ھارۋىكەش ناخشىسى
(پوۋېسىت)
ئايمۇھەممەد ساھىبى
يازماقچى بولغىنىم يېقىندا ئاڭلىغان بىر ئىش.نەچچە كۈندىن بېرى ئۇيان ئويلاپ، بۇيان ئويلاپ ئاخىرى شۇ ئىشنى قەلەمگە ئېلىش نىيىتىگە كەلدىم.
مەن شەھەردىن يېزىغا كۆچۈپ كەلگەندىن بېرى ئۆز قۇلىقىم بىلەن ئاڭلىغان ئىشلارنى ئاز دەمسىز، قۇلاق سالسىڭىز ھەممىسى ئىختىيارسىز قەلەمگە ئالغۇڭىز كەلگۈدەك ئىشلار.شۇنداق ئىشلارنى ئاڭلىغىنىمدا كىندىك قېنىم تۆكۈلگەن زېمىنغا ئۆي سېلىپ كۆچۈپ كېلىۋالغىنىمغا، شەھەرنىڭ شاۋقۇن-سۈرەن، ئىس-تۈتەك، سېسىق پۇراقلىرىدىن قۇتۇلغىنىمغا مىڭ شۈكۈر دېگۈم كېلىدۇ. سەرەڭگە قېپىدەك ئۆيدە ئىچىم سىقىلىپ ئۆتۈپ كەتكەن ئۆمرۈمگە ئىچىم ئاغرىيدۇ.مانا ئەمدى ئۆزۈمنى ياشلىقىمغا قايتىپ نەچچە ياش ياشىرىپ قالغاندەك ھېس قىلىۋاتىمەن.ئاڭلىغان، كۆرگەن، ھېس قىلغان ئىشلارنى قەلەمگە ئالغۇم كېلىپلا تۇرىدۇ.يېزىپ قولۇم تالغان، بېشىم قاتقان چاغلاردا دەرىزە پەردىسىنى قايرىۋېتىپ ھويلامدىكى ئۆز قولۇم بىلەن تېرىغان گۈل، كۆكتاتلىرىمغا نەزەر سالىمەن.بەزىدە ئۆز قولۇم بىلەن يېتىشتۈرگەن بېغىمنى ئارىلايمەن.ئۆيۈمنىڭ ئالدىدا قاچانلا قارىسا سۆگەتلەر سېلىنىپ، سۈزۈك سۇلىرى كۈۋەجەپ ئېقىپ تۇرىدىغان بىر ئۆستەڭ بار.شۇ ئۆستەڭ بويلىرىنى ئايلىنىمەن.سۇ بۇيىدا زوڭزىيىپ ئولتۇرغىنىمچە ئۇچۇملاپ سۇ ئىچىپ راھەتلىنىمەن. مەھەللىمىزنىڭ توپىلىق يوللىرىدا يالاڭ ئاياغ مېڭىپ باقىمەن. بۇنداق چاغلاردا شۇ يوللاردا ئاتا-ئانامغا ئەگىشىپ ماڭغان كىچىك چاغلىرىم ئېسىمگە كېلىپ، ئۇلارنىڭ سېيماسىنى كۆرگەندەك بولىمەن. مەھەللەمدىكىلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك رىزقى يەرگە باغلانغان دېھقان كىشىلەر، دېھقاندىنمۇ چىقىشقاق، مۇڭداشقاق، كۆڭلى تۈز، ساددا ئادەم بولامدىغان جاھاندا!مەن ئۇلار بىلەن مۇڭداشقاچ ئۇلار بىلەن تەڭ كۈلىمەن، ئاللىقانداق ئىشلارغا ئۇلار بىلەن تەڭ ئۆكىنىمەن.
يېقىندا ئاڭلىسام ياۋرۇپادىكى قايسىدۇ بىر دۆلەتتە يېڭىدىن ئۆي سالسا كونىراپ ۋەيرانە بولۇپ كەتكەن ئۆيگە ئوخشىتىپ سالىدىغان بىر ئىش چىققانمىش.بۇنى نېمە گەپكەن دېسىڭىز، ئۆيلىرىنى يېزا پۇرىقىغا ئىگە قىلماقچى بولغىنىمىش. ئۇلار ئۆيلىرىنى يېزىدىكى قەدىمكى ئۆيگە ئوخشىسۇن دەپ، ئۆيلىرىنىڭ تام-تۇرۇسلىرىنى قەستەن ئىسلاپ، ئۆمۈچۈك تورلىرىنى ئېسىلدۇرۇپ قويۇشارمىش.ئۆيلىرىنىڭ ئەتراپىنى شاخ-شۇمبىدا چىتلاپ، ئاللىقانداق بۇلۇڭ-پۇچقاقلارغا سۈڭگۈچ ئېچىپ قويارمىش.ھويلا تاملىرىنىڭ بىر يەرلىرى زەيلەپ ئۆرۈلۈپ كېتىپ، قىشلىرى شۇ يەردە چېچىلىپ ياتقاندەك ھالەتلەرنى شەكىللەندۈرۈپ قويارمىش. شۇنداق ئۆيلەرنىڭ ھويلا-ئاراملىرىدا ئىت قاۋاپ، مۈشۈك مىياڭلاپ، توخۇ، كەپتەر دانلاپ، قوي-كالىلار ئېغىناپ يۈرۈشەرمىش.بۇنداق ئۆيلەرنىمۇ تېخى شۇ يۇرتنىڭ كاتتا بايلىرى مەخسۇس شۇ كەسىپنىڭ مۇتەخەسىسلىرىنى تەكلىپ قىلىپ نۇرغۇن پۇل خەجلەپ ئاندىن ياسىتالارمىش. بۇ گەپنى ئاڭلاپ سىز-بىز پىخىلداپ كۈلگىنىمىزچە:
-خۇدايا توۋا، بىز ئۇ خەق كۆرىۋاتقان كۈنلەرگە ئېرىشەلمەي يۈرۈۋاتساق، ئۇ خەقنىڭ بىز كۆرۈۋاتقان كۈننى ئارزۇلاپ يۈرۈۋاتقىنى نېمىسى؟-دەپ قالىمىز.شۇنىڭغا قارىغاندا تەرەققىيات دېگەنمۇ بىر يەرگە بېرىپ بۇرۇنقى ئەنئەنىگە يۈزلەنسە كېرەك.مانا مەنمۇ ئۆمرۈمنىڭ تەڭدىن تولىسىنى شەھەردە ئۆتكۈزۈپ، ئات ئايلىنىپ ئوقۇرىنى تاپقاندەك يەنە ئەسلى ماكانىمغا قايتىپ كەلدىمغۇ، مەنلا ئەمەس، شەھەردىن يېزىغا كۆچۈپ كېتىشنى ئارزۇلاپ يۈرۈۋاتقانلار ئازمۇ ھازىر؟
شەھەردىن يېزىغا كۆچۈپ كەلگەن ئىكەنمەن، ماڭا ئەمدى تۇرمۇش ئۆگىنىمەن دەپ يۈرۈشنىڭ ھاجىتى قالمىغان ئىدى. بۇرۇن شەھەردە چېغىمدا شۇنداق قىلاتتىم. دەم ئېلىش كۈنلىرىدە تۇرمۇش ئۆگىنىمەن دەپ بازار، رەستىلەرنى ئارىلايتتىم. تۈرلۈك-تۈمەن چىراي، قىياپەت، روھى ھالەتلەرگە نەزەر سالاتتىم.ئىككى دېھقاننىڭ بىر يەرگە كېلىپ پاراڭلىشىۋاتقىنىنى كۆرسەم قېشىغا بېرىپ گەپ تىڭشايتتىم.بەزىدە ئاتايىن يېزا-قىشلاقلارغا بېرىپ ئايلىنىپ كېلەتتىم. كۆرۈشۈپ پاراڭلاشقان كىشىلەرنىڭ لەقىمىدىن تارتىپ خاراكتېرىگىچە ئىگىلىۋېلىشقا، يېڭىدىن-يېڭى گەپ-سۆزلەرنى ئاڭلاپ خاتىرە قالدۇرۇۋېلىشقا تىرىشاتتىم. مانا ئەمدى ئۇنداق ئاۋارىچىلىقتىنمۇ قۇتۇلۇپ قالغان ئىدىم.
شەھەردىن يېزىغا كۆچۈپ كەلگەندىن بېرى مەن بۇرۇن ئىزدەپ يۈرگەن شۇنداق پۇرسەتلەر ئەمدى ئۆز ئايىغى بىلەن مېنى ئىزدەپ كېلىشكە باشلىغان ئىدى.مەھەللەمدىكىلەر كۈندە دېگۈدەك ئۆيۈمگە كىرىپ مەن بىلەن مۇڭدىشىپ چىقىپ كېتەتتى.ئۇلار مېنىڭ شەھەردىن كۆچۈپ كېلىپ ئۆزلىرىنىڭ قاتارىغا قوشۇلۇپ ئولتۇرغىنىمغا شۇ قەدەر خۇشال ئىدى.مېنى ئۆز قېرىندىشى ھېسابلايتتى.مەنمۇ ئۇلار ئۈچۈن ئۆيۈمنىڭ ئىشىكىنى ھەرقاچان ئوچۇق قوياتتىم.ئۆيۈمگە كىم كىرسە شۇئان ئالدىغا داستىخان سېلىپ چاي قۇياتتىم.بەزىدە ئۆيۈمگە كىرگەنلەرنىڭ كۆپلىكىدىن ماڭا ئولتۇرغىلى ئورۇن قالمايدىغان چاغلارمۇ بولۇپ قالاتتى.بىز ئۇنى-بۇنى يەپ-ئىچەتتۇق.تاماكا چېكىشكەچ قىزىق پاراڭلارغا چۈشۈپ كېتەتتۇق. چاقچاقلىشىپ كۈلۈشەتتۇق. تېلېۋىزور كۆرگۈسى بارلار تېلېۋىزور كۆرەتتى. كىتاب ئوقۇغۇسى بارلار كىتاب ئوقۇيتتى. پۇل-پېچەككە قىسىلىپ قالغانلىرى پۇل سورايتتى.مەنمۇ ئۆيۈمدە بارىنى ئۇلاردىن قىلچە ئايىمايتتىم. ئۇلارنىڭ دەردىگە دەرمان، غېمىگە غەمخان بولۇشقا تىرىشاتتىم. ئۇلارمۇ خۇشى تۇتۇپ قالغاندا، ھويلىڭىزدىكى تاللىرىڭىز بەك كۆكلەپ كېتىپتۇ، تال دېگەننى بۇنداق ئۆز مەيلىگە قويۇپ بەرگەن بىلەن بولمايدۇ.پۇتاپ باشقۇرمىسا بىكار، دېگەندەك گەپلەرنى قىلىشىپ، تال پوتايدىغان، ئېرىققا تۇغ سېلىپ باغ سۇغۇرىدىغان، كۆكتات، گۈل-گىياھلارنىڭ تۈۋىنى يۇمشىتىپ ئەي قىلىدىغان، گاز تۇڭى ئالماشتۇرۇپ كېلىدىغان ئىشلىرىمنى قىلىشىپ بېرەتتى.مەن ئۇلارنىڭ ئاغزىدىن يېڭىدىن-يېڭى، ئاجايىپ ئىشلارنى ئاڭلاپ تاماكامنى چەككەچ مۇڭلىنىپ ئولتۇرۇپ كېتەتتىم. دۇرۇس، تۇرمۇشتىن تەسىرلىنىشنى بىلمىگەن ئادەملەرگە بۇنداق گەپلەرنى چۈشەندۈرمەك تەس. يازغۇچىلىق مۇشۇنداق بىر ئىش ئىكەن، تۇرمۇشتىن ھەقىقى تەسىرلەنگەندە ئاندىن چىن كۆڭلىدىكىنى قەلەم ئارقىلىق ئىپادىلىگۈسى كېلىدىغان گەپكەن.بۇ گەپلەرنى قويۇپ ئەسلى گېپىمگە كەلسەم، بۇمۇ ئادەمنى ھەيران قالدۇرۇپ تەسىرلەندۈرىۋەتكۈدەك ئاجايىپ بىر ئىش.
★ ★ ★
مەھەللىمىزدە جۈمە شامال دەپ بىرى بولىدىغان، بىر كۈنى ھويلامدىكى تال-باراڭنىڭ سايىسىدا توقۇلما ئورۇندۇققا چۆككىنىمچە تاماكامنى چەككەچ، ئوقۇيدىغىنىمنى ئوقۇپ ئولتۇراتتىم، شۇ ئادەمنىڭ ئۆزى يېنىمدا لۆڭڭىدە پەيدا بولۇپ قالدى.
-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، يازغۇچى ئەپەندىم.
ئۇ ماڭا شۇنداق دەپ ھىجايغىنىچە كۆرۈشكىلى قول سوزدى. مەنمۇ ئالمان-تالمان ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئۇنىڭغا قول سوزدۇم-دە:
-ۋوي، بۈگۈن قايسى شامال ئۇچۇرتۇپ كەلدى سىزنى؟-دەپ چاقچاق قىلدىم ئۇنىڭ لەقىمىگە دارتمىلاپ.
-يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقاچ قارىسام گېزىت ئوقۇپ ئولتۇرۇپسىز، سالام بېرىپ ئۆتۈپ كېتەي دەپ كېرىشىم.
-ياخشى بوپتۇ، قېنى، قېنى بۇياققا كېلىڭ!-دېدىم ئۇنىڭغا يېنىمدىن ئورۇن كۆرسىتىپ،-قانداق، ئىش-كۈشلىرىڭىز جايىدا كېتىپ بارامدۇ؟
-خۇداغا شۈكۈر،-دېدى ئۇ مەن كۆرسەتكەن ئورۇندا ئولتۇرۇۋېتىپ،-بىز دېھقان خەق دېگەن شامال چىقسا خامان ئاتىمىز دەپ كۈن ئۆتكۈزىدىكەنمىز ئەينا.
ئۇنىڭ ئۆز لەقىمىگە ئۆزى دارتمىلاپ قىلغان بۇ گېپىدىن ھەر ئىككىلىمىز كۈلۈشۈپ كەتتۇق.
جۈمە شامالغا نېمە ۋەجىدىن شۇنداق لەقەم قويۇلۇپ قالغانلىقىنى مەن تازا بىلمەيمەن.لېكىن جۈمە شامال دېسە ئۇنى بۇ مەھەللىدە قۇچاقتىكى بالىدىن تارتىپ، قويغان-تۇتقىنىنى ئېسىگە ئالالمايدىغان بوۋاي-مومايلارغىچە بىلمەيدىغىنى يوق.جۈمە شامال دېسە ھەممىنىڭ كۆز ئالدىغا دەررۇ شاپاق بۆكىنى قىڭغىر كىيىپ، ئىشتىنىنىڭ پۇشقىقىنى تۈرۈپ يۈرىدىغان كۆسەي چىراي، ياغاق يۈز بىر سېيماھ كېلەتتى. ئۇ ئۆز لەقىمىگە خويمۇ ماس ھالدا يول ماڭسا شامالدەك تېز ماڭاتتى.گەپ قىلسىمۇ شامالدەك تېز گەپ قىلاتتى.يول مېڭىشقا، گەپ قىلىشقا زىنھار ئېرىنمەيتتى.ئۆزىمۇ ئوچۇق چىراي، چاقچاق خۇمار ئادەم ئىدى. ئۇ خاپىلىقى تولا، جاپاكەش نامرات ئادەم بولغىنى بىلەن، قاچانلا قارىسا ھېچ غېمى يوق، توققۇزى تەل ئادەملەردەك كۈلۈمسىرەپ يۈرەتتى. شۇنىڭغا قارىغاندا ئۇ بۇ جاھاننىڭ تۈگىمەس خاپىلىقلىرىغا ئانچە ئېرەنشىمەيدىغاندەك، كۈنۈپ قالغاندەك كۆرۈنەتتى.
بۇ مەھەللىدىكى ئادەملەرنىڭ يېڭى تۇغۇلغان پەرزەنتلىرىگە ئىسىم قويۇش ئادەتلىرىنى ئاڭلىسا ئادەمنىڭ كۈلگۈسى كېلىدۇ.باشقا ئىسىم تېپىلمىغاندەك روزى-رامىزان، ھېيت-ئايەم كۈنلىرى تۇغۇلغان پەرزەنتلىرىگە روزىگۈل، روزاخۇن، قۇرباننىسە، ھېيتاخۇن...دەپ، جۈمە كۈنىدە تۇغۇلغان پەرزەنتلىرىگە جۈمىراخۇن، جۈمەنىيازخان...دەپ بىر خىللا ئىسىمنى تەكرار قويۇشىۋېرەتتى.ئۇنىڭدىن باشقا كۈنلەردە تۇغۇلغانلارغا بولسا ئەرزان چىللاپ ئىسىم قويۇپ بەرمەكچى بولغان ئاخۇنۇم نېمە دېسە شۇ ھېساب بولاتتى.بۇنداق چاغدا ئاخۇنۇم:قۇرئانى كېرىمدە يوق ئىسىمنى قويۇش ئەھلى مۇسۇلماننىڭ سۈننىتى ئەمەس...دېگەندەك گەپلەرنى قىلاتتى-دە، شۇنىڭ بىلەن قۇرئان كېرىمدە تولا ئېغىزغا ئېلىنىدىغان مۇھەممەد، ئىبىراھىم، ئىسمائىل، بۇ خەدىچە، بۇ ئايىشە...دېگەندەك قۇلاققا يېقىن بىر نەچچەئىسىم ئىچىدىن بىرى تاللىناتتى.شۇ بىر نەچچە ئىسىم تەكرار قويۇلىۋەرگەن پەرزەنتلەر بىر زامانلاردىن كېيىن بوي تارتىپ، قوللىرىغا كەتمەن ئالغۇدەك بولغاندا ئۇلارنى بىر-بىرىدىن پەرقلەندۈرمەكمۇ بىر گەپ بولۇپ كېتەتتى. مىسالى مەھەللىدە جۈمىراخۇن ئىسىملىك بىرسىنىڭ پارىڭى بولۇپ قالغاندا باشقىلار دەررۇ:قايسى جۈمىراخۇننى دەيلا، جۈمىراخۇن تەلپەكمۇ ياكى جۈمىراخۇن بۆزچىمۇ دەپ سورىشاتتى.جۈمىراخۇن شامالچۇ، ھېلىقى، ئاتا-بوۋىسى ئېچىق بېشىدا تۈگمەن چۆرۈگەن، دېسە ئاندىن باشقىلار:ھە... ھېلىقى جۈمە شامالنى دەملا، دەپ دەررۇ ئېسىگە ئېلىشاتتى. شۇڭىمىكىن مەھەللىدە لەقەمسىز ئادەمنى ئانچە ئۇچراتقىلى بولمايتتى.
جۈمە شامالنىغۇ مەھەللىدىكىلەر شۇنداق دەپ ئاتىشىدۇ. باشقا جۈمە ئىسىملىكلەرنى نېمە دەپ ئاتايدۇ دېمەمسىلەر؟ جۈمە كاناي، جۈمە چاچاپ، جۈمە چىلىم... ۋاي- ۋۇي، بۇنداق لەقەملەرنى ئاڭلاپ ئادەمنىڭ كۈلگۈسى كېلىدۇ. بۇ مەھەللىدىكىلەرنىڭ بىر ياخشى يېرى، شۇنداق لەقەملىرى بىلەن قوشۇپ ئاتىغانغا ھېچكىم رەنجىپ يۈرمەيتتى. بۇنىڭغا كىممۇ رەنجىپ بولالىسۇن؟ شۇنداق لەقەملىرى بىلەن قوشۇپ ئاتىمىسا ئۇلارنى بىر- بىرىدىن بىلەن پەرەقلەندۈرۈشنىڭ باشقا بىرەر ئامالى بولمىسا-يا؟ جۈمە شامالمۇ مەھەللىدىكىلەرگە ئوخشاشلا لەقىمى بىلەن قوشۇپ ئاتىغانغا زىنھار رەنجىپ قالمايتتى. رەنجىشكە توغرا كەلسە ئۇ تېخى شۇ لەقىمى بىلەن قوشۇپ ئاتىمىغانغا رەنجىپ قالىدىغاندەك كۆرۈنەتتى. باشقىلار شۇ لەقىمى بىلەن قوشۇپ ئاتىغاندا ئۇ ئۆزىنىڭ شۇنداق لەقىمى بولغىنىدىن پەخىرلىنىۋاتقاندەك كۈلۈمسىرەپ قوياتتى...
مەن شۇلارنى خىيالىمدىن ئۆتكۈزۈۋاتقاندا جۈمە شامال توختىماي خېلى جىق گەپلەرنى قىلىپ بەرگەن بولدى. ئۇنىڭ ئارىلاپ قۇلىقىمغا كىرگەن گەپلىرىدىن قارىغاندا دېھقان خەق دېگەننىڭ كۈنى يازدا ئوتنىڭ ئىچىدە، قىشتا مۇزنىڭ ئىچىدە ئۆتەرمىش.شۇنداق جاپاغا چىداپ ئىشلىمىسە ئۇلارنىڭ كۈن كەچۈرمىكى تەس بولارمىش. لېكىن دېھقان دېگەن ھەرقانچە خاپىلىق تارتىپ ئىشلىگىنى بىلەن بۇ ھامان كەتمەن چاپقان جىگدە يەپ، ئوڭدا ياتقان گىردە يەپ ئۆتىدىغان جاھانمىش.دېھقان دېگەننىڭ ئەجرىنى خۇدايىم بەرمىسە بىكارمىش.دۈۋە-دۈۋىگە يىغىلغاندەك مۇشۇ كۈنلەردە بايلار يەنە بايمىش. نامراتلار يەنە نامراتمىش. بۇ مۇشۇنداق تەڭشەلمەيدىغان ئالەممىش. بازاردا دېھقاننىڭ مىڭ جاپادا تېرىغان بۇغداي- قۇنىقىنىڭ نەرقى بەك ئەرزانمىش. لېكىن دېھقان ئالىدىغان نەرسىنىڭ نەرقى-ناۋاسىغا بويلىغىلى بولماسمىش.مۇشۇ كۈنلەردە ھەممە نەرسە ساختىلىشىپ كەتكەنمىش.ئادەملەرمۇ ساختىلىشىپ كېتىۋاتقانمىش. ئادەملەردە ئىنساپ دېگەن نەرسە قالمايۋاتقانمىش.ئۇ يېقىندا بازاردىن بىر جۈپ بەتىنگە ئالغان ئىكەن، تۆت كۈن ئۆتمەستە پۇتىغا ساپقۇدەك يېرى قالماي ئاچچىقىدا چەللىگە چۆرىۋەتكەنمىش.بىر قوي ساتقان ئۈچ يۈز كوي پۇلى يالغان چىقىپ قېلىپ ئۇ پۇل ھېلىغىچە بىر قاپ سەرەڭگە ئالغىلىمۇ ئەسقاتمىغانمىش...
جۈمە شامال يەنە نېمىلەرنىدۇ دەپ ئېغىر خۇرسىندى- دە، ئاندىن گېپىنى ئۇلاپ:
-سىز بىر نەرسە يازىدىغان ئادەم بولغاندىكىن بىزدەك دېھقان خەقنىڭ دەردىنى بىر يېزىڭە!-دېدى مەندىن ئۆتۈنگەن ھالەتتە كۆزلىرىمگە تەلمۈرۈپ،- بىزگە ئوخشاش دېھقان خەقنىڭ دەردىنى ئاز دەمسىز؟ بىزنىڭ دەردىمىزنى يازغىنىڭىز بىزنىڭ دەردىمىزگە يەتكىنىڭىز، بىزنىڭ دەردىمىزگە يەتكىنىڭىزگە خۇدايىم سىزنى ئىككى ئالەم ئەزىز قىلار!
-يازاي، يازاي،-دېدىم مەن دەررۇ بېشىمنى كۆتۈرۈپ،-يېزىش مەندىن، سۆزلەپ بېرىش سىزدىن بولسۇن، بۇ يۇرتتا مىسالى يەنە قانداق ئىش بار دەيسىز؟
-باشقىسىنى قويۇپ مەن مۇشۇ يېقىندا شەھەرگە بېرىپ كەلگەن چاغدىكى بىر ئىشنى دېمەمسىز؟
-قانداق ئىش دەيسىز؟
-توختاڭ، گېپىمنى بۆلمەي تۇرۇڭ!-دېدى جۈمە شامال ماڭا تەپسىلىي سۆزلەپ بەرمەكچى بولغاندەك قىلىپ،-قانداق ئىشلىقىنى بىر باشتىن سۆزلەپ بېرەي، يەنە دېسەم يەنە شۇ، بىزگە ئوخشاش دېھقان خەقنىڭ بىر قېتىم شەھەرگە بېرىپ كەلمىكىمىز ئاسان گەپمۇ دەڭ؟ بۇ تەرىپىنى ئويلىسام ئاتا-بوۋىلىرىمنىڭ ئالەمنىڭ بىر بۇرجىكىگە ئۆي سېلىپ ئولتۇرۇپ قالغىنىغا لەنەت ئوقۇغۇم كېلىدۇ.ئۇلارنى نېمىشقىمۇ شەھەرگە يېقىنراق بىرەر جايغا كەپە تىكىپ بولسىمۇ ئولتۇرۇپ قالمىغان بولغىيدى دەپ قالىمەن.شۇنداق قىلغان بولسا بىزگىمۇ بۇ خاپىلىق يوقتى-ئەمەسمۇ؟ شەھەر دېگەن بەرىبىر شەھەر-دە.ئەلمىساقتىن بىرى پادىشاھلارنىڭ بىر-بىرىدىن تالىشىدىغىنىمۇ شۇ شەھەرغۇ؟ سىز قايسى بىر پادىشاھنىڭ يېزىدا ياشاپ ئۆتكىنىنى ئاڭلاپ باققان؟ شەھەر دېگەندە تېپىلمايدىغان نېمە بار؟ پۇل تاپماقمۇ ئاسان، تاپقان پۇلنىڭ راھىتىنى كۆرمەكمۇ ئاسان، ئىشىكنى ئېچىپلا چىقسىڭىز بوسۇغىڭىز تۈۋىدە توخۇ سۈتىدىن باشقا ھەممىسى تەل دېگەن گەپ.يېزىنىڭ ھەرقانچە كاتتا بېيى بولسىمۇ ئىچىدىغىنى يەنە لاي سۇ. شەھەرنىڭ قەلەندەرلىرى تىلەپ يىسىمۇ يەيدىغىنى بەرىبىر بەتتە-پولۇ.بۇ تەرەپلىرىنى ئويلىسا يېزىدا تۇغۇلۇپ قالغىنىمغا مىڭ پۇشايمان قىلغۇسى كېلىدۇ ئادەمنىڭ. لېكىن پېشانەمگە پۈتۈلگىنىنى كۆرمەي نېمە ئامال دەيسىز؟
جۈمە شامال قولىدىكى تۈگەي دەپ قالغان تاماكىسىنى بىر- ئىككى شورىۋېتىپ ئالدىمدىكى كۈلدانغا ئېزىپ قويغاندىن كېيىن يەنە ماڭا بۇرۇلدى:
-شۇنداقمۇ دەيمىز، ئادەمگە يەنە ئۆزىنىڭ توغۇلغان مەھەللىسى باشقىچە ئۇز كۆرۈنىدىكەن. يېزىلىق بولغىنىمىز بىلەن شەھەرلىكلەرگە ئوخشاش ئىچىدىغان سۇدىن تارتىپ ھەممىنى پۇلغا ئېلىپ يۈرمەيمىز.يەيدىغان، ئىچىدىغىنىمىز ئۆزىمىزنىڭ يېرىدىن چىقىدۇ، پۇل ساناپ ئالمىغاندىكىن شەھەرلىكلەرگە ئوخشاش سەرلەپ، مىسقاللاپ ئولتۇرمايمىز. قورساق تويغۇچە يەپ- ئىچىمىز. گالدىن ئاشقىنىنى سېتىپ خەجلەيمىز. يېزا دېگەننىڭ ھاۋاسى ساپ، شەھەرلىكلەرگە ئوخشاش پارچە كېسىلىمىز يوق، تاش يېسەكمۇ سىڭىپ كېتىدۇ.يېزىدا ئولتۇرغانغا يارىشا ئۆيۋاقلىرىمىزمۇ ئازادە، كۆڭلىمىزمۇ ئازادە، شەھەرلىكلەرگە ئوخشاش گۇگۇت قېپىدەك ئۆيلەرگە كەپلىىشىپ يېتىپ، ئۈنلۈكرەك ئاۋاز چىقىرىپ سالسام قوشنام ئاڭلاپ قالارمۇ، دەپ ئەنسىرەپ يۈرۈشنىڭ ھاجىتى يوق.
جۈمە شامال ئۆزىنىڭ گېپىگە ئۆزى پىخىلداپ كۈلۈپ قويدى. ئۇنىڭغا قوشۇلۇپ مەنمۇ كۈلۈۋەتتىم. ئۇ كۈلكىدىن توختاپ گېپىنى يەنە داۋام قىلدى.
-لېكىن- زە، يەنە دېسەم يەنە شۇ قاراڭ. شۇ شەھەر دېگەنگە بارماي دېسە تېخى. «بارمايمەن دېگەن تۈگمەنگە يەتتە قېتىم بېرىپتۇ» دېگەندەك بارغۇلۇق بولۇپ قالغان، باراي دېسە تېخى، بېرىپ- كېلىشنىڭ تەسلىكى. مانا مۇشۇنداق گەپلەر.سىز دىققەت قىلدىڭىزمىكىن، مۇشۇ كۈنلەردە نېمە تۇلا، ماشىنا تۇلا، شەھەرگە بېرىپ قارىغۇدەك بولسا يولدا كېتىپ بارغان ماشىنىنىڭ تولىلىقىدىن ئادەمنىڭ زېھنى ئېلىشىپ كېتىدۇ. ھازىر بىر- ئىككى كالىنىڭ پۇلىغىمۇ بىر ماشىنا ئالغىلى بولىدىغان زامان بولۇپ كەتتى. شۇڭا خەق ئېشەك ھارۋىسىنىمۇ تۈزۈك ھەيدىيەلمەيدىغان بالىلىرىغا بىردىن ماشىنا ئېلىپ بىرىپ كىراغا سېلىپ يۈرىشىدۇ.لېكىن شۇ ماشىنا دېگەن نەرسە قەدەمدە بىر توختاپ كالا ھارۋىسىنىڭمۇ كەينىدە قېلىۋاتسا، بۇنى نېمە دېگۈلۈك؟ زاماننىڭ تەرەققى قىلغىنى شۇ بولدىمۇ ئەمدى؟ سىز بۇ يۇرتتىكى نۇرغۇن ئىشلارنىڭ ئەلمى- تەلمىنى تېخى بىلگۈچى بولمىدىڭىز، ئاستا- ئاستا بىلىپ قالىسىز. ئېسىمگە كەلگەندە دەپ قوياي، بۇنىڭدىن كېيىن شەھەرگە بېرىپ- كېلىدىغان ئىشىڭىز بولسا شۇ ماشىنا دېگەن نەرسىگە زىنھار ئالدىڭىزنى قىلغۇچى بولماڭ! ئۇنىڭغا چىققاندىن كۆرە كالا ھارۋىسىغا چىققىنىڭىز مىڭ ئەۋزەل.
جۈمە شامالنىڭ بۇ گېپىدىن سەل غەلىتىلىك ھېس قىلىپ قالدىم. ئۇنىڭ نېمىشقا شۇنداق دەۋاتقىنىنى ھېچ ئاڭقىرالماي:
-قىزىق گەپتىن بىرنى قىلدىڭىزغۇ سىز،- دېدىم ئۇنىڭغا قاراپ.
-گېپىمنى بۆلمەي تۇرۇڭ!- دېدى جۈمە شامال مەن تەرەپكە يەنە بىر ئاز سۈرۈلگەچ،- گەپنىڭ قىزىقىنى جىق ئاڭلايسىز تېخى، بىز دېھقان خەقمۇ ھالىمىز يوغىناپ بۇرۇنقى كۈنلىرىمىزنى ئۇنتۇپ قېلىشقا باشلىدۇق. بۇرۇنلاردا بىر يەرگە بارساق ئېغىلدىكى كالا- ئېشەكلىرىمىزنى ھارۋىغا قوشۇپلا بېرىپ- كېلەتتۇق.ھازىر دېگەن ئۇنداق زامان نەدە قالدى؟ خالتا- خورجۇنلىرىمىزنى ئۆشنىمىزگە ئارتىپلا ئىشىكتىن چىقىپ يېزا ئالدىدىكى دوقمۇشقا بارساق، «بىزنىڭ ماشىنىغا چىقسىلا» دەپ قولىمىزدىن تارتقىلى نەچچىسى تەييار. جاھاننىڭ رەپتارى شۇ بولغاچقا كالا- ئېشەك قوشۇلغان ھارۋىنى ياراتمايدىغان بولىۋالدۇق.بىز مۇشۇنداق بىر نانغا يېتىپ بولغۇچە داپ چالغىلى تۇرىدىغان مەنمەنچى خەقكەنمىز، دېھقان دېگەننىڭ تۆت تەڭگە تاپمىقى ئاسانمۇ؟ شۇ ماشىنىغا كەتكەن بەش- ئون كوي پۇل يانچۇقىمىزدا قالسۇن دېگەننى ئويلىمايدىكەنمىز. شۇڭىمۇ بىز دېھقان خەقنىڭ چاپىنىمىز تىزىمىزدىن ئاشمايدىكەن. ئادەم دېگەننىڭ بۇرنىغا بىر قېتىم سۇ كىرمىگۈچە ئادەم بولمىقى تەسكەن. سىزگە دېسەم، بۇرۇن مۇشۇ ئۆمرۈمدە شۇ ماشىنا دېگەن نەرسىگە بىرەر قېتىم چىقىپ ئولتۇرۇپ باققىلى نېسىپ قىلارمۇ خۇدايىم، دەپ ئويلايتتىم.مانا ئەمدى شۇزەيلىگىن ھۆ بولۇپ كەتتىمكى، ئىللا- بىللا ئىككىنچى ئالدىمنى قىلغۇچى بولماسمەن.
-نېمىشقا ئەمدى؟
-نېمىشقا دەمسىز؟ مېنىڭ بېشىمغا كەلگەن كۈن سىزنىڭ بېشىڭىزغا كەلمىگەچكە چۈشەنمەيسىز، ناۋادا كالىنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈن موزاينىڭ بېشىغىمۇ كېلىپ باقسۇنا قېنى، شۇ چاغدا سىزنىڭمۇ خەپ دېمىگىنىڭىزنى بىر كۆرەي.
-قانداق دەيسىز؟- دېدىم ئۇنىڭ نېمىشقا شۇنداق دەۋاتقىنىنى تېخىچە ئاڭقىرالماي.
-سىزگە ئېنىقراق سۆزلەپ بەرمىسەم چۈشەنمەيدىغان ئوخشايسىز،-دېدى ئۇ بىر ئىشنى ئېسىگە ئېلىۋاتقاندەك قىلىپ،-بىر ئۆينىڭ ئۇنى سېتىپ، بۇنى ئالىدىغان ئىشلىرى تۈگەمدىغان، يېقىندا شۇ شەھەرگە يەنە بارغۇلۇق بولۇپ قالدى.بېرىشنىغۇ باردىم، لېكىن قانداق باردىم دېمەمسىز؟ بىر كىراكەشنىڭ ماشىنىسىغا سامان تىققاندەك كەپلىشىپ باردىم.ئادەمنىڭ ئۈستىدە ئادەم.ئادەمنىڭ ئاستىدا ئادەم.ماشىنىغا چىقىپ بولۇپ چۈشۈپ كېتىشنىڭ ئورنى بولمىدى، چىقىپ سالغىنمغا مىڭ پۇشايمان قىلدىم.بىردەم قىستىلىپ ئولتۇرغىنمغا بىر نېمە بولۇپ كەتمەسمەن دەپ چىشىمنى چىشلەپ ئولتۇردۇم-يۇ، لېكىن دەردىمنى ئۆزۈم بىلدىم. ئۇنى قانداق ماشىنا دېمەمسىز؟ ئادەتتە بىر تەرىپىدە تۆت ئادەم، يەنە بىر تەرىپىدە تۆت ئادەم بىر-بىرىگە قارىشىپ ئولتۇرىدىغان سەككىز كىشىلىك ماشىنا، سىزمۇ كۆرگەنسىز، بىزنىڭ يېزا بىلەن شەھەر ئارىلىقىدا قاتنايدىغان ماشىنىلارنىڭ تولىسى مۇشۇنداق. بىز بۇنداق ماشىنىنى سەككىز كىشىلىك ماشىنا دەيمىز.سىزگە دېسەم بىزنىڭ بۇ يۇرتتا شۇ سەككىز كىشىلىك ماشىنىغا سەككىز ئادەم سالىدىغان ئىش نەدە؟ شۇڭا سەككىز كىشىلىك ماشىنا دېگەن گەپ قۇرۇپ كەتسۇن دېگۈسى كېلىدۇ ئادەمنىڭ. ھېلىقى كۈنىمۇ شۇنداق بولدى. سەككىز كىشىلىك ماشىنا ئىچىگە يىگىرمە-ئوتتۇزچە ئادەم كىرىپ كەپلىشىپ ئولتۇردۇق.ماشىنىنىڭ شوپۇرى ساقال دېگەننى ئېڭىكىگە قويماي گەدىنىگە قويۇۋالغان يىكەن پاچاق بىر بالا ئىكەن. گەدىنىگە قويۇۋالغان شۇ ساقىلى خېنىمنىڭ چېچىدەك بېلىگە چۈشۈپ تۇراتتى. پات- پات ماڭقىسىنى تارتقىنىچە بېشىنى سىلكىپ يۈز- كۆزلىرىگە سېلىنىپ قالغان ماڭلاي چېچىنى بىر يانغا ئېتىپ قوياتتى. ئۇ بالا ئالدىغا يېقىن يولىغاننىڭ ھەممىسىنى قولتۇقىدىن يۆلەپ يۈرۈپ ماشىنىغا كەپلەۋەردى.ماشىنىدا ئادەم جىقكەن، چىقماي، دېگەنلەرگە، لەڭگەردە چۈشۈپ قالىدىغان مانچە ئادەم بار، تاناي بېشىدا چۈشۈپ قالىدىغان مانچە ئادەم بار، بىردەم چىداپ ئولتۇرسىلا ئورۇن بىكار بولىدۇ، دېگەندەك گەپلەرنى قىلدى.ماشىنا ئىچىدە قىستىلىپ ئولتۇرالماي چۇقان سېلىشىپ كەتكەنلەرگىمۇ دېگىنى يەنە شۇ بولدى. ئۇنىڭ بۇ قىلىقىغا سەل ئاچچىقىم كېلىپ:
-ئۇكاموي، ماشىناڭنىڭ ئىچىدە تىنغۇدەك يەر قالمايۋاتسا، يەنە ئادەم سالىمەن دەيسەن، ماشىناڭنىڭ بېلى چىم بولۇپ كەتمىسۇن يەنە، ئادەمنى بۇنداق توپا بىلەن تەڭ قىلغۇچە بىزدىن ئالغۇلۇقنى جىقراق ئالساڭمۇ مەيلى، سەككىز كىشىلىك ماشىنا دېگەنگە شۇنىڭ لايىقىدا ئادەم سېلىپ ماڭساڭ بولماسمۇ؟- دېۋىدىم، ئۇ بۇنىڭغىمۇ گەپ تېپىپ بەردى. ئۇ مەندىنمۇ ئۆتە گەپچى نېمىكەن. ئۇ شۇپۇ كالپۇكنىڭ توختىماي ۋاتىلداۋاتقىنىغا قاراپ مۇشۇ كۈنلەردە گەپكە ئۇستا ئادەملەرنىڭ ھەممىسىنى شوپۇر بولۇپ كەتكەنمىدۇ، دېگەننى ئويلاپ قالدىم. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە سەككىز كىشىلىك ماشىنا دېگەنگە شۇنىڭغا تۇشلۇق ئادەم سېلىپ ماڭسا ماشىنىنىڭ ماي پۇلىمۇ تۈزلەنمەسمىش.ھازىر ماي كۈندىن-كۈنگە قىممەتلىشىپ كەتكەنمىش.شوپۇرلاردىن ئالىدىغان رەسمىيەتلەرمۇ جىقمىش. قاتناش ساقچىلىرى قەستەن قۇسۇر تېپىپ جەرىمانە ئالارمىش. مۇشۇ كۈنلەردە ھەممىدىن شوپۇر بولماق تەسمىش. ئۇمۇ ئۆيدىكى بىر خوتۇن بىلەن ئۈچ بالىسىنى باقمىسا بولماسمىش. ماشىنا ھەيدىمەي باشقا ئىش قىلاي دېسە تېخى بولمىغانمىش. دادىسى ئۇنى كىچىك چېغىدا ياخشى ئوقۇتمىغانكەنمىش. ياكى باشقا بىرەر ھۈنەر ئۈگەتمىگەنمىش. ماشىنا ھەيدەپ جېنىمنى باقاي دەپ نۇرغۇن پۇلغا ماشىنا ئېلىپ ئۇنى ئەمدى بىكار قويۇشنىڭ ئورنى يوقمىش.ماشىنىدىن پايدا چىقمىسىمۇ ساۋاپ بولار دەپ ھەيدەپ يۈرگەنمىش.شوپۇر شۇ گەپلەرنى قىلىۋىدى، ھەممە ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتىشۋاتقاندەك جىم بولۇپ قالدى. ئارىدىن تېخى كىملەدۇ ئۇنىڭ گېپىنى توغرا تېپىپ:
-بىزنىڭ دەردىمىز يامانمىكىن دېسەك ئۇنىڭ دەردى بىزنىڭكىدىن يامانكەن، دېمىسىمۇ مۇشۇ كۈنلەردە قايسى ئىشتىن تۆت تەڭگە پايدا تاپقىلى بولىدۇ- ھە؟ قارىماققا يېشى كىچىك كۆرۈنگىنى بىلەن راست ئېيتىۋاتىدۇ جۇمۇ،- دەپ باش لىڭشىتىپ قويۇشتى.
لېكىن مەن ئۇنىڭ گېپىگە ھېچ ئىشەنمىدىم.قانداقمۇ ئىشەنگىلى بولسۇن؟ پايدا چىقمىسا خەق بىكاردىن بىكارغا ماشىنا ھەيدەپ يۈرەرمۇ؟ ئۇنىڭغا يەنە بىر نېمە دەپ ئېغىز ئۇپرىتىپ يۈرگەننىڭ پايدىسى يوقلىقىنى ھېس قىلدىم- دە، دېمىمنى ئىچىگە يۇتۇپ جىم ئولتۇردۇم. كۆڭلۈمدە بولسا ئۇنى «سېرىق تۈكۈڭ چۈشمىگەن بالا تۇرۇپ بىر خۇتۇن، ئۈچ بالىنىڭ گېپىنى قىلىپ يالغان ئېيتىپ يۈرگۈچە تايىنلىق بىر ئانا، ئۈچ دادام بار دېسەڭچۇ» دەپ تىللاشقا باشلىدىم.
مەن ئىختىيارسىز پىخىلداپ كۈلۈۋەتتىم. جۈمە شامال چىرايىمغا قاراپ:
-سىز كۈلۈۋاتقان بىلەن مەن شۇ چاغدا يىغلىغۇدەك بولدۇم،- دېدى سۇلغۇن ھالەتتە،- لېكىن گەدىنىگە ساقال قويۇۋالغان يېكەن پاچاق شوپۇرنى مىڭنى تىللىغان بىلەن نېمە پايدىسى؟ ماشىنىغا چىقىپ بولغان ئىكەنمەن ئادەملەرنىڭ ئارىسىغا كەپلىشىپ ئولتۇرماي ئامال بولمىدى.پۇت-قولۇمنى ئۇيان-بۇيان مىدىرلاتقىلى بولسا كىمنىڭ دەردى؟ پۇت-قولۇم سىرقىراپ ئاغرىپ پەقەت چىدىغۇچىلىكىم قالمىدى.ھېلىمۇ جېنىم خېلى مەزمۇت ئادەمكەنمەن. مىجىلىپ بىر نېمە بولۇپ كەتمىدىم.
بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ ئەمدى مېنىڭمۇ ھېلىقى شوپۇرغا سەل ئاچچىقىم كېلىشكە باشلىدى.
-ماشىنىغا نورمىدىن ئاشۇرۇپ ئادەم سالسا، بۇنى باشقۇرىدىغان ئادەم يوقمىكەن بۇ يۇرتتا؟
-قۇيرۇق تۇتقۇزمايدىغان گەپ،- دېدى جۈمە شامال دەررۇ،- ھازىرقى شوپۇرلار بەكلا قاقۋاش بولۇپ كەتكەن، ھۆكۈمەت تاش ساناپ بولغۇچە ئۇلار قۇم ساناپ بولىدۇ.ئۇلارنى قانداق قىلىقلارنى قىلىدۇ دېمەمسىز؟ چوڭ يولدا قاتناش ساقچىلىرى بارلىقىنى ئاڭلىسا قېچىپ ئارقا يول بىلەن ماڭىدۇ. ھېلىقى گەدىنىگە ساقال قويۇۋالغان يىكەن پاچاق شوپۇرمۇ شەھەرگە بارغۇچە شۇنداق قىلدى. ئۇنىڭ ساقچىلاردىن قېچىپ، بىزنى قانداق يوللاردا ئېلىپ كېتىۋاتقىنىنى ھېچ ئاڭقىرىپ بولالمىدىم.بىر قارىسام بىر كۈجۈم مەھەللىدىكى تارچۇق يولدا يول بويلىرىدىكى شاخ-شۇمبۇلارنى شاراقشىتىپ كېتىۋاتىمىز، يەنە بىر قارىسام ئاللىقانداق بىر يارداڭلىق ئىچىدە كېتىۋاتىمىز. بۇنى كۆرۈپ:
-ئۇكاموي، بىر ئوبدان تۈز يولدا ماڭماي نەدىكى ئېگىز- پەس يول بىلەن مېڭىپ ئۆپكىمىز قېقىلىپ كەتتى.بىزنى ئانام كۆرمىگەن، دادام كۆرمىگەن يەرلەر بىلەن چۆرگىلىتىپ نەگە ئاپارماقچى زادى؟- دېۋىدۇق، ئۇ:
-شەھەرگە ساق- سالامەت ئاپىرىپ قويسام بولمىدىمۇ،- دېدى پەرۋاسىز قىياپەتتە.
بىزگە چىداپ ئولتۇرۇشتىن باشقا ئامال بولمىدى.ئۇ لەڭگەردە مانچە ئادەم، تاناي بېشىدا مانچە ئادەم چۈشۈپ قالسا ئورۇن بىكار بولىدۇ، دېگەندەك گەپنى قىلغاندىمۇ ھېچ ئىشەنگۈم كەلمىگەن ئىدى. ئويلىغىنىم راست چىقتى. لەڭگەر، تاناي بېشى دېگەن يەرلەر نەدە قالدى، ماشىنىغا يەنە ئاللىقانداق يەرلەردىن تۆپىلەپ ئادەم سالدى.ئارىدىن بىرمۇ ئادەمنىڭ چۈشۈپ قالغىنىنى كۆرمىدىم. ماشىنا قانداق يول بىلەن ماڭسىمۇ توختاپ قالماي ماڭسا مەيلى ئىدىغۇ، لېكىن نەدىمۇ ئۇنداق ئاسان ئىش بولسۇن.ئۇ ماشىنا قەدەمدە بىر توختىغانچىلىق قىلىپ ئادەمنىڭ ئىچىنى پۇشۇراتتى.ھېلى بىر داۋاندىن چىقالماي ئىنجىقلاپ قالسا، ھېلى بىر تاختا كۆۋرۈكتىن ئۆتەلمەي ئارقىسىغا ياناتتى.ھېلى بىر دوقمۇشقا كېلىپ قېلىپ ئالدى-كەينىگە ماڭالماي قالسا، ھېلى يەنە بىر يېرى بىر نېمە بولۇپ توختاپ قالاتتى.شۇ ھالدا كۈن چېچىلىش بىلەن تەڭ ماشىنىغا چىققان ئادەم كۈن پېشىن بولاي دېگەندە ئاندىن شەھەرگە بېرىپ ماشىنىدىن چۈشتۈم- دە، دوزاختىن قۇتۇلغاندەك بولۇپ، ئۇھ، خۇداغا شۈكۈر دېدىم. بىزنىڭ بۇ يېزا بىلەن شەھەرنىڭ ئارىلىقى سىزگە ئايان. بامدات نامىزىنى ئوقۇپ بولۇپ كالا ھارۋىسى بىلەن ئىشىكتىن چىقسا ئاش ۋاقتىغا قالماي بېرىپ بولغىلى بولىدۇ. شۇنچىلىك يەرگە ماشىنا بىلەن كۈن پىشىن بولاي دېگەندە ئاران بارغىنىمنى كۆرمەمسىز، بۇنى ماشىنا كالا ھارۋىسىنىڭ ئارقىسىدا قالدى دېمەي نېمە دېگۈلۈك؟ مەن شۇ ماشىنا دېگەن نەرسىگە زىنھار ئالدىمنى قىلغۇچى بولماسمەن دېدىمغۇ، بۇ گەپنى بىكاردىن- بىكارغا قىلىۋاتقىنىم يوق.
شۇ گەپتىن كېيىن ھەر ئىككىمىز بىردەم جىمىپ قالدۇق. مەن جۈمە شامالنىڭ گېپىنىڭ تېگىدە گەپ بارلىقىنى ئەمدى ھېس قىلماقتا ئىدىم. جۈمە شامال بولسا تاماكىسىنى چەككىنىچە خۇرسىنىپ ئولتۇراتتى. ئۇ شۇ ھالدا كۆزلىرىمگە بارغانچە سۇلغۇنلىشىپ كېتىۋاتقاندەك كۆرۈنمەكتە ئىدى.
-بۇ جاھاننىڭ بەزى ئىشلىرىغا ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدۇ،- دېدى جۈمە شامال بىر ئازدىن كېيىن يەنە سۆز باشلاپ،- كەلگۈلۈكنىڭ ھەممىسى مەن بىچارىنىڭ بېشىغىلا كېلەمدۇ، ھېچ بىلمىدىم. بەزىدە ئادەمنى پالاكەت باسسا تۆپە- تۆپىلەپ بېسىۋېرىدىغان گەپكەن. شەھەرگە بارغۇچە كۆرگەن كۈنۈم ئاز كەلگەندەك قايتىپ كېلىشتە ئۇنىڭدىنمۇ ئۆتە كۆرگۈلۈكنى كۆرگىنىمنى دېمەمسىز.
-يەنە قانداق كۆرگۈلۈكنى كۆردىڭىز؟- مەن ئۇنىڭ ئاغزىغا تىكىلدىم. قارىغاندا يەنە خېلى ئىشلارنى ئاڭلايدىغاندەك قىلاتتىم.
-قانداق كۆرگۈلۈكنى كۆرەتتىم، ئۆمرۈمدە كۆرمىگەن كۆرگۈلۈكنى كۆردۈم،-دېدى جۈمە شامال ئاچچىق ئارىلاش،-«بارماقنىڭ يانمىقى بار» ئالەمكەن بۇ. شەھەرگە بېرىپلا ئىت قوغلىغاندەك ساتىدىغاننى سېتىپ، ئالىدىغاننى ئالدىم-دە، كەچ قالماي دەپ يەنە قاتناش بېكىتىگە كەلدىم. نېمە سېتىپ، نېمە ئالاتتىم. بۇ ئاي، بۇ كۈنلەردە بىز دېھقان خەقنىڭ پۇلغا يارىغۇدەك نېمىسى بولسۇن؟ بېغىمىزدىكى ئۆرۈكنىڭ گالدىن ئاشقىنىنى ئۆگزىگە يېيىپ گۈلە قۇرۇتۇپ قويغان ئىكەنمىز، شۇ گۈلە بىلەن بىر ياغلىق ئۈرۈك مېغىزىنى سېتىپ ئورغاق، غەلۋىر، تۇز-گۇگۇت، موخۇركا دېگەندەك نەرسىلەرنى ئالدىم. بېكەتكە كېلىپ قارىسام بىزنىڭ يېزا تەرەپكە قاتنايدىغان ھېلىقىدەك سەككىز كىشىلىك ماشىنىلار يەنە قاتار تىزىلىپ تۇرۇپتۇ. بۇنى كۆرۈپ كۆڭلۈم سەل ئارامىغا چۈشكەندەك بولدى-دە، قورسىقىمنىڭ ئېچىپ كەتكىنىنى ھېس قىلىپ شەھەرگە بارغانغا يارىشا بىر گۆشگىردە يېگۈم كەلدى.
بىزنىڭ بۇ مەھەللىدە قاچانلا قارىسا بىر كالا ھارۋىسىنى ھەيدەپ يۈرىدىغان روزاخۇن كالا دەيدىغان بىرى بار. سىزمۇ ئۇنىڭ مەھەللىنىڭ يوللىرىدا كالا ھارۋىسىغا ھېلى قىغ، ھېلى بۇغداي ئەنجۈسى، ھېلى شاخ-پاسار دېگەندەك بىر نەرسىلەرنى باسقىنىچە ئۇيان-بۇيان كېتىۋاتقىنىنى كۆرگەن بولغىيدىڭىز.ئۆزىمۇ بىردەم تىنىم تاپمايدىغان ئادەم.ھال-كۈنىمۇ خېلى ياخشى.بىزنىڭ كۆڭلىمىزمۇ خېلى يېقىن ئىدى.ئۇ بىر زامانلاردا كاپىراتسىيەنىڭ كالىسىنى بېقىپ كۆنۈپ قالغاچقىمۇ- تاڭ، ھېلىغىچە بىر كالىدىن ئايرىلماي كۈن كەچۈرۈپ كېلىۋاتاتتى. بىر ئۆينىڭ، ئېتىز- ئېرىقنىڭ ھەممە ئىشلىرىنى شۇ بىر كالا بىلەن قىلاتتى. كالىسى مۇزايلىسا سېتىپ خەجلەيتتى.كالىسى بولغاچقا ئۆيىدىن سۈت-قېتىق ئۈزۈلۈپ قالمايتتى. كالىنىڭ نېنىنى جىق يېگەن ئادەم دېسە، شۇ روزاخۇن كالىنى دېسە بولىدۇ.ئۇ كالىسىدىن بىردەم ئايرىلمايتتى. شەھەرگىمۇ شۇ كالىسىنى ھارۋىغا قوشۇپ بېرىپ كېلەتتى.
مەن بەزىدە ئۇنىڭغا : روزاخۇن، مەھەللىدىغۇ ئۇيان- بۇيان بارىدىغان ئىشقا كالا ھارۋىسى بىلەن بېرىڭلار، لېكىن شەھەرگىمۇ نومۇس قىلماي كالا ھارۋىسى بىلەن بارغان بارمۇ؟ ھازىر دېگەن قانداق زامان، يىغقان مال-دۇنيانى ئاخىرەتكە بىللە ئېلىپ كەتكىلى بولامتى؟ تولا كۇننۇسلۇق قىلماي شەھەرگە بارساڭلار بەش-ئون كوي پۇلغا پايلاپ ماشىنىدا بېرىپ-كەلسەڭلار بولمامدۇ؟-دەپ چاقچاق قىلىپ قوياتتىم.بۇنداق چاغدا ئۇ:ماۋۇ ئەخمەقنىڭ قىلغان گېپىنى، بىز دېھقان خەقنىڭ شۇ بەش-ئون كوي پۇلنى تاپمىقىمىز ئاسانما؟ بۇرۇنقى زامانلاردا شەھەرگە قانداق بېرىپ-كېلەتتۇق؟ پىيادە مېڭىپ بېرىپ-كەلمەمتۇق؟ شۇ ماشىنا دېگەن نەرسە پەيدا بولىۋېدى، بۇرۇنقى كۈنلىرىمىزنى ئۇنتۇپ قېلىشتۇق.ماشىنا دېگەننىڭ ئارزۇلىغۇدەك نېمىسى بولسۇن؟ ماشىنىغا چىقتىم دەپ كەپلىشىپ ئولتۇرىدىغان گەپكەن.دوزاختىن نېمە پەرقى ئۇنىڭ؟ سېسىق پۇراق دەستىدىن ئادەمنىڭ كۆڭلى ئېلىشىپ ئۆپكىسى ئۆرۈلۈپ كەتكەن، قەدەمدە بىر توختاپ يا بارىدىغان يەرگە ۋاقتى قاراردا بارغىلى بولمىغان.ئۇنىڭغا قارىغاندا مېنىڭ كالا ھارۋام مىڭ ئەۋزەل ئىكەن.كالا ھارۋىسى بولسىمۇ ئۆزۈمنىڭ، ماڭغۇم كەلسە ماڭىمەن، توختىغۇم كەلسە توختايمەن. جاھاندا خەقكە يېلىنماي ياشىغانغا نېمە يېتىدۇ، دېگەندەك گەپلەرنى قىلىپ ئۆزىنىڭ راۋىپىنى چالاتتى.ئۇ شۇنداق دېگەن يەردە مەن يەنە ئاغزىمنى ئۇپراتقۇم كەلمەي، خەقنىڭ بۇ ئاغىنىنى روزاخۇن كالا دېگىنى بىكار ئەمەسكەن، خەق ئۇنى شۇنداق دەۋېرىپ ئۆزىمۇ كالىدەك دېۋەڭشىپ كەتتىمۇ-نېمە؟ يوغان بىر كالىسى بار ئىكەن، نېمە قىلسا قىلمامدا، دەپ ئويلاتتىم كۆڭلۈمدە.
قاتناش بېكىتى يېنىدىكى بىر ناۋاينىڭ پەشخۇنىدا گۆشگىردە يەپ ئولتۇرسام، شۇ روزاخۇن كالا بىر پاتمان ماشىنىلارنىڭ ئارىسىدىن كالا ھارۋىسىنى يېتىلەپ ئۆتكۈزگىنىچە قېشىمدا پەيدا بولۇپ قالدى.سالام-ساھەت قىلىشىپ، ھال-ئەھۋال سوراشقاندىن كېيىن ئۇنى ئىسسىق گۆشگىردىدىن بىرنى يەۋېلىشقا تەكلىپ قىلدىم، ئۇ قورسىقىم توق، دەپ ئۇنىمىدى. ئارقىدىن ئۇنىڭغا:
-شەھەرگە يەنە كالا ھارۋىسى بىلەن كەلگىنىڭلار نېمىسى؟ ھازىر دېگەن قانداق زامان؟ جېنىڭلىغا مۇنداق ئىكەك سېلىپ يۈرگىچە بەش- ئون كوي پۇلغا پايلاپ ماشىنىغا چىقساڭلار بولماسمىدى؟- دەپ چاقچاق قىلدىم.
ئۇ يەنە بىردەم ئۆزىنىڭ راۋىپىنى چالغان بولدى. ئارقىدىن:
-سودىلىقىم تۈگەپ ئۆيگە يېنىشىم ئىدى، قارىسام بۇ يەردە سادەك قونۇپ ئولتۇرۇپسىلەر، كەتسە ئالغاچ كېتەي دەپ توختىشىم،- دېدى.
-ۋا...ي، رەھمەت!-دېدىم ئۇنىڭ ياخشى كۆڭلىگە يارىشا،-لېكىن-زە، بۇ كالاڭلار بىر ئاش پىشىم ۋاقتىدا بىر قەدەم ئېلىپ ئۆيگە قاچان بېرىپ بولغىلى بولار ئاغىنە؟
مەن چاقچاق قىلغاچ ئۇنىڭ كالا ھارۋىسىغا مۇنداقلا قاراپ قويدۇم.
-ماشىنىدىن قېلىشماي بېرىپ بولساق بولمىدىمۇ؟
ئۇنىڭ بۇ گەپنى خېلى ئىشەنچ بىلەن دەۋاتقىنىنى كۆرۈپ يەنە چاقچاق قىلغۇم كەلدى.
-ھېچكىمنىڭ ئۆزىنى-ئۆزى مەن تاز دېگۈسى كەلمىگەندەك بىر گەپ قىلىدىكەنسىلەر، ماشىنا دېگەن نەدە، كالا ھارۋىسى دېگەن نەدە؟ ماشىنا بىلەن كالا ھارۋىسىنىڭ تەڭ ماڭغىنى نەدە بار؟
-كالا ھارۋىسى دەپ ياراتقۇڭلار كەلمىدى ھەقىچان،-دېدى ئۇ سەل رەنجىگەندەك قىلىپ،-ھېچ بولمىسا ماشىنىنىڭ چاقىسىغا يۆگەيدىغان كىرا پۇلى يانچۇقۇڭلاردا قالاتتى ئەمەسمۇ؟
مەن روزاخۇن كالا بىلەن شۇنداقمۇ دېيىشكەن بولدۇم.ئەمما راست گەپنى قىلسام، ماشىنىغا چىقىشتىن رايىم يېنىپ تۇرسىمۇ يەنە نېمىشقىدۇر ئۇنىڭ كالا ھارۋىسىغا چىققۇم كەلمىگەن ئىدى.مېنىڭچە ھەر قانچە كونا بولسىمۇ ماشىنا دېگەن بەرىبىر كالا ھارۋىسىدىن تېز ماڭاتتى.مەن ئۇنىڭ ياخشى كۆڭلىگە يارىشا بۈگۈن كەچ مەھەللىگە سۇ كېلىدىغانلىقىنى، شۇڭا ئۆيگە تېزراق يانمىسام بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتىم. بۇ كۆڭلۈمدىكى راست گەپ ئىدى. بىزنىڭ مەھەللە يۇرتنىڭ ئايىغى بولغاچقىمۇ سۇنىڭ كەلمىكى بەك تەس، ئاران بىر قېتىم كەلگەن سۇمۇ بەزىدە ئالدىغا بار، كەينىگە يوق. سۇ كېلىدىغان گەپنى ئاڭلىسا مەھەللىدە، مېنىڭ يېرىم سوغۇرۇلماي قالارمۇ، دەپ ھەممىنىڭ تۇيىقى سىرقىرايدۇ. ناۋادا نۇرغۇن جاپا تارتىپ تېرىغان زىرائەت بىرەر قېتىملىق سۈيىدىن قالغۇدەك بولسا بۇ بىزگە ئوخشاش دېھقان خەق ئۈچۈن ئاز زىيانمۇ؟ شۇڭا ئۆزۈممۇ ئالدىراپلا تۇراتتىم.
مەن شۇ گەپنى قىلغاندىن كېيىن روزاخۇن كالا:
-ئىختىيارىڭلار ئەمىسە،- دەپ كالا ھارۋىسىنى يېتىلىگىنىچە يېنىمدىن ئۇزاپ كەتتى.
روزاخۇن كالا يېنىمدىن يىراقلاپ كېتىۋاتقان شۇ ئەسنادا ئۇنىڭ ئۆزىچە:«كونىلار ئۆلۈككە يىغلىغان ئىست كۆزۈم، نادانغا قىلغان ئىست سۆزۈم دەپتىكەن، نادانغا گەپ قىلغاننىڭ نېمە پايدىسى؟» دەپ غۇدۇڭشىغىنى قۇلىقىمغا كىرىپ قالدى. قىزىق ئىش، مەن ئۇنى نادان ھېسابلاپ يۈرگىنىم بىلەن ئۇنىڭمۇ مېنى نادان ھېسابلاپ قېيداۋاتقانلىقى ئېنىق ئىدى.زادى قايسىمىز نادان، قايسىمىزنىڭ گېپى ئورۇنلۇق؟ بۇنى ئۆزۈممۇ تازا ئاڭقىرالماي بىردەم ھاڭۋېقىپ تۇرۇپ قالدىم.روزاخۇن كالىلا ئەمەس، ئۇنىڭ كالىسىمۇ مەندىن قېيداپ قالغاندەك ئېغىر پۇشۇلدىغىنىچە مەن تەرەپكە كۆزلىرىنى بىر ئالايتىپ قاراپ قويۇپ كېتىپ باراتتى. مەن ھېلىغىچە روزاخۇن كالىنىڭ بۇ كالىسىغا تۈزۈك نەزىرىمنى سېلىپ قويمىغان ئىكەنمەن. مەن شۇندىلا ئۇنىڭ چېكىسى ئاق، باشقا ئەزايى قارا، ئۇچلۇق ئىككى مۈڭگۈزى ئالدىغا دىردىيىىپ تۇرغان كالا ئىكەنلىكىنى كۆردۈم. شۇ كالىنىڭ ھارۋا سۆرەپ كېتىپ بارغىنىچە مەن تەرەپكە بېشىنى بۇراپ، ئالىيىپ قاراپ قويۇشلىرىدىن كۆڭلىدە مېنى «ھەي... ھاماقەت نادان، ياخشىلىق قىلغاننى بىلمەيدىغان ئەخمەق...» دەۋاتقاندەك مەنە بىلىنىپ تۇراتتى. بۇنى ئويلاپ مەن راستىنلا نادانلىق، ئەخمەقلىق قىلىۋاتىمەنمۇ- يا؟ دېگەننى خىيال قىلىپ قالدىم.
-خۇدايا توۋا،-دېدىم مەن جۈمە شامالنىڭ گەپلىرىدىن سەل شۈبھىلىنىپ،-نېمە دەۋاتىدىغانسىز، ھايۋانمۇ ئادەملەرگە ئوخشاش شۇنداق ئويلىيالامدىغاندۇ تېخى؟
-ھېچنىمە دەپ بولمايدۇ ئەمدى،- دېدى جۈمە شامال بىر ئىشقا ئەقلى يەتمەيۋاتقاندەك ئويغا پاتقىنىچە،- كالىمۇ خۇدا ياراتقان بىر مەخلۇققۇ؟ بىز كالىنى زۇۋانى يوق ھايۋان دەپ ھېسابلىغان بىلەن بىز ئويلىغاننى ئويلىيالامدۇ تېخى.
جۈمە شامال شۇنداق دېگەچ ماڭا سۇئال نەزىرىدە قاراپ قويدى. مەن دەررۇ: ھەئە شۇنداق ياكى ئۇنداق ئەمەس، دىيەلمەي مۈگدىگەندەك بولۇپ قالدىم. ئەمىلىيەتتە بىز كالىنى بىر دۆت مەخلۇق ھېسابلايمىز- يۇ، لېكىن يەنە شۇ مەخلۇقنىڭ سۈتىنى ئىچىپ ياشايمىز. كىم بىلىدۇ، ئۇ بىزنىڭ كۆزىمىزگە تۆت پۇتلۇق ھايۋان كۆرۈنگىنى بىلەن ئۇنىڭ كۆزىگە بىز كۈندە ئۈچ ۋاقلا تاماق يېسە تويىدىغان كىچىككىنە قورسىقىنى دەپ بىر- بىرىنى تىرىك يالماپ يۇتۇۋېتىشتىن يانمايدىغان ئىككى پۇتلۇق شەپقەتسىز مەخلۇق كۆرۈنىمىزمۇ تېخى...
ھەر ئىككىمىز خىيالغا پېتىپ بىردەم ئولتۇرۇپ كەتتۇق. مەن ئاخىرى بېشىمنى كۆتۈرۈپ:
-كېيىن قانداق بولدى، كالا ھارۋىسىنى ياراتماي ماشىنىغا چىققان بولدىڭىزما؟- دەپ سورىدىم.
-شۇنداق بولماي،-دېدى جۈمە شامال بېشىنى لىڭشىتىپ،-ماشىنىنىڭ تولىلىقىدا قايسىسىغا چىقىشنى بىلەلمەي ھېلى ئۇنىڭغا، ھېلى بۇنىڭغا قاراپ بىردەم تۇرۇپ قالدىم. ئاڭغىچە «بىزنىڭ ماشىنىغا چىقسىلا» دەپ نەچچىسى يالۋۇرۇپ كېتىشتى. يالۋۇرغاننىڭ ماشىنىسىغا چىققۇم كەلمەي قولۇمدىن تارتسا ئارقامغا يېنىپ تۇرۇۋالدىم. كۆڭلۈمدە ئالدىراپ-سالدىراپ ھېلىقىدەك گەدىنىگە ساقال قويۇۋالغان يىكەن پاچاق شوپۇرغا ئوخشاش بىر ساختىپەزنىڭ ئەبجەق ماشىنىسىغا چىقىپ سالماي دېگەننى ئويلايتتىم.شۇ ئارىدا گەدىنىگە ئەمەس، ئېڭىكىگە بىر چىرايلىق ساقال قويۇۋالغان چىمەن دوپپىلىق بىر شوپۇر «بىزنىڭ ماشىنىغا چىقسىلا»دەپ قولۇمدىن تارتىپ قالدى.قارىسام ئۇنىڭ قۇندۇزدەك ساقىلى ئاق ئۈژمىنىڭ بودىكىدەك ئاق پىشماق چىرايىغا خويمۇ يارىشىپ تۇراتتى.مەڭزى ئانارنىڭ دانىسىدەك قىزىل ئىدى.ئۇ شۇ سىياقى بىلەن كۆزۈمگە يۈزىنىڭ خېلى قېنى بار، ئىسسىق چىراي كۆرۈندى.
ئۇ ئىككىلىنىپ تۇرغىنىمنى كۆرۈپ:
-ئۆيلىرىگە ئالغاچ كېتەي دېگىلىمۇ ئادەم لازىم ماقىما ئاكا، نېزىقاپ تۇرماي چاپسان ماشىنىغا چىقماملا، ھازىرلا ماڭىمىز،-دېگىنىچە مۈرەمدىكى خالتىنى ئېلىپ ماشىنىنىڭ بىر يېرىگە جايلاشتۇردى.ئاندىن ماشىنىسىنىڭ يېڭىلىقىنى، ھېچ يەردە توختاپ قالماي ماڭىدىغانلىقىنى، ھايتنى-ھۇيت دەپ بولغۇچە بارىدىغان يېرىمگە ئاپىرىپ قويىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، قولۇمدىن ماشىنىغا تارتتى.مەنمۇ كۆڭلۈمدە خېلى مۇسۇلمان سىياقىدىكى ئىسسىق چىراي شوپۇركەنغۇ، ئېڭىكىگە رەسۇلىللانىڭ ساقىلىنى قويغان يەردە ئادەمگە يالغان گەپ قىلماس، دەپ ئويلىدىم-دە، ئۇنىڭ ماشىنىسىغا بېشىمنى تىقتىم. بېشىمنى تىقتىم- يۇ، ماشىنىدا ئادەم جىقلىقىنى كۆرۈپ نەدە ئولتۇرۇشۇمنى بىلەلمەي قالدىم. بۇمۇ ھېلىقىدەك ئۇياندا تۆت، بۇياندا تۆت ئادەم بىر-بىرىگە قارىشىپ ئولتۇرىدىغان سەككىز كىشىلىك ماشىنا بولسىمۇ، ئونبەش، يىگىرمىچە ئادەم تىقىلىشىپ ئولتۇرۇپ بولۇشقان ئىدى.ئارىدا پۇت تىققۇدەك بوش يەرمۇ كۆرۈنمەيتتى. شۇئان تاللاپ-تاللاپ يەنە تازغا يولۇقۇپ قالدىممۇ-نېمە دېگەن بىر ئوي لىپپىدە كۆڭلۈمگە كەلدى-دە:
-ئولتۇرغۇدەك يەر يوقكەنغۇ، ئۇستام؟-دېدىم ئارقامغا بۇرۇلۇپ.
-ئەمدى ئاكا، بىر دەم قىستىلىپ ئولتۇرۇپ قالغانغا ھېچنېمە بولمايلا،-دېدى شوپۇر ئارقامدىن ئىتتىرىپ،-ھەر ئازادە ئۆيلەردە ئولتۇرۇپ باققان ئادەمغۇ سىلى، ماشىنا دېگەننىڭ ئىچى مۇشۇنداق كىچىك بولىدىكەن، بىر يەرگە پېتىپ ئولتۇرۇۋالماملا.
ساقاللىق شوپۇر شۇنداق دېگەچ كىملەرنىدۇر ئۇيان-بۇيان ئىتتىرىپ يۈرۈپ ماڭا پۇتۇمنى تىققۇدەك بىر يەرنى كۆرسىتىپ بەرگەن بولدى. مەن شۇ يەرگە قۇزۇق قاققاندەك كەپلىشىپ ئاران ئولتۇرۇۋالدىم. مەن ئاران ئولتۇرۇۋالغىنىم بىلەن ياندىكىلەر: ۋاي پۇتۇم، ۋاي بېقىنىم، دېيىشكىنىچە مېنى يەپ كەتسىمۇ ئاچچىقى چىقمايدىغان ئەلپازدا قاپاقلىرىنى تۈرۈپ، غۇدۇراپ كېتىشتى.نېمە ئامال؟ ماشىنىغا چىقىپ بولۇپ چۈشۈپ كېتىشنىڭ يەنە ئورنى بولمىدى.چۈشۈپ كەتكەن بىلەنمۇ ئىچىدە ئازادە ئولتۇرغىلى بولىدىغان بىرەر ماشىنىنىڭ بولىشىغا كۆزۈم يەتمەيتتى.ماشىنا شۇنچە جىق بولسىمۇ ھەممىسىنىڭ ئادەمنى سامان كەپلىگەندەك كەپلەپ سالمىغۇچە ماڭمايدىغانلىقى كۆڭلۈمگە بەش قولدەك ئايان ئىدى. «نەگە بارسا قازاننىڭ قۇلىقى تۆت» دېگەن شۇ-دە.ئاخىرى بوپتۇ، باشقا كەلگەننى كۆرمەي ئامال يوق، بىردەم قىستىلىپ ئولتۇرغانغا بىر نېمە بولۇپ كەتمەسمەن، دەپ ئويلىدىم-دە، دەردىمنى ئىچىمگە يۇتۇپ ئولتۇردۇم.
مەنغۇ شۇنداق ئولتۇردۇم، لېكىن مەندىن كېيىن ماشىنىغا چىققانلارنى قانداق ئولتۇردى دېمەمسىز؟
-نېمە؟ شۇنچە نۇرغۇن ئادەم بار ماشىنىغا يەنە ئادەم سالدىما؟
-سالماي ئەمىسە،-دېدى جۈمە شامال دەررۇ،-مەن دېگەنغۇ سىزگە، بۇ يۇرتنىڭ شوپۇرلىرى ماشىنىسىغا ئادەمنى سامان كەپلىگەندەك كەپلەپ سالمىغۇچە ماڭمايدۇ دەپ.شۇنچە نۇرغۇن ئادەم ئولتۇرغان ماشىنىغا يەنە تۆپىلەپ بىر-نەچچە ئادەم سالدى.يەنە ئادەمنىڭ ئۈستىدە ئادەم، ئادەمنىڭ ئاستىدا ئادەم بولۇپ كەتتى.شۇ ھالدا كىملەردۇر ئىنجىقلاشقا، غوتۇلداشقا، بىر-بىرىنى بېقىنداپ سەت گەپلەر بىلەن تىللاشقا، يەنە كىملەردۇر ۋايجان، دەپ چۇقان سېلىشقا باشلىدى.ئارىدىن كىملەردۇر:نېمە كۈن بۇ ئادەمگە؟ ماشىنىغا چىقتىم دەپ تىرىك تۇرۇپ دوزاخ ئازابى تارتىپ يۈرگۈچە ئۆيگە پىيادە مېڭىپ كەتكەن تۈزۈك ئوخشايدۇ، دېيىشىپ ماشىنىدىن چۈشۈپ كېتىشمەكچى بولىۋىدى، ساقاللىق شوپۇر: لەڭگەردە چۈشۈپ قالىدىغان مانچە ئادەم بار، تاناي بېشىدا چۈشۈپ قالىدىغان مانچە ئادەم بار، بىر دەم چىداپ ئولتۇرساڭلار ئورۇن بىكار بولىدۇ، دېگەندەك گەپلەرنى قىلىپ يۈرۈپ ماشىنىدىن چۈشۈپ كەتمەكچى بولغانلارنى توسۇپ قالدى.بۇنداق گەپلەنى ئاڭلاپ خۇدايا توۋا، ھېلىقى گەدىنىگە ساقال قويىۋالغان يېكەن پاچاق شوپۇرمۇ شۇنداق دەپ يالغان ئېيتىۋىدى، ساقىلىنى گەدىنىگە ئەمەس ئېڭىكىگە قويغان مۇسۇلمان سىياقىدىكى شوپۇرنىڭمۇ شۇنداق دەپ يۈرگىنى نېمىسى، بۇنداق گەپكە كىم ئىشىنىدۇ. جاھاندا بىرنى بىر دەپ راست گەپ قىلىدىغان ئادەم جىق قالمىغان ئوخشايدۇ، دېگەنلەرنى ئويلاپ قالدىم.
ساقاللىق شوپۇر شۇنداق گەپلەرنى قىلىپ يۈرۈپ يەنە بىر نەچچە ئادەمنى ماشىنىغا چىقاردى. ئۇ شۇندىمۇ يەنە ماشىنىسىنى ھەيدەي دېمەيتتى. ئاسماندا بىر تونۇر ئوتتەك يېلىنجاپ تۇرغان قۇياش بارغانچە شەھەرنىڭ ئېگىز بىنالىرى ئارقىسىغا چۆكۈۋاتاتتى.ساقاللىق شوپۇرنىڭ ماشىنىسىنى تېخىچە ھەيدىمىگىنىدىن قارىغاندا ئۇنىڭ ماشىنىسىغا يەنە ئادەم سالغۇسى بارلىقى ئېنىق ئىدى.ئۇنىڭ ئەمدى ماشىنىنىڭ قانداق يېرىگە ئادەم سالىدىغانلىقىغا ئەقلىم ھېچ يەتمەيۋاتاتتى.ماشىنا ئىچىدە بىرەر ئادەم تۈگۈل بىرەر مۈشۈكنى قۇچاققا ئېلىپ ئولتۇرغۇدەكمۇ بوش ئورۇن قالمىغان ئىدى. ھەممە بىر تونۇرغا پەۋەس كەپلىشىپ قالغاندەك تەرلەپ-تەپچىرەپ كېتىشكەن ئىدى. مەنمۇ بۇرۇقتۇرمىلىق ئىچىدە تۈزۈكرەك تىنالماي ھېلىلا تۇنجۇقۇپ قالىدىغاندەك قىلىپ تۇراتتىم.
ساقاللىق شوپۇر ئەمدى ماشىنىنىڭ ئۈستىگە ئادەم چىقىرىشقا باشلىدى.بۇنى كۆرۈپ ھاڭ-تاڭ قالدىم.سەككىز كىشىلىك ماشىنا دېگەننىڭ ئۈستى تۇخۇم قويسا تۇرمايدىغان ئاش-تاختىنىڭ يۈزىچىلىك بىر يەر تۇرسا، يا تۇتۇپ ئولتۇرغۇدەك بىر يېرى بولمىسا، قاغىدەك قونۇپ قانداق ئولتۇرغىلى بولسۇن؟ لېكىن ساقاللىق شوپۇر كىملەرنىدۇر يۈلەشتۈرۈپ يۈرۈپ ماشىنىنىڭ ئۈستىگە چىقاردى. ماشىنا ئۈستىگە چىقىپ ئولتۇرغانلارنىڭ پۇتلىرى دەرىزىدىن قاتار سېلىنىپ تۇراتتى.ئۇلارنىڭ ئارىسىدا مەسە-كالاچلىق پۇتلارمۇ، مايماق ئۆتۈكلۈك پۇتلارمۇ، تۆپە-تۆپىلەپ ياماق چۈشكەن كونا بەتىنكىنى قوڭالتاق سېپىۋالغان پۇتلارمۇ، سوڭى چاك-چاك يېرىلىپ كەتكەن يالاڭ ئاياق پۇتلارمۇ بار ئىدى. جۈپ-جۈپى بىلەن قاتار ساڭگلاپ تۇرغان پۇتلارنىڭ دەستىدىن سىرتنى كۆرگىلى بولماي قالغان ئىدى.بۇنى كۆرۈپ ماشىنا ئۈستىگە چىقىپ ئولتۇرۇشقانلارنىڭ نېمىنى تۇتۇپ، قانداق ئولتۇرغىنىنى خېلى ئويلاپمۇ كۆز ئالدىمغا كەلتۈرەلمىدىم. ئۇلار كۆڭلۈمگە ماشىنا ھېلى ئورنىدىن قوزغىلىپ بولغۇچە كونا چاپاندەك لەپپەڭشىپ يەرگە چۈشۈپ كېتىدىغاندەكلا تۇيۇلۇپ تۇراتتى. ئۇلارغا قارىغاندا مەن ئۆزۈمنى خېلىلا تەلەيلىك ھېس قىلىپ قالدىم.
ئالەم بارغانچە قاراڭغۇلىشىپ كۆز باغلىناي دەپ قالغان ئىدى.شۇندىمۇ يەنە ماشىنىنىڭ ھېچ قوزغالمىغىنىدىن ھەممە تىتىلداپ، غۇدۇڭشىشقا باشلىغان ئىدى.ماشىنا قوزغالمىغانسېرى ساقاللىق شوپۇر ھېلىقى گەدىنىگە ساقال قويىۋالغان يېكەن پاچاق شوپۇردىنمۇ ئۆتە كۆزۈمگە بىر قىسما كۆرۈنۈشكە باشلىدى. يەنە نېمىلەرنى خىيال قىلغىنىمنى بىلمەيمەن.ئىچىم سىقىلىپ، پۇتلىرىم ئۇيۇشۇپ، تاقىتىم تاق بولغان بىر چاغدا ئاندىن ماشىنا ئورنىدىن قوزغالدى. شۇندىلا ھەممىمىز تەڭلا ئۇھ، خۇداغا شۈكۈر دېيىشتۇق.
ماشىنا قوزغىلىپ مېڭىشنىغۇ ماڭدى، بىراق ئون-يىگىرمە قەدەم ماڭا-ماڭماي يەنە توختىدى.«ئالدىرىسىڭىز بىردەم توختاڭ»دېگەن شۇ-دە. ماشىنىنىڭ نېمىگە توختىغىنىنى ئاڭقىرالماي بىر توپ قۇشچاقتەك جاۋىلداپ كېتىشتۇق. يەنە ئادەم سالامدىغاندۇ دەيلى دېسەك ماشىنىنىڭ بىرەر قاغىنى قوندۇرۇپ قويغۇدەكمۇ بوش يېرى قالمىغان ئىدى.ۋاقىت يەنە تىت-تىتلىق ئىچىدە ئۆتمەكتە ئىدى.شۇنداق تىت-تىتلىق ئىچىدە ماشىنىنىڭ بېلەت ئېلىش ئۈچۈن توختىغىنىنى ئاڭلىدۇق. ئادەتتە كىرا ماشىنىلىرى ھەر قېتىم بېكەتتىن ئادەم سېلىپ يولغا چىققاندا بېلەت ئېلىپ ماڭىدىغان بىر قائىدە بار ئىكەن.بۇنى ئاڭلاپ خۇدايا توۋا، بۇ شوپۇر ئۇستاممۇ-زە، بېلەت ئالىدىغان ئىش-كۈشلىرىنى باياتىن بېرى بىكار تۇرغاننىڭ ئورنىدا قىلىۋالماي-ھە؟ دېيىشىپ ئۇنىڭدىن ئاغرىنىشقا باشلىدۇق. شۇنداق بىر ھازا ئاغرىنىش، تىتىلداشلاردىن كېيىن ئاندىن ماشىنا يەنە قوزغالدى.
مەن كۆڭلۈمدە ماشىنا ئەمدى مۇشۇ ماڭغانچە ھېچ يەردە توختاپ قالماي مېڭىپ كېتەر ئىلاھىم دەپ تىلەيتتىم. نەدىكىنى، ماشىنا يىگىرمە-ئوتتۇز قەدەم ماڭا-ماڭماي يەنە توختىدى. ماشىنا ئەمدى نېمىشقا توختىغاندۇ دېيىشسەك، ماي قاچىلاشقا توختىغان ئىكەن. بۇنى ئاڭلاپ يەنە
-خۇدايا توۋا، ماي دېگەننى ماشىنا بىكار چاغدا قاچىلىۋالماي-ھە ؟!–دېيىشىپ ئاچچىق خۇرسىنىپ كېتىشتۇق. شۇنداق بىر ھازا خۇرسىنىشلاردىن كېيىن ئاندىن ماشىنا يەنە قوزغالدى.ماشىنىنىڭ قوزغالغىنىنى كۆرۈپ كۆڭلۈمدە يەنە ئەمدى ھېچ يەردە توختىماي ماڭغىلى نېسىپ قىلارخۇدايىم، دەپ تىلەشكە باشلىدىم.دېگەندەك ماشىنا توختىماي مېڭىشنىغۇ ماڭدى، لېكىن ئالدىغا مېڭىۋاتامدۇ ياكى كەينىگە مېڭىۋاتامدۇ؟ ھېچ ئاڭقىرالمايۋاتاتتىم. ئۆزۈم قۇزۇق قاققاندەك كەپلىشىپ ئولتۇرغاننىڭ ئۈستىگە بېشىمنىمۇ ئىككى مۈرەمنىڭ ئوتتۇرىسىغا مىخلاپ قويغاندەكلا ئۇيان-بۇيان مىدىرلىتالمايۋاتاتتىم.بېشىم بەئەينى ئىككى تاشنىڭ ئارىسىدا قالغاندەك ئۇياندىن بىرىنىڭ جەينىكى، بۇياندىن بىرىنىڭ تىزى يۈزۈمنى قىسىپ تۇراتتى.شۇ ھالدا بېشىمنى مىدىرلىتالمىساممۇ كۆزلىرىمنى بولسىمۇ ئۇيان-بۇيان مۆلدۈرلىتىپ باقتىم.ماشىنا دەرىزىسىدىن جۈپ-جۈپى بىلەن ساڭگىلاپ تۇرغان پۇتلار، ساڭگۇل-سۇڭگۇل خالتا-خورجۇنلار دەستىدىن ھېچنەرسىنى ئىلغا قىلغىلى بولمايتتى.ماشىنىنىڭ قەيەردىن ئۆتۈپ قەيەرگە كەلگەنلىكىنىمۇ بىلىپ بولمايتتى. ھەممە نەرسە ماشىنا بىلەن تەڭ چايقىلىپ بىر خىل قاراڭغۇلۇققا پېتىپ كېتىۋاتقاندەك بىلىنەتتى. مەن بارا-بارا ماشىنا چايقىلىۋاتامدۇ ياكى مېڭەممۇ، بۇنىمۇ تۈزۈك ئاڭقىرالماي قالدىم. مەن ھېچ نەرسىنى ئاڭقىرالمايۋاتقانسېرى ماشىنا مېيىنىڭ سېسىق پۇرىقى دەستىدىن كۆڭلۈم ئېلىشىپ بىر قىسما بولۇپ كېتىۋاتتى.
مەن چىشىمنى چىشلەپ ئولتۇرغىنىمچە كۆڭلۈمدە ئۆزۈم ھەر نېمە بولۇپ كەتسەممۇ ماشىنا توختاپ قالمىسىكەن، دەپ تىلەشكە باشلىدىم.ئەمما ئويلىمىغان يەردىن ماشىنا يەنە توختىدى.مەن ئەمدى ھېچنېمىنى ئاڭقىرالمىدىم.ماشىنا بىر ھازادىن كېيىن يەنە چايقىلىپ ماڭغاندەك قىلدى. ماشىنىنىڭ چايقىلىپ مېڭىشى بىلەن تەڭ مېڭەممۇ يەنە چايقىلىۋاتقاندەك بىلىنمەكتە ئىدى.ماشىنا مېيىنىڭ سېسىق پۇرىقى دەستىدىن كۆڭلۈم يەنەبارغانچە بىر قىسما بولۇپ كېتىۋاتاتتى.مەن بۇنى ئويلىماسلىققا تىرىشىپ كۆزۈمنى يۇمدۇم-دە، ئاللىقانداق بىر ئىشلارنى خىيال قىلىشقا باشلىدىم. شۇ ھالدا ساقاللىق شوپۇرنىڭ مېنى قولتۇقۇمدىن يۈلەپ ماشىنىغا چىقارغىنىچە «بىزنىڭ ماشىنا يېڭى، ھېچ يەردە توختىماي ماڭىمىز، ھايتنى-ھۇيت دەپ بولغىچە بارىدىغان يەرلىرىگە ئاپىرىپ قويىمەن»دېگىنى ئېسىمگە كەلدى.بۇلارنى ئويلاپ ساقاللىق شوپۇرنى كۆڭلۈمدە «ھۇ ساختىپەز، بېشىغا چىمەن دوپپا كىيىپ، ئېڭىكىگە ساقال قويۇپ مۇسۇلمان سىياقىغا كىرىۋالغان كاززاپ، مۇسۇلمان بالىسىمۇ ساڭا ئوخشاش يالغان گەپ قىلامدۇ؟ يالغان ئېيتىپ تاپقان پۇلۇڭنى خۇدايىم خەجلىگىلى نىسىپ قىلارما؟ ئادەمنى ماشىناڭغا سولىۋېلىپلا ئۆزۈڭنىڭ بىلگىنىنى قىلغىنىڭ بىلەن ئۇزۇن ئالەم بۇ تېخى، ياغاچ قازاندا ئاش بىر قېتىم پىشىدۇ، بۇ بىر نېمەڭگە يەنە ئادەم چىقسا ھېساب...» دەپ تىللاشقا باشلىدىم.
ساقاللىق شوپۇرنى كۆڭلۈمدە تىللاپ ئولتۇرسام مانى كۆرۈڭ دېگەندەك ماشىنا يەنە توختىدى. ماشىنا بىردەم توختىسا، توختاپ ئاندىن يەنە ماڭسا مەيلىتىغۇ، لېكىن ئىش ئەمدى ئۇنداق بولمىدى. ھەممىمىز ماشىنىدىن چۈشۈپ بىردەم پىيادە مېڭىشقا مەجبۇر بولدۇق.
-نېمىشقا، ماشىنا بۇزۇلۇپ قالدىما؟-دەررۇ سورىدىم مەن.
-ياقەي،-دېدى جۈمە شامال بېشىنى سىلكىپ،-ساقاللىق شوپۇرنىڭ ئېيتىشىچە ئالدىمىزدىكى يېقىنلا يەردە قاتناش ساقچىلىرى ماشىنا تەكشۈرۈۋاتقانمىش.ئۇلار بەلگىلىمىدىن ئوشۇق ئادەم سالغان ماشىنىنى تۇتۇۋالسا جەرىمانە ئالارمىش.شۇڭا ماشىنىدا سەككىزلا ئادەم قېلىپ باشقىلىرىمىز بىر دەم پىيادە ماڭمىساق بولماسمىش.ماشىنا قاتناش ساقچىلىرىنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈۋالغاندىن كېيىن بىزگە ساقلاپ تۇرماقچىمىش.بۇ گەپنى ئاڭلاپ جەرىمانە ئالىدىغان ساقچىلار مانا مۇشۇ ساقاللىق شوپوردىنلا ئالسىكەن، دەپ ئويلاپ ماشىنىدىن چۈشمەي ئولتۇراي دېدىم-يۇ، لېكىن باشقىلار چۈشكەن يەردە يەنە چۈشمەي بولمىدى. ئۆزۈممۇ پۇت-قوللىرىم ئۇيۇشۇپ، كۆڭلۈم ئېلىشىپ تۇراتتىم. شۇڭا بىردەم ماڭساممۇ ماڭاي دەپ ماشىنىدىن چۈشتۈم.
مەن جۈمە شامالنىڭ باشتا قىلغان گەپلىرىگە ئانچە ئېرەنشىپ كەتمىگەنكەنمەن.ئەمدى بولسا ئۇنىڭ كەچمىشلىرىگە بارغانچە ئەسىر بولۇپ قېلىۋاتاتتىم. جۈمە شامال ئارىلاپ تاماكىسىنى شوراپ قويغىنىچە يەنە گېپىنى داۋام قىلىۋاتاتتى:
-ماشىنىدىن چۈشۈپ بىردىنلا دوزاختىن قۇتۇلغان ئادەمدەك راھەتلىنىپ كەتتىم.«تارچۇلۇقتا گۆش يېگۈچە، ئازادىدە مۇشت يە» دېگەن شۇ- دە. ساپ ھاۋادىن نەپەسلەنگەچ بىردەم پىيادە مېڭىۋېدىم، پۇت-قولۇمغا خېلى جان كىرگەندەك بولۇپ كۆڭلۈمنىڭ غەشلىكىمۇ ئوڭشىلىشقا باشلىدى. بېشىمنى كۆتۈرۈپ ئەتراپقا قارىدىم.ئاسماندا كۈننىڭ قىزىللىقى يوقاپ ئىپتار يۇلتۇزى كۆرۈنگەن ئىدى، يولمۇ تەڭ بولاي دەپ قالغان ئىدى. شەھەردىن قايتىشىۋاتقان ماشىنا، ھارۋىلار بىرىنىڭ ئارقىسىدىن بىرى ئۈزۈلمەي ئۆتۈشۈپ تۇراتتى.ھەممە ئۆيلىرىگە ئالدىراپ چېپىشىۋاتقاندەك كۆرۈنەتتى. شۇلارنىڭ ئارىسىدىن تۇنۇش چىراي بىرى كۆزۈمگە غىل- پال كۆرۈنگەندەك قىلدى. بۇ كىمدۇ دەپ سىنچىلاپ قارىسام، باشقا بىرى ئەمەس، دەل ھېلىقى روزاخۇن كالا، ئۇ كالا ھارۋىسىدا بىر ئۆزى يالغۇز يېلىن ياتقىنىچە غېمىدە يوق ئاللىقانداق بىر ناخشىغا غىڭشىپ كېلىۋېتىپتۇ.بۇنى كۆرۈپ ھەممە راھەتنى شۇ ئاپتۇ- دە، دەپ ئويلاپ قالدىم كۆڭلۈمدە.
روزاخۇن كالا ماڭا ياندىشىپ كېلىۋاتقاچ چىرايىمغا قاراپ ھىجىيىپ قويدى.ئۇنىڭ ھىجايغاندىكى كۆزلىرىنىڭ قىسىلىشى گىرىمسەنلىك ئىچىدە خېلى ئېنىق كۆرۈندى. مەن ئۆزۈمنىڭ پىيادە قالغىنىمدىن سەل خىجىللىق ھېس قىلىپ قالدىم.
-ھوي، پىيادە قاپسىلەرغۇ ئاغىنە؟- دېدى ئۇ كۈلگىنىچە.
-مەن خىجىللىقىمنى يۇشۇرۇشقا تىرىشىپ بىر ئوڭايسىز ھالەتتە ھىجىيىپ قويدۇم- دە:
-ماشىنىغا چىقتىم دەپ كونا داستەك ئەبجەق بىر نەرسىگە چىقىپ سالغىنىمنى كۆرمەمسىلەر ئاغىنە،-دەپ ۋايساپ بەردىم.ئارقىدىن ئۆزۈمچە مېنى مۇشۇنداق پىيادە قويغان ھېلىقى ساقاللىق شوپۇرنى تىللاپ، قارغاپ قويدۇم. ئۇ پەرۋاسىز ھالدا:
-ماشىنىغا چىققان ئادەم بۇ چاققا شامالدەك ئۆيگە بېرىپ بولماي-ھە؟ مەن دېگەنغۇ سىلىگە، ئەخمەق بولماي مېنىڭ ھارۋامغا چىقىۋېلىڭلار، ماشىنىدىن قېلىشماي ئۆيگە بېرىپ بولىمىز دەپ، «سۆكسۆك ئوتۇننى ياراتماي، پاسار قالىغان باراتباي»دېسە مانا سېلىنى دېسە بولغۇدەك،-دېدى چاقچاق ئارىلاش.
روزاخۇن كالىنىڭ بۇ چاقچىقىدىن تېخىمۇ ئوڭايسىزلىنىپ كەتتىم.بۇ ئوڭايسىزلىقتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن مەنمۇ ئۇنىڭغا چاقچاق قىلماقچى بولدۇم-يۇ، لېكىن ئىچىم مىژىلداپ تۇرغاچقا نېمە دەپ چاقچاق قىلىشنى ھېچ بىلەلمىدىم.شۇڭا ئۇنىڭ گېپىگە كىچىك بالىدەك گەدىنىمنى سىلاپ تىلىمنى چاينىغىنىمچە: ھەئە، شۇنداق، ھەئە... دەپلا قويدۇم. روزاخۇن كالا بولسا ئەخمەقلىقىمنى مەسخىرە قىلىۋاتقاندەك يەنە نېمىلەرنىدۇر دېگىنىچە پىخىلداپ كۈلەتتى. روزاخۇن كالىلا ئەمەس ئۇنىڭ ھارۋا سۆرەپ كېتىپ بارغان كالىسىمۇ بېشىنى بۇراپ كۆزلىرىنى لۆمۈلدىتىپ قويغىنىچە مېنى مەسخىرە قىلىۋاتقاندەك كۆرۈنۈپ كەتتى. ئۇ بىر دەم ئىچ-ئىچىدىن پىخىلداپ كۈلگەندىن كېيىن:
-ئەمدى بولسىمۇ ھارۋامغا چىقىۋالامسىلەر، ئاغىنە؟-دەپ سورىدى، كالا ھارۋىسى دەپ يەنە ياراتمامسىلە-يا؟
-يا...ياق، ئۇنداق ئەمەس،،-دېدىم مەن دەررۇ،-شۇنداق قىلغان بولسامغۇ ياخشى بولاتتى، لېكىن شۇ...شەھەردىن ئالغان نەرسىلىرىم ماشىنىدا قاپتۇ ئەمەسمۇ.
-ھارۋىدا بېرىپ ماشىنا توختايدىغان دوقمۇشتا ساقلىغاچ تۇرساق بولمىدىمۇ؟
ئۇنىڭ بۇ گېپىدىن ماشىنىدىن مېنىڭ كالا ھارۋام تېز ماڭىدۇ دېگە مەنە چىقىپ تۇراتتى.ئۇ بۇ گەپنى ماشىنىنى مەسخىرە قىلىپ دەۋاتامدۇ ياكى ئۆزىنىڭ كالا ھارۋىسىغا شۇنداق ئىشەنچىسى بارمۇ، بۇنى بىر نېمە دەپ بولمايتتى.نېمىلا بولمىسىۇن مەن ئەمدى ئۇنىڭ قۇرۇق گەپ قىلمايدىغانلىقىغا خېلى ئىشىنىپ قېلىۋاتاتتىم.شۇ تاپ راست گەپنى قىلسام پېشىمنى قېقىپلا ئۇنىڭ ھارۋىسىغا چىقىۋالغۇم كېلىپ تۇراتتى.لېكىن ماشىنىدا قالغان نەرسىلىرىمنى ئويلاپ يەنە دېلىغۇل بولۇپ قالدىم. شۇڭا مەن:
-بەرىبىر بولىدىغان كەچ بولۇپ بولدى، تايىنلىق ماشىنىدا قالغان نەرسىلىرىمنى ئېلىپ باراي ئاغىنە.
-مەيلى ئەمىسە،-دېدىم روزاخۇن كالىمۇ توغرا تېپىپ،-مەن ماڭغاچ تۇراي.
روزاخۇن كالا قولىدىكى تايىقىنى «چۇ!»دەپ چۆرۈپ قويغاچ يېنىمدىن ئوزاپ كەتتى.ئۇنىڭ ھارۋىسىدا يەنە يېلىن ياتقىنىچە قايسىدۇر بىر ناخشىغا غىڭشىپ كېتىپ بارغىنىنى كۆرۈپ ئۆزۈڭگە ئۆزۈڭ خان-ھە سەن، ئادەمگە بۇنىڭدىنمۇ ئوشۇق ياخشى كۈن بولامدىغان جاھاندا، دەپ ئويلاپ قالدىم كۆڭلۈمدە.
ئالەم بارغانچە قاراڭغۇلىشىپ ئەتراپ گىرىمسەن سىياققا كىرىپ قالغان ئىدى. شۇنداق گىرىمسەنلىك ئىچىدە ئەمدى نېمىنىڭ يول بويلىرىدىكى دەل-دەرەخ، نېمىنىڭ سوكۇلداپ كېتىۋاتقان ئادەم، نېمىنىڭ بىر ياندا توختاپ قالغان ماشىنا ئىكەنلىكىنى تازا ئىلغا قىلىپ بولمايتتى.ھېلىقى ماشىنا تەكشۈرۈدىغان قاتناش ساقچىلىرى دېگەننى كۆردۈممۇ، كۆرمىدىم؟ بۇنىمۇ ئاڭقىرالمىدىم.مېنىڭ ئەس-يادىم ھېلىقى ماشىنىدا ئىدى، ماشىنىنىڭ توختىماي كېتىپ قېلىشىدىن ئەندىشە قىلاتتىم، ھېلىقى ماشىنىنىڭ قارىسى كۆرۈنمىگەنسېرى پۇتۇم يەرگە تەگمىگەنچىلىك قىلىپ سوكۇلداشقا، بارا-بارا ئىت قوغلىغاندەك يۈگۈرەشكە باشلىدىم، يۈگۈرۈپ كېتىۋېتىپ يەنە ھېلىقى روزاخۇن كالا ئېسىمگە كېلىپ قالدى.بايا ماشىنىنىڭ ئارقىسىدىن يېتىشىۋالغۇچە بولسىمۇ ئۇنىڭ ھارۋىسىغا بىر دەم چىقىۋېلىش ھېچ ئەقلىمگە كەلمەپتۇ.كۆڭلۈمنى شۇنداق ئەندىشە، پۇشايمانلار چۇلغىۋالغانسېرى قاراڭغۇدا يولنى تۈزۈك پەرق ئېتەلمەي تاش-داڭگالدەك بىر نەرسىلەرگە پۇتلىشىپ يېقىلىشقا باشلىدىم.يېقىلغان يېرىمدىن قوپۇپ، ھاسىراپ- ھۆمۈدىگىنىمچە يەنە يۈگۈردۈم. شۇ ھالدا چىلىق- چىلىق تەرگە چۈمۈلۈپ، دېمىم كېسلگەن بىر چاغدا ئاندىن ماشىنىغا يېتىشىۋالدىم. ساقاللىق شوپۇر ھەنېمىدۇر لەۋزىگە ئەمەل قىلىپ، ماشىنىسىنى يولنىڭ بىر چېتىدە توختىتىپ ساقلاپ تۇرغان ئىكەن.
مەن ماشىنىغا چىقىپ ئەسلى ئورنۇمدا ئولتۇرارمەن دەپ ئويلىغان ئىدىم.لېكىن ماشىنىغا ئولىشىۋېلىشقان ئادەملەرنىڭ كۆپلۈكىدىن ماشىنا ئىچىگە كىرىش تۈگۈل بېشىمنىمۇ تىقالماي قالدىم.ماشىنىنىڭ ئىشىكى بەئەينى بىر توپ ھاماقەتلەرنىڭ خام باسماق ئويۇنىنىڭ ئۆزى بولۇپ كەتكەن ئىدى. شۇ ئارىدا كىملەردۇ بىر- بىرىنى ئىتتىرىشەتتى. بىر- بىرىنى ئېغىزغا ئالغۇسىز سەت گەپلەر بىلەن تىللىشاتتى. كىملەردۇر ماشىنىنىڭ ئىچىگە كىرىشكە كۆزى يەتمىگەندەك ئۈستىگە بولسىمۇ چىقىۋېلىشقا ئورۇناتتى. مەن ھېلى ئۇيان پىرقىراپ، ھېلى بۇيان ئېسىلىپ باقتىم. باشقىلار نېمە قىلسا مەنمۇ شۇنى قىلدىم.ئىتتىرگەننى ئىتتىرىپ، تىللىغاننى تىللاپ يۈرۈپ ئاران دېگەندە ماشىنىغا ئېسىلىۋالدىم.ماشىنىنىڭ ئىچىگە كىرىشكە ھېچ ئامال قىلالمىدىم.ماشىنىنىڭ ئىچى بەئەينى پەۋەس سامان كەپلىگەن سامانلىققىلا ئوخشاپ قالغانىدى.شۇ ھالدا ئېسىلىۋالغان يېرىمنى چىڭ تۇتۇپ تۇرۇۋالمىسام باشقىلار ئىتتىرىپ يۈرۈپ شۇنىڭدىنمۇ قۇرۇق قالىدىغاندەك قىلاتتىم.ماشىنىنىڭ ئىچىگە كىرەلمىگىنىمدىن جۇدۇنۇم ئۆرلەپ ئاچچىقىمدا ئاغزىمغا كەلگەننى دەپ ۋارقىراشقا باشلىدىم.
-ھاي خەق، مۇسۇلمان ئەمەسمۇ سەنلەر؟ مەن «ئىلاھائامىن» غا چىقتىمما بۇ ماشىنىغا، مېنىڭ ئورنۇم قېنى؟
-سىلى ئۇنداق دېگەن بىلەن بىزچۇ، بىزنىڭ ئورنىمىز قېنى؟
ئەتراپىمدىكىلەردىن ئېرىشكەن جاۋابىم شۇ بولدى. شۇ ئەسنادا ساقاللىق شوپۇر يېنىمدا پەيدا بولۇپ:
-نېمىگە ۋارقىرايلا، ئاكا؟- دېدى تەئەددى بىلەن،- ئەتىدىن بىرى سىلى ماشىنىنىڭ ئىچىدە ئارامخۇدا ئولتۇرغانلىرى بىلەن باشقىلارنىڭ ماشىنىنىڭ ئۈستىگە چىقىپ، ئارقىسىغا ئېسىلىپ تۇرۇشقىنىنى كۆرمىدىلىما؟ ئۇلارمۇ سىلىگە ئوخشاش خۇدانىڭ بەندىسىغۇ؟ مۇسۇلماندارچىلىقتا باشقىلارنى ئويلاپ قويىدىغان ئىشمۇ يوقما؟ بىردەم ئۆرە تۇرۇپ قالغانغا ئېغىر پوقلىرى چۈشۈپ كېتەرما؟ يولنىڭ جىقى تۈگەپ ئېزى قالغاندا بىردەم چىدىسىلا ئەمدى! پۇتلىرىدا ماياققا دەسسەپ، قوللىرىدا ئاياقنى تۇتۇۋالسىلا، ھە...ئەمدى بولدى.
ساقاللىق شوپۇر شۇنداق دېگىنىچە بىر پۇتۇمنى تۇتۇپ ئاللىقانداق بىر يەرگە ئىلىندۈرۈپ قويدى.ئۇنىڭغا يەنە نېمە دەيتتىم.ئاغزىمنى ئۇپرىتىپ ئۇنىڭ بىلەن گەپ تالىشىپ يۈرگۈم كەلمىدى. دېمىمنى ئىچىمگە يۇتۇپ ماشىنىنىڭ ئارقا ئىشىكىگە ئېسىلىپ تۇرۇۋالغىنىمغا بولسىمۇ شۈكۈر قىلدىم.
باياتىن بېرى ماشىنا ئىچىدە قوزۇق قاققاندەك قىستىلىپ ئولتۇرغىنىم ئاز كەلگەندەك مانا ئەمدى ئۇنىڭدىنمۇ تەس كۈنگە قالغان ئىدىم. ئېسىلىپ تۇرساممۇ قىستالماي تۇرسام مەيلىتى، لېكىن نەدىمۇ ئۇنداق ئۇڭاي ئىش بولسۇن، ماشىنىنىڭ ئارقا ئىشىكىگە ئېسىلىپ تۇرغىنى مەنلا ئەمەس ئىدىم. مەندىن باشقا يەنە خېلى ئادەم بار ئىدى.مەن شۇلارنىڭ ئارىسىدا يەنە قوزۇق قاققاندەك قىستىلىپ قالغىنىمچە بىر قولۇم بىلەن ئاللىقانداق بىر يەرنى قاماللاپ، بىر پۇتۇمنى يەنە ئاللىقانداق بىر يەرگە ئىلىندۇرۇپ ئاران تۇرۇۋالغان ئىدىم.يەنە بىر قولۇم بىلەن بىر پۇتۇم ھاۋادا پۇلاڭلاپ قالغان ئىدى. پۇت- قولۇمنى كىشىلەرنىڭ ئىرماش-چىرماش پۇت- قوللىرى ئارىسىدىن ئۆتكۈزۈپ بىر يەرگە ئەكىلىۋېلىشقا ھېچ مومكىن بولمايۋاتاتتى. ھەتتا بېشىمنىمۇ رۇسلىيالمايۋاتاتتىم. بېشىمنى ماشىنا ئۈستىدىكىلەرنىڭ ساڭگىلاپ تۇرغان پۇتلىرى بېسىپ، يان- بېلىمدىكىلەرنىڭ جەينەكلىرى بىر يانغا تۈرتۈپ تۇراتتى. نېمە ئامال، يەنە چىداپ تۇرماي بولمىدى. لېكىن ئۆزۈم چىداپ تۇرغىنىم بىلەن ۋۇجۇدۇمغا ئاچچىق يامراپ كۆڭلۈم ھەرە كۈنىكىدەك بىر قىسىما بولۇپ كەتكەن ئىدى.مەن تۇرۇپلا خەقتىن ئاغرىنىشنىڭ ئورنىغا ئۆزۈمدىن ئاغرىنىشقا باشلىدىم.روزاخۇن كالىنىڭ ھارۋىسىغا چىقىۋالمىغىنىمغا شۇقەدەر پۇشايمان قىلىپ ئۆزۈمنىڭ گۆشىنى ئۆزۈم يېگۈدەك بولدۇم.ئەخمەقلىق قىلىپ مۇشۇنداق ئاقىۋەتكە قالغىنىمدىن بىر تۇرۇپ ئاچچىق كۈلگۈم كەلسە يەنە بىر تۇرۇپ ئىچ- ئىچىمدىن يىغلىغۇم كېلەتتى.
نىھايەت تاقىتىم تاق بولۇپ كەتكەندە ئاندىن ماشىنا قوزغالدى. ماشىنا تۈز يولدا ئەمەس ئەگرى- بۈگرى، ئېگىز- پەس بىر يولدا كېتىپ بارغاندەك قىلاتتى. مەن ماشىنىنىڭ قاياققا بۇرۇلۇپ، نەگە قاراپ كېتىپ بارغىنىنى تازا پەرق ئېتەلمىسەممۇ ئۇنىڭ بارغانچە تاراقشىپ، ئۇيان- بۇيان لەپپەڭشىپ كېتىپ بارغىنىدىن چوڭ يولدىن قېچىپ ئاللىقانداق ئارقا يول بىلەن مېڭىۋاتقىنىنى كۆڭلۈم تۇيۇپ تۇراتتى. مەن بۇنداق ماشىنىلارنىڭ ھامان شۇنداق ماڭىدىغانلىقىنى بىلگەچكە بۇنىڭدىن ئانچە ئەجەپلىنىپ كەتمىدىم.
ئاسماندا يۇلتۇزلار جىمىرلاپ تۇراتتى. غۇر- غۇر شامال يۈز- كۆزلىرىمگە تىنىمسىز ئۇرۇلاتتى. ماشىنىغا ئاران- ئاران ئىلىنىپ تۇرغان پۇت- قوللىرىم ھېلىلا ئۈزۈلۈپ كېتىدىغاندەك تېلىپ ئاغرىيتتى.ئاران ئىلىنىپ تۇرغان يەردىن شۇنداقلا مىدىرلىسام ماشىنىنىڭ ئارقىسىدىن قاڭقىپ كېتىدىغاندەك تۇراتتىم. شۇڭا «چىدا، يولنىڭ جىقى تۈگەپ ئېزى قالدى، يەنە بىردەم چىدا!» دەپ ئۆز- ئۆزۈمگە مەدەت بىرەتتىم. ماشىنىنىڭ ئارقىسىدىن بۇقسۇپ چىقىۋاتقان سېسىق تۈتەك دەستىدىن كۆڭلۈم بارغانچە بىر قىسىما بولۇۋاتاتتى.تۇيغۇم بارا-بارا خىرەلىشىپ ئۆزۈمنى ئاسماققا ئېسىلىپ تۇرغىنىچە جان تالىشىۋاتقان ئادەمدەك ھېس قىلىۋاتاتتىم.
بىر چاغدا ماشىنا تۇيۇقسىز توختىغاندەك قىلىپ ھەممە ئوپۇر- توپۇر بولۇشۇپ كېتىشتى. مەنمۇ چۆچۈپ ئېسىمگە كەلدىم. نېمە ئىش بولغاندۇ دەپ قارىسام، نۇرغۇن قوراللىق ساقچىلار يېنىمىزدىلا توختىغان بىر چوڭ ماشىنىدىن بىزگە قاراپ سەكرىشىۋېتىپتۇ. بۇنى كۆرۈپ ھاڭ- تاڭ قالدىم. شۇئان ۋارقىراشقان، قى-چۇ قىلىشقان ئاۋاز ئەتراپنى بىر ئالدى.ساقچىلارنىڭ بۇيرۇقى بويىچە ماشىنىدىكىلەرنىڭ ھەممىمىز يەرگە چۈشۈپ سەپكە تىزىلىپ تۇرۇشتۇق.ئۇلار چىرايىمىزغا بىر باشتىن چىراق تۇتۇپ قاراشقا باشلىدى.قۇراللىق ساقچىلاردىنمۇ سۈرلۈك ئادەم بولامدىغان جاھاندا؟ ئۇلارنىڭ ئەلپازىغا قاراپ دېمىم ئىچىمگە چۈشۈپلا كەتتى.كۆڭلۈمدە ئەمدى ساقاللىق شوپۇرنىڭ ئىشى چاتاق، كىم ئۇنى ماشىنىغا ھەددىدىن زىيادە ئادەم بېسىپ ئوغرىلىقچە ماڭسۇن دەپتۇ؟ ئۆزىنىڭ شورى ئۆزىگە، دەپ ئويلىدىم.لېكىن ساقچىلار ئويلىمىغان يەردىن ساقاللىق شوپۇرنىڭ چىرايىغا قاراپ بولۇپ ئۇنى تەكشۈرۈپ بولغان قاتارغا ئۆتكۈزۈۋېتىشتى.قارىغاندا ئۇلار ساقاللىق شوپۇرغا بىر نەرسە دەيدىغاندەك قىلمايتتى.ئۇلار ساقاللىق شوپۇرنى ئەمەس باشقا بىرىنى تۇتماقچىدەك كۆرۈنەتتى. ئۇلارنىڭ تۇتماقچى بولغىنى تۈرمىدىن قاچقان بىرەرىمۇ ياكى ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويۇپ بىزنىڭ ئارىمىزغا قېتىلىۋالغان جىنايەتچىمۇ؟ بۇنى بىر نېمە دېگىلى بولمايتتى.مەن شۇنداق پەرەزلەرنى قىلىپ تۇرغىنىمدا ئۇلار مېنىڭ چىرايىمغىمۇ چىراق تۇتۇپ قاراشتى. شۇئان چىراق يۇرۇقىدا كۆزلىرىم قامىشىپ، يۈرىكىم پۇكۇلداپ كەتتى. «ئىلاھىم ئۇلار مېنى بىرەرىگە ئوخشىتىپ قالمىغىيدى» دەپ تىلەپ تۇردۇم كۆڭلۈمدە، ئۇلار چىرايىمغا قاراپ بولغاندىن كېيىن باشقا گەپ قىلماي يەنە بىر تەرىپىمدىكىلەنىڭ چىرايىغا قاراشقا باشلىدى. ئۇلار شۇ يوسۇندا ھەممىمىزنى تەكشۈرۈپ بولغاندىن كېيىن ماشىنىغا چىقىشتى-دە، بىردەمدىلا يېنىمىزدىن غايىپ بولۇشتى.مەن ئۇلار كەتكەن تەرەپتىن كۆز ئۆزۈپ بولغۇچە ماشىنىنىڭ ئارقا ئىشىكى يەنە خام باسماق بولۇپ كەتكەن ئىدى.بۇنى كۆرۈپ مەنمۇ دەررۇ ماشىنا تەرەپكە ئېتىلدىم- دە، جان- جەھلىم بىلەن ماشىنا ئىچىگە كىرىۋېلىشقا تىرىشتىم.ئەپسۇس، خېلى تىرمىشىپ باققان بولساممۇ باشقىلار مەندىن چاققان، مەندىن كۈچلۈك كېلىپ قالدى. شۇنداقتىمۇ دەررۇ بىر ئامال قىلمىسام بولمايتتى.مەن بىر يۇلقۇنۇپلا ماشىنىنىڭ ئارقا ئىشىكىگە كەپلىشىپ خام باسماق بولۇپ كېتىشكەنلەرنىڭ ئۈستىگە ياماشتىم-دە، ئۇلارنىڭ مۈرىلىرىگە دەسسەپ يۈرۈپ ئۆزۈمنىڭ ماشىنا ئۈستىگە چىقىپ قالغىنىمنى تۇيماي قالدىم.ماشىنىنىڭ ئىچىگە كىرەلمەي ئارقىسىغا ئېسىلىپ تۇرغاندىن كۆرە بىر ھېسابتا بۇمۇ بولدى، دەپ ئويلىدىم كۆڭلۈمدە.
مەن ماشىنىنىڭ ئۈستىگە چىقىپ جايلىشىپ ئولتۇرۇۋالدىم-يۇ، لېكىن ئۆزۈمنى خۇددى كىچىككىنە بالىخانا ئۆينىڭ ئۆگزىسىگە قونۇپ ئولتۇرغاندەك ھېس قىلىپ قالدىم.شۇنداقتىمۇ ئەمدى ماشىنىنىڭ ئارقىسىغا ئېسىلىپ تۇرغانغا قارىغاندا بىر ئاز بولسىمۇ ئارامىمدا ئولتۇرارمەن دەپ ئويلىغان ئىدىم.نەدىكىنى، ئاشتاختىنىڭ يۈزىچىلىك يەرگە بىر پاتمان ئادەم كەپلىشىپ ئولتۇرۇشقان بولۇپ، ھەممە ئادەم ماشىنىنىڭ ئۈسىتىدىن ئۇچۇپ كېتىشتىن ئەنسىرىگەندەك ئوتتۇرىغا سىلجىشقا تىرىشاتتى.بىر-بىرىنى بېقىندىشىپ ئىتتىرىشەتتى.ئېغىزغا ئالغۇسىز سەت گەپلەر بىلەن تىللىشاتتى.بۇ ئارىدا بولۇنغان ئاجايىپ ھەزىل، نومۇسسىز سەت گەپلەردىن كىملەردۇ قاقاقلاپ كۈلسە، كىملەردۇ بۇنداق قىسمەتتىن نالە-پەرياد قىلىشاتتى. ماشىنا ئۈستىدىكىلەرنىڭ شۇنداق ۋاراڭ- چۇرۇڭى دەستىدىن زېھنىم چېچىلىپ، قۇلىقىم گاس بولۇپ كېتەيلا دەپ قالغان ئىدى.
ماشىنا بىر ناتونۇش ئەگرى- بۈگرى كاتاڭ يولدا كېتىپ باراتتى. كېچە ئاسمىنى بۇلۇت ئارىلاش بوزىرىپ تۇراتتى. خىرە- شىرە جىمىرلاپ تۇرغان ئاي، يۇلتۇزلار بەدرەڭ بۇلۇتلار ئارىسىدا قاپسىلىپ قالغاندەك كۆرۈنەتتى. يۈز- كۆزلىرىمگە شامال ئۇرۇلۇپ ھېچ ئارام بەرمەيتتى. ماشىنىنىڭ پات- پات ھېلى ئۇيان، ھېلى بۇيان لەپپەڭشىپ مېڭىشى بىلەن تەڭ مەنمۇ لەپپەڭشىپ كېتەتتىم-دە، يان-بېلىمدىكىلەرنىڭ قولۇم ئېلىنگەن بىر يەرلىرىگە ئېسىلىۋالاتتىم.شۇ ھالدا ئۆزۈمنى ھېلىلا ماشىنا ئۈستىدىن ئۇچۇپ چۈشۈپ كېتىدىغاندەك ھېس قىلىپ، يۈرىكىم قېپىدىن چىقىپ كېتەيلا دەپ قالغانىدى.ناۋادا راستىنلا ماشىنا ئۈستىدىن ئۇچۇپ چۈشۈپ كېتىپ قالسام شۇ ھامان پۇت-قولۇمنىڭ سۇنۇپ كېتىدىغانلىقى كۆزلىرىمگە كۆرۈنۈپلا تۇراتتى.بۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق ئەنسىزلىك بولامدىغان جاھاندا؟ ئادەم شۇنداق ئەنسىزلىككە چۈشۈپ قالغاندا ئەڭ ئاۋۋال خۇدانى ئېسىگە ئالىدىغان گەپكەن. مەن ئىچىمدە دۇرۇت ئوقۇپ خۇدانىڭ ئۆز پاناھىدا ساقلىشىنى تېلەشكە باشلىدىم.
ماشىنىنىڭ تۇيۇقسىز لەپپەڭشىشى بىلەن ئارىمىزدىن بىرى «ۋايجان!» دېگىنىچە پالاققىدە يەرگە چۈشۈپ كەتتى. بۇنى كۆرۈپ «ئىم» دەپ سالدىم ئىچىمدە. شۇئان ھەممىمىز تەڭلا:
-ئادەم چۈشۈپ كەتتى، مۇسۇلمان بولساڭ ماشىنىنى توختات!-دەپ ۋارقىراشقا باشلىدۇق.
مەن ھېلىقى بىچارىنىڭ يېنى يەرگە تېگىپ بولغىچە پۇت-قوللىرى لاقاشامبۇل بولۇپ كەتتى دەپ ئويلىغان ئىدىم.ھېلىمۇ ياخشى خۇدايىم ساقلاپتۇ، ئۇ توپىلىق يولدا بىر نەچچە يومىلىنىپ قوپقاندىن كېيىن قوللىرىنى پولاڭلىتىپ ۋارقىرىغىنىچە ماشىنىنىڭ ئارقىسىدىن يۈگۈرۈشكە باشلىدى. ئۇ ماشىنىنىڭ ئارقىسىدىن يېتىۋېلىپ بىر يەرگە چىقىپ جايلىشىپ ئولتۇرىۋالغاندىن كېيىن ماشىنا يەنە قوزغالدى. لېكىن ماشىنا بىر دەم ماڭا-ماڭمايلا ئارىدىن يەنە بىرى كونا چاپاندەك يەرگە چۈشۈپ كەتتى. ئۇمۇ بىر نەچچە يومىلىنىپ ئورنىدىن قوپقاندەك قىلدى. ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە كىملەر پولاڭلاپ چۈشۈپ كەتتى؟ كىم نەچچە يومىلىنىپ ئورنىدىن قوپتى؟ كىم بېقىنىنى تۇتقىنىچە ئورنىدىن تۇرالماي قالدى؟ كىم قوللىرىنى پولاڭلىتىپ دىڭگوسلىغىنىچە ماشىنىنىڭ ئارقىسىدىن يۈگۈرەۋاتىدۇ؟ كىم ماشىنىغا چىقىۋالدى؟ كىم قالدى؟ بارا-بارا بۇلارنى ئاڭقىرىپ بولالماي قالدىم
شۇنداق تۈگىمەس پېشكەللىكلەر بىلەن ماشىنا قەدەمدە بىر توختىغانچىلىك قىلىپ كېچە تەڭ بولاي دېگەندە ئاندىن يېزا ئالدىدىكى دوقمۇشقا يېتىپ كەلدى. بۇنى كۆرۈپ ئۆزۈمنى خۇددى قىيامەتنىڭ پىلسىرات كۆۋرۈكىدىن ساق-سالامەت ئۆتكەندەك ھېس قىلىپ خۇداغا مىڭ شۈكۈر دېگىنىمچە ماشىنىدىن چۈشتۈم.
جۈمە شامالنىڭ كەچمىشلىرىنى ئاڭلاۋېتىپ بىر قىسما بولۇپ قالدىم. ئۇ بىر تال تاماكا تۇتاشتۇرۇپ بىر-ئىككى شورىۋالغاندىن كېيىن گېپىنى يەنە داۋاملاشتۇردى:
-كېچە تەڭ بولاي دېگەن بولسىمۇ يېزا ئالدىدىكى دوقمۇشتا تېخىچە ئەل ئايىغى بېسىقمىغان ئىدى.دۇكاندار، ناۋاي، باققاللار توك يورىقىدا ئاداققى سودىسىنى قىلغاچ نەرسە-كېرەكلىرىنى يىغىشتۇرىۋاتاتتى. يەرگە چۈشىدىغانلار چۈشۈپ بولغاندا ماشىنىنىڭ ئاللىقانداق بىر يېرىدىن ماكچىيىپ كەتكەن خالتامنى تاپتىم-دە، كىملەردىندۇر كىرا ئېلىۋاتقان ساقاللىق شوپۇرغا ئون كويلۇق پۇلدىن بىرنى سۇندۇم.ئۇ پۇلنى ئېلىۋاتقاچ بىر قولۇمدا ساڭگىلىتىپ تۇرغان خالتامغا قاراپ قويدى-دە:
-يەنە بەش كوي بەرسىلە!-دېدى.
-نېمىگە ئۇستام؟-دېدىم مەن.
-نېمىگە دەيلىغۇ؟-دېدى ئۇ كۆزلىرىمگە تىكىلىپ،-قوللىرىدىكى ماۋۇ يۈككە.
-ئون كوي بەردىمغۇ ئەينا، شۇمۇ يەتمەمدا؟
-يەتمەيدۇ، يەتمەيدۇ،-دېدى ئۇ دەررۇ بېشىنى سىلكىپ،-بەرگەنلىرى ئۆزلىرىنىڭ كىراسىغا ھېساب، ماشىنىغا سالغان يۈككە ئايرىم كىرا بەرمىسىلە بولمايدۇ.
-يۈك دەپ ئېغىزغا ئالغۇدەك نەرسە ئەمەسقۇ بۇ؟ جىڭغا سالسا تۆت جىڭ كەلمەيدىغان بەش-ئون كويلۇق بىر نەرسە شۇ. -بۇنىڭ بىلەن مېنىڭ چاتىقىم يوق.
-ئىنساب بىلەن ئىش قىل ئۇكا،-دېدىم سەل ئاچچىقىم كېلىپ، - ھەممىمىزدىن قالىدىغان ئالەم بۇ، پۇل بىلەن ئادەم بولۇپ بولغىلى بولماس.
-سەنمۇ ئىنساب بىلەن ئىش قىل ئاكا،-دېدى ئۇ مەندىنمۇ ئۆتە ھۆركىرەپ،-ماشىنىغا سالغان يۈككە ئايرىم كىرا تۆلەيدىغان گەپ، بۇنى ھەممە ئادەم بىلىدىغۇ، نېمانداق غەرەز ئۇقمايدىغان ئادەم بۇ؟
ساقاللىق شوپۇر ھېچ گەپ يەيدىغاندەك ئەمەس ئىدى.مېنىڭ ئەمدى ئۇنىڭ بىلەن گەپ تالاشقۇدەك دەرمانىم قالمىغان ئىدى.كۆڭلۈم ئېلىشىپ ئاران- ئاران ئۆرە تۇراتتىم. مەن ئاخىرى تاقەت قىلالماي:
-ئالساڭ پۇل ئالارسەن، جاننى ئالماسسەن؟ تۇتە مانا!- دەپ يەنە بەش كوي پۇلنى بەردىم- دە، يولنىڭ چېتىگە چىقىپ ئاران ئۈلگۈردۈم.
مەن بىر ھازا «ھۆ» دەپ ئىچىمدە بارنىڭ ھەممىسىنى قوسۇۋەتكەندىن كېيىن بېشىمنى كۆتۈردۈم. ئورنۇمدىن تۇرماقچى بولۇۋېدىم، پۇتۇمنى رۇسلىيالماي دىڭگوسلاپ قېلىپ بىر ياندىكى تام تۈۋىگە بېرىپ ئاران ئولتۇرۇۋالدىم. بېشىم ئۆزۈمنىڭ ئەمەستەك پىرقىراپلا تۇراتتى. ئەتراپتا يېنىپ تۇرغان چىراقلار، چىراق يۇرۇقىدا ئۆتۈشۈۋاتقان ئادەملەر كۆزۈمگە ئىمىر- چىمىر بولۇپ كۆرۈنەتتى. مەن بىردەم ئولتۇرۇپ ئوڭشالغاندىن كېيىن ئاندىن مېڭىشنى ئويلىدىم- دە، بېشىمنى تىزىمغا قويدۇم.شۇنداق ئولتۇرۇپ ئاستا-ئاستا ئۇيقۇغا كېىتپتىمەن، چۈشۈمدە بېشىمنى تىزىم ئۈستىگە قويغىنىمچە تامغا يۆلىنىپ ئولتۇرغۇدەكمەن، كىمدۇر بىرى «چۇ،چۇ!»دەپ كالا ھارۋىسىنى ھەيدىگىنىچە ئودۇلۇمغا كېلىپ ھارۋىسىدىن چۈشكۈدەك، ئاندىن كالىسىنى يېنىمدىكى تېرەكتەك بىر نەرسىگە باغلاپ قويغۇدەك، مەن بۇ ئادەمنى روزاخۇن كالا بولۇپ قالمىسۇن يەنە، دەپ ئويلىغۇدەكمەن.ئورنۇمدىن تۇرۇشقا خېلى تەمشىلىپ باققان بولساممۇ، لېكىن پۇت- قولۇمدا ماغدۇر بولمىغاچقا بېشىمنىمۇ كۆتۈرەلمەيۋاتقۇدەكمەن. روزاخۇن كالا مېنى كۆرۈپ:
-ھوي، بۇ يەردە بىر نەرسە مىدىرلاۋاتامدۇ-نېمە؟-دېگىنىچە ماڭا يېقىن كېلىپ قارىغۇدەك.ئاندىن:-ھوي، ئادەممۇ، جىنمۇسەن؟-دەپ سورىغۇدەك. ئۆزۈمنىڭ يېقىن بىر ئاغىنەمنىڭ شۇنداق دەپ سورىغىنىدىن سەل ئاچچىقىم كېلىپ:
-كۆزۈڭگە جىندەك كۆرۈنۈپ قالدىمما ئاغىنە؟ كۆزۈڭنى يوغان ئېچىپ قاراپ باققىنە، مەن كىمكەنمەن؟- دېگۈدەكمەن.
ئۇ بېشىمنى قايرىپ يۈزۈمنى چىراق يۇرۇقىغا تۇتۇپ قاراپ باققاندىن كېيىن:
-مەن سېنى ھېچ تۇنۇيالمىدىمغۇ، ئىسمىڭ نېمە؟ ئۆيۈڭ قەيەردە؟ نەدىن كەلدىڭ؟ نەگە بارماقچى ئىدىڭ؟-دەپ بىر پاتمان سۇئاللارنى سوراپ كەتكۈدەك.
روزاخۇن كالىنىڭ مېنى تۇنۇماسقا سېلىۋاتقىنىدىن تېخىمۇ جۇدۇنۇم ئۆرلەپ:
-كۆزۈڭگە ئىشتان كىيىلىپ قالدىمۇ-نېمە؟ ئۆزۈڭنىڭ شۇنچە يېقىن ئاغىنىسىنىمۇ تونۇيالمايۋاتامسەن؟ مەن جۈمە شامالغۇ مانا، بىردەمدە تۇنۇماس بولىۋالغىنىڭنى قارا،-دېگۈدەكمەن زەردە بىلەن.ئارقىدىن ئۇنىڭ بوينىغا ئېسىلىپ ئورنۇمدىن تۇرۇشقا تەمشەلگۈدەكمەن.لېكىن ئۇ ئۆزىنى ئېلىپ قاچقاچقا ئورنۇمدىن تۇرالمىغۇدەكمەن.
-مەستمۇ، ساقمۇسەن؟ كىم سېنىڭ ئاغىنەڭكەن؟- دېگۈدەك ئۇ مەندىنمۇ ئۆتە ئاچچىقلىنىپ، شۇئان مەن ئۇنىڭغا قوللىرىمنى شىلتىپ:
-پوق يېمە!سەن مېنىڭ قاچان ھاراق دېگەن نەرسىگە يېقىن يولاپ باققىنىمنى كۆرگەن؟ ئىشەنمىسەڭ قۇرئان قۇچاقلاپ بىرەي، يوغان بىر كالا ھارۋاڭ بار ئىكەن، ۋاي روزاخۇن كالا دەپ قويسا ئۆزۈڭچە يوغىناپ ئادەم تونىماس بولىۋالغىنىڭنى قارا،- دەپ ۋارقىرىغۇدەكمەن.
روزاخۇن كالا ئەلپازىمدىن قورققاندەك قىلىپ يېنىمدىن يىراقلاپ كېتىۋاتقۇدەك.ئۇ پات-پات ئارقىسىغا قاراپ قويغىنىچە بېرىپ دوقمۇشتىكى ناۋاينىڭ تونۇر بېشىغا قونۇپ ئولتۇرۇپ گۆشگىردە يەۋاتقاچ يېنىدىكىلەرگە مېنى كۆرسىتىپ بىر نېمىلەرنى دەۋاتقۇدەك.مەن ئۇنىڭدىن كۆزۈمنى ئۈزۈپ بېشىمنى يەنە تىزىم ئۈستىگە قويغۇدەكمەن.كۆڭلۈمدە، ئۇ ھەقاچان مېنى مەست چاغلاپ قالدى، شۇڭا تونىيالمايۋاتقان گەپ، دەپ ئويلىغۇدەكمەن. ئارقىدىن ئۆمرۈمدە بىر يۇتۇممۇ ھاراق ئىچىپ باقمىغىنىمنى ئېسىمگە ئېلىپ، مۇشۇ ھاراق دېگەن زادى قانداق نەرسىدۇ؟ ھاراق ئىچىپ مەست بولۇپ قالغان ئادەم ماڭا ئوخشاش مۇشۇنداق كۆزلىرى ئىمىر-چىمىرلىشىپ، زېھنى چېچىلىپ، ئولتۇرغان يېرىدىن قوپالماس بولۇپ قالامدىغاندۇ؟ دېگەنلەرنى خىيال قىلىپ كەتكۈدەكمەن.
مەن يەنە ئاللىقانداق خىياللارنى قىلىپ ئولتۇرغاندا قۇلاق تۈۋۈمدىلا بىر كالىنىڭ مۆرىگەن ئاۋازى ئاڭلانغۇدەك.بېشىمنى كۆتۈرۈپ قارىسام كۆز ئالدىمدىلا ئىككى مۈڭگۈزى دىردىيىپ تۇرغان بىر كالا يەيدىغان بىر نەرسە ئىزدەۋاتقاندەك مەن تەرەپكە تۇمشۇقىنى سوزۇپ تۇرغۇدەك.بۇنى كۆرۈپ، روزاخۇن كالىنىڭ كالىسىكەنغۇ بۇ، روزاخۇن كالا مېنى تونىماس بولىۋالغىنى بىلەن كالىسى تونۇپتۇ، مۇشۇ كالىدا بار ئەقىل روزاخۇن كالىدا بولغان بولسىچۇ، دەپ ئويلىغۇدەكمەن.ئارقىدىن، ئۇنداق ئەقىلسىز ئادەمگە قىيداپ بولغىلى بولامدىغان، ئۇنىڭدىن كۆرە ھارۋىسىغا چىقىۋالغىنىم تۈزۈك ئوخشايدۇ، ئۆزىمۇ ھارۋىسىغا چىقىۋالمىغىنىمغا قىيداپ قالغان، مېنى تونىماس بولىۋالغىنى شۇنىڭغا باتناپ قالغىنى ھەقاچان، ھەر نېمە دېگەن بىلەن بىز كونا ئاغىنە-دە، بىر-بىرىمىزگە قېيدىشىپ قالغانغا ھارۋىسىدىن چۈشۈرۈۋەتمەس، دېگەنلەرنى ئويلاپ ئورنۇمدىن ئۆمىلەپ تۇرغىنىمچە ئالدىمدىكى كالا ھارۋىسىغا چىقىپ يېلىن ياتقۇدەكمەن، ئاندىن روزاخۇن كالا بىلەن گۇڭ-مۇڭ بولۇشۇپ، ئاللىقانداق ناخشىلارغا غىڭشىغاچ ئۆيگە كېتىۋالىدىغان بولدۇم، دېگەننى ئويلاپ خوش بولۇپ تۇرسام روزاخۇن كالا ناۋاينىڭ تونۇر بېشىدىن ئاغزىنى سۈرتكىنىچە كېلىپ ئويلىمىغان يەردىن:
-چۈشە ھارۋامدىن، ھۇ ئېشەكنىڭ سۈيدىكىنى ئىچكەن ئىمانسىز جوھوت!-دەپلا ياقامدىن تارتىپ ھارۋىدىن چۈشۈرىۋەتكۈدەك. ئارقىدىن بىرنى تېپىپ يەرگە يېقىتىۋەتكۈدەك، شۇئان ئۇنى ئانا-مانىسى بىلەن قوشۇپ پۇخادىن چىققۇدەك تىللىغۇم كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن يەر چىشلەپ ئىنجىقلاپ قالغىنىمچە زۇۋانىم ھېچ گەپكە كەلمىگۈدەك...
بىر چاغدا كۆزۈمنى ئېچىپ ئېسىمگە كەلگەندەك بولدۇم-دە، ئۆزۈمنىڭ توڭلاۋاتقىنىمنى ھېس قىلدىم.ئەمدى كۆڭلۈمنىڭ غەشلىكىمۇ خېلى ئوڭشىلىپ، پۇت-قولۇممۇ خېلى مادارىغا كېلىپ قالغاندەك قىلاتتى.بېلىمنى رۇسلاپ ئەتراپقا قارىدىم.نەدىدۇ يېنىپ تۇرغان چىراقنىڭ سۇس يورىقىدا يېزا ئالدىدىكى ماشىنا توختايدىغان دوقمۇش بىر خىل غۇۋالىققا پېتىپ تۇراتتى.ئەتراپتا ئادەم تۈگۈل ئىنسى-جىنمۇ كۆرۈنمەيتتى.مەن ئەمدى ئۆي تەرەپكە ئالدىمنى قىلمىسام بولمايدىغانلىقىنى ئويلاپ ئاستا ئورنۇمدىن تۇردۇم-دە، خالتامنى مۈرەمگە ئارتتىم.
خالتامنى يۈدۈپ بىردەم ماڭغاندىن كېيىن يەنە ھالسىزلىنىشقا باشلىدىم. يېڭىلا كېسەلدىن قوپقان ئادەمدەك ئالدىمغا قانچە ماڭغانسېرى پۇت-قوللىرىم شۇنچە ئېغىرلىشىپ كېتىۋاتاتتى.شۇ ھالدا مەھەللىمىزگە بارىدىغان يولمۇ ئەمدى بۇرۇنقىدىن ئۇزىراپ قالغاندەك بىلىنىپ، يولنى قىسقارتماقچى بولۇپ چوڭ يولدىن بىر چېغىر يولغا بۇرۇلدۇم.بۇ يول بىر كۈجۈم مەھەللە ئارىسىدىن چىققاندىن كېيىن ئېتىزلىقلارنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتۈپ مەھەللىمىزگە تۇتىشاتتى. شۇ يول بىلەن تىمسىقىلاپ مېڭىۋېتىپ بىردىنلا ئالدىمدا يېيىلىپ ئېقىۋاتقان سۇغا دۇقۇرۇپ قالدىم. ئارقامغا ياناي دېسەم خېلى يول مېڭىپ بولغان ئىدىم.يولنىڭ ئىككى قاسنىقى تۇتاش قۇناقلىق، كېۋەزلىك بولغاچقا سۇ كېچىپ ماڭماقتىن باشقا ئامال يوق ئىدى. ئاخىرى ئىشتىنىمنى تىزىمغىچە تۈرۈپ ئايىغىمنى قولتۇقۇمغا قىستىم-دە، مۇزدەك سۇغا پۇتۇمنى تىقتىم.
ئەتراپ غۇۋا ئاي يورۇقىدا قاراڭغۇ قازناقتەك كۆرۈنەتتى.يېقىنلا بىر يەردىن يار ئېلىپ كەتكەن سۇنىڭ شارقىراۋاتقان ئاۋازى كېلەتتى.سۇ بارا-بارا تىزىمدىن ئېشىشقا باشلىدى.يەنە مېڭىۋەرسەم لۆمۈلدەپ تۇرغان سۇ تىزىمدىن بېلىمگە، بېلىمدىن گېلىمغا چىقىدىغاندەك قىلاتتى.نېمە قىلىشنى بىلەلمەي كېتىۋېتىپ بىردىنلا بىر چوڭقۇرلۇققا مۈدۈرۈپ كەتتىم-دە، «ۋايجان!»دېگىنىمچە سۇغا شۇڭغۇپ كەتتىم.كەلگۈلۈكنىڭ ھەممىسى مېنىڭ بېشىمغىلا كەلگەندەك بىر ئىش بولدى.سۇ ئىچىدە بىردەم ئۇيانغا پۇت ئېتىپ، بۇيانغا قول پولاڭشىتىپ يۈرۈپ ئاران دېگەندە ئورنۇمدىن تۇرىۋالدىم. ئورنۇمدىن تۇرۇش بىلەن تەڭ ئۈستى-بېشىم، قويۇنلىرىمدىكى سۇ كوركىراپ ئېقىشقا باشلىدى.يۈز-كۆزلىرىمدىكى سۇنى سىيرىۋېتىپ بېشىمدىكى دوپپام، قولتۇقۇمدىكى ئايىغىمنىڭ يوقاپ كەتكىنىنى ھېس قىلدىم. قولۇمنى قولتۇقۇمغىچە سۇغا تىقىپ خېلى سىلاشتۇرۇپ يۈرۈپمۇ ئۇ نەرسىلىرىمنى ھېچ يەردىن تاپالمىدىم.خالتامدىكى تۇز-گۇگۇت، موخۇركا دېگەندك نەرسىلىرىمنىڭ نېمە بولۇپ كەتكىنىنى بىلىپ بولمايتتى.جېنىمنىڭ ئامان قالغىنىغا شۈكۈر قىلىپ سۇ كوركىراپ تۇرغان خالتامنى مۈرەمگە ئارتتىم-دە، سۇدىن چىقىپ قوناقلىققا كىردىم.
قوناقلىققا كىرىپ ئازراق ماڭا-ماڭمايلا گېلىمغىچە سۇ كېچىپ بولسىمۇ مېڭىۋەرمىگىنىمگە پۇشايمان قىلىشقا باشلىدىم.ھەر قەدەمدە نەچچە ئۇرۇلۇپ تۇرغان سانجاق-سانجاق قوناق شېخى دەستىدىن كۆزلىرىمنىمۇ ئاچالماي قالغان ئىدىم.كۆزلىرىمنى ئاچالىغان ھالەتتىمۇ بەرىبىر ھېچنېمىنى كۆرەلمەيتتىم.شۇڭا كۆزلىرىمنى يۇمۇپ ئالدىمغا ئېڭىشكىنىمچە ياۋا توڭگۇزدەك ئۇدۇل كەلگەننى چەيلەپ مېڭىشتىن ئۆزگە ئامال بولمىدى. ھېلى قوناققا پۇتلىشىپ ئۇيان مۈدۈرۈپ كەتسەم، ھېلى ئېرىقتەك بىر يەرگە گۈپپىدە يېقىلىپ ئىنجىقلاپ قالاتتىم.ئورنۇمدىن تۇرۇۋېتىپ بېشىم پىرقىراۋاتقاندەك بىلىنىپ كېتەتتى. ئۆزۈممۇ قايان مېڭىشنى ھېچ بىلەلمەي بىردەم پىرقىراپ قالاتتىم. شۇ ھالدا ھېلى ئۇ تامغا، ھېلى بۇ تامغا ئۈسۈپ يۈرگەن بىتەلەي قارىغۇدەك ساراڭ بولايلا دەپ قالدىم.كۆڭلۈمدە:خۇدايىم بەندەم دېسە قاراڭغۇدا قوناقلىققا كىرىپ قالىدىغان بۇنداق كۈننى ھەرگىز كۆرسەتمىسۇن، دەپ ئويلىدىم.ئاندىن مېنى كەچ قويۇپ مۇشۇنداق كۈننى كۆرسەتكەن ھېلىقى ساقاللىق نائەھلى شوپۇرنى مىڭنى تىللىدىم. «ماشىناڭنى بىر نەرسىگە ئۈستۈرۈپ ئۆلەرسەن ئىلاھىم» دەپ ئىچ-ئىچىمدىن قارغىدىم.
جان-جەھلىم بىلەن خېلى تىرمىشىپ يۈرۈپمۇ نەس باسقان قوناقلىقتىن ھېچ چىقالمايۋاتاتتىم.ئۆي قاياندا، مەن قايان كېتىپ بارىمەن؟ بۇنىمۇ ھېچ ئاڭقىرالماي قالغان ئىدىم.باش ئۈستۈمدىن ئېشىپ تۇرغان سانجاق-سانجاق قوناقلار يۈز-كۆزلىرىم، پۇت-قوللىرىمغا غاراس-غۇرۇس، پاراس-پۇرۇس قىلىپ ئۇرۇلۇپ تۇراتتى.شۇ غاراس-غۇرۇس، پاراس-پۇرۇس قىلىۋاتقان ئاۋاز ئەمدى بىردىنلا شاراق-شۇرۇق، تاراق-تۇرۇق قىلىپ ئاڭلىنىپ يۈز-كۆزلىرىم، پۇت-قوللىرىمغا قوناق غولىدىنمۇ قاتتىق بىر نەرسە ئۇرۇلۇۋاتقاندەك بېلىنىشكە باشلىدى.بۇنىڭدىن سەل غەلىتىلىك ھېس قىلىپ بىر ئاز توختاپ قالدىم-دە، سۇس ئاي يورىقىدا ئەتراپقا بىر قۇر سىنچىلاپ قاراپ قالدىم.كۆز ئالدىمدا ئەمدى سانجاق-سانجاق قوناقلار ئەمەس، سانجاق-سانجاق شاخلارغا ئېسىپ قويۇلغان لاتا-پۇرۇچلار پولاڭلاپ تۇراتتى. بۇنى كۆرۈپ «ئانا!» دېگىنىمچە بەدەر قاچماقچى بولۇۋېدىم، شۇئان كونا قەبرىنىڭ سالاسۇنىدەك بىر نەرسىگە پۇتلىشىپ ئارقامغا ئۆرۈلۈپ كەتتىم.ئارانلا تۇرغان ئۇ نەرسىمۇ مەن بىلەن تەڭ تارقشىپ ئۆرۈلۈپ چۈشتى.ئورنۇمدىن تۇرماقچى بولۇپ قارىسام باش ئۈستۈمدە بىر كالىنىڭ باش سۆڭىكى ئىككى مۈڭگۈزىنى دىردايتىپ، كۆزلىرىنى كاماردەك قارايتىپ، چىشلىرىنى ھىڭگايتىپ تۇرۇپتۇ.قورققىنىمدىن زۇۋانىم تۇتۇلۇپ ئىمانىم كەربالاغا ئۇچتى.ئورنۇمدىن تۇرۇپ قاياققا قاراپ قېچىشنى بىلەلمەي بىردەم ئالدى-كەينىمگە پىرقىراپ، يەنە نىمىلەرگىدۇر شاراق-شۇرۇق، تاراق-تۇرۇق ئۈسكەندەك قىلدىم.شۇ ئەسنادا ئاللىقانداق بىر نەرسە گۈسسىدە گەدىنىمگە چۈشۈپ مىنگىشىۋالغاندەك قىلدى. شۇئان يۈرىكىم گېلىمغا كەپلىشىپ قالغاندەك تېپىرلاپلا كەتتىم.
مەن بۇ قورقۇنچلۇق ئىشلارنى ئوڭۇمدا كۆرۈۋاتىمەنمۇ ياكى چۈشۈمدىمۇ؟ بۇ تەرىپى ئەمدى ئۆزۈمگىمۇ كېچىدەك قاراڭغۇ بولۇپ كەتكەن ئىدى. نېمىلا بولمىسۇن مەن جان-جەھلىم بىلەن قېچىۋاتاتتىم. قېچىپ كېتىۋاتقانسېرى گەجگەمگە مىنگىشىۋالغان نەرسە تېخىمۇ چىڭ چاپلىشىۋالغان، ئىككى پۇتۇم تۈگمەن تېشى ئېسىپ قويغاندەك ئېغىرلىشىپ كەتكەن ئىدى. مەن بۇرۇنلاردا باشقىلاردىن «ئادەمگە جىن چاپلىشىۋالسا قوتۇلماق بەك تەسمىش، جىن دېگەن تۈگمەن تېشىدىنمۇ ئېغىرمىش، جىن چاپلىشىۋالسا ئادەم تۈگۈل ئات-ئېشەكمۇ ھاسىراپ، تەرلەپ سۇ بولۇپ كېتەرمىش...»دېگەندەك گەپلەرنى ئاڭلىغان ئىدىم. قېچىپ كېتىۋاتقاچ شۇ گەپلەر ئېسىمگە كېلىپ گەجگەمگە مىنگىشىۋالغان نەرسە چۇقۇم جىن، مەن ئېزىپ-تېزىپ جىننىڭ ئۇۋىسىغا دەسسەپ سالغان ئوخشايمەن، دەپ ئويلىدىم.ئەمەلىيەتتىمۇ جىننىڭ پۇتلىرىدەك ئىككى ئاچىماق غەلىتە بىر نەرسە گەجگەمنى چىڭ قىسقىنىچە ئىككى مۈرەمدىن ئالدىمغا دىڭگىيىپ چىقىپ تۇراتتى.
مەن شۇ ھالدا ئۆزۈمنىڭ بىر ئوچۇقچىلىقتا، خېلى تونۇشتەك بىلىنىۋاتقان بىر ئازادە يولدا ھاسىراپ يۈگۈرۈپ كېتىۋاتقانلىقىمنى ھېس قىلدىم. نىھايەت ئۆيۈمنىڭ قارىسىنىمۇ كۆرگەندەك قىلدىم.كۆزلىرىمگە كۆرۈنۈۋاتقىنى راستىنلا مېنىڭ ئۆيۈممۇ ياكى خىيالىممۇ، ياكى گەجگەمگە مىنگىشىۋالغان جىن مېنى قايمۇقتۇرۇپ كۆزلىرىمگە شۇنداق مەنزىرىنى كۆرسىتىۋاتامدۇ، مېنىڭ ئەمدى بۇ ئىشلارنى ئاڭقىرالىغۇدەك دەرمانىم، ئەقلى-ھوشۇم، ھېس-تۇيغۇم قالمىغان ئىدى.
ئارىدىن قانچىلىك ۋاقىت ئۆتكىنىنى بىلمەيمەن. بىر چاغدا قاباھەتلىك چۈشتىن ئويغانغاندەك كۆزۈمنى ئېچىپ قارىسام خوتۇن-بالىلىرىم باش ئۈستۈمدە يىغلىشىپ ئولتۇرۇپتۇ. ئۇلار كۆزۈمنى ئاچقىنىمنى كۆرۈپ خۇشاللىقتىن قىلغىلى قىلىق تاپالماي قېلىشتى. ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە مەن كېچە بىر چاغ بولغاندا بىر كالىنىڭ باش سۆڭىكىنى ئۆشنەمدىكى خالتامغا قوندۇرۇپ، ئىككى مۈڭگۈزىنى بوينۇمغا ساپقان پېتىم ئىت قوغلىغاندەك ئىشىكتىن ئۈسۈپلا كىرىپتىمەن.ئۇلار توك يورىقىدا قارىسا بېشىم يالاڭباش، پۇتۇم يالاڭغىداق، ئۈستى-بېشىم چىلىق-چىلىق ھۆل، ئىشتان-كۆڭلىكىم قارانچۇقنىڭ جەندىسىدەك ساڭگۈل-سۇڭگۈل.يۈز-كۆزلىرىمنىڭ ھەممىسى زېدە، قان تەپچىرەپ تۇرغان.خوتۇن-بالىلىرىم بۇ ئەپتىمنى كۆرۈپلا، قورققىنىدىن چىرقىراپ كېتىپتۇ-دە، يېنىمغا يېقىنمۇ كېلەلمەي ئۆيدىن قېچىپ چىقىپ كېتىپتۇ.ئۇلار قولۇم-قوشنا، ئۇرۇق-تۇغقانلارنى ئويغىتىپ دېرىزىدىن قارىغۇدەك بولسا ئۆي ئىچىدە يەنە ئۇ تامدىن بۇ تامغا ئۈسۈپ ساراڭدەك يۈگۈرۈپ يۈرگۈدەكمەن. شۇنىڭ بىلەن بىر نەچچە ئەر ئۆيگە كىرىپ مېنى خېلى تەستە ياتقۇزۇپتۇ. شۇ ياتقانچە نانمۇ يېمەي، سۇمۇ ئىچمەي، كۆزۈمنىمۇ ئاچماي ئوت-كاۋاپ بولۇپ ساق ئۈچ كۈن يېتىپتىمەن. بۇ ئارىدا: يېكەن پاچاق كۆك ماڭقا، ساقىلىڭغا مىڭ لەنەت، پوق يېمەڭلا روزاخۇن، قوناقلىقتىن يا كەتتى، قېنى مېنىڭ تاماكام؟ گەدىنىمدە بىر جىن بار، مېنىڭ ئۆيۈم قەيەردە؟ دېگەندەك گەپلەرنى قىلىپ توختىماي جۆيلۈپتىمەن.مېنىڭ ئالا-جوقا سۆزلەپ ياتقىنىمنى كۆرگەنلەرنىڭ ھەممىسى ياقىلىرىنى چىشلىشىپ ھەيرانۇ-ھەس بولۇشۇپ كېتىشىپتۇ.خوتۇن-بالىلىرىم بىر ئوغلاق قان قىلىپ نەزىر-چىراغ ئۆتكۈزۈپ، ئاغزىمغا ئايەت سۈيى تېمىتىپ، ئاق لەيلىنىڭ گۈلى، پىلە قۇرتىنىڭ غوزىسى، قۇمچاق يوتقىنى دېگەنلەرنى چېكەمگە تېڭىپ قىلمىغانلىرى قالماپتۇ.
خوتۇن-بالىلىرىمنىڭ شۇنداق پاي-پېتەك بولۇشى بىلەن ھەپتە-ئون كۈندىن كېيىن ئاران دېگەندە ماغدۇرۇمغا كېلىپ تالا-تۈزگە چىققۇدەك بولدۇم. ھويلىغا چىقىپ قارىسام ھېلىقى كالىنىڭ باش سۆڭىكى بىر بۇرجەكتىكى ئەسكى-تۈسكىلەر ئارىسىغا تاشلىنىپ تۇرۇپتۇ. ئاچچىقىمدا ئۇنى بىر نەچچىنى تېپىۋەتتىم، ئاندىن تالاغا كۆتۈرۈپ چىقىپ سۈپۈرۈندىلىككە چۆرۈۋەتتىم.
مەھەللىمىزنىڭ چېتىدىكى يارداڭلىقتا بىر قەدىمىي قەبرىستانلىق بولۇپ، بۇ يۇرتتا كىم ئۆلسە شۇ يەرگە دەپنە قىلىنىپ قەبرىسىگە نىشانە ئۈچۈن بىر خادا تىكلەپ قويۇلاتتى. بەزىلەر بىرلا خادا تىكلەپ قويۇشقا كۆڭلى ئۇنىماندەك قەبرە قاتۇرۇپ، سالاسۇن ياسىتىپ قويۇشاتتى. يىللار ئۆتكەنسېرى خادىلار ئاۋۇپ باراتتى.شۇنداق خادىلارغا ئېسىپ قويۇلغان ئالا-يېشىل لاتا-پۇرۇچ، تولۇم جەندىسى، قوتاز قۇيرۇقى، كالىنىڭ باش سۆڭىكى... دېگەندەك نەرسىلەر بىلەن قەبرىستانلىق تېخىمۇ سۈرلۈك كۆرۈنەتتى. ئۇ تەرەپكە كېچىسى تۈگۈل كۈندۈزى ئاياغ بېسىشقىمۇ ئادەم ئەيمىنەتتى. ھېلىقى كېچىسى نېمە بولۇپ شۇ قەبرىستانلىققا كىرىپ قالغىنىمغا، ھېلىقى كالىنىڭ باش سۆڭىكىنىڭ قانداقلارچەئۆشنەمدىكى خالتىنىڭ ئاغزىغا كىيىلىپ قالغانلىقىغا ئۆزۈممۇ ھەيران.شۇ ئىشلارنى ھازىر ئويلىساممۇ تېنىم جۇغۇلداپ قورقۇپ كېتىمەن.بىر كۈنى خىيال بىلەن ئىشىك ئالدىدا ئولتۇرسام روزاخۇن كالا يەنە ھېلىقى كالا ھارۋىسىنى ھەيدىگىنىچە ئالدىمدا لوڭڭىدە پەيدا بولۇپ قالدى.ئۇنى كۆرۈپ كۆرۈشمىگىلى ئۇزۇن بولغان قەدىناس ئادىمىمنى كۆرگەندەك خۇش بولۇپ كەتتىم. بىز قىزغىنلىق بىلەن قوش قوللاپ كۆرۈشۈپ، يۈزلىرىمىزنى سىيپىشىپ بولغاندىن كېيىن روزاخۇن كالا:
-يېقىندىن بىرى غەلىتە گەپلەرنى ئاڭلايمەنغۇ، ئاغىنە؟-دەپ سورىدى.
-نېمە توغرىلىق؟-دەپ ياندۇرۇپ سورىدىم مەن.
-نېمە توغرۇلۇق بولاتتى، سىلى توغرۇلۇق،- دېدى ئۇ چىرايىمغا قاراپ.
-قانداق گەپلەرنى ئاڭلىدىڭلار؟
-سىلىنى يېزا ئالدىدىكى دوقمۇشتا ھاراق ئىچىپ مەست بولۇپ يېتىپ قاپتۇ، دېيىشىدىغۇ، بۇ گەپ راستما؟
مەن تولۇمدىن توقماق چىققاندەكلا ئېيتىلغان بۇ گەپتىن چۆچۈپ دەررۇ:
-بۇ گەپنى كىمدىن ئاڭلىدىڭلار؟-دەپ سورىدىم.
-سىلىنىڭ مەست بولۇپ يېتىپ قالغىنىڭلارنى كۆرگەن بىرىدىن.
شۇئان مېنى نەس باسقان ھېلىقى ئاخشىمى يېزا ئالدىدىكى دوقمۇشتا ئولتۇرۇپ قالغىنىم ئېسىمگە كەلدى.
-شۇ گەپكىمۇ ئىشەندىڭلارمۇ؟
-بىر تۇرۇپ مېنىڭمۇ ئىشەنگۈم كەلمىدى، ئىشەنمەي دېسەم كالا ھارۋىسى ھەيدەپ كېتىپ بارغان بىرىگە ئالىجۇقا گەپلەرنى قىلىپ، سەن مېنىڭ روزاخۇن كالا دېگەن ئاغىنەم ئەمەسمۇ، دەپ ئېسىلىۋالغان ئوخشايسىلەر، بۇ قىلىقىڭلارنى ئاڭلاپ سەل گۇمانلىنىپ قالدىم. ئەمدى ئىنسان دېگەننىڭ شەيتىنى يامان، ئىنسانچىلىقتا ئازمايدىغان كىم بار جاھاندا؟ شۇڭا سىلىنىمۇ شەيتاننىڭ كەينىگە كىرىپ قاملاشمىغان بىر ئىشنى قىلىپ قويدىمۇ-نېمە؟ دەپ ئويلاپ قالدىم. كۈندە ھاراق ئىچىپ مەست يۈرىدىغانلارمۇ سىلى، بىزگە ئوخشاش خۇدا ياراتقان بەندىغۇ.
-خۇداياتوۋا دەڭلار!-دېدىم ئاچچىق كۈلۈپ،-ئۆمرۈمدە قىلمىغان ئىشنى ئەمدى قوپۇپ ساقال ئەستەغپۇرۇللاغا يەتكەندە قىلىپ يۈرەرمەنما؟
-شۇڭا مېنىڭمۇ ھېچ ئىشەنگۈم كەلمىدى،-دېدى روزاخۇن كالىمۇ كۆڭلىدىكى گەپنى قىلىپ.
مەن ئۇنىڭغا شۇ كۈنى شەھەردىن ماشىنىدا قانداق كەلگىنىمنى، ماشىنىدىن چۈشۈپلا ئۆزۈمنىڭ نېمە بولۇپ كەتكىنىمنى، شۇ چاغدا شۇنداقراق بىر چۈش كۆرگەندەك، چۈشۈمدە ئۇنى كۆرگەندەك قىلغىنىمنى سۆزلەپ بەردىم. ئاندىن:
-شۇ چاغدا كۆرگىنىم چۈشۈم ئەمەس ئوڭۇمكەندە،-دېدىم ئۆزۈممۇ ھەيران بولۇپ،- ماڭا يولۇققان ھېلىقى كىشى راستىنلا سىلى ئەمەسمىدىڭلار؟
-خۇداياتوۋا،-دېدى روزاخۇن كالا مىيىقىدا كۈلۈپ،-مەن شۇ كۈنى قاراڭغۇ چۈشۈش بىلەن تەڭ ئۆيگە كېلىپ بولغان تۇرسام، مەن سىلىنى ئۇچراتقان بولسام ھارۋامغا چىقىرىۋالماي خەقكە ئوخشاش كۆتۈڭلارغا تېپىپ يۈرەرمىدىم.سىلىنىڭ ئوڭۇڭلار بىلەن چۈشۈڭلارنىمۇ پەرق ئېتەلمىگىنىڭلار نېمىسى؟
بۇ گەپتىن ھەر ئىككىمىز تەڭلا كۈلۈشۈپ كەتتۇق.
-شۇ كۈنى زېھنىم ئېلىشىپ ساراڭ بولۇپ كەتكەن گەپ،- دېدىم مەن گەدىنىمنى سىلىغاچ.
-ئارىدا سىلىنى ساراڭ بولۇپ قاپتۇ دەپ ئاڭلىغىنىممۇ بىكار ئەمەسكەن- دە؟- دېدى روزاخۇن كالا بىر ئىشنى ئېسىگە ئېلىۋاتقاندەك قىلىپ،- شۇ گەپنى ئاڭلاپ بۇ ئاغىنىنى بىر يوقلاپ كېلەي دەپ ئويلىغان ئىدىم تېخى، ئوڭشىلىپ قالدىڭلارمۇ-نېمە؟ قارىسام ھېچ ساراڭدەك كۆرۈنمەيسىلەر، بىر ئوبدان تۇرۇپسىلەرغۇ مانا؟
-ھېلىمۇ خۇدايىم بىر ساقلىدى، مۇشۇنچىلىك تالا-تۈزگە چىققۇدەك بولغىنىمغا مىڭ شۈكۈر، شۇ گەپلەرنى سىلىمۇ ئاڭلاپسىلەر-دە؟
-يېقىندىن بېرى ھەممە ئادەمنىڭ ئاغزىدا سىلنىڭ گېپىڭلار بولۇۋاتسا، ئاڭلىماي قالاتتىممۇ؟
-يەنە قانداق گەپلەرنى ئاڭلىدىڭلار؟- دەپ سورىدىم ئۆزۈمچە قىزىقىپ.
-ئاڭلىسام ساراڭلىقىڭلار تۇتۇپ خەقنىڭ ئون-يىگىرمە مو كەلگۈدەك قونىقىنى دەسسەپ چەيلىۋەتكەن ئوخشايسىلەر،-دېدى روزاخۇن كالا ئەپسۇسلىنىۋاتقاندەك،-ھەممىسى يەڭدەك باش تارتقان قوناقكەنمىش، ئېگىسى ياۋا توڭگۇزنىڭ قىلىقى ئوخشايدۇ دەپ قارىسا ئادەمنىڭ ئىزى.ئىز ئىزدەپ ئۆيۈڭلارغا كەلسە ئالاجۇقا سۆزلەپ ياتقۇدەكسىلەر. بۇنى كۆرۈپ ئاچچىقىغا ھاي بىرىپ كېتىپ قالغانمىش.
-خۇداياتوۋا،- دەپ سالدىم بۇ گەپنى ئاڭلاپ،- ھەر قانچە بولسىمۇ ئون- يىگىرمە مو قوناقنى دەسسىۋەتمىگەندىمەن؟
-نېمىلا دېگەن بىلەن زىيان دېگەن ھەممە ئادەمگە ئاچچىقتە، مۇشۇنىڭ بىلەنلا بولدى قىلماي يەنە چاتاق چىقارغىنىڭلارنى كۆرمەمسىلە؟
-يەنە قانداق چاتاق چىقىرىپتىمەن؟- دەپ سورىدىم ئەنسىرەپ.
-ئاڭلىسام قوناقلىققا كىرىپ دەسسەيدىغاننى دەسسەپ بولۇپ قەبرىستانلىققا بېرىپسىلەر، شۇنىڭ بىلەن تازا ساراڭلىقىڭلار تۇتۇپ قەبرىلەرنى مالىخايلاپ سالاسۇنلارنى ئۆرۈپ، خادىلارنى دەسسەپ سۇندۇرۇپ قولغا چىققان جەندە-كېپەن، تۇغ-ئەلەم، تولۇم جەندىسى دېگەنلەرنى بىر خالتىغا سېلىپ ئۆيۈڭلارغا ئېلىپ كەتكەن ئوخشايسىلەر.ئەتىسى ئاتا-بوۋىسىنىڭ قەبرىسىگە دۇئا قىلغىلى بارغانلار ئالەمنىڭ مالەم بولۇپ كەتكىنىنى كۆرۈپ ياقىلىرىنى چىشلەپلا قېلىشقانمىش. ئىز ئىزدەپ كۆرسە يەنە سىلىنىڭ ئىزىڭلار، ئەل- جامائەتنىڭ ئاچچىقى كېلىپ بىزنىڭ ئاتا- بوۋىمىز جۈمە شامالغا نېمە قىلغان بولغىيدى، دەپ دەرغەزەپ بولۇپ كېتىشكەنمىش.سىلىنى تاش-كېسەك قىلىۋەتمەكچىمۇ بولۇپتىكەن، ساراڭ بولۇپ قالغىنىڭلارنى بىلىپ يەنە ھەممىسى نىيىتىدىن يېنىپتۇ.
بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ بىر تۇرۇپ ئۆزۈمنى راستلا شۇنداق ئىشلارنى قىلىۋەتكەندەك ھېس قىلىپ قالدىم.يەنە بىر تۇرۇپ ھەر قانچە ئويلىساممۇ ئۆزۈمنىڭ شۇنچىۋالا ئىشلارنى قىلىۋەتكىنىمگە ھېچ ئىشەنگۈم كەلمىدى. شۇنداقتىمۇ ئوڭايسىزلىق ئىچىدە خىرە- شىرە ئېسىمدە قالغان ئىشلارنى روزاخۇن كالىغا سۆزلەپ بەردىم.ئۇ قىلغان ئىشىمنى خەقنىڭ ئۇلغايتىپ بىرنى ئون قىلىپ سۆزلەپ يۈرۈشكىنىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئۆزىچە خۇرسىنىپ قويدى- دە، ئاندىن:
-بۇ يۇرتتىكىلەرگىغۇ بىر ئىش تېپىلغۇسىز،- دېدى ماڭا ئىشەنگەندەك قىلىپ،- بۈرگىدەك ئىشنى يۇمىلىتىپ يۈرۈپ تۆگىدەك قىلىۋېتىدۇ. بولدىلا، كونا خاماننى سورۇپ كۆڭۈلنى غەش قىلىپ يۈرگەندىن كۆرە ئۆزىمىزنىڭ گېپىگە كېلەيلى، ھە...راست، بىز شەھەردە ئۇچراشقان ھېلىقى كۈنى، ئۆيگە بۇرۇنراق قايتىپ زىرائەت سۇغىرىدىغان بىر گەپنى قىلغان ئىدىڭلار، بۇ ئىشمۇ يوق بولغان ئوخشىمامدۇ؟
-شۇنداق بولدى ئەمدى،- دېدىم سەل مەيۈسلىنىپ،- زىرائىتىم ناھەق - نېرۋا بىر سۈيىدىن قالدى.
-زۆرۈر ئىشىم بار دەپ ماشىنىغا چىققان ئادەم يۇرۇق جاھاندا ئۆيگە كېلىپ بولماي- ھە!؟
-قويۇڭلار شۇ ماشىنا دېگەن نەرسىنى!-دېدىم شۇئانلا جۇدۇنۇم ئۆرلەپ،-ھەممىسى شۇ نەرسىگە چىققاننىڭ كاساپىتى، ئۆزۈمگىمۇ ھەق. ئۇ نەرسىنىڭ گېپىنى ئاڭلىساممۇ نەچچە كۈن ھۆ بولىدىغان ھالغا يەتتىم دەڭلار.
-مەن دېگەنغۇ سىلىگە، ئۇ نەرسىدىن مېنىڭ كالا ھارۋام ياخشى دەپ.
-شۇنداق، شۇنداق،- دېدىم مەن دەررۇ بېشىمنى لىڭشىتىپ،- گېپىڭلىگە قۇلاق سالمىغىنىمغا ئۆزۈممۇ پۇشايمان قىلىمەن.
مەن شۇنداق دېگەندىن كېيىن روزاخۇن كالا«قانداق، مېنىڭ دېگىنىم توغرىمىكەن؟» دېگەندەك ماڭا كۈلۈمسىرەپ قاراپ قويدى. ئۇ ئەمەس، ئۇنىڭ چېكىسى ئاق كالىسىمۇ ماڭا ئىللىق تەبەسسۇم قىلىۋاتقاندەك قاراپ تۇراتتى. ئۇ ئۇزاش ئالدىدا ماڭا:
-بۇنىڭدىن كېيىن شەھەرگە بارماقچى بولساڭلار ماڭا «ھايت!» دەڭلار، كالا ھارۋامدا بىللە بېرىپ- كېلىمىز،- دەپ جېكىلەپ قويدى.
روزاخۇن كالا ئوزاپ كەتكەندىن كېيىن زىرائەتلىرىمنىڭ بىر سۈيىدىن قالغىنىنى ئويلاپ كۆڭلۈم يېرىم بولۇشقا باشلىدى.مەن دېگەن رىزقىنى يەردىن تېپىىپ يەيدىغان دېھقان ئەمەسمۇ؟ نۇرغۇن جەبىر-جاپا تارتىپ ئاران كۆكلەتكەن زىرائەتلىرىمنىڭ بىر سۈيىدىن قالغىنىنى ئويلىسام قانداقمۇ كۆڭلۈم يېرىم بولماي، يۈرىكىم پىژىلداپ ئېچىشماي تۇرالىسۇن؟ مەھەللىمىزگە سۇ كەلمىكى ئاسانمۇ؟ ئەمدى مىڭ پۇشايمان قىلىپ قولۇمنى چىشلىگەن بىلەن بولىدىغان زىيان بولۇپ بولغانىدى.
جۈمە شامال شۇلارنى سۆزلەپ بەرگەندىن كېيىن بىردەم جىمىپ ئولتۇرۇپ كەتتى.ئاندىن بىر تال تاماكا تۇتاشتۇرۇپ قېنىپ-قېنىپ شۇراشقا باشلىدى. ئۇ ئىچىدىكى ھەممە دەرد-ئەلىمىنى ئاغزى-بۇرنىدىن تۈرمەللىنىپ چىقىۋاتقان ئىس بىلەن قوشۇپ چىقىرىۋەتمەكچى بولغاندەك قىلاتتى. ئۇلا ئەمەس مەنمۇ بىر ئېغىر تاش ئاستىدا قالغاندەك جىمىپلا كەتكەنىدىم.جۈمە شامال كۆرگەن كۈنىنى خۇددى مەن كۆرگەندەكلا كۆڭلۈم بىر قىسما بولۇپ قالغان ئىدى. قانداقتۇ بىر ئىشلارغا ئۆكۈنۈپ ئىچ-ئىچىمدىن خۇرسىنىپ قوياتتىم.ئارىدىكى جىمجىتلىقنى يەنە جۈمە شامال بۇزدى.ئۇ بىر ئاز قىمىرلاپ قويغاندىن كېيىن:
-ھە راست، مەن گېپىنى قىلغان ھېلىقى ساقاللىق شوپۇرنىڭ ئىشىنى ئاڭلىدىڭىزمۇ؟
-قانداق ئىشنى دەيسىز؟
-ئۆلۈپ كەتكىنىنى؟
-نېمە، ئۇ ئۆلۈپ كېتىپتۇما؟
-ھەئە، ئۆلۈپ كېتىپتۇ، مەنمۇ تېخى بايا نامىزىغا بېرىپ كەلگەنلەردىن ئاڭلىدىم.
-ئۇ نېمە بولۇپ ئۆلۈپ كېتىپتۇ؟- سورىدىم ھەيران بولۇپ.
-نېمە بولۇپ ئۆلۈپ كېتەتتى، ماشىنىسى سوقۇلۇپ ئۆلۈپ كېتىپتۇ ئەينا.
-ماشىنىدا باشقا ئادەملەرمۇ بار بولغىيدى ھەقاچان؟
-بولمامدىغان، ئۇ شۇ چاغدىمۇ يەنە ماشىنىسىغا سامان كەپلىگەندەك ئادەم سېلىپ ماڭغان ئىكەن، ئۇدۇل كېلىۋاتقان بىر يۈك ماشىنىسىغا سوقۇلۇپ كېتىپ ئۆزىنىڭ ماشىنىسىنىڭ رولى ئۆزىنىڭ قورسىقىنى بۆسۈۋەتكەنمىش، خۇدايىمنىڭ قۇدرىتى بىلەن ھېلىقى ساقاللىق شوپۇرنىڭ ئۆزىلا ئۆلۈپ باشقا ئادەملەرنىڭ جېنى ئامان قالغانمىش.ئۇنىڭ نامىزىغا بارغانلار رەھمەتلىك پۇلغا بەك ئامراق ئادەم ئىدى، پۇلغا ئامراقلىقىدىن ئۆزىنىڭ ئاتا-ئانىسى، خوتۇن-بالىلىرىغىمۇ يۈز قىلماي كىرا ئالاتتى.بىچارە پۇلغا ھېچ قارنى تويماي بۇ ئالەمنى قويۇپ بېرىپتۇ مانا، دېگەندەك گەپلەرنى قىلىشقانمىش.
-خۇداياتوۋا،-دېدىم ئىشنىڭ بۇنداق ئۇدۇل كېلىپ قالغىنىدىن ھەيرانلىقىمنى باسالماي،-ئۇنى سىز قارغىۋەتتىم دېگەن ئەمەسمىدىڭىز؟
-مۈشۈكنىڭ قارغىشىغا ئىت ئۆلگەننى ئاڭلىغانمۇسىز؟-دېدى جۈمە شامال مېيىقىدا كۈلۈپ،-لېكىن ئۇنىڭ ماشىنىسىغا چىققاندا كۆڭلۈم بىر ئىشنى تۇيغاندەك قىلىپ، ھەي...مۇشۇ شوپۇر ئاچكۆزلۈك قىلىپ يۈرۈپ ماشىنىسىنى بىر نەرسىگە ئۈستۈرۈپ سالمىسا بولاتتىغۇ، دېگەننى ئويلاپ قالغان ئىدىم. ئاخىرى ئويلىغىنىمدەك ئىش بوپتۇ. ئۆلگەن ئادەمنىڭ يامان گېپىنى قىلىشقۇ ياخشى ئىش ئەمەس. شۇنداقتىمۇ بۇنى ئۆزىنىڭ شورى دېمەي نېمە دېگۈلۈك؟
-بۇ دېگىنىڭىزغۇ توغرا،-دېدىم بېشىمنى لىڭشىتىپ،-ئادەمنىڭ خۇي-پەيلى قانداق بولسا تەقدىرى شۇنداق بولىدىغان گەپ.
-ساقاللىق شوپۇرغۇ ئۆلۈپ ئارام تېپىپتۇ،-دېدى جۈمە شامال گېپىمگە ئۇلاپ،-ئاڭلىسام يېقىندىن بىرى قاتناش ھادىسىسىدە ئۆلۈپ كەتكەنلەر بەك جىقمىش.
مەن بۇ گەپنى ئاڭلاپ دەررۇ:
-نېمە، يەنە باشقا ئادەملەرمۇ ئۆلۈپ كېتىپتۇما؟-دەپ سورىدىم ئۇنىڭ ئاغزىغا تىكىلىپ.
-سىز ئىشىكتىن تالاغا چىقماي كىتاب ئوقۇپ، خەت يېزىپ ئولتۇرغاچقا سىرتتا نېمە ئىشلار بولۇپ كەتكىنىدىن خەۋىرىڭىز يوق ئوخشايدۇ،-جۈمە شاما ئۇ يەر، بۇ يەرلەردە يۈز بەرگەن بىر مۇنچە قاتناش ھادىسىلىرىنى سۆزلەپ، مېنى بىر خىل ئەنسىزچىلىككە سېلىپ قويدى.
