تۆككىنىگە ئاتام ئورنىدىن تۇرۇپ كەتسە، ئۆز ھاجىتىنى ئۆزى راۋا قىلغان بولسا بولاتتى.
−−سىڭلىڭنى ماڭا يۈك بولۇپ قېلىۋاتىدۇ دېسەم يامان بولىدۇ، ئۇنى توققۇز ئاي قورساق كۆتۈرۈپ، ئاچچىق تولغاق بىلەن تۇغقان ئانىغا ئوخشىماي قالىمەن. ئەمما ئۇنىڭ بەڭباشلارچە قىلىدىغان جېدىلى ئاتاڭنىڭ ئېغىرچىلىقىدىنمۇ جىق! ئانامنىڭ شەكىلەدىن قاقشىغاندەك ئېيتقان سۆزلىرى مېنى ھەيران قالدۇرغانىدى. مەن شەكىلەنىڭ بەك ئەركە چوڭ بولغانلىقىنى، ئۇنىڭدىكى بۇ مىجەزنىڭ ئاتامدىن كەلگەنلىكىنى بىلەتتىم. كىچىكىمدە ئۇنىڭ بىلەن جېدەللىشىپ قالغۇدەك بولسام، مەيلى گۇناھ كىمدىن ئۆتمىسۇن، زىيان تارتىدىغان، تىل ئاڭلايدىغىنى يالغۇز مەن بولاتتىم. ئاتام ئۇنى ماڭا ئوخشاش قىزى ئورنىدا ئەمەس، ئۆزى كۆرۈشنى ئارزۇ قىلغان ئوغلى ئورنىدا كۆرەتتى. دېگىنىنى قىلىپ بېرەتتى، ئاچ قالغان پاشىنىڭ چېقىشىغىمۇ يول قويمايتتى. −−نېمە دەيدىغانسەن! ئۇ بويىغا يېتىپ قالاي دېگەندىمۇ يەنە شۇ بالىلىقىنى قىلىۋاتامدۇ؟ −−ئۇنى بىر دېمە، تېخىچە ئىچ كىيىمىنى ماڭا يۇيۇشقا بېرىۋاتىدۇ. سوغۇق سۇ تۇتساملا قولۇم سىرقىراپ ئاغرىيدىغان بولۇپ قالغىنىنى بىلمىسە، كاشكى! −−ئۇنى ئۆزۈڭلار يامان ئۆگىتىپ قويغان، مەكتەپتە باشقىلار يۇيۇپ بەرمىگەن بولغىيتتى؟ −−باشقىلار يۇيۇپ بېرىدىغانغا بىر يەرنىڭ مەلىكىسىمىدى ئۇ! يۇيۇشنى ئېغىر كۆرۈپ، يېڭىنى ئېلىپ كىيگەن گەپ. −−مېنى نېمە قىل دەيسەن؟ ھېلىمۇ ھەر ھەپتىسى بۇ ئۆيگە كەلگىنىمدە، ئۇششاق ئىشنىڭ تولىلىقىدىن ئۆزۈمنى ئالالماي قالىمەن. بۇنداق دېسەم مېنى جاپادىن ئۆزىنى قاچۇرۇۋاتىدۇ، ئاتا - ئانىسى ئۈچۈن قىلغانلىرىغا مىننەت قىلىۋاتىدۇ دېمىگىن! بەزىدە مەنمۇ ئۇنىڭدىن بىزار بولۇپ كېتىمەن. −−ئۆز قېرىندىشىڭدىن بىزار بولساڭ بولمايدۇ، قىزىم مەن تېخى ئۇنى ساڭا تاپشۇرۇشنى ئويلىغان. −−ماڭا!؟ مەن ئۇنى باشقۇرۇپ بولالمايمەن. ئانام ماڭا ئىشەنمەيۋاتقاندەك كۆزلىرىمگە ئۇزاق قاراپ كەتتى. ئۇنىڭ نەزەرىدە شەكىلەنى مەن ئادەم قىلالايتتىم ھەم ئۇنىڭغا ئائىلە ئىشلىرىنى ئۆگىتەلەيتتىم. بېشىمغا تاغ غۇلاپ چۈشكەندەك، ئېغىر غەمگە پاتقىنىمدىن ئولتۇرۇپ كېتىۋاتاتتىم. ئانامنىڭ ئۆتۈنگەندەك تەلەپپۇزدا ئېيتىۋاتقان سۆزلىرى قۇلىقىمغا كىرمەيتتى، پۈتۈن خىيالىم ئامال بار ئانامنىڭ بۇ ئويىنى يوققا چىقىرىشتا قالغانىدى. ئويلايتتىم، شەكىلەنى يامان ئۆگىتىپ قويغان ئاتامنىڭ كۆڭلى ئۈچۈن بولسىمۇ نارازى بولسام بولمايتتى. شەكىلەنىڭ ئورۇنسىز جېدىلى بىلەن ئانامغا تايىنىۋېلىشى ئاتامنىمۇ بىزار قىلغان بولسا كېرەك، ئۇ ئانامنىڭ تەلىپىنى رەت قىلماسلىقىمنى ئۆزى بىلىدىغان ئىشارەتلەر بىلەن ماڭا ئۇقتۇرماقچى بولۇۋاتاتتى. ئاشۇ قېتىملىق سۆھبەت شەكىلەنى مېنىڭ ئۆيۈمگە بىر ئەزا قىلغانىدى. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئۆيۈمگە ئوتتۇرا تېخنىكومنى يېڭى پۈتكۈزگەن بىر قىز ئەمەس، يەنە بىر كىچىك بالا كۆپەيگەنىدى. مېنىڭ ئۈچۈنمۇ، شەكىلە ئۈچۈنمۇ كۈنلەر تەستە ئۆتەتتى، ھەممىنى نۆلدىن باشلاپ ئۆگىتىشىمگە توغرا كېلىۋاتاتتى. شەكىلەنىڭ ئۆي ئىشلىرىغا بۇنچە چولتىلىقىنى بۇرۇن ھېس قىلمىغان، بىرەر قېتىممۇ بايقىمىغان ئىكەنمەن. قاتتىق گەپ قىلاي دېسەم، بىر قورساقتىن چۈشكەن، بىر ئەمچەكنى ئەمگەن قېرىنداش ئىدىم. ئۆز ئىختىيارىغا قويۇۋېتەي دېسەم، تالالىق بولغاندا قىينىلىپلا قالماي، يەنە باشقىلارنىڭ نەزەرىدىن چۈشۈپ كېتىشىدىن ئەنسىرەيتتىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاتامغا ۋەدە بەرگىنىم ھېلىھەم ئېسىمدە، قۇلاق تۈۋۈمدە جاراڭلاپ تۇراتتى. −−يىپەك كىيىملەرنى قولۇڭدا ئۇۋىلاپ يۇيغىن! −−تەييار كىر يۇيۇش ماشىنىسى تۇرسا، جاپا تارتىپ نېمە كەپتۇ. −−بۇ كۆڭلەكنى نېمە قىلىپ قويدۇڭ؟ ئاقارتىش سۇيۇقلۇقىنى ئامال بار ئاز ئىشلەتكىن دېمىدىممۇ! −−ئادەممۇ قېرىپ كېتىدىغۇ، بىرەر قۇر كىيىمنىڭ رەڭگى ئۆڭگەنگە نېمە بولاتتى. −−ئوتنى بەك چوڭ ئېچىۋەتمە!
−−دەم يېمەيۋاتسا، يەنە قاچانغىچە ساقلايمەن. ئۇ يەنە شۇنداق ئۆز بېشىمچى قىز ئىدى. ئۇ سەۋەنلىكىگە گەپ تېپىپ بېرەتتى، بىرەر قېتىممۇ »ماقۇل ياكى بىلدىم« دېگەندەك جاۋابتا بولمايتتى. بەكرەك زوكۇنلىشىپ قالغان چاغلىرىمىزدا سەردار ئارىغا چۈشۈپ مېنى ئەيىبلەپ، ئۇنىڭ خورىكىنى تېخىمۇ ئۆستۈرۈپ قوياتتى. −−ئاستا - ئاستا ئۆگەنمەمدۇ، شۇنىڭغىمۇ ئاچچىقلىنىش كېتەمدۇ؟ ئۇ تېخى ئېغىزىدىن ئانا سۈتى كەتمىگەن كىچىك بالا تۇرسا، ئازراق يول قويسىڭىز بولمامدۇ؟ مەن ئامالسىز ئاچچىق يۇتۇشقا، ھەر ئىككەيلەننىڭ خاتالىقىنى بىلىپ تۇرۇپ يول قويۇشقا مەجبۇر بولاتتىم. ئاران ئىككى ياتىقى بار ئۆيۈمدە شەكىلەنىڭ ئىچ كىيىم بىلەن ئۇ يەر، بۇ يەرلىرىنى ئوچۇق قويۇپ، ئۇيان - بۇيان مېڭىپ يۈرۈشلىرى، ئەتىگەندىن - كەچكىچە تېلېۋىزورغا مىختەك قادىلىپ ئولتۇرۇشلىرىغا قارىساملا، سەردارنىڭ ئالدىدا نومۇستىن ئۆلگۈدەك بولۇپ، ئۆزۈمنى قويىدىغان يەر تاپالماي شۇنداق قىسىلاتتىم. شەكىلەنىڭ قاتتىق قۇلاقلىقى تۈپەيلى ھېلى ئېيتقان نەسىھەت بۇ قۇلاقتىن كىرىپ، ئۇ قۇلاقتىن چىقىپ بولاتتى. كۈنۈم شۇنداق جىلىچىلىك ئىچىدە ئۆز گۆشۈمنى ئۆزۈم يېگۈدەك بولۇپ ئۆتسىمۇ چىداپ كېلىۋاتاتتىم. سەردار بىلەن توي قىلغان دەسلەپكى كۈنلەردە، باشقىلارنىڭ بىر ياتاق ئۆيىنى ئىجارە ئېلىپ ئولتۇرغان بىلەن ناھايىتى كۆڭۈللۈك ياشىغانىدۇق. قىزىم بۇ دۇنياغا ئاپىرىدە بولۇش ئالدىدا قەرز قىلىپ دېگۈدەك بۇ ئۆينى سېتىۋالغان ھەم ئۆزىمىزنىڭ ئوردىسىدا بەختنىڭ كۈلكىسىگە تېخىمۇ چۆمۈلۈپ كېلىۋاتاتتۇق. تەرەپبال كەلگەن ئاتامنىڭ قىسمىتى، ئانامنىڭمۇ ئاغرىقچان بولۇپ قېلىشى، ئۆز ھۆددىسىدىن چىقالمايدىغان، ئۆزى ھەم چىقىشنى خالىمايدىغان شەكىلەنى ماڭا ھەدىيە قىلغىنى تازا ئادىل بولمىسىمۇ، مەن بۇ تارتقۇلۇقتىن ئۆزۈمنى قاچۇرۇپ بولالمايتتىم. مەيلى نارازى بولاي، مەيلى يالغاندىن كۈلۈپ ئۆتەي ئاتا - ئانامغا پەرزەنتلىك، شەكىلەگە ئاچىلىق بۇرچۇم ھەم مەسئۇلىيىتىمنى ئادا قىلمىسام بولمايتتى. ھەر ھەپتىنىڭ ئاخىرقى كۈنى چوڭ ئۆيگە قاترايتتىم. ئانامغا قارىشىپ بەرمىسەم، ئۆينىڭ ئېغىر - يېنىك ئىشلىرىنى يۈرۈشتۈرۈپ تۇرمىسام بولمايتتى. ئاتامنىڭ كېسىلى داۋالاشنىڭ ئۈنۈمى بولمايۋاتقاندەك، باشتىكى بىر ئىزىنى ساقلاپ كېلىۋاتاتتى. مۇتەخەسسىسلەر ئېيتقان شۇ ۋاقىتنىڭ قاچانلاردا كېلىدىغانلىقىغا ھېچكىم بىر نەرسە دېيەلمەيتتى. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىنى، ئىگەمنىڭ ئاتامغا مۆجىزە ئاتا قىلىشىنى تىلىمەكتىن باشقا چارە قالمىغانىدى. ئانامنىڭ دۇئاسى ۋە تىرىشچانلىقىنىڭ بىكار كەتمەيدىغانلىقىغا ئىشەنسەممۇ، ۋاقىتنىڭ ئۇزىراپ كېتىشى بىلەن ئۈمىدسىزلىنىپمۇ قالاتتىم. ئاتامنىڭ قايتا ئورنىدىن تۇرغىنىنى كۆرۈش ئىستىكىمنىڭ كۈچلۈكلۈكىدىن ئوغۇل بولۇپ يارالمىغىنىمدىن ئەپسۇسلىناتتىم، كۆزلىرىمنى يوشۇرۇن ياشلاپ ئۆتۈۋاتاتتىم. شەكىلە باشقا ئىشقا يارىمىسىمۇ، قىزىمغا بىر قانچە كۈن قاراشقا يارايتتى. ئۇ ئۆيدە بولغاچقىلا، سەردار ۋە قىزىمدىن خاتىرجەم ئىدىم. قاتتىق قوللۇقۇم ۋە ئەستايىدىللىقىم ئۇنىڭغا بەزى ئىلگىرىلەشلەرنى ئېلىپ كەلگەنىدى. تاماقنى دېگەندەك ئوخشىتىپ قىلالمىسىمۇ، ھەرھالدا ئۆيدىكىلەرنى ئاچ قويمايتتى. ئۇنىڭ بىر ئادىتى ئادەم قوبۇل قىلالمىغۇدەك قىزىق ئىدىكى، تاماقتىن كېيىن قاچا يۇيۇشنى قەستەن ئۇنتۇپ قالاتتى. ئىككى كۈنلۈك قاچا - قۇچا ئاشخانا ئۆيگە دۆۋىلىنىپ كەتكەن تەقدىردىمۇ، مېنىڭ قايتىپ كېلىشىمنى كۈتەتتى. شۇنداق چاغلاردا ئۆزۈمنى زورىغا تۇتۇۋېلىشنى ئويلىساممۇ تۇتۇۋالالمايتتىم، شەكىلەنى تىللاپلا كېتەتتىم. −−ئۆلگىچە ئادەم بولمايدىغان شۇم! مېنى ساياھەت قىلىپ، ئارام ئېلىپ كەتتى دەمدىكىنا؟ خۇددى شاھزادىگە ياتلىق بولىدىغاندەك تەييارغا ھەييار بولۇشتىن باشقىنى بىلمىگەن، مېنى چارچاپ ئۆلسۇن دەيسەنغۇ، شۇ! شۇنداق تىللىۋالسام ئاچچىقىم يېنىپ، قۇشتەك يەڭگىللەپ قالىدىغاندەك، ئىچىمدىكى دەردلىرىم بىر يولى چىقىپ كېتىدىغاندەك، سەردارنىڭ ھاي بېرىشىگە ئۇنىماي تىل سالاتتىم. يەنە شەكىلەنىڭ پەرۋاسىزلىقىدىن، ئاتامنىڭ ئەھۋالىنى سوراپمۇ قويمىغىنىدىن ھار ئېلىپ يىغلاپمۇ كېتەتتىم. تەلىيىمگە سەردارنىڭ كۆيۈنۈشى، مېنى قوللاپ - قۇۋۋەتلىشى بار ئىكەن، بولمىغاندا تەڭقىسلىقتا تۈگۈشۈپ كەتكەن بولاتتىم. ناۋادا ئۇ ئاتا - ئانامنىڭ ئۆيىگە بېرىشىمنى چەكلىسە، شەكىلەنى ئېغىر ئالسا قانداقمۇ قىلاتتىم! ئەلھۆكمىلىللا دەپ كۆز يېشى قىلماقتىن باشقا چارە بولارمىدى؟ ياق، ئۇنداق ئاقىۋەتنى ئويلىغۇم، ھەتتا خىيال قىلغۇممۇ يوق! ھېيتقا ئاز قېلىۋاتقان بولسىمۇ، تېخىچە سەردارنىڭ تەييارلىقىنى قىلىشقا ۋاقىت چىقىرالمايۋاتاتتىم. ئۇنىڭ بىلەن بازارغا بېرىشقا جابدۇنغان كۈنى ئانام مېنى تۇيۇقسىز چاقىرىتىپ كەتكەچكە، بىللە بېرىشقا ئامالسىز قالغانىدىم. سەردار ئاشۇ قېتىملىق تېلېفوندىن بىر ئاز نازارى بولغان بولسىمۇ، چىش يېرىپ بىر نەرسە دېمىگەنىدى. مەن ئۇنىڭ كۆڭلىنى چۈشىنەتتىم، شەكىلە ئۆيىمىزگە كەلگەن ئالتە ئايدىن بۇيان كۈنلىرىمىزنىڭ قانداق ئۆتۈۋاتقانلىقى ماڭا ئايان ئىدى. −−مەلىكەمنىڭمۇ بىر قۇر يېڭى كىيىم كىيگۈسى بار ئىدى، ئەپسۇس خانىش ئانىسى شاھ ئاتىسىنىڭ كۆزلىرىدىن چاچراۋاتقان ئوتقا قارىماي، يەنە قېچىپ كېتىدىغان بولدى - دە! چاقچاق ئارىلاش ئېيتىلغان سۆزلىرىم سەردارنى خۇشال قىلالمىدى، چىراي ئىپادىسىدىن نېمە ئويلاۋاتقانلىقىنىمۇ بىلگىلى بولمىدى. مەن ئۇنىڭ كىيىم تاللاشنى بىلمەيدىغانلىقىدىن ئەنسىرىمەيتتىم، بەلكى يالغۇز بازار ئايلىنىش بىلەن خۇشى يوقلۇقىدىن خىجالەت ھېس قىلاتتىم. −−يالغۇز بارغۇڭىزنىڭ يوقلۇقىنى بىلىمەن، خالىسىڭىز شەكىلە بىلەن بالىنى ھەمراھ قىلىۋېلىڭ، بولامدۇ؟ −−سىز يولىڭىزدىن قالماڭ، بازارنىڭ ئىشى كېيىنچە بىر گەپ بولار! يامىنى كەلسە، بالىنى ئانامنىڭ ئۆيىگە قويۇپ قويارمەن. ئۇ شەكىلەنىڭ ئۆزى بىلەن بىللە بېرىشىنى خالىمايدىغاندەك قىلاتتى. خىيالىنى ئوچۇق ئېيتمىغىنى بىلەن كۆڭلىدە ئويلىغانلىرىنى چۈشىنەتتىم. چۈنكى، شەكىلەنىڭ بەزى قىلىقلىرى ئۇنى بىزار قىلىپلا قالماي، يول يۈرۈشتىكى نايناقلىقىمۇ كۆزىگە سىغىپ كەتمەيتتى. شۇنداقتىمۇ مېنىڭ كۆزۈمدە ئارتۇق گەپ قىلماي، شەكىلەنى ئۆز سىڭلىسى ئورنىدا كۆرۈپ كېلىۋاتاتتى. −−كېيىنگە ۋاقىت يوق، گېپىمنى ئاڭلاپ بۈگۈنلا بېرىپ كېلىڭلار! سەردار ئادەتتە بۇيرۇق چۈشۈرۈشۈمنى خالىمايتتى، ئۆتۈنۈش بىلەن سۆزلىشىمگىمۇ يول قويمايتتى. ئىككەيلەن ئەزەلدىن بىر خىل ئازادىلىك ئىچىدە پاراڭلىشىشنى، ئويلىغانلىرىمىزنى يوشۇرماي ئېيتىشنى ياخشى كۆرەتتۇق. ئەمما، مەن بۈگۈن قائىدىمىزگە مۇخالىپ ھالدا ئۇنىڭغا بۇيرۇق چۈشۈرگەندەك تەلەپپۇزدا سۆزلەپ سالغانىدىم. سەردار بۇ قېتىم ئانچە ئېرەن قىلىپ كەتمىگەندەك كۆزلىرىنى ئالايتىپ قارىمىغان ھەم بۈگۈنكى سودىنى ئەتىگە قويماسلىققا ماقۇللۇق بەرگەنىدى. مەن سەردارغا شەكىلەگىمۇ ھېيتلىق كىيىم ئېلىپ بېرىشنى ئېيتىۋاتقىنىمدا، شەكىلەنىڭ ئارىغا گەپ قىستۇرۇشى سەردارنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرگەنىدى. −−مەن بارمايمەن، يېزنەم ماڭا قانداق كىيىم ئېلىپ بېرىشنى نېمە بىلسۇن! پۇلنى بەرسەڭلار، ئۆزۈم دوستلىرىم بىلەن بىرگە ئېلىۋالىمەن. −−توغرا دەيدۇ، مەن مودىدىن يىراق تۇغۇلغان، سېپى ئۆزىدىن سەھرالىق بولغاندىكىن، مودا قىزلارنىڭ كۆڭلىدىكىدەك ئىشلارغا يارىمايمەن. −−نېمىمۇ دەيدىغانسىز، سىزنىڭمۇ كىچىك بالىلار بىلەن تەڭ بولىدىغان ۋاقتىڭىز بولىدىكەن - ھە؟ ئۇنىڭ بىلجىرلاشلىرىغا قۇلاق سالماڭە! سەردارغا بىر ياقتىن ئۆزىنىڭ سۆزىنى قايتۇرۇپ بېرىپ، شەكىلەنى قانات ئاستىغا ئالغىنى ئۈچۈن تەنە قىلسام، يەنە بىر ياقتىن شەكىلەنىڭ سۆزىدىن بىئارام بولۇۋاتقان كۆڭلىنى ياساشقا باشلىغانىدىم. ناۋادا مەن ۋاقتىدا داۋاسىنى قىلمىسام، چىرايلىق سۆزلەر بىلەن تەسەللى بېرىپ تۇرمىسام، تەرسالىق كېسىلى تۇتۇپ قالاتتى. سەردارنى ھەممە ئادەم مۇلايىم، ئاق كۆڭۈل، ئوچۇق مىجەزلىك يىگىتلەردىن دەپ تەرىپلىشىدۇ. دېمىسىمۇ ئۇنىڭ خاراكتېرى خېلى يېتىلگەن، ئادەمنىڭ كۆڭلىنى ئاسانلىقچە چىگىپ قويمايدۇ. ئەمما يۇقۇملۇق كېسەلدەك ئاسان ياندۇرغىلى بولمايدىغان بىر خىل تەرسالىقى باركى، ئادەمنى تونۇشقانغا تويغۇزۇپ قوياتتى. شەكىلە يېزنىسىنىڭ تەرسا مىجەزىنى تېخى كۆرۈپ باقمىغان بولغاچقا، ئېغىزىغا كەلگەننى ئۇدۇللاپ ئېيتىپ سالغانىدى. −−بولدىلا، ئۆزۈم يالغۇز بارغانغا ئوغرى ئېلىپ قاچماس! قىزىمىز نەچچىنچى نومۇرلۇق ئاياغ كىيەتتى؟ سەردار بۇ قېتىم ئاسانلا ئاچچىقىدىن يانغانىدى. ئۇنىڭ بۇ باتۇرلۇقىدىن ھەيران بولمىدىم دېسەم خاتالاشقان بولاتتىم. مۇھىمى، ئۇ ئۆزىنىڭ تەرسا مىجەزىنى شەكىلەگە كۆرسىتىشنى خالىمىغان بولۇشى ئېھتىمالغا بەك يېقىن ئىدى. شۇڭا ئۇنىڭ ئالدىدا شەكىلەنى بىر نەرسە دېگۈدەك بولسام، سەردارنىڭ ماڭا قوشۇلۇپ تېخىمۇ ئەدەپ كېتىشىنى، مەن ئامال بار ئۆزۈمنى قاچۇرىدىغان تەرسا مىجەزىنىڭ تۇتۇپ قېلىشىنى يوق دېگىلى بولمايتتى. شۇڭا، مەن كۆڭلۈمدە ئۇ كەتكەندىن كېيىن، شەكىلەنى تازا بىر ئەدەپلىمىسەم دەپ ئويلىدىم، ئەمما شەكىلەنىڭ ئۇستاتلىقى بۇ خىيالىمنى يوققا چىقارغانىدى. −−قەستەن ئېيتقىنىم يوق، ھەدە! مەن سەردار ئاكام بىلەن بىللە بازار ئايلىنىشتىن ئۇيالدىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىلگەنلەر بىر نېمە دېمىگەن بىلەن، بىلمىگەنلەر سەردار ئاكامغا تۆھمەت قىلمىسۇن دېدىم. شەكىلەنىڭ كۆزىنىڭ ئىچىگە قارىدىم، ئۇنىڭ ھىيلىگەرلىكىنى ئېچىپ تاشلىغۇم، ھۆرمەتسىزلىكىنى ئوت بولۇپ كۆيدۈرۈۋەتكۈم بار ئىدى. بىراق، ئۇ كۆزلەرگە قارىغانسېرى سەبىيلىكنىڭ كەينىگە يوشۇرۇنغان سايىنىڭ نېمىلىكىنى بىلەلمىگەنىدىم. بالىلىق ماراپ تۇرغان كۆزلەر شۇنداق بولامدىغاندۇ؟ دەپ ئويلىغان بىلەن شەكىلەنىڭ بالىلىقىغا ئىشىنەلمەيتتىم. ئۇ ھېچنېمىنى ئويلىمايدىغان، كۆڭلىگە سان پۈكمەيدىغان قىزلىق يېشىدىن ھالقىپ بولغانىدى. نېمە دېيەلەيمەن! بىرەر ئېغىز گەپ قىلماي كېتىپ قالسام، ئۇ يەنە ھەددىدىن ئاشاتتى، يامان خۇيىنى تاشلىمايتتى، »يېزنەم ئېغىز ئاچقۇدەك بولسا، ھەدەم ئارا تۇرىدۇ« دەپ ئويلاپ، يۈگەنسىز |