![]() ئەبەيدۇللا ئىبراھىم، ئۆركەش جاپپار
(سۆھبەت خاتىرىسى)
سوئال: ئەبەيدۇللا ئاكا، سىز 40 نەچچە يىللىق ئىجادىي ھاياتىڭىزدا ئەدەبىي ئىجادىيەتنىڭ ھەممە ساھەلىرىدە دېگۈدەك قەلەم تەۋرىتىپ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ ۋە ئەدەبىيات ساھەسىدىكىلەرنىڭ قايىللىقىغا، يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشتىڭىز. شېئىر-داستانلىرىڭىزدا مىللىي مەدەنىيىتىمىزنى، ئۆرپ-ئادەتلىرىمىزنى، دەۋرىمىز ياشلىرىنىڭ خاراكتېر-ئالاھىدىلىكلىرىنى ئەكس ئەتتۈردىڭىز، ھېكايە-پوۋېستلىرىڭىزدا مۇرەككەپ ئىجتىمائىي رېئاللىقنى، ئۆتكۈر ئەخلاق مەسىلىلىرىنى يورۇتۇپ بەردىڭىز، رومانلىرىڭىزدا بولسا، تارىخنىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسىدىكى ئەھمىيەتلىك زور ۋەقەلەرنى رېئال تۇرمۇش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ كۆزىتىپ، زامانىمىز ئوقۇرمەنلىرىنىڭ ئېڭىغا تەسىر كۆرسىتىشكە تىرىشتىڭىز. سىز نېمە سەۋەبتىن بىردىنلا شېئىر ئىجادىيىتىدىن نەسرىي ئەسەرلەر ئىجادىيىتىگە ئۆتۈپ كەتتىڭىز؟
جاۋاب: يۇقىرىقى بايانلىرىڭىز ئارقىلىق، مېنىڭ ئۇزۇن يىللىق ئىجادىيەت مۇساپەمنى ئۆز رېتى بويىچە قايتا نامايان قىلىپ بەرگەندەك بولدىڭىز ۋە جاۋاب بېرىش خېلى قىيىن بولغان سوئالنى ئوتتۇرىغا قويدىڭىز. مەن ئون نەچچە يېشىمدىن باشلاپلا خەلق قوشاقلىرىغا ئوخشاپ كېتىدىغان بەزى شېئىرلارنى يېزىشقا باشلىدىم. بۇنداق ئىپتىدائىي شېئىرلىرىمدىن بىرى 13 يېشىمدا »خوتەن گېزىتى«نىڭ ئەدەبىيات بېتىدە يورۇق كۆردى. تۇنجى شېئىرىم ئېلان قىلىنغاندىن تارتىپ 21يېشىمدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئوقۇشقا كىرگۈچە »خوتەن گېزىتى«، »شىنجاڭ ياشلىرى«، »شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى« قاتارلىق مەتبۇئاتلاردا 30نەچچە پارچە ئەسىرىم ئېلان قىلىندى. بۇ ئەسەرلەرنىڭ يېرىمىنىڭ شېئىر، يېرىمىنىڭ ھېكايە، ئوچېرك، خەۋەر، نەسر ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتۈشۈمگە توغرا كېلىدۇ. دېمەك، ئىجادىي مەشىقلىرىم باشلانغان مەزگىلدىلا مەن ئەدەبىياتنىڭ ھەر قايسى ژانىرلىرىدا يېزىشقا باشلىغانمەن. كېيىنچە »شىنجاڭ گېزىتى«، »شىنجاڭ ئەدەبىيات-سەنئىتى« قاتارلىق مەتبۇئاتلاردا بەزى ئەسەرلىرىم ئېلان قىلىندى. ئەسكەرتىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىكى شۇكى، مەيلى ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدا بولسۇن، مەيلى خىزمەتكە ئورۇنلاشقان دەسلەپكى مەزگىللەردە بولسۇن، مەن قەلەم تەۋرەتكەن ئىجادىي ھاسىلاتلار ئىچىدە شېئىردىن باشقا ئەسەرلەر يەنىلا مەلۇم نىسبەتنى ئىگىلەپ تۇردى. »شىنجاڭ گېزىتى«دە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە ئەسەرلەر، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشر قىلغان »سىرلىق كارۋان« ناملىق كىنو سېنارىيىسى، »شىنجاڭ ئاممىۋى سەنئىتى« دەئېلان قىلىنغان دراما-كۈلدۈرگە ئەسەرلىرىم، »شىنجاڭ ياشلىرى«دا ئېلان قىلىنغان كىچىك ھېكايىلىرىم يۇقىرىقى يەكۈنلىرىمنىڭ يەنە بىر ئىسپاتى.
مەن ئۇنىۋېرسىتېت ھاياتىمنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا باللادا ۋە داستان يېزىقچىلىقىنى رەسمىي رەۋىشتە باشلىۋەتكەنىدىم. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن، داستان ئىجادىيىتى ھەققىدە خېلى ئەتراپلىق ئىزدەندىم. بۇ ئىزدىنىشلەر ئارقىسىدا »پولات«، »ئاق ۋە قارا«، »دوستۇمنىڭ خاتىرىسى« قاتارلىق ئالتە-يەتتە يىرىك داستانلىرىم ئارقىمۇ ئارقا دۇنياغا كەلدى. شۇ چاغلاردا داستان قىلىپ يېزىشقا ماس كەلمەيدىغان، لېكىن ھېكايە قىلىپ يازسا خېلى ياخشى ھېكايە چىقىدىغان بەزى ۋەقەلىكلەر كاللامغا كېلىۋېدى، ئۇنى تاشلىۋېتىشكە كۆزۈم قىيماي، ھېكايىچىلىققا ئېپى بار دوست-ئاغىنىلىرىمگە ئۆز توقۇلمىلىرىم بىلەن قوشۇپ سېخىيلەرچە سۆزلەپ بېرىپ يۈردۈم. ئۇلار بەزى ۋەقەلىكلەردىن خېلى ئوبدان ھېكايىلەرنى ئاپىرىدە قىلىپ ئېلان قىلدۇردى. لېكىن بەزى ۋەقەلىكلەردىن ئالدىن پەرەز قىلغىنىمدەك ئوبدان ھېكايە چىقمىدى. شۇنىڭ بىلەن مەندە بۇنداق ۋەقەلىكلەرنى باشقىلارغا ئېيتىپ بېرىپ »غەرەز ئۇقتۇرالماي« يۈرگۈچە ئۆزۈملا ھېكايە قىلىپ يازمايمەنمۇ، دەيدىغان ئوي پەيدا بولدى.
بەلكى يۇقىرىقى سەۋەبلەرنىڭ تۈرتكىسىدە بولسا كېرەك، مەن 1979-يىلىدىن 1981-يىلىغىچە بولغان ئۈچ يىل ئىچىدە بىر نەچچە داستان ۋە »قەشقەر ھەققىدە ئۈچ غەزەل«، »خوتەن قەغىزى«، »مۇقام ھەققىدە مۇخەممەس« قاتارلىق ۋەكىل خاراكتېرلىك شېئىرلارنى جامائەتكە تەقدىم ئەتتىم-دە، نەق 30يېشىمدا بىراقلا ھېكايە ئىجادىيىتىمگە كىرىشىپ كەتتىم. تۇنجى ھېكايەم »ئۈچ بولكا«، »شىنجاڭ گېزىتى« دەئېلان قىلىنىۋېدى، بىر نەچچە نوپۇزلۇق ئوبزورچى ئارقا-ئارقىدىن ئوبزور يېزىپ، بۇ ھېكايىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇزاق ئۆتمەي بۇ ھېكايەم ئاپتونوم رايون بويىچە بىرىنچى دەرىجىلىك مۇنەۋۋەر ئەسەر مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، دەرسلىك كىتابلارغىمۇ كىرگۈزۈلدى. مانا بۇ تۇنجى مۇۋەپپەقىيەت ھېكايە ئىجادىيىتى بىلەن داۋاملىق شۇغۇللىنىشىمغا زور مەدەت بولدى. نەتىجىدە شېئىر ئىجادىيىتىنى توختىتىپ، ھېكايە ئىجادىيىتىگە »باشچىلاپ« كىرىپ كەتتىم. بۇ »ئۆتۈپ كېتىش« شۇنداق تەبىئىي رەۋىشتە بولدىكى، بۇ ژانىردىن ئۇ ژانىرغا ئۆتۈپ كەتكىنىمنى ئۆزۈممۇ تۇيماي قالدىم. بىراق شېئىرىيەتكە بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتىمدىن بولسا كېرەك، ھېكايە يازغاندىمۇ، رومان يازغاندىمۇ ئۆزۈمنى يەنىلا شېئىر يېزىۋاتقاندەك قايناق ھېسسىيات ۋە چوڭقۇر پىكىرلەر قاينىمدا توختاۋسىز ئۈزۈپ يۈرگەندەك ھېس قىلىمەن.
