شائىرنىڭ كۆزىتىش نۇقتىسى(2)

يوللانغان ۋاقتى:10-02-2014   مەنبە: Tarimweb.com   مۇھەررىر: ئابلىكىم مۇھەممەت   كۆرۈلۈشى: قېتىم   ئىنكاس: 1 پارچە
شائىرنىڭ كۆزىتىش نۇقتىسى شائىرنىڭ ئىجادىيەت ئالاھىدىلىكىنى شەكىللەندۈرىدىغان ئەڭ مۇھىم تەرەپ دەپ قارىلىدۇ.

    شائىرنىڭ كۆزىتىش نۇقتىسى شائىرنىڭ ئىجادىيەت ئالاھىدىلىكىنى شەكىللەندۈرىدىغان ئەڭ مۇھىم تەرەپ دەپ قارىلىدۇ. شائىر شېئىرلىرىدا مۇلاھىزىنى ئاساس قىلامدۇ ياكى ئېقىن سۇدەك قويۇۋېتىلگەن لىرىك ھېسسىياتنىمۇ؟ مانا بۇلار شائىرنىڭ كۆزىتىش نۇقتىسىنىڭ مەركىزىدىن شېئىر مىسرالىرى ئارقىلىق ۋال – ۋۇل چاقنايدىغان نۇقتا بولغاچقا، بىر شائىرنىڭ بىر پۈتۈن شېئىرلىرىنى ئوقۇغىنىمىزدا، شائىرنىڭ كۆزىتىش نۇقتىسىنىڭ مەركىزىدىن شائىرنىڭ بۇ ئالاھىدىلىكلىرىنى بايقىۋالالايمىز. ئەسقەر ياسىن شېئىرلىرىدا ئاساسلىقى ھېسسىيات نۇقتىسىدىن كۆزىتىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ تۇرۇپ، كىشىلەرنى، ئۆزى ياشىغان يۇرتنى، بولۇپمۇ ئۆزىنىڭ قەلب دۇنياسىنى، كىشىلىك تۇرمۇش ئىزتىراپلىرىنى كۆزىتىشنىڭ مەركىزىگە قويۇپ، ئۆزىنىڭ كىشىلەرگە بولغان سەمىمىي مېھرىنى، يۇرتقا بولغان سۆيۈنۈشلىرىنى، ھاياتتىكى چاقماقتەك چېقىپ ئۆتۈپ كېتىدىغان ئەھمىيەتلىك دەملەرنى، ۋاقىتقا بولغان تەمتىرەشلىرىنى، سېغىنىش، ئەسلەش تۇيغۇلىرىنى ناھايىتى يەڭگىل سۆيۈنۈش بىلەن ئىپادىلەپ بەرگەن.
    شائىر ئەسقەر ياسىن 1983 – يىلىدىن باشلاپ ئىجادىيەتكە كىرىشكەن ئىجتىھاتلىق شائىر بولۇپ، ئۇنىڭ ‹‹نەي چالغان ئادەم›› ناملىق شېئىرلار توپلىمىغا ئۇنىڭ يېقىنقى مەزگىللەردە يازغان 74 پارچە شېئىرى كىرگۈزۈلگەن. شېئىرلارنىڭ ئومۇمىي نۇقتىسىدىن قارىغاندا، شائىرنىڭ ئاساسلىق شېئىر ئالاھىدىلىكى ھېسسىيات نۇقتىسىدا تۇرۇپ، ئۆزى كۆزەتكەن شەيئى – ھادىسىلەرنى لىرىك تىلنىڭ ياردىمى بىلەن ئىپادىلەش بولۇپ، مەن ئەسقەرنىڭ شېئىرلىرىنى ئوقۇپ گويا باھاردا ياققان سىم – سىم يامغۇردا تۇرۇۋاتقاندەك ھېس قىلدىم. چۈنكى، شائىر ئەڭ ئاددىي نەرسىلەردىنمۇ ھاياجانلىنىپ ئۇنى شېئىر قىلىپ يازالايدىكەن، شېئىرنى ئادەم چۈشەنگىلى بولمايدىغان ئېغىر نەرسىگە، ياكى بەكلا ئاددىي سۆزلەر تىزمىسىغا ئايلاندۇرۇپ قويمايدىكەن، بەلكى ھېسسىياتىنى ئەركىن قويۇۋېتىپ ناھايىتى يەڭگىل ھالەتتىكى شېئىرى مۇھىتقا ئادەمنى باشلاپ كىرەلەيدىكەن.
    شېئىرىمنى قۇچاقلا ھايات،
    قۇچاقلىغىن مېنىمۇ بىر پەس.
    شېئىر مەن
    پېقىردۇر مەن
    پېقىردۇر شېئىر،
    دىلىم ھامان ھېكمەتكە پەۋەس.
    ئىلھامىمدىن ياسىدىم قەسىر،
    ئۇنىڭ نۇرلۇق رۈجەكلىرىدىن
    ياغلىقىنى سىلكەر مۇھەببەت.
    شائىرنىڭ كۆزىتىش نۇقتىسى ئۆز نۆۋىتىدە شائىر شېئىرلىرىنىڭ شەكلىگىمۇ مۇئەييەن تەسىر كۆرسىتىدۇ. شائىر كۆزىتىش نۇقتىسىدىن ئىجادىيەت مەنزىلىگە ئاتلىغىنىدا، ئۇنىڭ كۆزىتىش نۇقتىسىدىكى جۇغلانمىلار ئۇنىڭ شېئىرلىرىنىڭ شەكلىنى بەلگىلەپ، ھېسسىياتقا ئەگەشكەن مىسرالارنىڭ گۈزەل قىياپىتىنى مەيدانغا كەلتۈرىدۇ. بۇنداق ئالاھىدىلىك ‹‹نەي چالغان ئادەم››دە خېلى روشەن گەۋدىلەنگەن.
    ‹‹نەي چالغان ئادەم››نى ئوقۇغانلار ھېس قىلالايدۇكى، شائىر ھەمىشە ئالدىنقى ئىككى مىسرانى يالغۇز قالدۇرۇپ، كېيىنكى مىسرالاردا ھېسسىياتقا ئەگىشىپ مىسرانى داۋاملاشتۇرىدۇ. شائىر پىكىر قانات يايدۇرۇشتا ئۆزىنى مىسرانىڭ سانىغا ياكى بوغۇمىغا چەكلىۋالماي، ھېسسىيات نەدە تىنسا شۇ يەردە شېئىرنى توختىتىدۇ. شائىر شېئىرنىڭ ئۆزىدىن رىتىم پەيدا قىلىپ، شېئىرلىرىنىڭ راۋانلىقىنى، كەيپىياتنىڭ يەڭگىل، لىرىك بولۇشىنى قولغا كەلتۈرگەن.
    شېئىر يېزىش بىر سەنئەت. شېئىر يېزىشتىن ئاۋۋالقى شائىرنىڭ كۆزىتىش ئۇسۇلىمۇ بىر سەنئەت. ئەگەر بۇ ئىككى سەنئەت شېئىرنىڭ ۋۇجۇدىدا بىرلەشسە شائىرنىڭ شېئىرلىرى ھەقىقىي شېئىرلىق پايانىغا يېتەلەيدۇ، ئوقۇرمەنلەر ئۇنىڭدىن ھۇزۇر ئالالايدۇ، شېئىرلارمۇ ئۆزىنىڭ شېئىرلىق سۈلكىتىنى نامايان قىلالايدۇ.




ھالقىلىق سۆزلەر :


بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
------分隔线----------------------------

ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار