3
مەن “سالچىلار” رومانى نەشر قىلىنىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا، تور دۇنياسىدا ۋە كوچا - كويلاردا مۇھاكىمە - مۇنازىرىلەرنىڭ قىزىپ كەتكەنلىكىنى كۆردۈم، ئاڭلىدىم. ئوخشىمىغان ساپا ۋە قىممەت قارىشىغا ئىگە كىشىلەرنىڭ ئوخشىمىغان ئىنكاسلىرى بىلەن ئۇچراشتىم. بۇ بىر ياخشى باشلىنىش بولۇپ، تور دۇنياسىنىڭ، جەمئىيەتنىڭ تەدرىجىي ھالدا بىر ئۇنىۋېرسىتېت بولۇپ قالىدىغانلىقى مۇقەررەرلىك. مەن يۇقىرىقى قۇرلارنى يېزىپ بولغاندىن كېيىن، تور دۇنياسىدا “ئىنتېرنېت دۇنيانىڭ مائارىپ ئەندىزىسىنى ئۆزگەرتمەكتە” ماۋزۇلۇق خەۋەرنى ئۇچرىتىپ قالدىم. ئەسكەرتىلىشىچە، بۇ “موسكۋا ۋاقىت گېزىتى”نىڭ 16 - يانۋاردىكى خەۋىرى ئىكەن. دېمەكچىمەنكى، تورغا جىددىي قاراشنىڭ ۋاقتى ئاللىقاچان يېتىپ كەلدى. ئۆز سۆزىمىزگە كەلسەك، نىسپىي مەنىدە ئەركىنرەك بولغان توردىن ئىبارەت بۇ دۇنيادا ئەركىن پىكىرلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى، ھەركىم ئۆزىنىڭ بىۋاسىتە تەسىراتلىرىنى ۋە كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى، ھەممە ساھەگە، جۈملىدىن بەدىئىي ئەدەبىيات ساھەسىگە كۈچلۈك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى يۈكلەيدۇ. بۇ ھادىسىلەر بىزنىڭ ئىجتىمائىيلىشىش دەرىجىمىزنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقىدىن، “قۇم باسقان شەھەر”دىكى بىغەملەردىن ساۋاق ئېلىپ، ئەتراپىمىزدىكى ھادىسىلەرگە جىددىي نەزەر ئاغدۇرۇشقا ئادەتلىنىۋاتقانلىقىمىزدىن، تەقدىرىمىزنى ئەمدى بىر ياكى بىر قانچە كاتتىلارغا تاپشۇرۇپ، ئۆزىمىز بەخىرامان يۈرۈۋېرىدىغان بۇ ئادەتلىرىمىزنى دەپنە قىلىش يولىدا ئاڭلىق ياكى ئاڭسىز ھالدا ئىزدىنىۋاتقانلىقىمىزدىن دېرەك بېرىدۇ. ئومۇمىيلىقتىن ئالغاندا ھەر بىر كىتابخان بىر تەنقىدچى، بىر ئوبزورچىدىن ئىبارەت. “سالچىلار” ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تور ئوبزورلىرى ۋە كوچا ئوبزورلىرىنىڭ نۇرغۇنلىرى ئۈستىدە توختىلىشنىڭ زۆرۈرىيىتىمۇ يوق. لېكىن، يەڭگىلتەكلىك بىلەن بېرىلگەن مۇئەييەن “پاساھەت”كە ئىگە بەزى باھالار جەلپ قىلىش كۈچىگىمۇ، ئېزىقتۇرۇش كۈچىگىمۇ ئىگە سەۋەبلىك بۇنداق باھالار ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتۈش زۆرۈر. بەدىئىي ئەدەبىياتتىن ئىبارەت بۇ سەنئەت شەكلىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن ناتونۇش بولغان بەزى ئوقۇرمەنلىرىمىزنىڭ قىسمەن ئوبزورلىرى (باھالىرى) كىشىنى ئويلاندۇرىدۇ. مەن توختىلىپ ئۆتۈشكە ئەرزىيدۇ دەپ قارىغان بۇنداق باھالاردا رومانغا “تۆت ئەيىب” بەخشەندە قىلىنغان. ئۇلار تۆۋەندىكىچە: 1 .ئاپتور ئىلى سۇلتانلىقى، ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى قاتارلىق ئىلى تارىخىدىكى چوڭ تارىخىي ۋەقەلەردىن ئۆزىنى قاچۇرغان، ئاتلاپ ئۆتۈپ كەتكەن. 2 .رومان “قۇم باسقان شەھەر”دەك مۇۋەپپەقىيەتلىك چىقماپتۇ، ئاپتور چېكىنىپ كەتكەندەك قىلىدۇ. 3 .ئەخلاقى چۈشكۈن كىشىلەرگە مەدھىيە ئوقۇلغان، ئۇلار قەھرىمان، ئوت يۈرەك قىلىپ قويۇلغان. 4 .بۇرۇنقى ئەسەرلىرىدىكىدەك قىزىق يەرلىرى كۆپ ئەمەس. يۇقىرى باھالاردا بىر قانچە نۇقتىغا سەل قارالغان. بۇ نۇقتىلار: 1 .“سالچىلار” رومانىنىڭ ئاساسىي تېمىسى ۋە يەتمەكچى بولغان مەقسىتى، سالچىلىقتىن ئىبارەت مۇشۇ كەسىپكە ئۆزىنى بېغىشلىغان كىشىلەرنىڭ ئوبرازىنى يارىتىش، نۇرغۇن كىشىلەرگە ناتونۇش بولغان سالچىلىقتىن ئىبارەت بۇ كەسىپنى ئەدەبىي نۇقتىدىن سۈرەتلەش، نەزەر غوجا ئابدۇسەمەت ئەينى ۋاقىتتا “سال”غا ③ ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئىخچام شېئىرىي كارتېنىسى سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلغان بولسا، مەمتىمىن ھوشۇر كونكرېت بىر كەسىپ سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلدى. ئوخشىمىغان ئېستېتىك نەزەرنىڭ ئوخشاش تېماتىك مەسىلىدە ئوخشىمىغان نەتىجە يارىتىدىغانلىقى ئەقەللىي ساۋات. ئىلى سۇلتانلىقى، ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى قاتارلىق زور ۋەقەلەرنىڭ بەدىئىي كارتېنىسىنى يارىتىش “سالچىلار” رومانىنىڭ ۋەزىپىسى ئەمەس. ئاپتورنىڭ بۇ ئەسەرگە تۇتۇش قىلغان چېغىدىكى تۈپ مەقسەتمۇ ئەمەس. مۇبادا بىز ئەدەبىي ئىجادىيەتنىڭ ئەقەللىي قائىدە - پىرىنسىپلىرىدىن چەتنىگەن ھالدا ئاپتورغا تېما تەلىپىدىن ھالقىپ كەتكەن تەلەپلەرنى قويساق، بۇ بىزنىڭ بەدىئىي ئەدەبىيات ھەققىدىكى چۈشەنچىلىرىمىزنىڭ چولتىلىقىدىن، ئەدەبىيات ھەققىدىكى ئەقەللىي بىلىملەرنى ئۇنتۇپ قالغىنىمىزدىن دېرەك بېرىدۇ. خەنزۇ خەلقىدە “يىلانغا پۇت سىزىش” دېگەن بىر ئىدىيوم بار. “سالچىلار”دىن ئىلى سۇلتانلىقى ياكى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ بەدىئىي كارتېنىسىنى تەلەپ قىلىش، ئاپتوردىن بەدىئىي ئىستېدات تەلەپ قىلىش بىلەن بىللە “يىلانغا پۇت سىزىش”نى تەلەپ قىلىشتۇر. بۇ بىر زىددىيەتلىك مەسىلە. بىر مەسئۇلىيەتچان يازغۇچىيۇقىرىقىدەك زور تارىخىي ۋەقەلەرنىڭ بەدىئىي كارتېنىسىنى يارىتىش نىيىتىگە كەلسە، ئۇلارنى مەخسۇس تېما سۈپىتىدە روياپقا چىقىرىشى تەبىئىي. دېمەكچىمەنكى، ئىلى سۇلتانلىقى، “كۆچ - كۆچ”، ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىدەك زور تارىخىي ۋەقەلەر “سالچىلار”نىڭ سېلىغا سىغمايدۇ. مەمتىمىن ھوشۇر “ئىلى ناخشىلىرىنىڭ تارىخىي بايانى”، “كۈنلەر شۇنداق ئۆتكەن” قاتارلىق مەخسۇس ئەسەرلىرىدە تارىخقا، رېئاللىققا بولغان مەسئۇلىيەتچانلىق روھىنى روشەن ئىپادىلىگەن. ئىجادىيەت پىسخولوگىيەسى نۇقتىسىدىن قارىغاندا، مەمتىمىن ھوشۇر مۇبادا يۇقىرىقى زور تارىخىي ۋەقەلەرنى يورۇتماقچى بولسا، مەمتىمىن ھوشۇرچە بەدىئىي دىت بىلەن ئۇلارنى مەخسۇس تېما سۈپىتىدە تۇتۇپ، دېتال، تەپسىلات، قۇرۇلما ۋە دېكىراتسىيە (ئارقا كۆرۈنۈش) قاتارلىقلارنى باشقىچە تەشكىللىگەن، مۇز داۋاننىڭ ئىككى تەرىپىدىن “ئىلھام” ۋە “ماتېرىيال مەنبەسى”ئىزدەپ يۈرمەي، باشقا مەنزىللەرنى سەيىر قىلار ئىدى. 1930-يىللاردىن كېيىنكى تۇرمۇش سۈرەتلەنگەن بۇ ئەسەردە ئاپتور يەنىلا ئەخمەت ئەپەندىم ۋە غېنى باتۇرلارنىڭ سالغا چىقىشىدىن ئىبارەت بۇ ئىككى تەپسىلات ئارقىلىق ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى، شۇنداقلا بۇ ئىنقىلابنىڭ قەھرىمانلىرىنى يادىمىزغا سالىدۇ. بىزگە مۇشۇنداق تارىخىي تېمىلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىدىن بېشارەت بېرىدۇ. تەسەۋۋۇر كۈچى، بەدىئىي ئىپادىلەش ئىقتىدارى، تارىخىي بىلىمى يېتەرلىك بولغان بىر سەنئەتكار، ئەخمەت ئەپەندىم ۋە غېنى باتۇردىن ئىبارەت يۇقىرىقى ئىككى تارىخىي شەخسنىڭ سالغا چىقىشىدىن ئىبارەت بۇ تارىخىي رېئاللىقتىن ئىلھاملىنىپ، خىلمۇخىل نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشى مۇمكىن. بۇ ۋەقە رەسساملارنىڭمۇ، ھەيكەلتىراشلارنىڭمۇ، يازغۇچىلارنىڭمۇ، شائىرلارنىڭمۇ تېمىسى بولالايدۇ. مەمتىمىن ھوشۇر ئەسەرلىرىدە، شۇنداقلا مۇشۇ “سالچىلار” رومانىدا زامانىمىزغا بېرىلگەن بۇنداق تېما بېشارەتلىرى ئاز ئەمەس. قارىغاندا، بۇ خىل بېشارەتچىلىك مەمتىمىن ھوشۇر ئېستېتىكىسىنىڭ تەركىبىي قىسمىدەك قىلىدۇ. تېما بېشارەتلىرى مەمتىمىن ھوشۇر ئەسەرلىرىدىكى پەقەت بىر تەرەپ، ئاساسىي تەرەپ بولسا، زوقلانغۇچىلار بىلەن “لاپقۇتلىشىش” تىپىدىكى ئىدىيە، قاراش، ھېسسىيات قاتارلىقلاردىن ئىبارەت مەنىۋى قاتلام بېشارەتچىلىكىدىن ئىبارەت. بۇ خىل بېشارەتچىلىك، مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ “ساراڭ”، “ئالتۇن چىشلىق ئىت” قاتارلىق بىر يۈرۈش ھېكايىلىرىدىن باشلىنىپ “قۇم باسقان شەھەر”دە يۇقىرى پەللىگە چىقىدۇ. بۇ ھېكايە - رومانلار بىزنىڭ چۈشەنچىمىزدىكى، بىزگە سىڭدۈرۈلگەن مائارىپ بۇلماقلىرىدىكى “رېئالىستىك ئۇسلۇب” بويىچە يېزىلماي، ئۇيغۇر ئەدەبىي تەنقىدچىلىكى، ئۇيغۇر زىيالىيلىرى تەييارلىقسىز، ھېچقانداق ئالدىن تەسەۋۋۇرغىمۇ ئىگە بولماي تۇرغان بىر پەيتتە، يېپيېڭى ئەدەبىي ھادىسە سۈپىتىدە مەيدانغا چىقىدۇ. بۇ ئەسەرلەرنىڭ ئىجتىمائىي ئۈنۈمى، بەدىئىي زىلزىلىسى، ھېلىقى بىز ھەجىلەپ ئۆگەنگەن، ئۇقۇم دائىرىسى تولىمۇ تار بولۇپ قالغان “رېئالىستىك ئۇسلۇب”، “تەنقىدىي رېئالىزم”لارنىڭ رامكىسىنىڭ كونكرېت سەنئەت ئەمەلىيىتى ئالدىدا تولىمۇ چەكلىمىلىككە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ قويدى. بىز ھازىرغىچە چەت ئەللەرنىڭ نەزەرىيەۋى ئامبارلىرىدىن قورال ئۆتنە قىلىپ بولسىمۇ بۇ ئەسەرلەرنى قانائەتلىنەرلىك باھالىيالمىدۇق. بىز پەقەت بۇ ئەسەرلەرنىڭ “قالتىس” ئىكەنلىكىنىلا تەكىتلىدۇق، ھېس قىلدۇق. ھالبۇكى، بىز كونكرېت ئەسەرلەردىن ئەيىب ئىزدىگەندە تولا ھاللاردا بۇ ئەسەرلەرنى باھالاش ئىقتىدارىغا ئىگە بولمىغان مودا نەزەرىيەلەرنى قورال قىلىۋالدۇق. ئەدەبىيات نەزەرىيەسى ئەدەبىي ئىجادىيەت ئەمەلىيىتىدىن كېيىن ئىلمىي يەكۈن سۈپىتىدە مەيدانغا كەلگەن. بۇ يەكۈنلەر، بۇ نەزەرىيەلەر بولسا ئۆزى ئاساسلانغان كونكرېت ئەدەبىي ھادىسىلەرنىڭ چەكلىمىسى ۋە ئىمكانىيىتى ئىچىدە روياپقا چىققان. شۇ تەرىقىدە ئەدەبىي تەنقىد تىلى، تەنقىد ئەندىزىلىرى، ئۆلچەملىرى بەرپا قىلىنغان. بۇ ئەندىزىلەر كېيىنكى ئىجادىي پائالىيەتلەرگە تەسىر كۆرسىتىپ، ئىجابىي رول ئوينىغاندىن باشقا، ئىجادىيلىقىنى بوغۇپ سەلبىي رولمۇ ئوينىغان. چۈنكى، ھەرقانداق بىر نەزەرىيە نىسپىي ئابستراكت يەكۈن ۋە ئەندىزە بولۇپ، تەتبىقلىنىش دائىرىسى چەكسىز بولمايدۇ. لېكىن، ئىنسانىيەتنىڭ كونكرېت ئىجادىي پائالىيەتلىرى ۋە نەتىجىلىرى ھامان نەزەرىيەۋى ئەندىزىلەرنىڭ رامكىسىدىن ھالقىپ كېتىدۇ. بۇنىڭغا ناھايىتى كۆپ مىساللارنى كەلتۈرۈش مۇمكىن. قالغان مىساللارنى قويۇپ تۇرۇپ مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ يۇقىرىدا نامى زىكىر قىلىنغان ئەسەرلىرىنى ئەسلەپ كۆرەيلى، ئۇلارنى تەنقىدىي رېئالىزم بويىچە، سوتسىيالىستىك رېئالىزم بويىچە ياكى رومانتىزملىق ئۇسلۇب بويىچە ۋە ياكى ھازىر بىزگە ئىسمى مەلۇم بولغان ھەرقانداق بىرەر ئۇسلۇب بويىچە يېزىلغان ئەسەر دېيەلەمدۇق؟ ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ تەركىبلىرى بار دەپ قاراپ، يۇمۇرلۇق ھالدا “ئەرۋاھ ئېشى ئۇسلۇبى” دەپمۇ تۇرايلى، يەنىلا ئۇلارنى ئىلمىي باھالىيالىشىمىز ناتايىن. سەۋەب زادى قەيەردە؟ سەۋەب شۇ يەردىكى، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مىللىي ئېستېتىكىسى چەت ئەللەردىن قوبۇل قىلىنغان نەزەرىيەۋى رامكىلار، ئېستېتىكا قېلىپلىرىغا دەلمۇ دەل چۈشمەيدۇ. دېمەكچىمەنكى، ئارتۇق ياكى كەم يەرلىرى بار بۇ مەسىلىنى ئىلمىي بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن ئۇيغۇر مىللىي ئېستېتىكىسى، ئىجادىيەت پىسخولوگىيەسى، قىممەت قاراشلىرىنى ئاساس قىلغان يېڭى نەزەرىيە كېرەك. مەن يۇقىرىقى قۇرلارنى يېزىپ بولغاندىن كېيىن، سۇلايمان قەييۇمنىڭ “يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇر ئاكىغا ئوچۇق خەت” سەرلەۋھىلىك يازمىسى ④ بىلەن ئۇچراشتىم. “يېڭى نەزەرىيە” تەشەببۇسىدا ئورتاقلىقلىرىمىز بار ئىكەن. تەكىتلەيمەنكى، ئىمپورت قىلىنغان تەييار قوراللارنى ئەندىزە قىلىپ، بىرەر كونكرېت ئەسەر ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان تەقرىزچىلىك يەنىلا “ئاتام ئېيتقان بايىقى” ب−ولۇپ قالىدۇ ۋە بولۇپ قالماقتا. ئۇيغۇر مىللىي ئېستېتىكىسى ۋە قىممەت قاراشلىرىنى ئاساس قىلغان يېڭى نەزەرىيەنى كىم ۋۇجۇدقا چىقىرىدۇ؟ ئەلۋەتتە، بىز ئۆزىمىز. ھازىر كونكرېت بەدىئىي ئەسەرلەرگە باھا يازىدىغان ئادەملەر ياكى مۇشۇنداق شەيدالىققا بېرىلگەن ئادەملەر ئاز ئەمەس، لېكىن شۇنچە كۆپ ئادەم نېمە ئۈچۈن ھە دېسىلا ئەسەر باھالاش قىزغىنلىقىغا بېرىلىمىز - يۇ، يېڭى نەزەرىيە ئۈستىدە ئەستايىدىل، ئىزچىل ئىزدىنىدىغان بىرەرسى چىقمايدۇ؟ بۇ جىددىي ئويلىشىشقا تېگىشلىك مەسىلە. ئەگەر سىز كونكرېت ئەسەرلەرنى تەييار قوراللار بىلەن تەنقىد قىلىش بىلەنلا بىر ئۆمۈر ياشاپ، يېڭى نەزەرىيە ئۈستىدە ئىزدەنمىسىڭىز ئۆزىڭىزنى يوقاتقان بولۇسىز، باشقىلارنىڭ كانىيىغا ئايلىنىپ قالغان بولۇسىز. يېڭىچە ئىجادىي تەپەككۇر نەتىجىلىرىنى دىتلىيالمايدىغان، ئۇلارنى چەكلەيدىغان كونسېرۋاتىپ شەخسكە ئايلىنىپ قالغان بولۇسىز، ئەسەرلىرىڭىزنىڭ ھاياتىي كۈچى بولمايدۇ ياكى غايىڭىزدىكىدەك بولمايدۇ. |