ئۈچۈنمۇ ئۇلارنى باغلاپ تۇرغان كۆزگە كۆرۈنمەس رىشتىنى ئۈزۈپ تاشلىمىسام بولمايتتى.
شەكىلە بۇ قېتىم توي قىلىشقا قارشى تۇرمىغىنى بىلەن، ھېچقايسىمىز ئويلىمىغان بىر شەرتنى قويۇپ تۇرۇۋالغانىدى. ئۇ توي قىلىدىغان ئەر سەرداردەك مۇلايىم، ئاق كۆڭۈل، ئۆيى ناھىيە بازىرىدا، خىزمىتى يېزىدا بولۇشى كېرەك ئىكەن! ئۇنىڭ بۇنداق شەرتلەرنى ئويلاپ چىقالايدىغانلىقىغا كۆزۈم يەتمىگىنى بىلەن، ئۇنىڭغا ئەقىل ئۆگىتىدىغان ئادەمنىڭ بىز تاش سانىغۇچە قۇم سانايدىغان ئادەملىكىنى بىلمەك قىيىنغا چۈشمەيتتى. شەكىلەنىڭ بۇنداق شەرت قويۇشى ھەرگىزمۇ ئۆزىنىڭ خىيالى ياكى توي قىلىشقا رازىلىق بەرگىنى بولماستىن، بىزنى ئامالسىز قويۇش ئارقىلىق تويلىشىش ئويىمىزنى يوققا چىقىرىشتىن باشقا ئىش ئەمەس ئىدى. −−شۇنداق لايىق نەدە تەييار تۇرۇپتۇ جۇۋاينىمەك! ئاچچىقتىن ئۆزۈمنى تۇتۇۋالالماي تىل سالغانىدىم. شەكىلە قېتىغىمۇ ئېلىپ قويماي، مېنىڭ بىلەن زوكۇنلىشىشقا جۈرئەت قىلغانىدى. −−ئۇنداقتا بۇ توينى قىلماپتىمەن، مېنى يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلارغا سەدىقە قىلاي دېمىگەن بولغىيتتىڭ؟ −−مەھەللىدە شۇنداق ياخشى لايىق چىقىۋاتسا، نەگە باراتتۇق ئەمىسە! −−قويغىنە شۇنداق ياخشى لايىقنى، ھەممىسى لايغەزەل نېمىلەرغۇ ئۇ! ساڭا تويۇمنى قىلىپ قوي دەپ ھال ئېيتمىغاندىن كېيىن، بۇنچە كۈچەپ كەتمىسەڭمۇ بولاتتى. −−مۇشۇنداق قېرى قىز بولۇپ ئولتۇراي دەمسەن؟ −−ھازىرقى يېشىم »قېرى قىز«لاردىن بولۇشقا بۇرۇنلۇق قىلامىكىن، بۇ دېگەن ئاتام زامانى ئەمەس! −−ئادەمنى جىلە قىلىپ ئۆلتۈرەمدۇ نېمە؟ نەدىن گەپ قىلسا، شۇ يەردىن گەپ تەييار قىلىدىيا! −−ئانام مېنى گاچا تۇغماپتىكەن. −−ساڭا ياخشى بولسۇن دېگەن گۇناھ ئۆزۈمدىغۇ مېنىڭ؟ −−ياخشىلىق بىر ئۆزۈڭدىن ئايلانسۇن! شەكىلەگە گەپ تېپىپ بېرەلمەيدىغىنىم ئۆزۈمگە ئايان بولسىمۇ، ئۇنى يەنە گەپكە كۆندۈرۈشنى ئويلايتتىم. −−بۇ يالغۇز مېنىڭلا ئويۇم ئەمەس، ئاتامنىڭ ئارزۇسىمۇ شۇ ئىكەن. −−ئاتامنىڭ ئارزۇسى دەپلا ئۆزۈم ياخشى كۆرمەيدىغان بىر ئەرگە تېگەمدىكەنمەن؟ −−بىز سېنى چوقۇم شۇ بالا بىلەن توي قىلىسەن دېمەيمىز، كۆڭلۈڭدە باشقا بىرى بولسا ئوچۇق ئېيتساڭ بولاتتىغۇ؟ −−كۆڭلۈمدىكىنى ئېيتالمايمەن، ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىشىممۇ مۇمكىن ئەمەس! −−نېمىشقا؟ ئۇ ياقا - يۇرتلۇق بولسا، ئاتامنى قوشۇلماسمىكىن دەمسەن؟ −−ئۇ توي قىلىپ بولغان.
شەكىلە راستىنى ئېيتقانىدى. ئۇ ئۆزى ياخشى كۆرۈپ قالغان ئەرنىڭ ئۆزىنى ئەمرىگە ئالالمايدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ بىلەن پەقەت يوشۇرۇن ھېسلارغا چۆمۈلىدىغانلىقىنى ھەرھالدا تونۇپ يېتىۋاتقاندەك قىلاتتى. −−توي قىلىپ بولغان ئادەمنى ياخشى كۆرۈپ قېلىشتىن ئۇيالمىدىڭمۇ؟ باشقىلارنىڭ بەختىگە قول سوزغاندەك قارا يۈز بولۇپ كەتمىگەنسەن! −−مۇھەببەتكە كىم قۇل بولمىغان؟ يۈرىكىم ئوت بولۇپ كۆيۈۋاتسا ئامالىم قانچە؟ شەكىلەگە »قارايۈز بولساڭمۇ، ھەدەڭنىڭ بەختىنى ۋەيران قىلىدىغان قارا يۈز بولماسلىقىڭ كېرەك ئىدى« دەۋەتكىلى تاسلا قالغانىدىم. مەن شۇنداق دېگەندىمۇ، ئۇ بۇ قىلمىشىدىن تېنىۋالغان ياكى ماڭا يەنە مۇھەببەتنىڭ سېھرىي كۈچى ھەققىدە گەپ سېتىپ بەرگەن بولاتتى. شۇڭا ئۇنىڭغا تېخىمۇ دوستانە ۋە مۇلايىم |