«قانلىق ئىز»دىكى مۇناپىقلارغا بىر تەستەك

يوللانغان ۋاقتى:19-02-2012   مەنبە: قۇمۇل ئەدەبىياتى   مۇھەررىر: ھەزرەتئەلى ئەخەت   كۆرۈلۈشى: قېتىم   ئىنكاس: 1 پارچە
ئوبزۇر

ئاپتورى: يارمۇھەممەت تۇرسۇن  (قاراخان)

 

  قەلەم ساھىبى مۇھەممەتئېلى ھېلىمنىڭ «قانلىق ئىز» ناملىق رومانىدىكى «مۇناپىق»لارغا سىڭدۈرۈلگەن ئىدىيىنى پەملەپ باقتىم. تولۇق بولمىسىمۇ تونۇشۇم، قارار تېپىپ ئەسەبىي مۇناپىقلارغا بىر تەستەك سالدىم. بۇنىڭ جاۋابى بەدىلىگە يەنە بىر تەستەك تەگمەس دەپ ئويلايمەن .
   بىزدە ئەقىل ۋە ھېسسىياتقا مۇراجىئەت قىلىپ ،تۈلۈك مۇقامدا ئەسەر يېزىۋاتقانلارمۇ، خىلۋەت جايدا تۇرۇپ ئاشۇ سۈرەن–سادالارغا تۇيغۇن يۈرەكتە قۇلاق سېلىۋاتقانلارمۇ خېلى بار .ئۆزىنىڭ «سوغۇق تام» «ئارمان» «يىمىرىلىش» ناملىق ئەسەرلىرى بىلەن كىتابخانىلار ئىشەنچىگە ئېرىشكەن يازغۇچى مۇھەممەتئېلى ھېلىمنىڭ تارىخىي رومانى «قانلىق ئىز» بىر تاۋاق ھالال نېسىۋىدەك كۆز ئالدىمىزدا زاھىر بولغىنىدا يازىدىغان ۋە يازمايدىغانلار بۇ پەخىرلىك ئەمگەككە ئىپتىخار بىلەن تەشەككۈر ئېيتىشتۇق .
   ئەسەرنىڭ ئىدىيىۋى ، بەدىئىي قىممەتلىرىنى كۆڭۈل تەستىقىمدىن ئۆتكۈزۈۋېتىپ بىردىنلا بىر پۈتۈن ئەسەر گەۋدىسىدە لەيلەپ يۈرگەن زۇلمەت كۆلەڭگىسىگە دىققىتىم ئاغدى .
ئەنە تەڭسىزلىك ھامىيسى ،ھاكىمىيەتنىڭ رايىش ئىجراسى .مۆمىنلەر ئارىسىغا سۇقۇنۇپ كىرىۋالغان ،قېرىنداشلار دۈشمىنى تۇرسۇن تىڭتىڭ ،زاكىر قۇلاق ، ھوشۇر پالاق ، ئايسىخان جۈيجاڭ شۇنداقلا ۋىجدان سوتىغا بەرداشلىق بېرەلمەي ئاسىي- خائىن بولۇپ كەتكەن ئەمەتلەر...ئەنە ئەركىنلىكنىڭ قوغدىغۇچىسى ،ئەل- يۇرت غېمىدە كۈل بولغان، كۈن- تۈن ئۆزىنى ئۇنتۇپ ئانا يۇرتىغا پاسىبان، خەلققە قالقان بولۇپ يۈرگەن شامالخان ۋە بارات پالۋانلار...ئالدىنقىسى كېيىنكىلەر ئالدىدا تولىمۇ چۈپرەندە، تولىمۇ شەرمەندە سۈپەت تەسۋىرلەنگەن يىرگىنچلىك ئاسىيلار توپى بولۇپ گوياكى بىزگە بىر دۆۋە نىجاسەتتەك كۆرۈنىدۇ.
