پۇراپ، ئىسنىڭ ھىدى كەلگىلى تۇردى. نەگە ئوت كەتكەندۇ ئەمدى؟ دەپ ئۇياق - بۇياققا قارىشىمغا، مەيدە يانچۇقۇمدىكى چاقماق پارتلاپ كېتىپ، ھېلىقى سەن ئۆتكەن يىلى تۇغۇلغان كۈنۈمدە ئېلىپ بەرگەن 500يۈەنلىك كاستۇمغا ئوت كەتتى، ھودۇقۇپ كەتكەن بىر ئوقۇغۇچى يۈگۈرۈپ چىقىپ چېلەكتىكى پول سۈرتكۈچنى يۇغان سۇنى ماڭا قارىتىپ سەپتى. بىر چاغدا ئېسىمنى يىغىپ قارىسام، ئۈستۈمگە سېپىلگەن سۇ پۇچقىقىمدىن ئاققىلى تۇرۇپتۇ. ھەي نېمىسىنى دەيسەن، تاماكىنى يەرگە تۈكۈردۈم دەپ مەيدە يانچۇقۇمغا تۈكۈرۈپتىكەنمەن ئەمەسمۇ! دېۋىدىم ئايالىم مېنى تىللاشنىڭ ئورنىغا ئۆزىنى قويۇۋېتىپ بولۇشىغا كۈلدى. شۇنداق قىلىپ قايتىپ كېلىپ مېنى تىللاپ، سوقۇشۇپ ئاۋارە قىلىپ يۈرمىسۇن دەپ ھەممىنى تېلېفوندىلا دەۋېتىپ قۇتۇلۇش تاكتىكىسى بىلەن ئۇنى كۈلدۈرۈپ قۇتۇلدۇم. شۇ چاغلاردا قويغان - تۇتقىنىمنى بىلمەي كەلتۈرگەن زىيانلىرىمنىڭ قايسى بىرىنى دەپ بولاي ئۇنىڭغا.
دەرد دېگەننى تۆككەنسېرى تۈگىمەي ئاۋۇيدىغان ئوخشايدۇ.
خىزمەت كۈنلىرى پۇت - قولۇم يەرگە تەگمەي قالىدۇ. كىچىك ئوغلۇمنىڭ ئىشتان - پايپىقىنى قانچە قېتىم تەتۈر كىيدۈرۈپ يەسلىگە ئاپارغىنىمنى بىلمەيمەن. چوڭىغۇ خۇداغا شۈكۈر، ئىشقىلىپ ئۆزىنىڭ ھۆددىسىدىن ئۆزى چىقىپ يۈرىدۇ. ناۋادا تۆۋەنگە خىزمەت بىلەن چۈشۈپ قالسام ياكى ئۆگىنىشكە بېرىپ قالسام، ئامالسىز بالىلارنى قېيىنئانامغا تاپشۇرۇپ قويىمەن. ئاپپاق چاچلىق قېيىنئاتا - قېيىنئانامنىڭ ئايالىمنى بېقىپ چوڭ قىلغىنى ئاز كەلگەندەك، مانا ئەمدى ئۇنىڭ بالىلىرىنىمۇ باققىلى قويغىنىمغا ئۆزۈممۇ خىجالەت بولۇپ قالىمەن بەزىدە. ئەمما ئامال يوق، چۈنكى مېنىڭ ئاتا - ئانام يېزىدا، ئۇنىڭ ئۈستىگە ياشىنىپ قالغان. ئەينى چاغدا خوتۇنۇمنى ئۆگىنىشكە بېرىشقا جېنىمنىڭ بارىچە زورلاپ كەتكۈزۈۋەتمىگەن بولسام مۇشۇ كۈنلەرگە قالارمىدىم، ئۆزۈمگە ئاز.
شەنبە، يەكشەنبە كۈنلىرىمۇ پەقەتلا ئارام يوق بولدى ماڭا. يالغۇزلۇق تېخى ئېغىر كېلىدۇ. ئويلاپ باقمامسىز؟ قوشنىلىرىم شۇ كۈنلىرى چىرايلىق كىيىنىشىپ، بالىلىرىنى قونچاقتەك ياساپ، مەيدانلارغا، ساياھەت ئورۇنلىرىغا كۆڭۈل ئاچقىلى، ئوينىغىلى چىقىشىدۇ. بىزچۇ؟ بىز ئۈچ ئەركەك سىرتقا چىقالمايمىز. چۈنكى يىغىلىپ كەتكەن ئىشلارنى ۋاقتىدا قىلىۋالمىسام بولمايدۇ. شۇڭا مەن ئۆينىڭ ئىشىنى قىلىمەن، بالىلار تالادا ئوينايدۇ. بالىلىرىم تالادا ئويناۋېتىپ پات - پات خۇددى بىر نېمىسىنى يىتتۈرۈپ قويۇپ ئىزدىگەندەك قىلىپ ئۆيگە كىرىدۇ. بىلىپ تۇرىمەن، ئۇلار ئاپىسىنى ئىزدەپ كىرىۋاتىدۇ، بۇنداق چاغدا كۆڭلۈم بۇزۇلۇپ قالىدۇ.
كۈنلەر شۇ تەرىقىدە ئۆتۈپ، بىر يىل بولغاندا ھەقىقەتەن چىدىمىدىم. ئويلا - ئويلا ئاخىر توختا، مەن زادى خوتۇنۇمغا گەپ ئۆتكۈزەلەمدىمەن - يوق؟ مەنمۇ بىر ئەركەك بولغاندىكىن ئۇنىڭغا، تەتىلىڭگىمۇ بىر ئايدەكلا ۋاقىت قالدى، بىر نەچچە كۈن بالدۇرراق قايتىپ كەل! دەپ بۇيرۇق قىلىپ ۋارقىراپ باقايچۇ، تەتىلدە قايتماي، تىل ئۆگىنەيمىكىن دەيدا تېخى، تېلېفوندا بەرىبىر مەن بىلەن ئۇرۇشالمىغاندىكىن قورقۇشۇم يوققۇ، ئەگەر قايتىپ كەلمەيمەن دېسە، خېتىڭنى بېرىمەن دەپ قورقۇتۇپ قوياي، دېگەن خىياللار بىلەن تېلېفوننىڭ يېنىغا باردىم. ئەمما تېلېفون قېشىغا كېلىپلا دەيدىغان سۆزۈمنى ئۇنتۇپ پۈتۈن جىسمىم دىر - دىر تىترىگىلى تۇردى. شۇنىڭ بىلەن توختا توختاخۇن، ئاۋۋال يۈرىكىڭنى توختىتىۋال، ئاندىن گەپ قىلساڭمۇ ئۈلگۈرىسەن دېدىم - دە، ئىشكاپتىكى تىقىشتۇرۇپ ساقلاپ يۈرگەن ھارىقىمنى ئېلىپ، دېمەكچى بولغان سۆزلىرىمنى قايتا - قايتا يادلىغاچ ئۈچ رومكا قېقىۋالدىم، ئاندىن راۋۇرۇس ئولتۇرۇۋېلىپ تېلېفوننى ئالدىرىماي قولۇمغا ئالدىم - دە، ئايالىمنىڭ يانفون نومۇرىنى باستىم:
−− ۋەي! بىزنىڭ خوتۇن بارما؟ −− ئايالىم مېنىڭ بۇنداق ھۆكۈمران تەلەپپۇزدا گەپ قىلغىنىمنى تۇنجى قېتىم ئاڭلاپ ئېسىنى يوقاتقان چېغى، تۇرۇپكىدا سادا يوق، قاتتىق خۇش بولۇپ كەتتىم. ئاللا، ئاللا، ئەسلىي ئۇ مەندىن چۆچۈيدىكەن ئەمەسمۇ. نېمىشقا بۇرۇنراق شۇنداق ۋارقىراپ ئۇنى قورقۇتۇپ باقمىغان بولغىيتتىم؟ ئۆزۈمچە روھلاندىم - دە، تېخىمۇ قاتتىقراق ۋارقىرىدىم:
−− ھەي! ئاغزىڭدا تاڭگازا بارمۇ سېنىڭ؟ ئەجەب زۇۋانىڭ ئۆچۈپ قاپتۇغۇ بۈگۈن! تېزرەك قايتىپ كەلسەڭ بولغۇدەك، ھېلىمۇ بىر يىلدىن بۇيان، بالىلار بىلەن ئىتنىڭ كۈنىنى كۆردۇق بىز، خوتۇنۇڭ يوقمۇ دېسە باردەك، بارمۇ دېسە يوقتەك، نېمە كۈن بۇ بىزگە، ئەگەر بۇ تەتىلدە قايتىپ كەلمەيدىغان بولساڭ...
−− ھە نېمە قىلماقچى قايتىپ بارمىسام؟ −− ئايالىم ئاخىر گەپ قىلدى، بوش ئېيتىلغان ئاشۇ تۆت ئېغىز سۆز ماڭا ئۇنىڭ چىشىنىڭ يېرىقىدىن سوزۇلۇپ تەستە چىققاندەك ئاڭلىنىپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن يەنىمۇ روھلىنىپ:
−− ئەگەر قايتىپ كەلمەيدىغان بولساڭ، كۆرىدىغىنىڭ بار! −− دېدىم ۋارقىراپ. ئەسلىي مەنمۇ ھۆركىرىسەم ئاۋازىم شىرنىڭ ئاۋازىدەك دەھشەتلىك چىقىدىكەن ئەمەسمۇ. ھەي ئىسىت! بۇرۇن نەدە بېسىلىپ قالغان بولغىيتتى بۇ ئاۋازىم؟
−− خېتىمنى پوچتىدىن ئەۋەتىپ بېرىپ، مېنى قويۇۋەت! −− ئايالىمنىڭ ئاۋازى مېنىڭ ئاۋازىمدىن ئىككى ھەسسە قاتتىق ھەم كۈچلۈك چىقتى. ئۇنىڭ تۇرۇپكىنى يېرىۋەتكۈدەك قاتتىق ئاۋازىدىن چۆچۈپ كېتىپ، ئىختىيارسىز تۇرۇپكىنى تاشلاپ بىر بۇلۇڭغا بىرىۋالدىم. تۇرۇپكىدىن ئۈزۈلمەي چىقىۋاتقان چاڭ - چاڭ ئاۋاز ئۆينىڭ بۇلۇڭ - بۇلۇڭىغا تەكشى تارىماقتا ئىدى.
−− ھۇيت توختاخۇن! مەن يوق بۇ بىر يىلدا زۇۋانىڭ ئوبدانلا ئېچىلىپ قاپتۇمۇ نېمە؟ باياتىن بېرى ياتاقتا قىزلارنى بار دەپ يۈزۈڭنى قىلسام، ئەجەب ئوتۇنچىدەك سەت ۋارقىرايسىنا، يېقىن كېلىپ تۇرۇپكىنى قولۇڭغا ئالە بىر، ئەمدى گېپىم بار ساڭا! −− يائاللا، بۇ خوتۇننىڭ جىنى بارمۇ نېمە بۇ ئۆيدە؟ مېنىڭ تۇرۇپكىنى تاشلاپ قاچقىنىمنى قانداق بىلىۋالغاندۇ ئەمدى؟ دېگەنلەرنى ئويلىغاچ ئاستا بېرىپ تۇرۇپكىنى قۇلىقىمغا تۇتتۇم:
−− تۇرۇپكىنى تاشلاپ قاچقىنىمنى قانداق بىلىۋالدىڭ؟
−− بىلمەمدىكىن دېگەنمىدىڭ؟ سەن يۇمشاق بىلەن ئۆي تۇتقىلى ئون يىلچە بولدى. شۇڭا سېنىڭ ئىچى - تېشىڭنى ئېنىق بىلىپ بولغانمەن. قۇلىقىڭنى دىڭ تۇتۇپ ئاڭلا توختەك! مەن ئەسلىي تەتىلدە قايتاي دەپ بىلەتنىمۇ ئېلىپ بولغانىدىم، ئەمدىچۇ قارا قايتمايمەن. بۇ يەردە تەييار تاماق، ئازادە ياتاق، نېمىنى خالىسام شۇنى تاللاپ يەيمەن، قاچان ئۇخلىغۇم كەلسە شۇ چاغدا ئۇ ئەتىنىڭ غېمىنى قىلماي راھەتلىنىپ ئۇخلايمەن. بۇرۇنقىدەك ئەتىگەن تۇرۇپ بىر چەتتىن خىزمەت ئىشلەپ، بىر چەتتىن سەن خەقنىڭ تامىقىنى ئېتىپ، كىرىنى يۇيۇپ چاكاردەك يۈرىدىغان كۈنۈم يوق ھازىر. شۇڭا تەتىلدە قايتماي كۇرسقا قاتنىشىپ تىل ئۆگىنىمەن، قانداق؟ ئىككى يىللىق ئوقۇشۇم توشسا، يەنە بىر يىل ئۇزارتىپ ئوقۇيمىكىن دەيمەن تېخى. سەنمۇ ئۆي تۇتۇپ كۆرۈپ باق!... −− ئۇنىڭ بۇ مېھىرسىز گەپلىرىنى ئاڭلاپ ئۆزۈمنى تۇتالمىدىم. لەۋلىرىم قىرتاق بىر ھۆللۈك بىلەن نەملەندى. مەن كۆز ياشلىرىمنى ئەلەم بىلەن سۈرتۈۋېتىپ ئۇنىڭ بىلەن رەسمىيلا جاڭجاللاشتىم:
−− نېمە قىلساڭ قىل، سەن بىلەن تەڭ بولالمىغۇدەكمەن. ئەمما يادىڭدا بولسۇن، شەرىئەتتە ئايال كىشى ئەرنىڭ رازىلىقسىز ئۈچ ئايغىچە ئايرىلىپ تۇرسا، نىكاھ كۈچتىن قالىدىكەن جۇمۇ، جاھىللىق قىلىپ مەندىن ئايرىلىپ قالما يەنە. ھېسابلاپ باقە قېنى، قىشلىق تەتىلدە بالىلار بىلەن سېنى يوقلاپ بېرىپ قايتىپ كەلگىنىمىزگە قانچە ئاي بولدىكىن؟ −− ئايالىمنىڭ كۈلگەن مەسخىرىلىك ئاۋازى بىلەن تەڭ مۇنۇ گەپلىرى قۇلىقىمغا ئۇرۇلدى:
−− ھەي توختى! خېلى يېتىلىپ قاپسەن جۇمۇ، مېنى قورقۇتۇپ كەتكىنىڭ ئىكەندە بۇ ئۆزۈڭچە. توي خېتىمىزچۇ قارا ھېلىقى پۇل سېلىپ قويىدىغان ئىشكاپنىڭ ئاستىنقى تارتمىسىدا، شۇ يەردىن ئېلىپ ئۆزۈڭ قول قويۇۋال! بولدى مەن سېنى قويۇۋەتتىم! −− تىرىڭڭىدە ئارقامغا ئۇچۇپ كەتكىلى قىل قالدىم. ياپىر، نېمىدېگەن يامان خوتۇنغا ئۇچرىغاندىمەن! زادى قانداق قىلسام قورقار بۇ ھازازۇل مەندىن؟ بۇ تۇرقىدا ئېسىلىپ ئۆلۈۋالىمەن دېسەم، ئارقان ئامبار ئۆيدە، نەچچە مېتىر لازىم؟ زەھەر ئىچىپ ئۆلۈۋالىمەن دېسەم، كۆپرەك ئىچەرسەن بۇ كۈندىكى زەھەرلەرنىڭ تازا كۈچى يوق، دېيىشى ئېنىقلا ئوخشايدۇ. توختا، ئايال كىشى دېگەن يۈرەك پارىسى بولغان بالىسىغا چىدىمايدىغان. ئەڭ ئاخىرقى شۇ بىر كوزىرنى ئىشقا سېلىپ باقاي دەپ ئويلاپ، يەنە تېلېفونغا ئېسىلدىم:
−− ھەي مېھرىبان! ئىچىڭ نېمانداق قارىداپ كەتتى سېنىڭ؟ مېنى دېمىسەڭ بوپتۇ، ئاشۇ باغرىڭنى يېرىپ چۈشكەن بالىلارنىغۇ كۆرگۈڭ كەلگەندۇ؟ ئۇلارغا ئىچىڭ ئاغرىمامدۇ؟ بىر يىلچىلاپ ئاپاڭ - داداڭنىمۇ سېغىنمىدىڭمۇ؟ شۇلارنى دەپ بولسىمۇ قايتىپ كەلمەمسەن؟ −− ئايالىم نېمىشقىدۇر جىم بولۇپ قالدى، ياشا توختاخۇن! تازا يامان يېرىدىن تۇتۇۋالغان ئوخشايسەن، شۇ يېرىگە چىڭ ياماش ئەمدى، قويۇپ بەرمىسەڭلا ماقۇل، مەن قايتىپ باراي، دەيدۇ چوقۇم. ئىشەنچ بىلەن ھىجاراپ تۇرغىنىمدا، تېلېفون تۇرۇپكىسىدىن ئايالىمنىڭ مۇنۇ بۇيرۇقلىرى كەلدى:
−− قۇلاقنى دېڭ تۇتۇپ ئاڭلا توختەك! بىرىنچىدىن، گەرچە ئالدىڭغا بالا كۆتۈرۈپ بارمىغان بولساممۇ، لېكىن ئۇلار مېنىڭمۇ، شۇنداقلا سېنىڭمۇ بالىلىرىڭ. شۇڭا مەن ئۆيدە بولالمىغان چاغلاردا، سېنىڭمۇ ئۇلارنى بېقىش قەرزىڭ بار. ئىككىنچىدىن، مەن ئوقۇشقا مېڭىش ئالدىدا ھەر ئىككى قوزامنى تارازىغا سېلىپ ئۆلچەپ قويۇپ كەلگەن، ئۇلارنىڭ ئېغىرلىقى كاللامدا مىللىگىرامغىچە ئېنىق. مەن قايتىپ بارغۇچە شۇ ئېغىرلىقىدىن ئېشىشىغا رۇخسەتكى، بىر گىرام ئورۇقلاپ قالىدىغان بولسا كۆرىدىغان كۈنۈڭ بار تېخى.
−− ۋەي! ۋەي!! ۋەي!!!... −− ئاغزىمدا كۆپۈك، قۇلىقىمغا ئوزۇم ۋارقىرىغان ۋەي - ۋەيدىن باشقا سادا كىرمىدى. كاللام گاراڭ، كۆز ئالدىم قاپقاراڭغۇ. سەل ئېسىمگە كەلگەن بىر چاغدا:
−− ھەي، ئۆيدە قايسىڭلار بار بالىلىرىم؟ مېنى يۆلىسەڭلارچۇ! −− دېدىم جانسىز ئىڭراپ. شۇ تاپتا مەندە شۇنداق بىر كۈچ بولغان بولسا، بۇ بىشەمنىڭ بوينىغا رايىشلىقنىڭ ئەبەدىيلىك تۇمارىنى پۈتۈپ ئېسىپ قويغۇم، »ۋېناس« دېگەن ئايالنىڭ سېھىرلىك تەبەسسۇمىنى زەھەر تامچىۋېرىپ چاك - چاك يېرىلىپ كەتكەن ئاشۇ لەۋلىرىگە لەۋسۇرۇخ ئورنىدا سۈركەپ قويغۇم، چىرايلىق قارايدىغان كۆزلەرنىڭ ئەۋرىشكىسىنى تېپىپ، كۆزلىرىگە دورا سۇيۇقلۇقى ئورنىدا تېمىتىپ قويغۇم كېلىپ كەتتى. بىراق مەندە بۇنداق كاتتا ماھارەت نېمىش قىلسۇن؟ ئۇنى قورقۇتالمىغاننى ئاز دەپ، ئۆزۈمگە بىر يىل يەتكۈدەك كۆڭۈل ئاچچىقى تېپىۋالدىم. شۇنىڭدىن كېيىن ئايالىمغا باتناپ بىر نەچچە كۈنلەر تېلېفون قىلمىدىم، ئۇنىڭ قىلغان تېلېفونلىرىنىمۇ قوبۇل قىلماي قويدۇم.
ھېيتقا بىر ھەپتە قالغان چاغدا ئايالىم تولىمۇ جىددىي تەلەپپۇزدا ئۆينى قېقىشتۇرغان - قېقىشتۇرمىغانلىقىمنى، يوتقان - كۆرپىلەرنى ئاپتاپقا سالغان - سالمىغانلىقىمنى سۈرۈشتۈرۈۋېدى، جىددىيلىشىپلا قالدىم. چۈنكى مەن خىزمەت، ئۆي، بالىلار بىلەن ئالدىراش يۈرۈپ، بۇ ئىشلارنى خىيالمۇ قىلمىغان ئىدىم. دېمەك، ئۇ تەتىلدە قايتىپ كېلىدىكەن. مەكتەپتىن بىر نەچچە كۈنلۈك رۇخسەت سورىسام بەرمەي قويدى، ئاخىر بولماي ئاغرىپ قالدىم، دەپ كېسەللىك ئىسپاتىنى ئاپىرىپ تاشلاپ بېرىپ، ئۇ كەلگىچە ئىشىك - دېرىزىلەرنى سۈرتۈپ پارقىرىتىپ، پوللارنى يۇيۇپ سۈپۈرۈپ ئۆي دېگەننى پاك - پاكىز قىلىپ تۇردۇم. ئۇ قايتىپ كەلدى. ئۈچ كۈن ھېيتتا ئۆيدىن چىقماي، قىيىنئاتا - قېيىنئانا، قېيىنئاكا - يەڭگىلەرنى كۈتتۈم. ھەتتاكى قېيىنئىنى، قېيىنسىڭىللار كەلسىمۇ ئىشىك ئالدىدا تۇرۇپ ھۆرمىتى بىلەن چىرايلىقچە ئۆيگە باشلاپ، ئۇلارنى ئۆز يارىشىقىدا ئۇزاتتىم. ئايالىمنى ئۆگىنىشكە كېتىپ بارالماي قالغان توي - تۆكۈن، چاي - پايلىرىنى مۇشۇ پۇرسەتتە تولۇقلىۋالسۇن دەپ، ئىككى بالىغا ئوبدان قاراپ، ئۆينى بېقىپ ئولتۇردۇم. شۇنىڭ بىلەن ئۇمۇ خۇش بولۇپ قالدى ھەم ئارامىمنى بۇزمىدى. مەنمۇ سىرتقا چىقالمىغىنىم بىلەن ئايالىم ھەم بالىلىرىمغا قوشۇلۇپ كۆڭۈللۈك ھېيت ئۆتكۈزگىنىمگە خۇشال بولدۇم.
بىر ئۆينىڭ پۈتۈن يۈكىنى ئۆز زىممىسىگە ئالغان ئەرگە نىسبەتەن ئىككى يىل ھەقىقەتەن ئۇزاق ۋاقىتكەن. بىر تەرەپتىن خىزمەت، يەنە بىر تەرەپتىن ئىككى بالىنىڭ تۇرمۇشى ھەم ئوقۇشىغا قوشۇلۇپ ئۆينىڭ تۈگىمەس ئىشلىرى مېنى ھەقىقەتەن ھاردۇرۇۋەتكەنىدى. كەچلىرى تاماقنى يەپلا ھارغىنىمدىن ئورۇن سېلىشقىمۇ ئۈلگۈرمەي، پوكلا چۈشۈپ ئۇخلاپ قالاتتىم. ئىككى بالام تاپشۇرۇقلىرىنى ئۆزى ئىشلەپ، كارتون فىلىملەرنى قانغۇچە كۆرۈپ، ھارغان چاغلىرىدا ئاندىن ئۇخلاپ قالاتتى. قاچانلاردا ئۇخلاپ قالغىنىنى بىلمەيتتىم، يېرىم كېچىلەردە تۇيۇقسىزلا ئۈندەرەپ چۆچۈپ ئويغىنىپ قارىسام، چوڭ بالام كىچىك بالامنىڭ پۇتىنى ياستۇق قىلغان، كىچىك بالام ئاكىسىنىڭ ئىككى پۇتىنىڭ ئارىسىغا بېشىنى تىقىۋالغان پېتى ئۇخلاپ قالغان، تېلېۋىزور ئۆزىگە - ئۆزى سۆزلەپ ئوچۇق تۇرغان بولاتتى. ئېرىنچەكلىك بىلەن تۇرۇپ ئۇلارنىڭ ئورنىنى سېلىپ، ئۆز جايىغا كۆتۈرۈپ ئېلىپ ياتقۇزۇپ، ئۈستىگە يوتقان يېپىپ قويۇپ يەنە ئۇخلايتتىم. مۇشۇنداق چاغلاردا بارلىق ئۇۋالچىلىقنىڭ مۇشۇ ئىككى بالىغا بولۇۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپ، ئىككى بالىنى تاشلاپ ئوقۇشقا كەتكەن ئاشۇ خوتۇننى، ئاندىن قالسا ئۆزىنىلا ئويلاپ خوتۇنىنى ئوقۇشقا ئەۋەتىۋەتكەن مەندەك يۇمشاقنى بولۇشىغا تىللايتتىم، بىراق ھەممە دەردىم تۇرخۇنغا قاپسىلىپ قالغان ئىستەك ئىچىمدىلا قالاتتى.
مانا بۇ ئىككى يىل، مۇشۇنداق قايغۇ - ئەلەم بىلەن ئۆتمەكتە ئىدى. ئەتە يېڭى يىل دېگەن كۈنى چۈشتىن كېيىن مەكتەپتىن پائالىيەت قىلىپ بەرمەكچى بولدى. دېمىسىمۇ بىر مەۋسۇم ئىشلەپ چارچىغان ئىدۇق. شۇڭا چۈشتە ئىككى بالامنى چوڭلارنىڭ قېشىغا ئاپىرىپ ئورۇنلاشتۇرۇپ قويدۇم - دە، خاتىرجەم ھالدا ئەرلىك روھىڭنى بىر نامايان قىلىۋال توختاخۇن، دەپ ناھايىتى خۇشال كەيىياتتا سورۇنغا باردىم. چۈشتىن كېيىندىن باشلاپ تاكى كەچ كىرگىچە ئولتۇرۇپ قانغۇدەك ئىچىشىپتۇق. ئۇ كۈنى مەن تازا ئىچىپتىمەن، ئېچىلىپ ئولتۇرۇپ ئىچىپ، يېيىلىپ ئولتۇرۇپ چېكىپ ئۆزۈمنى قويۇپلىۋېتىپتىمەن، ناخشىمۇ ئېيتىپتىمەن، ئۇسسۇلمۇ ئويناپتىمەن، تانسىنىمۇ قولدىن بەرمەپتىمەن. بۈگۈنكى بۇ سورۇندا ئالدىنقى يىللاردىكىدەك مېنى باشقۇرۇپ ئولتۇرىدىغان خوتۇنۇم بولمىغاچقا، پۇخادىن چىققۇدەك بىر خۇش بوپتىمەنغۇ تازا. تارىمايدىغان سورۇن يوق دەپ، چۈشتە كىرىۋالغان ئادەملەر كېچە سائەت 12يېرىمدا ئاران چاپلىشىپ قالغان جايىمىزدىن ئاجرىدۇق. خىزمەتداشلىرىم بىلەن خوشلاشقاندىن كېيىن، ئۆز ئۆيۈم تەرەپكە قاراپ يول ئالدىم. شامالغا چىقىشىمغا ھاراقمۇ ئوبدانلا تۇتۇپتۇ. يولدا مۈدۈرۈلۈپ - سەندۈرۈلۈپ دېگۈدەك كېتىپ بارىمەن، ئەتراپ جاڭ - جاڭ سوغۇق. ماڭسام ئايىغىم ئاستىدىكى قېلىن قار غاچ - غۇچ قىلىپ، بىر خىل رىتىملىك غاچىلدايدۇ. يول بويىدىكى خىرە چىراغ نۇرىدا، لەپىلدەپ چۈشۈۋاتقان يۇمشاق قار ئۇچقۇنلىرى بىردەمدىلا ئۇستبېشىمنى ئاق لىباسقا پۈركەپ بوپتۇ. سەل - پەل سەگىگەندەك قىلىۋاتىمەن، بىر نەرسىلەرنى ئويلاپ مېڭىۋاتىمەن... مەن مۇشۇ ئىككى يىلنى ئىككى بالام بىلەن تەنھا ئۆتكۈزۈۋاتىمەن ھە!؟ مەندەك مۇشۇنداق جەسۇر ئەردىن يەنە بارمىدۇ بۇ دۇنيادا؟ ئەگەر بولسا يەنە قانچىسى باردۇ؟ بۇ ساراڭ خوتۇن مېنىڭ مۇشۇ ئىككى يىللىق دەردلىرىمنى بىلەمدىغاندۇ؟ ھەي بىلمەيدۇ جۇمۇ، ئۇ قاچان بىر سىز بەك ياخشى جۇمۇ توختەم، دەپ مەندىن رازى بولۇپ باققان؟ توغرا، ھازىر تېلېفون قىلىپ مۇشۇ ئىشلارنى دەپ، قورساقنى بوشىتىۋېلىش كېرەك. ئۇ ھەرقاچان شۇ تاپتا ئىسسىق ياتاقتا غېمىدا يوق ئۇخلاۋاتقاندۇ تايىنلىق. مەن يانفونۇمنى قولۇمغا ئالدىم - دە، يول بويىدىكى بىر تۈپ يوغان دەرەخكە يۆلىنىپ تۇرۇپ، تىترەپ تۇرغان بىگىز قولۇم بىلەن ئۇنىڭ نومۇرىنى بېسىشقا باشلىدىم.
−− ۋە... ي! −− دېدىم مەن مەستلىكتە خېلى يۇقىرى چىقىۋاتقان ئاۋازىمنى سوزۇپ تۇرۇپ.
−− ھە، تىنچلىقمۇ، كىمۇ سىز؟ −− قارشى تەرەپتىن خوتۇنۇمنىڭ ئۇيقۇسىرىغان، تاتلىققىنە ئاۋازى كەلدى. مانا قارا، بۇ جاۋىلداق دۇنيادىن بىخەۋەر ئۇخلاۋېتىپتۇ ئەمەسمۇ؟ مەن سوغۇق قاردا، كېچىدە تالادا قالاي، ئۇ ئىسسىق يوتقاندا تولغىنىپ يېتىپ خاتىرجەم ئۇخلىسۇن، ھەي تەڭشەلمىگەن جاھان - دە بۇ!
−− ھە، نەدە سەن؟ −− مەن ئاچچىق ئەلەم بىلەن ئۇنىڭدىن سورىدىم.
−− مەن ئۆيدىغۇ! −− خوتۇنۇمنىڭ جاۋابىدىن بىر خىل ھەيرانلىق چىقىپ تۇراتتى.
−− نېمە، ئۆيدە دەمسەن؟ −− مەن تېخىمۇ ھەيران بولۇپ سورىدىم ، −− سەن ئۈرۈمچىدە ئۆي تۇتۇۋالدىڭما؟
−− نېمىلەرنى دەپ جۆيلۈپ يۈرىسىز؟ −− خوتۇنۇم مەندىن ئۆتە ھەيرانلىق بىلەن مەندىن ياندۇرۇپ سورىدى، −− ئۆزىڭىز كىم زادى؟
−− كىمكىن دەپ ئويلاپ قالدىڭ؟ مەن سېنىڭ ئېرىڭ!
−− ۋاي، قايسى ئېرىمسىز؟
جۇدۇنۇم تۇتتى. زەردەم قايناپ يانفونۇمنى يەۋەتكۈدەك بولۇپ كەتتىم - دە:
−− ئادەم ئەخمەق قىلىشنى توختات! سېنىڭ مەندىن باشقا يەنە قايسى ئېرىڭ بار ئىدى ھەي گالۋاڭ!؟ راست گېپىڭنى قىلە بىر، سەن زادى كىمنىڭ ئۆيىدە قوندۇڭ؟ −− دەپ ۋارقىرىدىم.
−− ئۆزۈمنىڭ ئۆيىدە دېدىمغۇ ساراڭ! −− ئەمدى خوتۇنۇم ماڭا ۋارقىرىدى، −− كىم سىزنىڭ خوتۇنىڭىزكەن، تېلېفوننى خاتا ئۇرۇۋاپسىزمۇ نېمە؟ نومۇرغا ياخشىراق قاراپ بېقىڭە بىر! −− مەن تېڭىرقاپ قالدىم. خاتا بولۇشى مۇمكىنمۇ؟ مەن خاتا ئۇرۇلۇپ قالمىسۇن دەپ نومۇرنى ئەستايىدىل باسقان تۇرسام، يەنە كېلىپ بۇ ئاۋازمۇ مەن دۇنيادا ئاڭلاشتىن ئەڭ قورقىدىغان ھېلىقى ياۋۇز ئاۋازنىڭ دەل ئۆزى تۇرسا، بۇ نېمە ئىش بولۇپ كەتتى ئەمدى؟ مەن شۇ زامات يانفونۇمنى قۇلىقىمدىن يۇلۇپ ئالدىم - دە، نومۇرغا يەنە بىر رەت سىنچىلاپ قارىۋەتتىم. دەلمۇدەل مۇشۇ نومۇر، قىلچە خاتاسى يوق! بۇ بىشەم شۇ تاپتا چوقۇم باشقا يەردىكەن. بۇ خوتۇننىڭ ئايىغى چىقىپ، چوڭ شەھەرنىڭ ھاۋاسىدا بۇزۇلدىمۇ نېمە ئەمدى! تەتىللەردە ئۆيگە قايتىپ كەلگۈسى كەلمەس بولۇپ قالغىنى بىكار ئەمەسكەندە، بولمىسا بۇ چاققىچە مېنى تالاپ بىر قىلىۋەتمەمتى دېگەنلەرنى ئويلاپ، مېڭەم زىڭىلداپ ئاغرىپ، جۇدۇنۇم تېخىمۇ ئۆرلىدى - دە، تېلېفوننى يەنە قۇلاققا تۇتۇپ ئۇنىڭغا ئەسەبىيلىك بىلەن ۋارقىرىدىم:
−− مېنى ئەمدى كولدۇرلاتما مېھرىبان، سەن مېنىڭ خوتۇنۇم شۇ، مەن نومۇرغا قارىدىم، ئەمما سەن خاتا ئۇرۇۋاپسىز دەۋاتىسەن، ماقۇل، مەن خاتا ئۇرۇۋالغانمۇ بولاي. مەن بىر چەتتىن خىزمەت ئىشلەپ، بىر چەتتىن ئۆينىڭ ھاجىتىدىن چىقىپ، سېنى خاتىرجەم ئوقۇپ كەلسۇن دەپ ئىككى بالىغا يوقلۇقۇڭنى بىلىندۈرمەي، ئۇلارنى بېقىپ ئولتۇراي. سەن ئوقۇيمەن دەپ چوڭ شەھەرگە بېرىۋېلىپ، بىز بىلەن كارىڭ يوق تاماشا قىلىپ، مۇشۇنداق ئۇدۇل كەلگەن يەردە قونۇپ يۈر. مانا ئەمدى ئېرىڭنىمۇ تونۇمايدىغان بولۇپ كېتىپسەن، شۇ تاپتا بالىلىرىڭمۇ يادىڭدا يوقتۇ ھەرقاچان؟ تېلېفون قىلسام خاتا ئۇرۇپسىز دەيسەن تېخى! بولدى، بۇ ئۆيگە قايتىپتۇ كەلمە ئەمدى، سېنى ھازىردىن باشلاپ ئۈچ تالاق قىلىۋەتتىم! ساڭا ھۆ بولدۇم! ئاڭلىدىڭمۇ !!...
باش دېگەن قاپاقنىڭ ئۆزى بولدى، ماڭاي دېسەم ئىككى پۇتۇم يۆتكەلمەيدۇ. توۋا، مەن توختاخۇن توختاخۇن بولۇپ ئۇنىڭ ئۈچۈن، مۇشۇ ئىككى بالام ئۈچۈن نېمە ئىشلارنى قىلمىدىم ھە؟ ئەمدىكى جاۋاب شۇ بولدىمۇ؟ ئۇ مېنى تونۇيالمايۋاتىدۇ، ئاۋازىمنىمۇ ئۇنتۇپ كېتىپتۇ، تەپتارتماي مەن ئۆزۈمنىڭ ئۆيىدە دېيىشلىرىچۇ تېخى. مەيدىسىدە ئەركەك تۈكى بار، ۋىجدانلىق بىر ئەر مۇشۇنداق ئاھانەتكە چىدامدۇ؟ مەن ئويلىغانسېرى ساراڭنىڭ ئۆزى بولدۇم. قاچانلاردا ئۆيگە قايتىپ كەلگىنىمنىمۇ بىلمەيمەن، ئۆيگە كىرىپ كىيىمىمنىمۇ سالماي گىلەمدىلا يېتىپ ئۇخلاپ قاپتىمەن. بىر چاغلاردا ئۇيقۇغا قانغاندەك بولۇپ كۆزۈمنى ئاچتىم. قارىسام تالا يورۇپ، ئۆيگە كۈن نۇرى چۈشۈپ تۇرۇپتۇ. ئورنۇمدىن تەستىرەك تۇردۇم، باش دېگەن زىڭىلداۋاتىدۇ، نېمىدېگەن ئىچكەن ھوي! بىكارلىق دېسە شۇنچە يېگەن - ئىچكەنمۇ بارمۇ؟ راست، ئاخشام سورۇندىن قايتىپ خوتۇنغا تېلېفون قىلغاندەك قىلىۋېدىم، نېمىلەر دېيىشكەندىمەن ئەمدى؟ ھە توغرا، سىز قايسى ئېرىم؟ سىزنى تونۇمايمەن، سىز خاتا ئۇرۇۋاپسىز... دېگەندەك بىر گەپلەرنى قىلىۋېدى، قېنى قاراپ باقايچۇ تېلېفونغا، ئۇمۇ ئاخشام بىر يەرلەردە يېڭى يىل ئۆتكۈزۈپ يۈردىمۇ يا؟ دېگەندەك خىياللار بىلەن يانچۇقلىرىمنى ئاختۇرۇپ يۈرۈپ ئوغرى ئېلىۋالسىمۇ، ئالغىنىغا پۇشايمان قىلىپ قايتۇرۇپ بەرگۈدەك كونىراپ كەتكەن يانفۇنۇمنى تاپتىم - دە، نومۇرغا سەپسېلىشقا باشلىدىم. نومۇرغا قاراپ تۇيۇقسىز ئاپلا دەۋەتتىم، توۋا، مەن ساراڭ كىمگە تېلېفون قىلىپ يۈردۈم ئاخشام؟ ۋاڭ ئۆلەي، ماۋۇ سەتچىلىكنى كۆرۈڭ ئەمدى. ئاخشامقى غۇۋا ئېسىمدە قالغان ئىشلارنى، دېگەن گەپلىرىمنى قايتىدىن ئويلاپ ئۆزۈمچە چۆچۈپ قالدىم.
بىر كۈن يىڭنە يۇتۇۋالغاندەك تولغىنىپ يۈردۈم. ئەمدى ھېلىقى خوتۇنغا تېلېفون قىلىپ ئاخشامقى سەتچىلىكنى چۈشەندۈرۈپ قويۇش كېرەكمۇ قانداق؟ يا چاتىقىم بولماي قۇلىقىمنى يوپۇرۇپلا ئۆتكۈزۈۋېتەيمۇ؟ توختا توختاخۇن، يەنىلا تېلېفون قىلىپ چۈشەندۈرۈپ قويغىنىڭ تۈزۈكتەك تۇرىدۇ. ئويلىمامسەن؟ ئۇ ئايال ئاخشام ئۆيىدە ئۆزى يالغۇز بولسىغۇ مەيلى، ناۋادا مەن تېلېفون قىلغان چاغدا يېنىدا ئېرى بولسىچۇ؟ يېرىم كېچىدە، بىر مەست ئەر باشقا بىرىنىڭ نىكاھىدىكى خوتۇنغا ياق دېگىنىگە ئۇنىماي، سەن مېنىڭ خوتۇنۇم، دەپ تېلېفون قىلىپ ئارام بەرمىسە، ئۇنىڭ جىگەرلىك ئېرى ئاشۇ خوتۇننى چانىشى ياكى بوغۇشى تۇرغانلا گەپقۇ! ھەممىلا ئەر سەن توختاخۇندەك يۇمشاق ئەمەستە. ئويلىغانسېرى كاللام قالايمىقانلاشقىلى تۇردى. ئاخشامقى تېلېفوننى ئالغان بىچارە ئايالنىڭ ئېرى تەرىپىدىن كېچىچە دۇمبالىنىپ چالا ئۆلۈك قىلىنغان، ئۆينى قىيا - چىيا باسقان، ئۇششاق بالىلىرىنىڭ بىچارە ئانىسىغا ئۆزىنى تاشلاپ يىغا - زار قىلىشىۋاتقان كۆرۈنۈشى كۆز ئالدىمغا كەلدى - دە، بېشىمغا نېمە كەلسە شۇنى كۆرەي دەپ، شۇ زامات ئاخشامقى خاتا بېسىلغان لەنىتى نومۇرنى باستىم. كاللامدا پەقەت توغرا چۈشەندۈرۈپ، تېگىشلىك بولمىغان بىر مەيدان كېلىشمەسلىكنىڭ ئالدىنى ۋاقتىدا ئېلىشتىن ئىبارەت بىرلا ئۇقۇم بار ئىدى. تېلېفون ئۇلاندى. مەن يۈرىكىم دۈپۈلدىگەن ھالدا ناھايىتى پەس ھەم مۇلايىم ئاۋازدا قارشى تەرەپكە سالام قىلدىم:
−− ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! ياخشىمۇسىز؟
−− ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، ياخشىغۇ، مەستلىكىڭىز يېشىلىپتۇمۇ؟ −− ئاخشام تېلېفونۇمنى ئالغان »خوتۇنۇم« يېقىملىق ھەم سىلىق ئاۋازى بىلەن خۇددى ھېچ ئىش يۈز بەرمىگەندەك مۇلايىم بىر ھالەتتە جاۋاب سالام قايتۇردى. شۈكرى، دەپ ئۇلۇغ بىر تىنىۋالدىم. قارىغاندا ئاخشام ئۇ ئۆيدە جەڭ بولمىغان ئوخشايدۇ.
−− ماڭا قاراڭ، ئاخشام بەكلا سەت بىر ئىش قىلىپ قويۇپتىمەن، خوتۇنۇمغا تېلېفون قىلدىم دەپ بىر ساننى خاتا بېسىپ قويۇش بىلەن سىزگە تېلېفون قىلىپ ساپتىمەن. يەنە كېلىپ ئاۋازىڭىزمۇ ئايالىمنىڭ ئاۋازىغا بەكلا ئوخشايدىكەن. شۇڭا ئىل−غا قىلالماي سىزنى خوتۇنۇم دەپ كىرىشىپلا قالغان ئوخشايمەن، سىزمۇ يا مەن پالانچى دەپ ئېنىقراق ئېيتماپسىز. شۇنداقتىمۇ سىزدىن تۆۋەنچىلىك بىلەن ئەپۇ سورايمەن، كەچۈرۈڭ، −− دېدىم - دە، يېنىكلەپلا قالدىم. ئۇ ئايال يېقىملىق ئاۋازدا تۆۋەندىكى گەپلەرنى قىلدى:
−− ھېچقىسى يوق، ئاخشام بەك مەست بولۇپ كەتكەندەك قىلىسىز. ئۇنىڭ ئۈستىگە سىزنىڭ ئايالىڭىز ئىككى يىللىق ئۆگىنىشكە كېتىپتىكەن، ئىككى بالا بىلەن قاپسىز، شۇڭا ئايالىڭىزنى سېغىنىپ تېلېفون ئۇرۇپتىكەنسىز، ئۇرغان تېلېفونىڭىز ئايالىڭىزغا ئەمەس، ماڭا ئۇلىنىپ قاپتۇ. ئەرلەر ئىچىۋالغاندا ئايالىنى سېغىنىپ قالىدۇ، شۇنداقمۇ؟
−− بۇ ئىشلارنى سىز قانداق بىلىسىز؟−− مەن جىددىلىشىپ سورىدىم.
−− ئاخشامقى خاپىچىلىقىڭىزدا دەردىڭىزنىڭ ھەممىسىنى بىراقلا تۆكۈۋەتتىڭىزغۇ ئۆزىڭىز. شۇنىڭدىن بىلىۋالدىم، بولمىسا مەن نەدىن ئۇقىمەن بۇنچىۋالا دەردىڭىزنى.
−− تازا سەتلىشىپتىمەندە ئالدىڭىزدا، ئاخشام ئۆيدە يولدىشىڭىز يوقمىدى؟
−− يولدىشىمنى سوراپ نېمە قىلىسىز؟
−− ئەنسىرەپ قالدىم، مېنىڭ سەۋەبىمدىن ئائىلەڭلەرگە دەز كەتمىسۇن دەيمىنا؟
−− ئۇ مېنى تېلېفون قىلغۇچى بىلەن ياشا ئەمدى، دەپ ئاخشاملا ئۆيدىن چىقىرىۋەتتى. شۇڭا سىزنى ئىزدەي دەپ تۇرغانتىم تېخى، ئەمدى مەن قانداق قىلىمەن؟
−− نېمە؟ چىقىرىۋەتتى؟ −− مەن ئۇجۇقۇپلا كەتتىم. زۇۋانىم ئۆچۈپلا قالدى. بىرئازدىن كېيىن تېلېفوندىن تاتلىققىنا كۈلكە ئاڭلاندى:
−− چاقچاق قىلىپ قويدۇم سىزگە، ئەنسىرەپ كەتمىسىڭىزمۇ بولىدۇ، مەن ئاجرىشىپ كەتكەن! −− ۋاھ، ۋاھ، ۋاھ، توختاخۇن، سەن بەزىدە بەك ئ−امەتلىك جۇمۇ. ئ−ۇ ت−ەنھا ئىكەن ئەمەسمۇ، ئەمدى ئەنسىرىشىڭنىڭمۇ ھاجىتى قالماپتۇ، خاتىرجەم ئىشىڭنى قىلىۋەر، ياراتقۇچى يەنە بىر قېتىم يۆلەپتۇ سېنى! ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ تۇيۇقسىز خۇشاللىققا ئېرىشكەن كىشىدەك سەكرىۋەتتىم.
−− ماقۇل ئەمىسە، ۋاقتىڭىزنى ئېلىپ قويدۇم. مەن مۇشۇ ئىش ئۈچۈن سىزگە تېلېفون قىلغانىدىم. سىزگە خۇشاللىق تىلەيمەن، خۇش! −− ئۇنىڭ جاۋابىنىمۇ كۈتمەي تېلېفوننى ئۈزۈۋەتتىم - دە، ئىچ - ئىچىمدىن خۇش بولۇپ، ۋۇجۇدۇمغا شادلىق ياماشقان چاغلىرىمدا ئېيتىدىغان »بىزنىڭ ناخشىمىز«نى دېمىقىمدا ئېيتىشقا باشلىدىم. مانا بۇ مەسىلىمۇ ئوڭۇشلۇق ھەل بولدى.
ئاشۇ ئىشتىن كېيىن ئارىدىن بىر ئايچە ۋاقىت ئۆتۈپ بىر كۈنى ئىشخانىدا ئالدىراش ماتېرىيال رەتلەۋاتسام، تۇيۇقسىز يانفونۇم سايراپ كەتتى. ئەستا، كىمدىن كەلگەن تېلېفون بولغىيتتى بۇ؟ ئادەم بىر قولىنى ئىككى قىلالمايۋاتقاندا، دەپ ئۆز - ئۆزۈمگە غۇدۇڭشۇغىنىمچە تېلېفوننى قۇلىقىمغا تۇتتۇم:
−− ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، گۈزەل كۈنلەر سىزگە يار بولغاي! −− قارشى تەرەپتىن بىر ئايالنىڭ يېقىملىق ھەم زىل ئاۋازى ئاڭلاندى.
−− ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، رەھمەت! −− مەنمۇ سىلىق تەلەپپۇزدا جاۋاب قايتۇردۇم.
−− مېنى تونۇدىڭىزمۇ؟ −− ئايال يېقىملىق كۈلكىسى بىلەن سورىدى، مەنمۇ كۈلۈپ تۇرۇپ جاۋاب بەردىم:
−− ئەلۋەتتە تونۇدۇم، يېڭى يىل كېچىسىدىكى ئۇ ئۇياتچىلىقنى ئاسان ئۇنتۇپ قالغىلى بولمايدۇ - دە.
−− ھەر نېمە بولسا ئېسىڭىزدە باركەنمەن. مەن تېخى مېنى ئۇنتۇپ قالدىمىكىن دەپتىمەن سىزنى؟ −− ئايال شۇ تەرىقىدە مېنىڭ نېمە ئىشلارنى قىلىۋاتقانلىقىمنى، بالىلىرىمنىڭ ئەھۋالىنى، ئايالىمنىڭ قاچان قايتىپ كېلىدىغانلىقىنى، شۇنىڭدەك ئۆزىگە مۇناسىۋەتسىز بولغان بىر تالاي سوئاللارنى سورىدى. مەن ئەدەپ يۈزىسىدىن جاۋاب بېرىۋاتقان بولساممۇ، كاللامدا بۇ ئايال نېمە مەقسەتتە ماڭا تېلېفون قىلىپ قالغاندۇ بۈگۈن؟ دېگەننى ئويلايتتىم. ئاخىر ئايالنىڭ سورايدىغان سوئاللىرى تۈگىگەن چېغى، مەندىن:
−− ئايالىڭىزنى ھازىرمۇ سېغىنىپ تۇرۇۋاتامسىز؟ −− دەپ ئۇدۇللا سوراپ قالدى. بۇ ئەر كىشىنى تۈرلۈك ئويلارغا سۆرەيدىغان ئىككى بىسلىق سوئال ئىدى.
−− تۇيۇقسىز بۇنى سوراپ قالدىڭىزغۇ؟ −− مەن تېڭىرقاش ئىچىدە سوئالغا سوئال بىلەن ئىنكاس قايتۇردۇم.
−− ئەمدى دەيمىنا، −− ئۇ سەل دۇدۇقلاپ قالدى - دە، ئۇلاپلا، −− ئەجەب ماڭا يەنە بىر قېتىم خاتا تېلېفون قىلىپ قويمايسىزغۇ؟ −− دېدى. ئۇنىڭ ئاۋازى بوشقىنا، پىچىرلاپ دېگۈدەك چىقىۋاتاتتى. قەلبىمگە يېنىككىنە بىر تىۋىش ئۇرۇلدى - دە، يۈرىكىم بوشقىنا غىدىقلانغاندەك بولدى. ئايال كىشىنىڭ ئەركىلىشىگە ئاجىز بۇ يۈرەككە ھېسسىياتنىڭ پاختىدىن ياسالغان غايىب ئوقلىرى تەگمەكتە ئىدى. مەن قولۇمدا جىددىي بىر ئىشنىڭ بارلىقىنى، قولۇم بوشىغاندا تېلېفون قىلىدىغانلىقىمنى ئېيتىپ تېلېفوننى بېسىۋەتتىم. شۇنداق قىلىپ بۇ چوكان بىلەن تېلېفوندا ئاشۇنداق تونۇشۇپ قالغان بولدۇم. ئەمما ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈشكە جۈرئەت قىلالمىدىم. نېمىشقىدۇر بۇ ئىشنىڭ كەينىگە بىر سۇيىقەست يوشۇرۇنغاندەك، بۇ ئىشنى نېمىلەرنى ئويلايدىغىنىنى بىلگىلى بولمايدىغان ئاشۇ ئايالىمنىڭ بىر ھىيلىسى ياكى قىلتىقىدەك ھېس قىلاتتىم.
ئايالىم ئاخىر ئىككى يىللىق ئوقۇشىنى ئوڭۇشلۇق تاماملاپ قايتىپ كەلدى. شۇنىڭ بىلەن مېنىڭ ئازادە چاغلىرىم ئاخىرلىشىپ، ئۇ ئوقۇشقا بېرىشتىن ئىلگىرىكى ئەسلىي ھالىتىمگە قايتتىم. ئەمما ئۇنىڭ قايتىپ كەلگىنىگە خۇش بولدۇم. چۈنكى تاماق ئېتىش، كىر يۇيۇش، ئۆي تازىلاش دېگەندەك ئەر كىشىنىڭ قولى تازا كېلىپ كەتمەيدىغان بۇ ئىشلاردىن ئاخىر ئازاد بولدۇم. ئۇ قايتىپ كېلىپلا بەك ئالدىراش بولۇپ كەتتى. كۈندە دېگۈدەك توي - چاي، نەزىر - چىراغ دېگەندەك سورۇنلارغا بارىدۇ، ئۆيگە مېھمان چاقىرىپ كىملەرگىدۇر ئۆزرىخاھلىق ئېيتىدۇ، قوشنا - قولۇملارنىڭ ئۆيلىرىنى يوقلاپ چىقىدۇ. ئۇنىڭ دېيىشىچە ئۇ ئۆگىنىشتە بولغان بۇ ئىككى يىلدا نۇرغۇن ئۇرۇق - تۇغقان، دوست - يارەنلىرىنىڭ تۈرلۈك ئادەمگەرچىلىك سورۇنلىرىدىن قاپتۇمىش، مۇشۇ بىر - ئىككى ئاي ئىچىدە شۇلارنى تولۇقلىۋېتىشى كېرەك ئىكەن. بولمىسا بالىلىرىمىزنى توي - پوي قىلىپ قالساق، ئادەم كەلمەي بىزنى يەرگە قارىتىپ قويارمىش. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوقۇش جەريانىدا چوڭ شەھەرنىڭ ئەرلەرنى باشقۇرۇش ئۇسۇللىرىنى پۇختا ئۆگىنىپ، مېنى باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى يەنە بىر بالداق ئۆستۈرۈپ كەلگەندەك قىلىدۇ. بۇرۇن مېنى ئانچە - مۇنچە »سىز«لەيدىغان، ھازىر ئۇ گەپمۇ ئۇنتۇلۇپ »سەن«نى بۆلەكچىلا ئۇرغۇلۇق چىقىرىدىغان بولۇپ كېتىپتۇ. گەپلىرىمۇ شەھەر تەلەپپۇزىغا ئۆزلىشىپ قاپتۇ:
−− ھويت توختاخۇن! بۈگۈن گۈزەلنۇر چاي قىلماقچىكەن قارا، بالدۇرراق كېلىپ قارىشىپ بەرسەڭ دېگەنتى، مەن شۇ يەرگە كەتتىم. سەن ئۆيدە ئولتۇرۇپ بالىلارغا ئوبدان قاراپ تۇرارسەن ئەمىسە! ئىككى يىلدىن بېرى، ئوقۇيمەن دەپقۇ سېنى چارچىتىپ قويدۇم، بىراق چايغا بارمىسام تېخى، شۇڭا چىشىڭنى چىشلەپ چىداپ تۇرغىن بىر - ئىككى ئاي!
كۆردىڭىزمۇ؟ مانا بۇ مېنىڭ سەۋىيە ئۆستۈرۈپ كەلگەندىن كېيىنكى ئايالىم. كىمنىڭ خوتۇنىنى ئۇيغۇر تىلىدىكى 32ھەرپنىمۇ ئارامىدا قويماي ئادەم باشقۇرۇشنى بىلىدۇ دەيسىز؟ كىمنىڭ خوتۇنى مۇشۇنداق قايىل قىلارلىق ئىبارىلەر بىلەن ئىككى يىل جاپانى يەتكۈچە تارتقان ئېرىگە ئۆي بىلەن بالىلىرىنى تاشلاپ، خالىغان يېرىگە بىمالال كېتىدۇ؟ دەريا - كۆللەردە ئەركىن ئۈزۈپ يۈرگەن بېلىقنىڭ قارماققا ئىلىنغاندىن كېيىنكى پىلتىڭلىغان، تېپىرلىغان بىچارە ھالى، دالا ئەركىسى بولغان كېيىك - جەرەنلەرنىڭ قاپقانغا چۈشۈپ قالغاندىن كېيىنكى چىرايلىق كۆزلىرىنىڭ مۇڭلۇق مۆلدۈرلەشلىرى ھاياتتىكى قىسمەتمىدۇ ياكى ئۇلارغا بەخشەندە بولغان كاج تەقدىرمىدۇ؟!
بىر كۈنى يەر ئاستىدىكى قۇرت ئاران ئاڭلىغۇدەك پەس ئاۋازدا ناھايىتى مۇلايىملىق بىلەن:
−− قارا مېھرىبان، مۇشۇ ئىككى يىلدا سەن يوق، ئىككى بالا بىلەن جاپانى كۆپ تارتقاچقىمىكىن 20كىلوگىرامغا يېقىن ئورۇقلاپ كېتىپتىمەن. يېقىندىن بۇيان بېشىم ئاغرىيدىغان بولۇۋالدى، شۇڭا مەندە قان ئازلاپ كەتتىمىكىن دەپ گۇمان قىلىۋاتىمەن، −− دەپ ھالىمنى ئېيتسام، ئۇ ماڭا قاراپ ئالىيىپ تۇرۇپ:
−− ئەمىسە مەندىچۇ؟ مەنمۇ بۇ جاپانى شۇنچە يىللاردىن بېرى تارتىپلا كېلىۋاتىمەنغۇ؟ −− دېدى. مەنمۇ گەپنى ئوڭشاپ قىلىپ: سەندە قان كۆپ خوتۇن، −− دېمەي قىسقىلا قىلىپ، −− قان جىق دەپلا جاۋاب بېرىپتىمەن. بۇ چىشى يولۋاس شۇ زامات سەن مېنى قانجۇق، دېدىڭ دەپ ھۆركىرەپ ئۆزۈمنى ئوڭشاپ بولغىچە يېنىدىكى سۈپۈرگە بىلەن تارسلا قىلىپ بېشىمغا بىرنى سالدى. بۇ قولى بالالىقنىڭ يۈزى يوق سۈپۈرگىسى يەنە بېشىمغا تەگمىسۇن دەپ ئەنسىرەپ، ئاستا ئورنۇمدىن تۇرۇپ باشقا ئۆيگە كىرىپ كەتتىم.
شۇ ئىشتىن كېيىن ئۇ مېنى سەت تىل بىلەن تىللىدىڭ، دەپ باھانە قىلىپ سىرتقىمۇ كۆپ چىقارماس بولدى. ئۇنىڭ بۇ قىلىقلىرىغا قاراپ، ئايال كىشى ئېرىنى بەك ياخشى كۆرۈپ كەتسە ئېرىغا مەڭگۈلۈك سېزىك بولۇپ قالامدىغاندۇ - يا، ناۋادا شۇنداق بولسا بۇمۇ ئەلەملىك بىر ئىشكەن دەپ ئويلاپ قالدىم. يەنە بەزىدە، ئۇ مېنى بۇنچە ياخشى كۆرسە مەن بىلەن تولا ئۇرۇشۇپ، كۆڭلۈمگە بۇنچە كۆپ ئازار بەرمەس بولغىيتتى، دەپ ئۆز خىيالىمنى ئۆزۈم ئىنكار قىلىمەن. ئىككى بالا چوڭ بولۇپ قالغاچقا ئۇلارنىڭ ئالدىدا ئۇنىڭ بىلەن ئۇرۇشۇپ - تالىشىپ قالماي دەپ ئۆزۈمنى قاچۇرىمەن ياكى گەپلىرىگە ماقۇل دەپلا قۇتۇلىمەن. چۈنكى بالا دېگەن ئاتا - ئانىسىنىڭ خۇي - پەيلىنى ئاسان ئۆگىنىۋالىدۇ - دە. ئۆيگە سولىنىپ ئولتۇرغان چاغلاردا دېرىزىدىن سىرتقا قاراپ ھويلىدىكى ئۆتكەن - كەچكەنلەرنى كۆزىتىمەن، تۇنىسا تورپاقنىڭ ئىتى بىلەن قېرىشىپ قاۋىتىپ قويىمەن ياكى تېلېۋىزور كۆرىمەن، بەزىدە كىتاب ئوقۇيمەن. يەنە بەزى چاغلاردا ئەرلەر ئايالىنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ ياردەملەشسە ئەر - ئايالنىڭ مېھرى چىڭ بولارمىش، ئەر كىشىمۇ ساۋاب تاپارمىش، دېگەندەك يوقىلاڭ گەپلەر بىلەن ئايالىم مېنى چۆچۈرە، تۈگرىلەرنىڭ جىلتىسىنى ئاچقىلى سالىدۇ، يېنىغا كېلىپ چۆكىمەن. شۇنداق ياندىشىپ ئولتۇرۇپ تاغدىن - باغدىن مۇڭدىشىپ كېتىدىغان چاغلىرىمىزمۇ بولىدۇ.
ھاياتنى چۈشەنمەك ھەقىقەتەن تەسكەن. قايغۇسىلا بارمىكىن دېسە، خۇشاللىقى بۇلۇتتىن كېيىنكى ئاپتاپتەك يۈرەككە ھارارەت بېرىدىكەن. خۇشاللىقى كۆپمۇ دېسە تاسادىپىي پارتلاپ تۇرىدىغان ئۇرۇش - تالاشلىرى روھنى بوغۇپ، تەننى قاماللاپ، كىشىنىڭ ئىچ - باغرىنى ياۋا مۈشۈكتەك تاتىلاپ، ھېلىلا قۇچاقلاردا قۇرتتەك تىنىمسىز مىدىراپ تۇرغان جانلارنى، بىردەمنىڭ ئىچىدە بىر - بىرىگە ئۆچ كۆرسىتىپ قويىدىكەن. بەش مىنۇت ئىلگىرى سىزگە ھارارەت بەرگەن ئىسسىق قوللارنى، قاپاقنىڭ تۈرۈلۈشىدىن كېيىن تۇتۇپ باقسىڭىز، خۇددى ئوڭ قولىڭىز بىلەن سول ق−ولىڭىزنى تۇتقاندەكلا بولىدىكەنسىز.
شۇنداق، مېنىڭ ئايالىممۇ پەرىشتە ئەمەس ئادەم، يەنە كېلىپ ئاددىي بىر ئايال. ئۇنىڭمۇ خۇشاللىقى، قايغۇسى، ئارمىنى ھەم گۇمانلىرى بار. خۇشال چاغلىرىدا چىرايلىق يىلانغا ئۆزگىرىپ بويۇنلىرىمغا يۆگىشىپ، ئۆزىنىڭ يۈرىكىگە مېنىڭ يۈرىكىمنى ھەمراھ قىلىپ ئەۋرىشىم ئۇسسۇلغا چۈشىدۇ. خاپا بولغان چاغلىرىدا زەھەرلىك يىلاندەك مېنى چاقىدۇ. ئۆزى پەيدا قىلغان جاراھەتنى يەنە ئۆزى خېمىر چاپلاپ ساقايتىدۇ. چۈنكى ئادەم دائىم خۇشال يۈرەلمەيدۇ - دە. قېنى ئۇنىڭ قولىنى چىڭ تۇتۇپ داۋاملىق ياشاپ باقاي...
بۇ يامان خوتۇن مېنى بىر چايدىن توسمايتتى. ئېنىقىنى ئېيتقاندا توسۇشتىنمۇ خىجىل بولاتتى، چۈنكى بۇ ھويلىدىكى قوشنا - قۇلۇملار ئارا ئايدا بىر ئوينايدىغان ئەرلەر چېيى بولۇپ، ھەر ئاينىڭ 20- كۈنىدىن كېيىن 17ئەر قوشنا نۆۋەت بىلەن چاي قىلاتتۇق. ماڭا چاي قىلىش نۆۋىتى كەلگەندە، خېلى ئوبدان تەييارلىق قىلىپ بېرىپ مېنى يەرگە قارىتىپ قويمايتتى، مۇشۇ چاي ئۈچۈن ماڭا بېرىلىدىغان ۋاقىتمۇ ئۇزاق بولاتتى. بۇ ئۇنىڭ ماڭا كۆرسىتىدىغان ئەڭ چوڭ شاپائىتى ئىدى. باشقا قوشنىلار دېيىشكەن ۋاقىتتىن سەل بۇرۇنراق ھويلىغا يىغىلىشىپ بىزنىڭ ئۆينىڭ ئىشىك قوڭغۇرىقىنى بېسىپ مېنى ساقلاۋاتقانلىقىنى ئېيتىدۇ، ئايالىم كۈلۈمسىرەپ تولىمۇ كۆيۈمچانلىق بىلەن.
−− ياخشى ئويناپ كېلەرسىز بايقۇشۇم! ئات ئايلىخانغا يول سارىخانغا بولۇپ، باشقا ياققا ئۇچۇپ يۈرمىگەيسىز، −− دەپ ئىشىكنى ئىچىپ ئۇزىتىپ قويىدۇ. مەن ئىشىكنى بوشقىنا يېپىپ باغلاقتىن قۇتۇلغان تايچاقتەك ئۆيدىن چىق−ق−اندىن كېيىن قول−ۇم - قوشنىلار توختاخۇننى ئازاد قىلىپ چىقتۇق، ھوررا! دەپ توۋلىشىپ، مېنى ئارىغا ئالىدۇ - دە، چاقچاقلىشىپ سورۇنغا كېتىپ قالىمىز. قىزىق ئىش، سورۇن ئەھلى ماڭا ئامراقمۇ ياكى مېنى مەسخىرە قىلامدۇ ئۇنى بىلمەيمەن، سورۇن باشلانغاندىن كېيىنكى چاقچاقلارنىڭ ئوبيېكتى تەبىئىيلا مەن بولاتتىم. ئەمما يەنىلا كۆڭلۈم ئېچىلىپ قالاتتى، چۈنكى بۇ سورۇن مېنىڭ خۇشاللىقىمنىڭ مەنبەسى ئىدى. قوشنام ھەم خىزمەتدىشىم قاسىم سەتەڭ ناخشا - سازغا ئالامەت ئۇستا بولۇپ، ئۇ مەكتىپىمىزنىڭ مۇزىكا ئوقۇتقۇچىسى، سورۇنىمىزنىڭ سازەندىسى، مېنىڭ يېقىن سىردىشىم ھەم ئىشەنچلىك دوستۇم ئىدى. ئۇ ناخشىنى ئوچۇق ھەم جانلىق ئېيتاتتى. بىر ناخشىنى چالا - بۇلا ئېيتىپ قويۇپ، ۋاي، ئېيتساڭچۇ ئادەمنى تەقەززا قىلماي، دېگۈزمەيتتى. بىر نەچچە ناخشىنى بىراقلا ئېيتىپ، مىچچىدە تەرلىگەندە بىراقلا توختايتتى. شۇڭا ئۇنىڭ ناخشىلىرىنى ھەممىمىز جىمجىت ئولتۇرۇپ، پۈتۈن زېھنىمىز بىلەن ئاڭلايمىز. ناخشا - سازدىن كېيىن يۇمۇر بىلەن چاقچاق باشلىنىدۇ. لېكىنزە، كۆزى يوق چاقچاق كۆپىنچە ھاللاردا ماڭا پىلىموتنىڭ ئوقىدەك ياغىدۇ ھەم لەقەم سىڭگەندەك ئاسان سىڭىدۇ:
−− مۇشۇ توختىنىڭ دادىسىنىڭ لەقىمى چاشقان ئىكەن دەڭلا، −− دەپ چاقچىقىنى باشلايدۇ قوشنىمىز ھەسەن كاسكى، −− بىر كۈنى توختىنىڭ سىڭلىسى ئۈچ ياشلىق ئوغلىنى ئېلىپ دادىسىنى يوقلاپ يېزىدىكى چوڭ ئۆيىگە بېرىپتۇ. ئۈچ ياشلىق بۇ بالا كىشىلەرنىڭ بوۋىسىنى دائىملا چاشقان دەپ چاقىرغىنىنى ئاڭلاپ يۈرگەچكە چاشقانلارنى بوۋامنىڭ قېرىنداشلىرى دەپ بىلىپ دەسسىۋېتىشتىنمۇ قورقىدىكەن. شۇ كۈنى ئۇلار ھويلىدا قوغۇن - تاۋۇز يېيىشىپ ئولتۇرسا، چاشقانلار بىر - بىرىنى قوغلىشىپ ئۇياقتىن - بۇياققا يۈگۈرۈشۈپ ئۇلارغا ئارام بەرمەپتۇ. بۇنىڭغا ئىچى پۇشقان توختىنىڭ سىڭلىسى ئوغلىنىڭ قولىدىكى ئويناپ ئولتۇرغان تاشنى ئېلىپلا چاشقانغا قارىتىپ ئاتقانىكەن، تاش ئۇدۇل بېرىپ چاشقاننىڭ مېڭىسىگە تېگىپ مېڭىسىنى چۇۋۇۋېتىپتۇ. بىچارە چاشقان شۇ زامان ئۆلۈپ قاپتۇ. ئاپىسىنىڭ بۇ قىلىقىنى كۆرگەن ئۈچ ياشلىق بالا يۈگۈرۈپ بېرىپ ئۆلۈك چاشقانغا قاراپ، ئاپا سەن بوۋامنىڭ قېرىندىشىنى ئۆلتۈرۈپ قويدۇڭغۇ! دەپلا ئۆزىنى يەرگە ئېتىپ ھازا ئېچىشقا باشلاپتۇ، −− دېيىشىگە سورۇندا پاراققىدە كۈلكە كۆتۈرۈلىدۇ.
−− يەنە بىر كۈنى توختىنىڭ ئايالى مېھرىبان خېمىرنى ئوبدان بولدۇرۇپ تازا ئوخشىتىپ قاتلىما سېلىپ ھالۋا ئېتىپتۇ. قاتلىمىنى ئىسسىق ئېلىپ ھالۋا بىلەن توختىنىڭ ئالدىغا قويۇپتۇ. بىراق توختى قانداق قىپتۇ دېمەمسىلەر؟ ئاشۇ يۇمشاق ھەم ئىسسىق قاتلىمىنى چايغا چىلاپ يەپتۇ. ئۇنىڭ بۇ قىلىقىنى كۆرگەن مېھرىبان:
−− قاتلىمىنى تۈگۈرۈپ يېسۇن دەپ ھالۋا ئەتتىم، پاختىدەك يۇمشاق قاتلىمىنى چايغا چىلاپ يېگەن نەدە بار؟ −− دېگەنىكەن، توختى خىيالىدا يوق:
−− تېخىمۇ يۇمشىتىپ چاينىمايلا يۇتۇۋالاي دېدىم شۇ، -− دەپتۇ. بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئۆزىنى كۈلكىدىن زادىلا تۇتۇۋالالمىغان مېھرىبان ۋاي يۇمشاق دەۋېتىپتۇ. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن توختىغا يۇمشاق لەقىمى سىڭىپ قاپتۇ، −− دەيدۇ - دە، چاقچاق ئەۋجىگە چىقىدۇ. ھەسەن كاسكى يەنە ماڭا قاراپ ئۈچ بۇرجەك كۆزلىرىنى قىسىپ قويۇپ چاقچىقىنى داۋام قىلىدۇ، −− شۇنىڭدىن باشلاپ يۇمشىتىمەن دەپ ئاۋارە بولمىسۇنچۇ بۇ بىچارەم دەپ، مېھرىبان توختىغا كۈندە ئەتىگەن - كەچتە ئۇماچ، چۈشتە سۇيۇقئاش ئېتىپ بېرىپ باقىدىغان بوپتۇ، −− ھەسەن كاسكىنىڭ گېپى تۈگە - تۈگىمەيلا قاتتىق كۈلكە كۆتۈرۈلۈپ ئۇلانما چاقچاق باشلىنىپ كېتىدۇ:
−− توختاخۇننىڭ قەددىنىڭ قەبرىدىن قېزىۋالغان ئاسار ئەتىقىدەك جۈدەپ، قارىداپ كېتىۋاتقىنىنى شۇنىڭدىن دەڭلار.
−− قاتتىق نەرسىدىن قورقامسىلەر نېمە توختاخۇن؟
−− قورقىدۇ، شۇڭا غاجىلاشقا ئېپى يوق ئۇنىڭ.
−− ئەمىسە ئۇ بىز ئىنسانلارنىڭ »غاجىلاش«تىن ئىبارەت ئەڭ مۇھىم خۇسۇسىيىتىمىزدىن مەھرۇمكەندە، ۋاي بىچارەم ! قۇرت ياخشىغۇ ئۇنىڭدىن.
−− ئەمما ئايالى غاجىلاشقا بەك ماھىر، شۇڭا توختاخۇننى كۈندە بىر- ئىككى قېتىم غاجىلاپ، شۈمۈپ تۇرىدۇ... −− بۇنداق تۈگىمەس چاقچاقلاردىن ھۇزۇر ئالغان سورۇندىكى قوشنىلىرىم ئۆزلىرىنى تۇتۇۋالالماي كۈلۈشىدۇ، ماڭا بىر - بىرىدىن ئالدىراش چاقچاق قىلىشىدۇ. مەن زورىغا كۈلۈمسىرەپ بۇ چاقچاقلارنىڭ تېزرەك ئاياغلىشىشىنى ياكى باشقا بىرىگە يۆتكىلىشىنى تىلەپ ئولتۇرىمەن. سورۇن سەللا جىمىپ قالسا ھەسەن كاسكى:
−− يەنە بىر كۈنى، −− دەپ چاقچاقىنى باشلايدۇ جېنىمغا تېگىپ، −− ئۆيىگە كىرسىلا مۇنۇ خۇدايىم بەرگەن مۇبارەك كاللىسىنى تۈزۈككىنە ئىشلەتمەي، كاللا دېسە پاقالچاق دەپ، ساپما كەشنى سۇنۇۋېتىڭ دېسە ئۆتۈكنى قولىغا تۇتقۇزۇپ خوتۇنىنى تېرىكتۈرىدىغان توختاخۇننىڭ قىلىقلىرىدىن جاق تويۇپ كەتكەن مېھرىبان:
−− قاراڭ توختى، ئامېرىكىنىڭ بىر شىركىتىدە ئادەم مېڭىسىنىڭ تەپەككۇر قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆلچەيدىغان بىر ئەسۋاب چىقىپتۇدەك دەپ ئاڭلىدىم. كاللا ئىشلىگەندە قانچە پىرسەنت، ئىشلىمىگەندە قانچە پىرسەنت، ھەممىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەرگۈدەك. شۇ ئەسۋابتىن بىرنى سېتىۋالايمىكىن دەيمەن، −− دەپتۇ. بۇ گەپنى ئاڭلىغان توختى مېنىڭ بۇ ئەقىللىق قۇشناچىمىم ئۇ ئەسۋابنى سېتىۋېلىپ مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ زېھنىنى ئۆلچەپ، كاللىسىنىڭ ئىشلەش دەرىجىسىگە قاراپ دەرس ئۆتمەكچىكەندە، نېمانداق كاللىسى ئىشلەيدىغاندۇ بۇ خوتۇننىڭ دەپ ئويلاپ ئولتۇرسا، ئايالى سۆزىنى داۋام قىلىپ، −− ئاشۇ ئەسۋابتىن بىرنى سېتىۋېلىپ بۇ قاپاق كاللىڭىزنى كۈندە بىر ئۆلچەپ تۇرايمىكىن دەيمەن، −− دەپتۇ. توختى ئىتتىكلا:
−− بىكار ئاۋارە بولارسەنمىكىن، ئۆلچىسەك بىرىبىر سېنىڭمۇ، مېنىڭمۇ نۆلنى كۆرسىتىدۇ ھەرقاچان، −− دەپتۇ...
ھەسەن كاسكىنىڭ چاقچىقى تۈگەش بىلەن تەڭ قىيقاس - چۇقانلار بىز ئولتۇرغان ئايرىمخانىنى بىر ئالىدۇ. كۆپرەك ئىچىپ قويغانلار، خۇدىنى يوقاتقان ھالدا ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ خۇشاللىقىنى باسالماي، ھەسەن كاسكىنىڭ 09 كىلوگىراملىق بەستىنى قوللىرىنىڭ يېتىشىچە قۇچاقلاپ يۈزلىرىگە سۆيۈپ، گۆشلۈك يۈزلىرىنى شالتاق قىلىۋېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ جىلە بولۇپ چاقچىقىنى توختىتىدۇ. ئىشقىلىپ چېيىمىز ئاشۇنداق قىزىپ كېتىدۇ. بىز ئايدا بىر قېتىم شۇ دەرىجىدە كۈلۈپ ئېچىلىپ قالىمىز. خېلى كۈنلەرگىچە روھىمىز كۆتۈرۈلۈپ كەيپىياتىمىز ئۈستۈن بولۇپ قالىدۇ.
ھاياتقا قەنت، سورۇنغا جان، كۆڭۈللەرگە قۇت بېرىدىغان بۇ چاي نۆۋىتى ئاخىر ئايلىنىپ قوشنىمىز ھەسەن كاسكىغا كەلدى. ئۇ كۈنى ئۇنىڭ چېيى بەكلا قىزىپ كەتتى. ھاراقمۇ كۆپ ئىچىلدى، چاقچاقمۇ تازا قىزىدى. بىر چاغدا قارىساق يېرىم كېچە سائەت ئۈچكىچە ئولتۇرۇشۇپ كېتىپتۇق. ئايالىم نەچچە قېتىم ئۇچۇر قىلىپ »قايتىپ كەل« دېگەن بولسىمۇ سورۇننىڭ قىزىقچىلىقىدا توپتىن ئايرىلغۇم كەلمەي، يۈرەكنى توم قىلىپ ئولتۇرغانىدىم. شۇ چاغدىلا ئۆيگە قانداق كىرەرمەن دەپ بېشىمغا غەم چۈشتى. ئۇنىڭ ئالدىدىمۇ ئۇدا تۆت كۈن يېزىغا چۈشۈپ كەچ قايتىپ كەلگەچكە، ئايالىم قۇلاق تۈۋۈمدە پاشىدەك غىڭشىغان ئىدى. كىم بىلىدۇ، يۈك - تاقلىرىمنى تېڭىپ ئىشىكتىن كىرىشىمگە بېشىمغا ئاتىدىغانغا تەييار قىلىپ ئولتۇرامدۇ تېخى. قورقۇنچ بىلەن مېڭىۋاتىمەن. كاللامدا ئويۇننىغۇ ئوينىۋالدۇق، ئەمما خۇلاسىسىنى قانداق چىقىرارمەن؟ دېگەن غەم بىلەن ئۈن - تىنسىز كېتىۋاتسام قاسىم سەتەڭ يېنىمغا كېلىپ قۇلىقىمغا پىچىرلاپ:
−− توختاخۇن ئاداش! بۈگۈن سىلەرنىڭ ئۆيدە قونۇپ قالايمىكىن دەيمەن، سېنىڭچە بولامدۇ؟ −− دېدى.
−− نېمە، سەنمۇ خوتۇنۇڭدىن قورقۇمسەن؟ −− مەن ھەيرانلىق بىلەن سورىدىم.
−− نېمە دەيدۇ ماۋۇ يۇمشاق! ھەممىلا ئادەم سېنىڭدەك خوتۇنىدىن قورقىدىغان يۇمشاقلاردىن ئەمەس، −− قاسىم سەتەڭ كۈلۈپ تۇرۇپ ماڭا چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى:
−− بۈگۈن قېيىنئانا - قېيىنئاتاملار بىزنىڭ ئۆيدە قونۇپ قالماقچى بولغانتى، ئۆزۈڭ بىلىسەن، قېيىنئاتام ھەرەمگە بېرىپ ھاجى بولۇپ كەلگەن تەقۋادار كىشى، شۇڭا بۇنداق مەست ھالەتتە ئۆيگە كىرسەم بىئەدەپلىك بولارمىكىن دەپ قالدىم.
ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ شۇنداق خۇش بولۇپ كەتتىم. توغرا، ئۇ مەن بىلەن بىزنىڭ ئۆيگە كىرسە، خوتۇن ھەرگىز ئۇششۇقلۇق قىلالمايدۇ، قالغىنىنى ئەتە كۆرمەمدىمەن، دېگەن ئوي بىلەن ئۇنىڭ تەلىپىگە قىزغىنلىق بىلەن قوشۇلدۇم.
ھەممىمىز ئولاش - چولاش، ۋاراڭ - چۇرۇڭ بىلەن قورۇغا كىردۇق. بايىقى ئەنسىرەشلىرىممۇ بېسىققان بولدى. ئەمما قاسىم سەتەڭ بىزنىڭ ئۆينىڭ ئالدىغا كەلگەندە تۇيۇقسىز بايىقى گېپىدىن يالتىيىپ قالدى.
−− توختاخۇن ئاداش، كۆڭلۈمدە مۇشۇ سىلىنىڭ خوتۇن بىر نېمە دەپ كېتىدىغاندەكلا بىلىنىپ تۇرىدۇ ماڭا، بولدى قىلىپ ئاستا چاندۇرماي ئۆز ئۆيۈمگە كېتىۋالاي جۇمۇ، قۇلاق تىنچ بولسۇنچۇ بولدى، −− دەپلا بۇرۇلۇپ ئۆيى تەرەپكە كېتىپ قالدى.
−− بولدى قىلە، بىزنىڭ ئۆيدە يېتىپ قالغىن، خوتۇن ھېچنېمە دېمەيدۇ، −− دەپ يالۋۇرغانلىرىمغىمۇ پىسەنت قىلمىدى. ئۇ كەتكەندىن كېيىن ئىشىك تۈۋىدە بىردەم تۇردۇم - دە، ئۆيگە كىرسەملا بىر ئىش بولىدىغاندەك يۈرىكىم ئېغىپ، ئاستا ئارقامغا بۇرۇلۇپ چوڭ دەرۋازا ئالدىغا قايتىپ كەلدىم. خىيالىمدا يەنە بىرئاز سەگىدەپ ئۆزۈمنى ئوبدان تەڭشىۋېلىپ ئاندىن ئۆيگە كىرىپ كەتمەكچى بولدۇم. دەرۋازا ئالدىغا كەلسەم، بايامقى چايدىن يانغان بىر نەچچە قوشنىلار نۆۋەتچىلىك بۆلۈمىدە قارتىغا تۇتۇش قىپتۇ، ئۇلارنىڭ ئويۇنىنى ئون مىنۇتتەك كۆرگەن بولدۇم. تۇيۇقسىز يانفونۇم سايراپ قالدى، ئىتتىك نومۇرغا قاراپ چۆچۈپ كەتتىم، چۈنكى ئۇ بىزنىڭ ئۆينىڭ تېلېفون نومۇرى ئىدى. ئۇ سېنى ئۈچ يېرىمغىچە ئۇخلىماي ساقلاپتۇ. توختاخۇن، ئەمدى كۆرىدىغىنىڭ بار ئوخشايدۇ. مەن تېلېفوننى ئالدىم، قولۇم يېنىك تىترەۋاتاتتى.
−− ھەي، توختى!
−− ھە، مانا مەن!
−− ھەي ساراڭ، شۇ چاققىچە نەدە تىمىسقىلاپ يۈرىسەن؟ −− ئايالىمنىڭ ئۆزىنى يوقاتقان ھالەتتىكى ئەنسىز، يىغا ئارىلاش ئاۋازى قۇلىقىمدىن كىرىپ، شۇررىدە قىلىپ تاپىنىمدىن چىقىپ كەتتى.
−− مەن دەرۋازا ئالدىدىغۇ، نېمە بولدى ساڭا، ئاۋازىڭ باشقىچىلا چىقىدۇغۇ؟ −− مەنمۇ تۇرۇپلا ئەنسىرەپ قالدىم.
−− تېز بولە، ئۆيگە يېنىپ كىر! −− ئۇنىڭ ئاۋازى نېمىشقىدۇر بوغۇلۇپ چىقىۋاتاتتى. ئۇ گېپىنى داۋام قىلدى، −− بايام ئۆينىڭ ئىشىكى چېكىلسە، مەن سەن ساراڭنى قايتىپ كەلگەن ئوخشايدۇ دەپ، ئاچچىقىمدا ئىشىكنى ئېچىپ ئوبدانراق سەپسالمايلا ئىشىك ئالدىدىكى بىرىنىڭ بېشىغا بوپاڭنى ئېتىپ، يوقال! بۇ كەچتە نەدىن كەلگەن بولساڭ شۇ يەردە يات لالما! دەپ ئىتتىرىۋېتىپتىكەنمەن، پەلەمپەيدىن دومىلاپ چۈشۈپ ۋايجانلاپ كەتتى. تىڭشىسام ئاۋازى سېنىڭ ئاۋازىڭغا پەقەتلا ئوخشىمايدۇ، زالدىكى چىراغنىڭ يورۇقىدا قارىسام، ۋاي ئۆلەي، بىزنىڭ مەكتەپتىكى قاسىم سەتەڭكەن ئەمەسمۇ. ئەمدى مەن قانداق قىلاي؟ نېمە قىلارىمنى بىلەلمەي قالدىم شۇ تاپتا، چاققان كىر، بولە تېز!
مەن ئۇچقاندەك يۈگۈرۈپ ئۆينىڭ ئالدىغا باردىم - دە، كىيىملىرى توپا، ۋاي - ۋايلاپ توكۇردەك مېڭىپ ئالدىمغا كېلىۋاتقان قاسىم سەتەڭنى كۆردۈم. قولىدا تېخى ھېلىقى مۇساپىر بوپاممۇ بار ئىدى.
−− نېمە بولدى ساڭا ئاداش؟ −− دەپ سورىدىم ئۇنىڭ ئالدىغا ئىتتىك بېرىپ. شۇ تاپتا ئۇنىڭ دائىم سەتەڭ يۈرىدىغان تۇرقىدىن ئەسەرمۇ يوق، كىيىملىرى توپا، تولىمۇ بىچارە چىراي كۆرۈنۈپ كەتتى.
−− نېمە بولدۇڭ دەپ مەندىن سورىغىچە، نېمە قىلدىڭ؟ دەپ ئاۋۇ جاۋىلداق، بىشەم خوتۇنۇڭدىن سورىغىنا. بالاكەنغۇ ئۇ جاۋىلداق! −− دېدى. مەن ھېچنېمىنى چۈشەنمىگەن بولۇپ سورىدىم:
−− بىزنىڭ ئۆيگە كىرىپ بىللە يېتىپ قالايلى دېسەم ئۇنىماي كېتىپ قالغان ئىدىڭغۇ، بۇ نېمىش ئەمدى؟
−− ۋاي ئاداش! −− بىچارە قوشنام ئاغزىدىكى قان يۇقىنى تۈكۈرۈۋەتتى - دە قاقشاپلا كەتتى، −− مەنغۇ ئۆيۈمگە كىرىپ كېتىمەن دەپ كەتكەنتىم، ئەمما ئىشىك ئالدىغا بارسام قېيىنئاتام ياتقان ئۆينىڭ چىرىغى يورۇق تۇرىدۇ. ئۇ كىشى ئۇخلىماپتۇ، شۇنىڭ بىلەن بولدىلا كىرمەي، دەپ سېنىڭ ئۆيۈڭدە قونۇپ قېلىش ئۈچۈن ئارقامغا يېنىپ كەلگەن. سېنى ئاللىقاچان ئۆيىگە كىرىپ كەتتى دەپ ئويلاپ ئىشىكىڭنى چېكىپتىمەن، ئىككى - ئۈچ قېتىم چەككىنىمنى بىلىمەن، بىر چاغدا ئىشىكىڭ جالاققىدە ئېچىلىپلا مۇنۇ بىر ساندۇق نەرسەڭ چۇۋۋىدە ئۇچۇپ چىقىپ، ۋاققىدە يۈزۈمگە تەگدى. كۆزۈمدىن ئوت چىقىپ كەتتى دېگىنە. نېمە ئىش بولۇپ كەتتى ئەمدى دەپ ئۆزۈمنى ئوڭشىۋالغۇچە خوتۇنۇڭ يۈگۈرۈپ چىقىپلا يوقال لالما! بۇ كەچتە نەدىن كەلگەن بولساڭ شۇ يەردە قون! دەپ ئوتۇندەك پۇتى بىلەن كاسسامغا بىرنى تېپىپ پەلەمپەيدىن يۇمۇلىتىۋەتتى قارا. بىر چاغدا مېنى تونۇپ قالدى بولغاي، ۋاي ئۆلەي! دەپ بىر چىرقىرىغان پېتى ئىشىكىڭنى گۈپپىدە يېپىۋالدى. بولغان ئىش شۇ. سەن ئۆيدە ئەمەسمىتىڭ؟
−− ياق، مەن تېخى ئۆيگە كىرمىگەن. سەن كەتكەندىن كېيىن نۆۋەتچىلىك بۆلۈمىگە كىرسەم بىر نەچچەيلەن قارتا ئويناۋېتىپتىكەن، شۇلارنىڭ ئويۇنىنى كۆرۈپ تۇرغانىدىم. بىر يېرىڭ بىر نېمە بولغاندەكمۇ؟ يۈرە دوختۇرغا بارايلى بولمىسا؟ −− مەن ئۇنىڭ ھالىدىن سەل ئەنسىرىدىم.
−− باشقا بىر يېرىمغۇ ساقتەك تۇرىدۇ، ئەمما ئاۋۇ ياۋۇز خوتۇنۇڭ پەلەمپەيدىن دومىلىتىۋېتىپ، ئىككى تال چىشىمنى چۈشۈرۈۋەتتى مانا. ئاغزىم قاناپ قاپتۇ. بولدى، ئۆز ئۆيۈمگە ئاپىرىپ قويە مېنى! −− مەن ئۇنىڭ قولىدىكى ئىككى تال چىشقا سەپسېلىپ ئۆزرىخاھلىق ئېيتقاچ ئۇنى يۆلەپ ئۆيىگە ئاپىرىپ ئايالىغا تاپشۇرۇپ بەردىم. ئۇ ئايالىغا قاراڭغۇدا ئازگالغا چۈشۈپ كەتتىم دېۋىدى، ساددا ئايالى بۇ گەپكە ئىشىنىپ، ھاراق ئىچكەننىڭ سازايى شۇ دەپ ئۇنى يۆلەشتۈرۈپ ئۆيىگە ئەكىرىپ كەتتى. مەن بوپامنى قولتۇقلاپ ئۆيگە يېنىپ كىردىم. ئايالىم ئۆڭسۈلى يوق ھالدا بىر بۇلۇڭغا تىقىلىپ شۈمشىيىپ ئولتۇرۇپتۇ. ئۇ بەكلا قورقۇپ كەتكەندەك قىلاتتى. مېنى كۆرۈپ دەررۇلا:
−− قاسىم سەتەڭ بىر نېمە بوپتىمۇ توختى؟ −− دەپ سورىدى. مەن ئۇنىڭ بىچارە ئەپتىگە سىنچىلاپ قارىدىم، ئۇنىڭ بۇنداق رايىش تۇرقىنى پەقەتلا كۆرۈپ باقماپتىكەنمەن. ماڭا ياۋۇزلارچە مىختەك قادىلىدىغان ھېلىقى كۆزلىرىدىن ئەسەرمۇ يوق، شۇ تاپتىكى كۆزلىرى گوياكى قاپقانغا دەسسىۋالغان بىچارە كېيىكنىڭ مۆلدۈرلەپ تۇرغان بىر جۈپ قارا كۆزلىرىنى ئەسلىتىپ تۇراتتى. »ئاياللار پەقەت مۇلايىملىقى بىلەن چىرايلىق« دەپ كىم ئېيتقان بولغىيتتى؟ ئۇنىڭ كۆزلىرى ئەسلىدە بىر جۈپ چىرايلىق قارا كۆزلەركەن ئەمەسمۇ؟ خوتۇنۇمنىڭ مۇشۇنداق كېيىكنىڭكىدەك مۆلدۈرلەپ تۇرىدىغان بىر جۈپ قارا كۆزىنى مەڭگۈ كۆرۈپ، ئاشۇ كۆزلىرىگە سىڭىپ تۇرالىغان بولسام - ھە! بىراق بۇ مۇمكىن ئەمەستە! ئۇنىڭ كۆزىنى ماڭا بۈگۈنكىدەك مۇلايىم قىلىپ بېرىش ئۈچۈن، كۆتىگە تېپىك يەپ، پەلەمپەيدە دومىلاپ بېرىدىغان قاسىم سەتەڭدىن يەنە نەچچىسى بار دەيسىز؟ مەن ئۇنى تازا بىر قورقۇتۇپ قويۇش خىيالىدا يالغاندىن چوڭقۇر بىر تىنىۋېتىپ، تولىمۇ مەيۈس ھالەتتە ئۇنىڭ سوئالىغا ئالدىرىماي جاۋاب بېرىشكە باشلىدىم:
−− يامان بوپتۇ، شۇنداقمۇ قوپاللىق قىلامسەن خەققە! بىچارىنىڭ ئىككى تال قوۋۇرغىسى سۇنۇپ، ئۇچى تاۋ يەپ قالغاندەك تۇرىدۇ، بىقىنىنى تۇتۇپ ۋايجانلاپلا كېتىۋاتىدۇ. ئۈچ تال چىشىمۇ چۈشۈپ كېتىپتۇ تېخى، شۇنچىۋالامۇ ئىتتىرگەن بارمۇ خەقنى. يۈر، دوختۇرغا ئاپىراي دېسەم، ئەتە بىر گەپ بولسۇن دېدى، شۇنىڭ بىلەن ئۆيىگە ئاپىرىپ قويۇپ قايتىپ كىردىم. ئەتە نېمىشلار بولىدۇ، خۇدا ئۆزى بىلىدۇ ئەمدى، −− گەپلىرىمنى ئاڭلىغان ئايالىم:
−− مەن ئۇنى سەنمىكىن دەپ ئويلاپ قاپتىمەن، −− دەپلا يىغلىۋەتتى.
−− ئەگەر راستتىنلا مەن بولسام شۇنداق قىلامتىڭ؟ توۋا! −− مەن ھەيران بولۇپ ئۇنىڭغا قارىدىم. ئۇ ئۈندىمىدى، پەقەت بېشىنى ئىككى تىزىنىڭ ئارىسىغا تىقىۋېلىپ ئېسەدەپ يىغلاپ كەتتى.
ئەتىسى مەكتەپكە بارسام قاسىم سەتەڭ ئىشقا بارماپتۇ. ئەنسىرەپ چۈشتىن كېيىن ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيىگە كىرىپ يوقلاپ چىقمايچۇ دېگەن ئوي بىلەن دەرۋازا ئالدىغا كەلسەم، ئۇ بېلىنى تۇتۇپ، ئۇياق - بۇياققا قارىغىنىچە تۇرۇپتۇ. ئۇنى كۆرۈپ ئىختىيارسىز كۈلۈپ تاشلىدىم:
−− تولا كۈلمىگىنە توختى، ساڭا ئويۇن بولۇۋاتامدۇ نېمە؟ −− ئۇ ماڭا قاراپ ئالايدى.
−− يۈرە ئاداش، ساڭا بىر خىزمەت قىلىۋالاي بۈگۈن، −− مەن ئايالىمغا تېلېفون بېرىپ قويۇپ، ئۇنى ئۇنىمىغىنىغا قويماي يېقىن ئەتراپتىكى بىر ئاشخانىغا باشلاپ باردىم. ئىككى قورۇما قورۇتۇپ، پىۋا ئىچىشكەچ پاراڭغا چۈشۈپ كەتتۇق. ئۇنىڭ ھالى ئاخشامقىدىن خېلىلا ياخشى ئىدى.
−− ھەي توختى! −− دېدى ئۇ پىۋىدىن بىر ئىستاكاننى ئىچىۋەتكەندىن كېيىن ماڭا قاراپ، −− خەق دېسە ئاڭلاپلا قويۇپتىكەنمەن دېگىنە، ئەمما بۇنچىلىك يامان خوتۇن دەپ ئويلىماپتىكەنمەن ئۇنى. نېمىدېگەن ۋەھشىي خوتۇن ھوي ئۇ؟ راست چىشى يولۋاسنىڭ ئۆزىكەن. مەكتەپتىغۇ ئۇنچىۋالا يامان كۆرۈنمەيدۇ بولمىسا. ساڭا كۈندىلا مۇشۇنداق ئارامچىلىق يوقما؟
−− گېپىنى قىلما ئاداش، ئۇنىڭ سىرتتىكى كىشىلەرگە بەرگەن تەسىرى ياخشى دېگىنە، ئۆيدىن چىقسىلا مېنى ھۆرمەتلىگەن قىياپەتكە كىرىۋالىدۇ، ئەمما ئىشىكتىن كىرسە ئىت خۇيى قوزغىلىپ چىشلىگىلى ئاران تۇرىدۇ. نېمىسىنى دەيسەن، ئون يىلدىن ئېشىپتۇ مانا، ئۇنىڭ بىلەن سوقۇشمىغان كۈنىمىز قانچىلىككىن بىلمەيمەن، −− مەن پىۋىدىن بىر ئوتلىۋېتىپ گېپىمنى داۋام قىلدىم، −− راست گېپىمنى دېسەم، ئۇنىڭ شۇنچىلىك قىلىپ قويغىنىغا سەن ۋايجانلاپ مانا بىر كۈن خىزمەتكە بارماپسەن. مەن ئۇنىڭدىنمۇ قاتتىق نى - نى ئىشلارغا چىداپ ھەم قوشنا - قولۇم، ھەم دوست - دۈشمەننىڭ ئالدىدا چاندۇرماي تاكى بۈگۈنگىچە ئۆي تۇتۇپ كەلدىم مانا. سەۋەبى پەرىشتىدەك ئىككى ئوغلۇم بار، بىزنىڭ سەۋەبىمىزدىن ئۇلار نابۇت بولسا بولمايدۇ - دە. نۇرغۇن كىشى مېنى ئەرلىك دىتى يوق، يۇمشاقباش، كاللىسى تازا ئىشلەپ كەتمەيدۇ دەپ ئويلىسا كېرەك. ئەرلىك دىتىم بار، كاللامنى ئىشلەتتىم دەپ شۇنچە يىللار قولىدا ئاش - تۇزىنى يېگەن خوتۇنۇمنىڭ ئاغزى - بۇرنىنى قانغا بوياپ، بۈگۈن پۇتىنى، ئەتە قوۋۇرغىسىنى سۇندۇرۇپ يۈرسەم قاملاشمايدۇ - دە. ئايال كىشى دېگەن خۇدايىم بەرگەن ئاشۇ ۋاتىلداق ئاغزى بىلەن ئايال كىشىدە. شۇڭا ئۇنىڭغا يول قويۇپ، بۈگۈن ئوڭشىلىپ قالار، ئەتە تۈزۈلۈپ كېتەر دەپ كۈنلەرنى كۈنلەرگە ئۇلاپ كەلدىم. بىراق ئۇنىڭ يامان تەرەپلىرىنىلا خەققە دادلاپ، ياخشى تەرەپلىرىنى دېمىسەم بۇ ئادىللىق بولمايدۇ. ئۇ ئۆينى چىنىدەك پاكىز، رەتلىك تۇتىدۇ، تاماققا سەل قارىمايدۇ، ئىككى بالامنىڭ ھالىدىن ئوبدان خەۋەر ئالىدۇ، بىردەم يوقاپ كەتسە ئەنسىرەپ ئولتۇرالمايدۇ. شۇلارنى يۇيۇپ، تاراپ پاكىز باقماقمۇ تەسكەن. ئىقتىسادنىمۇ شۇنداق پىلانلىق باشقۇرۇپ، ئۆينى گۈلدەك تۇتۇپ كېلىۋاتىدۇ. بۇ تەرەپلىرىنى ئويلىساڭ ئالتۇنغا بەرگۈسىز ئايال. بۇلارنى ئۇ ئوقۇشقا كەتكەن ئاشۇ ئىككى يىلدا ھېس قىلدىم، شۇڭا بۇ تۇرمۇشنىڭ ئىسيانكارى بولغۇم كەلمىدى. گەرچە ئۇ چوڭقۇر ئىشتىياقى بىلەن ئۆمۈرلۈك رىشتىنى ماڭا چىڭ باغلاشنى ئۆگىنەلمەي كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئۇنىڭدىن ۋاز كەچكۈم كەلمەيدۇ. چۈنكى ئۇ ئاتا - ئانامغا ئوبدان قارايدۇ، بەك پىخسىقلىقمۇ قىلىپ كەتمەيدۇ. شۇڭا كۆپىنچە ھاللاردا ئۆزۈمنى ئۇنىڭ ئورنىدا قويۇپ ئويلايمەن - دە، ئۇنى كەڭ قورساقلىق بىلەن كەچۈرۈۋېتىمەن.
−− مۇنداق دېگىن، −− قاسىم سەتەڭنىڭ كۆزلىرى چەكچىيىپ كەتتى، −− ئىسسىق - سوغۇق قازانلاردا تولا قايناپ، تېرەم قېلىنلىشىپ كەتتى دېگىنە؟
−− تەقدىرىم شۇنداق ئوخشايدۇ، پېشانەڭگە پۈتۈلگىنى شۇ بولسا تارتماي ئىلاجىڭ يوقكەن. ئۇ ئىلگىرى خېلى ياخشىدى، ئۆيدە كۆپ ئەركىن ئىدىم، خالىغان ئىشىمنى قىلالايتتىم، بىراق ھازىر مىجەزى چۇسلاشقاندەك قىلىدۇ. كىتاب ئوقۇسام، »ئىشخانىدا ئوقۇڭ كىتابنى، ئۆيدە كىتابقا قاراپ ئولتۇرسىڭىز ئەر كىشى يوقتەك تۇيۇلىدىكەن ئادەمگە« دەيدۇ. بىر نەرسە يازسام، »كەچكىچە ھېچ ئىش بىلەن كارى يوق ئولتۇرغىنى ئولتۇرغان، ئەر كىشىمۇ سىزدەك مۆرىمەس بولامدۇ؟« دەيدۇ. تېلېۋىزور كۆرسەم، »سىزمۇ دادىمۇ؟ بالىلارنىڭ تاپشۇرۇقىغا قاراپ قويسىڭىز يامان بولامدۇ؟« دەپ ۋاتىلدايدۇ، كومپيۇتېرنى ئاچسام، »بۇ ئۆينىڭ توكىنى سىزلا تۈگىتىۋاتىسىز مانا« دەپ كۆزۈمگە كىرىۋالىدۇ. دېرىزىدىن سىرتقا قارىسام مەنىلىك قىلىپ، »قاچاندىن باشلاپ »تالا«غا قارايدىغان بولۇپ قالدىڭىز؟« دەيدۇ. سىرتقا چىقىپ كىرسەم، »كوچا چىڭداپ كىردىڭىز!« دەپ كۆزۈمنىڭ ئىچىگە تىكىلىپ تۇرۇۋېلىپ، ئۇھ دېگۈدەك ھالىمنى قويمايدۇ...
قاسىم سەتەڭ جىم بوپ قالدى، بىردەمدىن كېيىن پىۋىدىن بىر ئىستاكاننى گۈپپىدە ئىچىۋەتتى - دە، كۆزۈمنىڭ ئىچىگە قاراپ تۇرۇپ:
−− توختى، كاللامغا مۇنداق بىر پىكىر كېلىۋاتىدۇ قارا، دەپ باقايمۇ؟ خاپا بولما - ھە، جېنىڭنى قىيناپ ئۇنداق ياشىغۇچە، ئاجرىشىپلا قۇتۇلساڭ بولماسمۇ؟ سەندەك پۈتۈن تىرىك بىر ئەر كىشىنىڭ سىرتلاردا كېچە - كېچىلەپ بوپىسىنى قولتۇقىغا قىسىپ ئۆيىگە كىرەلمەي يۈرۈشىمۇ ئەقىلگە يات بىر ئىشتە. ياخشى چوكانلار جىققۇ جاھان دېگەندە. ئۇنىڭ ئۈستىگە سەن ياۋاش ھەم رايىش تۇرساڭ، تىرناقتا توختىغۇدەكلىرى جان دەپ چىقىدۇ ساڭا.
−− ۋاي ئاداش، كۆڭلۈم ئازار يەپ بۇ تۇرمۇشتىن بىزار بولغان بەزى چاغلاردا، ئاجرىشىپ كېتىشنى مەنمۇ كۆپ قېتىم ئويلاشتىم، بىراق ئۇنىڭ مەن بىلەن ئاجراشقۇسى يوقكەن. ھازىر ئەر - ئايال ئىككىسى كېلىشىپلا، خەلق ئىشلار ئىدارىسىگە بېرىپ، كېلىشىمگە ئىمزا قويسىلا ئاجراشتۇرىدىكەن. بىراق خوتۇنۇم، »مەن ساڭا ئاجرىشىمەن دەپ تەگمىگەن« دەيدۇ. سوتقا ئەرز قىلىپ باراي دېسەم، ئۆزۈڭ بىلىسەن، ھەق تەلەپ كوللېگىيەسىنىڭ باشلىقى دەل ئۇنىڭ كىچىك دادىسى بولىدۇ، ئۇكىشى بىزنى ھەرگىزمۇ ئاجراشتۇرۇۋەتمەيدۇ دېگىنە.
−− بۇدېگىنىڭمۇ راست، جاھىل خوتۇنغا پەم كېرەككەن ئەمىسە، −− دېدى ئۇ پېشانىسىنى سىلاپ تۇرۇپ، −− يامان يېرى خوتۇنۇڭ سېنى ئاياللىق ھاۋانچىسىدا سوقۇپ ئۆزىنىڭ كۆڭلىدىكىدەك يۇمشاق ئەر قىلىۋالدى -دە، ئاخىر. شۇڭا ئۇ تېخىمۇ قويۇپ بەرمەسلىكى مۇمكىن سېنى، −− ئۇ مېنى ئېچىتىپ دەردىمنى بىراقلا تۆكۈشكە قىستاۋاتقاندەك ماڭا قاراپ مەنىلىك كۈلدى.
−− بايا ساڭا ئېيتتىم، مەن ئىككى بالامغا بەك ئامراق، خوتۇنۇمنىڭ قىلىقلىرى ئارىمىزدا كۆڭۈلسىز كەيپىيات پەيدا قىلىپ تۇرسىمۇ، بالىلاردىن ئايرىلىشقا پەقەتلا چىدىمايمەن. بالىلىرىمنىڭ مەندەك دادىسى ھايات تۇرۇپ تىرىك يېتىم بولۇپ بويۇن قىسىپ يۈرگىنىنى ئەسلا كۆرگۈم يوق، ھاياتلىقتا ئادەمگە بۇنىڭدىنمۇ زور بەختسىزلىك بولمايدۇ، مۇشۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا ئائىلىنى ساقلاپ قېلىشنىڭ ئۆزى ئەڭ ياخشى تاللاش.
−− راست، بالىلىرىڭغا بەك كۆيىسەن جۇمۇ سەن، ئاشۇ خوتۇنۇڭ ئوقۇشقا كەتكەن ئىككى يىلدا بالىلىرىڭغا ئالامەت ياخشى قارىدىڭ، ئانىسىنىڭ يوقلۇقىنى پەقەت چاندۇرمىدىڭ، سېنىڭ قورساق كۆتۈرۈپ، بالىنى ئۆزۈڭ تۇغمىغان يىرىڭلا قالدى شۇ.
پىۋىنى خېلى كۆپ ئىچىۋالدىم، قاسىم سەتەڭ ئويغا چۆكۈپ ئولتۇراتتى، بىرئاز جىمجىتلىقتىن كېيىن ئۇ يەنە گەپ باشلاپ قالدى:
−− سەن راستتىنلا بەك تەس كۈنگە قاپسەن ئاداش. ئاجرىشاي دېسەڭ مۇمكىنچىلىك يوقكەن ھەم بالىلىرىڭغا تارتىشىدىكەنسەن، ئاجراشماي دېسەڭ، كۆرۈۋاتقان كۈنۈڭ بۇ تۇرسا . قانداق قىلغاندا زىخمۇ كۆيمەيدىغان، كاۋاپمۇ كۆيمەيدىغان مۇۋاپىق ئامال تاپقىلى بولار؟ −− ئۇ تۇيۇقسىز يوتىسىغا شاپىلاقلاپ كۈلۈپ كەتتى، −− توختاخۇن، جېنىم ئادىشىم! كاللامغا ئاجايىپ چىرايلىق بىر ئەقىل كەلدى، ئالامەت دېگىنە، ناۋادا ئەمەلگە ئېشىپ قالسا، ئايالىڭ چۈشۈرۈۋەتكەن مۇنۇ ئىككى تال چىشىمنى سالدۇرۇپ قويامسەن؟
−− گاچچىدە دېگىنە ئادەمنى بىر تەقەززا قىلماي، شۇنداق ياخشى ئامال راستتىنلا بارما؟ −− ئۇ ئۈستەلنى توكۇلدىتىپ چېكىپ تۇرۇپ، ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىسىدىن سوئال سورىغاندەك مەندىن سوئال سوراشقا باشلىدى:
−− بالىلىرىڭنى دەپ ئاجراشقۇڭ كەلمەيدۇ شۇنداقمۇ؟
−− ئەلۋەتتە. بالىلىرىمغا ئۆز دادىسى بولمىسا بولمايدۇ.
−− ئەمما خوتۇنۇڭ بىلەن بىر ئۆيدە كۈندە تىل - دەشنام ئاڭلىغۇڭمۇ يوق، شۇنداققۇ؟
−− ئەلۋەتتە. بۇنىمۇ سوراش كېتەمدۇ، ئۆزۈڭمۇ چىدىماپسەنغۇ بىر تېپىكىگە. كىم كۆڭۈل خاتىرجەملىككە ئىنتىلمەيدۇ؟
−− ئەمىسە توختاخۇن، مۇنداق بىر ئەپلىك ئامال بار، −− ئۇ ماڭا يېقىن سۈرۈلۈپ كېلىپ ئاغزىنى قۇلىقىمغا تەگكۈزۈپ دېگۈدەك پىچىرلىدى:
−− سەن خىزمىتىڭنى يۆتكەپ يىراققا كەت، شۇ چاغدا ھەم ئاجراشمىغان بولىسەن، ھەم تىل - دەشنام ئىشىتمەيسەن. بالىلىرىڭنى قاچان سېغىنساڭ شۇ چاغدا ئۆيۈڭگە كېلىپ كۆرۈپ كېتەلەيسەن. ئەڭ مۇھىمى سېنى كۆزگە ئىلمايدىغان بىشەم خوتۇنۇڭغا قەدرىڭ ئۆتۈلىدۇ، سەن بار چاغدا قەدرىڭنى بىلمىگىنى بىلەن، سەن يوق چاغدا بالىلار بىلەن ئۆيدە قېلىپ ئۆزى يالغۇز تۇرمۇش كەچۈرسە نەچچە ئايغا قالمايلا ساڭا يېلىنىپ يىغلايدىغان بولىدۇ.
−− ھەي ئاداش، مەن خىزمىتىمنى قانداق يۆتكىيەلەيمەن؟ سەن بۇ ئىشنى ئويناشماقتەك ئاسان چاغلاپ قالدىڭمۇ؟ −− مەن ھەيران بولۇپ ئۇنىڭغا قارىدىم.
−− ھەي يۇمشاق! ھازىر شەھەرلەردە نۇرغۇن ئورۇنلارغا ئىمتىھان ئارقىلىق دۆلەت مەمۇرى تولۇقلاۋاتمامدۇ؟ سېنى بىرى يۆتكەپ قويمايدۇ، سەن تورغا چىقىپ خەۋەر، ئۇچۇر ئىگىلەپ ئىمتىھان بەرمەمسەن. مەن ساڭا ئىشىنىمەن، سەن چوقۇم ئۆتۈپ كېتىسەن!
ئۇنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ ئولتۇرۇپلا قالدىم، بۇ ھەقىقەتەن سىناپ كۆرۈشكە تېگىشلىك ئېسىل چارە ئىدى. ئىلگىرى نېمىشقا بۇنداق ياخشى پىلانلار مېنىڭ كاللامغا كېلىپ باقمىغاندۇ؟ دېمىسىمۇ راست، مەندىنمۇ دۆتلەر ئىمتىھان بېرىپ ئۆتۈپ شەھەرگە يۆتكىلىپ كىرىپ كېتىشتىغۇ.
مەن ئۇنىڭ ئەقلىگە بارىكاللا ئېيتىپ، ئالدىمدىكى پىۋىنى جاڭڭىدە سوقۇشتۇرۇپ ئىچىۋەتتىم. شۇنداق مەن ئەمدى ئازاد ھەم ئەركىن بىر دۇنياغا كېتىمەن، ئايالىمنىڭ ۋۇجۇدىدىن بىر ئايالدا بولىدىغان تەمكىنلىكنى، خۇشال كەيپىياتلارغا باي روھى پارلاقلىقنى تاپالمىدىم. ئۇمۇ مېنى ھازىرغىچە ئۆزىنىڭ كۆڭۈل ئەينىكىدىكى ئەركەك سىياقىغا كەلتۈرەلمەي كۆپ زورۇقتى، شۇڭا بىز بىر مەزگىل ئايرىلىپ، قەلبىمىزدە ئەر - ئاياللىق مۇھەببەت پەيدا قىلمىساق بولمايدىغاندەك قىلىدۇ، چۈنكى ھايات كۈندە كۆكلىمەيدۇ. ئۇھسىنما توختى، مەنزىلىڭ تېخى ئۇزاق، مەردانە ياشاشقا ساڭا ۋاقىت تېخى چىقىدۇ، گەپ ياشاشنىڭ توغرا ئۇسۇلىنى تاللىيالىشىڭدا. كەينىڭگە قارىماي، ئالدىڭغا قارا! دەپ ئۆز - ئۆزۈمگە تەسەللى بېرىپ بىر شەنبە كۈنى ئايالىمغا:
−− شەھەرگە كىرىپ چىقىدىغان ئىشىم چىقىپ قالدى، −− دەپ قويۇپلا شەھەرگە كىرىپ، دۆلەت مەمۇرى قوبۇل قىلماقچى بولغان ئورۇنغا تىزىمغا ئالدۇرۇپ ئىمتىھانغا قاتناشتىم. تەڭرى مېنى يۆلىگەندەك كاتتا ئىش بولدى، مەيلى يازما ئىمتىھاندا بولسۇن ياكى ئاغزاكى ئىمتىھاندا بولسۇن، مۇتلەق ئۈستۈنلۈك بىلەن بىرىنچىلىكنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىمتىھاندىن ئۆتۈپ كەتتىم -دە، ئاۋۋال يېرىم يىل سىناقتا خىزمەت قىلىپ، ئاندىن رەسمىي يۆتكىلىش توغرىسىدا مېنى قوبۇل قىلماقچى بولغان ئورۇن بىلەن توختاملىشىپ، يۆتكىلىش رەسمىيىتىنى قولۇمغا ئالدىم. ئىمتىھان بەرگىنىمدىن ئايالىم خەۋەرسىز ئىدى. شۇڭا يۆتكىلىش رەسمىيىتىنى كۆرۈپ ھەيران بولۇپ ئولتۇرۇپلا قالدى. خىزمىتىمنى ھۆكۈمەت يۆتكەپتۇ دەپلا قويدۇم، ئۆزۈممۇ يۆتكىلىشتىن پەقەتلا خەۋىرى يوق ئادەم سىياقىغا كىرىۋالدىم. ئۇ ئاخىر يىغلىدى، بىچارە بايقۇشقا ئەمدى راستلا ئىچىم ئاغرىپ قالدى، مەن دېگىنىمنى قىلىپ شەھەرگە يۆتكىلىپ كىرىۋالدىم.
مانا ئەمدى دۈم كۆمتۈرۈپ قويۇلغان قازاننىڭ ئىچىدە ياشىغاندەك جاھاندىن خالىي، يەككە -يېگانە تۇرمۇشتىن قۇتۇلۇپ، يېڭىچە تۇرمۇشتا ئۈزۈپ يۈرمەكتىمەن، ھاياتىمدىكى بەزىدە ئەدەپ، گاھىدا سۇسلىشىدىغان كۆڭۈلسىزلىكلەر ئەمدى يوق. ھازىر تولىمۇ راھەتتىمەن. كۆڭلۈم تىنچىدى، ئۆزۈمنىڭ ۋاقتىمغا ئۆزۈم تولۇق ئىگە بولالايدىغان بولدۇم، خالىسام تاماق يەيمەن، خالىسام ئۇخلايمەن. خالىسام جۈمە كۈنى ئۆيگە قايتىپ بالىلىرىمنى كۆرىمەن. ئەگەر ئايالىم يەنە باشقۇرماقچى بولۇپ ئاچچىقىنى غۇژژىدە قىلسا، ئەسلىدە دۈشەنبە قايتماقچى بولغان ئادەم، جىددىي خىزمەت چىقىپ قاپتۇ دەپلا شەنبىلا شەھەرگە قېچىپ كىرىۋالىمەن. ھازىر ئىلگىرىكى سالاپىتىمگە يېڭى سالاپەت قوشۇلۇپ ئۆزۈمگە خېلى ئىسكەتمۇ كىرىپ قالدى. ئۆيگە سولىنىپ ئاپتاپ كۆرمەي لەشتەك بولۇپ كەتكەن سولغۇن چىرايىمغا قان يۈگۈرۈپ، كاۋاپ بىلەن بېقىلىۋاتقان بالىدەك رەڭ تۈزەپ قالدىم. تۇنجۇقۇشتىن قۇتۇلغان روھىمدا كۆتۈرەڭگۈلۈك، بۇلۇتتەك ئېچىلماس بولۇپ قالغان چىرايىمدا كۈلكە، ئاي تۇتۇلغان كېچىدەك قاراڭغۇلۇق باسقان كۆڭلۈمدە غۇچچىدە چېچەكلەپ تۇرغان يۇلتۇزلاردەك خۇشاللىق بار. مۈكچەيگەن بەللىرىم رۇسلاندى، ۋاقىتسىز قېرىشقا باشلىغان ۋۇجۇدۇم ياشاردى. ساقال بېسىپ تۇرىدىغان ئېڭەكلىرىم كۆكىرىپ تۇرىدىغان بولدى. شۇڭا ھازىرقى تۇرمۇشۇمنى كۆڭۈللۈك دېيىشكە بولىدۇ. خاتىرجەممەن. شۇڭا كۆڭلۈمگە شادلىق تولغان بۈگۈنكىدەك چاغلاردا، قارشىلىق تۇيغۇسىنى يوقاتقان بۇ روھىمنى ئويغىتىپ، ماڭا مۇشۇنداق كاتتا ھەم ئېسىل بىر ئەقىلنى كۆرسىتىپ، مېنى ئازادە ھەم كۆڭۈللۈك بۈگۈنگە ئېرىشتۈرۈپ قويغان دوستۇم قاسىم سەتەڭنى ھۆرمەت بىلەن ئەسلەيمەن.
بىراق ئايالىمغا ئۇۋال قىلغىنىم كۆڭلۈمگە ئايان. راستلا ئىچىم ئاغرىپ قالدى، ئىككى بالا، ئۆي ئىشى ھەم خىزمەت بىلەن پالاقشىپلا قاپتۇ...
* * *
مەن شەھەرگە كىرىپ بەش ئاي بولغاندا، ئايالىم پەلەمپەيدىن يىقىلىپ سول پۇتىنى سۇندۇرۇۋالدى. ئۆيگە قايتىپ ئۇنىڭ ھەم بالىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشىمغا توغرا كەلدى. رۇخسەت سوراپ ئۆيگە قايتتىم. بىچارە ئايالىم ياۋاش ھەم رايىش بولۇپ قاپتۇ، بەلكىم ئاغرىق ئازابى ئۇنى شۈكلەشتۈرۈپ قويغان بولسا كېرەك. ئۇ يېتىپ قالغاندىن كېيىن، قېيىنئاپام ئۆيىمىزگە كېلىپ ئاش - تاماق ئەتتى. مەن ئايالىم ۋە ئىككى ئوغلۇمنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالدىم. بولۇپمۇ ئايالىمغا قولۇمدىن كېلىدىغان ياخشىلىقنىڭ ھەممىسىنى كۆرسەتتىم. كۆڭلۈمدە بار بولغان مېھرىبانلىقنىڭ بارىنى ئاياپ قالمىدىم. ئۇنى كۆتۈرۈپ ئۆيدىن پەسكە ئېلىپ چۈشۈپ، دوختۇرخانىغا ئاپىرىمەن. قايتىپ كېلىپ يەنە كۆتۈرۈپ ئۆيگە ئېلىپ چىقىمەن. يېنىدا ئولتۇرۇپ بىر - ئىككى سائەت پۇت - قوللىرىنى سىلايمەن، ئۇياق - بۇياققا ئۆرۈپ تالغان بەدەنلىرىنى تۇتۇپ قويىمەن، ئۇ ئامراق يەل - يېمىشلەرنى سېتىۋېلىپ كىرىپ ئاقلاپ بېرىمەن، بەزىدە قىزىق ھېكايە، يۇمۇرلارنى ئوقۇپ بېرىپ ئۇنى كۈلدۈرىمەن. شۇنداق قىلىپ بىر ئايغا يېقىن قاراپ، ئۇ ئۆزى ھاسىغا تايىنىپ ماڭغۇدەك بولغاندا، ئاندىن خىزمىتىمگە كەتتىم. بىراق كۆڭلۈم بىر قىسمىلا بولۇپ قالدى. چۈنكى مۇشۇ بىر ئايغا يېقىن ۋاقىتتا ئۇ مېنى بىرەر قېتىممۇ تىللاپ باقمىدى. يىقىلىش جەريانىدا ئۇنىڭ مېڭىسى چايقىلىپ كەتكەنمىدۇ، دەپ ئەنسىرەپمۇ قالدىم. گېپىمگە كۈلۈشىڭىز تەبىئىي. بىراق، ئويلاپ باقمامسىز؟ بىر ئادەمنىڭ ئىتى تۇيۇقسىز بىر نەچچە كۈن قاۋىمىسا، قويى تۇيۇقسىز مەرەشتىن توختاپ قالسا، باققان قۇشلىرى سايرىمىسا، ئۇ ئادەم قانداق ئويدا بولىدۇ؟ مۇشۇ خىياللار بىلەن نەچچە كۈننى ئۆتكۈزۈپ، ئەتە - ئۆگۈنگىچە بېرىپ ئۆيدىكىلەرنى يوقلاپ كۆرۈپ كېلەي دەپ ئولتۇرسام، ئايالىم ئۇچۇر قىپتۇ: »توردا سىزگە ئېلخەت يوللاپ قويغانىدىم، كۆردىڭىزمۇ؟« شۇنىڭ بىلەن كومپيۇتېرنى قوزغىتىپ خەت ساندۇقۇمنى ئالدىراپ ئاچتىم.
»مەن شۇنچە يىللاردىن بېرى سىزنى چۈشىنىشكە ئۇرۇنۇپ باقماي كەپتىمەن توختەم. سىز شەھەرگە كېتىپ ماڭا بىر مەزگىللىك سەگىدەش پۇرسىتى بەردىڭىز. سىزنى تىللىغان چاغلىرىمدىكى ئۈنسىز قاراشلىرىڭىز، ئەسلىي ئەرلىك ھۆسنىڭىزدە پارلاپ تۇرغان گۈزەللىككەن ئەمەسمۇ، مەن ئۇنى چۈشەنمەي، سىزنى باشقۇرۇشۇمغا كۆندۈردۈم دەپ يۈرۈپتىمەن. مەندىكى مۇھەببەتكە بولغان چۈشەنچىنىڭ تۆۋەن بولۇشى ئائىلىدىكى شادلىق تۇيغۇسى بىلەن سىزنى ئىزچىل تۈردە چەتكە قېقىپ كەپتۇ. مېنىڭ جاھىل خاراكتېرىم، ئاياللىق ناز - كەرەشمىلەردىن خالىي مىجەزىم بىزنى يىراقلاشتۇرۇۋېتىپتۇ. مەندە ئاچچىقنى كونترول قىلغۇدەك كۈچ كەمچىل بول−ۇش سەۋەبلىك سىزگە ئاز بولمىغان ئۇۋالچىلىقلارنى سېلىپ كەپتىمەن. ئويلىسام شۇ تاپتا كۆڭلۈم بەكلا يېرىم بولۇۋاتىدۇ. يا ئەسكى مىجەزىمگە شىپا بولغۇدەك دورا تاپالماي، يا يۈرىكىمنىڭ يېقىملىق سادالىرىنى ئاڭلىيالماي، ئىچىڭىزگە تىنىپ، شۇنچە يىللارنى ئۆتكۈزدىڭىز، شۇنداقمۇ توختەم؟ سىزگە تەنھا، پىنھان، تۇرغۇن ھالەتنى ئۇزاق يىللار ھەمراھ قىلىپ قويۇپتىمەن. بىزنىڭ قەلبىمىز مەڭگۈ سۆيۈشەلمەيدىغان يېگانە ئاراللارغا ئوخشاپ قالغىلى تاسلا قاپتۇ. ئاشۇ >يۇمشاق<لىقىڭىز بىلەن مېنى تۇرمۇشىمىزنىڭ قاتىلىغا ئايلاندۇرۇپ قويغىلى قىل قاپسىز. سىز بىركۈن بولسىمۇ ئاراملىق ئىچىدە ياشاشنى ئىزدىدىڭىز، سۈرلۈك قىياپىتىمدىن ئەيمەندىڭىز، يول قويغاندىلا، ئاندىن بۇ تۇرمۇشنى ساقلاپ قالالايدىغانلىقىڭىزنى ھېس قىلىپ، مەن بىلەن تەڭ تۇرۇپ ئۆزىڭىزنى ئۇپرىتىشنى خالىماي كەلدىڭىز، شۇنداقمۇ؟ بىراق، سىز تولىمۇ مەسئۇلىيەتسىزلىك قىپسىز. مېنىڭ بىچارە ھالىمغا ئىچ ئاغرىتىپسىز، خالاس. شۇڭا، قەستەن يول قويۇپسىز ھەم ئەيمىنىپسىز. ھەتتا ئىسمىمنىمۇ ئۇدۇل ئاتىماي >توختى يۇمشاقنىڭ خوجايىنى، ئوماقلىرىمنىڭ غەمگۈزارى، ئائىلىمىزنىڭ مېھرىبانى< دەپ ئاتاپسىز. مەن ئۇنى چۈشەنمەي مېنى ھۆرمەت قىلىۋاتىدۇ دەپ يۈرۈۋېرىپتىمەن.
ئالەمدىكى ھەرقانداق نەرسە سىزدىن قەدىرلىك ئەمەسكەن توختەم. مەن سىزنىڭ تىنىق قەلبىڭىزگە تاراپ كەتكەن بىر پاكلىق ھەم ساپلىق، ھايات گۈزەللىكىڭىزدە بالقىپ تۇرسىمۇ، ئۇنىڭغا خوتۇنلۇق نەزىرىمنى ئاغدۇرۇپ، ئاياللىق بۇرچۇمنى ئادا قىلالماي كەپتىمەن. ئالدىڭىزدا ئاياللىق قەلبىم بىلەن كۆڭلۈمدىكىنى ئىقرار قىلسام، سىز بولمىغان ئۆي ئادەمسىز دۇنياغا ئوخشاش ئۆزىنىڭ گۈزەللىكىنى يوقىتىپ قويىدىكەن. سىز ئەسلىي سۆيگۈ - مۇھەببىتىمىزنىڭ ھەقىقىي ئامانەت ساقلىغۇچىسى ئىكەنسىز. ئۆزۈم قانچىلىك پاك بولسام سىزمۇ شۇنچىلىك پاككەنسىز. قىز - چوكانلارنىڭ ئەرلىك سۈكۈناتىڭىزنى بۇزالمايدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپمۇ، تېگىشلىك بولمىغان ھەسەت، رەشك ھەم جېدەللەر بىلەن سىزگە كۆپ ئۇۋال قىلىپ كەلگىنىمنى ئويلاپ نەچچە كۈن يىغلىدىم...
ئاچچىقىمنى باسالماي مەيخورلۇق قىلىپ قويغىنىمنى، ئەتىرىمنىڭ پۇرىقى سىڭىپ قالغان كۆڭلىكىڭىزنى سازايى قىلغىنىمنى، ئايشەمنىڭ )ئاپامنىڭ ئۆيىگە يامانلاپ كەتكەندە سۈرۈشتۈرسەم، ئۇ ئۇچۇرى ئۈچۈن ئۆلۈۋالماقچى بولغىنىمنى، قاسىم سەتەڭنى تېپىۋەتكىنىمنى... ئويلىسام شۇنچىلىك خىجىل بولىمەن، قايسىبىرىنى دەپ بولاي، سىزگە قىلغان - ئەتكەنلىرىمنى ئويلىسام، يۈزۈم چىمىلداپ، بەدەنلىرىم تىكەنلىشىپ كېتىدۇ. بىراق ھەممىنى بىلىپ تۇرۇپ، كىشىگە دېگىلى بولمايدىغان سەت قىلىقلىرىمنى يوشۇرۇپ قېلىش ئۈچۈن بولسىمۇ، ئۆزۈمنىڭ ناچار كەيپىياتىمنى، ياۋۇز - ۋەھشىيلىكىمنى ئۆزگەرتەلمەي كەلدىم. سىزگە تۇيۇقسىزلا ياخشى مۇئامىلىدە بولسام، مېنى، بۇ خوتۇن بۇرۇن ئۆتكۈزگەن خاتالىقلىرىنى تەن ئالدى دەپ قالىدۇ دەپ ئويلىدىم. ئەمدى ئويلىسام قىلغان ئىشلىرىمدىن يەرگە كىرىپ كەتكۈدەك بولىمەن. مۇھەببەت بولمىغان ئائىلىدە ياشاشنىڭ ئۆزىلا ئەڭ زور بەختسىزلىك، شۇنداقمۇ؟ بىراق تەلۋىلەرچە نەرە تارتىپ، كۆزلىرىمدىن ئوت چاقنىتىپ، ئۆيدە غەلۋە پەيدا قىلغان چاغلىرىمدا، سىز سۈكۈت بىلەن ئاچچىقىمنىڭ غولىغا شاپىلاق ئۇرۇۋېتىپ، ئۆزىڭىزنىڭ خىيالىي دۇنيايىڭىزدا ياشاپ كەپسىز. شۇ چاغلاردا مېنىڭ ئۆز قولۇم بىلەن چىراغنى ئۆچۈرگەن ۋاقتىمدىكى ئاياللىق گۈزەللىكىمنى بىرەر قېتىم بولسىمۇ ئېسىڭىزگە ئېلىپ باقمىدىڭىزمۇ توختەم؟ ئېسىڭىزگە ئالمىدىڭىز چوقۇم. ئەكسىچە، بۇ ئايال ئاياللىق سۈلكىتىنى، پەرىشتىدەك سۆيۈملۈك زىباسىنى يوقاتتى ئەمدى دەپ ئويلىدىڭىز ھەرقاچان. شۇڭا ماڭا بەكلا ئېتىبارسىز قارىدىڭىز. ماڭا ھەقىقىي مۇھەببەتنىڭ يەنىلا قۇدرەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ قويمىدىڭىز. مانا بۇ مىجەزىمنى ئۆزگەرتمەسلىكىمنىڭ يەنە بىر سەۋەبى. ئېنىقراق قىلىپ ئېيتقاندا، مېنىڭ قىز ۋاقتىمدىن باشلاپلا ھاكاۋۇرلۇقنى، مەنمەنچىلىكنى ئۆگىنىۋالغان بۇ كۆڭلۈم، جېدەلگە تەۋەككۈل قىلىشقا كۆنۈك ئىدى.
ئائىلىدىن ئىبارەت بۇ جەننەت بۆشۈكىدە، روھى ھەم ۋۇجۇدى قامال قىلىنغان بىر ئەركەكنىڭ، يەنە كېلىپ ئىككى بالامنىڭ دادىسىنىڭ، ئۆزۈم ھالاللاپ تەگكەن جۈپتۈمنىڭ، ئەرلىك سادالىرىغا قۇلاق سالمىغىنىمغا ئۆكۈنگەن كۈنلىرىم ھەقىقەتەن كۆپ بولدى. قاقشالدەك قۇرۇغان روھىڭىزنى كۈندىن - كۈنگە نىقسىتىپ قويۇۋاتقان. ناچار كەيپىياتىمنى نېمىشقا رومانتىك تۇيغۇلىرىڭىز بىلەن زەرەتلەپ باقمايسىز جېنىم توختەم؟ مېنىڭ سۆيۈنۈش بىرلەشكەن تەشەببۇسلارغا جور بولالمىغان ئاياللىق ئالىمىمنى، ئۆزىڭىزنىڭ ئەرلىك روھىڭىز بىلەن قېزىپ بېقىشنى خالىمىدىڭىزمۇ - يا؟ سىز ئىمتىھان بەرگىنىڭىزنى يوشۇرۇپ مېنى ئالداپ، مەندىن قېيىداپ شەھەرگە مېنى تاشلاپ كەتكەندىن كېيىن، مەن ئۆزۈمنى خۇددى ئۇزاق يىللاردىن بۇيان ئەسكى تامنىڭ ئىچىگە پۇرلاپ تىقىپ قويۇلغان كېرەكسىز پاختىدەك ھېس قىلىپ قالدىم..
ياۋۇز، يىرتقۇچ ھايۋانلارنىڭمۇ ئۆزىگە تۇشلۇق گۈزەللىكى بولىدۇغۇ؟ زەھەرلىك يىلاننىڭمۇ دورىلىق قىممىتى بولىدۇغۇ؟ رومانتىكلىقىنى يوقاتقان كۆڭۈلدە، غەشلىكتىن باشقا ھېچقانداق تۇيغۇ بولمايدىكەن. لەۋلىرىمدىكى تەبەسسۇم شاخلىرىدا سانسىز گۈل - چېچەكلەرنى پەيدا قىلالمىغان چاغلاردا، پەرۋازسىز قاراشلىرىم ئىچىگە نېمىشقا لاچىندەك باتۇرلۇق بىلەن شۇڭغۇپ كىرىپ، زېھنىمنى جەلپ قىلىپ باقمايسىز؟ يۈرەكلىرىمنى يايراتمايسىز؟ سىز پەرۋاسىز بولغاچقا، قورقۇپ زۇۋاندىمىغاچقا، ئەرلىك جاسارىتىڭىزگە كۈچ بېرەلمىگەچكە، ئارىمىزدا ھېسسيات چېچەكلىرى ئەۋرىشىم تولغىنالمىدى. سىزنىڭ يېتىرقاش بىلەن يەر بېقىشلىرىڭىز، ئائىلىمىزنى بۈگۈنگىچە ساقلاپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئائىلىدىكى شادلىقنىڭ، تۇرمۇشتىكى تەملەرنىڭ يوقىلىپ كېتىشىدە سىزنىڭمۇ ھەسسىڭىز يوق ئەمەس. چۈنكى سىز ۋۇجۇدىدا جېنى، تومۇرىدا قېنى، يۈرىكىدە ئارمىنى، كۆڭلىدە تۇيغۇسى بار بىر ئايالنىڭ پىكرىنىڭ ئۆلمىگەنلىكىگە، قەلبىنىڭ ئاپتاپنى كۆرسە ئېرىپ جىلمىيىدىغانلىقىغا، ياخشى سۆزنىڭ تاشنى ئېرىتەلەيدىغانلىقىغا تازا ئىشەنمىدىڭىز. بولدىلا، بۇلارنى دەپ سىزنى ئەمدى ئۆزۈمدىن يىراقلاشتۇرۇۋالغۇم يوق، جېنىم توختەم.
كۈنلەش ھەم ھەسەتنىڭ تالان - تاراج قىلىشىغا ئۇچرىغان قەلبىڭىزدە، مېھىر - مۇھەببەتنىڭ گۈللىرى يەنە ئېچىلالايدۇ دەپ ئىشىنىمەن. چۈنكى گۆش ھالىتىدىن ھېس - تۇيغۇ ھالىتىگە ئۆتكەن، ئىرادە گۈللۈكىدە، ۋاپا، ھۆرمەت، رايىشلىقنىڭ رەڭدار گۈللىرىنى ئۆستۈرۈشكە ئىنتىلىۋاتقان مەندەك ئايالىڭىز ئەمدى ئويغاندى. قەلبىڭىزنى گۈل - چېچەككە ئوراشقا قايتا بەل باغلىدى. شۇڭا، >قارا كىگىزنى مىڭ سوپۇنداپ يۇغان بىلەنمۇ ئاقارمايدۇ< دەپ ئويلىماي، ئۆتكەنگە سالاۋات دەۋېتىڭ. بىلىمەن سىز كەڭ قورساق ئەركەكسىز، ئالدىڭىزدا ئۆزۈمنى مۇشۇنچىلىك ئوپېراتسىيە قىلسام يېتەرلىك بولار. يەنە جىق گەپ قىلىشتىن خىجىل بولىدىكەنمەن، سىز غېرىبسىنىپ قالغان بۇ ئۆيگە تېزرەك قايتىپ كېلىشنى خالارسىز - ھە، سۆيۈملۈك دادىسى؟! سىزنى ئىلگىرى رەنجىتكەن ئايالىڭىز شۇ تاپتا ئاياللىق مېھرىنى تاۋلاپ سىزنى كۈتۈپ ئولتۇرىدۇ، قايتىپ كېلىڭ، ئاللا راۋا كۆرسە، چاچلىرىمىز ئاقارغىچە، نەۋرە - چەۋرە كۆرگىچە قول تۇتۇشۇپ بىللە ياشايلى، ماقۇلمۇ؟ تۇيۇقسىز ياۋاشلاپ قالغان ئايالىڭىزنى كۆرۈپ >مۇنۇ جاۋىلداق خوتۇن كاللىسىدىن ئازدىمۇ نېمە؟< دېمەسسىز ھە!؟ شۇنداق دېسىڭىزمۇ مەيلى، مەن رازى. قايتىپ كەلسىڭىزلا بولدى. چۈنكى ئادەمنىڭ قەلبىدە ئادىمىيلىك تۇيغۇلىرى ئۆلمىسىلا، يۈرىكى گۆشتىن يارالغان، پىكرى تىرىك بولسىلا ھەرقانچە باغرى تاش ئادەم بولسىمۇ بارا - بارا ئۆزگىرىدىكەن. شۇنداق مەن ئۆزگەردىم ھەم سىزنىڭ ۋاپادار ئايالىڭىز، غەمگۈزار خانىمىڭىز، مۇڭداشقاق يارىڭىز بولۇشقا تەييارلىنىپ بولدۇم، قېنى ئەمىسە قولىڭىزنى ماڭا بېرىڭ دادىسى!...«
* * *
ئايالىمنىڭ ھالال جۈپتى ئىكەنلىكىمنى دىلى بىلەن تەستىقلاپ، ئىلگىرىكى گۇناھلىرىنى تىلى بىلەن ئىقرار قىلغان ئېلخېتىنى تاپشۇرۇۋېلىپ ئالدىراپ ئۆيگە قايتىپ كەلدىم. مۇشۇنداق تاتلىق دەقىقىلەردە، قەلبىڭىزدە ئۆزىڭىز سېزىپمۇ ئۈلگۈرەلمەيدىغان يېقىملىق تۇيغۇلار پەيدا بولىدىكەن. ئىشىكتىن كىرىپلا:
−− بۈگۈن قىپقىزىلگۈل بولۇپ كېتىپسەنغۇ مېھرىبانىم؟ −− دېدىم ئايالىمنىڭ چوڭقۇر تۇيغۇلار چاچراپ تۇرغان، ئەۋۋىلىدىنلا چىرايلىق، يوغان كۆزلىرىگە قاراپ. ئۇ تولىمۇ روھلۇق ھەم خۇشخۇي ئىدى. زەھەرلىك تىلى قۇرۇپ، مېھىرلىك كۈلۈمسىرەپ تۇرغان چىرايلىق بۇ يىلان، ئىشىكتىن كىرىشىمگە گەپ قىلمايلا بوينۇمغا يۆگەشتى. ئۇنىڭ يۆگىشىشلىرىدىن يېقىمسىزلىقنى ئەمەس، ئاپتاپتەك ئىللىقلىق ھەم تاتلىققىنا نازاكەتنى ھېس قىلدىم. ئۇ مېنىڭ رازىمەنلىك بىلەن تەبەسسۇم قىلغىنىمنى كۆرۈپ، يېڭى كېلىنچەكتەك خىجىللىق ئىچىدە كۈلۈمسىرەپ، بېشىنى ئاستاغىنە تۆۋەن سالدى. ئىچكى تۇيغۇلىرىنى يوشۇرۇپ تۇرغان كۆزلىرىدە، بەخت ئىلكىدە قىزىرىپ كەتكەن لەۋلىرىدە، ئاياللىق ھايا ۋە قورۇنۇشى جىلمىيىپ تۇرغان ئاق پىشماق يۈزلىرىدە قىلىپ قويغان بىمەنە ئىشلىرىدىن خىجىل بولۇۋاتقانلىقى بىلىنىپ تۇراتتى... سۆيگۈ ئاخىر يېشىل چىمەنلىرى بىلەن قايتا نەقىشلىنىپ، ۋۇجۇدىمىزغا جان ۋە شېرىنلىك بېغىشلايدىغان ھېسسىيات ئالىمىنى پەيدا قىلماقتا ئىدى. ھاياتتا، يېقىن ھەمراھى، مېھىرلىك قەدىناسىنىڭ كۈلكىسىنى كۆرۈپ ياشاشتىنمۇ تاتلىق ۋە كۆڭۈللۈك ئىش بولمىسا كېرەك.
ئايال كۈلسە ئەرلىك روھنىڭ گۈللىرى ھۈپپىدە ئېچىلىپ، كىشى جىسمىنىڭ بۇلاقلىرى ۋىلىقلاشقا باشلايدۇ. مانا بۇ ئاياللىق روھنىڭ كۆڭۈل بوستانىغا ئاتا قىلغان كىچىككىنە، ئەمما ئەبەدىيلىك سوۋغىسىدۇر.
شۇنداق، مېھرىبان كۈلۈشنى ئۆگەندى ھەم كۈلۈمسىرىدى. ئۇنىڭ يېقىملىق كۈلۈمسرىشى، ئۇنىڭغا ئاياللىق لاتاپىتىنى قايتۇرۇپ بەردى. ئۇنىڭ يېقىملىق بۇ كۈلكىسى مەن ياشاۋاتقان بۇ مەھەللىگە، كوچا - كويلارغا، مەن سايىدايدىغان تەكلەرگە، مەن ماڭىدىغان يوللارغا، دالا - ساھىللارغا سىڭىپ كەتتى. چۈنكى ئۇنىڭ بۇ كۈلۈمسىرىشى بوۋاقنىڭ ئۇيقۇغا قانغاندىن كېيىنكى تاتلىق كۈلكىسىگە ئوخشايتتى، ئۇنىڭ بۇ كۈلۈمسىرىشى باغدىكى ھۈپپىدە ئېچىلغان رەڭدار گۈلدەك چىرايلىق ئىدى، ئۇنىڭ بۇ كۈلۈمسىرىشى قۇشلارنىڭ سايرىشىدەك يېقىملىق ھەم جازىبىدار ئىدى...
|