ئۇ گەپنى گەپكە ئۇلىغىنىچە بارغانچە ئەزۋەيلەپ سۆزلىمەكتە ئىدى. بارا-بارا ئۇنىڭ قايسى گېپى قۇلىقىمغا كىردى، قايسى گېپى كىرمىدى؟ بۇنىمۇ ئاڭقىرىپ بولالمىدىم.كۆز ئالدىمدا ئۇنىڭ ئاغزى تېنىمسىز ئېچىلىپ، يۇمۇلۇپ تۇراتتى.ئۇنىڭ ئېغىزى تىنىمسىز ئېچىلىپ يۇمۇلغانسېرى مېنى تېخىمۇ ۋەھىمە بېسىشقا باشلىدى.تەرەپ-تەرەپتە كۈنسايىن كۆرۈلىۋاتقان شۇنداق ئاقىۋەتلەر بۈگۈن بولمىسا ئەتە، ئەتە بولمىسا ھامان بىر كۈنى مېنىڭ بېشىمغىمۇ كېلىدىغاندەكلا تۇيۇلۇپ كۆڭلۈم بىر قىسما بولۇپ كېتىۋاتاتتى.
دېمىسىمۇ يېقىندىن بىرى تېلېۋىزوردىمۇ، گېزىت-ژورناللاردىمۇ شۇنداق قاباھەتلىك خەۋەرلەر كۆپىيىپ قالغان ئىدى.بۇنداق گەپلەرنى ئاڭلاپ شۇنداق كۈننىڭ ئۆز بېشىغا كېلىپ قېلىشىدىن كىممۇ ئەنسىزلىك ھېس قىلماي تۇرالىسۇن؟ چۈنكى كىممۇ ماشىنا، ئاپتوبوس دېگەندەك نەرسىلەرگە زىنھار چىقمايمەن دېيەلەيدۇ؟ باشقىلارنى قويۇپ ئۆزۈمنى ئالسام تېخىمۇ شۇنداق.شەھەردىن يېزىغا كۆچۈپ كېلىۋالغىنىم بىلەن ئۆيدىن تالاغا چىقماي ياشىغىلى بولمايتتى. ھېلى بىر يەردىن توي-مەرىكىنىڭ باغىقى كەلسە، ھېلى بىر يەردىن چىللاپ تېلېفۇن كەلگەن؛ ھېلى بىر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى، تەبرىكلەش مۇراسىمى دېگەندەك ئىشلارغا قاتنىشىش ئۈچۈن ماشىنىغا ئولتۇرۇپ بىر ياققا ماڭغان.شۇنداق چاغلارنىڭ بىرىدە بولمىسا يەنە بىرىدە شۇنداق ئىشقا يولۇقمايمەن دېگىلى بولامدۇ؟ چۈنكى بۇ ئەسلىدىن تاسادىپىيلىققا تولغان ئالەم، تاسادىپىيلىق دېگەن ئادەم ئۆزىنى قاچۇرۇپ بولمايدىغان، بىر-ئىككى تىنىق ئارىسىدىلا يۈز بېرىپ ئاخىرلىشىپ بولىدىغان بىر ئىشقۇ خالاس...
-ھېلىقى كۈنى كېچىسى ساقاللىق شوپۇرنىڭ ماشىنىسىغا چىقىپ يېرىم يولغا كەلگەندە نۇرغۇن قوراللىق ساقچىلار ئالدىمىزنى توسۇپ تەكشۈردى دېدىمۇ؟
-ھە...ئە، راست، شۇنداق دېگەن ئىدىڭىز،-دېدىم مەن دەررۇ خىيالدىن بېشىمنى كۆتۈرۈپ.
-شۇ چاغدا بىزنى نېمىگە تەكشۈرگىنىنى ھېچ ئاڭقىرالماي قالغان ئىدىم، ئەمدى ئاڭلىسام ساقچىلار ئادەم باستۇرۇپ قېچىپ كەتكەن بىر شوپۇرنى قوغلاپ مېڭىشقان ئىكەن. ھېلىقى ساقاللىق شوپۇر ئارقا يولدىن ئوغرىلىقچە ماڭغاچقا بىزنى تەكشۈرگەنىكەن ئەمەسمۇ.
-ھە، ئەسلى ئىش مۇنداقكەن-دە، خۇداياتوۋا، ئادەم باستۇرۇپ قېچىپ كەتكەن قانداق ھارامزادە شوپۇركەن ئۇ؟
-قانداق شوپۇر بولاتتى،-دېدى جۈمە شامال بۇنىڭدىنمۇ خەۋەر تېپىپ بولغاندەك بىر ئەلپازدا،-مەن ھېلىقى كۈنى شەھەرگە بارغۇچە گەدىنىگە ساقال قويىۋالغان يېكەن پاچاق بىر شوپۇرنىڭ ماشىنىسىغا چىقتىم دېدىمغۇ، شۇ شوپۇركەن ئەمەسمۇ.
بۇ گەپنى ئاڭلاپ بىردەم داڭقېتىپ تۇرۇپ قالدىم. ئاندىن خۇداياتوۋا، جۈمە شامال ماشىنىسىغا چىققان شوپۇرلارنىڭ ھەممىسى بىرەر پېشكەللىككە يولۇقامدۇ، دېگەننى ئويلاپ قالدىم. شۇنىڭدىن قارىغاندىمۇ پېشكەللىك دېگەن ھامان ھەممە ئادەمنىڭ ئەتراپىدا ئايلىنىپ يۈرىدىغان شەيتانغا ئوخشاش بىر نەرسىدەكمۇ قىلاتتى.
-ئۇنىڭ ماشىنىسىغا چىققاندا ھېلىمۇ ياخشى خۇدايىم سىزنى بىر ساقلاپتىكەن،-دېدىم مەن.
-شۇنى دەيمەن، دەل شۇ كۈنى كەچتە ئۇ يەنە ماشىنىسىغا سامان كەپلىگەندەك ئادەم سېلىپ شەھەردىن يېزىغا ماڭغان ئىكەن، بىر ئادەمنى باستۇرۇۋېتىپلا قېچىپ كېتىپتۇ.
-ئۇ شوپۇر تۇتۇلۇپتىمۇ؟
شۇ كېچىسىلا تۇتۇلۇپتۇ.نەچچە پاي ئوق بىلەن ئېتىۋەتسىمۇ ھەق ئۇنىڭغا، ئۇغۇ ئۆزىنىڭ گۇناھىنى ئۆزى تارتىشار، لېكىن ھېلىقى ناھەق ئۆلۈپ كەتكەن بىچارىنىڭ خوتۇن-بالىلىرىغا ئادەمنىڭ ئىچى ئاغرىيدۇ.تەشكىلغۇ يىگىرمە-ئوتتۇزمىڭ كوي پۇل جۆندەپ بېرەر.لېكىن پۇل بىلەن ئۆلۈپ كەتكەن ئادەمنى تىرىلدۈرىۋالغىلى بولامتى؟ ئاڭلىسام ئۇ بىچارىنىڭ چۆچۈرىدەك تۆت بالىسى باركەنمىش. سىز-بىزمۇ خوتۇن-بالىلىرىمىز بار ئادەملەر، خۇدايىم بەندەم دېسە ئۇنداق كۈننى ھەرگىز كۆرسەتمىسۇن.
جۈمە شامالنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاۋېتىپ كۆز ئالدىمغا چۆچۈرىدەك ناراسىدە بالىلارنىڭ، بېشىغا ئاق ياغلىق ئارتىشقان ھازىدار ئاياللارنىڭ، قەددى پۈكۈلۈپ ھاسا تايانغىنىچە ئارانلا ئۆرە تۇرغان بوۋاي-مومايلارنىڭ زار-زار يىغلىشىۋاتقان سېيماسى كېلىشكە باشلىدى.ئۇلارنىڭ كۆز ياشىلىرى يامغۇردەك تۆكۈلەتتى. دەريا بولۇپ شاۋقۇنلايتتى، نالە-پەريادى زېمىننى لەرزىگە سېلىپ، تاغۇ-تاشلاردىن ئەكس سادا قايتۇراتتى. مەن راستىنلا شۇنداق مەنزىرىنى كۆرۈۋېتىپ ئىچىم سىيرىلىپ كەتكەندەك بولماقتا ئىدىم.شۇنداق تۇيغۇغا چىرمىلىپ تۇرغىنىمدا بىر ئىش ئېسىمگە كېلىپ قالدى. مەن خېلىدىن بىرى يېزىدىن شەھەرگە بېرىپ-كېلىشنىڭ تەسلىكىنى دەپ ئۆيۈمگە بىر ماشىنا پەيدا قىلىپ قويۇشنى ئارزۇلاپ قالغان ئىدىم. جۈمە شامالنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ ئەمدى بۇ ئويۇمدىن يالتىيىپلا قالدىم.
جۈمە شامال مېنىڭ بۇ ئويۇمنى بىلىپ تۇرغاندەكلا:
-بۇنىڭدىن كېيىن سىزمۇ ئۆزىڭىزگە ھېزى بولۇپ قويۇڭ- ھە!- دېدى مېنى ئاگاھلاندۇرۇپ،- ئامال بار ماشىنا دېگەن نەرسىگە يېقىن يولىغۇچى بولماڭ!
مەن «ماقۇل» دېگەن مەنىدە باش لىڭشىتىپ قويدۇم.
-بىزغۇ مەكتەپ قارىسى كۆرمىگەن ھېچقانچە ئېتىبارىمىز يوق بىر بەندە،- دېدى ئۇ يەنە گېپىنى ئۇلاپ،- لېكىن سىز بىزگە ئوخشىمايسىز، سىز دېگەن ئەھلى ئۆلىما، ئالىم ئادەم، ئەل- يۇرتنىڭ چىرىغى. سىز بىرەر ھاۋادىسەتكە يولۇقۇپ قالسىڭىز بولمايدۇ. ئادەم دېگەن بۇ دۇنياغا بىر كېلىدىغان گەپكەن. ئۇ دۇنياغا كېتىپ بولۇپ يېنىپ كېلىشنىڭ ئورنى يوقكەن. بەزىدە سىزنى ھېلى ئۇيان كەتتى، ھېلى بۇيان كەتتى دەپ ئاڭلاپ تۇرىمەن. شۇنداق چاغلاردا مەھەللىدە قالغانلارنىڭ كۆڭلى ئۈيەپ قالىدىكەن.ئۆزىڭىزمۇ ئارامخۇدا ياشارمەن دەپ يېزىنى ئارزۇلاپ كەلگەن ئادەم.شۇڭا بىرەر كېلىشمەسلىككە ئۇچراپ قالمىغىنىڭىز ياخشى.بۇنىڭدىن كېيىن ئۇيان-بۇيان بېرىپ-كېلىدىغان يۈگۈر-يېتىم ئىشىڭىز چىقىپ قالسا ماڭا «ھايت»دەڭ، ئاددى كۆرمىسىڭىز ھارۋامدا ئاپىرىپ- ئەكېلىمەن.
-نېمىشقا ئاددى كۆرگۈدەكمەن؟- دېدىم ئۇنىڭ مېنى ئۆز بىلگىنىدىن سۆيۈنۈپ،- مەنمۇ ئەسلىدە دېھقان بالىسى تۇرسام؟
-شۇ ئەمەسمۇ،- دېدى جۈمە شامال گېپىمنى توغرا تېپىپ،-«ئۆتمۈشۈڭنى ئۇنۇتما، شىر چورۇقۇڭنى قۇرۇتما» دېگەن گەپ بار. ئادەم دېگەننىڭ سىزگە ئوخشاش ئەسلىنى ئۇنتۇپ قالمىغىنى ياخشى.
-ئەسلىمنى ئۇنتۇپ قالسام قانداق بولغىنى؟-دېدىم مەن كۆڭلۈمدىكى گەپنى قىلىپ،-سىزگە دېسەم، مېنىڭ تۇمۇرۇمدا ئېقىۋاتقىنى دېھقاننىڭ قېنى بولغاچقىمۇ بەزىدە مەھەللىنىڭ توپىلىق يوللىرىدا بىرەر دېھقاننىڭ ھارۋا ھەيدەپ كېتىپ بارغىنىنى كۆرسەم كىچىك بالىدەك بېرىپلا چىقىۋالغۇم كېلىپ كېتىدۇ.ئاتا-بوۋامنىڭ سېيماسىنى كۆرگەندەك بولۇپ ھارۋا كەتكەن تەرەپتىن كۆزۈمنى ئۈزەلمەي قالىمەن.ھالال رىزقىنى يەپ ياشاۋاتقان دېھقانلار نامرات بولغىنى بىلەن ئېسىل پەزىلەتلەرگە باي، قورسىقى كەڭ، كۆڭلى تۈز، شۈكۈر- قانائەتچان، ئاتا- بوۋىسىنىڭ روھىغا يېقىن كىشىلەر. بىزنىڭ ئەنئەنىمىزنى، مىللى مەدەنىيىتىمىزنى ساقلاپ كېلىۋاتقانلارمۇ شۇلار. ئۇلۇغ دېسە مانا شۇلارنى دېسە بولىدۇ.
-ناۋاتتەك گەپ قىلدىڭىز،- دېدى جۈمە شامال كۈلۈمسىرەپ.
جۈمە شامال ئاللىقانداق بىر ئىشلارنى خىيال قىلىۋاتقاندەك بىردەم جىمىپ ئولتۇرۇپ كەتتى. ئاندىن :
-بەزىدە بالىلىق چاغلىرىم ئېسىمگە كېلىپ قالىدۇ،- دېدى بېشىنى كۆتۈرۈپ،- ئۇ چاغلاردا بىللە ئوينايدىغان بالىلار بىلەن تايچاقتەك بىردەم جىم تۇرالمايتتۇق.ناۋادا مەھەللىمىزدىن بىرەر ھارۋا ئۆتۈپ قالغۇدەك بولسا جېنىمىز ئىچىمىزگە پاتماي قالاتتى.ھارۋىنىڭ ئارقىسىغا ئېسىلىۋېلىپ ھارۋىكەشنى تازا جىلە قىلاتتۇق. ئارقىسىغا قاراپ قامچىسىنى چۆرۈگەن ھامان بەدەر قېچىشاتتۇق. ئالدىغا قاراپ ھارۋىسىنى ھەيدىگەن ھامان يەنە يۈگۈرۈشۈپ بېرىپ ئېسىلىشاتتۇق. ئۇ زاماندىكى ھارۋىكەشلەر بوي- بەستى سەگۈ تېرەكتەك، شاپ بۇرۇتلۇق ئاجايىپ ئادەملەر بولىدىغان، گەپ قىلسا گۈركىرەپ، يول ماڭسا گۈرسۈلدەپ دەسسەپ ماڭىدىغان.ھارۋىسىدا تەلپىكىنى قىرلاپ ئولتۇرغىنىچە ئالدىغا ئۇچرىغان قىز-چوكانلارغا قاش ئېتىپ قويغاچ ناخشا دېگەننى ئاسماننىڭ قەھرىدە توۋلايدىغان.ھازىر ئۇنداق ھارۋىكەشلەر نەدە قالدى؟ ھە راست، شۇ زاماندىكى ھارۋىكەشلەرنىڭ ناخشلىرىنى سىزمۇ ئاڭلاپ باققان بولغىيدىڭىز؟
جۈمە شامال ماڭا سوئال نەزىرىدە تىكىلدى.
-مېنى دەمسىز؟ ھە... مەنما؟ كىچىك چاغلىرىمدا ئاڭلىغاندەك قىلغان،- دېدىم مەن ئېسىمگە ئېلىشقا تىرىشىپ.
-ئېسىڭىزدە باركەن ئەمىسە؟
-ھېچ ئېسىمگە كەلمەيۋاتىدۇ،- دېدىم گەدىنىمنى سىلاپ قويغاچ، سىزنىڭچۇ، سىزنىڭ ئېسىڭىزدە باردۇ؟
-مېنىڭما، ھە...- دېدى جۈمە شامالمۇ گەدىنىنى سىلىغىنىچە،- مېنىڭمۇ تۈزۈك ئېسىمدە قالماپتۇ، يېشىمىز بىر يەرگە بېرىپ قالدى ئەمەسمۇ.
مەن قىممەتلىك بىر نەرسەمنى يوقىتىپ قويۇپ مەيۈسلەنگەندەك بولدۇم.
شۇ ھالدا مېنىڭمۇ بالىلىق چاغلىرىم ئېسىمگە كېلىپ قالدى.ئۇ چاغلاردا رەھمەتلىك داداممۇ ئەترەتنىڭ ھارۋىسىنى ھەيدەيدىغان ھارۋىكەش بولىدىغان.دادامنىڭ قامچىسىنى چۆرۈپ پاڭ-پۇڭ قىلىپ قويغىنىچە ناخشىسىنى توۋلاپ ھارۋا ھەيدەپ كېتىۋاتقان سېيماسى ھېلىغىچە كۆز ئالدىمدا تۇرۇپتۇ. دادام بەزىدە ھارۋا ھەيدەپ يىراق- يېقىنلارغا بارماقچى بولسا يولدا ھەمراھ بولار دەپ مېنى بىرگە ئېلىۋالاتتى. بۇنداق چاغلاردا خۇشاللىقتىن قىلغىلى قىلىق تاپالماي قالاتتىم. دادامغا ئوخشاش بار ئاۋازىم بىلەن ناخشا ئوقۇغۇم كېلەتتى. دادام قانداقلا ناخشا ئېيتمىسۇن ماڭا ھامان ئانامنىڭ ئەللەي ناخشىسىدەك مۇڭلۇق، بۇلبۇل ناۋاسىدەك يېقىملىق ئاڭلىناتتى.مەن بەزىدە دادامنىڭ ناخشىسىغا قۇلاق سالغاچ ھارۋا ئۈستىدىكى خالتا- خورجۇن، ئوت- چۆپ دېگەندەك نەرسىلەرگە يۈلەنگىنىمچە ئۇيقۇغا كېتەتتىم. شۇنداق شېرىن ئۇخلاپ ياتقان چاغلىرىمدا دادام: ھوي، كۆزۈڭنى ئاچ ئەمدى! دەپ سىلكىشلىسىمۇ ھېچ كۆزۈمنى ئاچقۇم كەلمەيتتى. كۆزۈمنى ئاچقاندا بولسا ئۆزۈمنى يا شەھەردە، يا چۆل- جەزىرىدە، يا ئىشىك ئالدىدا كۆرەتتىم- دە، قانچىلىك يول يۈرگىنىمىزنى بىلمەي قالاتتىم. مەن ھارۋىكەشلەرگە بەك ھەۋەس قىلغاچقىمۇ، دادام بىر قېتىم:
-چوڭ بولساڭ نېمە بولىسەن؟- دەپ سورىسا:
-ھارۋىكەش بولىمەن،- دەپ جاۋاپ بەرگەن ئىدىم.
دادام يەنە:
-ھارۋىكەش بولۇپ نېمە قىلىسەن؟- دەپ سورىسا مەن كۆزۈمنى مىت قىلىپمۇ قويماي:
-ناخشا ئېيتىمەن،- دېسەم ئۆيدىكىلەرنىڭ ھەممىسى پاراققىدە كۈلۈشۈپ كېتىشكەن ئىدى.
چوڭلاردىن ئاڭلىسام، مەن تۇغۇلۇشىمدىنلا ناخشىغا ئامراقكەنمەن. زاكىدىكى، بۆشۈكتىكى چاغلىرىمدا قىقاسلاپ يىغلاپ كەتسەم ئانامنىڭ ئەللەي ناخشىنى ئاڭلىغان ھامانلا جىمىپ ئۇخلاپ قالىدىكەنمەن.ئۆزۈممۇ تىلىم چىقىشى بىلەنلا ناخشا ئېيتىپ ئاتا-ئانامنى خوش قىلىۋېتىپتىكەنمەن. مەكتەپكە بارغۇدەك بولغان چاغلىرىمدىن باشلاپلا دادامنى دوراپ خېلى ناخشىلارنى ئېيتالاتتىم.ھەر سەھەر جىلتامنى ئاسقىنىمچە ناخشام بىلەن مەكتەپكە بارسام، كەچتە يەنە ئۆيگە ناخشام بىلەن قايتىپ كېلەتتىم.شۇنداق چاغلاردا بار ئاۋازىم بىلەن غېمىمدە يوق ناخشا ئېيتىپ كېتىۋاتقىنىمنى كۆرگەنلەر مېنى:
-بۇ بالا ئۆزى مۇشتۇمدەك تۇرۇپ ھارۋىكەشلەردەك ناخشا ئېيتالايدىكەن. ئاۋازىمۇ ئاسماندا ئاڭلىنىدىكەن. چوڭ بولسا خېلى ئۇستا ھارۋىكەش بولغۇدەك، ئۆزىمۇ ھارۋىكەشنىڭ بالىسى ئەمەسمۇ،- دەپ قويۇشاتتى.
ئۇ چاغلاردا ئائىلىمىز بەكمۇ نامرات بولىدىغان.بىزلا ئەمەس ھەممە ئادەم شۇنداق نامرات ئىدى.نامراتلىق دەستىدىن كۈزدە قېقىپ بولغان جىگدىنىڭ تۈۋىنى ئەتىيازدا تاتىلاپ جىگدە تىرىپ يېيىشكەنلەرنىمۇ، ئەتىياز كەلسە قىشتا كىيگەن كىيمىنىڭ پاختىسىنى سۇغۇرۇۋېتىپلا كىيىپ يۈرۈشكەنلەرنىمۇ خېلى كۆرگەنمەن.لېكىن شۇنداق نامراتچىلىقتا ئۆتكەن كۈنلەردىمۇ ناخشا بىلەن ھەممە ئادەم خۇشال كۆرۈنەتتى. ناخشا بىلەن ھايات گۈزەل ئىدى.ناخشا بىلەن يېگەن زاغرا نان شېكەر سۈيىدە ياققاندەك ئۆزۈمگىمۇ شۇنداق تاتلىق تېتىپ كېتەتتى.ئانامنىڭ قولى تەككەن.شۇ تەم ھېلىغىچە ئاغزىمدىن كەتكىنى يوق.شۇڭىمىكىن مەن ھېلىمۇ زاغرا نانغا ئامراقمەن.چوڭ تونۇردا قۇرۇتۇپ پىشۇرۇلغان زاغرا ناننى شورپا، قېتىققا چىلاپ يېسەم بىر خۇماردىن چىققاندەك بولىمەن.ئەمدى ئويلىسام ناخشا ئېيتىپ يۈرگەن شۇ چاغلار مېنىڭ ئەڭ غەمسىز ھەم بەختىيار چاغلىرىم ئىكەن. مەن ھېلىغىچە شۇ چاغلاردىكىدەك ئىچ- ئىچىمدىن ھاياجانغا چۈمۈلۈپ باققىنىمنى ئەسلىيەلمەيمەن. گۈدەكلىك بىر شېرىن چۈشكەن. ئادەمنىڭ تەقدىرى باشقا گەپكەن. چوڭ بولۇپ ھارۋىكەش بولماي قەلەمكەش بولۇپ قالدىم.
مەن بېشىمنى كۆتۈرۈپ ئۆزۈمنىڭ يالغۇز ئولتۇرغىنىمنى كۆردۈم.جۈمە شامال كېتىپ قالغان ئىدى. مەن ئۇنى ئۇزىتىپ قويمىغىنىمنى ئېسىمگە ئېلىپ دەررۇ ئىشىك ئالدىغا چىقتىم. يېقىنلا يەردە بىرى ئاللىقانداق بىر ناخشىغا غىڭشىغىنىچە ھارۋىسىنى ھەيدەپ كېتىپ باراتتى. ئۇ ھارۋىسىدا مەن تەرەپكە ئارقىسىنى قىلىپ ئولتۇرغاچقىمۇ، ئۇنىڭ كىملىكىنى بىلەلمىدىم.ئۇ مەھەللىنىڭ توپىلىق يولىدا قۇياش نۇرىغا چۈمۈلگىنىچە ھارۋىسىنى ھەيدەپ، ناخشىسىنى ئېيتىپ كېتىپ باراتتى.ئۇنىڭ سوزۇپ-سوزۇپ ناخشا ئېيتقان ئاۋازى بارغانچە قۇياش قوينىدىن ئاڭلىنىۋاتقاندەك بىلىنمەكتە ئىدى. ئۇنىڭ قايسى ناخشىنى ئېيتىۋاتقانلىقىنى تازا ئاڭقىرالمىساممۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئاۋازى بۇلبۇل ناۋاسىدەك يېقىملىق، ئانامنىڭ ئەللەي ناخشىسىدەك مۇڭلۇق ئاڭلىناتتى. مەن بىر شېرىن چۈش ئىلكىدە ئاتا- ئانامنىڭ سېيماسىنى كۆرگەندەك بولدۇم- دە. چوڭقۇر سېغىنىش بىلەن:
-ئېھ ھارۋىكەش ناخشىسى!- دەپ پىچىرلىدىم.
(ئاپتور: قاراقاش ناھىيەلىك ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىدە.)
ئىزاھات: بۇ ئەسەر «تارىم» ژورنىلىنىڭ 2007- يىللىق 10- سانىدا ئېلان قىلىنغان. 17- نۆۋەتلىك شىنجاڭ خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
|