قىرتاق دەرت (پوۋېست)(8)

يوللانغان ۋاقتى:17-02-2014   مەنبە: تارىم 2013-6-سان   مۇھەررىر: ھەزرەتئەلى ئەخەت   كۆرۈلۈشى: قېتىم   ئىنكاس: 0 پارچە
بۇ پىكرىمگە قارشى چىققان ھەم سىزنى ھۆرمەت قىلمىغاندەك بولۇپ قالىدىكەنمەن دېگەنىدى. ئەجەبا بۇ كۈنگە كەلگەندە ئ
بۇ پىكرىمگە  قارشى چىققان ھەم »سىزنى ھۆرمەت قىلمىغاندەك بولۇپ قالىدىكەنمەن« دېگەنىدى. ئەجەبا بۇ كۈنگە كەلگەندە ئۇ مېنى راستتىنلا ھۆرمەت قىلمايدىغان بولۇپ قالغانمىدۇ؟ ئايالىنى ھۆرمەت قىلماسلىق، ئۇنىڭ ئەخلاق مىزانىغا، ئادىمىيلىك ئۆلچىمىگە توغرا كەلمەيتتىغۇ!

−−شەكىلەنى تالالىق قىلىدىغان گەپنى دەمسىز ياكى بۇ يەرگە كېلىپ قىزىمىزغا قارىسۇن دېمەكچىمۇسىز!

−−ياتلىق قىلىدىغانغا تېخى بۇرۇن، يەنە ئوقۇسۇنمىكىن دەۋاتىمەن.

−−يەنە ئوقۇتۇشقا قۇربىمىز يەتمەيدۇ، ئاتامنىڭ كۈنى تېخى شۇنداق تۇرسا!

−−مەن ئوقۇتۇشنى ئويلىغان ئىكەنمەن، ئوقۇش پۇلىنىڭ ئامالىنى ئۆزۈم قىلىمەن.

سەردارنىڭ مەردلىكىنى، پۇلنىڭ كۆزىگە قاراپ كەتمەيدىغانلىقىنى بىلەتتىم. ھېلىمۇ ئۇنىڭ بىزنىڭ ئائىلە ئۈچۈن قىلغانلىرىغا كۆز يۇمغىلى بولمايتتى. ئىككى چوڭ ئۆينىڭ خىراجىتى يالغۇز سەردارنىڭ زىممىسىدە بولۇپ، ئەڭ قىسىلغان چاغلاردىمۇ زارلانمايتتى.

−−ئاتامنىڭ شۇنداق ئويىنىڭ بارلىقىنى سېزىپ قالدىم. ئۇ شەكىلەنى بەك ياخشى كۆرىدۇ ئەمەسمۇ؟

سەردار ئاتامنى تىلغا ئېلىش ئارقىلىق مېنى قايىل قىلىشنى ئويلاۋاتاتتى. كۆڭلۈمدىكىنى ئېيتسام شەكىلەنىڭ يۇقىرىلاپ ئوقۇشىنى يالغۇز ئاتاملا ئەمەس، مەنمۇ شۇنداق خالايتتىم. ئەمما، ھازىرقى ئەھۋالىمىزدا ئۇنى ئوقۇتۇشقا ئامالسىز ئىدۇق، سەردارنى يەنە قىيناشنى ئەسلا خالىمايتتۇق.

−−ئاشۇنداق ئويلىغىنىڭىزغا تەشەككۈر! يەنە بىر قانچە يىلدىن كېيىن بىر گەپ بولار، ھازىر بەك قىينىلىپ قالغۇدەكمىز.

بۇمۇ كۆڭلۈمدىكى سۆزلەر ئىدى. سەردار ئىككىمىز مائاشىمىزغا تايىنىپ، ھەممە قىيىنچىلىقنى ئۈستىمىزگە ئېلىپ كېتەلمەيتتۇق. بەلكىم، بىر قانچە يىل بەرداشلىق بەرسەك شەكىلەنى ئوقۇتۇپ كېتەرمىز، ئەمما سەردارنىڭ يەنە قاچانغىچە بىرەر قۇر قىممەت باھالىق كىيىم كىيمەي يۈرۈشىگە قاراپ تۇرىمەن. ياق، ياق، قايسى يۈزۈم، قايسى تىلىم بىلەن سەردارغا ماقۇللۇق بېرەلەيمەن!

−−مەن تېخى شەكىل−ەگە ۋەدە بېرىپ بولغانىكەنمەن، يەنە بىر - ئىككى يىل غەيرەت قىلساقلا بولاتتىغۇ!

سەردار ئاسانلىقچە بولدى قىلمايدىغاندەك، بۇ قارارىدىن ئالدىراپ يانمايدىغاندەك جاھىللىق قىلىۋاتاتتى. مەن ئۇنىڭ بەزى قارارلىرىنى ئۆزگەرتىشكە ئامالسىز بولساممۇ، ئۆزۈمگە چېتىلىدىغان قارارلىرىغا بىر نەرسە دېيىش ھوقۇقۇم بار ئىدى. شۇڭا، مەن ئۇنىڭ جاھىللىق بىلەن شەكىلەنى ئوقۇتۇش ھەققىدىكى قارارىغا رازىلىق بېرەلمەيتتىم.

ئاتام ھازىر ئۇنى ئوقۇتۇشنى ئەمەس، كۆزى ئوچۇق ۋاقتىدا پەرزىنى ئادا قىلىۋېتىشنى بەكرەك ئويلايدۇ.

−−پەرز ئادا قىلىمەن دېگەن بىلەن، بىر ئائىلىنىڭ غېمىنى نارەسىدە قىزنىڭ زىممىسىگە يۈكلەپ قويسا بولمايدۇ - دە! ئۇ شۇنىڭ بىلەنلا تۈگىشىپ كەتمەسما؟

سەردار يەنە قارشىلىق بىلدۈرۈۋاتاتتى. مېنى قايىل قىلىش ئۈچۈن بارلىق قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇۋاتاتتى. ئۇنىڭ كۆڭلىگە مېنى قايىل قىلسىلا، ئاتامنى قايىل قىلىشنىڭ ئورنى يوقلۇقى بەك ئايان ئىدى. مەنمۇ سەردارنىڭ جاھىللىقىغا جاھىللىق بىلەن قارشى تۇرۇۋاتاتتىم. شەكىلەنىڭ بۇ سەۋەبلىك مېنى يامان كۆرۈپ قېلىشى ياكى كۆڭلىنىڭ بىر يەرلىرىدە غۇم ساقلىشى بىلەن ھېسابلاشمايتتىم. سەردار ماڭا يەنە نۇرغۇن دەرس سۆزلىگەن بولسىمۇ، كاللامدا پەقەت ھازىر ۋاقتى ئەمەس، دېگەن بىر ئۇقۇم ھۆكۈمران ئورۇننى ئىگىلەپ تۇرۇۋاتاتتى.

−−ئاتامغا ئۆزۈم ئېيتاي، شەكىلەنى بۇنچە كىچىك ياتلىق قىلىۋەتسەك بولمايدۇ.

−−ئۇ كىچىك ئەمەس، ئانام ئۇنىڭ يېشىدا مېنى يەڭگىپ بولغانىكەن.

−−قەيىرىڭ ئوقۇغان ئادەمگە ئوخشايدۇ سېنىڭ! بۇ ئانامنىڭ زامانى ئەمەس!

−−مەيلى قايسى زامان بولسۇن، ھازىر تېخى ۋاقتى ئەمەس!

تالاش - تارتىش، جاھىللىق ھېچ تۈگەيدىغاندەك قىلمايتتى. سەردار كۆڭلىدە مېنىڭ جاھىللىقىمنى »ئۇ شۇنداق قارشىلىق قىلىش ئارقىلىق، مېنىڭ ۋەدەمنى تېخىمۇ چىڭىغا چىقارماقچى« دەپ خاتا ئويلاۋاتقاندەك قىلاتتى.

−−مېنى ۋەدىسىدىن يېنىۋالامدىكىن، كېيىنچە دوق قىلىپ يۈرەمدىكىن دەپ ئويلاپ قالما، مەن بۇ قارارنى ئۆزۈمنى دەڭسەپ چىقىرىۋاتىمەن.

−−بۇلارنى بىلگۈچىلىكىم يوق ئەمەس، ماڭا بۇ قېتىم يول قويۇڭ، مېنىڭمۇ ئويلىغانلىرىم بار.

−−سەن شۇ ئاتاڭنىڭ كۆڭلى ئۈچۈن، پەرزنى ئادا قىلىشتىن باشقىنى ئويلىمىدىڭغۇ دەيمەن.

