يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇر رومانىدا سالچىلىق كەسپىنىڭ جاپا - مۇشەققىتىنى، سالچىلارنىڭ تۆھپىسىنى، سالچىلارنىڭ تۇرمۇشىنى، سالنىڭ قانداق تەييارلىنىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئىش ھالقىلىرىنى ۋە ئۇنىڭغا كېتىدىغان جابدۇقلارنى، سالچىلارنىڭ بېسىپ ئۆتىدىغان 100 كىلومېتىردىن ئارتۇق مۇشەققەتلىك دەريا سەپىرىدىكى توسالغۇ، قىيىنچىلىق ۋە ئۆتەڭلەرنى، سالچىلىق كەسپىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىنى ئىنچىكە ھەم جانلىق يازغان. بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا يازغۇچىنىڭ ئىزدىنىش، ئۆگىنىش روھى ۋە ئىپادىلەش ماھارىتىگە ئاپىرىن ئوقۇشقا ئەرزىيدۇ، روماننىڭ مۇۋەپپەقىيىتى دەل مۇشۇ تەرىپىدە كۆرۈلىدۇ. ئۈچىنچى، سالچىلار ئوبرازىنى يارىتىش نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، بۇ روماننى “ئوت يۈرەك ئادەملەر توغرىسىدىكى بىر داستان” دېيىشكە قەتئىي بولمايدۇ. بۇ جەھەتتىمۇ ئاپتور بىرىنچى مۇددىئاسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا مەغلۇپ بولغاندەك ئۈزۈل - كېسىل مەغلۇپ بولغان. سالچىلار تېمىسىدا بىرەر پارچە ئەمەس، تۈرلۈك ژانىرلاردا كۆپلەپ ئەسەر يېزىشقا تامامەن ئەرزىيدۇ. كىنو - تېلېۋىزىيە فىلىملىرىنى ئىشلەشمۇ زۆرۈر. ئەلۋەتتە بۇنى ئارزۇ قىلىدىغانلار ئاز ئەمەس. ئىسرائىل تۇردىمۇ “سال ۋە سالچىلار” دېگەن ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا بۇ خىل ئارزۇسىنى ئىپادىلەپ مۇنداق يازغان: “دەۋر تەرەققىي قىلىپ قاتناش راۋانلاشقاندىن كېيىن، سال تارىخىي ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ بولۇپ، 1987 - يىلى ئەمەلدىن قالدى. بۇ جايدا سال پەيدا بولۇپ، بارغانسېرى مۇكەممەللىشىپ ئاخىر ئەمەلدىن قالغانغىچە بولغان مەزگىلدە سالچىلار نۇرغۇن ئەمگەك سىڭدۈرۈپ زور ئەھمىيەتلىك ئىشلارنى قىلدى، ئەقىل - پاراسىتىنى ئىشقا سېلىپ، ئىجادكارلىق روھى بىلەن كۆپلىگەن ئۈلگە ۋە ئەسلىمىلەرنى قالدۇردى، يەنە قانچىلىغان سالچىلار سەپەردە ھادىسىگە ئۇچراپ ھاياتىدىن ئايرىلدى، ھايات قالغانلىرىمۇ يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بىر - بىرلەپ ئالەمدىن ئۆتتى. ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، بۇ ھەقتە يازما خاتىرە بولمىغاچقا، ئاشۇ جاپاكەش سالچىلارنى ۋە ئۇلارنىڭ ئاجايىپ سەرگۈزەشتلىرىنى يېزىپ چىقىشىم يۈزەكىي بولۇپ قالدى.” يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ ئىلى دەرياسىنىڭ قەھرىمانلىرى بولغان سالچىلارغا بېغىشلاپ “سالچىلار” دېگەن بۇ يىرىك روماننى يېزىپ چىققانلىقى ھەقىقەتەنمۇ ئەھمىيەتلىك ئىش. لېكىن بۇ روماننى “ئوت يۈرەك ئادەملەر توغرىسىدىكى بىر داستان” دېيىشكە بولمايدۇ. مەن ئەزەلدىن سال ۋە سالچىلارنى كۆرۈپ باقمىغان بولغاچقا، سالچىلارنىڭ قانداق ئادەملەر ئىكەنلىكىنى بىلمەيمەن. ماتېرىياللاردىن “سالچىلىق كەسپى باتۇرلۇق، چەبدەسلىكنى تەلەپ قىلىدىغان جاپالىق ۋە خەتەرلىك كەسىپ” (خەپىز ساتتار سالىخ) ئىكەنلىكىنى، “سالچىلارنىڭ ئىشى مۈشكۈل ھەم خەتەرلىك” (ئىسرائىل تۇردى) ئىكەنلىكىنى بىلگەنىدىم. ئەمما “سالچىلار” رومانىنى ئوقۇپ، روماندىكى سەمەت قاتارلىق بىر توپ سالچىلارنىڭ “ئوت يۈرەك ئادەملەر” ئەمەسلىكىنى كۆرۈپ يەتتىم. بىز ئادەتتە ھەققانىيەت تۇيغۇسى كۈچلۈك، ئەل - ۋەتەننىڭ ھۆر - ئازادلىقى ئۈچۈن كۈرەش قىلغان دانا يولباشچىلارنى، كىم ئۈچۈن، نېمە ئۈچۈن ياشاشنى ئېنىق بىلگەن ئەلپىدا ئوغلانلارنى ئوت يۈرەك ئەزىمەت دەپ بىلىمىز. شۇڭا ئەۋلادلار ئۇلارنى بىردەك ياد ئېتىدۇ، ئۇلاردىن ئىپتىخارلىنىدۇ، ئۇلارنىڭ قەبرىلىرىگە رەڭگارەڭ گۈلدەستىلەرنى قويىدۇ. “سالچىلار” رومانىدا تەسۋىرلەنگەن سەمەت قاتارلىق بىر توپ سالچىلار بولسا بۇنداق سۈپەتلەپ ئۇلۇغلاشقا ئەسلا شەرتى توشمايدىغان نادان ھەم ئاددىي، ھەق - ناھەق تۇيغۇسىدىن ئەسەر يوق، ھالال - ھارامنىڭ نېمىلىكىگىمۇ پەرۋا قىلمايدىغان، كۆڭلىدە ھېچقانداق مۇقەددەس پىرىنسىپى يوق، دوست كىم، دۈشمەن كىم، نېمە توغرا، نېمە خاتا ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىغان، ساغلام بولمىغان بىمەنە ھەۋەسلىرىنىڭ كەينىدە سوكۇلداپ ياشايدىغان، گالۋاڭ، ئەمما چىداملىق ئادەملەردۇر. پاكىت سۈپىتىدە تۆۋەندىكى ئۈزۈندىلەرنى كۆرۈپ باقايلى: “بۇ سالچى دېگەن قىزىق خەق، يوقىلاڭ بىر ئىشلارغا ئارىلىشىپ مۇشتلىشىپمۇ كېتىمىز...” (617 - بەت(. “تاپقان پۇلنى قىمار بىلەن ھاراققا سېلىپ بېرىپ خەنزۇ بازىرىغىلا چېچىۋېتىپ يېنىپ چىقىمىز” (620 - بەت(. “ئاڭلىمىغانمۇ، سالچى دېگەنگە بىرى ئوتۇن كەم ئەمەس، يەنە بىرى خوتۇن” (621 - بەت(. “ −− ھاي جۇماق، قېنى سۆزلە، شەھەردە نېمە گەپلەر بار؟ −− دەپ سورىدى بوۋاي، −− ئاڭلىساق، شېڭ دۇبەن بايلارنى تۇتۇپ قاماپ، مال - مۈلكىنى تارتىۋېلىۋاتقۇدەكقۇ. −− مەنمۇ شۇنداق دەپ ئاڭلىدىم، −− دېدى جۇماق، −− بىز كۈنىمىز سۇدىلا ئۆتىدىغان خەق... بۇ ھۆكۈمەت دېگىنىڭنىڭ بەزى ئىشلىرىنىچۇ خۇدا بىلمىسە... مىڭ ئويلىساڭمۇ ئەقلىڭ يەتمەيدۇ... >بولدى، قويە<لا دەيسەن...”(628 - بەت(. “ −− مانا، بۈگۈنكى تاماقنىڭ ئۆزى ئالدىمىزغا كەلدى، −− دېدى غوجاخۇن. −− نەنىڭ تامىقى؟ −− دەپ ھەيران بولۇپ ئەتراپىغا قارىدى جاپپار. −− ئەنە ، قىرغاقتا سەكرەپ يۈرگەن ئوغلاقنى كۆرمەيۋاتامسەن؟ ئاستىڭدا بىر تاغار بار... غاچچىدە چۈشۈپ ئوغلاقنى تاغارغا تىقىپ چىق. −− نېمە دەيدىغانسەن، غوجاقكا؟ ... بۇ ئىگىسى بار ئوغلاقتۇ؟ سال قىرغاققا كېلىپ توختىدى. جاپپار ئەنسىرەپ ئۇياق - بۇياققا قاراپ بولغۇچە ۋاققاس سەكرەپ چۈشۈپ ھېلىقى ئوغلاقنى قوغلاپ تۇتۇپ تاغارغا سولاپ ئېلىپ چىقتى. −− غايىبتىن كەلگەن رىزىق دېگەن شۇ، −− دېدى غوجاخۇن، −− ئۇكا، بېلىق سۇدا ئىچكەن ئەتىگەنلىك چاي بىلەن دەريانىڭ سۈيىگە قۇرۇق ناننى تۈگۈرۈپ يەپ كېتىپ بارىمىز. ياراتقان ئىگەمنىڭ بىزگىمۇ ئىچى ئاغرىدى - دە!... كەچتە قونالغۇغا چۈشكەن يەردە بىر شورپا قىلىمىز قارا، قانداق دېدىم؟ ... مۇشۇ خۇدايىمنىڭ بەزى ئىشلىرىغا ھەيران بولىمەن، ئۇكا، قايسى ئىشىغا دېمەمسەن؟ بەرگەنلەرگە پاتمانلاپ بېرىدىكەن، بىزدەك بايقۇشلارغا ھېچنېمە يوق... ياراتقان ئىگەم ھەممىمىزگە ئوخشاش جان ئاتا قىلغاندىن كېيىن دۇنيادىكى نېمەتلەرنىمۇ تەڭ بەرمەمدۇ دەيمىنا... قانداق دېدىم؟” (641 -، 643 - بەتلەر(. “بۇ سالچىلارنىڭ ئىچىدىمۇ ئاجايىپ نوچى ئادەملەر بار. ھەممىمىز بىر بولۇپ چوڭ كۆۋرۈكتە ماڭىدىغان بولساق شەھەرنىڭ جىمى نوچىلىرى بۇلۇڭ - بۇلۇڭغا كىرىپ كېتىدۇ. نېمىشقا چۆچۈيدۇ دېسەڭ، بۇ سالچى دېگەنلەرنىڭ ھەممىسى شۇنداق ئۇستىخىنى يوغان ئادەملەر، سەل بوزەك بولاي دەپ قالسا مۈرىسىدە كۆتۈرۈپ يۈرگەن خۇرجۇنىدا ئايپالتىسىمۇ تەييار. شۇڭا پۇچقاقلىرىمىزنى تۈرگەن پېتى دەريا تەرەپتىن چىقىپ كەلسەك سالچىلار بىلەن سەل ئازارلىشىپ قالغان دۇكاندارلارمۇ دۇكىنىنى ئېتىپ، >قارا پاچاقلار كېلىۋاتىدۇ< دەپ قېچىپ كېتىدۇ...” (871 - بەت(. “ −− گەپ جىق، −− دېدى سەمەت، −− شەھەردە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى قۇرۇلۇپتۇدەك. −− ھاراق ئىچىدىغان، نەشە چېكىدىغان، قىمار ئوينايدىغان ئىشلارمۇ يوق بولىدۇ، دەمدۇ نېمە؟ −− دېدى يەنە بىرەيلەن. −− ھە، مېنىڭ ئاڭلىشىمچە، −− دېدى يەنە بىر سالچى، −− ئەمدى شەھەرگە كىرىپ جالاپ ئوينايدىغان، چوڭ كۆۋرۈكنىڭ ئۈستىدە مۇشتلىشىدىغان ئىشلارغىمۇ يول قويمىغۇدەك. −− بۇ قانداق بولغىنى؟ ... −− دەپ ھەيران بولدى ھېلىقى گۈللۈك تاماكا خالتىسىنىڭ يىپىنى قولىغا ئورىۋالغان سالچى، −− ئۇنداق بولسا، شەھەرگە كىرگەننىڭ نېمە قىزىقى بولىدۇ؟... −− شۇنى دېگىنە، −− دېدى بۇرۇتىنىڭ ئۇچىنى تولغاپ قۇلىقىغا ئاپىرىۋالغان شاپ بۇرۇت بىرەيلەن، −− شەھەر دېگەنگە مۇشتلىشىپ قاپاق يارىمەن، جالاپ ئوينايمەن، دەپ كىرمىسە نېمىگە كىرىدۇ؟ −− بىر - ئىككى نوچىسى، تۆت - بەش جالىپى بولمىغان شەھەرنىمۇ شەھەر دېگىلى بولامدۇ؟ سالچىلار قاقاقلاپ كۈلۈپ كېتىشتى” (886 - ،887 - بەت(. سالچىلار رومانىدىكى يۇقىرىقى بايان ۋە دىيالوگلاردىن بىز ئەل - ۋەتەن ئىشقىدا ۋۇجۇدى ئۆرتىنىدىغان “ئوت يۈرەك ئادەملەر”نى ئەمەس، كەيپ - ساپا كوچىسىدا سوكۇلداپ ھارمايدىغان، ئەيش - ئىشرەت كويىدا ھېچنېمىگە پەرۋا قىلمايدىغان ئۇچىغا چىققان نومۇسسىز، قارام، بۇزۇق ھەم ئۆكتەم بىر توپ ئەخلەتلەرنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرىمىز. |