«ئاپئاق ئېچىلغان سۆگەت گۈلى »: ئەنئەنە ۋە ئەپسانىگە قايتىش

يوللانغان ۋاقتى:11-06-2011   مەنبە: تارىم 2001-12-سان   مۇھەررىر: {dede:adminname /}   كۆرۈلۈشى: قېتىم   ئىنكاس: 2 پارچە
مۇھەممەت باغراش يېڭى دەۋر ئۇيغۇر پىروزىسىدا سېھرىي رېئالىزىملىق ئىجادىيەت ئۇسۇلىنى بۇرۇن قوللانغان ۋە مەلۇم نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن

 

 
ئاپتورى: ئابدۇسالام شۈكۈر نۇھ
 
 
  مۇھەممەت باغراش يېڭى دەۋر ئۇيغۇر پىروزىسىدا سېھرىي رېئالىزىملىق ئىجادىيەت ئۇسۇلىنى بۇرۇن قوللانغان ۋە مەلۇم نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن يازغۇچى. ئۇنىڭ «مەن ئۆلگەن ئادەمنىڭ قارىچۇقىدا قېتىپ قالغان سۈرەت» ناملىق پوۋىسىتى سېھرىي رېئالىزىمنىڭ ئىجادىيەت ئۇسۇلىنى قۇبۇل قىلىش يولىدىكى بىر قېتىملىق ئىزدىنىش بولدى.لىكىن پوۋىسىت قۇرۇلمىسىنىڭ كېلەڭسىزلىكى،ئىدىيىۋى مەزمۇندىكى چېچىلاڭغۇلۇڭ، سىمىۋول،بىشارەت ئوخشىتىش قاتارلىق ۋاستىلەرنىڭ ھەددىدىن زىيادە ئاشۇرىۋېتىلگەنلىكى بۇ پوۋېسىتنىڭ بەدىئىي تەسىرلەندۈرۈش كۈچىگە مەلۇم دەرىجىدە نوقسان يەتكۈزدى. «كەلكۈن»پوۋېسىتى،«تۆت قۇلات»،«ئاپئاق ئېچىلغان سۆگەت گۈلى»،«قۇياش ۋە بالا »ھېكايىلىرى يازغۇچىنىڭ بۇ نوقتىدا داۋاملىق ئىزدىنىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
 
1.ئەپسانە بىلەن رېئاللىق ئوتتۇرىسىدا
 
 «ئاپئاق ئېچىلغان سۆگەت گۈلى» مەلۇم نوقتىدىن رېئاللىقىمىزدا يارىتىلغان ئەپسانىدۇر. بۇنداق دىيىشىمىزدىكى سەۋەپ، يازغۇچى «ئاپئاق ئېچىلغان سۆگەت گۈلى » ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋى ئالىمى،ئىستىتىك ئېڭى،ھايات، تۇرمۇش قاراشلىرىنى ئەپسانە تۈسىدە يۇرۇتۇپ بەرگەن.چۈنچىباي ئائىلىسى تىپىك ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنىڭ بىرى. چۈنچىباينىڭ قۇمۇش بىلەن قاشالانغان، ھېلىلا ئۆرۈلۈپ چۈشىدىغاندەك كۆرۈنىدىغان كېسەك تاملىق ئەسكى ئۆيى ئايالى بىلەن ئوغلى قۇشۇلۇپ ئادەتتىكى بىر ئائىلە سۈپىتىدە كۆز ئالدىمىزدا گەۋدىلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئائىلە چۈشەنچىسىدە ئۇ بۇ ئائىلىنىڭ تۈۋرۈكى. ئائىلىدە ئانا ۋە بالا پۈتۈنلەي ئۇنىڭغا بېقىنىشى ئۇنى مەركەزقىلىپ ئايلىنىدىغان بۇلۇشى كېرەك، ئەڭ مۇھىمى ئەتىدىن كەچكىچە پۈتۈن ئائىلە ئەزالىرىنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ تۇرمۇشنىڭ كاپالىتى ئۈچۈن تىنماي ئىشلەش، پۇل تېپىش كېرەك. پۇللا ھاياتنىڭ خوشاللىقى ۋە تۇرمۇشنىڭ لەززىتى.
چۈنچىباينىڭ ئايالى مايسىخان ھاياتنى قىزغىن سۆيىدىغان، ئۆزىگە چۈشلۇق ئارزۇ- ئارمانغا ئىگە بىر ئايال ئىدى، لىكىن تۇرمۇشنىڭ ئېغىرچىلىقى ئۇنىڭ ئارزۇ –ئارمانلىرىنى يوققا چىقاردى، شۈكۈر- قانائەت ئۇنىڭ روھىنى ئىگىلىدى، ئۇ بالا تۇغۇش ئارقىلىق باشقا ئارزۇ- ئارمانلارنى كۆمۈپ تاشلىماقچى بولدى. ئانا بولۇش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئائىلىدىن ئىبارەت كىچىك جەمىيەتتىكى ئورنىنى مۇستەھكەملەش، ئاندىن چوڭ جەمىئيەتتىكى ئۇرنىنى مۇستەھكەملەش ۋە تۇرمۇشتىكى باشقا ئارزۇ- ئارمارنلارنى ئىشقا ئاشۇرۇش، مىڭلىغان يىللار داۋامىدا ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئېڭىدا ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرۇپ كەلگەن ئەنئەنىۋى قاراشتۇر. مايسىخان تۇغماس ئايال، ئۇنىڭ پەرزەنىت كۆرۈش يولىدا ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرى ئۇنىڭ «ئاپئاق ئېچىلغان سۆگەت گۈلى » ھېكايىسىگە ئەپسانىۋى تۈس بەرگەن. غايىپتىن پەرزەنىت تىلەش، غايىپتىن ھامىلدار بولۇش، سۆگەت گۈلىنىڭ ئاپئاق ئېچىلىشى قاتارلىقلار ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىتقاد ۋە ئۆرىپ-ئادىتىگە يىلتىز تاتقان سىرلىق ئاڭ ئىپادىلىرىگە خاس ھادىسىلەردۇر.
 باشقا رەڭدە ئېچىلىۋاتقان گۈلنىڭ بىردىنلا ئاق رەڭدە ئېچىلىپ كىتىشى ياخشىلىقتىن دېرەك بەرمەيدۇ، دىگەن قاراش بار. مايسىخان پەرۋىش قىلغان سۆگەت گۈلىنىڭ بىر كېچىدىلا خۇددى سۈف كۆچلىگەندەك ئاق ئېچىلىپ كېتىشى ئۇلارنى ۋەھىمىگە سالىدۇ. ئانىنىڭ ئەڭ ئالدى بىلەن خىيالىغا كەلەىنى ئارزۇلۇق يالغۇز ئوغىلى بولىدۇ. ئۇ ئادىراسماننى بەل كەتمەنگە سېلىپ، چوغ قويۇپ، ئوغلى ئۈچۈن ئىسىرىق سالىدۇ.
 ھېكايىدە ئاپتور سېھرىي رېئالىزىملىق ئىجادىيەت ئۇسۇلىنىڭ ھېكايە ئىچىدىن ھېكايە چىقىدىغان قاپلانما قۇرۇلما شەكلىنى قوللىنىپ ، ئاتىللانىڭ تۇغۇلۇش، ئۆلۈش جەريانىنى تەسۋىرلەيدۇ. ھېكايە ئۈچ كىچىك بۆلەكتىن تەركىپ تاپقان. بىرىنچى بۆلەك ئائىلە ئەزالىرىنىڭ قىسقىچە تۇنۇشتۇرۇلۇشى ۋە سۆگەت گۈلىنىڭ ئاپئاق ئېچىلىپ كېتىشى بىلەن پەيدا بولغان ۋەھىمە بولۇپ، بۇ چاغدا ئاتىللا ئاللىقاچان 8-9ياشلارغا كىرىپ بولغان ئىدى. ئىككىنچى بۆلەكتە ، ئاتىللانىڭ غەيرى نورمال ھالەتتە تۇغۇلۇشى ئالدى بىلەن بايان قىلىنىدۇ. بىز ئاتىللانىڭ تۇغۇلۇش ۋاقتىدىكى ھالىتىدىن ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلق ئەپسانە –رىۋايەتلىرىدىكى قەھرىمانلارنىڭ تۇغۇلۇش ھالىتى بىلەن تامامەن ئوخشاشلىق بارلىقىنى ھىس قىلىمىز. بوۋاقنىڭ تۇغۇلۇشى، ئۇنىڭ رەڭگى –ئۆڭى، ھالىتى پۈتۈنلەي باشقىچە بولۇپ، نورمال بوۋاقلارغا ئوخشىمايدۇ. ئۇ تۇغۇلۇشى بىلەن يىغلىمايدۇ، لىكىن قوللىرىنى سوزۇپ نىمىنىدۇر بىر نەرسىنى تۇتماقچى بولغاندەك قىلىدۇ. ئاتىللا تۇغۇلغاندىن كىيىن ئاندىن ئانىنىڭ بالىغا ھامىلدار بولۇش جەريانى سۆزلىنىدۇ. ھېكايە مۇرەككەپ،كۆپ ئۆزگىرىشلىك قۇرۇلمىغا ئىگە بولۇپ، «سۇبىكتىپ ۋاقىت تەرتىپى »ھاسىل قىلىنغان.
ئاتىللانىڭ تۇغۇلغاندىن كېيىنكى ھالىتى غەيرىي بولۇپلا قالماي، مايسىخاننىڭ ئۇنىڭغا ھامىلدار بولۇشىمۇ سىرلىق ۋە ئەپسانىۋى تۈسكە ئىگە قىلىنغان. ئانا ئۆزىنىڭ تۇغماسلىقىدىن قاتتىق ئازابلىنىپ، غايىۋى كۈچكە سېغىنىدۇ. ئۇ تاڭ سەھەردە ئاللانىڭ مۇقەددەس ئۆيى دەپ تەرىپلىنىدىغان مەسچىتكە بارىدۇ. لىكىن ئادەملەر كۆڭلىنى پاكىزلاپ،ئۇلۇغلىققا تېۋىنىدىغان مۇشۇ جايدا جاينامازلارنىڭ پاكىز بولماسلىقى ئۇنىڭ رايىنى قايتۇرىدۇ. ئانا چوقۇم پاكىز جاي تېپىشى كېرەك، شۇندىلا ئۇنىڭ تىلىكى ئىجاۋەت بولۇشى مۇمكىن. ئانا قەدىمكى قەلئە خارابىسىگە كېلىدۇ. «مانا بۇ يەرگە ئۇنىڭ ئاتا –ئانىسنىڭ كۆمۈلگەن. بۇ يەر شۇنچىلىك پاكىز، شۇنچە ئۇلۇغ. ئانا شۇ يەردە خارابە توپىسىدا تەيەممۇم قىلىپ نامازغا تىز چۆكتى. خارابىنىڭ ئىسسىق ۋە تازا توپىسى ئانىغا ماغدۇر بەردى، ئانا ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۆزىنىڭ ھامىلدار بولۇپ قالغانلىقىنى ھىس قىلدى. مانا بۇ ئەپسانە- رىۋايەتلەردە ئۇچرايدىغان ۋەقەلىك.
 ئاتىللانىڭ غەيرى نورمال تۇغۇلۇشى بىزنى قانچىلىك ئەپسانىۋى دۇنيا ئىچىگە ئېلىپ كىرسە، ئۇنىڭ بەدەن قۇرۇلۇشى، ھەرىكەتلىرى بۇ ئەپسانىۋى تۈسنى تېخىمۇ قويۇقلاشتۇرىدۇ. ئاتىللا غەلىتە مىجەزلىك بولۇپ ئۆسىدۇ. ئۇنىڭ بىردىنبىر ئەرمىكى تاش داڭگاللارنى يىغىپ ، ھەرخىل شەكىلدىكى نەرسىلەرنى تىزىش ۋە سىزىش بولىدۇ. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئىمارەتكە، بەزىلىرى چوققىغا، بەزىلىرى ماشىنىغا ئوخشاپ قالىدۇ. لېكىن ئاتىللا بۇنداق نەرسىلەرنى زادىلا كۆرۈپ باقمىغان ئىدى. ئۇ بۇ ئىشلارنى ئۆمىلىگۈدەك بولغاندىلا قىلالايدىغان بولغان ئىدى. ئۇ مەكتەپ يېشىغا توشۇپ مەكتەپكە بارغاندىن كېيىن تېخىمۇ مۇرەككەپ نەرسىلەرنى سىزىدىغان بولۇپ كېتىدۇ. ئۇ داۋاملىق قۇياشقا قاراپ ئولتۇرىدۇ. ئۇ خۇددى ئۆزى ياشاۋاتقان دۇنيانىڭ ئادىمى ئەمەس، بەلكى ئاشۇ ئوت شارىنىڭ ئادىمىدەك كۆرۈنىدۇ.
 ھېكايە مانا مۇشۇنداق ئەپسانىۋى، خىيالى مۇھىت ئارىلىشىپ كەتكەن دىتاللار ئارقىلىق راۋاجلىنىدۇ، ئەگەر بىز چۈنچىباي ئائىلىسىنى رېئاللىقتىكى مىڭلىغان ئادەمگە ئوخشاش ھاياتلىق ئۈچۈن تىرىشىپ –تىرمىشىپ ئىشلەۋاتقان كۆرۈنۈشلەردىن ئايرىپ قارايدىغان بولساق، بىز بۇ ھېكايىنى پۈتۈنلەي ئەپسانە دەپ قارىغان بولاتتۇق. مۇشۇنداق ئەپسانىۋى دىتاللار ۋاستىسى ئارقىلىقمۇ رېئاللىقنى چوڭقۇر ئىپادىلەشتە ئەڭ مۇھىم ئاساس ھېكايىدىكى چۈنچىباي بىلەن ئاتىللا ئوتتۇرىسىدىكى كەسكىن زىددىيەتتۇر . ئاپتۇر مۇشۇ نوقتىدىن فىئوداللىق ئائىلە باشلىقلىق، ئەرلىك ھوقۇقىغا بولغان ئىنكارچىلىق پوزىتسىيىسىنى ئىپادىلەيدۇ، چۈنچىباي ۋەكىللىك قىلىۋاتقان كونا ،قالاق ئادەك كۈچلىرىنى ۋە قاراشلارنى كەسكىن سۆكىدۇ. مانا بۇ ئەسەرنىڭ ئاكتىپ مەزمۇن كۈچىدۇر.
ئاتىللا گەرچە كىچىك بىر بالا بولسىمۇ، ئۇنىڭ پۈتۈن ھەرىكىتىدە ئاتىسىغا بولغان نارازىلىق، ئىسىيانكارلىق ئىپادىلىنىپ تۇرىدۇ. بۇ ئاتا بىلەن بالا ئوتتۇرىسىدىكى ھۆكۈمرانلىق قىلىش بىلەن ئىسىيانكارلىق ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت بۇلۇپ شەكىللىنىدۇ، بۇ گەرچە ئائىلە تەشكىلىدىكى كىچىككىنە توقۇنۇش بولسىمۇ، بىز بۇ يەردە چوڭقۇر بىر بىشارەتنى، يەنى بىر ئەۋلاد بىلەن يەنە بىر ئەۋلاد ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت ھەم توقۇنۇشنى بىلەلەيمىز. تورگىنىفنىڭ «ئاتا ۋە بالا »، باجىننىڭ «ئائىلە»، ساۋيۈنىڭ «گۈلدۈرماما» قاتارلىق ئەسەرلىرىدىنمۇ بۇ نوقتىنى ھىس قىلالايمىز.
 ئاتىنىڭ جەمىيەتتىكى سالاھىتى ۋە ھوقۇقى ئۇنى ئائىلە شەكلىدىكى ھۆكۈمرانغا ئايلاندۇرۇپ، ئۇنىڭ ئائىلىنىڭ يەنە بىر ئەزاسى –بالا ئۈستىدىن ھۈكۈمرانلىق قىلىشىغا يول قويىدۇ.
فرېئودنىڭ قارىشىچە، ئاتا –بالا ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش ھامان بالىنىڭ مەغلۇبىيىتى بىلەن تۈگەللىنىدۇ. بالا ئاتا تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلۇپ، ئاتىنى دوراپ چوڭ بولۇشقا باشلايدۇ.
«ئاپئاق ئېچىلغان سۆگەت گۈلى » ھېكايىسىدە چۈنچىباي ئاتىللانىڭ ئالاھىدە خاسىيىتىنى بىلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ پۇل تېپىشقا باشلايدۇ. ئاتىللا بۇنىڭغا نارازى بولسىمۇ، لېكىن مەغلۇبىيەتكە ئۇچرايدۇ. ئۇ مەكتەپكە بارالمايدۇ. ھەرخىل مۇرەككەپ نەرسىلەرنى سىزىپ، جىجاپ، ئۆزىنىڭ باشقىلاردىن ئۆزگىچە ئۆسۈش، پىكىر قىلىش مۇھىتىغا ئېرىشەلمەيدۇ. سۆگەت گۈلىنىڭ ئاپئاق ئېچىلىپ كىتىشى بىلەن بىشارەت بېرىلگەن تراگېدىيە مانا شۇنىڭ بىلەن يۈز بېرىدۇ. ھېكايىنىڭ ئۈچىنچى بۆلىكىدە ئاتتىللانىڭ ئاتا ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا ئۆز خاھىشىدىن ئايرىلغاندىن كېيىنكى ھالەتلىرى يېزىلغان بولۇپ، ئۇ كاۋاپ ساتىدىغان بولغاندىن كېيىن، كېچىسى جۆيلۈپ، قىزىپ چىقىدىغان بولۇپ قالىدۇ، ئۇ پەقەت تاڭغا يېقىن ئوڭلىنىپ قالغاندەك بولىدۇ. ئەمما چۈنچىباي بۇ كۈنلەردە ناھايىتى روھلىنىپ كېتىدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ ئائىلىدىكى ھۈكۈمرانلىقى پۈتۈنلەي ئەمەلگە ئاشقان، شۇنداقلا پۇل تېپىشتىن ئىبارەت ئارزۇسىمۇ قانغان ئىدى. بۇنىڭ بىلەن تىراگېدىيە ئاخىر يۈز بېرىدۇ. ئاتىللا كوچىدىلا ئۆلۈپ قالىدۇ. خۇددى بىر كىم خەۋەر بەرگەندەك كوچىنىڭ ئۇ يېقىدىن مايسىخان ھازا ئېچىپ چىقىدۇ. ئاتىللانىڭ ئارقىسىدىن ئانىسىنىڭمۇ ئۆلۈشى ئەسەرنىڭ تىراگېدىيىلىك ئۈنۈمىنى تېخىمۇ كۈچەيىتكەن. چۈنچىباينىڭ كوچىدا خارلىنىپ ساراڭغا ئايلىنىشى ھېكايىدىكى سېھرىي رېئالىزىملىق ئاممىللانى رېئاللىق بىلەن يانداشتۇرغان.
سىمىۋول، ئوخشىتىش، بىشارەت قاتارلىقلار سېھرىي رىئالىزىمنىڭ ئاساسلىق ئىپادىلەش ۋاستىلىرىدۇر. بۇ خىل ئىجادىيەت ئۇسۇلىدا رېئاللىق بىلەن خىيال يۇغۇرۇلۇپ كېتىدۇ. ئەپسانە، رىۋايەت، چۆچەكلەرگە خاس ئالاھىدىلىك قويۇق بولىدۇ.
«ئاپئاق ئېچىلغان سۆگەت گۈلى » دە ئىپتىدائىي ئېتىقاد ۋە ئۆرپ –ئادەتكە ياتىدىغان نۇرغۇن نەرسىلەرنىڭ بارلىقىنى كۆرىمىز . يازغۇچى بۇ بەرسىلەرنى ئاددىيلا تەسۋىرلەپ قويمىغان، بەلكى بۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئاكتىپ ئىجتىمائىي قاراشلىرىنى تەبىئىي يۇرۇتۇپ بەرگەن.
يازغۇچى خەلىقنىڭ ئېڭىدا چوڭقۇر يىلتىز تاتقان ئۆرپ- ئادەت خاراكتېرلىك نەرسىلەرگە ناھايىتى كۆڭۈل بۆلگەن. ئۇلاردىن پايدىلىنىشقا، ئۇلارنى ئىپادىلەشكە كۆپ ئەجىر سىڭدۈرگەن. بۇنداق ئۆرپ- ئادەت روھىنى تەسۋىرلەش يازغۇچىدىن رېئاللىق بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان ھادىسىلەرنى تەسۋىرلەپ قويۇشنىلا ئەمەس، بەلكى بۇ ھادىسىلەرنىڭ پەيدا بولۇشىدىكى ھەرخىل مەنىۋى ئۆزگىرىشلەرنىمۇ يېزىشنى تەلەپ قىلىدۇ.
چۈنچىباي ۋە مايسىخان خارەكتىرىدە ئىپادىلەنگەن ئائىلە، ھايات ۋە تۇرمۇش قارىشى، ئۇلاردىكى ئىنتىلىش ۋە شۈكۈر قانائەتچانلىق پىسخىكىسى، ئائىلە ۋە بازارنى مەركەز قىغان تىرىكچىلىك ئېڭى، ھايات ۋە دۇنيا ھەققىدىكى چۈشەنچە، ئۇلارنىڭ مەنىۋىيىتى ۋە ئىش ھەرىكىتىدە ئېنىق ئىپادىلىنىپ تۇرغان كرىزىس ۋەھاكازالارنىڭ ھەممىسى ئەسەردە ناھايىتى ئېنىق بولغان تۇرمۇش كۆرۈنۈشلىرى، مىللىي تۇرمۇش ئادەتلىرى ئارقىلىق ئوبرازلىق ئەكس ئەتكەن.
ئەسەردە ئانا پەرزەنىت تىلىمەكچى بولۇپ، مەسچىتكە بارىدۇ. بۇ يەردە تېۋىنغۇچىلارنىڭ ئاستىدىكى جاينامازلارنىڭ مەينەتلىكى ئانىنى دەرھال بۇ يەردىن كىتىشكە ئۈندەيدۇ. بۇ بىر بىشارەتلىك ئورۇنلاشتۇرۇش، كىشلەرنىڭ قۇدرەتلىك كۈچكە سېغىنىشى، خاتىرجەملىك ۋە ئاسايىشلىققا ئېرىشىش ۋە روھى جەھەتتە ھىمايىگە ئېرىشىش ئۈچۈندۇر. جايناماز بۇ يەردە ئاشۇ خىل تىۋىنىشنى شەرەتلەپ بېرىدىغان ماس ماددا، لېكىن ئۇنىڭ ۋاستە دەپ قارىلىپ، ئىتىبارغا ئېلىنماسلىقى، كىشلەرنىڭ سەمىمىيىتىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ئىكەنلىكىنى كۆرسەتمەمدۇ؟
مايسىخان ھامىلدار بولۇش ئۈچۈن تېۋىنماق بولۇپ پاكىز جاي ئىزدەيدۇ. بۇ ئەمەلىيەتتە ئىتقاد ئىزدەش، روھى پاكلىقنى ئىزدەش بولۇپ ،بۇ دېتاللار ئەسەرنى قويۇق مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە قىلىپلا قالماي، پىرسۇناژلار ئوبرازىنىڭ خاسلىقىنىمۇ كۈچەيىتكەن.
مازار ئەجدادلار كۆمۈلگەن جاي. مايسىخاننىڭ ئەجدادلار روھىدىن مەدەت ئېلىپ ھامىلدار بولۇشى كىشلەرنىڭ ئۆزى ياشاۋاتقان رېئاللىقتىن چىقىش يولى تاپالماي گاگگىراپ قالغانلىقى، يەنى روھى تەڭپۇڭسىزلىقى بولۇپ، بۇ ھال ئۇلارنىڭ مەنىۋى ئاجىزلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
ئەسەردىكى چۈنچىباي كونىلىقنىڭ، قالاقلىقنىڭ ۋەكىلى. شۇڭا ئۇ ئاتىللانىڭ ھەرىكىتىنى توسىدۇ، ئۇنى چۈشەنمەيدۇ. چۈنچىباي بىلەن ئاتىللا ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش ئەنئەنىدىكى ئىلغار تەركىبلەر بىلەن قالاق، قاششاقلىق ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشتۇر .
ئاتىللانىڭ ھەرىكەتلىرى پۈتۈنلەي سىمىۋوللاشتۇرۇلغان. ئۇ ئائىلە ۋە بازاردىن ئىبارەت بۇ تار مۇھىتنى ئەمەس، بەلكى سەييارە بىلەن يۇلتۇزلار ئوتتۇرىسىدىكى باغلىنىشنى چۈشۈنۈشنى خالايدۇ. يەر شارى خارەكتىرلىك مەدەنىيەت ئويغىنىشىنى ئىزدەيدۇ. قۇياش سېخى نۇرلىرى بىلەن يۇرۇتقىنىغا ئوخشاش، ئۇ كىشلەرنىڭ قەلبىدىكى كىرلارنى يۇيۇپ چىقىرىۋېتىشنى ئويلايدۇ. بۇ سىمىۋوللۇق ئوبراز ئۆزىگە سىڭدۈرگەن مەزمۇن ئارقىلىق كونا ئادەت كۈچلىرىگە تايىنىپ يېڭىلىق بىلەن قارشىلىشىدىغان جاھىللارنى مۇنداق ئاگاھلاندۇرىدۇ: جەمىئيەت تەرەققىياتىنىڭ قەدىمى رىقابەتتە يىڭىلگۈچىلەرنى شاللاپ ئالغا ئىلگىرلەيدۇ. تەرەققىيات ھەمىشە ئۆزىنى تۇنۇغان، ئۆزىنى ھەمىشە يېڭىلاپ تۇرىدىغان، يىراقنى كۆرەلەيدىغان غالىپلارغا مەنسۇپ.
 
