سۆزۈمنى داۋاملاشتۇرالمىدىم، سەردارنىڭ كۆزۈمنىڭ ئىچىگە قاراۋاتقانلىقىنى بىلىپ قالغانىدىم. ئۇ يالغان ئېيتىۋاتقانلىقىمنى ئاللىقاچان ھېس قىلىپ بولغاندەك، رەسۋا بولىدىغان ۋاقتىم كېلىپ قالغاندەك، ھەممىنى ساجىدەگە دەۋېتىدىغاندەك تۇيۇلۇپ كەتكەنىدى. كۆزۈمنى ئېلىپ قېچىشقا ئامالسىز بولغانلىقىم سەۋەبلىك چېچىمنى بارماقلىرىمغا قايتا - قايتا چىگىپ، ماڭا تىكىلگەن كۆزلەرگە ئۈنسىز قاراپ تۇراتتىم، بۇ كۆزلەر سۆزلەشنى بىلىدىغاندەك سۆزلەۋاتاتتى. »باھانە يوللۇق ياكى يولسىز بولسۇن كۆڭلىڭىزنى چۈشىنىمەن، سىز بۇ قارارنى ئەقىلگە تايىنىپ، ئىشەنچ ۋە غەيرەت بىلەن چىقارغان. ئۆزۈمنى سىزگە ئوقۇتقۇچى بولۇشقا لايىق دەپ قارىمىساممۇ، ماڭا بولغان ھېسسىياتىڭىزنى قەدىرلەيمەن. بۇ تەكلىپنى رەت قىلغۇدەك ئاساس تېخى مەندە يوق، ئەمما سىز يالغان ئېيتىۋاتىسىز، كۆڭلىڭىزدىكى سىرلارنى يوشۇرۇپ قالالايمەن، دەپ خاتا ئويلاۋاتىسىز! كۆڭلىڭىزدىكىنى يۈرەكلىك دېگەن بولسىڭىز يېقىن دوستىڭىز ساجىدەنى ئالدىمىغان، ئۇنىڭ ھەقىقىي دوستلۇق ھېسسىياتىغا داغ چۈشۈرمىگەن بولاتتىڭىز. ئەخمەق قىز، ھەممىنى يوشۇرغىلى بولغان بىلەن مۇھەببەتنى يوشۇرغىلى بولمايدۇ!« كۆزلىرىم كۆزلەرگە جاۋابەن ئاستا شىۋىرلايتتى، كۆزلىرىم ئەمەس، يۈرىكىم نىدا قىلىۋاتاتتى: »مەن قانداقمۇ ئوچۇق ئېيتالايمەن. ھەممىسى مۇشۇ ساجىدەنىڭ كاساپىتى، يۈرىكىمگە بۇ ئوتنى ئۇ ياققان. كىم ئۇنى ھە دېگەندە سىز توغرۇلۇق سۆزلەپ يۈرسۇن، قەلبىمگە مەنىۋى ئوبرازىڭىزنى تىكلەپ قويسۇن دېگەن!« −−شۇنداق كېلىشتۇق ئەمىسە، بۇ تەتىلدە ئۇنى شەھەرلىكلەردىن ئېشىپ كېتىدىغان ئەلاچى ئوقۇغۇچى قىلىۋەتكىن! ساجىدە ئارىدىكى جىمجىتلىقنى بۇزغانىدى. قىزلارنىڭ ئىچى نېمانداق تار كېلىدىغاندۇ، دەپ ئويلاپ كەتتىم. ئۇ بىزنىڭ ئۈنسىز مۇڭدىشىۋاتقىنىمىزنى بىلمەيدىغانلاردىن ئەمەس، قەلبىدىكى رەشىك ئوتى، خاراكتېرىدىكى چىدىماسلىق شۇنداق قىلىشقا قۇتراتقۇلۇق قىلغىنى ئېنىق، بەلكىم مەن ئۇنىڭ ئورنىدا بولغان بولساممۇ، بۇ خىل سۆزلىشىشكە يول قويمىغان، يۈرەك نىدالىرىنى ئاڭلاتمىغان بولاتتىم. −−قېنى تىرىشىپ باقاي!
سەردارنىڭ بۇ سۆزى مېنى خۇشال قىلغانىدى. قانداقلا بولمىسۇن ئۇ تەكلىپىمنى قوبۇل كۆرگەن، مېنى رەت قىلمىغانىدى. سەھەرنىڭ مەيىن شامىلى چاچلىرىمنى يەلپۈتەتتى، ئېغىر قەدەملىرىم تۈنۈگۈنكى يامغۇر بوشىتىپ قويغان ئېتىز قىرلىرىغا ئىز قالدۇرماقتا ئىدى. ياتاق ئۆيدىن قايتىپ چىققاندىن كېيىن، قولۇمنىڭ ئىشقا بارمىغىنى، كۆڭۈل ئارامىمنىڭ يوقلۇقى مېنى بۇ يەرگە ئېلىپ كەلگەنىدى. سېرىقتال ياپراقلارغا چۈشكەن شەبنەم تامچىلىرى ماڭا ئوخشاش كۆز يېشى قىلىۋاتقاندەك سۇس پارقىراپ تۇراتتى. تالاي قىرلارنى كېسىپ ئۆتكۈچە قۇرۇپ سارغايغان ياۋا گۈللەرگە نەزەر سالدىم، پۇراقسىز قاقشال بەرگىنى ھىدلاپ كۆردۈم. باھاردا ھەممىنىڭ دىلىنى لال قىلىدىغان ياۋا گۈللەرنىڭ تېزلا خۇش پۇرىقىنى يوقاتقىنىدىن ئۆكۈندۈم. گۈللەردىن ئەمەس، ئۆزۈمنىڭ شۇ گۈللەرگە ئوخشاش قىسمەتكە دۇچار بولۇۋاتقانلىقىمدىن ئۆكۈندۈم. مەن جەزبىدارلىقىمنى يوقاتقۇدەك، ئۇنىڭ كۆڭلىنى سوۋۇتقۇدەك بەكمۇ قېرىپ كەتمىگەنىدىم. ئانا بولغاندىن كېيىنمۇ توي كۈنى تۇنجى كىيگەن ئەتلەس كۆڭلىكىم ئىچىگە بەدىنىم تىقىلىپ قالغاننى ھېسابقا ئالمىغاندا، يەنىلا قىز چاغلىرىمدىكى ھالىتىمنى ساقلاپ كېلىۋاتاتتىم. ئۆرۈمە چاچلىرىمنى تېقىمىمغا تاشلاپ، تېخى توي قىلمىغان قىزلاردەك قاشلىرىمغا ئوسما قۇيۇپ، مەيدەمنى ئېگىز كۆتۈرۈپ ماڭاتتىم. »چېچەن ئايال ئۆزىنى ئېرىگە پەردازسىز كۆرسەتمەپتۇ« دېگەندەك، زىلۋالىقىمنى تېخىمۇ نامايان قىلىپ، يۈزلىرىمگە تەبەسسۇم ياغدۇرۇپ، مېنى كۆزلىگەن - كۆزلىمىگەن، ۋىسالىمغا بىر رەت يېتىشنى خىيال قىلىدىغان - قىلمايدىغان يىگىتلەرنىڭ كۆزىدىن ئوت چىقىرىپ كېلىۋاتاتتىم. ئەپسۇس، بارلىق تىرىشچانلىقىم ۋە كۆڭۈل ئازادىلىكىمنىڭ بىلىپ - بىلمەي يوققا چىقىدىغىنىنى ئويلىمىغانىكەنمەن. بۈگۈن نېمىشقىدۇ توي كۈنى كىيگەن ئەتلەس كۆڭلەكنى كىيگۈم كېلىپ قالغىنىنى بىلمەيمەن، ساندۇقىمنىڭ تېگىدىن تەستە ئىزدەپ تاپقانىدىم. بەلكىم قولۇمدا سوۋغا، ئۇچامدا ئۇ ياقتۇرىدىغان ئەتلەس كۆڭلەك بىلەن كۆز ئالدىدا قايتا پەيدا بولۇشنى ئويلىغاندىمەن. ئۇنىڭ چۈش ئىچىدىن ئويغىنىپ، مېنى بۇرۇنقىدەك باغرىغا مەھكەم بېسىشىنى ئىستىگەندىمەن. مۇھەببەتلەشكەن چاغلىرىمدىكىدەك شېرىن زۇۋان سۈرمىسىمۇ، كۆڭلۈمنى ئاز - تولا ياساپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلغاندىمەن. شۇ چاغلاردا بەختنى ھەقىقىي مەنىسى بىلەن ھېس قىلغان بولغىيمىدىم؟ ئۇنىڭ شېرىن - شېكەر سۆزلىرى بىلەن ئوتلۇق قۇچاقلاشلىرى ئەقلىمنى لال قىلىپ، بەخت ھەققىدىكى ھۆكۈمىمگە چەك قويغان، ھاياتنىڭ قەدىر - قىممىتىگە بولغان قارىشىمنى ئۆزگەرتىۋەتكەن بولۇشى مۇمكىنغۇ! بۇ تامامەن ئۆزۈم ئويلىغان ئېھتىماللىقتىن يىراق ئەمەس، مۇھەببەت ئادەمنى قارىغۇ قىلغان يەردە، ئەقلىمنى بوغۇپ تاشلىماسمۇ! مۇھەببەتتە نېمە گۇناھ؟ يۈرىكىم كۈلگەن، قەلبىم ئوتلۇق ھېس - تۇيغۇلارغا تولغان دەملەردە سۆيگۈنىڭ ئۇلۇغ ھەم مۇقەددەسلىكىنى كۈيلىگەن ئەمەسمىدىم! ھەر ئىككى كۈندە بىر رەت ئۇنىڭ ئىشخانىسىغا تەكرارغا باراتتىم. ئۇ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تاپشۇرۇقلىرىنى كۆرگەچ، مېنىڭ قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىمغا ياردەم قىلاتتى. ئۇ كەم سۆزلەيتتى، مەن ئېغىز ئاچمىغىچە ئالدىراپ بىر نەرسە دېمەيتتى. ئۇ ئۆزىنى شۇ قەدەر تۇتۇۋالغان ئىدىكى، نەزەرىدە مەن ئىشخانىسىدا يوق ئىدىم. ئۇ مېنى مەسىلىنى يېشىش ئۇسۇلى ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتىدۇ دەپلا ئويلايتتى. ئەمەلىيەتتە، مېنىڭ پۈتۈن ئوي - پىكرىم ئۇنىڭ بىلەن كۆڭۈللۈك سۆھبەتتە بولۇش ھەققىدە باش قاتۇرۇشتا ئىدى. قەستەن گال قىرىش، يېنىك يۆتىلىشلەر كار قىلمايتتى. ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاشقا نەقەدەر تەشنالىقىمنى ئېيتالمايدىغانلىقىمنى راستتىنلا بىلمەيتتى ياكى قەستەن بىلمەسكە سېلىۋاتاتتى. −−بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئاچقۇچى ئەمەس، ھەقىقىي ئاچقۇچ يەنىلا ئۆزىڭىزنىڭ قولىدا ئىكەنلىكىگە ئىشەنمىسىڭىز بولمايدۇ. مېنىڭ يېنىڭىزدا بولۇشۇم پەقەت بىر ۋاسىتە، خالاس! ئۇ مېنى ئۆزىنىڭ ئادەتتىكى بىر ئوقۇغۇچىسى، ھېچ نېمە بىلمەيدىغان، تېخى يېتىلمىگەن كىچىك بالا كۆرۈۋاتاتتى. بارا - بارا پىشىپ بېرىۋاتقان ھېسسىياتىم، شاخلاشقا باشلىغان ئويلىرىم بىلەن ھېسابلاشمايۋاتاتتى. مەن ۋاقىتنى بۇنداق ئۆتكۈزۈۋەتسەم، شېرىن خىيال بىلەن كېلىپ، قۇرۇق ئاچچىقنى يۇتۇپ قايتسام بولمايتتى. −−سىز ئېيتقان ئاچقۇچنى پەقەت قولدىن چىقىرىۋەتكۈم بولمىسىمۇ، بەزىدە ئامالسىز قالىدىكەنمەن. −−مەن ئىشەنمەيمەن، كۆزۈم ئۆزۈمنى ئالدىمايدۇ. سىزنى تۇنجى كۆرگەندىلا ئوقۇتقۇچى تەكلىپ قىلغۇدەك ناچار ئوقۇغۇچى ئەمەسلىكىڭىزنى بايقىغانمەن. ئۇ توغرا ئېيتقانىدى. سىنىپتا ئالدىنقى ئۈچنىڭ بىرى بولۇپ ئوقۇۋاتقىنىم، تولۇق كۇرسنىڭ دەرسلىكىنى ئۆزلۈكىمدىن ئۆگىنىپ بىر يەرگە ئاپىرىپ بولغىنىم ئۆزۈمگە ئايان ئىدى. دېمىسىمۇ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئوقۇتقۇچى تەكلىپ قىلىدىغان ئىش نەدە بار؟ ئەسلىدە ئۇلار ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئائىلە ئوقۇتقۇچىسى بولىدىغان يەردىغۇ! سەردار مېنىڭ ياخشى ئوقۇغۇچىلاردىن ئىكەنلىكىمنى سۈرۈشتۈرۈپ بىلىۋالمىغان تەقدىردىمۇ، ئاشۇ ئەقەللىي ساۋات ئارقىلىق پەرەز قىلىپ بىلەلەيتتى. −−مەن راستتىنلا بەزىدە قىينىلىپ قالىمەن، شۇڭا بۇ تەتىلدە... −−ھەممە ئادەمنىڭ قىينىلىدىغان ۋاقتى بار. ئەمما بۇ ۋاقىتلىق ۋە تۇراقسىز بولىدۇ. مەلۇم ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، يەنە ئۆز ئىزىغا قايتىپ كېلىدۇ. بۇنى نېمىگە ئوخشاتسام بولار... سەردار ئويلىنىپ تۇرۇپ قالدى. مەن ئۇنى بۇنداق ئاددىي ئۇقۇملارغا مىسال ئالالمايدىغان، بۇنچە ئۇزاق ئويلىنىدىغان يىگىتلەردىن سانىمايتتىم. ئۇ چۈشەندۈرۈشتىن قەستەن ئۆزىنى قاچۇرۇۋاتقاندەك، بىر نەرسىنى ئېيتىشنى نومۇس ھېس قىلىۋاتقاندەك تۇيغۇ بېرىۋاتاتتى. مېنىڭ ئېغىزىنى كوچىلىغۇم، ئاستا - ئاستا پىكىر يوللىرىغا باشلاپ كىرگۈم كېلەتتى - يۇ، جۈرئىتىم يوق ئىدى. ئۆزۈممۇ ئانچە گەپ ئۇقمايدىغان، بىرەرسى بىلەن پاراڭلىشالمايدىغان قىزلاردىن ئەمەس ئىدىم، دوستلىرىم بىلەن ئوچۇق - يورۇق، ئەركىن - ئازادە مۇڭدىشالايتتىم. ئۇلار تېخى مېنى »سەن بەك گەپدان، ئادەمنىڭ كۆڭلىنى ئېلىشنى بىلىسەن. سەن بىلەن پاراڭلاشقان ئادەم ئۆزى بىلىپ - بىلمەي ئىچ سىرلىرىنى ئېيتىپ سالىدۇ« دېيىشەتتى. مەن شۇ سەردارنىڭ ئالدىدا ئويلىرىمنى يىغالماي، دېمەكچى بولغان سۆزلىرىمنى نەدىن باشلاشنى بىلەلمەي قالاتتىم، مەنشۇنداق زۇۋانى بار، گېپى يوق گاچا بولۇپ كېتەتتىم. كۈنلەر شۇنداق جىمجىت ئۆتەتتى، سەرداردىن سۆز كۈتەتتىم، كۆزلىرىمگە قايتا بىر قارىشىنى ئۈمىد قىلاتتىم. ئۇنىڭ پەرۋاسىزلىقىدىن ئاغرىنىشنىڭ ئورنىغا جۈرئەتسىزلىكىمدىن ئەپسۇسلىناتتىم. بىراق ئۆز - ئۆزۈمنى ئەيىبلەش بىلەن مەسىلىنى ھەل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى چۈشىنەتتىم - يۇ، يەنە ئۇيقۇمنى نەزەربەند قىلىدىغان خىياللارغا غەرق بولاتتىم. مەن پەقەت خىيال ئىچىدە سەردار بىلەن ھەممە گەپنى دېيىشەلەيمەن ھەم كۆزلىرىنىڭ تەكتىگە كىرىپ كېتەلەيمەن. شۇنداق، مەن ئۇنىڭ كۆزىنىڭ تەكتىگە ئەمەس، يۈرىكىنىڭ چوڭقۇر قېتىغا كىرىپ كېتىۋاتاتتىم، شۇ تەتىلدىكى سۆھبەتسىز دەملەر رىشتىمىزنى باغلاپ قويغانىدى. ئۇ كۆڭلۈمنى ياساشقا ماھىر بولۇپلا قالماي، ئويلىغىنىمنى ئۆزۈم ئېيتىپ بەرگەندەك تېپىۋالاتتى. ماڭا خۇشاللىق ئاتا قىلىش بىلەن ئۆزىمۇ خۇشاللىق تېپىشنى ئويلاپلا يۈرەتتى. ئەجەبا بۈگۈن ئۇ ئۆزگەرگەندىمۇ؟ ئۇنىڭ ئاشۇ خۇشاللىقنى ئۆز قولى بىلەن يوق قىلىشقا قانداق ئالاھىدە كۈچ سەۋەب بولۇۋاتقاندۇ؟ ماڭا خۇشاللىق، بەخت ئورنىغا ئازار، كۆتۈرۈپ تۈگەتكۈسىز دەرد - ئەلەم بېرىشكە رايى بارلىقىغا ئىشەنسەم، يەنە خاتالىققا يول قويغان بولارمەنمۇ؟! دېگەن سوئال يۈرىكىمنى ئاغرىتىپ، تومۇرلىرىمغا قۇرت كىرىۋالغاندەك قاتتىق قىينايتتى، كەتكۈزۈپ قويغان يەرلىرىمنىڭ بار - يوقلۇقى ھەققىدە ئويلاندۇراتتى. * * قىزىمنىڭ ئايىغى چىققان كۈنى، سىڭلىم شەكىلە ئوقۇشىنى تاماملاپ قايتىپ كەلگەنىدى. ئانامنىڭلا ئەمەس، ئىككى ئاجىزەنىڭ بەختىمۇ دەل شۇ كۈنى يوق بولغانىدى. ئاتام شەكىلەنى شەھەردىن ئېلىپ چىقىۋېتىپ ئېشەك ھارۋىسىدىن يىقىلىپ كېتىپ، مېڭىسىگە قان چۈشۈپ پالەچ بولۇپ قالغانىدى. چوڭلار »بىر خۇشاللىق بىر قايغۇنى ھەمراھ قىلىپ كېلىدۇ« دېسە نېمە دەيدىكىن دەپ ئويلىغان بولغىيتتىم، ئەمدى بىلسەم، ئۇلارنىڭ دېگىنى ئۆز باشلىرىدىن ئۆتكۈزگەن ئاچچىق كەچمىشىنىڭ ھەقىقىتى ئىكەن. يىغلىغان بىلەن تەقدىرنىڭ ئىرادىسىنى ئۆزگەرتكىلى بولسۇنمۇ؟ ناۋادا شۇنداق ئېھتىماللىق مەۋجۇت دېيىلسە، ئانامنىڭ كۈنبويى ياش |