سوئال: ئەبەيدۇللا ئاكا، سىز 1988-يىلى »تۈندىكى چاقماق« رومانىڭىزنى، 1996-يىلى »داغ« رومانىڭىزنى، 2009-يىلى بولسا »بوز دالا« رومانىڭىزنى ئېلان قىلدۇرۇپ، ئۇيغۇر رومانچىلىقىغا بەلگىلىك تۆھپە قوشتىڭىز. بۇ رومانلار ھەققىدە مۇھەممەد پولات، كېرىمجان ئابدۇرېھىم، ئابدۇللا مەتقۇربان قاتارلىق نوپۇزلۇق ئوبزورچىلار ئوبزور يېزىپ، بۇ رومانلارنىڭ بەدىئىي مۇۋەپپەقىيىتىنى ماختىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە ئۇلار »>داغ< رومانى ئەبەيدۇللا ئىبراھىمنىڭ ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە يىرىك ئەسىرى، شۇنداقلا يېڭى دەۋردىكى ئۇيغۇر رومانچىلىقىدا مەيدانغا كەلگەن نادىر رومانلارنىڭ بىرى« دەپ باھا بېرىشتى. ئەمدى »بوز دالا« رومانىڭىزغا قانداق باھا بېرىسىز؟ تارىخىي چىنلىق نۇقتىسىدىن، بەدىئىي تەسىرلەندۈرۈش كۈچى ياقتىن، شۇنداقلا ئوبراز يارىتىش ئالاھىدىلىكى نۇقتىسىدىن »بوز دالا«نى »داغ«دىن يۇقىرى ئورۇنغا قويامسىز؟
جاۋاب: ھەر گۈلنىڭ ئۆز پۇرىقى، ئۆز رەڭگى ۋە ئۆز جۇلاسى بولىدۇ. ئەدەبىي ئەسەرلەرمۇ ئوخشاش. گۈللەرگە بېرىلىدىغان باھا گۈلدىن زوق ئالغۇچىنىڭ پۇراش سېزىمى، كۆرۈش سەزگۈسى، قاراش بۇلۇڭى، پەسىل، مەزگىل قاتارلىق تاشقى مۇھىت ئامىللىرىغا باغلىق بولغىنىغا ئوخشاش، بەدىئىي ئەسەرلەرگە بېرىلىدىغان باھامۇ كۆپ تەرەپلىمىلىك ئىچكى-تاشقى ئامىللارغا باغلىق بولىدۇ. باھاغا مۇشەررەپ بولغان ئەدەبىي ئەسەرنىڭ ئۆزىدە بار بولغان بەدىئىي ساپامۇ باھالىغۇچىلارنىڭ باھاسىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئەڭ مۇھىم ئامىل قاتارىدا سانىلىدۇ. مەن يازغان ئۈچ رومان ئۆزۈم تېرىپ، ئۆزۈم پەرۋىش قىلىپ ئۆستۈرگەن ئۈچ خىل گۈل. ئۆز ئەجىر-مېھنىتىمنىڭ سەمەرىسى بولغىنى ئۈچۈن، مەن بۇ گۈللەرنى ئوخشاشلا ياخشى كۆرىمەن. بۇ، ئىنسان تەبىئىتى، ئوخشاشلا مېنىڭ تەبىئىتىم. بىراق، بۇ گۈللەرگە ھۇزۇرلانغۇچىلار قانداق باھا بېرىدۇ؟ بۇ، ھۇزۇرلانغۇچىنىڭ ئەڭ چوڭ ۋە ئەڭ ئاددىي مۇقەددەس ھوقۇقى.
سوئال: ئەبەيدۇللا ئاكا، سىز »بوز دالا« رومانىڭىزدا ئورخۇن ئۇيغۇر قاغانلىقى دەۋرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەگرى-توقاي كەچۈرمىشلىرىنى تارىخىي ماتېرىيالىزم مەۋقەسىدە تۇرۇپ، خېلى مۇكەممەل بەدىئىي توقۇلما، پىشقان نەسرىي تىل ۋە يارقىن بەدىئىي ئوبرازلار ئارقىلىق روشەن ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىپ، تارىخىي چىنلىقنى ئەتراپلىق نامايان قىلىشقا ئالاھىدە كۈچ سەرپ قىلدىڭىز. رومانىڭىزدىن ئالغان ئەڭ چوڭ تەسىراتىم شۇكى، سىز تىل ئىشلىتىش جەھەتتە يۇقىرى پەللىگە يېتىپسىز. بۇ نۇقتىدىن سىزنى پىشقان تىل ئۇستىسى دەپ تەرىپلىگۈم كېلىدۇ. بۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟
جاۋاب: سىز بىر رومانىم بىلەن يەنە بىر رومانىمنىڭ نەشر قىلىنىش ئارىلىقىدىكى ئون يىلچە ۋاقىت بوشلۇقىغا دىققەت قىلغانسىز. بىراق بۇنى سەمىڭىزگە سېلىش ئارقىلىق بىر روماننى يېزىپ تاماملاشقا نەق ئون يىل ۋاقىت سەرپ قىلدىم، دەپ بېشارەت بەرمەكچى ئەمەسمەن. ھېسابلاپ باقسام، ھازىرغىچە ئۈچ پارچە روماندىن باشقا يەنە ھەر خىل ژانىرلاردا يېزىلغان ئون نەچچە كىتابىم نەشر قىلىنىپتۇ. بۇ كىتابلاردىكى ئەسەرلەر ئەلۋەتتە بىر رومان بىلەن يەنە بىر روماننىڭ يېزىلىشى ئارىلىقىدا قەلەمگە ئېلىنغان. ئەمما ئون يىللىق ۋاقىتنىڭ ھەممىسىنى بىر رومان ئۈچۈن سەرپ قىلمىغىنىم بىلەن، بىر رومان ئۈچۈن سەرپ قىلغان ۋاقتىم كەم بولسا ئۈچ يىلدىن )»داغ«(، كۆپ بولسا ئالتە يىلدىن )»بوز دالا«( ئاز بولمىدى. ھەممەيلەنگە ئايان، بىر روماننى، يەنە كېلىپ ئوقۇرمەنلەرنى رازى قىلالىغۇدەك بىر تارىخىي روماننى يېزىپ چىقىش ئۈچۈن، ناھايىتى كۆپ كۈچ كېتىدۇ. ئالدى بىلەن ئاز بولمىغان تارىخىي ماتېرىياللارنى ئوقۇپ، بىر دەۋر تارىخىنى قېتىرقىنىپ ئۆگىنىش، دەۋر تارىخىنىڭ رومان بولالىغۇدەك، يەنى ھازىرقى زامان ئادەملىرىگە بىرەر مەقسەتنى ئۇقتۇرالىغۇدەك بىر ۋەقەلىكنى ئىلغىۋېلىش كېرەك. تارىخنى بەدىئىي مەۋقەدە تۇرۇپ كۆزىتىپ، بەدىئىي توقۇلمىلارنى تارىخىي چىنلىققا ماسلاشتۇرۇش ئارقىلىق رومان ۋەقەلىكىنى تۇرغۇزۇپ چىقىش، ۋەقەلىكنى تولۇق يورۇتۇپ بېرەلەيدىغان ۋە مەركىزىي ئىدىيىگە خىزمەت قىلىدىغان پېرسوناژلارنى ئىدىتلاپ »ئاپىرىدە قىلىش« كېرەك.
»بوز دالا«نى يېزىش ئۈچۈن، مەن »كونا تاڭنامە«، »يېڭى تاڭنامە«، »ئەلنى ئىدارە قىلىشقا پايدىلىق ئۆرنەكلەر«، »ئەلنى ئىدارە قىلىشقا پايدىلىق ئۆرنەكلەرنىڭ داۋامى« قاتارلىق تارىخىي كىتابلارنى قايتا-قايتا ئوقۇپ، مۇلاھىزە قىلىپ، تارىخ ئارىسىدىن »رومان ئىزدىدىم«. بەزى زۆرۈر مەلۇماتلارنى جۇڭگو ۋە چەت ئەل تارىخچىلىرىنىڭ تارىخ كىتابلىرىدىن تېپىپ چىقتىم. شۇنىڭ بىلەن ئۇرخۇن ئۇيغۇر قاغانلىقى تارىخىدىكى مىلادىيە 267-يىل بىلەن 597-يىل ئارىلىقىدىكى ئاجايىپ ۋەقەلەرنىڭ ئالاھىدە ئۆزگىچىلىككە ئىگە ئىكەنلىكىگە، بولۇپمۇ بۇ 33 يىل داۋامىدا پائالىيەت ئېلىپ بارغان قۇتلۇق بىلگە قاغاننىڭ بارلىق ئۇيغۇر قاغانلىرى ئارىسىدا پەۋقۇلئاددە ئورۇن تۇتىدىغانلىقىغا دىققەت قىلدىم، پۈتۈن ئۆگىنىشىمنى، تەتقىقاتىمنى مۇشۇ جەريان ۋە مۇشۇ شەخس ئۈستىگە مەركەزلەشتۈردۈم. 2000-يىلى يازدا ۋەقەلىكنىڭ قانداق راۋاجلىنىپ، قانداق ئاخىرلىشىدىغانلىقىغا ۋە قەھرىمانلىرىمنىڭ تەقدىرىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىغا ئاخىرى كۆز يەتكۈزدۈم-دە 300نەچچە پارچە كارتا ئارقىلىق رومان پىلانىنى تۈزۈپ چىقتىم. دوستلارنىڭ تەكلىپى بىلەن غۇلجا شەھىرىگە بېرىپ، جاھان تەشۋىشلىرىدىن خالىي ھالدا »بوز دالا«دا »ئات چاپتۇرۇش«قا باشلىدىم.
ياش چوڭايغاندا، ئادەم بەك تەلەپچان، ئېھتىياتچان بولۇپ كېتىدىكەن. شۇنداق قىلىپ، ئوبلاستلىق مېھمانخانىدا يېتىپ، بىر ۋاراق يازسام بىر ۋاراقنى تۈزىتىپ، بىر سۆز خاتا كەتسە شۇ ۋاراقنى يىرتىپ يۈرۈپ، توپتوغرا ئىككى يىل دېگەندە خوتەندە بۇ روماننى ئاخىرلاشتۇردۇم.
»بوز دالا« نەشر قىلىنغىچە قانچە قېتىم پىششىقلىقىنىمنى ئۆزۈممۇ ئەسلىيەلمەيمەن. ئېسىمدە قالغىنى شۇ بولدىكى، »بوز دالا«نىڭ نەشر پىلانىغا ئېلىنغانلىقى مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن خۇش خەۋەر تەرىقىسىدە ماڭا ئۇقتۇرۇلغاندىن كېيىنمۇ ئورىگىنالنى يەنە ئىككى قېتىم پىششىقلاپ چىقتىم. نەشرىياتتىكى تەلەپچان مۇھەررىرلەرمۇ مېنىڭ بۇنداق »خەسىس« لىكىمگە كەڭ قورساقلىق بىلەن يول قويدى. چەككەن جاپا، كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىمغا لايىق، رومان يامان ئەمەس باھالارغا ئېرىشتى.
»پەللىگە يېتىش«، »پىشقان تىل ئۇستىسى« دېگەن گەپلەرگە كەلسەك، بۇلار مەن قوبۇل قىلالمايدىغان ۋە ئاڭلاشنىمۇ خالىمايدىغان بىر گەپلەر. سەۋەبى، ئەدەبىي ئىجادىيەتتە مەڭگۈلۈك پەللە مەۋجۇت ئەمەس. مەۋجۇت دېگەندىمۇ، ئۇ بىرەر ئەدىبكە مەڭگۈلۈك باقىمەندە بولغان ئەمەس.
سۆھبىتىمىز »بوز دالا« ئۈستىدە داۋام قىلىۋاتىدۇ. شۇڭا »بوز دالا«غا ئائىت مۇنداق بىر يېڭى خەۋەردىن سىزنى ۋە كەڭ ئوقۇرمەنلەرنى خەۋەردار قىلغۇم كېلىۋاتىدۇ. سىزمۇ ئاڭلىغانسىز، بۇ رومان تالانتلىق ياش تەرجىمان دىلمۇرات تەلئەتنىڭ ئىككى يىل ئەجىر قىلىشى بىلەن خەنزۇچە تەرجىمە قىلىنغانىدى. بۇ يىلنىڭ بېشىدا بۇ رومان »怀信可汗« دېگەن خەنزۇچە نام بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتى تەرىپىدىن جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان »2007-يىللىق نۇقتىلىق مەدەت بېرىلىدىغان ئەدەبىي ئەسەرلەرنى باھالاش« ئىشخانىسىغا يوللانغانىدى. مەملىكەت دەرىجىلىك بۇ باھالاشنىڭ ئاخىرقى نەتىجىسى مانا يېقىندا »ئەدەبىيات-سەنئەت گېزىتى«نىڭ 1-بېتىدە ۋە »جۇڭگو يازغۇچىلىرى تورى« دائېلان قىلىندى. »بوز دالا« نوپۇزلۇق ئەدىب-مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قايتا-قايتا ئوقۇپ چىقىشى ۋە نامسىز بېلەت تاشلىشى ئارقىلىق خەنزۇ يازغۇچىلارنىڭ 134پارچە ئەسىرى ئارىسىدىن تاللانغان 20نەچچە پارچە رومان بىلەن بىللە »2007-يىللىق نۇقتىلىق مەدەت بېرىلىدىغان ئەسەرلەر« قاتارىغا كىرىپتۇ. يەنە شۇ گېزىتتە ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە »بۇ قېتىمقى باھالاش، ئىسپاتلاپ ئوقۇپ بېكىتىش داۋامىدا ئەبەيدۇللا ئىبراھىمنىڭ شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى تەرىپىدىن يوللىغان »怀信可汗« ناملىق رومانى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتتى، مۇتەخەسسىلەر بۇ روماننى خېلى يۇقىرى تەتقىقات قىممىتىگە ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسى ئەھمىيىتىگە ئىگە ئەسەر دەپ قارىدى« دەپ يېزىلىپتۇ. »باھالاش نىزامى«دا كۆرسىتىلىشىچە، تاللانغان بۇ رومانلارنى جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى مەسئۇل بولۇپ نەشر قىلدۇرىدىكەن، ئاپتورنىڭ تۇرمۇش ئۆگىنىشى ۋە ئىجادىيەت ھالقىلىرىدا قىيىنچىلىق كۆرۈلسە، ئىقتىسادىي ياردەم بېرىدىكەن، كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى ۋە كىنو فىلىمى قىلىپ ئىشلەشكە ھەيدەكچىلىك قىلىدىكەن، مۇكاپاتلارغا يوللايدىكەن، مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئەسەرلەرنى يەنە ھەسسىلەپ مۇكاپاتلايدىكەن.
سوئال: مۇبارەك بولسۇن، ئەبەيدۇللا ئاكا، بۇ تولىمۇ خۇشاللىنارلىق بىر خەۋەركەن. چۈنكى، بىر يازغۇچىنىڭ ئۆز مىللىي تىلى دائىرىسىدە ئېتىراپقا ئېرىشىشىمۇ ئاسان ئەمەس، ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ ئۆز رايونىدىن ھالقىپ چىقىپ، مەملىكەت دائىرىسىدە نۇقتىلىق ئەسەر بولۇپ تاللىنىشى ۋە چوڭ نەشرىياتلاردا نەشر قىلىنىپ مەملىكەت مىقياسىدا تارقىتىلىشى تېخىمۇ ئاسان ئەمەس. مېنىڭچە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ سەۋىيىسىنى ۋە ئۇيغۇر تەرجىمىچىلىكىنىڭ سەمەرىسىنى مەملىكەت دائىرىسىدە تونۇتۇش »بوز دالا«غا كۆپ ئەجىر قىلغانلىقىڭىزنىڭ نەتىجىسى. شۇنداقلا پارتىيە-ھۆكۈمەتنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتىنىڭ يۈكسىلىشىگە كۈچلۈك مەدەت بېرىۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى.
جاۋاب: بۇ قارىشىڭىزغا قوشۇلىمەن. مۇھىمى، ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئەسەر يازغاندا سوتسىيالىزم ئۈچۈن، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلالايدىغان ئەھمىيەتلىك تېمىلارنى تاللىشى، ئىجادىيەتتە ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، بەدىئىي ماھارىتىنى ئۈزلۈكسىز تاكامۇللاشتۇرۇشى، ئۆز مىللىتى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ بەدىئىي ئېھتىياجىنى چىقىش قىلغان ئاساستا، ئۆز رايونىنىڭ بەدىئىي يۈكسەكلىكىدىن ھالقىپ ئۆتۈشنى نىشان قىلمىقى لازىمدۇر. شۇنداق قىلغاندىلا ئاندىن پارتىيە-ھۆكۈمەتنىڭ نۇقتىلىق ياردىمىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ.
سوئال: ئەبەيدۇللا ئاكا، »بوز دالا« رومانىڭىزنىڭ نەشر سۆزىدە: »مۇقەددەس ۋەتىنىمىز تۇپرىقىدا ياشاپ كەلگەن ھەر مىللەت خەلقى ۋەتىنىمىزنىڭ ئۇزاق تارىخىنى ۋە شانلىق مەدەنىيىتىنى ئورتاق ياراتقان. بۇ روماننىڭ نەشر قىلىنىشى ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېلىمىز مىللەتلىرىنىڭ بىر ئەزاسى بولغان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ۋەتىنىمىزنىڭ تارىخىي مەدەنىيىتىنى بەرپا قىلىشقا قوشقان ئۇلۇغ تۆھپىسىگە بولغان چۈشەنچىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا مۇھىم، رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە. ئىشىنىمىزكى، تارىخىي چىنلىق بىلەن مۇۋاپىق بەدىئىي توقۇلما ماھىرلىق بىلەن بىر گەۋدە قىلىنغان بۇ تارىخىي رومان، يېڭى دەۋر ياشلىرى ئۈچۈن كۆڭۈلدىكىدەك بىر ۋەتەنپەرۋەرلىك ئوقۇشلۇقى بولۇپ قالغۇسى« دېگەن بىر ئابزاس سۆز بار. مەن يەنە مۇنداق قارايمەن: بۇ رومان مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيىسىنى ياش ئەۋلادلارنىڭ قەلبىگە سىڭدۈرۈشتىكى جانلىق دەرسلىك. بۇ قارىشىمغا قوشۇلامسىز؟
جاۋاب: ئەلۋەتتە قوشۇلىمەن، بېيجىڭدىكى ئەدىب-مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بۇ قېتىم »بوز دالا«غا »خېلى يۇقىرى ئىلمىي تەتقىقات قىممىتىگە ئىگە، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسى ئەھمىيىتى بار رومان« دەپ باھا بەرگەنلىكىمۇ »نەشر سۆزى«دىكى بايانلارنى شەك-شۈبھىسىز ماقۇللايدۇ. ئەمدى سىز »بوز دالا«نى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيىسى قىممىتىگە ئىگە دەپ ھېسابلاپسىز، بۇ روماندا مەن يورۇتۇپ بەرمەكچى بولغان مەركىزىي ئىدىيىمۇ »ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىكىنىڭ ئەنئەنىۋىلىكى« ۋە »مىللەتلەرنىڭ، مۇھىمى قەدىمكى ئۇيغۇر مىللىتى بىلەن قەدىمكى خەنزۇ مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى ئىتتىپاقلىقى«دىن ئىبارەت. رومان ۋەقەلىكىنىڭ تارىخىي چىنلىقى ۋە رېئال ئەھمىيىتىمۇ دەل مۇشۇ يەردە.
قەدىمكى زامان جۇڭگو تارىخىنى، بولۇپمۇ تاڭ سۇلالىسى تارىخىنى تەتقىق قىلغانلارغا ئايانكى، تاڭ سۇلالىسىدىن ئىبارەت مەركىزىي ھاكىمىيەت بىلەن ئۇرخۇن ئۇيغۇر قاغانلىقىدىن ئىبارەت يەرلىك ھاكىمىيەت تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان دەۋر پەۋقۇلئاددە بىر دەۋر ئىدى. بۇ دەۋردە تاڭ سۇلالىسى ئەڭ گۈللەنگەن، ئەڭ قۇدرەتلىك بىر ئەل ھېسابلىناتتى. ئورخۇن ۋادىسىدا ئىستىقامەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار، تېبەت ئېگىزلىكىدە ياشاۋاتقان تۈبۈتلەر ئۆز تەۋەسىدە ئۆزلىرىنىڭ يەرلىك ھاكىمىيىتىنى بەرپا قىلغان بولسىمۇ، بۇ ھاكىمىيەتلەر يەنىلا تاڭ سۇلالىسى بىلەن زىچ باغلانغان ھالدا پائالىيەت ئېلىپ باراتتى. تاڭ سۇلالىسى ئوردىسىنىڭ ئوتۇغاتىغا، سىياسىي، ئىقتىسادىي مەدىتىگە ئېرىشىپ تۇراتتى. تاڭ سۇلالىسى زېمىنىنى ئۆز زېمىنى، تاڭ سۇلالىسى ھاكىمىيىتىنى ئۆز ھاكىمىيىتى دەپ قارايتتى. شۇڭا ئۇيغۇر قاغانلىرى ۋە سەركەردىلىرى تاڭ لەشكەرلىرى بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ، كۈسەن ۋە بەشبالىقلارغا كېلىپ بۆلگۈنچى كۈچلەرنى تىنچىتقان، سۇلالىنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغدىغان. ھەتتا ئۇيغۇر شاھزادىلىرى خەنزۇ ۋە ئۇيغۇر لەشكەرلىرىگە سەردار بولۇپ، سۇلالە ئۈچۈن ئۇرۇش قىلىپ، چاۋشيەن يېرىم ئارىلىچە يېتىپ بارغان. مىلادىيە 660-يىللىرىنىڭ ئالدى-كەينىدە تاڭ ئوردىسىدا يېغىلىق كۆتۈرۈلۈپ، ئۆڭلۈك-سۆيگۈن، سى چاۋيى قاتارلىق ئاسىيلار چاڭئەن، لوياڭ شەھەرلىرىنى تارتىۋېلىپ، پادىشاھنى قوغلىۋەتكەن. ئۇيغۇر شاھزادىسى يابغۇ ۋە ئۇنىڭ قاتۇنى، بۆكە قاغان قاتارلىق ئەكابىر-ئەشرەپلەر مىڭلاپ ئاتلىق لەشكەرلەرنى باشلاپ كېلىپ، سۇلالە دۈشمەنلىرىگە قارشى دەھشەتلىك ئۇرۇشلارنى ئېلىپ بارغان، چاڭئەن ۋە لوياڭ شەھەرلىرىنى قايتۇرۇۋېلىپ، تاڭ ھاكىمىيىتىنى قايتا تىكلەشكە ئاجايىپ زور تۆھپىلەرنى قوشقان. مانا بۇ قەدىمدىن تارتىپلا ۋەتەنپەرۋەرلىك ئەنئەنىسىگە باي ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆز ۋەتىنىنى، ئۆز ھاكىمىيىتىنى قوغدىغانلىقى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ؛ جۇڭگودىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئۆز ۋەتىنى ۋە ئۆز ھاكىمىيىتى خەۋپ ئاستىدا قالغاندا بىر-بىرى بىلەن مۈرىنى-مۈرىگە تىرەپ كۈرەش قىلغانلىقى، ھايات-ماماتتا بىرگە بولغانلىقى، بىر-بىرىدىن ئايرىلالمايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.
»بوز دالا«نى ۋە تاڭ تارىخىنى ئوقۇپ چىققان ھەر قانداق ئادەم شۇنى ھېس قىلالايدۇكى، »بوز دالا«دىكى باش قەھرىمان قۇتلۇق بىلگە قاغان )تاڭ ئوردىسى ئۇنىڭغا »怀信可汗« دېگەن قاغانلىق ئوتۇغاتىنى بەرگەن( قەدىمكى ئۇيغۇر تارىخىدا ئالاھىدە كۆزگە تاشلىنىدىغان مۇھىم بىر تارىخىي شەخس. ئۇ ئاددىي پۇقرا نەسەبىدىن كېلىپ چىققان، ئۆز تۆھپىسى بەدىلىگە ۋەزىرلىك مەقامىغا كۆتۈرۈلگەن، ئۆزگە قاغانلاردەك ۋارىسلىق قىلىش يولى ياكى قورال كۈچى بىلەن ئەمەس، بەلكى ئەل رايىغا تايىنىپ قاغانلىق تەختىگە ئولتۇرغان. ئۇ ھاكىمىيەت تۇتۇشتىن بۇرۇن ۋە ھاكىمىيەت تۇتقاندىن كېيىن تاڭ سۇلالىسى بىلەن بولغان سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىي مۇناسىۋەتلەرنى سىياسىيونلارچە ئالدىن كۆرەرلىك بىلەن قەدىرلىگەن، قوغدىغان. بۇنداق مۇناسىۋەتلەرنى قەدىرلىمىگەن، ھەتتا ئۈزۈپ تاشلاشقا ئۇرۇنغان بۆكە قاغانغا قارشى يول تۇتۇپ، تۇنباغا قاغانغا يېقىندىن ھەمدەمدە بولغان. بۇنداق مۇناسىۋەتلەر ئاندا-ساندا يىرىكلەشكەن نازۇك چاغلاردىمۇ قۇدىلىق، تەۋەلىك مۇناسىۋەتلەرنى راۋانلاشتۇرۇشقا ئاجايىپ تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتكەن. تاڭ مەلىكىسىگە ئۆيلىنىپ، ئۆزىنى تاڭ پادىشاھىسىنىڭ يېرىم ئوغلى — ئوغلى قاتارىدا كۆرگەن، ئوغۇللۇق بۇرچىنى زىممىسىگە ئېلىپ، ئوردا ئۈچۈن جەڭ قىلغان، تاڭ سۇلالىسىنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى ئۈچۈن ئەڭ جاپالىق ئۇرۇشلارنى باشتىن كەچۈرگەن.
يۇقىرىقىلار ھەرگىز بەدىئىي توقۇلما ئەمەس، بەلكى تارىخنىڭ چىنلىقى. ھەتتا ئايرىم ئوقۇرمەنلەرگە بەئەينى توقۇلما قىلىنغاندەك تۇيغۇ بېرىدىغان ياغلۇقارلىڭمۇ »كونا تاڭنامە«دە تىلغا ئېلىنغان بىر تارىخىي شەخس. خۇددى روماندا تەسۋىرلەنگەندەك، ئۇ كىچىك چېغىدا ئۇيغۇر سەردارى تەرىپىدىن بېقىۋېلىنغان، باشقا-باشقا مىللەت بولۇشىغا قارىماي، ئۇ ئۇيغۇرلار بىلەن تەقدىرداش بولۇپ، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن خىزمەت قىلغان، ئۇيغۇرلار بىلەن بىر جان، بىر تەن بولۇپ كەتكەن. بۇ، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ تارىختىن بۇيان ئىناق-ئىتتىپاقلىقتا بىللە ياشاپ كەلگەنلىكىنى، بىر-بىرىگە ھەمدەم بولۇپ، ئۇزاق ۋە جاپالىق مۇساپىنى بىللە بېسىپ ئۆتكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدۇ.
ئۆركەش ئۇكا، روماننىڭ نەشر سۆزىدە »بوز دالا«، »ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسى ئەھمىيەتكە ئىگە رومان« دەپ قەيت قىلىنىپتۇ، ئەمدى سىز »مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيىسى قىممىتى بار« دېدىڭىز. مەن بۇ ئىككىلا قاراشنى قوبۇل قىلىدىغىنىمنى بىلدۈردۈم. بىراق بۇ روماننى ئوقۇپ كۆرمىگەن ئايرىم كىشىلەرنىڭ يۇقىرىقىلارنى ئاڭلاپلا بۇ روماننى قۇرۇق ۋەز-نەسىھەتلەرگە، ئىشەنمىگۈدەك تاسادىپىيلىقلارغا، دەبدەبىلىك شۇئارلارغا تولغان بىر پارچە ماقالىمىكىن دەپ قالماسلىقىنى، ئالدى بىلەن روماننى ئوقۇپ كۆرۈشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.
|