شائىرنىڭ كۆزىتىش نۇقتىسى
يوللانغان ۋاقتى:10-02-2014
مەنبە: Tarimweb.com
مۇھەررىر: ئابلىكىم مۇھەممەت
كۆرۈلۈشى: قېتىم
ئىنكاس: 1 پارچە
شائىرنىڭ كۆزىتىش نۇقتىسى ئاسىمە ئىدرىس شائىرنىڭ كۆزىتىش نۇقتىسى شېئىرنىڭ گۈزەللىك نۇقتىسىدۇر. شائىر مەيلى تۇيغۇنى خاتىرىلىسۇن ياك
شائىرنىڭ كۆزىتىش نۇقتىسى
ئايسىمە ئىدرىس
شائىرنىڭ كۆزىتىش نۇقتىسى شېئىرنىڭ گۈزەللىك نۇقتىسىدۇر. شائىر مەيلى تۇيغۇنى خاتىرىلىسۇن ياكى تۇرمۇشنىڭ ئەينەن كۆرۈنۈشىنى مىسرالارغا ھاياجان بىلەن تۆكسۈن، يەنىلا ئۆزىنىڭ كۆزىتىش نۇقتىسىنى مەنبە قىلىدۇ. شائىر تۇرمۇشنى قانچىلىك چوڭقۇر كۆزەتسە، ئۇنىڭ بىلىم جۇغلانمىسى، تۇرمۇش ماتېرىيالى شۇنچە مول بولىدۇ. بىز شېئىرلارنى مۇھاكىمە قىلغاندا ھەمىشە‹‹تۇرمۇشقا تولىمۇ يېقىن، ھېسسىيات ناھايىتى كۈچلۈك، تىلى يېنىك ۋە چۈشىنىشلىك، ئىستىلىستىكىلىرى يېقىملىق،كىتابخانلارغا قالدۇرۇلغان بوشلۇق جايىدا، ئارتۇق سۆزلەردىن خالىي، ئىخچام، جايىدا ئىپادىلەنگەن، قىسقا تۇيغۇلارنى دەل جايىغا چۈشۈرۈپ قەلەمگە ئالالىغان›› دەپ تەرىپلەيمىز. مانا مۇشۇ ئالاھىدىلىكلەرنىڭ شېئىردا گەۋدىلىنىشىدە شائىرنىڭ كۆزىتىشى ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدۇ.
بەزى شائىرلارنىڭ كۆزىتىش قورالى پەقەت ھېسسىيات بولغاچقا، شېئىرلىرىنىڭ بىزگە بېرىدىغان تەمى ھېسسىي گۈزەللىك بولىدۇ، شۇڭا بۇ گۈزەللىك قەلبىمىزنى ئۇزاققىچە غىدىقلاپ ئۆتىدۇ. بەزى شائىرلارنىڭ كۆزىتىش قورالى ئەقىل بولغاچقا، شېئىرلىرىدىن كۈچلۈك پەلسەپىۋى پىكىر تۆكۈلۈپ ئادەمنى ئويلاندۇرىدۇ. يەنە بەزى شائىرلارنىڭ كۆزىتىش قورالى تىل بولۇپ، ئەسەرلىرىنىڭ تىلىنى ئىستىلىستىكا رەڭدارلىقىغا پۈركەپ، تىل ئارقىلىق يۈرەكنى تىترىتىدۇ. شۇنداق بولغاچقا ئوخشىمىغان شائىرنىڭ شېئىرىدىن ئوخشىمىغان لەززەت ئالالايمىز.
شائىرنىڭ كۆزىتىشىنى ھېسسىيات نۇقتىسىدىن كۆزىتىش ۋە ئەقىل نۇقتىسىدىن كۆزىتىش دېگەن ئىككى نۇقتىغا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ. يەنى، شائىر ھېسسىيات نۇقتىسىدىن كۆزەتكەندە تۇرمۇشقا شائىرانە ھېسسىياتى بىلەن قاراپ، تۇيغۇسىغا ئەگىشىپ، شەيئىلەرنىڭ يىراق مۇساپىلىك ماھىيىتىنى ئەمەس، بەلكى ئۆزىگە تەسىر قىلغان، يۈرىكىنى چېقىپ ئۆتكەن دەقىقىلىك ھېسسىياتىنى شېئىر قىلىپ يېزىپ چىقىدۇ. ئەقىل نۇقتىسىدىن كۆزەتكەندە كۆزەتكەنلىرىنى ئەقىل تارازىسى بىلەن ئۆلچەپ، ئۇنى ھېسسىياتلىق كۆزىتىش بىلەن بىرلەشتۈرگەن ئاساستا، مەدەنىيەت، ئەنئەنە، تارىخ قاتارلىق كەڭ ساھەلەرگە قانات يايغان بولىدۇ.
ياش شائىر ئەسقەر ياسىن ‹‹نەي چالغان ئادەم›› ناملىق توپلىمىدىكى شېئىرلىرىنىڭ كۆپىنچىسىنى ھېسسىيات نۇقتىسىدىن تۇرۇپ كۆزەتكەن بولۇپ، ئۇنىڭ شېئىرلىرىدا تۇرمۇش تەسۋىرلىرى قويۇق ھېسسىيات بىلەن بىرىكىپ كەتكەن. ھېسسىيات نۇقتىسىدىن تۇرۇپ كۆزىتىلگەن شېئىرلارنىڭ كىشىگە بېرىدىغان تەسىرى، شېئىرلار ناھايىتى يېنىك ھالەتتە شېئىرى مەنزىرىنى قانات يايدۇرىدۇ. شېئىرىي پىكىرمۇ شائىرنىڭ ھېسسىياتىغا ئەگىشىپ دولقۇنلىنىدۇ، ئاخىرىدا يەنە شائىر ھېسسىياتى بويىچە خۇلاسىلىنىدۇ. ئەمما، بۇنداق شېئىرلاردا ئەقلىيلىك ئانچە مۇھىم ئورۇندا ئەمەس، پەقەت شائىرنىڭ تۇيغۇلىرى يەڭگىل قانات يېيىپ، كىشىنى لىرىك، رومانتىك مەنزىرىگە باشلاپ كىرىدۇ:
تەسەۋۋۇر ئىچىگە سىغدالغان دۇنيا.
ئۇ سىمۋول كىملەرنىڭ كۈچ ۋە زېھنىگە؟
ئۇچرىغان ئۇ قانداق سوغۇق بېسىمغا؟
ماسمۇ ئۇ تۇرمۇشنىڭ قانۇنىيىتىگە؟
جاۋابى قانداقكەن بىزنىڭ تۇرمۇشقا؟
‹‹بىر كونا كىتاب››
يۇقارقى شېئىرنىڭ مەزمۇنىدىنلا چىقىپ تۇرىدۇ، شائىر تۇرمۇشنى كۆزەتكەندە ‹‹كونا كىتاب››قا ئۆز كاللىسىغا كەلگەن ھاياجىنىنى يۈكلەپ ئىپادىلىگەچكە، بۇ شېئىر گوياكى پوشكىننىڭ ‹‹گۈل›› ناملىق شېئىرىدەك يېقىملىق، لىرىك چىققان، شائىرنىڭ ھېسسياتى باشتىن – ئاخىر كىتاب بەتلىرى بىلەن بىللە ۋاراقلىنىپ، كىتابقا ئەگەشكەن سۆيۈملۈك تۇيغۇلار بىزنى تارىخقا ئەمەس، بەلكى كىتابنىڭ ھازىرقى ھالىتىگە باشلايدۇ. دېمەك، شائىرنىڭ كۆزىتىش نۇقتىسىنى جەلپ قىلغان كىتاب شائىر قەلىمى ئاستىدا ھازىرجاۋابلىق تۈسىنى ئېلىپ، قەلبىمىزدە كىتابنىڭ يىرتىلغان بەتلىرى ھەققىدە چوڭقۇر ھاياجاننى پەيدا قىلىدۇ.
‹‹نەي چالغان ئادەم››دىكى كۆپىنچە شېئىرلاردا شائىر ھېسسىيات نۇقتىسىدىن كۆزىتىش ئۇسۇلىنى قوللانغان. شۇڭا شائىرنىڭ شېئىرىي تەپەككۇرى ئاساسىي جەھەتتىن ھېسسىياتقا ئەگىشىپ ئەركىن قانات يايىدۇ. شېئىرنىڭ باشلىنىشى قانداق تاسادىپىي بولسا ئاخىرلىشىشىمۇ شۇنداق تاسادىپىي. ئۇ شائىرنىڭ ھېسسىياتىغا ئوخشاشلا قىسقا، ھاياجانلىق، ئەمما تەسىرلىك. مانا بۇ ھېسسىيات نۇقتىسىدىن كۈزىتىشنىڭ، شېئىرنىڭ باشتىن ئاخىر شائىر ھاياجېنىغا ئەگەشكەنلىكىنىڭ نەتىجىسى. شۇڭا شائىرنىڭ ‹‹نەي چالغان ئادەم›› ناملىق توپلىمىغا كىرگۈزۈلگەن ‹‹سۆيۈش سەنئىتى››، ‹‹شىلدىرلىغان كۆزلىرىڭ››، ‹‹نامسىز بېكەت››، ‹‹يوپۇرماقتىكى رەتسىز سۈرەت››، ‹‹يىغلىغۇم كېلىۋاتىدۇ››، ‹‹بېكەتتىكى خوشلىشىش››، ‹‹شەھەر نەقەدەر ئاۋات›› قاتارلىق شېئىرلىرى ئادەمگە ئەقىلدىن كۆرە ھېسسىيات، ئازابتىن كۆرە يەڭگىللىك، كۆرۈمسىزلىكنى تەنقىد قىلىشتىن كۆرە ئېسىل گۈزەللىك ئاتا قىلىدۇ. بۇ دەل شائىرنىڭ كۆزىتىشىنىڭ جايىدا بولغانلىقىنىڭ، ھېسسىيات نۇقتىسىدىن كۆزىتىشنى دەل ئىشلىتەلىگەنلىكىنىڭ نەتىجىسى.
ھېسسىيات نۇقتىسىدىن كۆزىتىشنىڭ شېئىرلاردىكى يەنە بىر ئالاھىدىلىكى: سۆزلەرنى ناھايىتى سىلىق، يەڭگىل، چىرايلىق ئىشلىتىپ، تۇيۇقسىز يېڭى مىسرالارنى مەيدانغا چىقىرىش. ‹‹نەي چالغان ئادەم››دىكى ئادەمگە ئەڭ تەسىر قىلىدىغىنىمۇ دەل مۇشۇ خىل ئالاھىدىلىك. شائىر ئەسقەر ياسىن ئۇزاق يىللىق ئىجادىيەت مۇساپىسىدە شېئىرىيەتنىڭ تېخنىكىسىنى پۇختا ئىگىلىگەن بولۇپ، سۆزلەرنى قانداق ئىشلىتىش، قايسى سۆزدىن قانداق مىسرا ھاسىل قىلىشنى بىلگەن. ئۇنىڭ شېئىرلىرىدا ھېسسىيات كۆزىتىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ بەرپا قىلىنغان مىسرالاردىن ھەمىشە يەڭگىل سۆزلەرگە ئورالغان يۈرەكلەرنى چىم – چىم قىلىۋېتىدىغان تاتلىق مىسرالار، باشقىلار ئىشلىتىپ باقمىغان كەڭرىلىككە ئىگە ئىستىلىستىكىلىق ۋاسىتىلەرنىڭ چىرايلىقى ئۇچراپ قالىدۇ. مەسىلەن: ‹‹تەقدىردىن تىنىمسىز تامچىلار ئادەم››، ‹‹ئېسەدەيدۇ كۈندۈز توساتتىن››، ‹‹ئايرىلىشنىڭ ئارقىسى بوشلۇق››، ‹‹كىرىۋەر قەلبىمگە دەريادەك ئېقىپ››، ‹‹بارچە بۇلۇت نەم تىلى بىلەن، كۆلچەكلەرنى قىلماقتا ئوكيان›› قاتارلىق مىسرالار ھەر بىر پارچە شېئىردا تۇيۇقسىز ئۇچراپ، ھەقىقەتەن شائىرنىڭ شېئىرىي ھېسسىياتىنىڭ دولقۇنلىنىشىغا ئەگىشىپ مەيدانغا چىققانلىقىغا كىشىنى ئىشەندۈرىدۇ. بۇنىڭدىن يەنە شائىرنىڭ ھېسسىياتنىڭ كۆزىتىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ تىل ئىشلىتىشتە يېڭىلىقنى قوغلىشىدىغان، ئىمكان بار ئىستىلىستىكىلىك ۋاسىتىلەرگە مۇراجىئەت قىلىدىغان ئىجادىيەت ئالاھىدىلىكىنىمۇ ھېس قىلالايمىز.
|
ھالقىلىق سۆزلەر :
بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
------分隔线----------------------------