بىز پسىخىك ئانالىز ئارقىلىق ئاپتور قەلىمى ياراتقان پېرسوناژلار يۈرىكىدىن شەپە ئاڭلايدىغان بولساق ئىجابىي قەھرىمانلار بىلەن بىزنىڭ ئوتتۇرىمىزدا تۇتاشتۇرغىلى بولمايدىغان چوڭقۇر ھاڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى تەبىئىي ھېس قىلىمىز .ئۇلارنىڭ يۈرىكىنى ئاپتور ئەسلى زاتىغا مۇناسىپ ھالدا بېجىرىم ۋە سۇمباتلىق قىلىپ تەسۋىرلىگەن . باھادىر پالۋانلارنىڭ ئاشۇ ئۆلمەس روھى، تەسلىمسىز يۈرۈشلىرى مېنى ھاياجانغا سېلىپ سۆيۈندۈرگەن بولسا، ھەققانىيەت ئاسىيلىرىنىڭ قىلمىش-ئەتمىشلىرى قويۇق مەسىلىلەردىكى ئىختىلاپ، ئاداۋەتكە سالاۋات قىلمايدىغان نازارەتچى كۆڭلۈمنى توپان بالاسىدەك پاراكەندە قىلدى. نەتىجىدە، دېڭىز ئاستىدىمۇ چاقماق چاققاندەك مېنىڭ ئۈمىد قىلغىنىمدىن ئارتۇق بىر نەرسە زېھنىمغا زوق، روھىمغا مەدەت تارتىپ ئىپتىخار تۇغۇمنى يەنىمۇ لەپىلدەتتى. بارات پالۋان باشچىلىقىدىكى غازى ۋە شېھىتلەرنىڭ بىزگە- مەزلۇملارغا ئاسايىشلىق يارىتىش يولىدا باسقان قانلىق ئىزلىرىنى ئويلاپ ئورۇنلۇق سەۋەب ئۈچۈن قىلىنغان بارلىق ئىشلار ھامان ھەققانىيدۇر، دېگەننى كۆڭلۈمدىن ئۆتكۈزدۈم .
 رومان ماڭا رەڭگە- رەڭ مۇناپىقلار شۇنداقلا ئىنقىلابى ھايانكەشلەر سۇيىقەستىدە قاسىراق تاشلىماي گۆھەردەك خىسلىتى بىلەن ياشاپ كەلگەن شامالخاننى كۆرسەتتى. ئاپتور ئەسەرنى رېئالىستىك ئىجادىيەت مېتودىغا تارتىشىپ يازغان بولسىمۇ، قىسمەن يەرلەردە ئەسەر ئېھتىياجىغا يارىشا رومانتىك ئېلېمېنتلارنىمۇ ماھىرانە ئىپادىلەپ نىشانلىق ئوق ئۈزەلىگەن. رومان تېكىستلىرىدە بىز شامالخاننىڭ گاھ كۆرۈنۈپ، گاھ كۆرۈنمەي، كۆرۈنسىمۇ ئېزىلگۈچىلەر قەلبىگە بىر ئىشتىياق ئوتنى سېلىپ قويۇپ گوياكى تاشقى پلانېتا ئادەملىرىدەك تەركى غايىب بولۇشنى ئىزتىراپ ئىلىكىدە ئويلانماي تۇرالمايمىز. ئۇنىڭ تەقدىرداشلىرى ئۈچۈن بارلىقىنى پايخان قىلىپ تۇرۇقلۇق قارا يۈز ۋە ئار- نومۇس خىيانەتچىلىرى ئارىسىدا يېتىم، ھىمايىچىسىز ھالەتكە چۈشۈپ قېلىشلىرى، ئاشۇنداق تەتۈر قىسمەتنىڭ ئۇزاق داۋاملىشىشى بىزنى خائىن- ساتقىن، دۆيۈز، مۇناپىقلارنىڭ ھەر قاچان غالىب كېلىشنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى توغرىسىدا ئەسىرلەپ ئويلىنىشقا مەجبۇر قىلىدۇ. بىرلىرى ئادالەتكە قاراپ جاسارىتىنى ئاقساتقان بۇرچقا ھاياتى كۈچ بەخش ئەتمەكچى،يەنە بىرلىرى زالالەتكە قاراپ تەقدىر- چۇلۋۇرىنى ئۆزگىلەرگە تۇتقۇزۇپ قۇيۇپ ئاسىيلىق مۆھۈرىگە ئۆز شەرىپىنى نەقىش ئەتمەكچى. ئىككى خىل ھايات تاللىشى، ئىككى خىل ھايات كۆرۈنۈشى بىزگىمۇ دېۋەيلەپ، بىزنىمۇ ئېتىقاد مەيدانى كۈرىشىگە تەۋسىيە قىلىدۇ. بىز ئەسەرنىڭ باش قەھرىمانى تاغ يۈرەك ئوغلان، ئىنقىلاب سەركىسى بارات پالۋانغا قارايمىز، ئۇ بەك كەڭ قۇرساق لېكىن ئۇنىڭدا ھەمىشە بىر خىل داھىيانە خىيال ھۆكۈمران. شۇغىنىسى، ئۇنىڭدا ئەجەللىك بىر ئاجىزلىق بار، ئۇ بولسىمۇ مەنىۋى دۇنياسى توزغاقنى ئەسلىتىدىغان زامان كورلىرىغا يەنى خائىن- ساتقۇنلارغا دوست تارتىپ، ئۇلارنىڭ رايىغا بېقىش ياكى ئۇلارغا “ھازىدار» بولۇپ ئۇلارنىڭ ئۆزگىرىشىگە پۇرسەت بېرىش.مانا بۇ ئۆلۈكتىن «ئىمان» تىلىگەندەك بىھۇدە كۈتۈشتۇر.ئۇنىڭ بۇنداق زىيادە «ئىلتىپاتى» قول ئاستىدىكىلەرگە قىلغان ئەڭ چوڭ زىيانكەشلىكى بىلەن خاراكتېرلىنىدۇ. بۇ تارىخىي ھاياتنىڭ قەھرىمانى ئاق كۆڭۈل، ساددىلىقى، قارام ۋە تەۋەككۈلچىلىكى بىلەن ئۆزىگىمۇ، ئۆزگىگىمۇ كاتتا ئىشلارنى قىلىپ بېرەلمەيدۇ ، يەنى قولغا كەلتۈرگىنى، قولغا كەلتۈرىدىغىنىدىن ھەسسىلەپ ئاز بولىدۇ. كۆڭۈلچەكلىكنىڭ ئاقىۋىتى غەپلەت، ئاق كۆڭۈللۈكىنىڭ خۇلاسىسى پۇشايمان ۋە دۆتلۈك بىلەن ھەسرەتلىك تىنىقلارغا گىرىپتار قىلىدۇ. خالاس! ئۇنىڭ مۇشۇ سەۋەنلىكىنى نەزەردىن ساقىت قىلىۋەتسەك، ئۇ بىر سېپى ئۆزىدىن مىللىي قەھرىماننىڭ تىپىك نامزاتى بولالايدۇ. ئۇنىڭ تۇغۇلغان يېرىگە تۇغىنى تىكلەش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان قانلىق كۈرەشلىرى غالىبلار تەنتەنىسىدەك پۈتۈن ئەسەرنىڭ ھەممە يېرىگە قىزىل ئېقىندەك سىڭگەن بولۇپ بىزگە «باتۇرلۇق» ھەققىدىكى جۇشقۇن بىر سىمفونىيىنى ئاڭلاۋاتقاندەك تەسىراتلار دېڭىزىغا شۇڭغۇپ، مەجرۇھ قەلبىمىز تەقدىرى باشقىچە بولغان بىر ئىنقىلابنىڭ زەئىپ ساداسى ۋە نىمجان داۋرىڭىنى ئاڭلاش بىلەن كۇپايىلىنىدۇ. قەلبكە ئۈمىد، زەپەر نەقىشلەنگەن ئاسايىش ئەلچىسى، ئاخىرى ئېلاستىك ئىستەكنىڭ مەغلۇپ قۇربانىغا ئايلىنىپ بارلىق ئەلۋەك نېمەتتىن تەلتۆكۈس مەھرۇم قالىدۇ. بۇنداق غايەت زور بەدەل تۆلەشنىڭ سىرى زادى قەيەردە؟!
ئاپتورنىڭ جەمئىيەتكە بولغان سەزگۈر سېزىمى، زامان- ماكانغا بولغان سېلىشتۇرما ھالدىكى تەمكىن بايقىشى بۇ نۇقتىنى بىزگە ئايدىڭلاشتۇرۇپ بەرگەن. ئەسەردىكى نادانلىق، ئاسارەت- جاھالەت- زۇلمەت ئىلىكىدە نەپەس ئېلىۋاتقان، ئاز ئۇرۇق بىلەن كۆپ ھوسۇلدىن بەھرمەن بولۇۋاتقان ئاسىي كورلارنىڭ قىسمەتلىرىدىنمۇ ئۆز ۋاقتىدىكى يوقىتىش پاجىئەنىڭ مەنبەسىنى ئۈزۈشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس. مۇنۇ دىئالوگغا نەزەر سالايلى:«- جىم تۇرۇڭلار، ئەنە قاراڭلار، زاكىر قۇلاق، تۇرسۇن تىڭتىڭ، ھوشۇر پالاقلارنى... ئاۋۇ ئايسىخان جۈيجاڭنى كۆردۈڭلارمۇ؟» يۇقىرىقى دىئالوگلارنى ئوقۇۋېتىپ ئەسەر ئىچىدىكى پېرسوناژلار بىلەن بىرلىكتە ئەتراپتا باقتىم ۋە خىيالەن ئۆزۈمگە قايتتىم، نەچچە مىڭ گېزەندە لالما ئىتتەك ئەتراپىمنى چۆرگىلەپ يۈرگەن بىر كۆرۈنۈش كۆز ئالدىمدا زاھىرلىنىپ ئىچىم ئاچچىققا تولدى. يىراق- يېقىننى ئەقىل تارازىسىدا ئۆلچەپ كۆرۈپ، كىمگە؟ نېمىگە ؟ ئۆپكىدەپ كېتىشىمنى ئۆزۈممۇ قارار قىلالماي تولغاندىم .ئاخىرى: «مېنىڭ ئىشىم سەن بىلەن،
سېنىڭ ئىشىڭ كىم بىلەن»
دېگۈم كەلدى- دە،كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە ئېغىز ئاچتىم. روماندىكى مەزكۇر مۇناپىقلارنىڭ يىرگىنچلىك ئەپتىنى كۆرمەسكە، رەسۋا قىلمىشلىرىنى بىلمەسكە سالاي دېسەم قىيامەتتە بارات پالۋانلارنىڭ ئالدىغا يۈزۈمنى قانداقمۇ كۆتۈرۈپ باراي دەپ، قەلەمگە ئىلتىجا قىلدىم.
 بىزدە خۇش- خۇشامەتچىلىك، ئىككى يۈزلىمە، كۆتۈرمىچىلىك ماكان- زاماننىڭ چەكلىمىسىنى بۇزۇپ تاشلىيالمايدىغان بىر خىل ئىرسىيەت خاراكتېرلىك كېسەللىك بولسا كېرەك...بۇنىڭغا نەپرىتىم چەكسىز بولغاچقا، سۈكۈت قىلغۇم، مۇرەسسە قىلغۇم كەلمەيدۇ. خۇددى ئوت بىلەن سۇ ئوتتۇرىسىدا مۇرەسسە بولمىغىنىدەك. ھاياتتا رەزىللىك بىلەن يۈكسەكلىك تاڭدىكى ئۇپۇق بىلەن  زاۋالدىكى يوپۇقتەك بىر- بىرىگە خىرىس قىلىپ كەلگەن. ئەپسۇسكى، ئۆزگىلەر بىلەن ئۆزگىلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇرەسسەسىز قارشىلىق بىر خىل قانۇنىيەتتەك بىلىنسىمۇ، بىراق ئۆزىمىزدىكى نائەھلىيلىك بىزنىڭ قەلبىمىزنى ئازابقا سالماي قالمايدۇ. چۈنكى بىزدە «ئىچىڭدىن چىققان ئوت يامان، ئۆزۈڭدىن چىققان يات يامان» دېگەن ھېكمەتلىك ئىبارە بار. ئەسەردىكى مۇناپىقلار دەل ئىچىمىزدىن چىقىۋاتقان «يات»لاردىن ئىبارەت. ئۇلار ھاياتتا كېرەكسىز نام- شۆھرەتكە مەستانە بولۇپ ماددىي پاراغەتنىڭ ھاياسىز قۇلى بولۇش ئۈچۈن پەيتى كەلگەندە خوتۇن- بالىلىرىنى دوغا تىكىپ دوستىغا، قېرىنداش- يۇرتدىشىغا جۈملىدىن مىللەتكە خائىن-ساتقىن بولۇشتىن ھېيىقمايدۇ. ئۇلارنىڭ شەرمەندە ئاسىيلىقى ئاۋام ۋە كېيىنكىلەرنىڭ بەختسىزلىكىگە پىلتا بولۇپ، ئەۋلادلارنىڭ ئەسىرلىك ئەندىشىسىنى پەيدا قىلىدۇ. بىز يەتتە باشلىق يالماۋۇزدىن ئەمەس، بەلكى ئىككى يۈزلىمە، بىر باشلىق ئادەمدىن قورقۇشنىڭ نەقەدەر بىباھا سۆزلۈكىگە چىن پۈتمەي تۇرالمايمىز. بۇ ھەقتە سۇخوملىنىسكىي مۇنداق دەيدۇ:«مۇناپىقلىق، خۇشامەتچىلىك، ئىككى يۈزلۈك ئەڭ زور ياۋۇزلۇق، نىقابلانغان بۇ ياۋۇزلۇقنى سېزىۋال، ئۇنىڭغا نىسبەتەن شەپقەتسىز ۋە مۇرەسسەسىز بول!»
 ئاپتورنىڭ قەلىمى نەچچە مىڭ مۇناپىق ئارىسىدىن تىپىك ھالدىكى تۆت مۇناپىقنىڭ ( ئەسەردىكى ئاساسلىق) سەسكىنىشلىك «سۆلەت»ىنى كۆز ئالدىمىزدا كۆندۈرۈلگەن ئىت سىياقىنى كەلتۈرگۈدەك يارقىن سۈرەتلىگەن. ئۇلارنىڭ بىر قېتىم قاۋاپ قۇيۇشىلا ئۇلارنى بىر تال سۆڭەككە خېرىدار قىلىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن ئۇلار چىرايلىق ياساندۇرۇپ قويۇلغان ئوغرىدەك مال ئىگىسىنىڭ قىممەتلىك نەرسىسىنى دائىملا پايلاپ يۈرىدۇ. خۇددى بىر تۈننىڭ مىڭ ئوغرىسى بار، دېيىلگىنىدەك...
تەمەگەرلىك ۋە ئۆزگىلەردىن شەپقەت كۈتۈش مۇناپىقلارنىڭ جان بېقىش ۋە يۇقىرىغا يامىشىش قورالى. ئاپتور ئەسەردىكى ئاشۇ مۇناپىقلارنى ئۇلۇغ شەخسلەر بىلەن مۇغەمبەر، كېڭەيمىچى كۈچلەر ئوتتۇرىسىدىكى رىقابەتتە تەدرىجىي يېتىلدۈرۈپ، تاڭنى چۈشەپ ئۆلگەن قەھرىمانلارغا يۈز ئاچقان نادامەت ۋە مەڭگۈلۈك بەختسىزلىكنىڭ تۈپ يىلتىزىنى ئۆزىمىزدىن ئىزدەشكە مۇراجىئەت قىلىدۇ.
گەرچە مۇناپىقلار ھەر خىل سىياقلاردا تاتلىق سۆزلۈك، سىنچى كۆزلۈك، سىپايە- سالاپەتلىك يارىتىلغان ئەسەرلەرنى كۆپ ئۇچراتقان بولساقمۇ ، بۇ ئەسەردە ئاپتورنىڭ قەلىمى مەخسۇس مۇناپىقلارنىڭ ئىندىۋىدۇئال ئارخىپىنى تۇرغۇزغان ھەم ئۇلارغا قويۇلغان لەقەملەرمۇ خىزىر قۇيغاندەكلا سىڭىپ، خاراكتېرى بىلەن بىر گەۋدىلەشكەن. ئۇلاردىكى ئارتۇقچە ئىتائەتمەنلىك، رايىشلارچە پۈكۈلۈش پسىخىكىسى ئۇلارنى ئاخىردا ئازغىنە لوقمىغا ئېرىشتۈرۈپ، ئۇلاردا ئاخىردا غەيرىي نىسپىي ھالدىكى غالىبانە تەنتەنە تۇيغۇسىنى نامايان قىلىدۇ. گەرچە قۇللارچە باش ئېگىپ تۇرغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسىگە قۇللۇق ۋە مۇناپىقلىق تامغىسىنى بېسىۋېتىشنى مۇئەييەنلەشتۈرگىلى بولمىسىمۇ، ئەمما تاپان يالاشقا مۇتلەق كۆنگەن ۋە شۇ ئارقىلىق تۇرمۇشنىڭ دەسمايىسىنى تاپىدىغانلارنى ئەلۋەتتە شانۇ- شەۋكەتلىك تەقدىرىگە كۈشەندە بولغۇچى ۋە ھاياتىنى بۇلغىغۇچى پارازىت قۇرۇتقا ياكى سىركىدىن قېچىپ، ھەسەلگە دۈم چۈشكەن چىۋىنغا ئوخشىتىش تامامەن مۇمكىن. چۈنكى ئاشۇلار ئۆزلىرىنىڭ كىچىككىنە رىزقى ئۈچۈن خەلقنىڭ مەڭگۈلۈك ئاسىيسى بولۇپ قېلىشىنى ئالدىن قىياسقا ئالالمايدۇ. بۇ بىزگە «ئەزىمەت شەرەپكە تۇرار، يامان ئادەم نەپكە تۇرار» دېگەن ھېكمەتنى ئويلاشقا مەجبۇر قىلىدىغان رېئاللىق. بۇلارنىڭ ئەكسىچە، ئىشلىرىغا ئالەمچە مۇشەققەت روزغارىغا مۇدھىش كۈلپەت رەھىمسىز قۇلىنى تەڭلەپ تۇرسىمۇ، قەلبى ئالتۇندەك پارقىراپ ئۆزىنىڭ ئادىمىيلىك قىممىتىنى ساقلاپ قالالىغان باھادىر  پالۋانلىرىمىز، يىراقنى كۆرەر مەردانىلىرىمىز تۇمانلىق مۇھىتتا ياشاۋاتسىمۇ، قانداقتۇر يۈرىكىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا ئەل غېمىنى، ئەر غېمى دەپ ياشايدۇ. ئۇلار بىزنىڭ ئەسىرلىك مەمنۇنىيەت ۋە ئىپتىخار بىلەن تىلىمىزدا، دىلىمىزدا نامىنى زىكرى قىلىدىغان قىيامەتلىك شېھىتلىرىمىز.
قەلەم ساھىبى ئەسەردىكى مۇناپىقلاردا شۇنداق بىر ئەزمە روھى ھالەتنى ھۆكۈمران ئورۇنغا كۆتۈرگەنكى، ئۇلار ئەمگەك- تەرسىز، مېھنەت - رىيازەتسىز شاپائەت ۋە شاراپەتكە ئېرىشىشكە ھېرىسمەن مەستانە، ئۇلار ئۈچۈن تىزلىنىپ- پۈكلىنىپ ياشاشنىڭ ئۆزىلا ھاياتتا ئېرىشمەكچى بولغان لوقمىنىڭ ئاددىي بەدىلى، خالاس! ئۇلاردا ئۆزلىرى قىلىۋاتقان شەرمەندە قىلمىشنىڭ پاجىئەلىك ئاقىۋىتىگە قارىتا ۋىجدانەن چەكلىمە يوق. شۇڭلاشقىمۇ ئۇلارنىڭ ئاخىرقى مەنزىلى  شەرەپ، پەخىر تۇيغۇسىغا ئەمەس، بەلكى ئار- نومۇس ، پەس- پۇچەكلىككە مەھكۇم.
بىز ئەسەردىكى قىسمەن «ئەر قەھرىمان»لىرىمىزنىڭ ھالىدىن شىكايەت قىلىۋاتقان ئاشۇ دەقىقىدە «ئەرنىڭ ھېلىسى بىر، خوتۇن ھېلىسى مىڭ» دېگەندەك ئاپتور ئايسىخاننى بىردىنلا مەيدانغا چىقىرىپ، بىزنى تېخىمۇ قىيىن تاللاشقا دالالەت قىلىدۇ. بىز بۇ چاغدا :«مىڭ بىر كېچە»دىكى ئەپسۇن- چۆچەكلىرى بىلەن پادىشاھنى ئەسىرگە ئالغان ئايالنى، «رامزاننىڭ ئون يەتتىسى»دىكى ئايال جاسۇس قەتامنى ۋە بىر قىسىم تارىخىي مەنبەلەردىكى ئايال زاتىدىن بولغان جاسۇسلارنىڭ تولدۇرغۇسىز زىيانكەشلىكىنى بىر- بىرلەپ ئەسكە ئالىمىز.
ئەسەردە ئايسىخان ئۆزىنىڭ سۇيۇق ناز-كەرەشمىسىنى ئىتتەك سۈركىلىپ ئەركىلەشلىرى بىلەن ئېگىزدىن ھەم پەستىن ئاسانلا قولغا كېلىدىغان نېسىۋىسىنى قوغلىشىپ يۈرىدۇ، بىز ئىككى پۇتلاپ ئۆرە تۇرغان بۇ چىشى يولۋاسنى قانداق تەرىپلەشكە قارىتا ئامالسىز قالىمىز...
ئەزەلدىن ئاياللار ئائىلە ئاسارىتىدىن تەلتۆكۈس خالىلىققا ئېرىشىشنى تىلەيدىغان روھى ئىنتىلىش بىزدە يوق ئەمەس، دەپ قارىغاندىمۇ :ئايسىخان ئۆزىدە بار بولغان مېھنەتسىز مەئىشەت قوغلىشىشتەك تەييارتاپلىقى، تەنھالىق ئىلىكىدىكى زېرىكىش تۇيغۇسى ئاستىدا قانداقتۇر تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرۈش، ئۆزگىلەردىن قۇسۇر ئىزدەپ، ئۆزىگە خۇشاللىق ئىزدەشتەك چاكىنىلىقى ۋە غورىگىل، موھتاجلىق ئىچىدە قالغان قاششاق تۇرمۇشىنى نىسپىي كاپالەتكە ئىگە قىلىش مەقسىتىدە «سېپى ئۆزىدىن ئاق نانچى» بولۇشقا تەۋەككۈل قىلىدۇ. نەتىجىدە، ئۇ ئۆزىنىڭ ھاياتلىق كېمىسىنى ھالال ئەمگەكتىن ئىبارەت لەڭگەردىن چوتلا ئۈزۈۋېتىپ، ئۆ كېلەچىكىنى قاراڭغۇ زۇلمەتكە دەپنە قىلىدۇ- دە، «مەلئۇنلار مەڭزىدە ئەڭلىك، قۇللارغا بولماسكەن تەڭلىك» دېگەن غېرىب كۈينىڭ نامسىز ئىجراچىسى بولۇپ قالىدۇ.
مەلۇمكى، دۇنيا بىر ئىبرەت سارىيى، بۇ سارايدا ماھارەت كۆرسىتىدىغان ئارتىسىلەر، ئىبرەت ئالىدىغان تاماشىچىلار بىر گەۋدە ھالىتىدە تۇرىدۇ. ئايسىخان ۋە ئايسىخانغا ئوخشاش نان كۈچۈكى بولۇپ ياشايدىغانلارنىڭ ئۈمىدسىز ھاياتى ئۇلارنى قاراڭغۇلۇق ياكى تۈرمە ئىچىدە ياشاۋاتقاندەك بۇرۇقتۇم ھالەتكە مەھكۇم قىلسىمۇ، ئۇلار بۇ خىل ئىزتىراپلىرىنى يېڭىش ئۈچۈن ئاخىرقى چۈمپەردىسىنى ئېچىپ تاشلاپ ئۆزلىرىنىڭ گۈزەل ھاياتقا، ھالال قىسمەتكە بۇلغان تەلپۈنۈشىدىن بىراقلا ۋاز كېچىپ، باشقىچە بولغان نەيرەڭلىرىنى بازارغا سېلىشقا ئورۇنلىدى . ئۇلاردا ھۆرمەت تېپىشمۇ، خورلۇق كۆرۈشمۇ ئەركىنلىكى بار تۇرۇقلۇق، تۇغۇلغان يېرىگە چۈشكەن ئىزلىرىنى ئىللەت سۈپۈرگۈسىدە سۈپۈرۈپ تاشلايدۇ. ئۇلارنىڭ بۆك- باراقسان ئورمانلىقتا قۇزغۇن بولۇش ئارزۇسى باركى، يېشىل بوستانلىقتا بۇلبۇل بولۇش ئىستىكى كەمچىل!
ئايسىخانغا قاراپ باقايلى، ئۇ كۆڭۈل كۆزى قارىغۇ، نەپسى-خاھىشى تاقىلداپ تۇرىدىغان، ئۆزىنىڭ نايناق نازاكىتى بىلەن باشقىلارنى دەم تارتىدىغان خورلۇققا ئىگە خاراكتېرى بىلەن، بىزگە تىنچ ۋە تولغىنىپ ئېقىشى بىلەن گىرۋىكىنى يالاپ كېتىدىغان ئەبەدىيلىك لاي سۇنى تەبىئىي ئەسلىتىدۇ.
قەلەم ساھىبى ئەسەر لىنىيىسىدە تۆت چۈپرەندىگە ئۆزلىرىمۇ يۇيۇپ بولالمايدىغان ئىجتىمائىي، ئەخلاقىي نۇقسانلار بىلەن يۇغۇرۇپ، ئۇلارنى بىزنىڭ ھايات دۇقاللىرىمىزدىكى نەپرەتلىك، ئىبرەتلىك كۆلەڭگە قىلىپ كۆرسىتىپ بەردى. دېمەكچىلەردىن، ئىككى يۈزلىمە ئادەم كىشىلەرنىڭ ئارىسىدىكى ئەڭ يامان، ئەڭ خەۋپلىك ئادەمدۇر. بىز بۇنداق كۆڭلى بۆلۈنگەن، مەيدانسىز مۇناپىقلارنى تۇرمۇشتا دائىم ئۇچۇرتۇپ تۇرىمىز. ھەتتا بەدىئىي ئەدەبىياتتىمۇ خائىنلارنىڭ يېقىمسىز شولىسى كۆڭۈل ئېكرانىمىزنى غەش قىلىدۇ. مەسىلەن: «ئىز» «چالا تەگكەن ئوق» «بالدۇر ئويغانغان ئادەم» «قاينام ئۆركىشى»«ئابدۇقادىر داموللا ھەققىدە قىسسە»...قاتارلىق ئەسەرلەردىكى مىللەت سەركىلىرىنىڭ قاتىلى بولغان مۇناپىقلار.
ھەر قاچان دۈشمەن تىلىگەن يامانلىق، ئەل تىلىگەن ئامانلىقتىن غالىب كەلگەچكە،«دۈشمىنىڭ بىر بولسىمۇ كۆپ بىل، دوستۇڭ مىڭ بولسىمۇ ئاز دەپ بىل» دەپ قاقشايمىز.ھارماي تەكىتلەيمىز. شۇغىنىسى، ھەسرەتنى يەڭگەن قەھرىمان دېگەندەك بىز بۇ دەردلەرنى يېڭىشكە، ئۇنى ئىچىمىزگە  يېتىۋېرىشكە كۆنۈك.
قومۇشلۇقتا ئۆز تېنى ھەم روھى ئارقىلىق يالقۇن چىقىرىپ، ئاداققى يورۇقلۇقىنى زۇلمەتكە تەڭلىگەن نۇزۇگۇممۇ بىر ئانا. يوقسۇزلۇق، روھى نامراتلىققا خاتىمە بېرىش ئۈچۈن مەشئەل ياندۇرغان بوستانلىقتىكى ئايخانمۇ بىر ئانا. كۈلپەتلەرگە تەسلىم بولماي، ۋىجدان، غۇرۇرى بىلەن ياشاۋاتقانلارمۇ ئانا!
 ئاپتور مەقسەتلىك ھالدا بىزنىڭ نومۇسىمىزنى ۋە غۇرۇرىمىزنى دەپسەندە قىلىدىغان ئايسىخاننى مەيدانغا سۆرەپ چىقىرىپ، خوتۇن- قىزلار گۈلىستاندىكى بىر شۇم بۇيىنىڭ قۇلىدىن كېلىۋاتقان ئەسكىلىككە بىزنى شاھىت قىلدۇرغان. بىز دەل مۇشۇ پەيتتە شاھىت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بىرلىكتە شۇنداق چۇقان توۋلايمىز.
«مۇناپىقلار ياخشىلارغا تائەزەلدىن قىلىپ قەست،
سادىق مەردكە ئەل قۇرۇشقا يول قويمىغان ھېچ نەپەس.
پەرۋەردىگار تارتسا ئەگەر بۇ شۇملارنى جازاغا،
ئەرلىرىنى ھاپىز ئەيلەپ، ئايالىنى قىلسۇن پەس.»( «سۇ بۇيىدا»دىن)
ئايسىخان ئۆزىنى ئازغىنە نەپ ئۈچۈن يات تائىپىدىكى ۋەن گوتەينىڭ ئامراق بانۇسى بولۇشقا تىرىشىپ، ئۆز ئالدىغا »سەلتەنەت» سۈرمەكچى بولىدۇ، ئۇ شۇ تەرىقىدە قوپال كۆيۈنۈشكە قارىتا غىلتاڭ مېھرىبانلىق كۆرسىتىپ روھىي دۇنياسىدىكى داتنى بىزگە ئاشكارىلاپ بېرىدۇ.بىز بۇ خىلۋەتتىكى ھېيىقماس، قانائەتسىز شەپەرەڭ باچكىسىنى مەڭگۈلۈك زۇلمەت قوينىغا بەند قىلىۋېرىشكە ئالدىرايمىز. ئەسەر راۋاجىدا يېپىق مۇددىئادا يۈرگەن بۇ چۈپرەندە ئاخىرى ئۆز ئەپتى- بەشىرىسىنى يوشۇرۇپ بولالماي كوچىغا چىقىپ قالىدۇ. ئەسەردىكى قەھرىمانلارنىڭ گەرچە ئۇلارنى ئۇجۇقتۇرۇۋېتىشتە چامى يار بەرسىمۇ ئاپتور ئۇلارنى قەستەن ئىرەن قىلمىغان قىياپەتتە تەسۋىرلەپ، يىلاننىڭ خەۋپىدىن ئامان- ئېسەن قالدۇرۇپ ئۇلارنىڭ كېيىنكى پاجىئەنىڭ مەنبەسى توغرىسىدا بىزنى ئويلاندۇرىدۇ...
 ئاپتور بىر كۆرۈنۈشكە ئاپەتنى، بىر كۆرۈنۈشكە غەپلەتنى قىستۇرۇپ تۇتاش ھالەتتە ئەسەرنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە قاراپ ماڭىدۇ ھەمدە ئەسەردىكى قەھرىمانلارنىڭ دەسلەپتىلا مەسىلىنى ئاددىي چاغلاپ ئۆز ئىچىدىن چىققان خائىن- ساتقۇنلارغا يول قويۇشنىڭ ئۆزىلا ئۆزلىرىگە كەلگەن بالاسى- ئاپەتنىڭ يىلتىزى ئىكەنلىكىگە چىنپۈتكۈزىدۇ. مانا بۇ دەسلەپكى يېڭىلىشقا ئۇتتۇرۇپ قويۇشىدىن كەلگەن نادامەتلىك قىسمەت. مانا بۇ ئۆزىمىزنىڭ بىپەرۋالىقى، يىراقنى كۆرەلمەسلىكتىن ئېرىشكەن مەغلۇبىيەتنىڭ ئاچچىق تەستىكى ! مانا بۇ ئاپتورنىڭ مۇدھىش ئۆتمۈشلەردىكى تولدۇرغۇسىز ئازابنى كەلتۈرۈپ چىقارغان مەنبەگە كەلگۈسى چۈشلەردىن ئورۇن بەرمەسلىك توغرىسىدا بىزلەرگە سۇنغان مەسئۇلىيەت دەستىكى!

 

«قۇمۇل ئەدەبىياتى»ژۇرنىلىنىڭ 2005-يىللىق سانىدىن ئېلىندى 
 




ھالقىلىق سۆزلەر : ئەسەر، باھا، قانلىق ئىز


بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
------分隔线----------------------------

ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار