ئاپتورى: ئەنۋەر ھوشۇر
ئىشتىن چۈشۈشكە يەنە يېرىم سائەت قالغانىدى. ئىشىك يېنىك چېكىلىپ، “كىرىڭ” دېگەن سۆزگە ئېغىزىم ئۆمەللىنىپ بولغۇچە، ھۆججەت تارقاتقۇچى ئايال باغلاقتىن بوشانغان موزايدەك ئۈسسۈپلا كىرىپ كەلدى. تۇرۇپلا يۈرىكىم سېلىپ، تاپىنىمدىن سۈرۈلگەن بىر ئاچچىق سېزىم ئەتىگەندىن بېرى “يىغىن قاينىمى” ئىچىدە يېرىلىپ كېتەيلا دەپ قالغان بېشىمغىلا ئۇرۇلدى. چۈنكى بۇ ئايال ئىشخانىمىزغا ئاياغ باسسىلا، ئۇنىڭسىزمۇ تاغدەك دۆۋىلىنىپ تۇرغان ئىشلىرىمىز ھۇرۇننىڭ قاچىسىدىكى ئاشتەك كۆپۈپ، ھەممەيلەننىڭ ئارامى بۇزۇلاتتى.
ھۆججەت تاپشۇرۇۋېلىش گىراپىسىگە بىر - بىرلەپ ئىمزا قويۇپ چىقتىم. كېمى يوق يەتتە پارچە!
- يەتتە پارچىكەن، - دېدىم مەن ئۇزايىدىن يا خۇش بولغىنىنى، يا رەنجىگىنىنى بىلگىلى بولمايدىغان ھۆججەت تارقاتقۇچى ئايالنىڭ ئىپادىسىز چىرايىغا لەپ قىلىپ قاراپ قويۇپ، - مۇشۇ كۈنلەردە ھۆججەتلەر بەك كۆپىيىپ كېتىۋاتىدۇ، بايا يىغىنغا بارغاندا ئىككى پارچە تۇتقۇزۇپ قويغان، تېخى ئوقۇغىدەكمۇ بولمىغان ئۇ ھۆججەتلەرنى . مانا يەنە بىر دۆۋە ھۆججەت...
- بۇ تەرىپىنى مەن بىلمەيدىكەنمەن، - دېدى ئايال غاراڭ - غۇرۇڭ ئاۋازدا چىرايىمغىمۇ قارىماستىن تېگىشلىك ھۆججەتلەرنى بىرمۇ بىر ئايرىپ ماڭا سۇنۇۋېتىپ، - مېنىڭ ۋەزىپەم ھۆججەت تارقىتىش!
ئايالنىڭ جاۋابىنى ئاڭلاپ غىققىدە بولۇپ قالدىم. كۆڭلۈمگە يارىشا “ھە” دەپ قويسا بىر يېرى كەملەپ كېتەرمىدى بۇ دەللىنىڭ؟ تۇرۇپلا ئۆزۈمگە ئاچچىقىم كەلدى. بۇ خوتۇننىڭ مىجەزىنى بىلگەندىكىن قانداق قىلىمەن ئۇنىڭغا دەرد تۆكۈپ ئۆزۈمنى خار قىلىپ، ئۆزۈمگىمۇ ئاز.
ئايالنىڭ ئۆزى سەت بولۇپلا قالماستىن قىلىقىمۇ سەت ئىدى. ئۇ ھەر قېتىم ھۆججەت تارقاتقىلى كىرگەندە ئىشىكنى ئوچۇق قويۇپ چىقىپ كېتەتتى. بۈگۈنمۇ شۇنداق قىلدى. مەن بېشىمنى چايقاپ قويۇپ ئىشىكنى ياپتىم.
ئورنۇمغا كېلىپ ئولتۇراي دەپ تۇرۇشۇمغا تېلېفون جىرىڭلاپ قالدى. يۈرىكىم يەنە بىر قېتىم سېلىپ كەتتى. چۈنكى “تازنىڭ ئەقلى چۈشتىن كېيىن” دېگەندەك، كۆپ ھاللاردا مۇشۇنداق ئىشتىن چۈشىدىغان چاغدا بىرەر كاتتىنىڭ نامى بىلەن ئىدارە ئىشخانىسىدىن ئىش ئورۇنلاشتۇرالاتتى. ئەگەر بۇ تېلېفون راستتىنلا ئىشخانىدىن كەلگەن بولسا، بۈگۈن كېچىمۇ ھارام بولاتتى.
تېلېفوننىڭ نومۇر كۆرسەتكۈچىگە ئالدىراش كۆز يۈگۈرۈتتىم. خۇداغا شۈكۈر، كۆرۈنگىنى ئىشخانىنىڭ نومۇرى ئەمەس، بەلكى ئايالىمنىڭ يانفون نومۇرى ئىدى.
- ۋەي...
تېلېفون ساداسىز ئىدى. بۇمۇ ئايالىمنىڭ مەن ئەڭ ياقتۇرمايدىغان ئادەتلىرىدىن بىرى ئىدى. ئۇ دائىم تېلېفوننى ئۇلاپ قويۇپ يېنىدىكىلەر بىلەن قىزىق پاراڭغا چۈشۈپ كېتەتتى ياكى باشقا ئىشلار بىلەن مەلىكە بولاتتى.
- ھە، مەن!
ھەرھالدا ئايالىمدىن سادا كەلدى.
- تېلېفوننى ئۇلاپ قويۇپ باشقىلار بىلەن پاراڭغا چۈشۈپ كەتكىنىڭلىدىنلا سىلى ئىكەنلىكىڭلىنى بىلىپ بولغان، ھە گەپ قىلىڭلا!
ئايالىم تۇرۇپ قالدى.
- كەچتە ئادەمگەرچىلىك چىقىپ قالدى، سىزنى...
- يەنە كىمنىڭ مۈشۈكى ئۆلۈپتۇ؟
- بىر كىمنىڭ مۈشۈكى ئۆلمەپتۇ. پەزىلەتنىڭ ئاچىسىنىڭ قېيىنئاتىسىنىڭ تاغىسى تۈگەپ كېتىپتىكەن، شۇنىڭغا چاي ئىچۈرىدىكەنمىز.
- ئالدىنقى كۈنى بارغانغۇ تېخى؟
- ئۇ كۈنى خام چاي ئىچۈرگەن. بۈگۈن قارىسىنى ئۇشتىدىكەنمىز.
- قارا دېگەننى قىرىقىنى بېرىپ بولۇپ ئۇشتىمامدىكەنمىز؟
- پەزىلەتلەر ئەتە سىڭلىسىنىڭ تويى ئۈچۈن قەشقەرگە يولغا چىقماقچىكەن، شۇڭا بالدۇرراق بېرىپ كېلەيلى دېيىشتۇق.
- ئوبدان ئويلاپسىلە، بۈگۈن قارا ئۇشتۇش، ئەتە توي، تازا قىزىق بولغىدەك، بېرىپ كېلىڭلا!
- كەچلىك تاماقنى قانداق قىلاسىز، تەييارلاپ قويۇپ ماڭايمۇ يە؟
تېلېفوندا بىر توپ ئايالنىڭ خامانغا چۈشكەن قۇشقاچلاردەك ۋارقىرىشىۋاتقان ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇراتتى. ئېنىقكى ئۇلار ئاللىبۇرۇن چايغا جابدۇنۇپ بولۇشقان بولۇپ، ئايالىم ماڭا “سەمەرقەنت تەكلىپى” قىلىۋاتاتتى، مەن كۈلۈپ قويدۇم.
- ياخشى كۆڭلۈڭلا ماڭا تېگىل بولدى، مەندىن غەم قىلماي مېڭىۋېرىڭلا، مېنىڭمۇبىر يەرلەردە رىزقىم باردۇ.
- سىز بەك ياخشى جۇمۇ!
- شۇنداقمۇ؟ تېخى تۈنۈگۈن كەچ مەندىن بىر پاتمان ق−ۇسۇر تېپىپ ياقامدا ئىلەڭگۈچ ئۇچقىلى تاس قالغانتىڭلىغۇ؟
- ئەمدى ...
مەن تۇرۇپكىنى قويۇۋەتتىم.
ئىدارىمىزنىڭ قوينى كەڭ، پاراۋانلىقى ياخشى ئىدى. شۇڭا شەھەردىكى باشلىقلار ئاياللىرىنى بىر ئامال قىلىپ مۇشۇ ئىدارىگە يۆتكەشكە ھېرىسەن ئىدى. بۇ ئاياللار بىر - بىرىدىن مەنمەنچى، چوڭچى بولۇپ، خىزمەت، مەسئۇلىيەت دېگەنلەر ئۇلارنىڭ خىيالىغىمۇ كىرىپ چىقمايتتى. ئۇلارنىڭ كۈنلىرى ئاساسەن دۇكان ئارىلاش، توي، قاتار چاي، قارا ئۇشتۇش دېگەندەك ئايىغى چىقماس ئىشلار بىلەن ئالدىراشچىلىق ئىچىدە ئۆتەتتى. ئارقا تىرەك كۈچلۈك بولغاچقا، ئىدارە باشلىقىمۇ چىش يېرىپ بىر نەرسە دېيەلمەيتتى.
ئايالىم ئارقا سەپتە بوغالتىر ئىدى. ھېساب - كىتابنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ قولى بىلەن يۈرۈشىدىغان بولغاچقا، ئىدارىدىكى چوڭ - كىچىكنىڭ ھەممىسى ۋاي دەيتتى. شۇ سەۋەبتىن ئۇمۇ يېشىنىڭ كىچىك بولۇشىغا قارىماي ئىدارىدىكى “ئېسىلزادىلەر” توپىنىڭ غوللۇق ئەزاسىغا ئايلىنىپ قالغانىدى. لېكىن مەن بۇنىڭدىن نارازى ئىدىم.
- قانداق قىلىمەن جېنىم ئەزىمەت، - دەيتتى ئۇ بەزىدە ئۆز گۆشىنى ئۆزى يېگۈدەك بولۇپ، - مەنمۇ ئادەمگەرچىلىكنىڭ تولىلىقىدىن جاق تويدۇم. كۈندە توي، كۈندە چاي، بىر كۈنمۇ ئاراملىق يوق. بىكارغا ئۇچۇپ كېتىۋاتقان پۇللارنىڭ كۆپلىكىچۇ تېخى؟ تاپقان - تەرگىنىمىزنىڭ ھەممىسى خەقنىڭ چۆنتىكىگە كىرىپ كېتىۋاتقان... لېكىن مەندىمۇ نېمە ئامال؟ خىزمەت قىلمىساڭ تېخى، ئەل قاتارى ياشىمىساق تېخى. كونىلار: ئادەم، ئادەم بىلەن ئادەم، “قاتاردىن قالغىچە خاتادىن قال” دەپتىكەن. بىز ياقا - يۇرتتىن، بۇ يەردە بىرمۇ ئۇرۇق - تۇغقىنىمىز يوق. توي - تۆكۈن، ئۆلۈم - يېتىمىمىزنىڭ ھەممىسى مۇشۇ خەقلەر بىلەن.
- كونىلار توغرا دەپتىكەنغۇ؟ سىزمۇ بىرەر قېتىم خاتادىن قېلىپ باقسىڭىز قانداق بولا؟
- يەنە گەپدانلىق قىلغىلى تۇردىڭىز. سىزگىغۇ گەپتە تەڭ كەلگىلى بولمايدۇ زادى...
دىققىتىمنى يىغىپ ھۆججەتلەرگە كۆز يۈگۈرۈتۈشكە باشلىدىم. ئىشىك يېنىك ئېچىلىپ يالقۇن كىرىپ كەلدى.
- ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
- ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، قېنى كەل، ئولتۇر.
مەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ يالقۇننىڭ پاختىدەك يۇمشاق قوللىرىنى يېنىك سىقتىم.
- تېلېفون قىلسام ئالمىدىڭ، ئالمىرەگە تېلېفون قىلسام سېنى ئىشخانىسىدا دېدى، يېڭى ئىشخاناڭنىڭ تېلېفون نومۇرىنى بىلمەيدىكەنمەن، شۇڭا يېنىڭغىلا كېلىشىم.
مەن يانفونۇمغا قارىدىم. دەرۋەقە يالقۇن تۆت قېتىم تېلېفون ئۇرۇپتۇ. تېلېفونۇم تىترەش ھالىتىدە بولغاچقا ئاڭلىماپتىمەن.
- ھۆججەتلەر بىلەن بولۇپ كېتىپ تېلېفونغا دىققەت قىلماپتىمەن.
- ھېچقىسى يوق، - دېدى يالقۇن ماڭا تاماكا تۇتۇۋېتىپ، - كەچتە باشقا ئىشىڭ يوقتۇ؟
- بىرەر ئىش بارمىدى؟
- مۇنداق ئىشتى ئاداش، - دېدى يالقۇن ئىشىككە قاراپ قويۇپ، - سېنىڭمۇ خەۋىرىڭدە بار، دادام ئىككى ئاي بۇرۇن تۇيۇقسىز ئاغرىپ دوختۇرخانىدا يېتىپ قالغان، كېسىلى ئېغىر ئىدى. ئاۋۋال ياراتقان ئاللانىڭ مەرھەمىتى، ئۇنىڭدىن قالسا دوختۇرلارنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن ياخشىلىنىپ تۈنۈگۈن دوختۇرخانىدىن چىقتى. ئىككى ئاي جەريانىدا دوختۇر - سېسترالار دادامغا بەك ياخشى قارىدى. شۇلارغا رەھمەت ئېيتىش يۈزىسىدىن “ئەل قارار”دىن بىر ئۈستەل زاكاز قىلىپ قويغان، سېنى بېرىپ يېنىمدا ئولتۇرۇشۇپ بېرەرمىكى دەپ كەلگەن.
مەن سەل ئىككىلىنىپ تۇرۇپ قالدىم.
- بىرەر ئىشىڭ بارمىدى؟
- ئىشقۇ يوق، - مەن ئۈستىلىمدىكى ھۆججەتلەرنى ئىما قىلىپ كۆرسەتتىم، - ئىشتىن چۈشەي دەپ تۇرسام بۇ ھۆججەتلەر كېلىپ قالدى. بىر - بىرىدىن جىددىي ھەم زىچ ئورۇنلاشتۇرۇشلار بار ئىكەن، كېچىچە ئىشلەپ شۇنى بىر جۆندىۋېتەيمىكىن دېگەن.
يالقۇن كۈلۈپ كەتتى.
- شۇ ئىشمىدى ئاداش، - يالقۇن تاماكىسىنى كۈچەپ شورىدى، - تىل چايناپ قىزىرىپ تۇرساڭ، بىرەر تومۇچۇق بىلەن ۋەدىلىشىپ قويغان چېغى دەپتىمەن تېخى. مۇشۇمۇ گەپ بولدىمۇ ئەمدى؟ خىزمەتنى كىم تۈگىتەلىگەن؟ بىر نانغا تويىدىغان قورساققا شۇنچە قىلىپ كەتكەنمۇ بارمۇ؟ ھېلىمۇ بىنادا بىر يالغۇز سەنلا قاپسەن، مۇشۇنچىلىك ئىشلىگىنىڭمۇ يېتەر.
مەن كۈلۈپ قويدۇم.
- قارىسام ئۆزۈڭنى خىزمەتكە بەك ئۇرۇپ كەتكەندەك قىلىسەن. ساڭا خىزمەت بېسىمىدىن قۇتۇلۇشنىڭ ئاددىي بىر چارىسىنى دەپ بېرەيمۇ؟
- بولسا شۇنداق قىلە ئاداش، بۇرنى قۇلۇقىمغىچە تويۇپ كەتتىم بۇ خىزمەت دېگەن نىجىستىن، سەت تۇرمىغان بولسا ئاللىبۇرۇن بىر يەرلەرگە قېچىپ كەتكەن بولاتتىم.
- ئاۋۋال ماۋۇ ئۈستىلىڭدە چاي قۇتاڭ بىلەن تېلېفوندىن باشقا ھېچنېمىنى قويمايسەن.
يالقۇن ئىش ئۈستىلىمدىكى ھۆججەت - ماتېرىياللارنى پۇمداقلاپ كەينىمدىكى ئىشكاپقا سېلىۋەتتى.
- ئەمدى ئولتۇرۇپ باقە!
مەن ئورنۇمغا كېلىپ ئولتۇردۇم. نېمىشقىدۇر كۆز ئالدىم كېڭىيىپ، روھىم بىردىنلا كۆتۈرۈلۈپ قالغاندەك بولدى.
- كۈندە ئالدىڭغا بىر دۆۋە ھۆججەتنى قويۇۋالساڭ، بۇ ھۆججەتلەر قارانچۇقتەك ساڭا تىكىلىپلا تۇرۇۋالسا، ئۇنىڭ بېسىمىغا قانداقمۇ بەرداشلىق بېرەلەيسەن؟
مەن قايىل بولۇپ باش لىڭشىتتىم.
- ئىككىنچىسى، يالقۇن ماڭا قاراپ ھەييارلىق بىلەن قارىدى، - چاپىنىڭنى كىيىسەن.
مەن يالقۇننىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە چاپىنىمنى قولۇمغا ئالدىم.
- مەن بىلەن ماڭ!
مەن يالقۇنغا ئەگەشتىم. كارىدورغا چىقىشىمغا يالقۇن “گۈپ” قىلىپ ئىشىكنى ياپتى.
- ئىش مانا مۇشۇنداق ئاددىي!
مەن كۈلۈپ كەتتىم.
- بۇ ئۇسۇلۇڭمۇ بولىدىكەن.
يالقۇنمۇ ماڭا قوشۇلۇپ كۈلدى.
- ئىشىكنى تاقىمىغىچە خىزمەت تۈگىمەيدۇ، قانداق، ماڭامدۇق؟
مەن باش لىڭشىتتىم. يالقۇن تۇيۇقسىز قەدىمىنى توختىتىپ ماڭا يۈزلەندى.
- ئالمىرەدىن رۇخسەت ئېلىۋالمىساڭمۇ بولار.
- مەن قاچان خوتۇنۇمدىن رۇخسەت سوراپ باققان؟
- ماۋۇ گېپىڭ يارايدۇ!
“پۇلىغا بېقىپ مېلى” دېگەندەك، “ئەل قارار”نىڭ تاماق باھاسى سەل ئۆرىراق بولغىنى بىلەن مۇلازىمىتى ياخشى ئىكەن، ئىككىمىز ھاراق - تاماكا، مېۋە - چىۋىلەرنى كۆتۈرۈپ رېستورانغا كىرىشىمىزگە پاكىز، يارىشىملىق كىيىنگەن بىر توپ ياش بالىلار بىزنى ئورىۋالدى.
- ئاكا، قايسى خانىنىڭ؟
- يۇرۇڭقاشنىڭ.
- ئەمىسە ئىككىنچى - قەۋەتكە مەرھەمەت. قولىڭىزدىكى نەرسىلەرنى بىزگە قالدۇرۇپ قويۇڭ، دېگەن ۋاقتىڭىزدا ئېپ چىقىپ بېرىمىز.
- رەھمەت!
- تۈزۈت قىلماڭ.
ئىككىمىز ئايرىمخانىغا كىرىپ بەش مىنۇتقا قالماي سوغۇق سەيلەر چىقىپ بولدى. سائەت ئىسترېلكىسى دەل يەتتىنى كۆرسەتكەندە، “ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم” دېگەن يېقىشلىق ئاۋاز بىلەن تەڭ بىر توپ مېھمان ئەدەپ بىلەن كىرىپ كەلدى.
- كېچىكىپ قالمىغاندىمىز؟ - دېدى 50 ياشلارنىڭ قارىسىنى ئالغان سالاپەتلىك ئەر كاستۇمىنى كىيىم ئاسقۇغا ئېسىپ قويۇپ باش مېھمان ئورنىغا كېلىپ جايلىشىۋالغاندىن كېيىن ماڭا يەر تېگىدىن قاراپ قويۇپ، - يۈسۈپجان بىلەن جەمىلە كەچلىك ئىسمېنىدا ئىشلەيدىغان بولغاچقا كېلەلمىدى. قالغانلىرىنىڭ ئى، مىلىلىرىگە ئۇنىماي ھەممىسىنى ئېپ كەلدىم.
- رەھمەت، دەل ۋاقتىدا كېلىشتىلە.
مېھمانلار باش مېھماننىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئۈستەل ئەتراپىدىن ئورۇن ئېلىشتى. چايلار قۇيۇلۇپ، تاماقلار تارتىلدى. مەن چاي ئىچكەچ ئولتۇرۇپ مېھمانلارغا بىر قۇر كۆز يۈگۈرۈتۈپ چىقتىم. نەزەرىم يان تەرىپىمدە ئولتۇرغان خۇش پىچىم چوكانغا چۈشكەن ھامان كۆز قارىچۇقۇم بىردىنلا كېڭىيىپ ئورنۇمدىن تۇرۇپ كەتكىلى تاس قالدىم. بۇ ئىپارگۈلغۇ؟ چوكان قاراشلىرىمغا جاۋابەن سۇس كۈلۈمسىرەپ قويدى. ھەيرانلىقىم تېخىمۇ ئاشتى. دەل ئۆزى! قاراشلىرى، كۈلۈشلىرى، كۈلگەندە چىقىدىغان قوش زىنىخلىرى... ئۇنى قانداقمۇ ئۇنتاي؟ مەن بىر چاغلاردا ئاشۇ قاراشلاردىن، ئاشۇ كۈلۈشلەردىن ئالەمچە شادلىققا ئېرىشكەن، ئاشۇ كۈلگۈن زىنىخلاردىن چاڭقاق دىلىمغا شەربەتلەر ئالغان...
ئىپارگۈل مېنىڭ ئالىي مەكتەپتىكى “ئاچچىق ئەسلىمەم” ئىدى. بىز تاسادىپىي پۇرسەتتە - بىر قېتىملىق كوللېكتىپ ئەمگەكتە تونۇشقان، ۋىسال باغلىرىدا بىللە سەيلە ئېتىشكەن؛ يەنە شۇ تاسادىپىي پۇرسەتتە - ئىپارگۈلنىڭ دادىسى بىلەن بىللە چەت ئەلگە چىقىپ كېتىشى سەۋەبلىك جۇدالىق دەشتىگە تاشلانغانىدۇق. بۇ ئىشلارغا 19 يىلدىن ئاشتى. 19 يىلدىن بېرى ئىپارگۈل ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇرغا ئېرىشەلمىدىم. قانۇنىيەت بويىچە توي قىلدىم، ئىككى بالىغا دادا بولدۇم. لېكىن ئۇنىڭ كۈلگۈن چىرايىنى بىر مىنۇتمۇ ئېسىمدىن چىقىرالمىدىم.
- قورساقنىمۇ بىر قۇر ئەستەرلىۋالدۇق، قورۇمىلار داۋاملىق چىقىدۇ، ئازراقتىن ئىچىشكەچ پاراڭلاشساق، قانداق دېدىم غوپۇركا؟
- ئەلۋەتتە شۇنداق بولىدۇ - دە، غوپۇركام ئالدىدىكى ئىستاكاندىن بىر يۇتۇم چاي ئوتلىۋەتكەندىن كېيىن قاردەك ئاق قەغەزدە قېلىن كالپۇكىنى سۈرتۈۋېتىپ يالقۇنغا يۈزلەندى، - قورساقنىڭمۇ ئاچچىقى چىقتى، قېنى ھارىقىڭنى قۇي، ۋاقىت ئالتۇندىن قىممەت!
يالقۇن ئىككى رومكىغا ھاراق قۇيۇپ بىرىنى غوپۇركامغا سۇنغاندىن كېيىن قىسقىچە قەدەھ سۆزى قىلدى. ئارقىدىن مېھمانلارنى بىر قۇر تونۇشتۇرۇپ چىقىپ:
- بۇ قىزنىڭ ئىسمى ئىپارگۈل، دادامنىڭ مەخسۇس سېستراسى، قولى بەك يېنىك، - دېدى ئىپارگۈلگە نۆۋەت كەلگەندە.
ئىپارگۈل؟
يۈرىكىم يەنە بىر قېتىم جايىدىن قوزغىلىپ كۆكرىكىمگە زەربە بىلەن ئۇرۇلدى. ئىسمىمۇ، چىرايىمۇ ئوخشاش، بۇنداق بولۇشى مۇمكىنمۇ؟
ھەش - پەش دېگۈچە بىر بوتۇلكا ھاراق تۈگىدى.
- كونىلار “قۇشقاچ سويسىمۇ قاسساپ سويسۇن” دەپتىكەن، شۇڭا ھاراقنى غوپۇركام تەڭشەپ بەرسە، مەن ئارقا سەپ مۇلازىمىتىنى قىلسام.
غوپۇركام شۇ بىر ئېغىز گەپنى كۈتۈپ تۇرغاندەك لىككىدە ئورنىدىن تۇرۇپ بوتۇلكىغا قول ئۇزاتتى.
- بەرىبىر ئىچىدىغان بولغاندىكىن چوڭراق رومكىدا ئىچەيلى، - دېدى غوپۇركام ھەممىمىزگە تەكشى قاراپ، - قانداق دېدىم باللا، تۆگىنى چۆچەكتە سۇغارغاندەك ھېچ ئاچقان يەرگە باراي دېمىدى.
غوپۇركام دېگىنىنى قىلدى. يوغان قورساق رومكىلارغا لىقلاپ قۇيۇلغان ھاراقلار ئىككىدىن ئايلىنىۋېدى، ھەممەيلەننىڭ ئۇششاق تىللىرى چىقىپ قەلب چۈشەندۈرۈشلەر باشلاندى. ئۇلاپلا تانسا مۇزىكىسى چېلىندى. ئەرلەر غوپۇركامنىڭ باشچىلىقىدا ئاياللار توپىغا سىلجىشتى...
مېنىڭ نىشانىم ئېنىق ئىدى، كاللامدىكى تۈگۈننى يېشىۋەتمىسەم بولمايتتى. شۇڭا ئىجازەت بېرىلگەن ھامان بۇيرۇق كۈتۈپ تۇرغان ئەسكەردەك چەبدەسلىك بىلەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئىپارگۈلنى تانسىغا تارتتىم.
ئىپارگۈل ئىسمى - جىسمىغا لايىق ئىپارنىڭ ئۆزى ئىدى. خۇش پىچىم بەدىنىدىن تاراۋاتقان خۇش پۇراق ئادەمنى مەست قىلاتتى. بېلىنىڭ يۇمران - ئەۋرىشىملىكىچۇ تېخى...
- ئىسمىڭىز راست ئىپارگۈلما؟
چوكان زىنىخلىرىنى چىقىرىپ كۈلدى.
- بۇنىڭمۇ يالغىنى بولامدۇ؟
مەن سەل تەمتىرەپ قالدىم.
- سىز مېنىڭ ئالىي مەكتەپتىكى بىر يېقىنىمغا بەك ئوخشايدىكەنسىز، ئۇنىڭ ئىسمىمۇ ئىپارگۈل ئىدى. شۇڭا...
- راستما؟
چوكان كۆزلىرىمگە لەپ قىلىپ قارىدى. ئۇنىڭ كۆزلىرى دېڭىز سۈيىدەك تىنىق، كېيىكنىڭ كۆزىدەك خۇمالىق ئىدى. ئۇ 19 يىلنىڭ ئالدىدىكى ئاشۇ ئاھۇ كۆزلەرنىڭ ئۆزى ئىدى. مەن بوغۇزۇمنى بىئارام قىلىۋاتقان ئاچچىق سۇيۇقلۇقنى تەستە يۇتۇپ يېنىك باش لىڭشىتتىم.
ئۈچىنچى رومكىدىن كېيىن سورۇن پاتىپاراقلىشىپ كەتتى. بۇ چاغدا چىراغلار گۇڭگىلاشتۇرۇلغان، مۇزىكىمۇ سورۇن كەيپىياتىغا ماس ھالدا بولۇشىغا قويۇپ بېرىلگەن بولۇپ، ھەممەيلەن ئۆز كۆڭلى، ئۆز خاھىشى بىلەن بەند ئىدى. مېنىڭ سورۇندا قۇرۇق پاراڭ قىلىدىغان ئادىتىم يوق ئىدى، شۇڭا سورۇندىن چۈشمەي تانسا ئوينىدىم. ئەلۋەتتە، قولۇمدىكىسى ئىپارگۈل ئىدى...
- كەلدۇق، - دېدى يالقۇن ماشىنىنى توختىتىپ، - ئۆيگە كىرىپ كېتەلەيدىغانسەن؟
مەن بېشىمنى كۆتۈرۈپ دېرىزىدىن سىرتقا قارىدىم. تونۇش يول، تونۇش بىنا، تونۇش چىملىق...
مەن ماشىنىدىن چۈشتۈم. سىرتتا يامغۇر يېغىۋاتقانىكەن، مۇزدەك يامغۇر تامچىلىرى تورمۇزلىنىپ قالغان نېرۋىلىرىمنى سەگىتتى.
- رەھمەت، سېنى جىق جاپاغا سالغان ئوخشايمەن.
- نەدىكى جاپانى دەيسەن، - دېدى يالقۇن سائىتىگە قاراپ قويۇپ، - ئىككىمىز ئايال مېھمانلارنى ئۆيلىرىگە ئاپىرىپ قويدۇق شۇ.
يالقۇن خۇش ئېيتىپ يولىغا راۋان بولدى، دەل شۇ چاغدا تېلېفونۇم سايراپ قالدى.
- ۋەي.
- يىگىت، ئۆزلىرى نەدىكى، تېلېفون قىلسام ھېچ ئالاي دېمەيلا؟
بۇ ئايالىم ئىدى.
- ياشاۋاتىمىز شۇ.
- كوچا دوقمۇشىدىما؟ كىم بىلەن؟
بېشىمنى كۆتۈرۈپ 3 - قەۋەتنىڭ بالكونىغا قارىدىم، بالكون يورۇق.
- ئېغىر ئالماي ئۆيگە چىقسىلا، بىللە ياشايلى!
مەستىلىكىم بىراقلا يېشىلدى. بالكونغا يەنە بىر قېتىم قارىدىم، سۇس چىراغ يۇرۇقىدا ئايالىم ماڭا قول پۇلاڭلىتىۋاتاتتى.
شۇ كۈندىن باشلاپ كۆڭلۈمنىڭ ئارامى بۇزۇلدى. ئىپارگۈلنىڭ ئىپاردەك ھىدى نەچچە يىلدىن بېرى ئەل قاتارى ياشاش ئىستىكىدە ئاللىكىملەرنىڭ خۇشلۇقى ئۈچۈن ئۆي، ئىشخانا، يىغىنخانا، مەرىكە زالى ئارىلىقىدىكى كۆرۈنمەس بوشلۇقلاردا موكىدەك قاتراپ سەزگۈسىنى يوقاتقان؛ قۇم بارخانلىرى قورشاۋىدىكى پىنھان كۆلمەكتەك تىنچىشقا، قۇرغاقلىشىشقا باشلىغان كۆڭۈل ساھىلىمنى بوش سىيپاپ، باشقىچە بىر ئادەمگە ئايلاندۇرۇپ قويدى. ئەمەلىيەتتە مەن بۇ خىل تىنچلىققا بەكمۇ تەستە ئېرىشكەنىدىم.
ھاراق دېگەن ئاجايىپ نەرسە، ئىچكەندە گاچىنى ناخشىغا، توكۇرنى ئۇسسۇلغا سالالايدۇ، لېكىن دەردى - بالاسى راھىتىدىن ھەرگىز كەم ئەمەس! ئاخشام غوپۇركامنىڭ ھە - ھۇلىرى بىلەن ئوبدانلا ئوتلاپ قويغان چېغىم، بۈگۈن ئەھۋالىم بەكمۇ ئوسال. بېشىم تۇرۇزنىڭ تېشىدەك ئېغىر، ھۆ تۇتۇپلا تۇرىدۇ، كۆكسۈمدە مىڭ تونۇرنىڭ تەپتى لاۋۇلدايدۇ، پۇت - قولۇم شارلىرى چېقىلىپ كەتكەن ھارۋىنىڭ چاقىدەك كالامپاي، قويغان - تۇتقىنىمنى بىلمەيمەن... تۈنۈگۈن يالقۇن پومداقلاپ تاشلاپ قويغان ھۆججەتلەر مېنى مەسخىرە قىلىۋاتقاندەك جىلمىيىپ تۇرۇشىدۇ، بۇ ھالىمدا ئۇلارنى قولغا ئالالايدىغاندەك ئەمەس. ئېسىمدە قېلىشىچە، ھۆججەتلەردىن ئىككى پارچىسىغا بۈگۈن كەچكىچە دوكلات تەييارلاپ يوللاش لازىم ئىدى. قانداق قىلغۇلۇق؟ بۆلۈمدىكىلەرنى بىر - بىرلەپ كۆز ئالدىمدىن ئۆتكۈزۈپ چىقتىم، ياسىنجاندىن باشقىسى غەيرىي كەسىپلەردىن يۆتكىلىپ كەلگەنلەر بولۇپ، دىپلومى بىر - بىرىدىن چوڭ بولغىنى بىلەن بەزىلىرىنىڭ تۈزۈكرەك ساۋاتىمۇ يوق ئىدى، ئۇلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ئىدارە رەھبەرلىرىگە يارىغۇدەك بىر نەرسە يېزىش ئاسمانغا چىقىشتىنمۇ تەس ئىش ئىدى. شۇڭا يىللاردىن بېرى ھەممىنى ئالدىمغا تارتىپ كەلگەنىدىم، توغرا قىلمىغىنىمنىڭ خۇلاسىسى بۈگۈن چىقتى. قىلالمايدۇ دەپ تاشلاپ قويساڭ، مەڭگۈ قىلالمايدىكەن ئەمەسمۇ؟ يىللاردىن بېرى ئىشخانىنىڭ ئىشلىرىنى يۈرۈشتۈرىمەن دەپ بەك تالجىقىپ كەتتىم. شەنبە، يەكشەنبە دېمەي كېچە - كۈندۈز ئىشلىدىم، لېكىن شۇنداق بولۇشى كېرەكتەك، مەن ئىشلەپ، ئۇلارنىڭ چاي ئىچىشىپ ئولتۇرۇشى تەقدىر تەرىپىدىن ئىرادە قىلىنغاندەك ھېچكىمنىڭ يېنىدىن ئۆتمىدى. ئەسلىدە ئورۇن مەسئۇلى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئىش كەلسە ھەممىنى ئۆشنەمگە ئارتىۋالماي قول ئاستىمدىكىلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇپ، نەتىجىسىنى ئۈستىدىن كۆرۈشۈم، قىلالمىغانلارنىڭ كۇكۇلسىدىن تۇتۇپ قىلالايدىغان قىلىشىم لازىم ئىدى. ئەپسۇس...
مەن تېلېفوننى قولۇمغا ئالدىم:
- تەلئەتما؟
- ھەئە.
- بۆلۈمدىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئىشخانامغا كىرسۇن!
ھايال ئۆتمەي بۆلۈمدىكى ئالتەيلەن ئىلگىرى - كېيىن ئىشخانامغا كىرىپ قول قۇۋۇشتۇرۇپ تۇرۇشتى. مەن بېشىمنىمۇ كۆتۈرمەي بىردەم ئۈنسىز ئولتۇرغاندىن كېيىن ھۆججەتلەرگە قول ئۇزاتتىم.
- قېنى ئولتۇرۇڭلا.
ھەممەيلەن سافاغا كېلىپ ئولتۇرۇشتى.
- تۈنۈگۈن باش ئىدارىدىن توققۇز پارچە ھۆججەت تارقاتتى، - مەن ھۆججەتلەرنى پۇلاڭلىتىپ كۆرسىتىپ قويدۇم، - خىزمەتلەرنى خۇلاسىلەيدىغان گەپكەن، يۇقىرىغا بىۋاسىتە يوللايدىغانلىرىمۇ بار ئىكەن، نېم بولدۇمكى بىلمىدىم، بۈگۈن مىجەزىم بوش، يېنىم يەر تارتىپلا تۇرىدۇ، دوختۇرخانىغا بارمىسام بولمىغۇدەك، شۇڭا خىزمەتلەرنى تەقسىم قىلىپ قويدۇم، ھەممەيلەن قىلىۋاتقان ئىشىڭلىنى قويۇپ، ھۆججەتلەردىكى تەلەپلەر بويىچە خۇلاسە تەييارلايسىلە. ھەممە ھۆججەتنىڭ كەينىدە ئىشلەش تەلىپى ۋە يوللايدىغان ۋاقىت ئېنىق يېزىلغان، شۇ بويىچە ۋاقتىدا تاماملاشقا كاپالەتلىك قىلمىساڭلا بولمايدۇ.
مەن ئولتۇرغانلارغا بىر قۇر قاراپ چىقتىم، ياسىنجاندىن باشقىلىرىنىڭ بېشى چۈشۈپ كەتكەنىدى. مەن قەلەمنى قولۇمغا ئېلىپ ھۆججەتلەرنىڭ بېشىغا شۇ ھۆججەتنى بېجىرگۈچىنىڭ ئىسمىنى يېزىپ، تەستىق يازغاندىن كېيىن ئىش ئىگىسىنىڭ قولىغا تۇتقۇزدۇم.
- ياسىنجان، “ئىتتىك ئېشەككە ئېغىر يۈك” دېگەندەك سىزگە كۆپرەك تەقسىملەپ قويدۇم، رەنجىمىگەيسىز، كېيىن مۇۋاپىقلاشتۇرۇپ بېرىمەن.
ياسىنجان “چۈشەندىم” دېگەن مەنىدە كۈلۈپ قويدى.
- بەزىلىرىڭلىگە بۇ خىزمەتنىڭ ھەقىقەتەن ئېغىر كېلىدىغانلىقى ماڭا ئېنىق، سەۋەبى ئىلگىرى مەن ھەرقايسىڭلىنى بۇنداق ئىشلارغا سالماي، ھەممىنى ئۆزۈم قىلىپ كەلگەن، ئويلاپ باقسام، توغرا قىلماپتىمەن. تەگلەپ كەلسەك، سىلەرگە زىيانكەشلىك قىلغاندەكمۇ قىلىمەن. ھەممىڭلا ھۆكۈمەت خىزمەتچىسى، شۇنىڭ نېنىنى يەۋاتقان ئادەملەر. ھۆكۈمەت خىزمىتى يېزىق ۋە يېزىقچىلىق بىلەن ئوخشايدىغان ئىشكەن، مەنمۇ بۇ ئورۇنغا مەڭگۈ باقىۋەندە ئەمەس، مانا كۆرۈپ تۇرۇپسىلە، بۈگۈن ئەھۋالىم كۆڭۈلدىكىدەك ئەمەس، يېشىممۇ كۈنسېرى چوڭىيىۋاتىدۇ، ئالىمادىس ئاغرىپ يېتىپ قالسام ياكى باشقا ئورۇنغا يۆتكىلىپ كېتىپ قالسام، سىلەرگە تەس كېلىپ قالغۇدەك. شۇڭا ھەممەيلەن تىرىشساق، مېنىڭچە، تىرىشساقلا قىلالمىغۇدەك ئىش يوق! ئىلگىرى مەنمۇ يازالمايتتىم، كېيىن يېزىشنى ئۆگەندىم. بىزدە باشقا كەلگەندە باتۇر دەيدىغان گەپ بار، كۆڭۈل قويساڭلارلا چوقۇم ئىشلەپ كېتەلەيسىلە!
مەن يىغىن تامام دېگەن مەنىدە ئولتۇرغانلارغا قاراپ قويدۇم. ئولتۇرغانلار بېشىنى تۆۋەن سېلىشقىنىچە بىر ئىككىدىن ئىشخانىدىن ئايرىلىشتى.
ئۇھ، - دېدىم ئۆز - ئۆزۈمگە، - نېمىشقىمۇ بالدۇرراق مۇشۇ ئۇسۇلنى قوللانمىغاندىمەن؟
لەۋلىرىم قۇرۇپ كەتكەنىدى، ئىشكاپنى ئېچىپ، سۇدا سۈيىدىن بىر قۇتا ئالدىم، ئېغىزىنى ئاچاي دەپ تۇراتتىم، تېلېفونۇمدىن ئۇچۇر سىگنالى كەلدى. مەن قۇتىنى ئۈستەلگە قويۇپ ئۇچۇرغا كۆز يۈگۈرۈتتىم:
- ئوبدان ئۇخلاپسىزمۇ؟ بىلىپ تۇرۇۋاتىمەن، ئاخشامقى كۆڭۈل خۇشى ئۈچۈن بەدەل تۆلەۋاتىسىز. خالىسىڭىز، “مارس”قىلا كېلىڭ، يېشىپ قويىمەن. ئىپارگۈلدىن.
مەن تۇرۇپلا قالدىم. ئىپارگۈل تېلېفون نومۇرۇمنى قانداق بىلىۋالغاندۇ؟
ئەتىگەنلىك چاي ۋاقتىدا ئالمىرە بىر تەخسە خام سەي بىلەن قاتتىق ناننى تەڭلەپ ئولتۇرغانىدى. شۇڭا چاي ئىچمەيلا ئىشقا كەلگەنىدىم، شۇ ۋەجىدىن قورسىقىم ئېچىپ، دۈمبەمگە چاپلىشىپ قالاي دېگەنىدى. سىرتتا ئوبدانراق تاماق يەپ يېشىلىشنى ئويلىغان بولساممۇ، خىزمەت ئىشى بىلەن ھازىرغىچە ئىشخانىدىن چىقالمىغانىدىم، ئويلىمىغان يەردىن ئىشلارمۇ بىر قۇر يۈرۈشكەن بولدى، قۇرساقنى ئەستەرلەشكىمۇ ۋاقىت چىقتى، لېكىن ئىپارگۈلنىڭ تاماققا تەكلىپ قىلىپ ئۇچۇر قىلىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدىم. قانداق قىلسام بولار؟ ماقۇل دەي دېسەم، ھەر ئىككىمىز ئۆيى بار ئادەملەر، تالا - تۈزدە بىللە تاماق يەپ يۈرسەك تازا مۇۋاپىق بولمايدۇ. ياق دەي دېسەم، بىر ئايالنىڭ ئەقەللىي تەلىپىنى رەت قىلىش ئوغۇلبالىدارچىلىققا توغرا كەلمەيدۇ.
ئويلىمىغان يەردىن قولۇم ئۇچۇر تاختىسىنى ئىختىيار قىلىپ قالدى.
- سىز نەدە؟
ھايالشىماي ئۇچۇر كەلدى.
- مېنىڭ “مارس”قا چىقىپ بولغىنىمغا نە ۋاخ، تاماقنىمۇ بۇيرۇتۇپ بولدۇم، يولىڭىزغا قاراپ ئولتۇرۇۋاتىمەن شۇ.
- ئەمىسە مەنمۇ يولغا چىقتىم، ھايالشىماي بارىمەن!
مەن ئىشخانامنى تاقاپ، تاكسى بىلەنلا “مارس”نى نىشانلاپ يولغا چىقتىم.
ئىپارگۈل رېستوراننىڭ ئالدىدىكى ئارچىزارلىقتا مېنى ساقلاپ تۇرغانىكەن، مېنى كۆرۈپ ۋىللىدە قىزاردى. ئۇ بەدىنىگە چىپ كەلگىدەك كاستۇم - يوپكا كىيىپ، چېچىنى بوغۇۋالغان بولۇپ، كۆزۈمگە بىر پارچە ئوتتەك كۆرۈنۈپ كەتتى.
- 12 - خانا، - دېدى ئۇ ئەتراپقا ئالاق - جالاق قاراپ قويۇپ، - مەن كەينىڭىزدىن كىرىمەن.
ئىپارگۈلنىڭ ئېھتىيات قىلىۋاتقانلىقى ئېنىق ئىدى. مەن گەپ قىلماستىن رېستورانغا قاراپ ماڭدىم. رېستوران ماڭا تونۇش ئىدى، شۇڭا ئارتۇقچە دوقۇرۇپ يۈرمەيلا 12 - خانىنى تېپىپ ئىشىكنى ئاچتىم.
بۇ تۆت كىشىلىك كىچىك خانا بولۇپ، ئايرىم پاراڭلىشىشقا ئەپ جاي ئىدى. كۈتكۈچىلىرى چاقىرمىغۇچە كىرمەيتتى. مەن ئايرىمخانىغا بىر قۇر نەزەر تاشلىغاندىن كېيىن شىرەگە كېلىپ ئولتۇردۇم، ھايالشىماي ئىپارگۈلمۇ كىرىپ كەلدى، مەن ھودۇقۇپ ئورنۇمدىن تۇرۇپ كەتتىم.
- قېنى ئولتۇرۇڭ.
مەن رايىشلىق بىلەن ئولتۇردۇم.
- ئەھۋالىڭىز قانداقراق؟
- ھەر ھالدا بولىدۇ.
ئىپارگۈل ئۈنچىدەك چىشلىرىنى چىقىرىپ كۈلدى.
- غوپۇركام قوپالراق ئادەم، ئۇ قولىغا بوتۇلكا ئالغان سورۇندا ھېچكىم ساق چىقىپ كېتەلمەيدۇ.
- مەنمۇ سەل جىق ئىچىپ قويۇپتىمەن.
- سىز ئىچسىڭىز بەك شوخلىشىپ كېتىدىكەنسىز، تانسىنىمۇ بەك ياخشى ئوينايدىكەنسىز.
- شۇنداقمۇ؟ - مەن سەل ئوڭايسىزلىنىپ لېۋىمنى ئۇچلاپ قويدۇم، - ئاخشام كەيپچىلىكتە كۆڭلىڭىزنى چىگىپ قويىدىغان بىرەر ئىش قىلىپ قويمىغاندىمەن؟
- نەدىكىنى؟ - ئىپارگۈل ئالدىمدىكى پىيالىنى پاكىز چايقاپ سومكىسىدىن ياڭاقتەك ناۋاتنى ئېلىپ سالغاندىن كېيىن ئۈستىگە چاي قۇيدى، - ئاخشام سورۇندىن تارقىغاندىن كېيىن ھەممىمىزنى ئۆيىمىزگىچە ئاپىرىپ قويدىڭىز. گەپ - سۆزلىرىڭىز شۇنداق سىيلىق، قايماقتەك ياغلاش. ھازىرقى سۈر - ھەيۋىڭىزدىن ئەسەرمۇ يوق.
- مەن شۇنچە سۈرلۈك كۆرۈنەمدىكەنمەن؟
- شۇنداق. باشلىق دېگەننىڭ ئازراق سۈرى بولمىسا بولمايدۇ!
مەن كۈلۈپ قويدۇم.
- قېنى چايغا بېقىڭ!
- رەھمەت.
- تۈزۈت قىلماڭ.
مەن چايدىن بىر ئوتلىدىم.
ئىپارگۈل تالاغا چىقىپ كىردى. ھايالشىماي، كۈتكۈچى بالا ئىككى تەخسىدە پولۇ، ئىككى پىيالە قېتىق، خام سەي ۋە بىر تەخسىدە قاشتېشىدەك جۇلالىنىپ تۇرىدىغان مۇناقا ئېلىپ كىردى.
- ھاراققا قىزىق پولۇدىن باشقىسى بىكار، شۇڭا سىزدىن سورىمايلا بۇيرۇتۇۋەردىم.
- ئوبدان ئويلاپسىز.
ئايالىمنىڭ ئەتىگەن قۇرۇق ناننى سازايى قىلىپ ئولتۇرغان سېماسى كۆز ئالدىمغا كېلىۋېلىپ ئۆزۈمچە قىمىرلاپ قويدۇم.
- ئەمىسە تاماققا بېقىڭ، سىزگە قاراپ مېنىڭمۇ قورسىقىم ئېچىپ كەتتى.
مەن پولۇغا قوشۇق سالدىم.
- زورلاپ يەڭ، ئون مىنۇتقا قالماي ئوڭشىلىپ قالىسىز!
مەن پولۇغا تۇتۇش قىلدىم.
پولۇ ئوخشىغانىدى، ھەر بىر قوشۇق پولۇنى چايناپ يۇتۇۋاتقىنىمدا ۋۇجۇدۇمغا يېڭى كۈچ قوشۇلۇۋاتقاندەك تۇيغۇدا راھەتلىنەتتىم.
- سەل تۇرۇپ مۇناقىدىن يەڭ.
مەن ئىپارگۈلگە يەر تېگىدىن قاراپ قويدۇم.
- مۇناقى شېكەرنى تولۇقلايدۇ، بىزچە ئاتالمىسى گىلۇكوزا، ئۇنىڭسىز بىزنىڭ دورا - ئوكۇللىرىمىز كۈچىنى كۆرسىتەلمەيدۇ.
- سىز تۇرمۇشقا بەك پىششىقكەنسىز.
- نەدىكىنى.
- راست، سىزدەك ئىدىتلىق ئايالغا ئەر بولۇش ئوغۇل بالىنىڭ بەختى!
ئىپارگۈل لەپ قىلىپ ماڭا قارىدى، ئۇنىڭ ئاھۇ كۆزلىرىدە ياش لىغىلدايتتى.
- قەدرىنى بىلمىسە بىكار!
مەن جىم بولۇپ قالدىم.
- قېنى مۇناقىدىن يەڭ، - ئىپارگۈل يەنە شۇ خۇشخۇيلۇقىغا ياندى، - ھازىرقى چوڭ ئىش سىزنى يېشىپ، ئەسلىڭىزگە كەلتۈرۈش، قالغان گەپلەرنى ئاستا - ئاستا دېيىشىۋالىمىز.
ئىپارگۈلنىڭ زورى بىلەن مۇناقىدىن بىر ساپاق يېدىم، پۇت - قولۇمغا قايتىدىن جان كىرىپ بېجىرىم ھالىتىمگە قايتتىم.
- قانداقراق؟
- ئەسلىي خوتۇنلۇققا ئالىدىغىنى دوختۇركەن!
ئىپارگۈل كۈلدى.
- پۇشايمان قىلىۋاتامسىز؟
- ياق، ھەۋەس قىلىۋاتىمەن.
- مەن سىزگە ھەۋەس قىلغاندەك.
مەن جىم بولۇپ قالدىم.
ئىپارگۈل سائىتىگە قارىدى، مەنمۇ قارىدىم. ھەش - پەش دېگۈچە بىر سائەتتەك ۋاقىت ئۆتۈپتۇ، ئايرىمخانىدا ناتونۇش بىر ئايال بىلەن بىر سائەتتەك ئولتۇرۇش تازا مۇۋاپىق ئىش ئەمەس ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىپارگۈلنىڭ تېگى ماڭا قاراڭغۇ، گېپىدىن قارىغاندا باشقا مەقسەتلىرىنى يوق دېگىلى بولمايدىغاندەك. مەن خوتۇن - بالىلىرى بار ئادەم، يەنە بىردەم ئولتۇرساق، چۈشلۈك تاماققا كېلىدىغانلار رېستوراننى بىر ئالىدۇ، دوپپامچىلىك بۇ شەھەردە تونۇش - بىلىشلەرمۇ ئاز ئەمەس، ئالىمادىس بىرەر تونۇشقا ئۇچراپ قالساق، چۈشەندۈرۈپ بولۇشمۇ بىر مەسىلە، شۇڭا ئەڭ ياخشىسى گ−ەپنى قىسقارتىپ، رەھم−ەت - ھەشقاللا بىلەن بۇ يەردىن تېزرەك ئايرىلىدىغاننىڭ ئىشىنى قىلاي!
ئىپارگۈل ئەقىللىق ئايال ئىدى، ئويلىغانلىرىمنى ئاللىبۇرۇن كۆڭلىگە كەلتۈرۈپ بوپتۇ.
- ئىسمېنا ئالمىشىدىغان ۋاقتىم بولۇپ قالدى، بۈگۈن مۇشۇنچىلىك پاراڭلاشساق، يەنە پۇرسەت چىقىپ قالار. تەكلىپىمنى يەردە قويمىغىنىڭىزغا رەھمەت.
- نەدىكى گەپلەرنى قىلىۋاتىسىز؟ ئەسلىدە رەھمەت ئېيتىدىغان ئادەم مەن.
- ئەمىسە ھەر ئىككىمىز بىر - بىرىمىزگە رەھمەت ئېيتايلى، بىر - بىرىمىزنى كېچىكىپ بولسىمۇ ئۇچراشتۇرغان تەقدىرگە رەھمەت ئېيتايلى!
مەن تۇرۇپلا قالدىم. بۇ ئىپارگۈلنىڭ نېمە دېگىنى ئەمدى؟
- باشقىچە ئويلىنىپ قالماڭ، - دېدى ئىپارگۈل كۆزلىرىنى مەندىن ئېلىپ قېچىپ، - “دۇنيادا مىڭ كىشى، كۆڭۈلدە بىر كىشى” دېگەندەك، ھاياتتا كۆڭلۈڭنى چۈشنىدىغان ئادەمنى تېپىش بەكمۇ تەسكەن. راست گەپنى قىلسام، مېنىڭ بىرەر ئەر كىشى بىلەن بۇنداق چىرايلىق پاراڭلىشىپ باقمىغىنىمغا ئۇزاق زامانلار بوپتىكەن... بۈگۈن سىزنىڭ تارازىڭىزدا ئۆزۈمنى ئۆلچەپ باقتىم، بولىدىغان يەرلىرىم تېخى بار ئىكەن، مەن ئۆزۈم ئويلىغاندەك ئۇنداق تاشلاندۇق ئادەم ئەمەسكەنمەن. چېرنىشىۋىسكىينىڭ ئېيتقىنى توغرا ئىكەن. بىز ھاياتقا كۈلۈپ باقساق، ھاياتمۇ بىزگە كۈلۈپ باقىدىكەن.
مەن تېخىمۇ بەكرەك گاڭگىراپ قالدىم.
- ئېرىڭىز؟
- ئۇنىڭ گېپىنى قىلماڭ!
نېمىشقىدۇر ئىپارگۈلنىڭ كۆزلىرىدە غەزەپ ئۇچقۇنلىرى لاۋۇلداشقا باشلىدى.
- مەن ئۇنىڭغا ئەقىدە قىلغان، لېكىن ئۇ قەدرىمگە يەتمىدى، بىردەملىك ھەۋەسنى دەپ ھەممىنى نابۇت قىلدى.
- مەن قانداق ياردەم قىلالايمەن؟
- ھېلىمۇ سىز ئوبدانلا ياردەم قىلدىڭىز!
مەن چۈشىنەلمىدىم دېگەن مەنىدە قاراپ قويدۇم.
- دېسەم گەپ بولا، دېمىسەم دەرد. شۇڭا ھازىرچە مۇشۇنچىلىك بولسۇن. مەن كېيىن سىزگە تەپسىلىي دەپ بېرىمەن، - ئىپارگۈل ماڭا قارىدى، - ئەگەر سىز خالىسىڭىزلا.
- ئەلۋەتتە خالايمەن.
بۇ گەپنىڭ ئېغىزىمدىن قانداق چىقىپ كەتكىنىنى ئۆزۈممۇ تۇيماي قالدىم.
- ئەمىسە خوش!
- خوش، كۆرۈشكىچە ئامان بولۇڭ.
ئىپارگۈل ئاۋۋال سىز مېڭىڭ، دېگەن مەنىدە ماڭا يول بوشاتتى. مەن ماڭا ئويلىمىغان خۇشاللىقلارنى ئاتا قىلغان بۇ سۆيۈملۈك خانىدىن بىر پاتمان سوئالنى يۈدۈپ بوينۇمدىن بىرەرسى سۆرىگەندەك ئەلپازدا ئايرىلدىم.
سىرتقا چىقىشىمغا تېلېفونۇم جىرىڭلىدى. تېلېفون ئايالىمدىن كەلگەنىدى، مەن ئېرىنچەكلىك بىلەن تېلېفوننى قۇلىقىمغا ئاپاردىم.
- ۋەي!
- ئىشخانىڭىزدا يوققۇ؟
- سىرتقا چىققان.
- مەرىكىگە بىللە بارارمىزمىكىن دەپ كېلىشىمتى.
- مىجەزىم يوق، سىز بېرىۋېرىڭ، مەن ئۆيگە بېرىپ ئارام ئالغاچ تۇراي.
- بىللە بارمىسىڭىز ساجۈيجاڭ رەنجىپ قالمامدۇ؟ ھېلىمۇ ئەتىگەندىن باشلاپ قارىشىپ بېرىدىغاننىڭ يولى بار ئىدى، ھازىر بارساقمۇ كېچىكمەيمىز!
- دېدىمغۇ مىجەزىم يوق دەپ، - مەن ئۆزۈمچە تېرىكىپ قالدىم، - بۇنداق ئىشلاردا خېلى ئېپىڭىز بارغۇ؟ ئەھۋالىمنى ساجۈيجاڭنىڭ ئايالىغا دەپ قويۇپ ئىككى كىشىلىك ئىشلىۋەتسىڭىزلا بولمىدىمۇ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە ساجۈيجاڭ بىزگىلا قاراشلىق ئادەم ئەمەس، چاپارمەنلەرنىڭ تولىلىقىدا ھازىرنىڭ ئۆزىدە بىزگە بىرەر ئىشنىڭ تېپىلمىقىمۇ تەس، پۇلنى ئوبدانراق قويۇپ قويسىڭىز كۆڭۈل ئاغرىقلىرىمۇ ئۆزلۈكىدىن پەسىيىپ قالىدۇ، ئالتىنچى نەۋرىگە مەرىكە قىلىشتىكى مەقسەتمۇ شۇغۇ؟
مەن ئايالىمنىڭ جاۋابىنىمۇ كۈتمەستىن تېلېفوننى يېپىۋەتتىم.
كۆڭلۈم يەنە ئەسكى بولدى. شۇڭا ئۆيگە قايتىپ، تۆردىكى ئۆيگە كۆرپىنى قاتلاپ سالدىم - دە، يىللاردىن بېرى مېنى ئالدىغا سېلىۋالغان تېلېفونۇمنىڭ مېيىنى چىقىرىپ تاشلىۋېتىپ، يۇمشاق تۆشەككە ئۆزۈمنى تاشلىدىم...
قانچىلىك ئۇخلىغىنىمنى بىلمەيمەن، بىر چاغدا ئايالىمنىڭ بىرسىگە تېلېفوندا داتلاۋاتقان ئاۋازىدىن ئويغىنىپ كەتتىم.
- نېمىسىنى دەرسەن ئاداش، بارمىغىنىڭمۇ بىر ھېسابتا بوپتىكەن، يېرىم كۈن مەدىكارچىلىق قىلغاننى ئاز دەپ يەنە 200 يۈەننىڭ بېشىغا سۇ قۇيۇپ كەلدىم دېگىنە. ئەسلىدە 100 يۈەن قويارمەن دەپ ئويلىغان، ئۇنىڭسىزمۇ ئادەمگەرچىلىكى ئازمىدى ئۇ خەقلىنىڭ، لېكىن جاراستاندىكى چوڭچىلىقلارغا قاراپ 100 يۈەننى ھەرقانچە قىلىپمۇ چىقىرالمىدىم، بۈگۈن نېمە بولدىكى، خۇددى ئاسماندىن پۇل ياغقاندەك ھەممە ئادەم ساپلا 1000 يۈەن، 500 يۈەن، تاپالمىغانلىرىمۇ 200 يۈەندىن قويۇۋاتىدۇ. تۆت يەردە پۇل يېزىپمۇ ئۈلگۈرەلمەي تاس قالدى يەنە كاسسىرلاردىن ئىككىنى كۆپەيتكىلى. نېمە ئامال؟ تاتىرىپ تۇرۇپ ئىككى قەغەزنى ئاران چىقاردىم. كىشىلەرنىڭ چوڭچىلىقلىرى ئالدىدا 200 يۈەن پۇلۇم بويۇن قىسىپ قالدى ھەقاچان... قانداق قىلىمەن؟ ماڭا ھۆكۈمەت ئايدا بىر ھېسابلاپ بېرىۋاتسا...
- كىمگە دەرد ئوقۇۋاتىسىلە؟
- ۋاي ئانامەي! بۇ سىزمۇ؟ قورقۇتۇپ جېنىمنى ئالغىلى تاس قالدىڭىز، سىز ئۆيدىمىدىڭىز؟
- بۇ گەپنى مەن سىزدىن سورىسام توغرا بولار.
ئايالىم ئالدىراش تېلېفوننى قويۇۋەتتى.
- بۈگۈن بالدۇرلا كېلىۋاپسىز، چاي يوقمىدى؟
ئايالىم ئۆپكىدەك قىزاردى.
- مەرىكە بايىلا ئاخىرلاشتى. پاتىمەگە سىزنى مىجەزى يوق كېلەلمىدى، دەپ قويدۇم، بارمىغىنىڭىزمۇ بىر ھېسابتا ياخشى بوپتىكەن، ئادەمنىڭ كۆپلۈكىدە كىم بار، كىم يوق ئىلغا قىلغىلىمۇ بولمايدۇ، يەڭ شىمايلاپ تۇرغان خېلى چوڭ كاتتىلارغىمۇ قىلغىلى ئىش يوق، بىر چەينەكنىڭ كەينىدە تۆت، بەشتىن ئادەم يۈگۈرۈپ يۈرۈشىدۇ.
- شۇنداق بولماقچىدى.
ئايالىم كىيىمىنى ئالماشتۇرۇپ، پەشتامىنى تارتتى.
- كۆڭلىڭىز نېمىگە تارتىدۇ؟ گاچ - گۇچ تاماق قىلاي.
- مېھمان كۈتمەك ئاسان ئەمەس، ھېرىپ كەتتىڭىز ھەقاچان، شۇڭا توڭلاتقۇدىكى ئاشقان - تاشقانلار بىلەن قورساقنى گوللاپ ئارام ئالمايلىمۇ؟
- ئادەمنى بىر رەللە قىلماڭە، مۇشۇ تۇزلۇق گەپلىرىڭىزنىزە... مەندىن باشقا ئادەم بولسا ھەرگىز چىدىمايدۇ.
- شۇنداقمۇ؟ - مەن ئايالىمغا سوئال نەزەرىدە قارىدىم، - ئەمىسە لەڭمەن ئېتىڭلا.
- يەنە شۇ لەڭمەن؟
- ئۇنى تەس كۆرسەڭلا خۇدانىڭ سۈيىگە ئۇنلا چېلىڭلا!
ئايالىم غوتۇلدىغىنىچە ئاشخانىغا كىرىپ كەتتى. مەن سافاغا يانپاشلىنىپ تېلېۋىزورنى ئاچتىم، لېكىن ھەرقانچە قىلىپمۇ دىققىتىمنى يىغالمىدىم. كۆز ئالدىمدا ئىككى خىل سېما: بىرى ھەدېگەندە “ئەل قاتارى ياشاش”نى باھانە قىلىپ، ئېرىنى سەپەرداش يولۇچىغا، ئۆيىنى بولسا قونالغۇغىلا ئايلاندۇرۇۋالغان ئايالىم؛ يەنە بىرى 24 سائەتكە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە كوپېراتسىيەنىڭ ئېشىكىدەك قاشاڭشىپ كەتكەن ھېسسىيات قورغىنىمنىڭ ئۇلىغا كەتمەن ئۇرۇپ، ئىرادەمنى تەۋرىتىپ قويۇۋاتقان ئەقىللىق چوكان ئىپارگۈل!
ئامالسىزلىقتىن قىلىنغان بىر قېتىملىق تەۋەككۇلچىلىكتىن كېيىن، بۆلۈمنىڭ ئىشلىرى تېزلا يۈرۈشۈپ كەتتى. ئەسلىدە ئۇلار مەن ئويلىغاندەك ئۇنداق ئىقتىدارسىزلاردىنمۇ ئەمەس ئىكەن، مەن ئىش بەرمىگەچكە ئۇلار قىلمىغان، ئۆگەنمىگەن، بىلسىمۇ بىلمەس قاتارىغا كىرىۋالغانىكەن. بېشىغا ئىشلار چىگىلىۋېدى، ھەممەيلەن ئۇيقۇسىنى ئېچىشتى، بىلمىگەنلىرى ئۆگەندى، بىلىپ تۇرۇپ بىلمەس قاتارىغا ئۆتۈۋالغانلىرى ھۈنەرلىرىنى چىقىرىشقا باشلىدى... كاۋاك ئېچىلغانىدى، شۇ كاۋاكنى بويلاپ ئىچكىرىلەپ قول سالىدىغانلا بولسام، بۆلۈمنىڭ ئىشلىرىدىن ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى قالمايتتى. شۇڭا “تۆمۈرنى قىزىقىدا سوق” دېگەن ھېكمەتنىڭ روھى بويىچە ئىككى كۈن ۋاقىت سەرپ قىلىپ، بۆلۈم خادىملىرىنىڭ ئەڭ ئىنچىكە بولغان ئىش ئورنى مەسئۇلىيەت دائىرىسىنى بېكىتىپ، كىشى بېشىغىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈۋالدىم. ماڭا ئىش ئورۇنلاشتۇرۇش بىلەن تاماملانغان خىزمەتلەرنى، يېزىلغان ماتېرىياللارنى ئۈستىدىن كۆرۈشلا قالغانىدى، بۇنىڭ بىلەن خىزمەت مىقدارىم ئازىيىپ، ئارام ئېلىشقىمۇ ئازادە ۋاقىت چىقىرالايدىغان بولدۇم.
ئىپارگۈلنىڭ ئۇچۇرلىرى ئۈزۈلمەيتتى. ئۇچۇر مەزمۇنى ئاساسەن ئەھۋال سوراش، سالامەتلىك ساۋاتى، كىتاب ئوقۇش تەسىراتى دائىرىسىدە بولاتتى. بەزىدە تەنھالىق ۋە تەقەززالىق ھېسسىياتى يوشۇرۇن ئىپادىلەنگەن ئۇچۇرلارمۇ ئاندا - ساندا كېلىپ قالاتتى. بۇنداق چاغدا مەن ھېچنېمىنى بىلمىگەن قىياپەتكە كىرىۋېلىپ، گەپنى باشقا ياققا بۇراشقا تىرىشاتتىم، ئۇچۇرلارنىڭ جۈملىلىرى چىڭ، ئىملاسى توغرا بولۇپ، يوللىغۇچىنىڭ كىتابنى كۆپ ئوقۇغان كىشى ئىكەنلىكىدىن دالالەت بېرىپ تۇراتتى. كېيىنچە بىز QQ غا كۆچۈۋالدۇق. ۋاقىت تاپساقلا QQدا پاراڭلىشاتتۇق. QQدا پاراڭلىشىش قول تېلېفوندا ئۇچۇر يوللاشقاندىن كۆپ قولاي بولۇپ، ۋاقىتتا ئۇتقىلى، ھېسسىياتنى بىۋاسىتە ئىپادىلىگىلى، تېخىمۇ ئېچىلىپ پاراڭلاشقىلى بولاتتى.
بىز بىر - بىرىمىزگە ئۈنسىز باغلىنىپ كېتىۋاتاتتۇق، بىرەر كۈن ئۇچۇرلاشمىساق ياكى QQدا پاراڭلاشمىساق، بىر نەرسەمنى يوقۇتۇپ قويغاندەك ئارامسىزلىناتتىم، تۇرۇپلا خۇيۇم تۇتۇپ ساراڭنىڭ ئۆزىگىلا ئايلىنىپ قالاتتىم.
مۇشۇ كۈنلەردە ئايالىمنىڭ ئادىمىگەرچىلىك ئىشلىرى بارغانسېرى كۆپىيىپ كېتىۋاتاتتى. كۈندۈزىغۇ ئاراملىق يوق، كەچتىمۇ داستىخان قولتۇقلاپ كېچە بىر مەھەلگىچە ئۆيمۇ ئۆي، رېستورانمۇ - رېستوران سوكۇلداپ يۈرەتتى. بالدۇرراق كەلگەن كۈنلىرىدىمۇ ۋاقىتنى باغاق ساناش، رەتلەش، تېلېفوندا باغاق تارقىتىش، چاي خەۋىرىنى يەتكۈزۈش، ئاللىكىملەرنىڭ داستىخاندىكى چۈپەيلىكلىرى ئۈستىدىن دادلاش دېگەندەك ئەرزىمەس ئىشلار بىلەن ئۆتكۈزەتتى... ئېرىم نېمىش قىلىۋاتىدۇ، نېمىلەرنى قىلماقچى؟ ئېھتىياجى نېمە؟ نېمە يەيدۇ، نېمە كىيىدۇ، بالىلارچۇ؟ دېگەنلەرنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرۈپ قويمايتتى. بۇ ئۇنىڭ ئەشەددىي ئاجىزلىقى بولۇپ، ئىپارگۈل دەل مۇشۇ نۇقتىدىن قول سالغان ئىدى. بۇغداي نېنى بولمىسىمۇ، بۇغدايدەك تاتلىق گەپلىرى بىلەن ئاشۇ بوشلۇقنى تولدۇرۇپ، كۆڭلۈمنى ئىگىلەپ بارماقتا ئىدى. ئەگەر مۇشۇ بويىچە مېڭىۋېرىدىغان بولساق، كۆڭۈل قورغۇنۇم ئىپارگۈل تەرىپىدىن تولۇق بىتچىت قىلىنىپ، ئايالىمغا ئاشىدىغىنى ئەرزىمەس تېنىملا بولۇپ قالىدىغانلىقى قاچىدىكى ئاشتەك ئېنىق بولۇپ قالغانىدى. مەن بۇنداق بولۇشىنى ئەسلا خالىمايتتىم.
مەن بىلىپ - بىلمەي يار ئېغىزىغا كېلىپ قالغانىدىم، سەللا بىخەستەلىك قىلسام تېگى يوق ھاڭغا چۈشۈپ كېتەتتىم. ئۇ چاغدا مېنى كۈتۈۋاتقىنى ئىككىنچى قېتىملىق قاباھەت بولاتتى...
مېنى بۇ قاباھەتلىك تەقدىردىن پەقەت ئايالىملا قۇتۇلدۇرۇپ قالالايتتى. ئەپسۇس، مىڭ ئەپسۇس! شۇنچە تەقەززالىق بىلەن كۈتكەن بولساممۇ، ئايالىمدىن بۇ ھەقتە بىرەر ئىنجا كېلىدىغاندەك قىلمايتتى.
خىيال بىلەن ئولتۇراتتىم، تېلېفونۇمغا ئۇچۇر كەلدى، مەن تەقەززالىق ئىلكىدە كۆزنەككە كۆز يۈگۈرۈتتۇم، ئۇچۇر ئىپارگۈلدىن كەلگەنىدى.
- تۇغۇلغان كۈنىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن!
مەن تۇرۇپلا قالدىم. توغرا، بۈگۈن 10 - ئايغا توققۇز، مېنىڭ يورۇق دۇنياغا تەۋەللۇت قىلىنغان قۇتلۇق كۈنۈم!
تۇرمۇش قىزىقچىلىقلىرىدا تۇغۇلغان كۈنۈمنىمۇ ئۇنتۇپ كەتكەن ئىكەنمەن. ئىپارگۈلنىڭ ئۇچۇرى مېنى قايتىدىن تۇغۇلدۇرغاندەك ئالەمچە خۇشلۇق ئاتا قىلدى. شۇ ھامان ئايالىم كۆز ئالدىمغا كەلدى. يېڭى توي قىلغان ۋاقىتلىرىمىزدا، ئۇمۇ مۇشۇنداق ئىشلارغا بەك كۆڭۈل بېرەتتى. ھەر قېتىم تۇغۇلغان كۈنۈم كەلگەندە ئۇنىمىغىنىمغا ئۇنىماي پارچە - پۇراتلاردىن داستىخان تەييارلاپ، كۈدە لەڭمىنى ئېتىپ، تۇغۇلغان كۈنۈمنى ئۆتكۈزۈپ بېرەتتى، خاتىرە بۇيۇمى تەقدىم قىلاتتى.
- ئۆمرىڭىز لەڭمەندەك ئۇزاق بولسۇن دەپ ئاتايىن كۈدە لەڭمىنى قىلدىم، ئىككى قاچا يېمىسىڭىز بولمايدۇ، - دەپ قوياتتى ئۇ ھەر قېتىم ئوخشىغان لەڭمىنى ئالدىمغا كەلگەندە.
لەڭمەن كۆز ئالدىمغا كېلىشى بىلەن ئېغىزىمغا سېرىق سۇ كەلدى. بىر خىل ئىنتىزارلىق تۇيغۇسىدا ئىشىككە بويۇنداپ قاراپ قويدۇم. نېمىدېگەن ئېسىل چاغلار ئىدى - ھە؟ ئەپسۇس، ئايالىمنىڭ بۇنداق كۆڭۈللۈك ئادەتلەرنى ئۇنتۇپ كەتكىنىگە خېلى يىللار بوپقالغانىدى. ھازىر ئۇ شۇ دەرىجىدە ئاڭقاۋلىشىپ كەتكەن ئىدىكى، مەن تۈگۈل ئىككى بالىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنىمۇ، ھەتتا توي خاتىرە كۈنىمىزنىمۇ تامامەن ئەستىن چىقىرىۋەتكەنىدى. بەزىدە ئۆزىنىڭ تېلېفون نومۇرىنىمۇ يادقا دەپ بېرەلمەي مېنىڭ كۆزۈمگە قارايتتى.
ئۇ تامامەن تۇرمۇشتىكى ئادەمگە ئايلىنىپ قالغانىدى. كۆڭۈل، ئەر - خوتۇنلۇق ھېسسىيات، رومانتىك مۇھەببەت، كۆيۈم، بىر - بىرىنىڭ ھالىغا يېتىش، كۆڭلىنى ئۇتۇش... دېگەنلەر ئۇنىڭ لۇغەت تەركىبىدىن تامامەن كۆتۈرۈلۈپ كەتكەنىدى. ئەگەر ئۇ ۋاقتىدا ئەقلىنى جورىتىپ، مېنى يار لېۋىدىن قايتۇرۇپ كەتمىسە، ھەممە ۋەيران بولاتتى. ئۇ چاغدا بۇ پاجىئەنىڭ باش سەۋەبكارى ئېنىقكى ئايالىم بولۇپ چىقاتتى. مەن شۇنداق ئويلايتتىم: ئەگەر ئايالىم ئاياللىق مەجبۇرىيىتىنى تولۇق ئادا قىلسا، ماڭا كۆيۈنسە، ھەر ئىشتا مېنى ئويلىسا، مېنى سەپەرداش يولۇچى ئەمەس، ئۆمۈرلۈك ھەمراھى قاتارىدا كۆرۈپ ئىشلىرىمغا كۆز - قۇلاق بولۇپ تۇرسا، سۆز - ھەرىكىتىمگە دىققەت قىلىپ، دەردىمگە دەۋا، رەنجىمگە شىپا بولالىسا، باھانە بولغۇدەك ھېچقانداق يوچۇق قويمىسا، سىرتتىن كۆڭۈل ئىزدەپ يۈرىدىغانغا ساراڭمۇ مەن؟!
مەن ئۆزۈممۇ سەزمىگەن ھالدا تېلېفون كۆزنىكىگە يەنە بىر قېتىم كۆز يۈگۈرۈتۈپ چىقتىم. بۇ ئۇچۇر ئىپارگۈلدىن ئەمەس، ئالمىرەدىن كەلگەن بولسا، نەقەدەر ياخشى بولاتتى - ھە؟ مەن بىر خىل تەقەززالىق ئىلكىدە ئالمىرەگە تېلېفون قىلدىم.
- ۋەي.
- مەن ئەزىمەت.
- بىلدىم. بىرەر ئىش بارمىدى؟
مەن تۇرۇپلا قالدىم.
- ياق!
- ئەمىسە...
تېلېفون بېسىلىپ كېتىپتۇ.
ئالمىرە تېلېفوننى ئۈزۈۋەتتى.
مەن شۇنچە زور ئۈمىد كۈتكەن ئادىمىدىن ئورۇنسىز دەككىسىنى يېگەن بىتەلەيدەك بىچارە ھالەتتە لاپسىيىپلا قالدىم.
سۇ چوڭقۇرغا ئاقىدۇ، كۆڭۈل كۆڭۈل بەرگەنگە.
- بەك خۇش بولدۇم، رەھمەت سىزگە... -، دەپ ئۇچۇر يوللىدىم ئىپارگۈلگە.
شۇ ئەسنادا ئىشىك چېكىلىپ، بىر قۇچاق گۈلنى كۆتۈرگىنىچە ئېگىز بويلۇق ئىككى قىز كىرىپ كەلدى.
- ياخشىمۇسىز، سىز ئەزىمەت ئەپەندى بولامسىز؟ - دەپ سورىدى باشتا كىرگەن قىز كۈلۈمسىرىگىنىچە.
- ھەئە، مەن شۇ.
- تۇغۇلغان كۈنىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن!
- رەھمەت!
- بۇ يەرگە قول قويۇپ بېرىڭ.
مەن قىزنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە گىرافىگە ئىسمىمنى يېزىپ بەردىم.
قىزلار تەكەللۇپ، كۈلكىلىرى بىلەن ئىشخانىدىن ئايرىلدى. مەن شىرە ئۈستىدە ھۆپپىدە ئېچىلىپ تۇرغان گۈللەرگە قاراپ تۇرۇپلا قالدىم...
چۈشلۈك دەم ئېلىشتا ئۆيگە قايتتىم. روھىم سۇلغۇن ئىدى. ئۇ گۈللەرنى ئىپارگۈلنىڭ قولىدىن ئەمەس، ئالمىرەنىڭ قولىدىن ئالغان بولسام، نېمىدىگەن ياخشى بولاتتى - ھە!
چۈشلۈك تاماققا گاڭپەن قىلىنغانىدى. ئايالىمنىڭ روھى سۇلغۇن بولۇپ، ماڭا قارارغا كۆزىمۇ يوق ئىدى. شۇڭا روھسىز ھالدا تامىقىمنى يېدىم. گۈرۈچ تازا پىشمىغانمۇ ياكى باشقا سەۋەب بارمۇ، ھەر قېتىم ئېغىزىمدىكى ئاشنى يۇتقاندا كانىيىمدا بىرسى شاخ سۆرىگەندەك ئارامسىزلىناتتىم.
چۈشتىن كېيىن روھىم چۈشكەن ھالدا ئىشخانىغا كەلدىم. ئىشخانا ئىچىنى ئەتىرگۈلنىڭ خۇش پۇرىقى بىر ئالغانىدى. مەن ماغدۇرسىز پۇتلىرىمنى تەستە يۆتكىگىنىمچە ئورنۇمغا كېلىپ ئولتۇردۇم ھەمدە ئالدىمدا يورۇق يۇلتۇزلاردەك نۇر چېچىپ تۇرغان گۈللەرگە قارىغىنىمچە خىيالغا كەتتىم.
تۇيۇقسىز تېلېفون جىرىڭلاپ كەتتى. مەن چۆچۈپ تۇرۇپكىنى قولۇمغا ئالدىم.
- ۋەي.
- ئەزىمەتجانما؟
- مەن شۇ.
- مەن غوپۇر.
مەن تۇرۇپلا قالدىم.
- ئېسىڭىزدىن كۆتۈرۈلۈپ كېتىپتىمەن - ھە؟ دوستلۇق كۆچىتىنى داۋاملىق پەرۋىش قىلىپ تۇرمىسا، ئاشۇنداق پەرسۇدە بولۇپ كېتىدۇ. مەن دوختۇرخانىدىكى غوپۇر ئاكىڭىز!
- ۋاي غوپۇركامما؟ قانداق ئەھۋالىڭىز، ئوبدان تۇرغانسىز؟
- ياخشى. قانداق، بۈگۈن كەچ ۋاقتىڭىز باردۇ؟
- بار.
- ئەمىسە كەچ سائەت ئالتىدە ھېلىقى خانىغا كېلىڭ، يالقۇننىمۇ ئالغاچ كېلىڭ. دوستلۇق كۆچىتىگە بىرلىكتە پەرۋىش قىلىمىز.
- ماقۇل.
- ئەمىسە خوش.
غوپۇركام تېلېفوننى قويۇۋەتتى.
غوپۇركام بولىدىغان ئادەم، - دېدىم ئىچىمدە، - گېپى ئاز، لېكىن ساز، مېغىزلىق؛ مىجەزى كەسكىن، خىزمەت قىلىشنىمۇ، ياشاشنىمۇ بىلىدۇ. مۇشۇنداق ئادەم بىلەن دوستلىشىش ئادەمگە ئامەت ئېلىپ كېلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن نەچچە ئايدىن بېرى غوپۇركامغا بىرەر قېتىم بولسىمۇ تېلېفون قىلىپ ئەھۋال سوراپ قويمىغىنىمغا پۇشايمان قىلىپ قالدىم.
ئىدارە باشلىقى ماڭا ئامراق ئىدى. ئۇ ھەر قېتىم ئايرىم ئۇچراشقىنىمىزدا: “سىز ئەقىللىق، مەسئۇلىيەتچان، خىزمىتىڭىزدىن چاتاق چىقمايدۇ، لېكىن مۇناسىۋەتكە بوش. مۇشۇ تەرەپتىكى ئىشلارنى يۈرۈشتۈرۈپ كېتەلىسىڭىز خېلى بىر يەرلەرگە كۆرسەتكىلى بولاتتى سىزنى. ھەر قېتىم كادىرلار مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغاندا شۇجى مۇشۇ جەھەتتىكى ئاجىزلىقىڭىزغا ئېسىلىۋېلىپ ئېغىز ئاچقۇزمايدۇ. ئەمەلىيەت شۇنداق بولغاچقا، مېنىڭمۇ تىلىم قىسقا كېلىپ قالىدۇ. تەبەسسۇمغا پۇل كەتمەيدۇ ئۇكام، قول ئۇزاتقانلارغا ھە دەپلا قويسىڭىز بىر يېرىڭىزمۇ كەملەپ كەتمەس ئىدى...” دەپ تەنبىھ بېرەتتى. مانا ھازىر ئىدارە باشلىقىنىڭ دېگەنلىرى كۆز ئالدىمدا پاكىتلىق ئايان بولدى، دېگەندەك مەن خىزمەتتە بەجانىدىل بولغىنىم بىلەن مۇناسىۋەتكە بوش ئىكەنمەن. ھەممە ئادەم باشلىق بىلەن دوختۇردىن تونۇش ئىزدەۋاتقان مۇشۇ كۈنلەردە، ئۆز ئايىغى بىلەن ئالدىمغا كەلگەن ئامەتكە تەتۈر قارىۋالغىنىم نېمىسى؟
كەچتە يالقۇن بىلەن ئىككىمىز دېگەن مۆھلەتتە “ئەل قارار”غا يېتىپ كەلدۇق. غوپۇركامنىڭ مېھمانلىرىمۇ كېلىپ بولغانىكەن، قىزغىن كۆرۈشتۇق. بۈگۈن ئىپارگۈل مېغىزرەڭ كوپتا كىيىپ، چېچىنى چىرايلىق تۈرمەكلىۋالغانىكەن، كۆزۈمگە باشقىچە چىرايلىق كۆرۈنۈپ كەتتى.
غوپۇركام بۇرۇنقىدەكلا قىزغىن ھەم چەبدەس ئىدى، ھەممىگە يېتىشىپ ئۈلگۈرەتتى. بىزنى كۆرۈپ ياش بالىلاردەك چەبدەسلىك بىلەن لىككىدە ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى.
- كېلىڭلار ئۇكىلىرىم، بەك كەم دىدار بولۇپ كەتتىڭلا، بېشىڭلىدىن ياغاچ ئۇشتۇۋېتەيمۇ يە؟
غوپۇركام ئۇزاق مەزگىل كۆرۈشمىگەن كونا ئاغىنىلەردەك ئىككىمىز بىلەن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشتى.
- ئۆتكەنكى سورۇندىن بېرى يوقلاپ قويايمۇ دېمىدىڭلا. يولۇڭلىغا كۆپ قارىدىم، ئاخىر بولماي ئۆزۈم ئوتتۇرىغا چىقتىم.
نېمىمۇ دېيەلەيتتۇق. غوپۇركامنىڭ تەنبىھلىرىگە ھە، ھە دەپ باش لىڭشىتقاچ قاملاشمىغان ھەرىكەتلىرىمىز بىلەن ۋاقىت ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇر بولدۇق.
تاماقلار تارتىلدى، ھايالشىماي ئالدىمىزدىكى رومكىلارغا لىقلاپ ھاراقلار قۇيۇلدى.
- ئارتۇق گەپ ئېشەككە يۈك، شۇڭا گەپنىڭ پوسكاللىسىنىلا دەي، - غوپۇركام قولىغا رومكىسىنى ئېلىپ ھەممەيلەنگە تەكشى قاراپ چىقتى، - بۈگۈنكى سورۇنىمىزنىڭ مەقسىتى كۆڭۈل ئېچىش، ھاردۇق چىقىرىش ! نەچچە كۈندىن بېرى ئېشەكتەك ئىشلىدۇق، ئەمدى شاھلاردەك ياشايمىز. سورۇننىڭ چىقىمى مەندىن، يارىشىقى سىلىدىن، بۈگۈن ھەر قانداق تەلەپلەر شەرتسىز ئورۇندىلىدۇ، قېنى خوش!
ھەممەيلەن غوپۇركامغا جۆر بولدۇق.
- بىر مەسلىھەت بار ئىدى، كاللام ئوڭ چاغدا دەۋالاي، - غوپۇركام يالقۇن بىلەن ئىككىمىزگە ئالاھىدە كۆز تاشلاپ قويۇپ سۆزىنى ئۇلىدى، - “ھايۋان تۈرى بىلەن ئادەم خىلى بىلەن ياشايدۇ”، دەيدىغان گەپ بار. مەن يېقىندىن بېرى جەمئىيەتنىڭ كىشىلىك مۇناسىۋەت قاتلىمىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىپ كېلىۋاتىمەن، ھاسىلاتىم شۇكى، ماددىي جەھەتتىكى تەرەققىيات زور، ئۆزگىرىش چوڭ، لېكىن مەنىۋى جەھەتتە چېكىنىشمۇ ئاز ئەمەس. ھازىر ئادەملەر ئىلگىرىكى ئىدارە - جەمئىيەتنى ئاساس قىلىپ كۆڭۈل خاھىشى بويىچە ياشاشتىن تۇغقانلىرىنى ئاساس قىلىپ بېكىنمە ھالەتتە ياشاشقا قاراپ كېتىۋاتىدۇ. ئويلاپ بېقىڭلار، ئىلگىرى ھېيتلىرىمىز قانداق ئۆتەتتى؟ داستىخىنىمىز بەك مول بولمىسىمۇ، مېھمىنىمىز كۆپ ئىدى، ئۈچ كۈنلۈك ھېيتتا كەم دېگەندە 03 ئائىلىلىك مېھمان كۈتەتتۇق. ھازىرچۇ؟ ھېيت ۋاقتى ئۇزاق، گۆش - پۆشتىن قىسىلچىلىقىمىز يوق، لېكىن بىزدەك باشقا يۇرتتىن كېلىپ خىزمەت قىلىۋاتقانلارنىڭ كۈتەي دېسەك مېھمىنىمىز يوق! باشقىلارنى ھېيتلايلى دېسەك، ئىشىكلەر تاقاق ياكى ئۆيدە لىق مېھمان، ھەممەيلەن توپ - توپ بولۇشۇپ تۇغقانلىرىنىڭ ئۆيلىرىگە چېپىشىۋاتقان. بۇ يىل قۇربان ھېيتتا بۆلۈمدىكىلەر تۈگۈل بىر كورپۇستىكىلەرمۇ ھېيتلىشالمىدۇق. بۇنىڭدىن كۆڭلۈم بەك يېرىم، ھەي... نېمە دېمەكچى بولۇۋاتقىنىمنى ھېس قىلىپ بولدۇڭلار، تەلىپىم شۇكى، ئەگەر خالىساڭلا مۇشۇ سورۇندا ئولتۇرغانلار ئايدا بىر يىغىلىپ گۇڭ - مۇڭ قىلىشساق.
- شۇنداق قىلايلى زادى.
- مەن قوللايمەن.
مەن ئىپارگۈلگە يەر تېگىدىن قارىدىم، ئۇمۇ ماڭا قاراپ تۇرغانىكەن، كۆزلىرىمىز ئۇچرىشىپ قالدى. مەن باش لىڭشىتىپ غوپۇركامنىڭ تەكلىپىگە ئەگىشىش ئىرادەمنى بىلدۈرۈپ قويدۇم.
- ئادەم ئادەمنىڭ كىرىنى ئالىدۇ، دەيدىغان گەپ بار، - ئويلىمىغان يەردىن ئىپارگۈل سۆز قېتىپ قال−دى، - بۇ يەردە ئولتۇرغانلارنىڭ ك−ۆپ قىسمى ك−ەسىپداش، ك−ەسىپداش بولمىغانلارمۇ ق−ەلبداش، - ئىپارگۈل ئۆزىچە قىزىرىپ كەتتى، - مىجەزىمىز كېلىشىدۇ، غوپۇركام ئوبدان تەكلىپ بەردى، مەن ئۇنى %001 لىك ئاۋاز بىلەن قوللايمەن!
ھە - ھۇ بىلەن غوپۇركامنىڭ تەكلىپى قارار تاپتى.
- ئەمىسە يېڭى ھەمكارلىقىمىز، يېڭى مەنزىلىمىز ئۈچۈن خوشە!
غوپۇركام قولىغا رومكىنى ئالدى، ھەممەيلەن ئورنىمىزدىن تۇردۇق.
سورۇن يۇقىرى كەيپىياتتا باشلانغانىدى، شۇڭا كەيپىيات بىردەمدىلا بىراقلا كۆتۈرۈلۈپ كەتتى.
مۇزىكا باشلاندى، ئىپارگۈلنىڭ كۆزى مەندە ئىدى، مەن تارتىنىشنى بىر ياققا قايرىپ قويۇپ ئۇنى تانسىغا تارتتىم.
- تۇغۇلغان كۈنىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن!
قول تۇتۇشىشىمىزغا ئىپارگۈلنىڭ يېنىك نەپىسى قۇلىقىمغا ئۇرۇلدى.
- رەھمەت، مېنى بەك خۇش قىلىۋەتتىڭىز.
ئىپارگۈل جاۋابەن تەبەسسۇم قىلدى.
- سىزنى خۇش قىلالىغان بولسام، مەنمۇ خۇش.
ئۇنىڭ قولى چوغدەك ئىسسىق ئىدى، بەدىنىدىن ئىپار ھىدى كېلەتتى. مەن بىر خىل مەستخۇشلۇق ئىلكىدە مۇزىكا رىتىمىگە ماس ھالدا تېز - تېز پىرقىراشقا باشلىدىم.
غوپۇركامنىڭ قىزىق چاقچاقلىرى بىلەن بېلىق كۆزى قىلىپ قۇيۇلغان رومكىلىرى ئۈزۈلمەيتتى. قانچىلىك ۋاقىت ئۆتتىكىن بىلمىدىم، بىر چاغدا بېشىم قېيىپ، پۇتۇم كالۋالىشىشقا باشلىدى. مەن ئورنۇمغا كېلىپ ئولتۇرۇۋالدىم. بۇ چاغدا غوپۇركام بىلەن يالقۇن قىزىپ قالغانىدى، باشقا ئەرلەرمۇ كۆڭۈل خاھىشى بويىچە تانسىغا چۈشۈۋالغانىدى، مەن ئىپارگۈلگە قارىدىم، ئىپارگۈل سورۇنغا بىر قۇر كۆز يۈگۈرۈتۈپ چىققاندىن كېيىن، مېۋە شەربىتى قۇيۇلغان ئىستاكاننى ئېلىپ يېنىمدىكى ئورۇندۇققا كېلىپ ئورۇنلاشتى.
- قانداقراق؟
- ياخشىغۇ؟
مەن ئىپارگۈلگە يۈزلىنىپ ئۇنىڭ قىزىلگۈلدەك ئېچىلىپ كەتكەن سۈزۈك چىرايىغا تويماي باقتىم.
- مېۋە شەربىتىنى ئىچىۋېلىڭ، ھاراقنى كېسىدۇ.
- كېسىپ قانداق قىلىمەن، ئاران كەيپ بولغان تۇرسام.
مەن مېۋە شەربىتىگە قول ئۇزاتتىم.
- راستتىنلا يېشىلگىڭىز يوقمۇ؟
- يوق، - مەن ئىپارگۈلگە مۇھەببەتلىك نەزەردە قارىدىم، - كەيپتىن بىرلا يېشىلسەم ھەممە ئەسلىگە قايتىدۇ.
ئىپارگۈلنىڭ كۈلگۈن چىرايىدا غەم بۇلۇتلىرى پەيدا بولۇشقا باشلىدى.
- سىز شۇنداق ئويلامسىز؟
مەن باش لىڭشىتتىم. ئىپارگۈل جىم بولۇپ قالدى.
- سىز ئۆتكەندە “بەزى ئىشلارنى كېيىن دەپ بېرىمەن” دېگەن ئىدىڭىز، لېكىن تا ھازىرغىچە زۇۋان سۈرمىدىڭىز.
ئىپارگۈل ماڭا ئۇزاق قاراپ چىقتى.
- سىز سورىمىغان تۇرسىڭىز.
ئەمدى مەن جىم بولۇپ قالدىم.
- قەلب جاراھىتىڭىز بولۇپ قالسا تاتىلىماي دېدىم.
- ئوبدان قىلدىڭىز.
- لېكىن ھازىر تۇرۇپلا تاتىلاپ باققۇم كېلىپ قالدى.
ئىپارگۈل بىردەم ئۈنسىز تۇرغاندىن كېيىن ماڭا يۈزلەندى.
- گېپىڭىزنىڭ قايسىسى راست؟
- ھەر ئىككىلىسى!
- گەپدانلىقىنى.
بىرەر سائەتلىك قەلب چۈشەندۈرۈشلەردىن كېيىن سورۇن ئاخىرلاشتى. ھەممەيلەن چاپان - سەرپايىلىرىمىزنى كىيىشىپ سىرتقا چىقىشتۇق.
- يالقۇنمۇ جىق ئىچىۋالدى، مەن سىزنى ئاپىرىپ قويىمەن!
بۇ ئىپارگۈلنىڭ ئاۋازى ئىدى. قۇلىقىمغا ئىشەنمەي ئەتراپقا قاراپ قويدۇم.
- سىز مېنى ئەمەس، مەن سىزنى ئاپىرىپ قويىمەن!
ئىپارگۈل جىم بولۇپ قالدى.
كەيپلىكتە كىم بىلەن كىمنىڭ كارى. مەن ئەپلىك پۇرسەتتە ئىپارگۈل بىلەن كۆز بېقىشىۋالغاندىن كېيىن رېستوران ئالدىدىكى تارچۇقتا بىر - بىرى بىلەن توختاۋسىز خوشلىشىۋاتقان ئالامانلار توپىدىن غىپپىدە چىقىپ كەتتىم.
رېستوراننىڭ سول تەرىپىدىكى ئوق يول ئىپارگۈلنىڭ ئۆتەر يولى ئىدى، يولنىڭ ئىككى تەرىپى سۆگەتزارلىق بولۇپ، سۇس چىراغ يورۇقىدا قارىيىپ كۆرۈنەتتى. مەن چوڭ بىر تۈپ سۆگەتنىڭ يېنىغا كېلىپ ئوبدان جايلىشىۋالغاندىن كېيىن تاماكامغا ئوت ياقتىم.
ھاۋا ئوبدانلا سوۋۇغانىدى، ئاندا - ساندا ئۆتۈپ قالىدىغان كىچىك ماشىنىلارنىڭ يورۇقىدا شامالدا ئۇچۇشۇپ يۈرگەن غازاڭلارنى ئېنىق كۆرگىلى بولاتتى. مەن خۇددى كېچىسى ئۇيقۇسى بۇزۇلغان ئوغرى مۈشۈكتەك ئەتراپقا نەزەر تاشلىغىنىمچە ئىپارگۈلنىڭ كېلىشىنى كۈتەتتىم. قېرىشقاندەك ئىپارگۈلدىن ھېچ شەپە يوق... ۋاقىت ئۇزارغانسېرى سەل ئەسلىمگە كېلىپ ئەتراپقا ئەمەس، ئۆزۈمگە نەزەر سېلىشقا باشلىدىم: مەن نېمە بولدۇم؟ خوتۇن - بالىسى بار ئادەم تۇرۇپ كوچىدا تىمىسقىلاپ يۈرگۈنۈم نېمىسى؟ ۋاقىت بىر يەرگە بېرىپ قالغاندا ئۆزۈم يالغۇز كەچ كۈز شامىلىغا تالىنىپ كىمگە ساقلايمەن ۋە نېمىگە ئېرىشىمەن؟
دەل شۇ چاغدا تېلېفونۇم سايراپ قالدى. مەن تېلېفون ئېكرانىغا ئالدىراش كۆز يۈگۈرۈتتۈم. تېلېفون ئىپارگۈلدىن كەلگەنىدى.
- ۋەي
- مەن ئىپارگۈل.
- سىز نەدە؟
- مەن ئۆيگە كېلىپ بولدۇم.
مەن تۇرۇپلا قالدىم.
- غوپۇركامدىن ئاجرىيالمىدىم. ئۇ بەك سەزگۈر ئادەم، مەمەتجانغا كۆڭلىنى يېقىن تۇتىدۇ، ئىككىمىزنىڭ پارىڭىدىن بىرەر شەپىنى سېزىپ قالغان چېغى، كۆزۈمگە كىرىشىپلا قالدى.
- بىلدىم.
- سىز نەدە؟
- مەن...
مەن ئەتراپقا كۆز يۈگۈرۈتتۈم. نېمىمۇ دېيەلەيمەن؟ رېستوراننىڭ يېنىدىكى سۈگەتلىكتە سىزگە ساقلاۋاتىمەن، دېگىلى بولاتتىمۇ؟
- مېنى كەچۈرۈڭ.
- ھېچقىسى يوق.
- بەزى ئىشلاردىن خەۋەردار بولۇش تەلىپىڭىزنى ئەتە كەچكىچە ئورۇنداشقا تىرىشىمەن.
- ھاجىتى بارمۇ؟
- ئەلۋەتتە بار.
مەن جىم بولۇپ قالدىم.
- ئۆيىڭىزگە كېتەلەمسىز؟ كېتەلمىگىدەك بولسىڭىز تاكسىدا يېنىڭىزغا باراي.
- كېتەلەيمەن، بۇ قېتىم پولۇ، مۇناقا يېمەيمۇ يېشىلىپ كەتتىم.
- مەندىن رەنجىپسىز - ھە؟
- ياق، رەنجىمىدىم.
- راست گەپ قىلمىدىڭىز.
مەن ئۈندىمىدىم.
- ئەمىسە خوش، ئۆيىڭىزنىڭ ئالدىغا بېرىپلا ماڭا تېلېفون قىلىۋېتىڭ، بولمىسا ئەنسىرەپ قالىمەن!
مەن تېلېفوننى ئۈزۈۋەتتىم. غورۇرۇم دەپسەندە قىلىنغاندەك ھېسسىياتتا ئۆز گۆشۈمنى ئۆزۈم يېگۈدەك ئەلپازدا ئەتراپقا كۆز يۈگۈرۈتتۈم. ئەتراپ جىمجىت، شامال سەل ئەدىگەن، يوپۇرماقلىرى يالىڭاچلىنىشقا باشلىغان
سۆگەت شاخلىرى مېنى مەسخىرە قىلىۋاتقاندەك ھەر تەرەپكە ئىرغاڭلايدۇ. كاللام قۇپقۇرۇق، بايىقى خۇشلۇقتىن ئەسەرمۇ يوق...
مەن بىنا ئالدىدىكى گۈللۈكنى ئون مىنۇتتەك مەقسەتسىز ئايلانغاندىن كېيىن ماغدۇرسىز پۇتلىرىمنى تەستە يۆتكىگىنىمچە ئۆيگە كىرىپ كەلدىم. تېلېۋىزور ئوچۇق، ئايالىم سافادىلا ئۇخلاپ قاپتۇ. مەن ئۇنىڭغا بىردەم ئۈنسىز قاراپ تۇرغاندىن كېيىن ھاشا چىۋىنىدەك تىنىمسىز گىژىلداۋاتقان تېلېۋىزورنى ئۆچۈرۈۋېتىپ، ياندىكى بوش ئورۇنغا كېلىپ ئولتۇردۇم.
ئۈچ كىشىلىك سافادا پالۋان سۈپەت ياتقان ئايالىم كۆزۈمگە ناتونۇش ئادەمدەك كۆرۈنۈپ كەتتى. توي - تۆكۈن، قاتار چايلاردىكى قارارسىز يەپ - ئىچىشلەر ئۇنى ئوبدانلا سەمرىتىپ قويغان بولۇپ، بۇرۇنقى زىلۋالىقىدىن، ئەۋرىشىملىكىدىن ئەسەرمۇ قالمىغانىدى. ۋاي خۇدايىم، نېمە كارامەت بۇ؟ مەن ئۇيقۇچىلىقتا يۇمۇلۇپ كېتىۋاتقان ھارغىن كۆزلىرىمنى يوغان ئېچىپ بوش خورەك تارتقىنىچە غېمىدە يوق ئۇخلاۋاتقان ئايالىمغا تەپسىلىي قاراپ چىقتىم: ئۇستىخىنى توغرىسىغا ئەت تارتقاچقا، پۇت - قولى كۆرۈنەرلىك قىسقىراپ، گۆش توخۇسىغىلا ئوخشاپ قالغان، قىزىلگۈلدەك ئېچىلىپ تۇرىدىغان يۇمران مەڭزى بولدۇرۇلغان خېمىردەك بۇرتۇپ چىققان، كۆز ئورنى كۆرۈنەرلىك كىچىكلەپ، تىنىمسىز كۆپۈۋاتقان “خېمىر”غا ئورۇن بوشاتقان، بوينى پۈرۈم - پۈرۈم، تىلەپ سالغاندەك كۆرۈنىدىغان ئالتۇن بىلەزۈكى بۆلۈنۈپ كەتكەن بېلەك گۆشلىرى ئارىسىدا تىن ئالالماي قىينىلىپ كەتكەن... ئايالىمنىڭ گالدۇڭلىشىپ قېلىشى ئاساسسىز ئەمەسكەندە؟ ئېغىر ئۇھ تارتقىنىمچە سافا گىرۋىكىگە باش قويدۇم.
ئەتىسى بىر كۈن خامۇش يۈردۈم. بۇ كۈنى ئىپارگۈلدىن ھېچقانداق ئۇچۇر كەلمىدى. بۇ خېنىم بىلەن بولغان ئىشىمغىمۇ چېكىت قويۇلغان ئوخشايدۇ، دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە. لېكىن بىر يەرلىرىم بۇ قارارىمغا تازا قايىل ئەمەس، قولۇم پات - پات تېلېفوننى تۇتۇپ قويىدۇ، تاماخور كۆزلىرىم تېلېفون كۆزنىكىگە پات - پات قاراپ قويىدۇ... ئىككىنچى كۈنى ئەتىگەندە، ئىشقا كېلىپ ئۈستىلىمنى تۈزەشتۈرۈپ تۇرۇشۇمغا تېلېفوندىن ئۇچۇر سىگنالى كەلدى.
- ئىپارگۈل!
بۇ ئاۋازنىڭ ئېغىزىمدىن قانداق چىقىپ كەتكەنلىكىنى ئۆزۈممۇ ھېس قىلالماي قالدىم.
دەرۋەقە ئۇچۇر ئىپارگۈلدىن كەلگەنىدى. مەن ئالدىراش كۆزنەككە كۆز يۈگۈرۈتتۈم.
- تېچلىقمۇ؟ QQغا ئۇچۇر قالدۇردۇم، ئىشىكنى تاقاپ ئولتۇرۇپ كۆرۈڭ ۋە كۆرۈپ بولۇپلا ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىۋېتىڭ!
مەن ئالدىراش كومپيۇتېرنى قوزغاتتىم. ئىپارگۈلنىڭ ئۇچۇرى ھۆججەت شەكلىدە يوللانغانىدى. مەن ھۆججەتنى چۈشۈرۈپ كۆزنەكتە ساقلىۋالغاندىن كېيىن ئىشىككە قاراپ قويدۇم. ئۇچۇرنىڭ سىغىمى چوڭ بولۇپ، بىر نەچچە بەت ئەتراپىدا ئىكەنلىكىدە گەپ يوق ئىدى. مەن بىردەم ئۈنسىز ئولتۇرغاندىن كېيىن ئىشىكنى تاقاپ قويۇپ ھۆججەتنى ئاچتىم. دەرۋەقە ئۇ ئۇزۇن بىر خەت ئىدى. مەن ئالدىراش كۆز يۈگۈرۈتۈشكە باشلىدىم:
قەدىرلىك ئەزىمەت، بۇ خەتنى بەكمۇ ئوسال ئەھۋالدا يېزىۋاتىمەن. نېمىشقا دەمسىز؟ سىزگىمۇ ئايان، ھەر ئىككىمىز ئائىلىسى، بالىلىرى بار ئادەملەر. بۇنداق ئەھۋالدا سىزگە بۇ خەتنى يېزىشىم، ئىنساندارچىلىققىمۇ، ئادىمىيلىك ئەخلاقىغىمۇ ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. كېسىپ ئېيتقاندا تىپىك ئەخلاقسىزلىق بولۇپ، ئۇنى جەمئىيەتمۇ، ياراتقان ئاللا ئىگەممۇ كەچۈرمەيدۇ. شۇنداقتىمۇ بۇ خەتنى يازماسلىققا ئامالىم يوق! بىز ئىنسانلار ئاجىز كېلىدىكەنمىز، ئوتى بار يەرنىڭ سۈيى يوق، سۈيى بار يەرنىڭ ئوتى يوق، دېگەندەك بىزدىكى داۋاسىز ھاجەتلەر بىزنى بەزىدە ئۇدۇم - قائىدىلەرگە خىلاپلىق قىلىشقا، شۇ ئارقىلىق كەمتۈك يەرلىرىمىزگە ياماق سېلىپ، ئەل قاتارى ياشاشقا مەجبۇر قىلىدىكەن. قاراڭ، مېنىڭ چىرايىم، بىر ئوبدان خىزمىتىم، ئۆيۈم، ئۇماق بالام، سىز ھەۋەس قىلغان خۇلق - مىجەزىم بار، لېكىن ئەردىن تەلىيىم يوق. ھەممە نەرسەم تۇرۇپ، ھېچنېمەم يوقتەك تەنھالىق، بىچارىلىك ئىچىدە ياشايمەن، سىزمۇ شۇنداق. كېلىشكەن بوي - بەستىڭىز، خوتۇن - بالىلىرىڭىز، خىزمىتىڭىز، ھەممە ئادەم ھەۋەس قىلىدىغان ئەمىلىڭىز، ساپ، سەمىمىي قەلبىڭىز بار. لېكىن سىزمۇ مەنىۋى جەھەتتىن نامرات، قەلبىڭىز دېڭىزدىكى تەنھا ئارالدەك قاغجىراق! ئايالىڭىز بىلەن كۈندە بىر ئۆيدە ياشايسىز، لېكىن ئۆي تۇتۇش ئۈچۈنلا ئۆي تۇتقاندەك كۆڭلىڭىزدە ئارزۇ قىلغان نەرسىلەرگە ئېرىشەلمەيسىز...
43 يىللىق ھاياتىمدىن شۇنداق خۇلاسىگە كەلدىم: جاھاننىڭ ئىشلىرى بەكمۇ غەلىتە ئىكەن، ئىشلار سېنىڭ ئويلىغىنىڭدەك بولمايدىكەن، تەقدىر - پېشانە سېنىڭ رايىڭغا باقمايدىكەن. خۇددى بىر قولدىن چاۋاك چىقمىغاندەك، بەزىدە سەن ھەر قانچە تىرىشچانلىق كۆرسەتكىنىڭ بىلەن، بۇ تىرىشچانلىقلىرىڭ، ئەقىدە - ئىخلاسىڭ، سەن دىلخالاپ تاللىغان، سەن پۈتۈن ۋۇجۇدۇڭ بىلەن كۆڭۈل بەرگەن ئاللىكىملەرنىڭ مىجەزىگە، كۆڭلىگە ياقمىسا، تېگىشلىك ئېتىبارىغا ئېرىشەلمىسە، ھەممىسى ئەكسىچە نەتىجە بېرىدىكەن. ئويلىمىغان يەردىن ئەقىدە - ئىخلاسلىرىڭ بىر ئۈزۈلۈپلا مالامەت تاشلىرىغا ئايلىنىپ بېشىڭغا شۇ دەرىجىدە يېغىشقا باشلايدىكەنكى، سەن ئۆزۈڭنى دالدىغا ئېلىشقىمۇ ئۈلگۈرەلمەي ساپ ئەقىدەڭنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ، قۇيرۇقىڭنى قىسىپ جىمجىت ياشاشقا مەجبۇر بولىدىكەنسەن، مەن شۇنداق بولدۇم.
سىز مېنى بىلىسىز، لېكىن تازا چۈشىنىپ كەتمەيسىز. غوپۇركام دېگەندەك مەنمۇ ياقا - يۇرتلۇق. مۇھەببەتنى، ساپ ئەقىدەمنى دەپ ئاتا - ئانامنى قان يىغلىتىپ تۇرۇپ بۇ يۇرتقا كەلگەن “بېشى قاتتىق قىز”، مەن ئەسلىي كۇچادىن بولۇپ، ئاتا - ئانامنىڭ بىردىنبىر يۈرەك پارىسى ئىدىم. دادام ئوقۇتقۇچى، ئانام ماشىنىچى بولۇپ، بىر ئائىلىلىك ئۈچ كىشى ھۆرمەت - ئىتائەتتە خۇشال ياشايتتۇق. مەن تېببىي مەكتەپنىڭ 3 - يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان مەزگىلىمدە ئويلىمىغان يەردىن مەمەتجان ئىسىملىك بىر يىگىتكە كۆڭۈل بېرىپ قالدىم. ھەممە دىشۋارچىلىق شۇنىڭدىن باشلاندى دېسەممۇ بولىدۇ. يىگىت كېلىشكەن، ئەقىللىق بولۇپ، ئۇزاق ئۆتمەي مېنى ئۆزىگە رام قىلىۋالدى. ئادەتتە قىزلار تۇنجى مۇھەببىتىگە بەك ئەقىدە قىلىدۇ. ئۇ مېنىڭ تۇنجى مۇھەببىتىم ئىدى، شۇڭا ئۇنىڭغا پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن باغلىنىپ قالدىم. ئۇزاق ئۆتمەي بىز ئوقۇش پۈتكۈزدۇق. بۇ ھەر ئىككىمىزگە نىسبەتەن بىر سىناق ئىدى. ئىككىلەندىم، كۆپ ئويلاندىم. بىر تەرەپكە قارىسام مېنى بېقىپ چوڭ قىلغان ئاتا - ئانام، يەنە بىر تەرەپكە قارىسام سۆيگەن يارىم، ماڭا ھەر ئىككىلىسى كېرەك. لېكىن ھازىرقى ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە بىرىنىلا تاللىشىم لازىم! شۇنداق كۈنلەردە غوپۇركام بىر توپ ئادەمنى ئەگەشتۈرۈپ مەكتىپىمىزگە كېلىپ قالدى. ئۇلار دوختۇر - سېسترا ئېلىشقا كەلگەنىكەن، مەمەتجان ئۇلارنى ئىزدەپتۇ. غوپۇركام بىلەن كۆرۈشتۈم، غوپۇركام شۇ چاغدىمۇ ھازىرقىدەك شوخ، گەپچى ئادەم ئىكەن، ئون مىنۇتتەك پاراڭلاشقاندىن كېيىن ماڭا سالجىدەك چاپلىشىپلا ئالدى. ئەھۋالنى دادامغا ئېيتتىم. دادام ئىككىلىنىپ قالدى. شۇ كۈنلەردە يۇرتىمىزنىڭ تەقسىمات ئەھۋالى تازا كۆڭۈلدىكىدەك ئەمەس ئىدى، ئىش كۈتۈپ تۇرۇپ كەتكەن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ سانىنى ئېلىپ بولغىلى بولمايتتى. دادام ئوقۇتقۇچى بولغاچقا، ئامالسىز رېئاللىقنى قوبۇل كۆرگەنمۇ بولدى. لېكىن ئانام بىچارىگە ھەر قانچە قىلىپمۇ گەپ يېگۈزگىلى بولمىدى. ئەڭ ئاخىرىدا ئۇ “ئىپارگۈل يۇرتقا كېلىپ بىزنى كۆمۈۋېتىپ نەگە بارسا بارسۇن” دەپ گەپ چىقارتىپتۇ. بۇ گەپنى ئاڭلاپ نېمە دېيىشىمنى، نېمە قىلىشىمنى بىلەلمەي گاڭگىراپلا قالدىم. يۇرتقا بارسام، ئاتا - ئانامنىڭ يېنىدا تۇرىمەن، لېكىن خىزمەت يوق، خىزمەتلا ئەمەس مەمەتجانمۇ يوق! تۇنجى مۇھەببىتىمگە شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە چېكىت قويىمەن... بېشىمنىڭ ئىچىمۇ، تېشىمۇ قاتتى. ئاخىر بولالماي دادامنىڭ G شەھىرىگە ياتلىق قىلىنغان )ئۇ ھازىر كانادادا( سىڭلىسىغا تېلېفون قىلدىم. ئۇ تاشقى سودا شىركىتىدە ئىشلەيتتى. ئۇ نەزەر دائىرىسى كەڭ، سۆزمەن ئايال بولۇپ، جەمەتىمىزدىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلايتتى. ئەگەر مەن G شەھىرىگە كەلسەم، ئۇنىڭغا قانات چىقاتتى، بىر شەھەردە بولغاچقا، بەك تۇغقانسىراپمۇ كەتمەيتتىم. ھامماچام گېپىمنى ئاڭلاپ شۇنداق خۇش بولدىكى، شۇ كۈننىڭ ئۆزىدە يۇرتقا بېرىپ ھەممەيلەننى قايىل قىلىپ يېنىپ كەپتۇ. ئۇھ دېدىم، لېكىن بىر يەرلىرىم يۇرتقا، ئاتا - ئانامغا تارتىشىپلا تۇرىدۇ. مەندە نېمە ئامال؟ كونىلار قىز بالا دېگەن تالانىڭ ئادىمى دەپ بىكار ئېيتمىغانىكەن، يىراق بولسىمۇ، يېقىن بولسىمۇ بەرىبىر ئۆيدىن چىقىپ، باشقا بىرسىنىڭ خىزمىتىنى قىلىدىغان گەپ ئىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن كەسپىمنى بەك ياخشى كۆرىمەن، ھازىر مېنى خىزمەتكە قوبۇل قىلماقچى بولغىنى ۋىلايەت دەرىجىلىك چوڭ دوختۇرخانا، يۇرتقا بارسام يېزىلىق شىپاخانىدا ياللىنىپ ئىشلەيدىغان خىزمەتنىمۇ تاپالىشىم ناتايىن. سېسترالىق دېگەن ئەمەلىي كەسىپ، بىر - ئىككى يىل تاشلاپ قويسا، ھەممىنى ئۇنتۇيدىغان، ھەممىنى يەپ تۈگىتىدىغان گەپ. 9 - ئايدا مەن ھازىر ئىشلەۋاتقان دوختۇرخانىغا، مەمەتجان سەھىيە ئىدارىسىگە ئىشقا چۈشتۇق. مەمەتجاننىڭ ئاتا - ئانىسىمۇ ئوبدان ئادەملەر ئىكەن، ئۇلار بىلەن تېزلا ئېچەكىشىپ كەتتىم. تويغىچە ھامماچامنىڭ ئۆيىدە تۇردۇم، ھامماچامنىڭ ئىشى كۆپ ئىدى، كۆپ ھاللاردا كاماندىروپكىدا يۈرەتتى، ئېرى سودىگەر بولغاچقا، ئۇنىڭمۇ ئۆيدە بولىدىغان چاغلىرى بەك كۆپ بولمايتتى. مېنىڭ ئۆز ئايىغىم بىلەن بۇ ئائىلىگە كىرىشىم ئۇلارنى قەۋەتلا خۇشال قىلىۋەتتى. مەن ئۆيدە بولسام، ئىككى بالىنىڭ تامىقى، يېتىپ - قوپۇشىدىن ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى قالمايتتى. بىز خىزمەتكە چىقىپ بىر يېرىم يىلدىن كېيىن توي قىلدۇق. تۇرمۇشىمىز خاتىرجەملىك ئىچىدە مەنىلىك ئۆتمەكتە ئىدى. كۆزنى يۇمۇپ - ئاچقۇچە ئارىدىن بىر يىل ئۆتتى، قورسىقىمدىن ھېچ سادا يوق، ئەنە - مانا بىلەن يەنە بىر يىلمۇ ئۆتتى، يەنە ئوخشاش. مەن سەل جىددىيلىشىشكە باشلىدىم. تەڭتۈشلىرىم بىردىن بالىنى قاتارغا قوشۇپ ئىككىنچىسىگە مەسلىھەت قىلىشقا باشلىدى. “كونىلارنىڭ بالىلىق ئۆي بازار، بالىسىز ئۆي مازار” دېگىنى راست ئىكەن، ئىككىم−ىزنىڭ مۇناسىۋىتى بۇرۇنقىدەكلا ياخشى بولغىنى بىلەن يەنىلا بىر يەرلىرىمىز كەمدەك ھېس قىلاتتۇق، ئەڭ مۇھىمى نەۋرە تەشنالىقىدا چوڭلارنىڭ كۆزى تۆت بولۇپ كەتكەنىدى. گەرچە قېيىنئانام بىلەن قېيىنئاتام چىش يېرىپ بىر نەرسە دېمىگەن بولسىمۇ، ھەر قېتىم ئۇلار بىلەن كۆرۈشكىنىمدە ئۆزۈمنى گۇناھكاردەك ھېس قىلاتتىم. كۆپ داۋالاندىم، مەمەتجانمۇ داۋالاندى. كۆز كۆرگەن، قۇلاق ئاڭلىغاننىڭ ھەممىسىنى قىلدىم. ئاھىم ئاللانى تەسىرلەندۈرگەن چېغى ئاخىر ئالدىنقى يىلى قورساق كۆتۈرۈپ پاقلاندەك بىر ئوغۇل تۇغدۇم. خۇشلۇقۇمغا ھېچنېمە تەڭ كەلمەيتتى، مەمەتجاننىڭمۇ ئاغزى قۇلىقىغا يەتكەنىدى. تۇغۇت خەۋىرىمنى ئاڭلاپ، دادام بىلەن ئانام يېتىپ كەلدى. بۇ چاغدا ھامماچامنىڭ كانادادا ئولتۇراقلىشىپ قالغىنىغا ئىككى يىل بولۇپ قالغانىدى، كېتەر چېغىدا ئۆيىنى ماڭا قالدۇرۇپ قويغانىدى، دادام بىلەن ئانام شۇ ئۆيدە تۇغۇتۇمنى باقتى...
ھەش - پەش دېگۈچە قىرقىم توشتى، مەمەتجاننىڭ مېنى ئېلىپ كېتىدىغان ۋاقتىمۇ بولۇپ قالغانىدى، لېكىن ئۇنىڭدىن ھېچ ئىنجا يوق، بىر قىسما بولۇپ قالدىم. رۇخسەت ۋاقتىمغىمۇ ئاز قالغانىدى. دادام بىلەن ئاناممۇ يۇرتقا قايتىشقا ئالدىراۋاتاتتى، ئۇلار ھەر قېتىم يېڭى بىر كۈنگە تاڭ ئاتقاندا كۆزۈمگە قاراپ قوياتتى. 50 - كۈنى كەچتە ئۆز گۆشۈمنى ئۆزۈم يېگۈدەك بولۇپ ئولتۇرسام، تېلېفونۇمغا تۇيۇقسىز ئۇچۇر كېلىپ قالدى. مەمەتجاندىن كەلدى ھەقاچان دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە. دەرھال كۆزنەككە كۆز يۈگۈرۈتتۈم، نەدىكىنى، ئۇچۇر مەمەتجاندىن ئەمەس، ناتونۇش بىر تېلېفوندىن كەلگەنىدى. مەن ئەخلەت ئۇچۇرلاردىن بولسا كېرەك دېگەنلەرنى كاللامغا كەلتۈرۈپ، ئۇچۇرغا خۇشياقمىغاندەك بىر قۇر كۆز يۈگۈرۈتۈپ چىقتىم:
ئىپارخان، بالا تۇغدۇم دەپ كۆرەڭلەپ ياتماي، ئۆيلىرىگە بىر بېرىپ كەلسىلە. سىلى بالىنىڭ پوق - سۈيدۈكىگە مىلىنىپ ياتقانلىرى بىلەن ۋاپاسىز ئەرلىرى باشقا بىرىنىڭ قۇچىقىدا جاھان ھۇزۇرىنى سۈرۈۋاتىدۇ. مۇشۇنداق ئاڭقاۋلارچە يۈرۈۋەرسىلە، ئۆيلىرىگە ئىككىنچىلەپ قايتىپ كېلەلمەيلا. بىر ئاق كۆڭۈل كىشىدىن.
ئۇچۇرنى كۆرۈپ بېشىمدىن بىر قاپاق مۇز سۈيى قۇيۇلغاندەك ئەندىكىپ كەتتىم. بۇ قانداق بولغىنى ئەمدى؟ مەن ئۇچۇر كەلگەن نومۇرغا تېلېفون قىلدىم. تېلېفون ئېتىك ! تىلىم تۇتۇلۇپلا قالدى. شۇ ھامان مەمەتجانغا تېلېفون قىلدىم، ئۇنىڭ تېلېفونىمۇ ئېتىك. بىر مۇدھىش قول گېلىمنى بوغۇۋالغاندەك نەپەس ئالالماي بوغۇلۇپلا قالدىم، كۆز ئالدىم قاراڭغۇلاشتى. ئەسلىي ئىش مۇنداقكەندە!
مەن چاپىنىمنى يېپىنچاقلىغىنىمچە ئۆيدىن ئوقتەك چىقىپ كەتتىم. بۇنداق بولۇشى مۇمكىنمۇ؟ مەن كۆيگەن، مەن سۆيگەن، ئەقىدە - ئىخلاس قىلغان ئادەم شۇنداق پەس ئىشلارنىمۇ قىلارمۇ؟ ياق! بۇنداق بولۇشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس! مۇمكىن بولمىسا، قورسىقىدا بىر جىن بولمىسا، مەمەتجان نېمىشقا ۋاقتىدا يارىشىقىنى قىلىپ ئۆيگە ئېلىپ كەتمەيدۇ؟ چوقۇم بىرگەپ بار! مەن ئون مىنۇتقا قالماي دوختۇرخانىدىكى ئۆيگە يېتىپ كەلدىم. دوختۇرخانا قورۇسى جىمجىت ئىدى. ئاۋۋال غايەت زور تاغدەك قارىيىپ كۆرۈنىدىغان بىناغا، ئارقىدىن 2 - قەۋەتتىكى ئۆيىمىزگە نەزەر ئاغدۇردۇم. چىراغلار ئۆچۈرۈلگەن، ھەممە ئۇيقۇغا كەتكەن. مەن كارىدورغا كىردىم. ئىشىك تۈۋىگە كېلىپ ئۆي ئىچىگە زەڭ سالدىم. ئۆي ئىچى جىمجىت. ئىككىلىنىپ بىردەم تۇردۇم، ئارقامغا ياندىم، يەنە چىقتىم. ئاخىر پەم بىلەن ئىشىككە ئاچقۇچ سالدىم. تونۇش ئىشىك تىس قىلغان ئاۋاز بىلەن يېنىك ئېچىلدى. پۇتۇمنىڭ ئۇچىدا دەسسەپ ئۆيگە كىردىم. ئۆي ئىچى جىمجىت، خىرە ئاي يورۇقىدا ئۆي ئىچىگە بىر قۇر نەزەرىمنى ئاغدۇردۇم. ھەممە نەرسە جايىدا، لېكىن پۇراق سەل ئۆزگىچە. مەن ئاۋاز چىقارماي ئىلگىرىلىدىم، ياتاق ئۆيگە كىرىپ تۇرۇپلا قالدىم. كارىۋاتتا مەن كۆرۈشنى خالىمايدىغان ئىككى گەۋدە! مەن چىراغنى ياقتىم. ئاۋۋال كۆزۈمگە چېلىققىنى ئانىدىن تۇغما ھالەتتە يېنىدا ياتقان بىر ناتونۇش گەۋدە بولدى، ناتونۇش گەۋدىنىڭ غولى چوڭ بولۇپ، ئۇزۇن ۋە بەتبەشىرە پاچىقىنى يەنە بىر گەۋدىگە ئارتىۋالغانىدى. بەتبەشىرە گەۋدە ئاستىدا كىچىك بالىدەك ياتقىنى ئېنىقكى مېنىڭ ئېرىم مەمەتجان ئىدى. ئۇمۇ يالىڭاچ بولۇپ، خورەكنى دۆڭ تارتىپ، بەخىرامان ياتاتتى. بۇ ھالنى كۆرۈپ ئۆزۈمنى تۇتالماي چىرقىراپ سالدىم.
ئاۋازىم بەك ئۈنلۈك چىقىپ كەتكەن چېغى، ئايال ئالاق - جالاق ئورنىدىن تۇرۇپ ماڭا قارىدى، ئارقىدىن ئۇمۇ بوغۇزلانغان چوشقىدەك سەت چىرقىرىغىنىچە يوتقانغا بېشىنى تىقتى. مەن ئىزىمدىلا ئولتۇرۇپ قالدىم. كۆزۈمگە قاراڭغۇلۇق تىقىلغانىدى. ئاڭغىچە مەمەتجان ئويغىنىپ بىر ماڭا، بىر يېنىدا سۇغا چۈشۈپ كەتكەن مۈشۈكتەك شۈمشىيىپ يېتىۋالغان ئايالغا قاراپ ئورنىدىن دەس تۇرۇپ كەتتى...
- بۇ... مەن، سىز...
مەمەتجاننىڭ كۆزلىرى جامدەك ئېچىلىپ كەتكەنىدى.
بۇ رەسۋاچىلىقلارغا يەنە قاراپ تۇرۇشقا تاقىتىم يوق ئىدى، شۇڭا مەمەتجانغا ئاخىرقى قېتىم بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن ئۆيدىن چىقىپ كەتتىم...
مەمەتجان ماڭا ھارام بولغانىدى، ئۇ ئۆيىمىزگە نەچچە رەت كەلدى، كەچۈرۈم سورىدى، شۇ كۈنى ئاخشىمى ئاغىنىلىرى بىلەن ھاراق ئىچكەنلىكىنى، قالغان ئىشلاردىن ئۆزىنىڭ خەۋەرسىز ئىكەنلىكىنى قايتا - قايتا دەپ بېشىمنى ئوچاق قىلىۋەتتى. لېكىن ئۇ ئالدىمدا ئۆزىنى ئاقلاشقا ئاجىز ئىدى. سەۋەبى، مەن بۇ شەرمەندىلىكلەرنى ئەقلى ھوشۇم جايىدا چاغدا ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەنىدىم، مەمەتجان قانچە قەسەم قىلسۇن، ھەر قانداق باھانە - سەۋەبلەر بىلەن ئۆزىنى ئاقلىسۇن ھەممىسى بەرىبىر ئىدى، مەن ئۇنى كەچۈرەلمەيتتىم. سەۋەبى، مەن ئۇنىڭغا ئەقىدە قىلغان، ئۇنى دەپ يۇرت - مەھەللە، ئاتا - ئانا، دوست - بۇرادەرلەردىن ئايرىلىپ، كىشى يۇرتىدا سەرسان - مۇساپىر بولۇشقا رازى بولغانىدىم. ئۇ ماڭا قەرزدار ئىدى.
ئەمدى ئۇنى ئاياپ ئولتۇرۇشنىڭ يولىمۇ، ئورنىمۇ قالمىغانىدى. شۇڭا ئاتا - ئانامغا ھەممىنى دېدىم. بۇلاردىن قېيىنئانام، قىېيىنئاتاممۇ خەۋەر تاپتى، ئەھۋالنى ئۇققاندىن كېيىن دادام ياقىسىنى تۇتتى، ئانامنىڭ يىغىسى بىنانى بىر ئالدى، قېيىنئانام ئانىسىدىن ئايرىلغان بوتىلاقتەك بوزلاپ تۇرۇپ كەچۈرۈم سورىدى... ئاخىر ئانام بۇنداق پەسەندە ئەرنىڭ قولىدا تۇتقۇزىدىغان بالا يوق، دەپ ئوغلۇمنى ئېلىپ يۇرتقا كەتتى... مانا ئارىدىن بىر يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئۆتتى. بىر يىلدىن بېرى ھەسرەت - نادامەت ئىچىدە تەنھا كۈن ئۆتكۈزۈۋاتىمەن.
كىشىلەر ۋاقىت ھەممىنى ئۇنتۇلدۇرىدۇ، دېيىشىدىكەن، لېكىن ماڭا كەلگەندە ئۇنداق بولمىدى. ئارىدىن خېلى ۋاقىتلار ئۆتكەن بولسىمۇ ئاشۇ مۇدھىش كېچىنى، پاك مۇھەببىتىم چېچەك ئاچقان مۇقەددەس كارىۋاتتا ئىرماش - چىرماش يېتىشقان بىر جۈپ ھاياسىز تەننى ھېچ قىلىپمۇ كۆز ئالدىمدىن نېرى قىلالمىدىم.
مەمەتجانمۇ كەچۈرۈم سوراپ ھارغان چېغى، بەش ئايدىن بېرى كۆزۈمگە كىرىۋالماس بولدى...
مەن ئۈچۈن قاباھەتلىك چۈش سانالغان ئاشۇ كېچىمۇ يورىدى.
ئاتا - ئانام بىر پاتمان كۆڭۈل ئاغرىقىنى يۈدۈپ يۇرتقا كەتتى. قېيىنئاتام، قېيىنئاناممۇ گەپ يېگۈزەلمىگەندىن كېيىن كەلمەس بولدى، تىرىك تۇرۇپ يۈرەك پارەمدىنمۇ ئايرىلدىم. پاك كۆڭۈلنى دەپ تازا ۋايىغا يەتكەن چېغىمدا تەنھالىق كوچىسىغا تاشلاندىم. يىغلىدىم، قاقشىدىم، ئاللاغا سېغىندىم، بىتەلەي تەقدىرىمدىن رەنجىدىم، ئۆزۈمنى ئەيىبلىدىم، لېكىن ھېچنېمىنى ئۆزگەرتەلمىدىم. تەنھالىق ۋە نەپرەت مېنىڭ جىسمىمنى ئىكەكدەپ قۇرۇق ئىسكىلىتقا ئايلاندۇرۇپ قويدى، مۇھەببەت بولمىغان ۋە مۇھەببەتتىن ئوزۇقلانمىغان تەندە ماغدۇرمۇ، ئارزۇ - ئىستەكمۇ بوش بولىدىكەن، مەن كۈندىن - كۈنگە ئاجىزلاپ، قويغان تۇتقىنىمنى بىلمەيدىغان بولۇپ قالدىم. يەنە بىرەر يىل مۇشۇنداق يۈرسەم، ئىشتىنىمنى بېشىمغا كىيىپ كوچىغا چىقمىغان تەقدىردىمۇ ئۇنىڭ بۇ تەرىپىدىكى ئىشلار بولماي قالمايتتى. بىر ناشۈكرى ئەبلەخنى دەپ ياش جېنىمنى نابۇت قىلسام بولمايتتى. شۇڭا بۇ مۇدھىش رېئاللىقتىن قۇتۇلۇشنىڭ يولىنى ئىزدەشكە باشلىدىم. بىرىنچى قېتىم ئويلىغىنىم مەمەتجاندىن ئۆچ ئېلىش بولدى. ئايال كىشى ئۈچۈن ئېرىدىن ئۆچ ئېلىش بىردەملىكلا ئىش ئىدى. قورساق توق بۇ زاماندا ماڭا كۆز تاشلاپ تۇرغانلارمۇ ئاز ئەمەس ئىدى، لېكىن بۇ بەك پەس ئۇسۇل بولۇپ، مەمەتجاندىن ئۆچ ئالىمەن دەپ ئۆزۈم خەقنىڭ ئويۇنچۇقى بولۇپ قالاتتىم. مەن نېمىلا دېگەنبىلەن ئالىي مەكتەپنى ئوقۇغان، تۇرمۇشنىڭ ئىسسىق - سوغۇقىنى باشتىن كەچۈرگەن، ئاق - قارىنى پەرق ئەتكەن ئادەم ئىدىم، يەنە كېلىپ بىر داڭلىق دوختۇرخانىنىڭ سېستىرالار باشلىقى ياردەمچىسى ئىدىم. دوختۇرخانىدا ئۆزۈمگە تۇشلۇق ئورنۇم، شەرەپ تاختىسىدا رەسىمىم بار ئىدى. شۇڭا ھە دەپلا بىر ئىشلارنى قىلىپ كېتەلمەيتتىم. مېنىڭ يەنە بىر قېتىم توي قىلغۇممۇ، يۇرتقا كېتىپ تۇرمۇشۇمنى قايتىدىن باشلىغۇممۇ يوق ئىدى. ماڭا پەقەت شىكەستىلەنگەن كۆڭلۈمگە ئارام بەرگىدەك دىلداش، سىرداش، پىكىرداش بىرسى بولسىلا بولاتتى... پەريادىم ئاللانى تەسىرلەندۈرگەن چېغى، ئەنە شۇنداق مۇرەككەپ ھېسسىيات قاينىمىدا ياش تۆكۈۋاتقان مەنىسىز كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئويلىمىغان يەردىن سىزنى ئۇچرىتىپ قالدىم. تۇنجى كۆرۈشۈشتە سىز ماڭا پاكىز، تۇرمۇشتا پىشقان، ئېغىزى چىڭ، ئىچى كۈچلۈك ئادەم سۈپىتىدە تۇيغۇ بەردىڭىز. بەختىمگە يارىشا شۇ ئاخشىمى سىز ماڭا قىزىقىپ قالدىڭىز. بىز سورۇندىن چۈشمەي تانسا ئوينىدۇق، كونا تونۇشلاردەك قىزغىن پاراڭلاشتۇق. قاراپ باقسام، گەپ - سۆزىڭىز جايىدا، تۇرقىڭىز مەغرۇر، لېكىن كۆڭلىڭىزنىڭ بىر يەرلىرى ئېچىرقىغان، شۇنداقتىمۇ ئۆزىڭىزنى تۇتۇۋالغان. بىر قىسىم بىزەڭ ئەرلەردەك تانسىغا ئىككى پىرقىراپ بولغۇچە ئادەمنىڭ كۆزىگە قارايدىغان ئادەتتىن يىراق... كۆڭۈل دېگەن ئاجايىپ نېمىكەن، شۇ كۈنىلا سىزنى ياقتۇرۇپ قالغىنىمغا قاراڭ. كېچىچە كۆزۈمگە ئۇيقۇ كىرمىدى، سىز بىلەن خىيالەن مۇڭدىشپ چىقتىم...
ئەتىسى ئورنۇمدىن تۇرۇپلا ئىسمىڭىزنى زىكرى قىلدىم، يۇيۇنۇۋېتىپ ناخشىغىمۇ غىڭشىپ قويدۇم تېخى... مېنىڭ بۇنداق تۇيغۇدا بولۇپ باقمىغىنىمغا ئۇزۇن بولغانىدى. نەپرەت ۋە بېسىم ئادەمنى تەنىچى، چېچىلاڭغۇ قىلىپ قويىدىكەن. شۇڭا ئادەتتە كۈندە قاپىقىم تۈرۈك، روھىم سۇلغۇن يۈرەتتىم، ئىش خۇشياقمايتتى. بۈگۈنكى روھىي ھالىتىمنى كۆرۈپ خىزمەتداشلىرىم ھەيران قالدى.
مەن ئەتىگەنلىك تەكشۈرۈشنى تۈگىتىپلا ھەممىنى بىر ياققا قايرىپ قويۇپ ئۇدۇل “مارس”قا قاراپ يول ئالدىم. راست گەپنى قىلسام، مېنىڭ تەستە كەلگەن بۇ پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويغۇم يوق ئىدى. تەييارلىقىمنى تۈگەتكەندىن كېيىن سىزگە ئۇچۇر قىلدىم. بەختىمگە يارىشا سىزمۇ مېھىر - مۇھەببەتكە تەشنا بولۇپ تۇرغان ئىكەنسىز، تېزلا كەلدىڭىز ۋە “ئەسلىي ئالىدىغان خوتۇن دوختۇركەن” دېگەن بىر جۈملە سۆزىڭىز ئارقىلىق بىلىپ - بىلمەي كۆڭلىڭىزدىكىنى ئاشكارىلاپ قويدىڭىز...
شۇ كۈندىن باشلاپ بىزنىڭ ئۇچۇر - ئالاقىمىز كۆپىيىشكە ب−اشلىدى. تېلېف−وندىن كومپيۇتېرغا كۆچتۇق. پارىڭىمىز قىسقا بولغىنى بىلەن مەنىلىك ئىدى. ئاقىۋەت بىلىپ - بىلمەي سىزگە باغلىنىپ قالدىم.
سىز يەنىلا تەمكىن ئىدىڭىز. پارىڭىمىز ئەر - ئاياللار ئوتتۇرىسىدىكى ھېسسىيات مەسىلىلىرىگە يېقىنلاپ قالسىلا، گەپنى دەرھال باشقا ياققا بۇرۇۋالاتتىڭىز. بۇ ھال سىزگە بولغان قىزىقىشىمنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋېتەتتى. تۇرۇپلا ئۆز ئايىغى بىلەن ئالدىغا كەلگەن لوق گۆشنى يېمەي كۆزىنى يۇمۇپ تۇرۇۋېلىشقا مەجبۇر قىلالىغۇدەك ئەزىمەتجاننىڭ ئايالى زادى قانداقراق ئايالدۇ؟ دېگەن خىيال كاللامغا كىرىۋالدى. كۆرمىگەن بولغاچقا چىرايىمىز ھەققىدە بىر نەرسە دېيەلمەيتتىم، لېكىن ئايالىڭىزغا قارىغاندا ياش ئىكەنلىكىمدە گەپ يوق ئىدى. بۇ مەندىكى ئۈستۈنلۈك ئىدى. 34 ياش چوكانلارنىڭ ئەڭ بەردەم مەزگىلى ئىدى. مەندە ئايالىڭىزنى كۆرۈپ بېقىش ئىستىكى تۇغۇلدى. بىر ئىشنىڭ پېيىغا چۈشسەڭ قىلغىلى بولمايدىغان ئىش يوقكەن، شۇ ئىشنى خىيال قىلىپ بەشىنچى كۈنى ئويلىمىغان يەردىن ئايالىڭىز بىلەن يۈز كۆرۈشۈش پۇرسىتىگە ئېرىشىپ قالدىم. ئۇ بىر قېتىملىق گۈل چېيى ئىدى، بىز بىر نەچچىمىز مېھمان كۈتۈشكە ياردەملەشكەنىدۇق. ئايالىڭىز بىلەن كەلگەن ئاياللار بەك چوڭچى خېنىملار ئىكەن، ھە دېگەندە قىز تەرەپنى گەپتە چېقىپ چىدىغۇچىلىكىمىزنى قويمىدى. ئايالىڭىزمۇ بەك گەپدان چوكان ئىكەن، چوڭلارنىڭ گېپىگە دوست تارتىپ، ئوت ئۈستىگە ياغ چېچىپ تاس قالدى گۈلچاينى خازان چايغا ئايلاندۇرۇپ قويغىلى. توۋا دەپ ياقامنى تۇتتۇم. چىن گەپنى قىلسام، ئۇ سىزگە زادىلا ماس كەلمەيدىكەن، سىزنىڭ ئارتۇق ئىشلارغا ئارىلاشماي دائىم غەمكىن يۈرۈشىڭىز ئاساسسىز ئەمەسكەن. تۇرۇپلا ئۆزۈمگىلا ئەمەس، سىزگىمۇ ئىچىم ئاغرىپ قالدى... ئايالىڭىزنى كۆرگەن ۋە روھىي دۇنياسىنى ئاختۇرۇپ چىققاندىن كېيىن ئۆزۈمگە بولغان ئىشەنچىم تېخىمۇ ئاشتى. مەن ياشتىلا ئەمەس، باشتىمۇ )چىرايدىمۇ، ئەقىلدىمۇ( ئۇنىڭدىن ئۈستۈن تۇرالايدىكەنمەن! مەن ئىشەنچكە تولدۇم، خىيال خىيالنى تۇغىدىكەن. خىيال يەنە ئادەمنىڭ ئۆزىگە خاس دۇنياسىنى يارىتىدىكەن. مەن سىز بىلەن ئارىلىشىش جەريانىدا ھېچكىمنىڭكىگە ئوخشىمايدىغان ئۆزۈمنىڭ دۇنياسىنى يارىتىپ چىقتىم. بۇ دۇنيادا سىز بىلەن مەن ئىككىمىزلا بار ئىدۇق!
كۈنلەر ئۆتتى، ئايلار ئۆتتى. گۈلقەنت قانچە ئۇزۇن قويسا، شۇنچە تەم كىرگەندەك مېنىڭ دۇنيارىم ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن تېخىمۇ رەڭدارلىشىپ باردى. شۇنداق ئەھمىيەتلىك چاغلاردا غوپۇركام يەنە بىر قېتىملىق ئۇچرىشىش پۇرسىتى ياراتتى ھەمدە داۋاملىق ئۇچرىشىپ تۇرۇشىمىزنىڭ ئاساسىنى قۇرۇپ چىقتى.
بۇ قېتىملىق سورۇندا بىز كونا ئاشىق - مەشۇقلاردەك ھاياجان ئىلكىدە ئۇچراشتۇق. چۈشمەي تانسا ئوينىدۇق، قانماي پاراڭلاشتۇق... سورۇن ئاخىرلىشىدىغان چاغدا مېنى ئاپىرىپ قويىدىغان بولدىڭىز. قانچىلىك ھاياجانلانغىنىمنى سۆز بىلەن ئىپادىلەپ بېرىشكە ئاجىزلىق قىلىمەن. لېكىن نېمىشقىدۇر مەن يەنىلا قورقتۇم. سىز ئوبدانلا تەڭشىلىپ قالغانىدىڭىز، قىزىقچىلىقتا بىرەر ئىشنىڭ يۈز بېرىپ قېلىشىدىن ساقلانغىلى بولمايتتى... نېمىلا دېگەنبىلەن بىز موسۇلمان پەرزەنتى، نىكاھسىز قىلىنغان ھەرقانداق يېقىنچىلىق بىزنى ئىككىلا ئالەمدە ئوبدان قىلمايدۇ، شۇڭا سىزدىن ئۆزۈمنى قاچۇردۇم، لېكىن ئۆزۈمنىڭ قانچىلىك بىئارام بولغانلىقىمنى سىز ھەرگىزمۇ ھېس قىلىپ يېتەلمەيسىز.
قەدىرلىك ئەزىمەت، مەن ھەممىنى ئەقلىي ھېس قىلىپ يەتتىم. مەن سىزگە موھتاج، بىلىپ تۇرىمەن، سىزمۇ ماڭا موھتاج، بىز بىر - بىرىمىزدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تامامەن تولۇقلاپ كېتەلەيمىز. سىز مېنىمۇ، ئۆزىڭىزنىمۇ بۇنداق قىيناپ يۈرمەڭ. ھايات باقىۋەندە ئەمەس، ئاز كۈن ئۆتمەي ھەممىمىز قېرىيمىز، تۇپراققا ئايلىنىپ كېتىمىز، ئۇ چاغدا بەزى ئىشلارنى قىلايلى دەپمۇ قىلالمايمىز.
بۇنداق دېسەم، باشقىچە ئويلىنىپ قالماڭ. مېنىڭ سىزدىن كۈتىدىغىنىم كۆپ ئەمەس. مەن سىزنى ئايالىڭىزدىن ئاجرىشىڭ دېمەيمەن، ئۇنداق دەيدىغانغا ھەققىممۇ يوق. پەقەت باشقىلار تەرىپىدىن ئېتىبارسىز قالدۇرۇلغان ئاشۇ پاكىز كۆڭلىڭىزدىن بىرەر زەررە ئېلىپ مېنىڭ قاراڭغۇلۇق قاپلاپ كەتكەن نىمجان كۆڭلۈمگە ئازراق بولسىمۇ يورۇقلۇق ئاتا قىلسىڭىزلا كۇپايە، ئۇنى مەن بىر دەستە نۇرغا تاۋاپ قىلىپ، چەكلىك ئۆمرۈمنى چەكسىز مەنىلەرگە ئىگە قىلىپ ئۈنسىز ياشايمەن.
مېنىڭ مەمەتجان بىلەن نىكاھىم ئاللىبۇرۇن ئۈزۈلگەن، لېكىن ئۇ ھازىرغىچە بۇنى ئېتىراپ قىلماي يۈرىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ ئىشى. خالىسىڭىز شەنبە كۈنى چۈشكە دۆڭ باغدىكى ئاچامنىڭ ئۆيىگە كېلىڭ، موللام بىلەن دېيىشىپ قويدۇم، نىكاھ قىلدۇرايلى!
مەن خەتنى ئوقۇپ بولۇپ، يېلى چىقىپ كەتكەن توپتەك لاپسىيىپلا قالدىم. بۇ نېمە كارامەت ئەمدى؟ 46 يىللىق ھايات مۇساپەمنىڭ ئېسىمدە ساقلانغانلىرى خۇددى كىنو لېنتىسىدەك كۆز ئالدىمدىن بىر - بىرلەپ ئۆتۈشكە باشلىدى. ئۇھ، دېدىم ئۆز - ئۆزۈمگە. ھايات نېمىدېگەن مۇرەككەپ؟ ئادەملەرنى چۈشىنىش نېمىدېگەن تەس؟ ئۆز خاھىشىڭ بويىچە ياشاش نېمىدېگەن قىيىن؟
كىنو كۆرۈنۈشلىرى بەكمۇ كۆپ، بەلكىم بېشىمنىڭ تۈكىدىن كۆپ بولسا كېرەك، لېكىن ھەممىسى ئۈچ نۇقتىغا - ئۈچ ئايالغا كېلىپ مەركەزلىشىدۇ. بىرىنچىسى، ئالىي مەكتەپتىكى ئاشىقىم ئىپارگۈل، ئۇنىڭ ماڭا قالدۇرغىنى ئاچچىق ئەسلىمە، ھەسرەت ۋە نادامەت! ئىككىنچىسى، ئالمىرە. ئۇنىڭدىن جىق نەرسىلەرگە ئېرىشىپتىمەن، شۇنىڭ بىلەن بىللە يوقاتقانلىرىممۇ ئاز ئەمەس ئىكەن، چاتاق يېرى داۋاملىق يوقىتىۋېتىپتىمەن؛ ئۈچىنچىسى يەنە ئىپارگۈل، ئۇنىڭدىن نېمىلەرگە ئېرىشكەنلىكىمنى دەپ بېرەلمەيمەن، بەلكىم ئېرىشىدىغانلىرىم ئالدىمدىدۇ... بىز ئەرلەرنىڭ بەختى نېمە ئۈچۈن ئاياللارغىلا باغلىنىپ قالىدىغاندۇ؟ ھازىر زامان شۇنچە كەڭرى، نېمە دېسەڭ شۇ بار. لېكىن ھالقىلىق يەرلەر يەنە شۇ ئاياللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك!
مەن ھاياتىمدا ماڭا قۇچاق ئاچقان ئۈچ ئايالنى بىر - بىرىگە سېلىشتۇرۇپ باقتىم. ئالدىنقىسى “ئاچچىق شاپتۇل”. ئۇنىڭ ھازىر نەلەردە ئىكەنلىكى ماڭا قاراڭغۇ. ئالمىرە يېنىمدا، ئۇ ماڭا ئىككى بالا تۇغۇپ بەردى. ئۇمۇ ئەسلىدە بەرنا قىز ئىدى، تۇرمۇشتىكى چاكىنا نەرسىلەر ئۇنى يەپ كەتتى. ئۇ ئۆزى خالاپ، بەلكى بەدەل تۆلەپ تۇرۇپ ئۆزىدىن يىراقلاشتى. ماڭا بېرىدىغان ۋە مەندىن ئالىدىغانلىرىنى ئۆزگىلەردىن، مەۋھۇم دۇنيادىن ئىزدەپ ئۆزىنى تۈگەشتۈرۈۋالدى. نەتىجىدە ئارىمىزدا ھاڭ پەيدا بولدى. بۇنى ھېس قىلغان بىراۋ بۇ ھاڭنى ئېتىش كويىدا يۈرۈۋاتىدۇ. راست گەپنى قىلسام، ئىپارگۈلنىڭ دېگەنلىرى بەرھەق. ئالمىرە ئىدارىدىكى ۋاتىلداق ئاياللار توپىغا قوشۇلغان بەش يىلدىن بېرى، مېنىڭ ئالتۇن پەتنۇس كۆتۈرۈپ تىلەمچىلىك قىلغان بىتەلەي قەلەندەردەك ئوسال كۈنگە قالغانلىقىمغا ئۆزۈممۇ ئىقرار. ئۇنىڭغا جىق پۇرسەت بەردىم، بۈگۈن ئوڭشىلا، ئەتە ئوڭشىلا بىلەن كۈنلەر ئۆتۈۋەردى، مەن بالىلىرىمنى، كىشىلىك ئەخلاقنى، ئەڭ مۇھىمى ئار - نومۇسنى دەپ ھەممىگە چىدىدىم. لېكىن ئالمىرە بۇنى ھېس قىلالمىدى. مەن يول قويغانسېرى ئۇ كاۋاك ئىزدەپ قاراڭغۇ ھاڭغا بېشىچىلاپ كىرىپ كەتتى. مەنمۇ بىر ئەر كىشى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئۈچ ۋاخ تاماققىلا ئەمەس، مېھىر - مۇھەببەتكىمۇ، ئەركىلەپ پەپىلەشلەرگىمۇ موھتاج ئىدىم. بىر بېجىرىم ئەر بولۇش سۈپىتىم بىلەن يەنە ئايالىم بەرمىگەننى باشقىلاردىن ئېلىشقا تامامەن ھەقلىق ئىدىم. لېكىن مەن ئۇنداق قىلمىدىم، مانا ئەمدى ئارىدىن ئىپارگۈل ئوتتۇرىغا چىقىپ “بەر ھەم مەندىن ئال” دەۋاتىدۇ. ئۇنىڭ تەلىپى ئاددىي بولۇپ، پەقەت ۋە پەقەت بىر زەررىلا نۇر! مەن ئاشۇ بىر زەررە نۇر بەدىلىگە نۇرغۇن نەرسىلەرگە ئېرىشەلەيمەن، ۋۇجۇدۇمدىكى مەنىۋى ئېچىرقاشلارغا مەلھەم تېپىپ، ئالمىرەنىڭ ئالىيىشلىرىغا تىك قاراپ، ۋاتىلداشلىرىغا ئىچىمدە كۈلۈپ، بىرسىگە موھتاج بولماي ئۆز خاھىشىم بويىچە يۈرەلەيمەن، شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە دىلى ئېزىلگەن بىر ئاجىزەنىڭ تۇرمۇشىغا خۇشاللىقمۇ ئاتا قىلالايمەن.
بېشىمنىڭ ئىچىمۇ، تېشىمۇ قاتتى. ھە دەي دېسەم، نېمىلا دېگەنبىلەن مەن بىر ئائىلىسى بار ئادەم. ياق دەي دېسەم، ئۆز ئەھۋالىم ئۆزۈمگە ئايان. پۇرسەت كەتسە يەنە قولغا كەلمەيدۇ. ئالمىرەنىڭ قالغان قىسقىغىنە ئۆمرۈمدە ھوشىنى تېپىپ، ماڭا مۇھەببەت ئاتا قىلىشىغا كۆزۈم يەتمەيدۇ. كېيىنكى ئۆمرۈمنىڭ ئۆز گۆشۈمنى ئۆزۈم يەپ بۇرۇقتۇملۇقتا ئۆتىدىغانلىقى ئېنىق!
كالېندارغا قارىدىم. بۈگۈن چېسلاغا 15، كۈنگە پەيشەنبە، ئىپارگۈل قارار چەككەن شەنبىگە پەقەت بىر كۈنلا قالدى دېگەن گەپ. مۇشۇ بىر كۈن تەقدىرىمنى بەلگىلەيدۇ. يا ئالىيجانابلىق يولىنى تۇتۇپ قاقشال بولۇپ كېتىمەن؛ يا ئەقىل سەرمايەمنى كۆڭۈل دۇلدۇلىغا تاپشۇرۇۋېتىپ ھەممىدىن بىغەم ھالدا ياشايمەن!
ئىپارگۈلنىڭ دېگىنى بويىچە خەتنى تولۇق ئۆچۈرۈۋەتتىم. لېكىن ئۇ قەلبىمگە كېلىپ جايلىشىۋالدى. خەتنىڭ قەلبىمدىكى تەسىرىنىمۇ كومپيۇتېردىن ئۆچۈرۈۋەتكەندەك ئۆچۈرۈۋەتكىلى بولغان بولسا نېمىدېگەن ياخشى بولاتتى - ھە!
ئىپارگۈلگە بىر نەرسە دېيىشىم لازىم ئىدى. بىرسى ساڭا ئىشىنىپ، چىن ئىخلاسى بىلەن كۆڭۈل قارنىنى ئالدىڭدا قويۇۋاتسا، گەپ قىلماي تۇرۇۋېلىش ئىنساندارچىلىققا توغرا كەلمەيتتى. لېكىن نېمە دېيىشىمنى بىلەلمەيتتىم. ئەگەر ئىپارگۈل شاللاق چوكان بولغان بولسىدى، ھەدەپ بولغىچە، ھۇدەپ ئالدىغا چىققان بولاتتىم، كۆڭۈل ئارزۇلىرىم قانغان ھامان ئاخىرەتنىڭ مۈشۈكىدەك ك−ۆزۈمنى يۇمۇۋالساملا ئىش پۈتەتتى. لېكىن ئىپارگۈلنىڭ دەۋاتقانلىرى ئەڭ سەمىمىي گەپلەر بولۇپ، ئۇنىڭغا دەماللىققا كېسىپلا جاۋاب بېرىش خېلى - خېلى نوچىلارنىڭمۇ قولىدىن كەلمەيتتى. سەۋەبى دېيىلىۋاتقان گەپلەر سەمىمىي بولۇپ، سەمىمىي ئىشقا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلمىغاندا، مۆلچەرلىگۈسىز يامان ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقاتتى، ئەڭ مۇھىمى خەقنىڭ ئىشەنچىسىدىن قالىدىغان گەپ ئىدى.
تاماكا تۇتاشتۇرۇپ، قېنىپ - قېنىپ شورىدىم. بېشىم پىرقىراپ كەتتى. شۇ چاغدا تېلېفونۇم سايراپ قالدى. مەن ئېرىنچەكلىك بىلەن كۆزنەككە كۆز يۈگۈرۈتتۈم. تېلېفون ئالمىرەدىن كەلگەنىدى. ئۇنى ئالسام ياخشى گەپ يوق ئىدى. ئالماسلىققىمۇ ئامالىم يوق ئىدى.
- ۋەي
- دادام...
ئالمىرە ۋاررىدە يىغلىۋەتتى. مەن جىددىيلىشىپ ئورنۇمدىن تۇرۇپ كەتتىم.
- دادامغا نېمە بوپتۇ؟
- دادام ئۇ... تۈگەپ كېتىپتۇ.
كۆزۈمگە قاراڭغۇلۇق تىقىلدى. قېيىنئاتامنىڭ سالامەتلىكى ياخشى ئىدى. كەم سۆز، چىقىشقاق بۇ ئادەم مېنىڭ بەك ھۆرمىتىمنى قىلاتتى.
- سىلى نەدە؟
- ئۆيگە ماڭدىم.
- ئەمىسە ئۆيدە كۆرۈشەيلى.
مەن ئىشىكنى تاقاپ ئالدىراش ئۆيگە قاراپ يۈگۈردۈم. ئۆيگە كىرىشىمگە ئايالىم بوينۇمغا ئېسىلىپ يىغلاپ كەتتى. مەن ئۇنىڭغا تەسەللى بەرگەچ يالقۇنغا تېلېفون قىلىۋېتىپ قارىلىق كىيىملەرنى ئىزدىدىم. ھايالشىماي ئىككى بالام يېتىپ كېلىشتى، تۆتىمىز كىچىك ماشىنا بىلەن يۇرتقا قاراپ يولغا چىقتۇق...
توي شەھەردە، ناماز يېزىدا قىزىيدۇ. قېيىنئاتام نامدار كىشىلەردىن ئىدى، مېيىتى بەك ناماز تاپتى. بۇ بىز ئۈچۈن بىر تەسەللى ئىدى.
ئايالىم يالغۇز قىز بولغاچقا، دادىسى ئۇنىڭغا بەك ئامراق ئىدى. شۇڭا قېيىنئاتامنىڭ ئۆلۈمى ئايالىمغا بەك تەسىر قىلدى، ئۇ ماشىنىغا چىققاندىن تارتىپ ئۈچ نەزىرىسىنى بەرگىچە بولغان تۆت كۈن جەريانىدا توختىماي يىغلىدى. يىغىمۇ بوش يەردىن چىقمايدىكەن، ئۈچىنى بەرگەن كۈنى ھالسىزلىنىپ، تاپسىدىلا يىقىلدى. ئۆيدىكىلەرنىڭ بىر قىسمى مېھمان ئۇزىتىشقا قېلىپ، بىر قىسمىمىز دوختۇرخانىغا چاپتۇق. ئايالىم شۇ ياتقانچە 15 كۈنگىچە كارىۋاتتىن چۈشمىدى. ئىچ ئاغرىقى ئۇنىڭ يۈرىكىنى كاردىن چىقارغانىدى.
19 - كۈنى دوختۇرخانىدىن چىقىپ، 20 نەزىرىسىنى بەرگەندىن كېيىن ئىدارىگە قايتىپ كەلدۇق. قايتۇرۇپ كېلىشكە ئىدارىدىكىلەر ئەمەس، غوپۇركام، يالقۇن باشلىق يەتتە كىشى ئىككى ماشىنىدا كەلگەنىدى. ئۇلار ئارىسىدا ئىپارگۈلمۇ بار ئىدى. ئىپارگۈلنى كۆرۈپ باشقىچە بولۇپ قالدىم. ئۇ مۇشۇ 20 كۈن جەريانىدا كۆرۈنەرلىك ئورۇقلىغان بولۇپ، كۆزلىرىدىن ھارغىنلىق، بىپەرۋالىق نۇرلىرى تۆكۈلۈپ تۇراتتى. ئىدارىدىكىلەرنىڭ، بولۇپمۇ نەچچە يىل داستىخىنىنى كۆتۈرگەن ئاياللاردىن بىر نەچچىسىنىڭ بولسىمۇ كېلىپ قويمىغانلىقى )ئۇ ئاياللارنىڭ ك−ۆپ قىسمى ئ−ەمەلدارلارنىڭ ئاياللىرى بولغاچقا، قاتناش−تا قىسىلىپ قالمايتتى( ئايالىمغا بەك ئېغىر كەلگەن چېغى 502 كىلومېتىرلىق مۇساپىدە بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمىدى...
شۇ ئىشلاردىن كېيىن ئايالىم باشقىچە بىر ئادەمگە ئايلىنىپ قالدى. ئىلگىرى ئۇ سەپ تارتىپ تالادىن كىرمەيتتى، ئۆيدىكى چاغلىرىدىمۇ تېلېفون قولىدىن چۈشمەيتتى، سۆزلەپ ھارمايتتى، ھازىر بولسا تالاغا چىققىلى ئۇنىمايتتى، گەپ سورىمىغۇچە چىش يېرىپ بىر نەرسە دېمەيتتى...
يۇرتتىن قايتىپ كېلىپ 5 - كۈنى مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا بىر يىل بىلىم ئاشۇرىدىغانلىقىم ھەققىدە ئۇقتۇرۇش تاپشۇرۇۋالدىم، ئۇقتۇرۇش نازارەتتىن ئىسمىم بىلەن كەلگەن بولغاچقا، ياق دېيىشكە ياكى باشقا بىرسىنى ئالماشتۇرۇشقا بولمايتتى، شۇڭا دېگەن مۆھلەتتە بېيجىڭغا قاراپ يولغا چىقىشقا مەجبۇر بولدۇم.
مەن ئىلگىرى مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئىككى يىل تەييارلىقتا ئوقۇغانىدىم، مەكتەپمۇ، مۇئەللىملەرمۇ ماڭا تونۇش ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەينى يىلى بىر سىنىپتا ئوقۇپ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىققا ئېلىپ قېلىنغان رۇستەم ئىسىملىك بىر ساۋاقدىشىممۇ بار ئىدى. ساۋاقدىشىمنىڭ قول تۇتۇشى بىلەن بىردەمدىلا رەسمىيەتلىرىمنى بېجىرىپ ياتاققا ئورۇنلىشىۋالدىم.
ياتىقىمىز ئازادە بولۇپ، بىر ياتاققا ئىككىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغانىدۇق. بۇنى ئۇققاندا قۇلىقىمغا ئىشەنمەي ساۋاقدىشىمغا مەنىلىك قاراپ قويدۇم. بىز ئوقۇغان ئەينى يىللاردا مەكتەپتە ياتاق بەك قىس ئىدى، بىر ياتاقتا سەككىزدىن ياتاتتۇق. ياتاقتا پۇت قويغۇدەك جاي تېپىشمۇ بىر مەسىلە ئىدى. ھەتتا كادىرلار تەربىيەلەش مەركىزىدە ئوقۇۋاتقان چوڭلارمۇ بىر ياتاقتا ئالتىدىن ياتاتتى. ياتاق قىس بولغاچقا، ئۆزى ئالاقىلىشىپ بىلىم ئاشۇرغىلى كەلگەنلەر ھە دېگەندە ياتاق تاپالماي، مەكتەپ ئەتراپىدىكى يەر ئاستى ئۆيلىرىدىن ياتاق ئىجارە ئېلىشقا مەجبۇر بولاتتى. بۇ ياتاقلار يەر ئاستى ئۆيىنىڭمۇ ئاستىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، زەي ھەم قاراڭغۇ ئىدى. كېچە - كۈندۈز توك ياندۇرالاتتى. ھاۋا مەخسۇس ياسالغان كانايلار ئارقىلىق يۈرۈشتۈرۈلەتتى. يالغۇز قالسا قورققىسى كېلەتتى. بىرەر ئاي ياتقان ئادەمنىڭ سوغۇقى ئېشىپ، تاغدىن گەپ قىلسا باغدىن جاۋاب بېرىدىغان پاڭقايغا ئايلىنىپ قالاتتى...
- ئىسمىم ئەزىمەت، - دەپ ئۆزۈمنى تونۇشتۇردۇم ئۈن - تىنسىز ھالدا چامادانىنى رەتلەۋاتقان ياتاقدىشىمغا لەپ قىلىپ قاراپ قويۇپ، - بىر شەھەردە نەچچە يىل بىللە ياشاپمۇ ئەجەب كۆرۈشمەپتىكەنمىز؟
- مەن سىزنى تونۇيمەن، - ياتاقدىشىم قىلىۋاتقان ئىشىنى توختىتىپ تاماكىدىن بىر تال تۇتاشتۇردى، - ئىسمىم مەمەتجان، سەھىيە ئىدارىسىدە ئىشلەيمەن.
- مەمەتجان دېدىڭىزما؟
ئاۋازىم سەل ئۈنلۈك چىقىپ كەتكەن چېغى، ياتاقدىشىم ئەجەبلىنىپ ئەتراپقا قاراپ قويدى.
- ھەئە، مەمەتجان.
مەن تۇرۇپلا قالدىم. بۇ نېمە كارامەت ئەمدى؟ ئىسمىمۇ، ئىشلەۋاتقان ئىدارىسىمۇ ئوخشاشقۇ !
مەنمۇ تاماكا تۇتاشتۇردۇم.
- ئىدارىڭىزدە مەمەتجان ئىسىملىكلەردىن يەنە بارمۇ؟
ساقچىدەك سوئال سوراشلىرىمدىن سەل بىئاراملىق ھېس قىلدىمۇ بىلمىدىم، مەمەتجان قىلىۋاتقان ئىشىنى تاشلاپ كارىۋىتىغا كېلىپ ئولتۇردى.
- تۆتىمىز بار.
مەمەتجان يەنە سوئالىڭىز بارمۇ ئاكا؟ دېگەندەك ھارغىن كۆزلىرىنى ماڭا يۆتكىدى. مەن ھىم، دېگىنىمچە دېرىزىدىن سىرتقا قارىۋالدىم.
دەل شۇ چاغدا تېلېفونۇمدىن ئۇچۇر سىگنالى ئاڭلاندى. مەن تېلېفون كۆزنىكىگە قارىدىم. ئۇچۇر ئىپارگۈلدىن كەلگەنىدى. تۇرۇپلا يۈرىكىم سېلىپ كەتتى.
- تىچلىقمۇ؟ تۈنۈگۈن كونا جايدا چاي قىلدۇق. بەلكىم قۇلىقىڭىز قىزىغاندۇ، ھەممەيلەن ياخشى گېپىڭىزنى قىلىشتى... سىزگە بەك ئۆگىنىپ كەتكەن ئىكەنمەن، سورۇن ئاخىرلاشقىچە گەپ - سۆزگە ئارىلاشماي سىزنى خىيال قىلىپ چىقتىم. كەچتە تورغا چىقىڭ، QQ دا بولسىمۇ دىدارلىشايلى. سىزنى شۇنچىلىك سېغىندىمكى...
تېلېفوننى يېپىۋېتىپ ئاستا كەينىمگە بۇرۇلدۇم. مەمەتجان ئىشىككە قارىغىنىچە تاماكا چېكىپ ئولتۇراتتى.
- ئايالىڭىزدىن كەپتىما؟
- ياق... ھەئە
مەن كېكەچلەپ قالدىم، مەمەتجان كۈلۈپ قويدى. تېلېفونۇم جىرىڭلىدى، كۆزنەككە قارىمايلا قۇلىقىمغا تۇتتۇم. چىرايىم لازا سۈرگەندەك ئېچىشىپ كەتكەنىدى.
- ۋەي
- مەن ئالمىرە !
- ھە... تىچلىقما؟
- تىچلىق، ئۆزىڭىزچۇ؟ نەچچە كۈندىن بېرى تېلېفون قىلايمۇ دېمىدىڭىز؟ ئادەمنى ئەنسىرىتىپ.
ئايالىمنىڭ ئاۋازى شۇنچە يېقىملىق، نازلىق ئىدى، خۇددى يىراقتىكى ئاشىقىغا سېغىنىش ھېسسىياتىنى ئىزھار قىلىۋاتقان مەشۇقنىڭ ئاۋازىدەك.
- ئالدىراشچىلىقتا ۋاقىت چىقىرالمىدىم، - مەن قاراپ تۇرۇپ يالغان ئېيتتىم، ئەمەلىيەتتە نەچچە كۈندىن بېرى تاماق يەپ، يېتىپ - ئۇخلاپ بىكارچىلىقتا كۈن ئۆتكۈزگەنىدىم، - تۈنۈگۈن ياتاققا ئورۇنلاشتىم، ھازىر ياتاقتا...
ئالمىرە بىلەن خوشلىشىپ تېلېفوننى يېپىۋېتىشىمگە مەمەتجان لىككىدە ئورنىدىن تۇردى.
- ھازىرقىسى ھەقىقىي ئايالىڭىزكەن، - مەمەتجان غېمىدە يوق ئىشىككە قاراپ ماڭدى، - تاماققا چىقامدىمىز؟
مەن ياتاقدىشىم بىلەن دىدارلاشقان تۇنجى كۈنىلا ئويلىمىغان يەردىن قۇيرۇقۇمنى تۇتقۇزۇپ قويغانىدىم. يەكۈنلىشىمچە، بىرسى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە، تۇنجى تەسىر بەكمۇ مۇھىم بولۇپ، ئۇ شۇ كىشىنىڭ مۇناسىۋەت زەنجىرىدىكى ئورنىنى بەلگىلەيتتى. مانا ئىشنىڭ بىسمىللاسىدا چاغا چىقىپ پۇسكىيىپ ئولتۇردۇم، كېيىنكى ئىشلار قانداق بولۇپ كېتەر؟
ئىچىم ئېغىزىغا پاخال تىقىپ قويغان كانايدەك بۇرۇقتۇم بولۇپ كەتكەنىدى. گەپ قىلماستىن مەمەتجانغا ئەگەشتىم، بېشىم قۇم تىققاندەك ئېغىر، يۈرىكىم سانسىزلىغان قۇرتلار ئۆمىلەۋاتقاندەك بىئارام ئىدى.
دۈشەنبىدىن باشلاپ دەرس باشلاندى. سىنىپىمىزنى سېپى ئۆزىدىن مىللەتلەر مۇزېيى دېيىشكە بولاتتى. بىز 13 مىللەتتىن بولغان 27 كىشى بىر سىنىپقا جەم بولغانىدۇق. دەرسلەر خەنزۇ تىلىدا ئۆتۈلەتتى، شىنجاڭدىن كەلگەن بەشىمىزدىن باشقىلىرىنىڭ، بولۇپمۇ جەنۇبىي جۇڭگودىن كەلگەنلەرنىڭ مىللىي بەلگىلىرى تازا ئېنىق ئەمەس ئىدى، شۇڭا بىز تېزلا باشقىلارنىڭ دىققەت نەزەرىگە چۈشۈپ قالدۇق، ئۇلار بىزگە ۋە يۇرتىمىزغا بەك قىزىقاتتى، يۇرتىمىز، ئۆرپ - ئادەتلىرىمىز ھ−ەققىدە ن-ۇرغۇن سوئاللارنى سورايتتى. بىز بىلگىنىمىزچە جاۋاب بېرەتتۇق. سوئاللار كۆپەيگەنسېرى مەن يۇرتىمىز ۋە ئۆزىمىز ھەققىدە بىلىدىغانلىرىمنىڭ بەك ئاز ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىشقا باشلىدىم. ئەمەلىيەتتە بۇ باشقا مىللەت كىشىلىرىگە مىللىتىمىزنى، يۇرتىمىزنى تونۇشتۇرۇشنىڭ ئەڭ ياخشى سورۇنى ۋە پۇرسىتى ئىدى. ئۇ ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ھەر بىر زىيالىينىڭ مۇقەددەس مەجبۇرىيىتى ئىدى! قانداق قىلىش كېرەك؟ ئۆگىنىش كېرەك! مەن بىكار ۋاقىت تاپساملا “دۆلەتلىك كۇتۇپخانا”غا بېرىپ ماتېرىيال كۆرۈشكە، خاتىرە قالدۇرۇشقا باشلىدىم.
“دۆلەتلىك كۇتۇپخانا” مەكتىپىمىزگە يېقىن ئىدى، ئارىلىقى 500 مېتىرمۇ كەلمەيتتى. شارائىتى بەك ياخشى بولۇپ، بىلىم ئىگىلەيمەن دېگەن ھەرقانداق ئادەمنى ئۈمىدسىز قالدۇرمايتتى، بەلكى خۇرجۇننى ئۆزى ئويلىغىنىدىنمۇ كۆپ جاۋاھىراتلارغا تولدۇرۇپ بېرەتتى. ئۇنىڭدا دۆلىتىمىزنىڭ، چەت ئەلنىڭ ھەر خىل تىل - يېزىقتىكى ماتېرىياللىرى تولۇق تېپىلاتتى، ھەتتا يۇرتىمىز شىنجاڭدا نەشر قىلىنغان بارلىق كىتاب، گېزىت - ژۇرناللارنىڭ ھەننىۋاسى تېپىلاتتى... مېنى ئەڭ جەلپ قىلغىنى ئاز سانلىق مىللەت كۇتۇپخانىسى بولدى. 2 - قەۋەتكە جايلاشقان بۇ كۇتۇپخانا ئازادە، يورۇق بولۇپ، ئادەم ئاز ئىدى. ئۈستەل - ئورۇندۇقلىرى پاكىز، تېگىگە گىلەم سېلىنغان، كىتاب - ماتېرىياللار تۈرى بويىچە تام بويلىتىپ رەتلىك تىزىپ قويۇلغان بولۇپ، قانچىلىك لازىم بولسا، ئۆزىمىز خالىغانچە ئېلىپ كېلىپ كۆرەلەيتتۇق.
مەن كۇتۇپخانىغا ئامراق بولۇپ قالدىم، دەرستىن بىكار بولساملا، كۇتۇپخانىغا چاپاتتىم. نېمىشقىدۇر كىتابنى قانچە كۆپ ئوقۇغانسېرى بىلمەيدىغانلىرىم تېخىمۇ كۆپتەك بىلىنىپ ھەيران قالاتتىم. يىللاردىن بېرى شۇنچە كۆپ ۋاقتىمنى قۇرۇق پاراڭ، ئايىغى چىقماس ئولتۇرۇش، دۆدەك يەپ - ئىچىشلار بىلەن مەنىسىز ئۆتكۈزۈۋەتكىنىمگە پۇشايمان قىلاتتىم...
مەمەتجان باشقىچە بىر ئادەم ئىدى. ئۇ گەپ سورىمىغۇچە بىرەر ئېغىز گەپمۇ قىلمايتتى. بىكار قالسىلا ھاراق ئىچەتتى، قولىدىن تاماكا چۈشمەيتتى. كەچتە بىر مەھەلىدە پەيدا بولۇپ، ساپانغا قاتقان بوقىدەك بىر ھازا پۇشۇلداپ ئولتۇرغاندىن كېيىن پۇت - قولىنىمۇ يۇيماستىن كارىۋىتىغا چىقىۋالاتتى. دەرسلەرگە ئاساسەن قاتناشمايتتى، قاتناشسىمۇ باش كۆتۈرمەي ئۇخلايتتى. سىنىپتا ھېچكىم بىلەن ئالاقە قىلمايتتى.
ئۇ بېيجىڭغا كەلگەن ئىككى ئايدىن بېرى تېخىمۇ ئورۇقلاپ يىڭنە يېگەن ئىتقىلا ئوخشاپ قالغانىدى. ئەگەر ئىشلار مۇشۇ تەرىزدە داۋاملىشىۋېرىدىغان بولسا، سىنىپ مۇدىرىدىن تەنبىھ ئىشىتىشى، ئەڭ مۇھىمى يۇرتقا ساق - سالامەت قايتىپ كېتەلمەسلىكى مۇمكىن ئىدى.
ئۇ تۇنجى كۈنىدىكى پارىڭىمىزدىلا مېنى ئوبدانلا ساراسىمىگە سېلىپ قويغانىدى. دەسلەپ ئۇنىڭ ئىسمىنى ئاڭلىغىنىمدا جاراستاندا ئىشتىنى تىزىغا چۈشۈپ قالغان ئادەمدەك بەك بىئارام بولغانىدىم. ئەگەر راستتىنلا مەمەتجان ئىپارگ−ۈلنىڭ ئېرى بولۇپ چىقىدىغانلا ئىش بولسا، ئۇنىڭ بىلەن بىر يىلنى بىر ياتاقتا بىللە ئۆتكۈزۈشۈم بەك قىيىنغا توختايتتى. جاھاندا شۇنداق نەق كېلىپ قالىدىغان ئىشمۇ بولامدۇ؟ ئۇنى ئۆز نۆۋىتىدە تەڭرىنىڭ ماڭا بەرگەن شەپقەتسىز جازاسى دېيىشكىمۇ بولاتتى. ئويلىمىغان يەردىن ئۇنىڭ ئىدارىسىدە مەمەتجان ئىسىملىكتىن تۆتەيلەننىڭ بارلىقىنى ئاڭلاپ پۇت - قولۇمغا قايتىدىن ماغدۇر كىرگەندەك بولدى. نېمىلا دېگ−ەنبىلەن ب−ۇ سەتچىلىكنىڭ مۇمكىنچىلىك دائىرىسى %25 كە چۈشكەنىدى. يەنە بىر تەرەپتىن مەمەتجاندەك بىر لايغەزەلنى ئىپارگۈلدەك بەرنا چوكاننىڭ لايىقى قاتارىدا ساناش ھېچكىمنىڭ ئەقلىگە سىغمايتتى. ئەگەر شۇنداقلا بولۇپ قالغان بولسا، تەقدىر ئىپارگۈلگە بەك شەپقەتسىزلىك قىلغان بولاتتى. كۆڭلۈم سەل تەسكىن تاپقاندەك بولدى. لېكىن ئاشۇ %25 كىمۇ سەل قارىغىلى بولمايتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇشۇ كۈنلەردە ئىپارگۈلنىڭ ئۇچۇرىمۇ كۆپىيىپ قالغانىدى، كۈندە تورغا كىرىپ پاراڭلىشىشنى تەلەپ قىلىپ تۇرۇۋالاتتى... تۈگۈننى يېشىش قارارىغا كەلدىم. پەقەت شۇنداق قىلغاندىلا ھەقىقىي كۆڭۈل خاتىرجەملىكىگە ئېرىشكىلى بولاتتى.
بىر كۈنى مەمەتجان قاراڭغۇ چۈشمەستە ياتاققا قايتىپ كەلدى. بۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن يېڭىلىق ئىدى. مەن سەل ھەيران بولۇپ ئۇنىڭ ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن كۆزلىرىگە قارىدىم. مەمەتجان جاۋابەن سۇس كۈلۈمسىرەپ قويۇپ كارىۋىتىغا كېلىپ ئولتۇردى.
- بايا بىر ئايالدىن تېلېفون كەپتىكەن، - دېدىم مەن تاماكىنى كۈچەپ شوراۋاتقان مەمەتجانغا قاراپ قويۇپ، - دەرستىن كىرمىدى، دەپ قويدۇم.
مەمەتجان ئېرىنچەكلىك بىلەن بېشىنى كۆتۈردى.
- ئىسمىنى دېدىما؟
- ياق، ئايالىڭىزمىكى دەپ ئويلاپ سورىماپتىمەن.
مەمەتجان بىردەم ئۈنسىز تۇرغاندىن كېيىن كارىۋىتىغا يامپاشلاندى.
- مېنىڭ ئايالىم يوق!
كۆڭلۈم ئارامىغا چۈشتى. ئىپارگۈل بىلەن بولغان پارىڭىمىز يەنە كۆپىيىشكە باشلىدى. ئۇ بىر كۈنى توردا پاراڭلىشىۋېتىپ، تۇيۇقسىز ھېلىقى خەتنىڭ گېپىنى چىقىرىپ قالدى:
- خەتنى ئوقۇدىڭىزمۇ؟
- ئوقۇدۇم.
- قانداق ئويلىدىڭىز؟
مەن بىر ھازا مەڭدەپ تۇرۇپ قالدىم، بۇ سوئالنىڭ ھامان سورىلىدىغانلىقىنى بىلەتتىم. لېكىن نېمە دەپ جاۋاب بېرىش مەسىلىسىدە بىر قارارغا كېلەلمىگەنىدىم.
- خېتىڭىز بەك سەمىمىي يېزىلىپتۇ، - دەپ يازدىم كۆزنەككە بېشىمنى بىرى سۆرەۋاتقاندەك كەيپىياتتا، - سىزگە ئىچىم ئاغرىدى، شۇنىڭ بىلەن ئۆزۈمگىمۇ ئىچىم ئاغرىدى... مۇشۇ ياشتا سىزدەك بىر بەرنا قىزنىڭ نەزەرىگە ئىلىنگىنىم ھاياتىمدىكى ئەڭ چوڭ بەختىم، شۇنداقلا ئەڭ چوڭ بەختسىزلىكىم. مەن سىزنى ياقتۇرىمەن. سىز بىلەن بىللە بولسام، پاراڭلاشسام، ئۆزۈمنى ئازادىچىلىككە چىقىپ قالغاندەك، ئادىمىيلىك قىممىتىمنى قايتىدىن تونۇغاندەك ھېس قىلىمەن. لېكىن...
مەن يوللاش كۇنۇپكىسىنى باستىم. ھايالشىماي ئۇچۇر كەلدى.
- چۈشەندىم.
كۆزنەككە كۆزلىرىدىنلا ئەمەس، قۇلاق بۇرنىدىنمۇ قان تامچىلاۋاتقان بىر باش سۈرىتى كەلدى.
مەنمۇ جاۋابەن ئۆز گۆشىنى ئۆزى يېگۈدەك ئەلپازدا ئىككى يېنىغا سىلكىنىپ تىنىمسىز باش چايقاۋاتقان بىر باش سۈرىتىنى يوللىدىم.
بىردەملىك جىمجىتلىقتىن كېيىن يەنە ئۇچۇر كەلدى.
- سىز بەك ئېسىل ئادەمكەنسىز. راست گەپنى قىلسام، سىزگە نىكاھ ئوقۇتۇش تەلىپىنى قويغىنىمدا، شۇ ئىش ئارقىلىق مەمەتجاندىن ئۆچ ئېلىش نىيىتىممۇ بار ئىدى. بۇنى ئاساسلىق مەۋقەيىم دېسەممۇ بولاتتى. جاۋابىڭىزنى ئاڭلىغاندىن كېيىن خاتا قىلغىنىمنى ئەقلىي ھېس قىلىپ يەتتىم. شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە سىزگە بولغان ھۆرمىتىم ھەسسىلەپ ئاشتى.
غۇژژىدە ئاچچىقىم كەلدى. ئەسلىدە ئىپارگۈل مېنى ۋاپاسىز ئېرىدىن ئۆچ ئېلىشنىڭ قورالى قىلىشنى ئويلىغان ئىكەن - دە؟ ئادەملەرنى چۈشىنىش، بولۇپمۇ ئاياللارنى چۈشىنىش نېمىدېگەن تەس - ھە؟!
- مېنى چۈشەنگىنىڭىزگە رەھمەت!
- ئالدىراپ رەھمەت ئېيتماڭ، بۇنىڭلىق بىلەن مەن سىزدىن ھەرگىز ۋاز كەچمەيمەن!
بېشىم پىررىدە قايدى.
- ئايالىڭىز كەم قويغان بوشلۇقنى تولدۇرۇشنى يەنىلا ئۆز مەجبۇرىيىتىم دەپ ھېسابلايمەن. مەن خېتىمدە سىزدىن چوڭ نەرسىلەرنى كۈتمەيدىغانلىقىمنى، پەقەت بىر زەررىلا نۇر تەلەپ قىلىدىغانلىقىمنى ئېيتقان. مېنىڭچە بۇنى ھەددىدىن ئاشقانلىق دەپ كەتكىلى بولمايدۇ. مەن بىلىمەن سىز ئايالىڭىزغا موھتاج، شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە ماڭىمۇ موھتاج!
- مېنىڭ سىزگە بېرەلەيدىغانلىرىم ھامان چەكلىك. ھەر ئىككىمىز ئىككى لاگېرغا، ئىككى يولغا تەۋە ئادەملەر.
- بۇنى بىلىمەن.
- ئەڭ ياخشىسى سىز بالدۇرراق ئۆز بەختىڭىز ئۈچۈن تىرىشىشىڭىز لازىم. مەن كىچىكىمدە يېتىملىكنىڭ دەردىنى كۆپ تارتقان. بالىڭىز دادىسىز قالسا بولمايدۇ. ھازىرغۇ بالا كىچىك، ھەممە ئۆز يولىدا كېتىۋېرىدۇ، لېكىن چوڭ بولغاندا قانداق قىلىدۇ، بۇنى ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟
- مەندە نېمە ئامال؟
- ھەر ئىشنىڭ ئامالى بار. ھازىرغۇ مەن سىزگە ئەرمەك بولۇپ، ھاياتىڭىزغا مەنە ئاتا قىلارمەن، كېيىن قانداق بولىدۇ؟ مەن ئايالى، ئىككى بالىسى بار ئادەم، بەرىبىر سىزگە ئاش بولالمايمەن!
- سىز مېنى مۇشۇ بەختتىنمۇ مەھرۇم قىلماقچىمۇ؟
- ئەمەلىيەتتە مەن سىزنى تېخىمۇ زور، تېخىمۇ مەڭگۈلۈك بەختكە ئېرىشتۈرمەكچى!
مۇشۇ كۈنلەردە ئايالىم باشقىچە بىر ئادەمگە ئايلىنىپ قېلىۋاتاتتى. ئۇ كۈندە تېلېفون قىلىشنى ئۇنتۇمايتتى، گەپ - سۆزلىرىمۇ ئۆزگىچە بولۇپ، ھارغىن تېنىمگە باشقىچە ئوزۇق ئاتا قىلاتتى.
- بۈگۈن “ئىزدىنىش” رومانىنى تۈگەتتىم، - دەيتتى ئۇ تېلېفون ئۇلىنىپ بولغۇچە، - سىز ئۇ كىتابنى بەك داڭلىغان، ھەقىقەتەن داڭلىغۇچىلىكى بار كىتابكەن. ئەلاغا بەك ئىچىم ئاغرىدى، گۈزەلئايغا بەك ئۆچلۈكۈم كەلدى. ئۇلار بىر - بىرىنى ياخشى كۆرۈشىدۇ، لېكىن ئاخىرغىچە بەختلىك بولالمايدۇ. نېمىشقا شۇنداق بولىدۇ؟ بۇ يازغۇچىنىڭ تاش يۈرەكلىكىمۇ ياكى تۇرمۇش شۇنداقمۇ؟
ئايالىم سورىغان سوئاللارنىڭ ۋەزنى ئېغىر ئىدى. ئۇ كىتابقا قىزىقىپ قالغان شۇ كۈندىن باشلاپ كاللىسى ئوبدانلا ئېچىلىپ كېتىۋاتاتتى.
- بۇ يازغۇچىنىڭ تاش يۈرەكلىكى ئەمەس، بەلكى تۇرمۇش قانۇنىيىتى شۇنداق!
- تەپسىلىي چۈشەندۈرۈپ قويسىڭىز. مەن بۇ ئىككەيلەننىڭ قايتىدىن بىر ياستۇققا باش قويۇپ قېرىغاندا بولسىمۇ بەختلىك ئۆتۈشىگە تەشنا ئىدىم... لايىق جاۋابقا ئېرىشەلمىسەم، كېچىچە ئۇيقۇم ھارام بولىدۇ.
- سىز دېگەندەك ئەلا بەك ئېسىل ئادەم )گۈزەلئايمۇ شۇنداق(، ئۇ گۈزەلئاينى ياخشى كۆرىدۇ، گۈزەلئايمۇ ئەلانى ياخشى كۆرىدۇ. لېكىن تۇرمۇشتا ياخشى كۆرۈشلا كۇپايە قىلمايدۇ. ئىككى كىشىنىڭ بىر تەنگە ئايلىنىشىدا نۇرغۇن شەرت - شارائىتلاردىن سىرت ئۇلارنىڭ گۈزەللىك قارىشى مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. قاراڭ: ئەلانىڭ گۈزەللىك قارىشىدا بىلىم بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇ بىلىمنى ھەممىدىن گۈزەل دەپ قارايدۇ، شۇ ۋەجىدىن پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن بىلىم ئىگىلەشكە بېرىلىدۇ، تۇرمۇشنى كىتابلاردىكىدەك تەسەۋۋۇر قىلىدۇ، ھەممىنى كىتاب بىلەن ئۆلچەيدۇ. گۈزەلئاينىڭ گۈزەللىك قارىشى سەل مۇرەككەپ بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ خىل قارىشى دوستىغا يازغان خېتىدە - خەتتە ئوتتۇرىغا قويغان يىگىت تاللاش ئۆلچىمىدە مەركەزلىك ئىپادىلىنىدۇ. ئۇنىڭ نەزەرىدە مۇكەممەل ئەردە ئۈچ نەرسە بولۇشى كېرەك. بىرىنچىسى، كېلىشكەن قەددى - قامەت؛ ئىككىنچىسى بىلىم؛ ئۈچىنچىسى، پۇل؛ ئەلادا ئالدىنقى ئىككىسى بار، لېكىن پۇل يوق. رەقىبتە ئالدىنقى ئىككىسى يوق، لېكىن پۇل بار. گۈزەلئاي ئاخىر ئەلانى تاللايدۇ. ئۇلار بىر مەزگىل بەختلىك ئۆتىدۇ، لېكىن بۇنداق كۈنلەر ئۇزاققا بارمايدۇ. “پۇلى يوق يىگىت ئەمەن تېتىيدۇ” دېگەندەك، كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئەلا گۈزەلئايغا ئەمەن تېتىشقا باشلايدۇ، بۇنىڭدىن رەقىب پايدىلىنىپ كېتىدۇ... ئەگەر ئەلادا پۇل بولغان بولسا، بۇ پاجىئە يۈز بەرمىگەن، رومانمۇ يېزىلمىغان بولاتتى...
- رەھمەت، بىر قېتىملىق لېكسىيە ئاڭلىغاندەك بولدۇم.
- ئاشۇرۇۋەتتىڭىز.
- راست، كۆڭلۈمدىكى گەپلەرنى قىلىۋاتىمەن.
- ئۇنداق بولسا سىزگىمۇ رەھمەت. مەن سىزنىڭ كىتاب ئوقۇغانلىقىڭىزدىن بەك خۇش.
- مەنمۇ خۇش. كىتاب ئوقۇشنى باشلىۋالغاندىن بېرى، ئۆزۈمنى باشقىچە ئادەم بولۇپ قېلىۋاتقاندەك ھېس قىلىۋاتىمەن. بۇرۇنقى بىھۇدە ئۆتۈپ كەتكەن كۈنلىرىمگە ئىچىم ئاغرىيدۇ.
- ھازىرمۇ كېچىكمەيسىز.
- يەنە بىر تۈگۈن بار، ئۇ قاچان يېشىلەر؟
مەن ئالمىرەنىڭ نېمە دېمەكچى بولۇۋاتقىنىنى ھېس قىلىپ يەتتىم. ئۇ ئىككىمىزنىڭ ئىشىنى دەۋاتاتتى.
- ھازىر يېشىلىۋاتىدىغۇ؟ مېنىڭچە ئۇزاققا قالمايدۇ.
- سىز شۇنداق ئويلامسىز؟
- شۇنداق!
- مەن پۇشايمان قىلىۋاتىمەن.
- مۇنداق دېمەڭ، چاۋاك بىر قولدىن چىقمايدۇ، بۇ ئىشتا مېنىڭمۇ مەسئۇلىيىتىم بار.
- ئۇنى بۇنى دېگەن بىلەن بىر ئىشقا باھا بېرىشتە مەن سىزگە يېتەلمەيمەن.
- مۇشۇنداقلا ماڭسىڭىز، مەندىن ئېشىپ كېتىدىغاندەك قىلىسىز.
- مەن سىزگە ياندىشىپ ماڭالىساملا شۇنىڭغا خۇش.
- مېنىڭ ئۈمىدىممۇ شۇ.
- ئۈمىدىڭىزنى ئاقلاشقا تىرىشىمەن!
- ئەمدى قايسى كىتابنى ئوقۇشنى ئويلىشىۋاتىسىز؟
- “ئانا يۇرت”نى.
- ئوبدان ئويلاپسىز، “ئىز” بىلەن “ئويغانغان زېمىن”نى ئوقۇۋېتىپ، ئاندىن “ئانا يۇرت” نى ئوقۇسىڭىز تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. بۇ كىتابلار بىر - بىرىگە ئۇلىنىدۇ. بىر - بىرىنى تەقەززا قىلىدۇ.
- مېنى سېغىندىڭىزمۇ؟
تۇرۇپلا قالدىم. ۋۇجۇدۇم ئوتقا چۈشكەن قىلدەك ئېرىپلا كەتتى. راست گەپنى قىلسام ئالمىرەنى سېغىنغانىدىم. نېمىلا دېگەنبىلەن ئۇ مېنىڭ ئايالىم، ئىككى بالامنىڭ ئانىسى ئىدى. ئەڭ مۇھىمى ئۇ ماڭا سادىق ئىدى. بىز 17 يىلنى بىللە ئۆتكۈزۈپ، نۇرغۇن ئىسسىق - سوغۇقلارغا بىللە شاھىت بولغانىدۇق.
- ئەلۋەتتە سېغىندىم!
ئارىنى ئېغىر جىمجىتلىق قاپلىدى.
- مەن ئورۇقلىدىم.
- بۇرۇنقى تۇرقىڭىزمۇ چىرايلىق ئىدى، ئورۇقلىغان بولسىڭىز تېخىمۇ بەرنالىشىپ كەتتىڭىز ھەقاچان. بۇنداق بولۇشىنى بىلگەن بولسام، بالدۇرراق بىلىم ئاشۇرۇشقا كېتەركەنمەن.
- بىلىم ئاشۇرۇشقا كەتكىنىڭىزمۇ بىر ھېسابتا ياخشى بولغانىكەن.
- جۇدالىق چۈشىنىشنى، مۇھەببەتنى كۈچەيتىدۇ.
مەن يەنە تورغا چىقىشنى ئۆگىنىۋالدىم. ئەختەمجان بالام QQ نومۇرىمۇ ئېلىپ بەردى. خالىسىڭىز توردا پاراڭلاشساق.
- ھازىر باشلامدىمىز؟
- ھازىر بولسا تېخىمۇ ياخشى. تېلېفوندا بەزى گەپلەرنى دېيىش ئەپسىزكەن.
- ئەمىسە نومۇرىڭىزنى دەڭ، مەن قوشۇۋالاي.
ئالمىرە نومۇرنى دەپ بەردى، مەن خاتىرىلىۋالدىم.
ئىككىمىز تېزلا ئالاقە باغلىۋالدۇق. ئايالىمنىڭ QQ دىكى ئىسمى “ناۋا” ئىكەن، بۇ ئىسىم ماڭا ياقتى. ئىككىمىز پارىڭىمىزنى ئوڭۇشلۇق باشلىۋالدۇق...
ھەش - پەش دېگۈچە تەتىل ۋاقتىمىز يېقىنلىشىپ قالدى. مەمەتجان كونا خۇيىنى تاشلىمىغانىدى. كۈندە ئىچەتتى، كەچ بىر مەھەلدە پەيدا بولۇپ، بىردەم پۇشۇلداپ ئولتۇرغاندىن كېيىن تام تەرەپكە ئالدىنى قىلىپ ئۇيقۇغا كېتەتتى. ئۈچ ئاي بىر ياتاقتا يېتىپمۇ دوستلۇق ئاتا قىلالمىغان بۇ بايقۇشنىڭ مۇشۇ يولنى تۇتقىنىمۇ بىر ھېسابتا ئوبدان بولغىنى ئىدى. ئۇ مېنىڭ ياتاقتا ئازادە ماتېرىيال كۆرۈشۈم ۋە باشقا ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولۇشۇمغا ئوبدان پۇرسەت يارىتىپ بەرگەنىدى. بىر تۇرۇپ يەنە ئۇنىڭغا ئىچىم ئاغرىيتتى. نېمىلا دېگەنبىلەن بىز بىر يۇرتلۇق. يەنە كېلىپ بىر ياتاقتا يېتىۋاتقىنىمىزغىمۇ ئۇزاق بولدى. شۇنداق تۇرۇپ بىرەر قېتىم قېنىپ مۇڭدىشالمىساق، خۇشاللىق - ئازابلىرىمىزغا ئورتاقلىشىپ، مۇساپىرلىق تۇرمۇشىمىزغا مەنە ئاتا قىلالمىساق بۇمۇ ئادەمگە ئېغىر كېلىدىغان ئىش ئىدى.
ئىش ئويلىغىنىمدەك بولدى: ئۇ بىر كۈنى كەچ ئىشىكتىن كىرىپلا ۋايجانلىنىغىچە يەرگىلا يىقىلدى. ھەرقانچە قىلىپمۇ كارىۋاتقا ئالالمىدىم. ئۇ قورسىقىنى تۇتقىنىچە يىلاندەك تۈگۈلۈۋالغانىدى. ئېغىزىدىن “ئېرگۇتۇۋ”نىڭ قاڭسىق پۇرىقى كېلەتتى.
- نىمە بولدىڭىز، بىر يېرىڭىز ئاغرىۋاتامدۇ؟
مەمەتجان بېشىنى لىڭشىتتى.
- تاماق يېمىگەنما؟
يەنە بېشىنى لىڭشىتتى. بۇ بايقاش ئاچ قورساققا ھاراق ئىچكەنىدى.
- كارىۋاتقا چىقىپ يېتىڭ، مەن سىزگە ئىسسىق چاي دەملەپ بېرەي.
مەمەتجان مەندە ئۇنچىلىك مادار يوق، دېگەن مەنىدە بېشىنى چايقىدى. ئۇ زەپەدەك سارغىيىپ كەتكەنىدى. كۆڭلۈم بىر شۇملۇقنى سەزگەندەك بولۇپ، دەرھال پېشانىسىنى تۇتتۇم، پېشانىسى ئوت - كاۋاپ بولۇپ كېتىپتۇ.
ئىش چاتاق. مەن ياندىكى ياتاقتىن ئىككەيلەننى چاقىرىپ، مەمەتجاننى ئۇنىمىغىنىغا ئۇنىماي مەكتەپ دوختۇرخانىسىغا ئاپاردىم. دوختۇرلار ئالىتۆپە بولۇپ كەتتى. مەمەتجان تولغىقى تۇتقان ئايالدەك ئىنجىقلايتتى، نەپەسلىنىشىمۇ تەس ئىدى، ۋاقىت ئۆتكەنسېرى ئىچىگە تىنىپ قېلىۋاتاتتى. مەكتەپ دوختۇرخانىسىدىكلەر ماشىنا چاقىرتىپ يېقىن ئەتراپتىكى بىر دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىشتى. بىردەملىك تەكشۈرۈشتىن كېيىن مەمەتجان ئوپېراتسىيەخانىغا ئېلىپ كىرىلدى. ئاڭغىچە سىنىپ مۇدىرىمىز يېتىپ كەلدى، ئۇ مەندىن ئۆتە جىددىيلىشىپ كەتكەنىدى.
ئوپېراتسىيە ئۈچ سائەت ئەتراپىدا داۋاملاشتى. مەمەتجاننىڭ ئاشقازىنى تېشىلگەن بولۇپ ھوشسىز ياتاتتى.
- ئەھۋالى سەل خەتەرلىكتەك قىلىدۇ، شۇڭا ئايالىغا خەۋەر قىلساق، - دېدى مۇئەللىم چامغۇر ئورىسىدەك ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن كۆزلىرىنى چىڭ يۇمغىنىچە ئىچىگە تىنىپ ياتقان مەمەتجانغا ئېچىنىش نەزەرىدە قاراپ قويۇپ، - بايا مەسئۇل دوختۇر بىلەن كۆرۈشتۈم. ئۇ كىشى بىمارنىڭ تەلىيى بار ئىكەن، تېز ئېپ كەپسىلە، يەنە يېرىم سائەت كېچىككەن بولسا، ھاياتىنى ساقلاپ قالغىلى بولمايتتى. ئوپېراتسىيە ئوڭۇشلۇق بولدى. لېكىن بىمارنىڭ تېنى بەك ئاجىزكەن، ئاسانلىقچە ئورنىدىن تۇرالمايدۇ، دەۋاتىدۇ.
- ئۇنىڭ ئايالى يوق، - دېدىم مۇئەللىمدىن كۆزۈمنى ئېلىپ قېچىپ.
- نېمە، ئايالى يوق دېدىڭىزما؟
مۇئەللىمنىڭ كۆزلىرى چوڭ ئېچىلدى.
- شۇنداق، ئۆزى ماڭا شۇنداق دېگەن.
- ئايالى بولمىسا ئۇرۇق - تۇغقانلىرىغا بولسىمۇ خەۋەر قىلايلى.
مەن جىم بولۇپ قالدىم.
- سىلى بۇرۇن تونۇشمامتىڭلا؟
مەن باش لىڭشىتتىم.
- ھەي...
مۇئەللىم جىم بولۇپ قالدى.
- مەن ئامالىنى قىلاي!
- جان دېگەن تەندە ئامانەت، ھەرھالدا ئىگە بولىدىغان بىرەرسى چىقمىسا بولمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە تەتىل يېقىنلىشىپ قېلىۋاتىدۇ. ھەپتە - ئون كۈندىن كېيىن يۇرتقا قايتمىساڭلا بولماس.
- سىلى قايتىپ ئارام ئالسىلا، - دېدىم كۆزلىرىدە ئۇيقۇ قايناۋاتقان مۇئەللىمگە قاراپ، - باشقىلارمۇ قايتسۇن، بۈگۈن كېچە مەن قاراي.
- بولىدۇ، بىرەر ئۆزگىرىش بولۇپ قالسا ماڭا تېلېفون قىلىڭ.
- ماقۇل.
مۇئەللىم دوختۇرخانىغا بىللە كەلگەن ئىككەيلەننى ئەگەشتۈرۈپ مەكتەپكە قايتتى، مەن مەمەتجانغا ھەمراھ بولۇپ قالدىم.
مۇئەللىمنىڭ دېگىنى توغرا ئىدى. ساۋاقداشلار بولغاچقا، بىرەر ھەپتىگىچە قارىغۇچىدىن قىسىلمايتتۇق، مەن كۆپرەك قاراپ، باشقىلار ياردەملەشسە، بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتەتتى. لېكىن دوختۇر دېگەندەك ئەسلىگە كېلىش ۋاقتى سۈرۈلۈپ كەتسە، بۇنىڭسىزمۇ ئۆيىنى سېغىنىپ كۆزلىرى تېشىلەي دەپ قالغان ساۋاقداشلارنى يەنە تۇتۇپ قالغىلى بولمايتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە مەمەتجاننىڭ ئەھۋالى ئۆزگىچىرەك بولۇپ، سىنىپتا ئۇ پاراڭلىشىپ باقمىغانلارمۇ يېرىمدىن كۆپرەك ئىدى. قانداق قىلغۇلۇق؟ مەمەتجاننىڭ ئىدارىسىگە تېلېفون قىلىشنى ئويلىدىم. بۇ بولىدىغان ئامال ئىدى، لېكىن ئۇنىڭغا ئىككى كۈن ساقلاشقا توغرا كېلەتتى. سەۋەبى بۈگۈن دەل جۈمە بولۇپ، شەنبە، يەكشەنبە كۈنلىرى ئىدارىسىدىكىلەر دەم ئالاتتى. تېلېفونىغا قاراپ باقاي، بەلكىم ئۆيىدىكىلەرنىڭ نومۇرى چىقىپ قالار دېگەن ئوي بىلەن ئۇنىڭ كىيىملىرىنى بىر قۇر ئاختۇرۇپ چىقتىم. تېلېفوننىڭ قارىسىمۇ كۆرۈنمىدى. قارىغاندا ئۇ تېلېفونىنى ئىچكەن يېرىدە ئۇنتۇپ قالغاندەك قىلاتتى. بەلكىم بىز دوختۇرخانىغا يۆتكەش جەريانىدا چۈشۈرۈپ قويغاندىمىز... ئاخىر ياتاقتىكى نەرسە - كېرەكلىرىنى ئاختۇرۇپ بېقىش قارارىغا كەلدىم. پەقەت بولمىغاندا، ئەتە ئالمىرەگە ياكى يالقۇنغا تېلېفون قىلىپ، ئاتا - ئانىسى بىلەن ئالاقىلىشىشنىڭ يولىنى قىلىشنىمۇ كۆڭلۈمگە پۈكۈپ قويدۇم.
مەمەتجان ئەتىسى سەھەردىمۇ ھوشىغا كەلمىدى، مەن سەل جىددىيلىشىشكە باشلىدىم. دوختۇرلارنىڭ ئىشقا چۈشۈشىگە ئۈلگۈرۈپ قوشنا ياتاقتىكى قالىبىك ئىسىملىك قازاق ساۋاقدىشىم كەلدى. ئۇ بىر قاچىدا تاماق ئېلىپ كەلگەنىدى، مەمەتجاننىڭ ئەھۋالىنى كۆرۈپ ماڭا شۈبھىلىك نەزەردە قاراپ قويدى.
- ئەھۋالى...
- تېخى ھوشىغا كەلمىدى.
قالىبىك جىم بولۇپ قالدى.
- سىز ياتاققا قايتىپ بىردەم كۆزىڭىزنى يۇمۇۋېلىڭ، چۈشكىچە مەن قاراي، چۈشتىن كېيىن سايبىك كېلىدۇ.
كۆزلىرىم قۇم تىققاندەك ئېچىشىپ تۇراتتى. بېشىممۇ ئېغىر بولۇپ، يېنىم يەر تارتىپلا تۇراتتى. شۇڭا قالىبىككە بەزى ئەسكەرتمىلەرنى بەرگەندىن كېيىن خوشلىشىپ سىرتقا چىقتىم.
ياتاققا كېلىپلا سايبىك بىلەن باتۇر ئىسىملىك موڭغۇل ساۋاقدىشىمنى چاقىرىپ كىردىم.
- مەمەتجاننىڭ ئەھۋالى دېگەندەك ئەمەس، - دېدىم مەن ئۇلارغا قاراپ قويۇپ، - مۇئەللىم ئۇرۇق - تۇغقانلىرىغا خەۋەر بېرىشىمنى ئۇقتۇردى. ھېچ قىلىپمۇ ئالاقىلىشىش ئۇچۇرىغا ئېرىشەلمىدىم، ئىككىڭلا بېشىمدا تۇرۇپ بەرسەڭلا، مەمەتجاننىڭ نەرسە - كېرەكلىرىنى ئاختۇرۇپ باقسام، بىرەر ئۇچۇرغا ئېرىشىپ قالساق ئەجەب ئەمەس.
ئۇلار باش لىڭشىتىشتى. مەن مەمەتجاننىڭ چامادانىنى ئاچتىم. چاماداندا كۆزگە چېلىققۇدەك نەرسىلەردىن بىر نەچچە قۇر كىيىم، بىر خاتىرە، بىر ئالبوم بار ئىكەن. دەسلەپ خاتىرىنى قولۇمغا ئالدىم، خاتىرە قۇرۇق ئىدى. ئالبومنى ئالدىم. بىرىنچى ۋاراقنى ئېچىپ تۇرۇپلا قالدىم. ئۇنىڭدا مەمەتجان بىلەن ئىپارگۈلنىڭ بىللە چۈشكەن سۈرىتى ماڭا قاراپ تۇراتتى.
ئەسلىي ئىپارگۈل مۇشۇ بايقۇشنىڭ ئايالى ئىكەن - دە؟
چوقامدىن كىرگەن بىر ئاغرىق تاپىنىمغا كېلىپ توختىدى. مەن كەينىمگە سەنتۈرۈلۈپ كەتتىم. ئىككەيلەن مېنى تۇتۇۋالدى.
- نېمىش بولدى؟
- ھېچ... ھېچنېمە...، - مەن تېزلا ئۆزۈمنى تۇتۇۋالدىم. شۇنداق قىلمىساممۇ بولمايتتى، - سەل چارچاپ قالغاندەك قىلىمەن.
- كېچىچە ئۇخلىمىدىڭىز ئەمەسمۇ؟ - دېدى سايبىك مېنى يۆلەپ كارىۋاتقا ئەكىلىپ ئولتۇرغۇزۇپ، - سىز بىردەم ئارام ئېلىۋېلىڭ، چاماداننى ھېلى ئاختۇرايلى.
- مەيلى
ئىككەيلەن تاماق ئالغاچ كىرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ سىرتقا ماڭدى. مەن كارىۋاتقا ئۆزۈمنى تاشلىدىم.
- ئاھ خۇدا، - دەپ نالە قىلدىم ئۆز - ئۆزۈمگە، - بۇ نېمىدېگەن سەتچىلىك، نېمىدېگەن شەرمەندىچىلىك؟! بۇ ھالدا مەن مەمەتجاننىڭ يۈزىگە قانداق قارايمەن؟!
ئالبومنى قايتىدىن قولۇمغا ئالدىم، ئالبوم بايىقىدىن خېلىلا ئېغىرلاپ كەتكەندەك تۇيۇلدى. ئاۋايلاپ ئاچتىم، مەن مەمەتجاننىڭ يېنىدىكى قىزنىڭ ئىپارگۈل بولماسلىقىنى بەكمۇ ئۈمىد قىلغانىدىم. ئەپسۇس... ئىپارگۈلگە قارىدىم، سۈرەتتىكى قىز ھازىرقى ئىپارگۈلدىن نەچچە ھەسسە چىرايلىق ئىدى، ئۇزايىدىن خۇشاللىق تۆكۈلۈپ تۇراتتى. مەن يېنىك ئۇھ تارتقىنىمچە مەمەتجانغا يۈزلەندىم، ئۇمۇ ئەسلىدە كىرپىكلىرى تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان بەرنا يىگىت ئىكەن ئەمەسمۇ؟ مەن بىر خىل گۇناھكارلىق تۇيغۇسىدا تۇرقۇمغا كۆز يۈگۈرۈتتۈم. تېنىم ئۆزۈمگە يىرگىنىشلىك بىلىندى. مەن ئەزەلدىن بۇنداق تۇيغۇدا بولۇپ باقمىغانىدىم. ئەمدى قانداق قىلغۇلۇق؟
مەن كۆپ ئويلاندىم. بېشىمنىڭ ئىچىمۇ تېشىمۇ قاتتى. لېكىن مۇۋاپىق جاۋابقا ئېرىشەلمىدىم.
مېنىڭ قاپىقىم يامان بولغىنى بىلەن باغرىم يۇمشاق ئىدى، مېنىڭ سەۋەبىمدىن باشقىلارنىڭ بىھۇدە ھەرەج تارتىشلىرىغا چىداپ تۇرالمايتتىم. كۆڭۈل ئاغرىقى كۆرۈلسە، مەسىلىنى ئۆزۈمدىن ئىزدەشكە ئادەتلەنگەنىدىم. شۇ ۋەجىدىن ھەدېگەندە ئىشتىن، خاپىلىقتىن باش كۆتۈرەلمەي ئىچىمگە تىنىپ يۈرەتتىم... تەقدىر مەمەتجان بىلەن مېنى بىر ياتاققا ئورۇنلاشتۇرۇپ، بۇنى ئاز دەپ كېسىلىنى باقتۇرۇپ بەك بەلەن ئۇسۇلدا ئۆچىنى ئالغانىدى. ئۇ مەندەك بىر ئىچ مىجەز ئادەم ئۈچۈن كۆتۈرۈپ قوپقۇسىز ئاھانەت ۋە ھاقارەت ئىدى. ھەرھالدا ھازىرغىچە مەمەتجاننىڭ بۇ سەتچىلىكلەردىن خەۋىرى يوق. خەۋەر تېپىپ قالسا، قانداق بولۇپ كېتەر؟ ئۇنىڭسىزمۇ لەختە - لەختە بولۇپ كەتكەن يۈرىكى بەرداشلىق بېرەلەرمۇ؟ مەن كاچىتىمغا ئىككىنى سېلىۋەتتىم...
مىڭ قەترە شۈكۈركى، ئىپارگۈل بىلەن ئارىمىزدا خۇپىيانە سۆزلىشىشلەرنى ھېسابقا ئالمىغاندا كۆڭۈل كۆتۈرمىگىدەك بىرەر ئىش يۈز بەرمىگەنىدى. ئەگەر شۇنداق ئىش بولۇپ قالغان بولسا، ئۇ چاغدا ئىش باشقىچە بولغان - ئۆمۈربويى ئۆزۈمنى كەچۈرمىگەن بولاتتىم. ھەرھالدا كېچىكىپ بولسىمۇ بېشارەتكە ئېرىشتىم. تەقدىر ماڭا بەك رەھىمسىزلىك قىلدى، شۇنداقلا ۋاقتىدا ساخاۋەت قولىنى سوزۇپ، خاتالىقىمنى تونۇش پۇرسىتىگە ئىگە قىلدى. ئېنىقكى بۇ شەپقەتلىك ئاللانىڭ ئىلگىرىكى ياخشىلىقلىرىمغا قايتۇرغان ياخشىلىقى ئىدى. مەن چوقۇم خاتالىقىم ئۈستىدە ئوبدان ئويلىنىپ گۇناھلىرىمنى يۇيۇشۇم؛ مۇشۇ قېتىملىق ساۋاقنى ئەينەك قىلىپ، ئەسلىدىكى ئۆزۈمنى تېپىۋېلىشىم لازىم!
مەن ئورنۇمدىن دەس تۇردۇم. بۇ مەمەتجان بىلەن ئىپارگۈلنى ياراشتۇرۇپ، گۇناھىمنى يۇيۇشنىڭ ئەڭ ياخشى پۇرسىتى! ئۇلارنىڭ بىر - بىرىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىدا گەپ يوق. ئەگەر شۇنداق يېرى بولمىغان بولسا، ئىپارگۈل ئاتا - ئانا، يۇرت - مەھەللىنى تاشلاپ مەمەتجاننىڭ كەينىدىن ناتونۇش بىر يۇرتقا كېلىپ مۇساپىرچىلىقتا يۈرمىگەن؛ مەمەتجانمۇ ئىپارگۈل ئۈچۈن ئۆزىنى بۇ ھالدا جازالىمىغان بولاتتى ! مەن “زىخمۇ كۆيمەيدىغان، كاۋاپمۇ خام قالمايدىغان” بىرەر ئۇسۇل ئۈستىدە ئىزدەنگەچ دوختۇرخانىغا قاراپ يول ئالدىم، مېنىڭچە بۇنداق ئامالنى تاپالايدىغانلىقىمغا ئىشەنچىم كامىل ئىدى.
ياتاققا كىردىم. مەمەتجان ھوشىغا كەپتۇ. ئۇ مېنى كۆرۈپ سۇس كۈلۈمسىرىدى، مەن قوقاسقا دەسسىۋالغاندەك بىئارامچىلىقتا يېنىغا كېلىپ ئولتۇردۇم.
- قانداقراق؟
مەمەتجان “ياخشى” دېگەن مەنىدە بېشىنى لىڭشىتتى. مەن ئۇنىڭ چوكىدەك ئورۇق قوللىرىنى تۇتتۇم. قولى مۇزدەك سوغۇق ئىدى. ئاڭغىچە سىرتتىن قالىبىك كىرىپ كەلدى. مەن ئورنۇمدىن تۇردۇم.
- بايا قان سالدى، - دېدى قالىبىك قولىدىكى ئىككى قۇتا دورىنى ئىشكاپ ئۈستىگە قويۇۋېتىپ، - ھازىر مەسئۇل دوختۇر بىلەن كۆرۈشۈپ چىقتىم. مەمەتجان خەتەرلىك باسقۇچتىن ئۆتۈپ كېتىپتۇ، ماۋۇ ئىككى قۇتا دورىنى بەردى، بىر كۈندە ئىككى تالدىن ئۈچ ۋاق ئىچىدىكەن. بىرى قان تولۇقلايدىغان، يەنە بىرى ياللۇغلىنىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان دورىكەن.
- جاپا تارتتىڭىز قالىبىك، سىزگە كۆپ رەھمەت، - دېدىم مەن قالىبىككە يۈزلىنىپ، - ئەمدى سىز قايتىپ ئارام ئېلىڭ، ھازىردىن باشلاپ مەن قارايمەن.
- يەنە سىز قارامسىز؟
- ھەئە، بايا ئوبدان ئۇخلىۋالدىم.
قالىبىك چاپىنىنى ئالدى.
- ئىش بولسا تېلېفون قىلىڭ.
- ماقۇل.
قالىبىك چىقىپ كەتتى. مەن مەمەتجاننىڭ يېنىغا كېلىپ ئولتۇردۇم.
- تاماق يېدىڭىزمۇ؟
- يېدىم.
- ھازىرمۇ ئاغرىۋاتامدۇ؟
- ئانچە ئەمەس، بۇرۇنقىغا قارىغاندا خېلى قويۇپ بەردى.
- ئاستا - ئاستا ياخشى بولۇپ كېتىسىز.
- رەھمەت.
ئارىنى جىمجىتلىق قاپلىدى.
- تۈنۈگۈن بىزنى بەك قورقۇتۇۋەتتىڭىز.
مەمەتجان سۇس كۈلۈمسىرىدى.
- مەڭزىڭىزگە قان يۈگۈرۈپ چىرايلىقلىشىپ كېتىپسىز.
- شۇنداقمۇ؟
مەمەتجاننىڭ ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن كۆزلىرى ياشقا تولدى.
- سىلەرنى بىسەرەمجان قىلغىنىمدىن مەن بەك خىجىل.
- ئۇنداق دېمەڭ، - دېدىم مەن مەمەتجاننىڭ كۆڭلىنى ياساپ، - ئىنساندارچىلىقتا بۇنداق ئىشلار بولۇپ تۇرىدۇ. ھەرھالدا تەلىيىڭىز بار ئىكەن، ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا ئەكىلىۋالدۇق. مانا خەتەردىنمۇ ئۆتۈپ كەتتىڭىز، ئاز كۈن ئۆتمەي ياخشى بولۇپ كېتىسىز.
مەمەتجان جىم بولۇپ قالدى، بۇ تۈگۈنلەرنى يېيىشنىڭ ئەڭ ياخشى پۇرسىتى ئىدى.
- بىر ياتاقتا بىللە يېتىۋاتقىنىمىزغا ئۈچ ئايدىن ئېشىپتۇ، - دېدىم مەن مەمەتجاننىڭ يوتقىنىنى تۈزەشتۈرگەچ، - نېمىشقىدۇر تۈزۈكرەك پاراڭلىشىپمۇ باقماپتىمىز. يا سىز تەشەببۇسكار بولماپسىز، يا مەن چوڭ بولغاندىكىن سىزنى يېنىمغا تارتىپ ھالىڭ نېمە، كۈنىڭ نېمە دەپ سورىماپتىمەن.
مەمەتجان ئۈندىمىدى. ئۇنىڭ ئىپادىسىز كۆزلىرى بىز نۇقتىغا - تورۇسقا تىكىلگەنىدى.
- ئىككىمىز بىر - بىرىمىزنىڭ ھالىغا يېتىشكەن بولساق، بۇ كۆڭۈلسىزلىكلەرمۇ بولماس ئىدى.
- مېنىڭ دەردىم بەك جىق، - دېدى مەمەتجان تۇيۇقسىز زۇۋانغا كېلىپ، - ئۇنىڭغا داۋا يوق!
نېمىلا دېگەنبىلەن مەمەتجان دەردىنى ئېتىراپ قىلدى، بۇ ياخشى باشلىنىش ئىدى. مەن دەرھال ھۇجۇمغا ئۆتتۈم.
- دەردىڭىزنى سىز دېمىسىڭىزمۇ مەن ئوبدان بىلىمەن.
مەمەتجان بۇ مۇمكىنمۇ دېگەن مەنىدە ماڭا بۇرۇلۇپ قاراپ قويدى.
- ھازىر خېلى ئوڭشىلىپ قالدىڭىز، شۇڭا بەزى گەپلەرنى سىزگە دېيىشنى مۇۋاپىق تاپتىم. بىزدە “كېسەلنى يوشۇرساڭ، ئۆلۈم ئاشكارا بولىدۇ” دەيدىغان ھېكمەت بار. سىزمۇ يوشۇرماڭ، مەنمۇ قارىشىمنى دەپ باقاي، دەردىڭىز داۋا تېپىپ قالسا ئەجەب ئەمەس.
مەمەتجان قىمىرلاپ قويدى.
- تۈنۈگۈن كەچ سىنىپ مۇدىرىمىز ئايالىڭىزغا خەۋەر بېرىشنى ئۇقتۇرغانىدى، - دەپ سۆز باشلىدىم ئۈزۈلمەي ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان “يېڭىلىق”لاردىن گاڭگىراپ قېلىۋاتقان مەمەتجانغا مەنىلىك قاراپ قويۇپ. ئارقىدىن تۈنۈگۈن كەچتىن باشلاپ يۈز بەرگەن ئىشلارنى تەپسىلىي سۆزلەپ بەردىم.
- چامادانىڭىزنى ئاختۇرۇشىمىز ئامالسىزلىقتىن بولغان ئىش، توغرا چۈشىنىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.
مەمەتجان توغرا چۈشىنىمەن، دېگەن مەنىدە بېشىنى لىڭشىتىپ قويدى.
- سىز مەندىن توي قىلغانلىقىڭىزنى يوشۇرۇپسىز.
- قانداق بىلدىڭىز؟
- ئالبومدىن!
مەمەتجان جىددىيلىشىپ كارىۋاتنىڭ بېشىغا سۈرۈلدى. مەن ياستۇقىنى تۈزەشتۈرۈپ قويدۇم.
- مەن ئايالىڭىزنى تونۇيمەن.
مەمەتجاننىڭ كۆزلىرى چوڭ ئېچىلدى.
- ئايالىڭىزنىڭ باشلىقى غوپۇركام بىلەن ئوبدان ئۆتىمىز. بىزنىڭ چېيىمىزمۇ بار. مەن ئايالىڭىزنى شۇنىڭ ئىشخانىسىدا كۆرگەن. ئىسمى ئىپارگۈلغۇ؟
ئىپارگۈلنىڭ ئىسمى چىقىشى بىلەن مەمەتجاننىڭ چىرايى خەسىدەك ئاقىرىپ كەتتى.
- باشقىچە ئويلىنىپ قالماڭ، - دېدىم مەن مەمەتجاننى خاتىرجەم قىلىشقا تىرىشىپ، - بايا تېلېفوندا غوپۇركام بىلەن كۆرۈشۈپ بەزى ئىشلارنى مەسلىھەتلەشتىم. ئۇ سىزنى ئوبدان بىلىدىكەن، ئاراڭلاردا بولغان كۆڭۈلسىزلىكلەرنى بىر قۇر دەپ بەردى.
مەن مەمەتجاننى خاپا بولۇپ چىچاڭشىپ كېتىدۇ دەپ ئويلىغانىدىم، لېكىن ئىش ئويلىغىنىمدەك بولمىدى. ئۇ پەقەت خورسىنغان ھالدا:
- غوپۇركامنىڭ نېمە قىلىپ يۈرگىنىدۇ بۇ؟ - دەپلا قويدى.
مەن يالغاندىن بىرنى توقۇدۇم. مەن بىلەتتىم، ئاداۋەتلىشىپ قالغان ئىككى ئادەمنى ياراشتۇرۇپ قويۇش ئۈچۈن يالغان ئېيتسا گۇناھ ھېسابلانمايتتى. شۇڭا يالغاننى ئاخىرغىچە ئېيتىش قارارىغا كەلدىم. ماڭا نىسبەتەن بۇنىڭدىن ئەپلىكرەك ئامالمۇ يوق ئىدى.
- ئاراڭلاردا قانداق ئىش بولغان؟
مەمەتجاننىڭ قوشۇمىسى تۈرۈلدى.
- ماڭا قاراڭ مەمەتجان، - دېدىم مەن سالماق قىياپەتتە، - بىلىشىمچە سىز ئىپارگۈلنى بەك ياخشى كۆرىسىز، ئەگەر شۇنداق بولمىغاندا ئىدى، ئۆزىڭىزنى بۇ ھالدا تاشلىۋەتمىگەن بولاتتىڭىز. مەن ئالبومنى بىر قۇر ۋاراقلاپ چىقتىم، سىز ئەسلىدە قىزلار كۆيۈپ قالغۇدەك كېلىشكەن يىگىت ئىكەنسىز...
مەمەتجان گەپ قىلمىدى، ئارىدا سېسترا قىز كىرىپ ئوكۇل سۇيۇقلۇقىنى ئالماشتۇردى.
- ئاراڭلاردا كۆڭۈل كۆتۈرمىگىدەك ئىش بولغانمۇ؟
مەمەتجان بېشىنى لىڭشىتتى.
پۇشايمان قىلدىڭىز، شۇنداقمۇ؟
- مەن...
مەمەتجان بوغۇلۇپ كەتتى.
- ئوغۇلبالىچىلىقتا ئۇنداق ئىشلاردىن ساقلىنىش تەس، مۇھىمى خاتالىقنى تونۇش!
- مەن نېمىشقا خاتالىقىمنى تونۇغۇدەكمەن؟ ئۇ ئىشنى مەن خالاپ قىلمىغان تۇرسام.
- نېمە دېدىڭىز؟
- ئۇ ئىشلاردىن مېنىڭ راستتىنلا خەۋىرىم يوق!
- بىرسى مەجبۇرلىغانمۇ؟
- ئۇنداق ئىش يوق. مەن بىرسىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىدىم!
- ئادەمنى گاڭگىرىتىپلا قويدىڭىزغۇ؟
- مەن ئۇ كۈنى مەست ئىدىم، ئۆيگە قانداق كەلگىنىمنىمۇ بىلمەيتتىم، بىر چاغدا ئىپارگۈل ئالدىمدا تۇرىدۇ، يېنىدا ناتونۇش بىر ئايال.
- سىز ئۇ ئايالنى راستتىنلا تونۇمامسىز؟
مەمەتجان ئىشىك تەرەپكە قارىۋالدى.
- ئەھۋالنى ئىپارگۈلگە دېمىدىڭىزمۇ؟
- دېمەيدىغان ئىش بولامدۇ؟ مىڭ قېتىم دېگەندىمەن، لېكىن ئۇ... پاكىت شۇنداق تۇرسا، ئۇ قانداقمۇ ئىشىنىدۇ؟
ھەممە ئايان بولدى. بۇ بىر زور ئۇقۇشماسلىق ئىدى.
- بىرەر كىشىدىن گۇمانىڭىز بارمۇ؟
- بار، لېكىن پاكىتىم يوق.
- ئۇ كىم؟
- دېسەممۇ سىز تونۇمايسىز.
- قېنى دەپ بېقىڭ، تۈگۈننى يېشىشكە پايدىسى بولۇپ قالسا ئەجەب ئەمەس.
مەمەتجان كۆزىنى يۇمۇپ بىردەم جىم تۇرغاندەك كېيىن ئېغىزىنى ئۆمەللىدى:
- دوختۇرخانا باشلىقىنىڭ ئوغلى، ئىسمى تەلئەت، ئۇ شۇ يىللاردا ئىپارگۈلگە ساقال تاشلاپ يۈرگەن.
- ھازىر نەدە؟
- تۈرمىدە.
ئىشلار بارغانسېرى ئايدىڭلىشىۋاتاتتى. دېيىلىۋاتقان گەپلەر بىلەن ئىپارگۈلنىڭ خېتىدە يازغانلىرى ئوخشاش بولۇپ، سەل كۈچىسەم، ئۇلارنى ياراشتۇرۇپ قويۇشنىڭ يېشىل كارىدورى ئېچىلىدىغاندەك قىلاتتى.
- ئىپارگۈل بىلەن يارىشىپ قالغىڭىز بارمۇ؟
مەمەتجان كۆزىگە لۆممىدە ياش ئالدى.
- بولمامدىغان... لېكىن بۇ مۇمكىن ئەمەس!
- نېمىشقا ئۇنداق دەيسىز؟
- مەن ئىپارگۈلنى ئوبدان چۈشىنىمەن. ئۇ مەندەك بىر خىيانەتكارنى ھەرگىز كەچۈرمەيدۇ!
- ئەمەلىيەتتە سىز خىيانەتكار ئەمەسكەنسىزغۇ؟
مەن كۈلدۈم، ماڭا قوشۇلۇپ مەمەتجانمۇ كۈلدى.
- بىر تەلىپىم بار، شۇنىڭغا قوشۇلسىڭىز ئىپارگۈل بىلەن ياراشتۇرۇپ قويىمەن.
مەمەتجان مىيىقىدا كۈلۈپ قويدى.
- بۇ مۇمكىنمۇ؟
- جاھاندا مۇمكىن بولمايدىغان ئىش يوق!
مېنىڭ ئەستايىدىل پوزىتسىيەمگە قاراپ مەمەتجان سەل ئىككىلىنىپ قالدى.
- يارىشىپ قالىدىغان ئىش بولسا، مىڭ تەلىپىڭىز بولسىمۇ قوشۇلىمەن!
- گېپىڭىز گەپ!
- گەپ.
- ئۈزۈمىنى يەيسز، سېپىنى سورىمايسىز.
- سورىمايمەن.
- ئەمىسە خۇش خەۋەر كۈتۈڭ.
مەن سىرتقا ماڭدىم. پەسكە چۈشۈپ ئەپلىك بىر يەرنى تاپقاندىن كېيىن ئىپارگۈلگە تېلېفون قىلدىم. تېلېفون تېزلا ئۇلاندى.
- تىنچلىقمۇ؟
- تىنچلىق، ئەجەب تېلېفون قىلىشقا ۋاقتىڭىز يېتىپ قاپتۇغۇ بۈگۈن؟ تېخى مېنى ئۇنتۇپ كەتتىمىكى دەپ ئويلاپتىمەن.
مەن ئىپارگۈلنىڭ تاپا - تەنىلىرىنى ئاڭلىماسقا سېلىپ گەپنى مەقسەتكە يۆتكىدىم.
- سۆزلىشىشكە ئەپلىكمۇ؟
- مەن ئىشخانىدا يالغۇز، مۇتلەق دەخلىسىز.
- ياتاقدىشىم مەمەتجان سىزنىڭ ئېرىڭىز ئىكەن.
- نېمە دېدىڭىز؟
مەن بايىقى گېپىمنى قايتا تەكرارلىدىم.
- ياتاقدىشىم مەمەتجان سىزنىڭ ئېرىڭىز ئىكەن.
- قاچان ئۇقتىڭىز؟
- ئەتىگەندە.
- ئۇنداق بولسا نېمە بوپتۇ؟
- ئۇ ھازىر دوختۇرخانىدا.
- نېمىشقا ماڭا ئۇ گەپلەرنى دەپ يۈرىسىز؟
مەن ئىپارگۈلنى بۇنداق تاش يۈرەك دەپ ئويلىمىغانىدىم. شۇڭا گەپنى قانداق داۋاملاشتۇرۇشنى بىلەلمەي سەل تۇرۇپ قالدىم.
- مەمەتجاننىڭ كېسىلى ئېغىر، تۈنۈگۈن ئوپېراتسىيە قىلدى، ھازىر مەن قاراۋاتىمەن.
- نىمە بوپتۇ؟
ئىپارگۈل پەرۋاسىز ئىدى.
- ئاشقازىنى قاناپ كېتىپتۇ، تېنى ئاجىز بولغاچقا، ئەسلىگە كېلىشى سەل تەستەك قىلىدۇ.
- ھاراقنى ئازراق ئىچسە بولىدۇ.
- سىزنى دەپ ئىچىپتۇ شۇ.
- مېنى دەپ ئىچىپتىما؟
- بۇنىمۇ سوراش كېتەمدۇ؟ تەتىل يېقىنلىشىپ قېلىۋاتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە كېسىلى ئېغىر بولغاچقا سىنىپ مۇدىرىمىز ئايالى كېلىپ ھالىدىن خەۋەر ئالسۇن دەۋاتىدۇ، شۇڭا سىزگە تېلېفون قىلىشىم.
- كىم ئۇنىڭ ئايالىكەن؟
ئىپارگۈل قەستەن چىشىمغا تېگىۋاتاتتى. پارىڭىمىز بۇ ھالدا داۋاملاشسا، ئەكسىچە نەتىجە بېرىشى مۇمكىن ئىدى، شۇڭا دەرھال خوتنى يۆتكەش قارارىغا كەلدىم.
- بەزى ئىشلارنى دەماللىققا چۈشەندۈرۈش تەسرەك، شۇڭا گەپنىڭ نان بېرىدىغان يېرىنى دەي، - دېدىم مەن كەسكىن قىلىپ، - سىزمۇ گېپىمگە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىڭ، بولامدۇ؟
ئىپارگۈلدىن سادا كەلمىدى.
- ۋەي.
- ئاڭلاۋاتىمەن.
- بايا مەمەتجان بىلەن ئىككىڭلارنىڭ ئىشى توغرىسىدا پاراڭلاشتىم، تۈگۈنلەرمۇ بىر قۇر يېشىلدى.
- قايسى تۈگۈنلەر؟
- ئۇقماس بولۇۋالماڭ، - مەن سەل تېرىكتىم، - ھېلىقى، نېمە دېسەم بولا؟ ... ئىككىڭلىنىڭ مۇناسىۋىتىنى بۇزغان ھېلىقى ئىشلارچۇ؟
- ھە، ئېسىمگە كەلدى.
- شۇ ئىشنىڭ جەريانىنى سورىۋېدىم، مەمەتجان كەسكىن قىلىپ: “مەن باشقىلارنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىدىم، ھېلىقى ئايالنى مەن تونۇمايمەن. لېكىن پاكىت شۇنداق بولغاچقا، ئىپارگۈلنىڭ ئالدىدا ئۆزۈمنى ئاقلىيالمىدىم” دېگەن گەپنى قىلدى.
- ئۇ گەپنى ماڭىمۇ دېگەن.
- ئۇ شۇ كۈنى خۇدىنى بىلمىگىدەك ئىچىپتىكەن، ئۆيگە قانداق كەلگىنىنىمۇ بىلمەيدىكەن.
- سىز زادى نېمە دېمەكچى؟
- تەلئەت ئىسىملىك بىرسىنى تونۇمسىز؟ دوختۇرخانا باشلىقىنىڭ ئوغلى.
- تونۇيمەن.
- ئۇ ئىلگىرى سىزگە تەلەپ قويغانمۇ؟
- شۇنداق ئىشلار بولغان.
- مەمەتجان شۇ بالىدىن گۇمان قىلىدىكەن.
ئىپارگۈل جىم بولۇپ قالدى.
- شۇ كۈندىكى ئىشلارنى تەلئەت قۇراشتۇرمىغان دەپ كېسىپ ئېيتالامسىز؟
- بۇ ئىشلارنى تەلئەتنىڭ قۇراشتۇرغانلىقىغا بىر نېمە دېيەلمەيمەن، لېكىن ئۇنىڭ قولىدىن ھەرقانداق ئەسكىلىكلەرنىڭ كېلىدىغانلىقىنى ئىنكار قىلالمايمەن...
ئىپارگۈل جىم بولۇپ قالدى، ئۇنىڭ ئىدىيەسىدە كەسكىن توقۇنۇش بولۇۋاتقانلىقى ئېنىق ئىدى.
- مەمەتجان سىزنى بەك ياخشى كۆرىدىكەن.
تېلېفوندىن ئىپارگۈلنىڭ مىشىلدىغان ئاۋازى ئاڭلاندى.
- تەكلىپىم، ئىسسىقىدا يارىشىپ قېلىڭلا. مەمەتجان ھازىر سىزگە موھتاج، سىزمۇ مەمەتجانغا! ئەر - خوتۇنلۇق تۇرمۇشتا ئەپۇمۇ، چۈشىنىشمۇ ئوخشاشلا مۇھىم. مەمەتجان كەم سۆز، ئىچى كۈچلۈك يىگىت ئىكەن، ھېس قىلىشىمچە ئۇ راست گەپ قىلدى. ئەھۋال بۇ دەرىجىگە كەلگەندە يالغان گەپ قىلىپ نېمىمۇ قىلىدۇ؟
تېلېفون ئۈزۈلۈپ كەتتى، ئۇنى ئىپارگۈل ئۈزۈۋەتكەنىدى، بۇنى چۈشىنىشكە بولاتتى. ئۇ ئويلىنىشقا، بۇنىڭ ئۈچۈن يېتەرلىك ۋاقىتقا موھتاج ئىدى. شۇڭا تېلېفوننى قايتا ئۇلىماي ياتاققا قاراپ يول ئالدىم.
مەمەتجان بىلەن ئارىمىزدا دېيىشكىدەك گەپمۇ قالمىغانىدى. ئۇ تورۇسقا قارىغىنىچە ئۈنسىز ياتاتتى، پات - پات خورسىنىپ قوياتتى.
بىر كېچە جىمجىت ئۆتۈپ كەتتى.
تاڭ ئاتتى. دوختۇرخانا قايتىدىن جانلىنىشقا باشلىدى. مەمەتجان ئۇيقۇسىدىن ئويغانمىغانىدى. مەن قالىبىك قالدۇرۇپ قويغان تاماق قاچىسىنى ئېلىپ سىرتقا ماڭدىم.
بىر كىلومېتىر دائىرىدە بىر خۇيزۇنىڭ ئاشخانىسى بار ئىدى. بۇ ئاشخانىنىڭ ئەتىگەنلىك ناشتىلقى يىراق - يېقىنغا داڭلىق بولۇپ، بەزىدە بىزمۇ ئاتايىن بېرىپ غىزالىنىپ كېلەتتۇق. مەن شۇ ئاشخانىنى نىشانلاپ قەدىمىمنى تېزلەتتىم.
ئاشخانىغا كېلىپ تاماق بۇيرۇتۇپ تۇرۇشۇمغا تېلېفونۇمدىن ئۇچۇر كەلگەنلىك ئاۋازى ئاڭلاندى. مەن ئالدىراش كۆزنەككە كۆز يۈگۈرۈتتۈم. ئۇچۇر ئىپارگۈلدىن كەلگەنىدى.
- سىزدەك ياخشى ئادەمنى ئۇچراشتۇرغان تەقدىرگە رەھمەت. ھەممە ئىش كاللامدىن ئۆتتى. تەنتەكلىكىمنى كەچۈرۈڭ. سىڭلىڭىز ياكى سادىق دوستىڭىز بولۇپ، كېيىنكى ھاياتلىق سەپىرىدە قولداش بولۇشنى بەكمۇ ئارزۇ قىلىمەن... سائەت ئوننىڭ ئايروپىلان بېلىتىنى ئالدىم، يول بولۇپ قالسا، كەچ سائەت بەشلەردە يېتىپ بارىمەن. ئالدىمغا چىقىمەن دەپ ئاۋارە بولماڭ، پەقەت دوختۇرخانىنىڭ ئادرېسىنى ئۇچۇر قىلىپ يوللاپ قويسىڭىزلا بولىدۇ.
كۆز ئالدىم ۋاللىدە يورۇپ كەتتى. ئېغىر يۈكتىن خالاس بولغاندەك يېنىك تىن ئالدىم...
ئىشخانىدا ياسىنجان بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇراتتىم. ئىشىك يېنىك چېكىلىپ ھۆججەت تارقاتقۇچى ئايال ئەدەپ بىلەن كىرىپ كەلدى.
- تىنچلىقمۇ؟
ئايال تورغاي يورغىلىشىدا ئۈستىلىمنىڭ ئالدىغا كېلىپ توختىدى. ئۇنىڭدىن قويۇق ئىپار ھىدى كېلەتتى. مەن ئۆزۈممۇ سەزمىگەن ھالدا ئورنۇمدىن تۇرۇپ كەتتىم.
- بۇ قېتىم خۇش خەۋەر ئېلىپ كەلدىم.
ئايال بىر پارچە ھۆججەتنى ئېلىپ ماڭا تەڭلىدى.
- ئىدارە بىر يىللىق مال باھا ياردەم پۇلىنى تارقىتىدىكەن.
- ھەقىقەتەن خۇش خەۋەركەن، - دېدىم مەن گىرافىگە ئىمزا قويۇۋېتىپ، - مۇشۇنداق خەۋەرلەر بولسا كۈندە ھۆججەت ئەكەلسىڭىزمۇ زېرىكمەيتتۇق.
ئايال ئاپپاق چىشلىرىنى چىقىرىپ كۈلدى. ئۇ چېچىنى ياش قىزلاردەك ياسىتىپ، سۇس گىرىم قىلىۋالغان بولۇپ، ئون ياش ياشىرىپ قالغاندەك كۆرۈنەتتى.
- مەن چىقاي، - دېدى ئايال ئىككىمىزگە نازلىق كەيپىياتتا تەكشى قاراپ قويۇپ، - خۇش خەۋەردىن باشقىلارنىمۇ تېزرەك خەۋەرلەندۈرەي!
- بىردەم ئولتۇرۇپ ماڭمامسىز.
- خوش، رەھمەت!
ئايال يەنە شۇ تورغاي يورغىلىشىدا ئىشخانىدىن چىقىپ كەتتى. مەن كۆزلىرىمگە ئىشەنمەي تۇرۇپلا قالدىم.
- ھەيران قېلىۋاتامسىز، - دەپ سورىدى ياسىنجان ئىشىككە قاراپ قويۇپ، - سىز بىلىم ئاشۇرۇشقا كەتكەندىن بېرى ئىدارىدە بۇنداق يېڭىلىقلار كۆپىيىپ قالدى.
- بۇرۇنقى... ھېلىقى... ئىسمى نېمىتتى؟
- قەمبەرخان
- توغرا، قەمبەرخان شۇدۇ؟
- شۇ!
- ئەجەب باشقىچە بوپ كېتىپتا؟ تونۇيالمىغىلى تاس قاپتىمەن دېسە. نېمىش بولدى بۇ ئايالغا زادى؟ ئىلگىرى چىرايىغا قارىلىغىمۇ قورقاتتىم. ھازىر ياشىرىپ قىزىلگۈلدەك ئېچىلىپ كېتىپتۇ.
- ئېرى ئۆلۈپ كەتتى!
- نېمە؟ ئېرى ئۆلۈپ كەتسە، قارىلىق تۇتماي، ئەكسىچە خۇشال بولىدىغان، تۆت چىشلىق كېۋەزدەك ئېچىلىپ كېتىدىغان ئىش نەدە باركەن؟
ياسىنجان كۈلدى.
- قەمبەرخان ئېرى بىلەن كۆڭۈلسىز ئىدى. ئېرى رەھمەتلىك قوقلاغ، چىڭ ئادەم ئىدى، كىچىككىنە ئىشلارغىمۇ مۇشت كۆتۈرۈپ قوپاتتى. شۇڭا...
- مۇنداق دە.
- ئايال كىشى ئەمەسمۇ؟ - ياسىنجان قوشۇمچە قىلدى.
- توغرا دېدىڭ، ئاياللار دۇنيا ئىچىدىكى يەنە بىر دۇنيا، ئوقۇپ چۈشەنگىلى بولمايدىغان سېھىرلىك كىتاب!
|