سەردارغا جاۋاب بېرەلمەيتتىم. چۈنكى، مەن ئۇ ئېيتقان ھەقىقەتنىمۇ ئويلىماي تۇرمىغانىدىم. تېخى يېقىندىلا ئانامنىڭ ئېيتقان سۆزلىرى ئېسىمدىن كەچكەندە، ئۆزۈمنىڭ سەردارغا بىكاردىن قارشى تۇرمايۋاتقانلىقىمنى بىلەتتىم. ئانام: »قىزىم، سىڭلىڭمۇ يېشىغا يېتىپ قالدى. ئۆگزىگە چالما ئاتىدىغانلار بارمۇ - يوق بىلمىدىم. ھەر ئىشنىڭ ۋاقتى - سائىتى ياخشى، ئاتاڭنىڭ مۇشۇنچىلىك ۋاقتىدا پەرزىمىزنى ئادا قىلىۋالغان بولساق، كۆزىمىز خاتىرجەم يۇمۇلغان بولاتتى« دېگەنىدى. ئاتام بىلەن ئانامنىڭ ئويى شۇنداق تۇرسا مەن نېمىمۇ دېيەلەيمەن. سەردارنىڭ ياخشى كۆڭلى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئىرادىسىگە خىلاپلىق قىلسام، ئاتامنىڭ ئاخىرقى ئۈمىدىنى يەردە قويسام، شەرىئەتكە، پەرزەنتلىك ئەقىدەمگە توغرا كېلەمدۇ؟ سەردارنىڭ قارارىنى يوققا چىقارسامچۇ؟ ئەمما بۇ ئىككىدىن چوقۇم بىرنى تاللاش كېرەك! چۈنكى، بىرلا ۋاقىتتا ھەر ئىككى تەرەپنى ئوخشاش مەۋقەدە تۇرۇپ، ئوخشاش رازى قىلغىلى بولمايدىغىنى ماڭا ئايان.

−−سېنىڭ جاھىللىقىڭ شەكىلەنىڭ بەختىگە ئولتۇرىدۇ، ئۇنىڭ تاللىشى ۋە ئارزۇسىنى يەر قىلىدۇ.

سەردار شۇنداق دېگەنچە مەن بىلەن قايتا مۇنازىرىلىشىپ كەتمىگەن، بۇ ھەقتە قايتا چىشمۇ يارمىغانىدى. ئۇنىڭ مېنى قايىل قىلىشنىڭ ئاسان ئەمەسلىكىنى چۈشەنگىنىدىن ھەم سۆيۈندۈم، ھەم ئەپسۇسلاندىم. شۇ دەمدە مەنمۇ ئۆزۈمنىڭ ئارزۇسىغا مۇخالىپ ھالدا، ئاتامنىڭ ئىرادىسىنى ئويلاشقانىدىم. ئەمما، ئاشۇ قېتىملىق سۆھبەت ئىككىمىزنىڭ ئارىسىدىلا ئەمەس، شەكىلە ئىككىمىزنىڭ ئارىسىدىمۇ بىر سوغۇق تام پەيدا قىلىدىغانلىقىنى ئويلىمىغانىكەنمەن. ھالا شۇ كۈندىن كېيىن، شەكىلەنىڭ ماڭا كۈلۈپ قارىغىنىنى، بىرەر ئىشتا ئەركىلەپ تۇرۇپ كۆڭلىنى ئىپادىلىگىنىنى كۆرمىگەنىدىم.

شەكىلە كېلىپ كېتەتتى، ماڭا ئوچۇق چىراي ئاچمىغىنى بىلەن يېزنىسى ئىككىسى يوشۇرۇن پىچىرلىشاتتى، كەچلىك بازارغا بىللە چىقىشاتتى. گەپلىرى تۈگىمەيۋاتقاندەك ۋاقىتنى يېرىم كېچىگە تارتىپ قايتىشاتتى. تېخى مېنىڭ كۆزۈمدە، سەردار ئۇنى ھاپاش قىلىپ يۈدۈپمۇ قوياتتى. ئۆز قىزىنى بىرەر قېتىم مۈرىسىگە ئېلىپ باقمىغان، »تۆگە بوتىلاق« ئويۇنى ئويناپ باقمىغان ئاتا قېيىنسىڭلىسىنى ھاپاش قىلىپ يۈرسە، كىمنىڭ كۆزىگە غەلىتە كۆرۈنمىسۇن! ئەمما مەن قورقاتتىم، ھۆكۈمۈمنىڭ خاتا بولۇپ قېلىپ، ئىمانىمغا شەك چۈشۈپ قېلىشىدىن بەك قورقاتتىم. باشلىرىمنى چايقاپ كۆڭلۈمدىن كېچىۋاتقان غەلىتە خىياللارنى بىر چەتكە تاشلىۋېتىش ئۈچۈن، ئۇلاردىن ئۆزۈمنى قاچۇراتتىم ياكى بىرەر ئىشقا مەشغۇل بولۇۋالاتتىم. بۇنداق چاغلاردا سەردار ماڭا چۈشەنچە بېرىشكە ئالدىراپ كەتمەيتتى. مېنىڭ سورايدىغان سوئاللىرىم شاخلاپ كەتكەندە بولسا، خىيالىدا ھېچ ئىش يوقتەك: »سىڭلىسىنى سېغىنىپ كۆرگىلى كەپتۇ. بىر مەزگىل قارىغاچقىمىكىن،




ھالقىلىق سۆزلەر : پوۋېست، تارىم، قىرتاق


بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
------分隔线----------------------------

ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار