ئاپتورى: قاسىم سىدىق («سالچىلار» رومانىنىڭ ماڭا بەرگەنلىرى)
بەدىئىي ئەدەبىياتتىن، ئەدەبىي تەنقىدتىن يىراقلىشىپ كەتكىنىمگە ئۇزاق بولۇپتۇ. دۇنيادا ئەدەبىيات ھەققىدە قانداق يېڭى نەزەرىيەلەرنىڭ مەيدانغا كەلگەنلىكىدىن، قايسىلىرىنىڭ بازىرى چاپ - چاپ، قايسىلىرىنىڭ بازىرى ئۆلۈك ئىكەنلىكىدىن بىخەۋەرمەن. “شەكىل نەزەرىيەسى”دىن ئىبارەت بىر ئابستراكت دۇنيادا ياشاپ، ئۇنىڭ ئازاب ۋە لەززەتلىرىدىن ھۇزۇرلىنىپ يۈرگەن كۈنلىرىمنىڭ بىرىدە “سالچىلار” ① ھەققىدىكى تور غوۋغالىرى ۋە كوچا ئوبزورلىرى دىققىتىمنى تارتتى. بۇ غوۋغا ۋە ئوبزورلارنىڭ تۈرتكىسىدە ۋاقىت چىقىرىپ روماننى كۆرۈپ چىقتىم. رومان مېنى ئايرىلغىلى ئۇزاق بولغان قېرىندىشىم بىلەن كۆرۈشكەندەك تۇيغۇغا چۆمدۈردى. ئۇ مېنى خۇددى شەكىل نەزەرىيەسىدەكلا ھەم ئازابلىدى، ھەم شادلىققا مۇيەسسەر قىلدى. مېنىڭچە، ئازابتىن ھۇزۇرلىنىشنى بىلىش ئىقتىدارىمۇ كىشىلەرگە قىلىنغان كاتتا مەرھەمەت ئىدى. مەن بۇ يازمامدا، ۋاقىت ۋە سەھىپە چەكلىمىسى ئېتىبارى بىلەن ئەسەرنىڭ قۇرۇلمىسى، پېرسوناژلار خاراكتېرى، ئىستىلىستىكىلىق مەسىلىلەر دېگەندەك نۇقتىلار ئۈستىدە توختىيالمايمەن. مېنىڭ رومان ۋە تور، كوچا ئوبزورلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ كەلگەن تەسىراتىم شۇكى، بىز ئېستېتىكا، ئېتىكا قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن نەزەرىيەۋى، پەلسەپىۋى مەسىلىلەردە قايتا ئويلانمىساق، ئىستىخىيەنى، ھېسسىياتنى مەنبە قىلغان رېئال قىممەت قاراشلىرىمىزنى ئىلمىي تەپتىش قىلمىساق بولمايدىغاندەك قىلىدۇ. بىز بەدىئىي ئەدەبىياتتا، سەنئەت ئەسەرلىرىدە ناھايىتى ئۇزاققا سوزۇلغان ئۆزىنى ئىزدەش مۇساپىسىنى باشتىن كەچۈردۇق ۋە كەچۈرمەكتىمىز. كانت ئەخلاق ھەققىدىكى ئادەتتىكى بىلىشتىن پەلسەپىۋى بىلىشكە ئۆتۈش، ئاممىۋى پەلسەپىۋى بىلىشتىن ئەخلاق مېتافىزىكىسىغا ئۆتۈش جەريانلىرى ئۈستىدە توختالغان ②. بىزنىڭنۆۋەتتىكى رېئاللىقىمىزنى كۆزدە تۇتقاندا، ئەخلاق مەسىلىلىرىنى پەلسەپىۋى جەھەتتىن “ئاممىۋى بىلىش” ھەققىدە ئېغىز ئاچقىلى بولمايلا قالماي، بۇ نۇقتىدا سىستېمىلىق ئىزدەنگەن بىرمۇ زىيالىي يوق. “ئەخلاق مېتافىزىكىسى” دىنغۇ ئەسلا ئېغىز ئاچقىلى بولمايدۇ. ھەممىگە دېگۈدەك ھېسسىي ياندىشىش، ئەقلىي بىلىشتىن يىراق تۇرۇش، مانا بۇ بىزنىڭ رېئاللىقىمىز. تەن ئېلىش كېرەككى، بىز نەزەرىيە ۋە پەلسەپىۋى نۇقتىدا ئۆزىمىز ھەققىدە مەخسۇسلاشقان ئىلمىي ئىزدىنىش ئېلىپ بارالمىدۇق. بۇنداق ئىزدىنىشنى مۇتلەق يوق دېيەلمىسەكمۇ يېتەرلىك بولمىدى. بەدىئىي ئەدەبىياتقا، سەنئەتكە سېلىنغان ئەقلىي سېلىنمىمىزغا قارىغاندا، نەزەرىيەگە، پەلسەپىگە سېلىنغان ئەقلىي سېلىنما يوقنىڭ ئورنىدا بولۇپ كەلدى. ئۇيغۇر بەدىئىي ھاياتىغا ئۇيغۇرلارنىڭ نەزەرىيەۋى ۋە پەلسەپىۋى رېئاللىقى يېتىشىپ ماڭالمايلا قالماي، كېيىنكىسى تېخى ئۆزىنى مۇنتىزىم رەۋىشتە شەكىللەندۈرگىنى يوق. يەنى، ئۇيغۇر تەنقىدچىلىكى ئۇيغۇر سەنئىتىگە بېرىشكە تېگىشلىك نەرسىنى بېرەلمەي قالدى، نەتىجىدە كۆپ ھاللاردا |