«سالچىلار» رومانى ھەققىدە دەسلەپكى تەنقىد
يوللانغان ۋاقتى:28-01-2014
مەنبە: تارىم 2013-4-سان
مۇھەررىر: ھەزرەتئەلى ئەخەت
كۆرۈلۈشى: قېتىم
ئىنكاس: 7 پارچە
ئاپتورى: يالقۇن روزى داڭلىق يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ تۇنجى رومانى قۇم باسقان شەھەر نەشر قىلىنىپ 16 يىلدىن كېيىن، ئۇنىڭ 2 - رومانى سال
ئاپتورى: يالقۇن روزى
داڭلىق يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ تۇنجى رومانى “قۇم باسقان شەھەر” نەشر قىلىنىپ 16 يىلدىن كېيىن، ئۇنىڭ 2 - رومانى “سالچىلار” 2012 - يىلى ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتى. يازغۇچىنىڭ تۇنجى رومانى زور شۆھرەت قازانغان بولغاچقا، ئۇ خېلىدىن بېرى ئوقۇرمەنلەرنىڭ دىققەت ۋە ئۈمىد نەزەرىدىكى يازغۇچى بولۇپ كەلگەنىدى. شۇ سەۋەبتىن ئوقۇرمەنلەر ئۇنىڭ 2 - رومانىنى كۆرۈشنى تەقەززالىق بىلەن كۈتكەن. مەنمۇ شۇ خىلدىكى تەقەززالىق تۇيغۇسى كۈچلۈك ئوقۇرمەنلەرنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن “سالچىلار” رومانى نەشر قىلىنىش بىلەنلا ئوقۇپ چىقتىم. ئوقۇغاندىن كېيىنكى ئەمەلىي تەسىراتىم سۈپىتىدە قولىڭىزدىكى بۇ دەسلەپكى تەنقىدىي ماقالەمنى يېزىپ چىقتىم. مېنىڭچە بۇ رومان بايان ئۇسلۇبى، سۇژىت قۇرۇلمىسى، ئىپادىلەش شەكلى، ئىدىيەۋى خاھىشى، چىنلىق ئاساسى، پېرسوناژلار خاراكتېرىنى يارىتىشى، تىل ئىشلىتىشى، ئىجتىمائىي ۋە بەدىئىي ئۈنۈمى قاتارلىق جەھەتلەردىن ئەستايىدىل تەنقىدلىنىشكە تېگىشلىك رومان ئىكەن. بۇنداق دېيىش بەزىلەرگە غەلىتە تۇيۇلۇشى مۇمكىن.
ئالدى بىلەن شۇنى ئەسكەرتىپ قويۇش زۆرۈركى، ئەدەبىيات ساھەسىگە يېڭىدىن قەدەم ئېلىپ كىرىۋاتقان ھەۋەسكار ئاپتورلارغا نىسپىي ماس كېلىدىغان، ئەمما تونۇلغان ئەدىبلەرگە ئەسلا ماس كەلمەيدىغان “ئاۋۋال ئۇتۇقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، ئاندىن كەمچىلىكىنى كۆرسىتىش لازىم” دېگەن ساددا قاراشنى ياقىلايدىغان “كۆڭلى ياخشى” ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئەكسىچە پىرىنسىپچىل، تەلەپچان، مىللىي ئەدەبىياتنىڭ، بولۇپمۇ رومانچىلىقنىڭ ئىززەت - ھۆرمىتىنى قوغداش مەيدانىدا تۇرۇپ پىكىر قىلىدىغان ئوقۇرمەنلەرنىڭ خاتالىقلارغا نىسبەتەن تەنقىدلەش ئېڭى ۋە يېتەرسىزلىكلەرگە نىسبەتەن سۈرۈشتۈرۈش خۇسۇسىيىتى كۈچلۈك بولىدۇ.
ئۇلارنىڭ ئومۇملاشقان مەسئۇلىيەتسىزلىك، ياخشىچاقلىق، بىپەرۋالىق كەيپىياتىغا قاتتىق ئىچى پۇشىدۇ. ئۇلار سۈپەتلىك ئەسەرلەر بىلەن سۈپەتسىز ئەسەرلەرنى تەنقىد ئۆتكىلىدىن ئۆتكۈزۈپ ئايرىشنى ئارزۇ قىلىدۇ. مەيلى كىمنىڭ ئەسىرى بولۇشتىن قەتئىينەزەر ئەدەبىي ئەسەرنى تەنقىدسىز قوبۇل قىلىش ئەدەبىياتنى خارابلاشتۇرىدۇ دەپ قارايدۇ. ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ ئۇتۇقى ۋە كەمچىلىكىگە ياتىدىغان تەرەپلەرنى ئىلمىي ۋە پاكىتلىق تەھلىل قىلىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. ئۇلار بۇ خىلدىكى ئوبزورلارنىڭ يازغۇچى - شائىرلارغا مەسئۇلىيەتچان بولۇشنى، ئۆزىگە يۇقىرى تەلەپ قويۇشنى ئۆگىتىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. ئەمەلىيەتتە ھەقىقەتەنمۇ ئىلگىرىلەشنى، ئۆزىنى تاكاممۇللاشتۇرۇشنى ئويلايدىغان ئەدىبلەر پاكىتلىق، ئىلمىي تەنقىدلەردىن يېتەرلىك نەپ ئالىدۇ.
مەن گېرمانىيە پەيلاسوپى شوپىنخاۋېرنىڭ “سىلىق - سىپايىلىق ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتتە ئۆز مەنىسىگە ئىگە. لېكىن ئەدەبىياتتا بىر خىل ياتلاشقان ھەمدە كۆپىنچە زىيانلىق ئامىل ھېسابلىنىدۇ” دېگەن قارىشىنى ياقلايدىغان ئوبزورچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئەتەي كۆڭۈل ياساپ، ياخشىچاقلىق قىلىپ يۈرمەي “سالچىلار” رومانى ھەققىدىكى ئەمەلىي تەسىراتىمنى پاكىتلىق، ئىلمىي يوسۇندا ئوتتۇرىغا قويۇشنى مۇۋاپىق تاپتىم. يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇرمۇ بۇ رومانىنىڭ مۇقەددىمىسىدە “ئەسەرنى كىتابخانلارغا ياققۇدەك قىلىپ يېزىپ چىقالىدىممۇ - يوق؟ بىلمەيمەن” دەپ يېزىپ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئوبيېكتىپ تەسىراتى ۋە ئىلمىي، پاكىتلىق باھاسىغا بولغان ئوچۇق كۆڭۈللۈكىنى بىلدۈرگەن.
شۈبھىسىزكى، كىم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر بىرەر ئەسەرنى مەدھىيەلەپ مۇئەييەنلەشتۈرسۇن ياكى تەنقىدلەپ ئىنكار قىلسۇن، سۆزىدە ئاساس بولمىغان ئوبزورچى قۇرۇق گەپ قىلىدىغان ئوبزورچى ھېسابلىنىدۇ. مەن بۇ ماقالەمدە يۇقىرىقى پىرىنسىپقا ئەھمىيەت بېرىشكە تىرىشتىم. تەنقىدىم توغرا بولمىغان بولسا ئىلمىي، پاكىتلىق يېزىلغان رەددىيەنى ھەر زامان قوبۇل قىلىشقا تەييارمەن.
يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇر “سالچىلار” رومانىنىڭ مۇقەددىمىسىدە بۇ روماننى يېزىشتىكى مۇددىئاسى ھەققىدە ئۇچۇر بېرىپ مۇنداق يازغان:
«سال توختاپ بۈگۈنگىچە ئارىدىن نەچچە ئون يىل ئۆتتى. ئەينى يىللاردىكى پېشقەدەم سالچىلارنىڭ كۆپىنچىسى ئالەمدىن كەتتى. ھايات قالغانلىرىنىڭمۇ ساقاللىرىنى ئاق ئارىلاپ بەللىرى مۈكچەيدى. دەريا بويلىرىدىكى سالچىلار بېسىپ ئۆتكەن ئاياغ يوللارنى ئوت - چۆپلەر بېسىپ، توقايلاردىكى سالچىلار ياققان گۈلخانلارنىڭ كۈللىرىنى شاماللار ئۇچۇرۇپ بولدى. بارا - بارا ئىنسانلارغا ئاجايىپ خىزمەتلەرنى كۆرسەتكەن سال ۋە سالچىلار ئەستىن كۆتۈرۈلۈپ، بىر تارىخ، بىر كەسىپ، ئوت يۈرەك ئادەملەر توغرىسىدىكى بىر داستان ئۇنتۇلۇپ كېتىشكە قاراپ يۈزلىنىۋاتقاندەك قىلاتتى... مەن بۇ كىتابىمنى ئەنە شۇ سالچىلار تۇرمۇشىنى يورۇتۇپ بېرىشكە بېغىشلىدىم.»
|
بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
------分隔线----------------------------