2. ئوغۇزخان ئوبرازىدىن ئاتىللا تىراگىدىيىسىگىچە
 
 تۆۋەندە سېلىشتۇرما ئەدەبىيات تەتقىقاتىدىكى ئاساسى تىما –موتىف تەتقىقاتىنىڭ پېرسۇناژلار مۇتىفى تەتقىقاتى[1] دىن پايدىلىنىپ، ئوغۇزخان ئوبرازى ئارقىلىق ئاتىللانىڭ تىراگېدىيىسى ئۈستىدە تەھلىل يۈرگۈزىمىز.
 ئوغۇزخان بىلەن ئاتىللانى ناھايىتى ئۇزۇن ماكان ۋە زامان ئايرىپ تۇرىدۇ. ئەڭ ئالدى بىلەن ئۇلار ئوخشىمىغان جەمىئيەتكە مەنسۇپ. مۇھىمى ئۇلارنىڭ خاراكتېرى ۋە پىسخىكىسىغا ئۆز دەۋرىنىڭ تامغىسى بېسىلغان. ئۇلارنىڭ روھىمۇ ئوبىكتىپ دەۋرنىڭ روھىدۇر.شۇڭا بۇ ئىككى مۇتىفنى پىسخىك نوقتىدىن چۈشەندۈرۈش ئەڭ ياخشى تەتقىقات يولىدۇر.
خەنزۇ ئەدەبىياتىدا « ئەقىل_پاراسەت موتىفى » جۇگېلىياڭ، « ئاشىقلارنى مۇراد مەقسىتىگە يەتكۈزگىچى موتىف » خوڭ نىياڭ قاتارلىقلار بار. قە دىمكى ئۇيغۇر ئىپوسىدىكى ئوغۇزخاننى بىز ئىشەنچ ۋە غەلبە موتىفى دەپ ئپيتىيالايمىز. ئوغۇزخان ئەپسانىۋى شەخىس. ئۇنىڭ ئوبرازى بىر خىل غايە، بىر خىل ئتىقاد، بىر خىل چوقۇنۇش ۋە بىر خىل دۇنيا قاراشنى ئاساس قىلغان. ئەڭ ئالدى بىلەن جەمىئىيەت ۋە تەبىئەت، ئوبىكتىپ زامان ۋە ماكان ئوغۇزخاننىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنىڭ ۋە غەلبە قىلىش پىسخىكىسىنىڭ شەكىللىنىشىدە مۇھىم رول ئوينىغان.
ئۇيغۇر مىللىتى ئەڭ دەسلەپ يايلاق قوغلىشىپ ياشايدىغان يايلاق مىللىتى ئىدى. « ئوغۇزنامە» ئۇيغۇرلارنىڭ مانا مۇشۇ دەۋىرلەردە مەيدانغا كەلگەن ئىپوسى. لېكىن، بىز شۇنداق پاكىتنى ئىتىراپ قىلىشىمىز كپرەككى، ئپغىز ئەدەبىياتى ئەسەرلىرى ئەسىرلەر داۋامىدا تەكرار پىششىقلىنىش ۋە ئۆزگىرىش جەريانلىرنى باشتىن كەچۈرىدۇ. « ئوغۇزنامە» ئەڭ دەسلەپ 13 ـ ئەسىردە قۇليازما ھالىتىگە كەلگەن ۋاقىتتا، ئۇيغۇر مىللىتى ئاللىقاچان تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇب ۋە شىمالىغا كۆچكەن ۋە قۇملۇق ئارىسىدىكى بوستانلىقلارنى مەركەز قىلىپ ئولتۇراقلىشىپ، دپھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىشقا باشلىغان ئىدى. بۇ ئۇيغۇر مىللىتىنى قۇملۇقنىڭ شىمالىدىكى باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەردىن پەرقلەندۈرىدىغان مۇھىم بىر ئالاھىدىلىك بۇلۇپ قالغان ئىدى. ئوغۇزخان پىسخىكىسىدا مانا مۇشۇ دەۋىردىكى ئۇيغۇر مىللىتىنڭ ئۇمۇمىي خارەكتىرى خاسلىققا ئىگە قىلىنغان. بىز ئوغۇزخان ئوبرازىدا ئىپادىلەنگەن ئىشەنچ ۋە غەلبە موتىفىنڭ پەيدا بۇلۇش تارىخي ئارقا كۆرۈنىشىنى تۆۋەندىكىدەك ئامىللارغا باغلايمىز:
بىرىنچى، ئىجدىمائىي ۋە تەبىئىي مۇھىتنىڭ تەسىرى
 
مىلادى 840 - يىلدىن ئىلگىرى،يەنى ئۇيغۇرلار غەرپكە كۆچۈشتىن ئىلگىرى تىپىك يايلاق مىللىتى ئىدى. يايلاقتىكى كۆچمەن چارۋىچى مىللەتلەر ئارىسىدا كەسكىن ئىجتىمائىي كۆرەشلەر ئېلىپ بېرىلىپلا قالماستىن، بەلكى دەھشەتلىك تەبىئەت كۈچلىرى بىلەنمۇ جىددىي كۆرەش ئپلىپ بېرىلاتتى. ھەر خىل تەبىئىي ئاپەتلەر بىلەن كۆرەش قىلىش، ئوت-چۆپ، سۇ قوغلىشىپ تىنماي كۆچۈپ يۈرۈش نەتىجىسىدە ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىدە كۈرەشچان، قەيسەر، باتۇر، قۇرۇقماس، پىداكار خارەكتىرنى يىتىلدۈردى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئازادە يايلاق تۇرمۇشى، ئات ئإستىدىكى قىزغىن ھايات، ۈزۇمرەت ئاسمان، يپشىل ئوت-چۆپلەر، ھەيۋەتلىك ھەم خەتەرلىك تاغ جىلغىلار، دھشەتلىك بوران، قار_مۇز قاپلىغان دالا ئۇيغۇرلارنى ئوراپ تۇرغان كونكېرت ماكان شارائىتى بۇلۇپ، بۇ خىل مۇھىتنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئاق كۆڭۈل، كەڭ قورساق، مەردانە، ساددا، ئۇيۇشقاق، چۇس، خۇش چاقچاق، ئۈمىدۋار مىجەز - خۇلقىنىڭ شەكىللىنىشىگە ئوبىكتىپ تەسىر كۆرسەتكەن ئىدى.
ئوغۇزخان ۋۇجۇدىدا يايلاق مىللەتلىرىنىڭ، جۈملىدىن ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئەنە شۇنداق مىللىي خارەكتىرى روشەن مۇجەسسەملەشكەن. ئۇنىڭ ئاجايىپ قورقۇمسىزلىقى، باتۇرلىقى، ئەل-يۇرتنى بىر بايراق ئاستىغا ئۇيۇشتۇرۇپ، بەخىت-سائادەت، ئاسايىشلىق يارتىش يولىدىكى كۈرەشلىرى، خەلىقنى يېتەكلەشتىكى ئەقىل پاراسىتى قاتارلىقلار ئۇنىڭ بىر پۈتۈن ئۇيغۇر روھىنىڭ غەلبە ۋە ئشەنچ تۈۋرىكى بۇلۇش ئورنىنى بەلگىلىگەن. مۇنداقچە ئپيتقاندا، ئۇ بىر قەدىمىي مىللەتنىڭ قەدىمىي روھى، مىللي غۇرۇرى ۋە ئىپتىخارىنىڭ سىمىۋولى ئىدى.
 
ئىككىنىچى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تەبىئەت ئۈستىدىن غەلبە قىلىش كۈچىنىڭ ئاشقانلىقى
 
ئىنسانلار ئۆزىنىڭ بالىلىق دەۋرىدە تەبىئەتنىڭ ھۇجۇمىغا ئۆزلۈكسىز ئۇچراپ تۇراتتى. تەبىئەت ھادىسىلىرى ئۇلار ئۈچۈن سىرلىق، قورقۇنۇچلۇق تۇيۇلاتتى. ئۇزۇن مۇددەتلىك تەجىربىلەر ئارقىلق ئىنسانلار دەسلەپكى قەدەمدە تەبىئەت ھادىسىلىرىنى چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئپرىشتى، ئوتتىن پايدىلنىشنى بىلىش، ياۋايى ھايۋانلارنى كۆندۈرۈپ ئۇنىڭدىن پايدىلنىش، يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا تۆمۈر تاۋلاپ، قورال ياساشنى ئۆگۈنىشنى ئىنسانلارنىڭ تەبىئەت ئإستىدىن قىلغان بىر غەلبىسى دىيىشكە بولىدۇ. ئوغۇزنامە داستانىدا ئۇچرايدىغان:
15.ئۇ يىللىقلارغا قارايتتى،
16.ئاتلارغا مىنەتتى، ئوۋ ئوۋىلايتتى.
45.قىئات بوغا يېدى، ئېيىق يىدى، ئۇ گەرچە تۆمۈردەك قاتتىق
46.بولسىمۇ نەيزەم ئاخىرى ئۇنى ئۆلتۈردى.
47.شۇڭقار قىئاتنى يېدى، ئۇ گەرچە شامالدەك تېز بولسىمۇ،
48.ئوقيايىم ئاخىر ئۇنى ئۆلتۈردى.
100.تۆمۈر نەيزىلەر بولسۇن ئورمان،[2]
قاتارلىق مەزمۇنلار « ئوغۇزنامە» ئىپوسى مەيدانغا كەلگەن زاماننىڭ ئاللىقاچان ئىنسانلارنىڭ تەبىئەت ھادىسىلىرىدىن گاڭگىراش ۋە قورقۇش ھالىتىدىكى باسقۇچى ئەمەس، بەلكى ئوۋچىلىق شۇنداقلا تۆمۈر تاۋلاشنى ئاساس قىلغان ئىشلەپچىقىرىش ئىگىلىكىگە ئۆتكەن دەۋرى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇيغۇرلار تۆمۈر تاۋلاشنى بىلگەن چاغلاردا يەنە كىگىز بېسىش، كۆن ئىشلەش، يىمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىق قول ھۈنەرۋەنچىلىك زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان ئىدى. « كىگىز بپسىش، كۆن ئىشلەش قاتارلىقلار ئىنتايىن ئاددىي قول ھإنەرۋەنچىلىكى بۇلۇپ، ھەر قانداق ئائىلە مۇستەقىل ئورۇندىيالايتتى.»
 
ئۈچىنىچى، ئانىلىق ئۇرۇقداشلىق جەمئىيىتنڭ تىكلىنىشى، خۇسۇسى ئىگىلىك ۋە دەسلەپكى قەدەمدىكى دۆلەت ئاپپاراتلىرىنىڭ شەكىللىنىشى
 
« ئوغۇزنامە» تەتقىقاتچىلىردىن بىرى بولغان شىرباخ ئەپەندىنىڭ پىكىرىچە، قەدىمكى ئۇيغۇرلاردىمۇ ھازىرقى ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش ئاياللارنىڭ ئىسمىنىڭ كەينىگە خان قوشۇش ئادىتى بار ئىدى. [3]  بۇ نوقتا قەدىمكى ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ خېلى يۇقىرى ئورۇنغا ئىكەنلىكىنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ، شۇنداقلا بۇ ئانىلىق جامەدىن ئاتىلىق جامەگە ئۆتۈشتىكى ئىجدىمائىي باسقۇچىنىڭ قالدۇقى ھىسابلىنىدۇ.
ئاتىلىق جامەگە ئۆتكەندىن كېيىن، ئەرلەر فىزولوگىيىلىك ئارتۇقچىلىقنى جارى قىلدۇرۇپ، جەمئىيەتتە مەلۇم دەرىجىدىكى ئېشىنچا مەھسۇلاتلارنى بارلىققا كەلتۈردى. بۇ خۇسۇسىي مۈلىكنىڭ پەيدا بولىشى ۋە ئىجدىمائىي تەبىقىلەرنىڭ ئايرىلىشنى تىزلىتىپ، دەسلەپكى قەدەمدە دۆلەت ئاپپاراتلىرنى بارلىققا كەلتۈردى.
ئوغۇزخاننىڭ بىر ئۇرۇق ياكى قەبىلىنىڭ باشلىقى بۇلۇش سالاھىىيىتى ئۇنىڭ كەڭ ئىمتىيازلارغا ئىگە ئىكەنلىكنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ جەمئىيەتنىڭ ئىتىراپ قىلىشىغا ئىرىشكەن قەھرىمان بۇلۇش سۈپىتى بىلەن قەھرىمانلادا بۇلۇشقا تىگىشلىك جىسمانىي جەھەتتىكى ئارتۇقچىلىق ۋە ئەقلىي جەھەتتىكى ئۈستۈنلىككە ئىگە ئىدى. بۇ خىل قابىلىيەت جەمئىيەت تەشكىلىدە ئۇنى ھۆكۈمران ئورۇنغا چىقارغان بۇلۇپ، ئۇ يەككە ھالدا قەبىلە ۋە ئۇرۇق ئىشلرىغا ھۆكۈم چىقىرالايتتى. ئۇ كونا قائىدىلەرنى ئۆزگەرتىشكە، يپڭى قائىدە- نىزاملارنى تىكلەشكە مۇۋەپپەق بولالىدى. بۇ خىل ئىجدىمائىي تەشكىلات- قەبىلىلەر ئىتىپاقى قۇرۇشىغا، تپخىمۇ ئىمتىيازلىق خاقان بولىشىغا ئاساس سالغان.
تۈركىي تىللىق خەلىقلەر ئۇزاق ئەسىرلىك تارىخي تەرەققىيات جەريانىدا ئورتاق تېرىتورىيدە ياشىقانلىقى، ئورتاق ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرۇمۇش ئۇسۇلىغا ئىگە بولغانلىقى، ئېتنىك كىلىپ چىقىشى جەھەتتىن ئورتاق مەنبەگە تۇتىشىدىغانلىقى، تىل تۇغقانچىلىقىغا ئىگە ئىكەنلىكى ھەمدە ئورتاق مەدەنىيەت چەمبىرىكى ئىچىدە ئوخشىمىغان دىنلارنىڭ تەسىرىگە تەڭ ئۇچرىغانلىقىدەك ئوبىكتىپ سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، ئۇلارنىڭ مىللي پىسخىكىسى، مىللىي خارەكتىرى، مىللىي تەپەككۇر ئۇسۇلى ۋە ئېستىتىك زوقىدا كۆپلىگەن ئوخشاشلىقلارۋە ئورتاقىلقلار ساقلانغان.  تۈركىي تىللىق خەلىقلەرنىڭ ئاڭ ، ئېدولوگېيىسىدىكى بۇ خىل ئورتاقلىقلار، ئەڭ ئالدى بىلەن ئۇلارنىڭ بايان ئەدەبىياتىدا، بولۇپمۇ ئېپوسلىرىدا بەلگىلىك ئىپادىلىنىدۇ.
يۇقىرقى جەدىۋەلدىن كۆرەلەيمىزكى، « ئوغۇزنامە» ۋە قىرغىزلارنىڭ « ماناس» ئىپوسى ئوخشاش سۇژىت قورۇلمىسىغا، بايان ئەندىزىسىگە ئىگە. « ئوغۇزنامە» ئپپپوسىنىڭ قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدا يپزىلغان، ھازىر فىرانسىيىنىڭ پۇقرالار كۇتۇپخانىسىدا ساقلىنىۋاتقان نۇسخىسىنىڭ باش- ئاخىرىنىڭ كەم ئىكەنلىكى «ئوغۇزنامە» ئېپوسىنىڭمۇ ئەسلىي تۈركىي خەلىقلەرنىڭ ئېپوسلىرىدەك سۇژىت موتىفىغا ئىگە ئىكەنلىكنى ئۇقتۇرىدۇ.
بىز جەدىۋەلدىن « ئاپئاق ئپچىلغان سۆگەت گۈلى» ھىكايىسىنىڭ سىيوژىتىغا قارايدىغان بولساق، ئۇنىڭ موتىف سىيوژىتىنىڭ ئېپوسلارغا ناھايتى ئوخشايدىغانلىقىنى بىلەلەيمىز. پەقەت سىيوژىت قۇرۇلمىسىدىكى بىردىنبىر ئۆزگۈرۈش ئېپوسلاردا كۆرۈلىدىغان« چۈشىدە پەرزەنت تۇغۇلىشىنىڭ بېشارەت بىرىش موتىفى» نىڭ ئورنىغا ئاتىللانىڭ بېشىغا كېلىدىغان ئۆلۈمدىن بىشارەت بېرىپ، سۆگەت گۈلىنىڭ ئاق ئپچىلىپ كپتىشى يپزىلغان. دەرۋەقە ھەر قانداق بىر ئېپوس موتىفى چۇقۇم ئۆزىگە موئەييەن ئادەت تۈسىنى، سىمىۋوللۇق مەنىنى ۋە ئالاھىدە مەدەنىيەت تىندۇرمىسىنى جۇغلىغان بولىدۇ. « شۇڭا تۇنجى قپتىم ئەپسانىلەردىن باشلىغان ھىكايە موتىفلىرى گويا ئىرسىيەت گېنىغا ئوخشاش كپيىنكى دەۋىردىكى خەلق سەنئەتكارلىرنىڭ تەپەككۈرىدا قايتا زاھىر بولىدۇ. شۇنداقلا ماكان، زاماننىڭ شاللاشلىردىن ئۆتۈپ، ئېپوس،چۆچەكلەردە، ھەتتا يېقىنىقى دەۋىرلەردە يازما ئەدەبىيات نەمۇنىلىرىدە كۆرىلىدۇ.»[4]
« ئاپئاق ئپچىلغان سۆگەت گۈلى» ئەپسانە ۋاستىسىدىن پايدىلنىپ، سپھرىي رىئالىزىملىق ئۇسۇلدا چۆنچىباي، مايسىخان، ئاتىللا ئوبرازلىرى ئارقىلىق جەمئىيىتىمىز كەسكىن تاللاشقا دۇچ كەلگەن ياشاش مۇھىتى مەسىلىسى ۋە روھى كىرزىسنىڭ ئىپادىسىنى كۆرسىتىپ بەردى.
 ئاتىللا قەھرىمانلىق موتىفىدۇر. ئاتىللانىڭ قەدىمكى ئېپوسلاردىكى قەھرىمانلارغا ئوخشاش غەيرىي نورمال ھالەتتە تۇغۇلىشى ۋە ئۆسۈش جەريانى يازغۇچىنىڭ يۈكسەك بەدئىي ئەندىزىگە ئىگە بەدىئىي تىپ ياكى قەھرىمان يارتىشنى ئەمەس، بەلكى ھەر بىر كىتابخاننىڭ ۋۇجۇدىنى لەرزىگە سپلىپ ئۆزى ھەققىدە ئويلايدىغان، ئۆزىنى- ئۆزى باھالاپ كۆرسىتىدىغان ئويغۇنۇشنى بارلىققا كەلتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان. چۈنكى تارىختىن بويان نۇرغۇنلىغان ئادەملەر قەھرىمانلارنىڭ ئىش_ ئىزلىرى ئارقىلق ئۆزلىرىگە چىقىش يولى ئىزدىگەن.
ئاتىللا ئائىلىدىن ئىبارەت جەمئىيەتنىڭ كىچىك بىر ھالقىسىدا بولسىمۇ، ئاتىنىڭ دۇنيا قارىشىغا قارمۇ قارشى مەيدانغا چىقالىدى. ئۇ يۇشۇرۇن ياكى ۋاستىلىك ھالدا ئاتىنىڭ روھىي دۇنياسىدىكى بىر خىل بوشلۇقنى، ئەنئەنىگە قايتىشتەك روھىي تەشنالىقنى بىلدإردى. ئانىنىڭ قەدىمىي مازارغا تىۋىنىپ ھامىلدار بولىشى، ئاتىللانىڭ ئىپوس قەھرىمانلىرىدەك غەيرى نورمال ھالەتتە تۇغۇلىشى ۋە ئۆسۈشى ھازىرقى زامان كىشىلىرىنىڭ روھىي دۇنياسىدىكى بىر خىل بوشلۇقنى، ئەنئەنىگە قايتىشتەك روھىي تەشنالىقىنى ئاشكارىلىدى.
ھېكايىدىكى ئاتىللا رېئاللىقتىن ھالقىغان پېرسوناژ، بۇ خىل ھالقىش روھى جەھەتتىكى ھالقىشتا كونكىرىت ئىپادىلنىدۇ. كېسەك تاملىق ئەسكى ئۆي، ساۋاتسىز ،نادان ئاتا- ئانا، توپا - چاڭ قاپلىغان كىچىككىنە بازار ئاتىللانىڭ مەۋجۇت مۇھىتى بولسىمۇ، لپكىن ئاتىللانىڭ پىكىر _ تەسەۋۋۇرى، ھەركىتى بۇ كونكىرىت مۇھىتتىن ھالقىغان.  زامانىۋىيلىقنىڭ ھەر خىل ماددىيي ۋە ئىجدىمائىي ۋاستىلىرى ئاتىللارنى ئوراپ تۇرغان ماكانغا زادى قانچىلىك تەسىر قىلدى؟ بۇنىسى بىزگە نامەلۇم بولسىمۇ، لېكىن چۆنچىباينىڭ كاۋاپتىن، پۇلدىن پاشقىنى كەمدىن كەم ئويلايدىغان، مەھەللىدىكى ئۆلۈم - يېتىم، نەزىرلەرگە كەمدىن - كەم بارىدىغانلىقىدىن چۈنچىبايدا ھەرگىزمۇ زامانىۋىي مەدەنىيەت بىلەن تەڭ يىتىپ كېلىدىغان « مەدەنىيەت ئەخلەتلىرى» گە تاقابىل تۇرغۇدەك روھىي تاكامۇللۇقنى تاپالمايمىز.
ھىكايىدە يازغۇچىنىڭ كۆڭۈل بۆلگىنى پۇلنىڭ جەمئىيەت ئىقتىسادىدىكى ياكى چۆنچىباي ئائىلىسىدىكى ئەھمىيىتى بولماستىن، بەلكى ئادەملەرنىڭ پۇلدىن ئىبارەت ئىقتىسادىي ئۆلچەم ئالدىدىكى قىممىتى. پۇل گەرچە جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا، ئائىلىنىڭ گۈللىنىشىگە تەسىر كۆرسەتسىمۇ، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇ پۇلنىلا ئويلايدىغان ئادەملەرنى قايمۇقتۇرۇدۇ، چەكلەيدۇ، بويسۇندۇرىدۇ، بۇنداق ئادەملەرنى ئاسانلا ئۆزىنىڭ قولىغا ئايلاندۇرىدۇ. ئەگەر چۆنچىباي ئارزۇ قىلغىنىدەك پۇلغا ياكى ئۇنىڭدىنمۇ ئارتۇقراق پۇلغا ئىرىشكەن تەقدىردە، ئۇنىڭ كىيىنكى روھى تۇۋرىكى نېمە بولىشى كپرەك؟ ئاتىللانىڭ تەقدىرى قانداق بولىشى كېرەك؟
ئاتىللانىڭ روھى يازغۇچىنىڭ ھپكايىدە بىزگە ئېيتماقچى بولغان ئاساسلىق موددىئاسىدۇر.
فرېئودنىڭ « ئادىمىيەت قۇرۇلمىسى» نەزىريىسىگە ئاساسلانغاندا، ئادىمىيەت ئۈچ قاتلاملىق بولىدۇ. بىرىنچى، ئەسلى ئۆز ( Id )  ــــ يىيىش، ئۇخلاش، ھۇزۇرلىنىش، يەنى ئادەمدىكى تەبئىي ئىقتىدارلارنى كۆرسىتىدۇ.ئىككىنچى، ئۆز (  Ego)—رېئاللاشقان تەبىئىي ئىقتىدارنى،يەنى ئەقىل ۋە ئىھتىياتچانلىقنى كۆرسىتىدۇ.  ئۈچىنچى، ھالقىما ئۆز (Super Ego ) ــــــ يۈكسەك ئەخلاقىي پەزىلەتنى، يەنى ئادەمكى ئەڭ يۇقىرى قىممەتنى كۆرسىتىدۇ.
« تاياق بىلەن يەرگە ئاجايىپ غارايىپ نەرسىلەرنىڭ شەكىللىرىنى سىزىدىغان بولدى. بۇ شەكىللەر قۇياشقا، ئايغا، يۇلتۇغا ئوخشايتتى. ئۇنىڭ ئاستىغا كىچىكرەك بىر شارچە سىزىلغان بۇلۇپ، مۇشۇ شارچىدىن تارتىلغان سىزىقلار ئاشۇ قۇياشقا، ئايغا، يۇلتۇزغا تۇتاشقان ئىدى». بىز ئاتىللا ئوبرازىدا ئۆزىنىلا ئەمەس، پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ئويلايدۇ. بىز ئاتىللانىڭ دادىسى بىلەن بولغان توقۇنىشىدىن شۇنى بىلۋالالايمىزكى، چۆنچىباي ئادىمىيەت قۇرۇلمىسىنىڭ ئەسلى ئۆز قاتلىمىدا، ھايۋانلاردىن ئانچە پەرىقلەنمەي ياشايدۇ.
ماركىس بىلەن ئىنگىلىس گېگىلنىڭ « توقۇنۇش تەلىماتى» غا تارىخي ماتىرىيالىزىملىق ئۆزگەرتىش ئېلىپ بپرىش ئارقىلىق تېراگىدىيىنى مۇنداق كۆرسەتكەن ئىدى: « تراگېدىيلىك توقۇنۇش تراگېدىيە قەھرىمانىنىڭ يەككە ئېدىراكيي كۆز قاراشلىرى ئوتتۇرسىدىكى زىددىيەت بولماستىن، بەلكى تارىخي تەرەققىياتنىڭ مۇقەررەرلىكى ۋە تراگېدىيە قەھرىمانىنىڭ شۇغىللىنىۋاتقان ئىش ھەركىتىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى زىددىيەتتىن ئىبارەت.» ئۇلار ئىككى خىل ئەھۋالنى كۆرسىتىدۇ. بىرى،« گپگىل پەلسەپىسىگە تەنقىدىي مۇقەددىمە» دە ئوتتۇرغا قويۇلغان بۇلۇپ، كونا تۈزۈمنى ھىمايە قىلغۇچىلار كونا تۈزۈمنى يەنىلائوبىيكتىپ قانونىيەتكە ئۇيغۇن دەپ ئىشەنگەن چاغدا ئۇلارنىڭ تەقدىرى ئپچىنىشلىق بولىدۇ. بىراق بۇ خىل تراگېدىيە شەخسنىڭ سەۋەبىدىن ئەمەس، بەلكى تارىخنىڭ سەۋەبىدىن شەكىللەنگەن بولىدۇ. بۇ دىگەنلىك، بىر خىل كونا تۈزۈم يېڭى جەمئىيەت كۈچلىرنىڭ زەربىسى ئاستىدا يوقىلىشقا قاراپ يۈزلەنگەندە، كونا تۈزۈمنىڭ قوغدىغۇچىلىرى سادىقلىق بىلەن كونا تۈزۈمنى قوغداش ئۈچۈن كۆرەش قىلىدۇ. ئۇلار مۇقەررەر ھالدا كونا تۈزۈمنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىدۇ. ئككىنىچى بىر خىلى، « فېرناند لاسسالغا » دپگەن ماقالىدە ئوتتۇرغا قۇيۇلغان بۇلۇپ، تارىخىنىڭ مۇقەررەر تەلىپى بىلەن بۇ تەلەپنىڭ رىئاللىققا ئايلانماسلىقى ئوتتۇرىسىدىكى تراگېدىيە توقۇنۇش كەلتۈرۈپ چىقارغان تراگېدىيە. تراگېدىيە قەھرىمانى بىر مەقسەت ئۈچۈن كۆرەش قىلىدۇ. بۇ مەقسەت تارىخىي تەرەققىياتنىڭ يۈزلىنىشىگە ئۇيغۇن، ئەمما تراگېدىيە قەھرىمانى ئوبىكتىپ شارائىتنىڭ چەكلىمىسى تۈپەيلىدىن بۇ مەقسەتنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئامالسىز قالىدۇ ھەم بۇ مەخسەت ئۈچۈن كۈرىشىۋاتقاندا يۇقىتىلىدۇ.
كونا تۈزۈم ئەسلىدىنلا بىر خىل رېئال قىممىتىنى يوقاتقان بولىدۇ. ئۇنىڭ يوقىتىلىشى ئاكتىپ قىممەتنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىدىكى مۇقەررە نەتىجە. شۇڭلاشقا كونا تۈزۈملەرنى قوغدىغۇچىلارنىڭ يۇقىتىلىشىمۇ ئوبىكتىپ قانۇنىيەتكە ئۇيغۇن. بۇ ئەسلى تراگىدىيلىك قىممەتكە ئىگە بولماسلىقى كېرەك ئىدىغۇ؟ ئەمما بۇ يەردە قىممەت توقۇنىشى مەسىلىسى مەۋجۇت بولۇپ، كونا تۈزۈملەر ئۆزىنىڭ رېئال قىممىتىنى يوقاتقان بولسىمۇ، لپكىن ئۇ قوغدىغۇچىلىرىنىڭ نەزىرىدە يەنىلا مۇقەددەس. بۇ خىل مۇقەددەسلىك كونا تۈزۈم كەلتۈرۈپ چىقارغان ئەنئەنىۋىي ئادەتلەردىن ۋە ئۇنى ئۇنى قوغدىغۇچىلارنىڭ ئاشۇ خىل قىممەت قاراشلىرىدىن كىلىپ چىققان. شۇڭلاشقا ئۇلارنىڭ كونا تۈزۈمنى قوغداش جەريانىدىكى ھەرىكەت ۋە ئۇرۇنۇشلىرى ئەستايىدىل بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ھەرىكەتلىرىنى تارىخ نوقتىسىدىن قارىغاندا، ئۇلار مۇقەررە يوقىلىدىغان نەرسىلەرنى قۇتقۇزماقچى بولۇشىدۇ. شۇڭلاشقا بۇ ھېچقانچە قىممەتكە ئىگە ئەمەس، ئەمما ئەخلاق نوقتىسىدىن قارىغىنىمىزدا، بۇ ،كىشىلىك قىممىتىنىڭ ئاكتىپ ئىشقا ئاشۇرلىشى بۇلۇپ، مۇشۇ نۇقتىدا تراگېدىيلىك قىممەتكە ئىگە بولىدۇ.
چۆنچىباي دەل ماركىس، ئېنگىلىس ئوتتۇرغا قويغان بىرىنچى خىل شەكىلدىكى تراگېدىيەلىك قىممەتنىڭ ئەدەبىي كۆرسىتىلىشى. ئۇنىڭ پۈتۈن ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىگە يىتەكچىلىك قىلىۋاتقان « تارىخنىڭ مۇقەررەر يۈزلىنىشى » گەقارشى نادانلارچە ئاڭ كونا تۈزۈمنىڭ يپڭى ئىجدىمائىي تۈزۈم بىلەن توقۇنۇشۇۋاتقان مەزگىلدىكى مۇقەررەرلىك. ئەخلاق نوقتىسىدىن قارىغىنىمىزدا، چۆنچىباينىڭ ئاقىۋىتى تراگېدىيلىك قىممەتكە ئىگە بولىدۇ. يەنىمۇ چوڭقۇرراق تەكشۈرگىنىمىزدە چۆنچىباينىڭ ئەتراپىدىكى كىشىلەرنىڭ بۇ خىل تراگېدىينىڭ ئالدىنى ئېلىشتا مەسئولىيىتى بارمۇ ياكى ئۇلار سۈكۈت قىلىشى، « تارىخىنىڭ مۇقەررەر تەلىپى» نىڭ بۇنداق تراگېدىيلەرنى يەنىمۇ كۆپرەك مەيدانغا چىقىرىشىغا يول قۇيۇشى كېرەكمۇ؟
شۇنى قىستۇرما قىلىشقا بولىدۇكى، يېڭى دەۋىر ئۇيغۇر پروزىسىدا يارىتىلغان ئوبرازلار سپستىمىسىدا ئالتە بالا ئوبرازى كىشىنى چوڭقۇر ئويغا سالىدۇ. بۇلار باغراش پوۋپسىت، ھېكايىلىرىدىن:
① « مەن ئۆلگەن ئادەمنىڭ كۆز قارچۇقىدا قپتىپ قالغان سۈرەت » پوۋسىتىدىكى ئاقسۇلۇق تۆمۈرچىنىڭ 26 _ ئوغلى.
②« ئاپئاق ئپچىلغان سۆگەت گۈلى» ھپكايىسىدىكى چۆنچىباينىڭ ئوغلى ئاتىللا.
③« قۇياش ۋە بالا » ھپكايىسىدىكى بەش ياشلىق بالا.
④« يۈرەكتاغ » پوۋسىتىدىكى ئۈچ كىچىك بالا.
باغراش ھېكايىلىرىدىكى بۇ بالىلار ئوبرازلىرىدا تەكلىماكان روھىنىڭ تىندىنسىيلىك يۇغۇرۇلمىلىرى مەۋجۇت بۇلۇپ، بۇ تەكلىماكان روھىنىڭ مىللەت مەدەنىيەت پىسخىكىسىدىكى ئەدەبىي ئىپادىلنىشى، مىللەت پىسخىكىسىنىڭ بالا ئوبرازىلىرى ئارقىلىق كۆرسىتىلىشىدۇر.
مىللەتنىڭ يۇشۇرۇن ئېڭىدا ھامان چوقۇنۇش( ئېتىقاد) قارشىلىق ۋە ئىككىلىنىشتىن ئىبارەت غەيرىي ئىدىراكىيلىققا ئىگە تاللاش بولىدۇ.  باغراش ھېكايىلىرىدىكى بالىلار ھامان ئۆز مىللىتىنىڭ سەۋەنلىكلىرىگە ئوت ئاچقان،  بۇ يولدا ئۆز تىرىشچانلىقلىرىنى كۆرسىتىدىغان ئوبرازلار سېستىمىسىدۇر. « مەن ئۆلگەن ئادەمنىڭ كۆز قارچۇقىدا قپتىپ قالغان سۈرەت» تىكى 26 - ئوغۇل ۋە « قۇياش ۋە بالا » ھېكايىسىدىكى بالىلاردىكى روھ ۋە ئادەتتىن تاشقىرى ئىشەنچتىن ھەيران قالىمىز. تاشقى دۇنيانىڭ قالايمىقان شاۋقۇنلىرىنىڭ ئەكسىچە، ئۇلارنىڭ ئىچكى دۇنياسى خاتىرجەملىككە، ئۈمىدكە ۋە ئىشەنچكە تولغاندۇر. بۇ يازغۇچىنىڭ يۈكسەك رومانتىزىملىق خاھىشى بىلەن مىللەتنىڭ كەلگۈسىگە بولغان ئىشەنچىسىنى بىلدۈرمەمدۇ؟
                                                                 
                                                        
 
 


[1] پېرسۇناژلار موتىفى موتىف تەتقىقاتىدىكى بىر خىل تۈر، بىر خىل تەتقىقات ئۇسۇلى دىيىشكىمۇ بولىدۇ.
[2] گېڭ شىمىن، تۇرسۇن ئايوپ نەشرگە تەييارلىغان « ئوغۇزنامە »، 41 - ، 43 - ، 46- بەتلەرگە قاراڭ. مىللەتلەر نەشرىياتى 1980 – يىلى 11- ئاي 1- نەشرى، 1981 – يىلى 6 –ئاي 2- بېسىلىشى.
[3] يۇقىرىقى كىتاپ 63 – بەتكە قاراڭ.
[4] مېھراي مەمتىلى: « تۈركىي تىللىق خەلقلەرنىڭ ئېپوسلىرىدىكى قەھرىماننىڭ ئالاھىدە تۇغۇلۇش موتىفى ھەققىدە تەھلىل »، ماگىستىرلىق دېسېرتاتسىيە ماقالىسىدىن ئېلىنغان.



ھالقىلىق سۆزلەر :


بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
------分隔线----------------------------

ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار