قىرتاق دەرت (پوۋېست)(9)

يوللانغان ۋاقتى:17-02-2014   مەنبە: تارىم 2013-6-سان   مۇھەررىر: ھەزرەتئەلى ئەخەت   كۆرۈلۈشى: قېتىم   ئىنكاس: 0 پارچە
ئىچى چۈشۈپ قالغان چېغى دەپلا گەپنى تۈگىتەتتى . * * مەن ھال رەڭگە ئۆچ، قېيىنئانام ياقتۇرمايدىغان سېرىق رەڭگىمۇ ئ
ئىچى چۈشۈپ قالغان چېغى« دەپلا گەپنى تۈگىتەتتى.

*               *

مەن ھال رەڭگە ئۆچ، قېيىنئانام ياقتۇرمايدىغان سېرىق رەڭگىمۇ ئۆچ بولۇپ كېتىۋاتاتتىم. چۈنكى، مېنىڭ رايىم بويىچە ھال رەڭنى ياقتۇرمايدىغان، سېرىق رەڭنى ئۆچ كۆرىدىغان سەردار ھازىر ھەر ئىككى رەڭنى ئۆچ كۆرمەيدىغان، بەلكى شۇ رەڭلەرنىڭ گېپىنى قىلىدىغان بولۇپ قالغانىدى. ئۇنىڭ بۇ رەڭلەرنى بىردىنلا ياقتۇرۇپ قالغىنى، شۇ رەڭلىك كۆڭلەك بىلەن ئاياغ سېتىۋالغىنى مېنى راستتىنلا ئەجەبلەندۈرۈپ قويۇۋاتاتتى. ئۇنىڭدىن بىر قانچە قېتىم سوراپ بېقىشنى ئويلىغان بولساممۇ، كۆڭلۈم ئازار يېگۈدەك جاۋابقا ئېرىشىپ قېلىشتىن خاۋاتىرلىنىۋاتاتتىم.

خىزمەتنىڭ ئالدىراشلىقىدا سەردارنىڭ كىيىنىشىگە دىققەت قىلىپ كەتمىگىنىم راست، ئەتىگەندە ناشتىلىق تەييارلاش بىلەن بالىنى يەسلىگە ئېلىپ بېرىشتىن باشقىغا ئېشىنالمايۋاتقىنىم ئۈچۈنمۇ ئۇ مېنىڭدىن ئاغرىنمىسا، ئۆز خاھىشىنى ئۆزگەرتىپ يۈرمىسە بولاتتى. رەڭلەرنى ياخشى كۆرۈش - كۆرمەسلىك ھەركىمنىڭ ئۆزىنىڭ مەيلى بولسىمۇ، سەرداردىكى بۇ ئۆزگىرىشنى قوبۇل قىلالمايۋاتاتتىم. كۆڭلۈمنى تېخىمۇ پاراكەندە قىلىۋاتقىنى ئۇنىڭ پات - پات ئەتىر پۇرىقىنى بىللە ئېلىپ يۈرگىنى ئىدى. ياۋا گۈلدەك يۈرۈشۈمنى ئارزۇلايدىغان سەردار ئۆزى ئەمەس، مېنىڭمۇ بەك پۇراقلىق ئەتىر ئىشلىتىشىمگە ئۇنىمايتتى.

−−گۈللەرنىڭ پۇرىقىنى ئەتىر بىلەن باسقىلى بولامدۇ؟ ياۋا گۈلدەك تەبىئىي، ئەسلىي مىجەز ئاياللار ئەرلەرنىڭ بەختى! مەن سىزنىڭ پارنىكتا ئۆسكەن باراقسان گۈل ئەمەس، كەڭ دالىدا كۆكلىگەن يېگانە گۈل بولۇشىڭىزنى خالايمەن.

ئەجەبا، ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرى مېنى ئالداش ئۈچۈن ئېيتىلغانمىدۇ؟ ھال رەڭ كۆڭلىكىدىن كېلىۋاتقان ئەتىر پۇرىقى ئۇنى مەست قىلىپ، كىملەرنىڭ قۇچىقىغا تاشلاۋاتقاندۇ؟ ئاشۇ نازىنىنلارنىڭ مېنىڭدىن ئارتۇقچىلىقى بار دېيىلسە، سەردارنىڭ مەپتۇن بولۇپ قېلىشىغا ئۆزۈم سەۋەبكار بولغاندىمەنمۇ؟... كەينى - كەينىدىن تۇغۇلۇۋاتقان سوئاللار جاۋابسىز قېلىۋاتاتتى. ئۆزۈمنىڭ جاۋاب بېرەلمەيدىغانلىقىم، باشقىلاردىن جاۋاب ئىزدىمەيدىغىنىم ئۈچۈن قايغۇرۇشقا ھەقلىق بولۇپ قېلىۋاتاتتىم.

سەردارنىڭ كۆزۈمگە سىغمايدىغان بولۇپ قېلىۋاتقىنىغا ئەقلىم يەتمەيتتى. ئۇنىڭ بىلەن زوكۇنلىشىشتىنمۇ، ھەتتا بىردەم ئولتۇرۇپ مۇڭدىشىشتىنمۇ رايىم  يېنىپ كېتىۋاتاتتى. ئۆزۈمدىكى بۇ نورمالسىزلىقنى ھېس قىلىپ يەتكىنىم بىلەن ئۆزگەرتىشكە ئامالسىز قېلىۋاتاتتىم. ئۇنىڭ ھال ۋە سېرىق رەڭلەرنى ياقتۇرۇپ قالغىنى ئۈچۈنلا، كۆڭۈلسىز بولۇشۇم مۇمكىن ئەم−ەس ئىدى. بەل−كىم ئ−ۆزۈمنىڭ پىسخىكىسىدا مەسىلە كۆرۈلگەن، گۇمانخورلۇق تۈپەيلى ئەقلىم زىيادە سەزگۈرلۈككە ئىشىك ئېچىۋەتكەن بولۇشى مۇمكىن ئىدى. مەن قېيىداپ يۈرسەم، ئۆزۈمنى ھېچ نېمە بىلمەيدىغان قاتارغا چىقىرىۋەتسەم بولمايتتى، ئۆز بەختى ئۈچۈن بارلىقىنى ئاتىمايدىغان ئادەم بولۇشنى خالىمايتتىم.

قەددىمنى رۇسلاشنى، بەختىمنى داۋاملىق قوغلىشىشنى، سەردارنى مەپتۇن قىلىۋالغان رەڭلەرنىڭ سىرىنى ئېچىشنى نىيەت قىلدىم، بارلىق ئەسلىمىلەر قوينىغا قايتىپ كېلىپ، مەسىلىنىڭ زادى قەيەردە يۈز بەرگىنىنى ئىزدەيتتىم. ھەر بىر كىچىك ھالقىلارنىمۇ نەزەرىمدىن ساقىت قىلىشقا، تەھلىل يۈرگۈزمەي ئۆتۈپ كېتىشكە يول قويالمايتتىم. ئەسلىمە  بىلەن بولۇپ كېتىپ، سەرداردىن تېخىمۇ يىراقلاپ كەتمەسلىك ئۈچۈن بۇرۇنقىدىنمۇ بەكرەك كۆيۈنۈش ۋە قىزغىنلىقنى ئۆزۈمگە ھەمراھ قىلغانىدىم. سەردارنىڭ كۆزىگە سىغماسلىقىم ۋە قوبۇل قىلماسلىقى بىلەن كارىم بولمىسا يەنە بولمايتتى. ياۋا گۈل ھىدىغا، ئۇ تەلپۈنۈۋاتقان گۈللەر ھىدىنى سىڭدۈرۈپ، ئۇنىڭ ئۆزىمۇ بىلەلمەيدىغان، بىلىشكە قىزىقىدىغان يەنە بىر خىل  يېڭى پۇراق پەيدا قىلىشنى ئويلايتتىم.

−−بۇ ھەپتە خانىمىڭىز بىلەن ساياھەت قىلىپ كېلىشنى خالامسىزكىن؟

تەرەپبال سورالغان بۇ سوئالغا ئۇنىڭ خۇشياقمىغاندەك جاۋاب بېرىدىغانلىقىنى ئالدىن پەرەز قىلغان ھەم ئىدىيە جەھەتتە تەييارلانغانىدىم. مەيلى نېمە دېسۇن، مەن ئۇنى بۇ قېتىم ئۆز خاھىشىمغا كۆندۈرمىسەم بولمايتتى. چۈنكى بۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن ھەم ئۆزۈم ئۈچۈن ئېلىۋاتقان يېڭى بىر قەدەم ئىدى.

−−قىشتىمۇ ساياھەت قىلامدۇ؟ ئەخمەقنىڭ خىيالىغۇ بۇ!

−−ئادەم بەزىدە شۇنداق ئەخمەق بولۇپ قالىدىكەن، سىزنىڭ شۇ ئەخمەقكە ھەمراھ بولغۇڭىز، بىرەر قېتىم ئەخمىقانە ئىش قىلغۇڭىز يوقمۇ؟

سەردار سۈكۈتكە چۆمگەنىدى. قارىغاندا مېنىڭ ئۇنىڭغا قىلغان تۇيۇقسىز ھۇجۇمىم ئۆز كۈچىنى كۆرسىتىدىغاندەك قىلاتتى. مەن شۇنىڭلىق بىلەن ھۇجۇمنى توختىتىپ قويسام، كۆزلىگەن نىشانىمغا يېتەلمەيلا قالماي، ئويلىمىغان يەردىن مەغلۇپ بولۇپ، قايتا  پىلان تۈزۈشكە مەجبۇرلىناتتىم.

−−مۇھەببەتلەشكەن چاغلاردىكى ئاشۇ ئەخمەق بولغان ۋاقتىڭىزدەك، بىر قېتىم ئەخمەق بولۇپ بېقىڭا!

−−يەنە ئەخمەق بولىمەنما؟ چۈش كۆرۈۋاتقان بولساڭ ئۇ باشقا گەپ.

−−چۈش كۆرگەن بولسام، ھەممە ئۆز ئەسلىگە قايتىپ، قەلب تارلىرىم ئەلەم زەخمىكىدە چېكىلمىگەن بولاتتى. مەن شۇ چۈشتەك رېئاللىققا قايتىشنى ئويلاۋاتىمەن.

−−نېمانداق غەلىتە گەپلەرگە ئۇستا بولۇپ كەتتىڭ، قىزىمايۋاتقانسەن؟

−−مەن قاچان سوۋۇپ باققان؟ يۈرىكىمنىڭ ئاتەش بولۇپ كۆيۈۋاتقانلىقىنى، بارلىقىمنىڭ بەختىم ئۈچۈن بەدەل قىلىنغىنىنى تەڭرىم بىلىدۇ.

سەردار بىر نەرسە دېمەكچى بولۇپ ئېغىزىنى ئۆمچەيتتى  - يۇ، ئېيتالماستىن ئىچىگە يۇتۇۋەتكەنىدى. مەن ئۇنىڭ زادى نېمە دېمەكچى بولغىنىنى شۇنداق بىلىشنى خالايتتىم.

−−سىز مېنى يەنىلا سۆيەمسىز؟

−−غەلىتە بولۇپ قېلىۋاتىسەن دېسەم ئىشەنمەيسەن، ئەمدىلىكتە بۇ سوئالنى سوراشتىن ئۇيالمامسەن؟

−−ئۇيالمايمەن، مەن بۇ سوئالنى بىر ئۆمۈر سوراشقا ھەقلىق.

سەردار كۆزلىرىمدىكى قەتئىيلىكنى كۆرۈپ تۇراتتى. مەن ئۇ جاۋاب بەرمىگۈچە سوراشنى داۋاملاشتۇرۇشنى قارار قىلىپ بولغاندەك، سەردارنىڭ كۆزلىرىگە قادالغانىدىم.

−−مەن سېنى...

−−يەنىلا سۆيىسىز، شۇنداقمۇ؟

−−ئۆزۈڭ ھەممىنى بىلىپ تۇرۇپ، يەنە سوراشنىڭ ھاجىتى بارمۇ؟

ئۆزۈمنىڭ ئالدىراڭغۇلۇقى ئۇنىڭ ئېغىزىدىن گەپ ئېلىشىمنى توسۇپ قويغان، ئۇ بۇ سوئالدىن ئاسانلا قۇتۇلۇپ كەتكەنىدى.

−−مېنى بىر يەرلەرگە ئاپارسىڭىزكەن، يۈرىكىم بەك سىقىلىپ كەتتى.

سەردار جاۋاب بەرمىدى، چىرايىدىنمۇ ھېچقانداق بىر ئىپادىنى كۆرەلمىگەنىدىم. قايتا - قايتا ئۆتۈنۈشۈمنىڭ ھاجىتى بار - يوقلۇقىنى بىلمەيتتىم، پەقەت سەردارنىڭ قىشنىڭ ئاق قارلىرىدەك ئاقلىقىنى نامايان قىلىشىنى كۈتمەكتىن باشقا چارە قالمىغانىدى. بۇ كۈتۈشنىڭ قاچانغىچە داۋاملىشىدىغانلىقىنى بىلمىسەممۇ، بەك ئۇزاققا




ھالقىلىق سۆزلەر : پوۋېست، تارىم، قىرتاق


بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
------分隔线----------------------------

ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار