«سالچىلار» رومانى ھەققىدە دەسلەپكى تەنقىد(3)

يوللانغان ۋاقتى:28-01-2014   مەنبە: تارىم 2013-4-سان   مۇھەررىر: ھەزرەتئەلى ئەخەت   كۆرۈلۈشى: قېتىم   ئىنكاس: 7 پارچە
تېكەس ۋە موڭغۇلكۈرە ناھىيەلىرىدە قۇربانجان كۆۋرۈكى دېگەن نام بىلەن مەشھۇر بولغان بۇ كۆۋرۈكنى قۇربانجان دېگەن

تېكەس ۋە موڭغۇلكۈرە ناھىيەلىرىدە “قۇربانجان كۆۋرۈكى” دېگەن نام بىلەن مەشھۇر بولغان بۇ كۆۋرۈكنى قۇربانجان دېگەن باي پۇل چىقىرىپ تېكەس دەرياسىغا ياساتقانلىقى توغرۇلۇق مەلۇمات تۈرلۈك ماتېرىياللاردا بىردەك بولسىمۇ، ئەمما ياساتقان يىلى توغرىسىدىكى مەلۇمات بىردەك ئەمەس. “تېكەس ناھىيە تارىخ ماتېرىياللىرى”نىڭ 3 - سانىدا “1934 - يىلى ياسالغان” (51 – بەت) دەپ يېزىلغان. “ئىلى تارىخ ماتېرىياللىرى”نىڭ 15 - قىسمىدا “1933 - ، 1934 - يىللاردا ياسالغان” دەپ يېزىلغان. خەپىز ساتتار سالىخنىڭ “ئىلى دەرياسىنىڭ تارىختىكى سۇ قاتناش ئىشلىرى” دېگەن ماقالىسىدىمۇ “1933 - ، 1934 - يىللاردا ياسالغان” دەپ يېزىلغان. ئەمما 2012 - يىلى مىللەتلەر نەشرىياتى نەشر قىلغان “جەننەت ماكان - ئىلى” دېگەن كىتابنىڭ 451 - بېتىدە “1937 - يىلى ياسالغان” دەپ يېزىلغان. مەن بۇ تۆت مەنبەنىڭ ئىچىدە “جەننەت ماكان- ئىلى” دېگەن كىتابتىكى ئۇچۇرنى ئىشەنچلىك دەپ ھېسابلىدىم. چۈنكى ئىلىنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتى 1933 - ۋە 1934 - يىللىرى بەك تۇراقسىز بولغانىدى. مۇنداقچە ئېيتقاندا ئۇ تۈرلۈك جەڭ - جېدەللەر سەۋەبىدىن كىشىلەرنىڭ كۆڭلى تىنچىمىغان يىللار ئىدى. بۇ يىللاردا تېكەس قاتارلىق جايلاردا بايلارنىڭ بەس - بەستە مەكتەپ سېلىشى ھەم مەكتەپتىن ئاشقان ياغاچلاردىن پايدىلىنىپ كۆۋرۈك سېلىشى ئەمەلىيەتتىن يىراق ئىش ئىدى. 1934 - يىلى 8 - ئايدا شېڭ شىسەي بىلەن خوجىنىياز ھاجى ئىتتىپاقلىشىپ، شىنجاڭنىڭ خوتەندىن باشقا جايلىرىدا نىسپىي تىنچلىق شەكىللەندۈرگەنىدى. شۇ چاغدا ئۇيغۇر مەدەنىيەت ئاقارتىش ئۇيۇشمىسى قۇرۇلۇپ، يېڭىچە مەكتەپلەرنى سېلىش تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئىلى رايونىدا 1935 - يىلىدىن باشلاپ ئەل ئىچىدىكى بايلار ۋە يۇرت كاتتىلىرى غۇلجا، سۈيدۈڭ ۋە تېكەس قاتارلىق جايلاردا پەن زاۋۇتى قۇرۇش، ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇش، مەكتەپ قۇرۇش ئىشلىرىنى بەس - بەستە ئېلىپ بارغان. ئۆز زامانىسىدا كاتتا ياغاچ كۆۋرۈك ھېسابلانغان “قۇربانجان كۆۋرۈكى” ئاشۇ ساخاۋەت قىزغىنلىقى ۋە قۇرۇش دولقۇنى ئەۋجىگە چىققان يىللاردىكى كەيپىياتنىڭ تۈرتكىسىدە قۇرۇلغان بولۇشى ئېھتىمالغا ئەڭ يېقىن.
روماننىڭ 2 - تومىدىكى تارىخىي دەۋردىن ئۇچۇر بېرىدىغان يەنە بىر مىسال تۆۋەندىكىدىن ئىبارەت:
“ئاڭلىساق، شېڭ دۇبەن بايلارنى تۇتۇپ قاماپ، مال - مۈلكىنى تارتىۋېلىۋاتقۇدەكقۇ” (826 - بەت(.
ھەممىگە مەلۇمكى شېڭ شىسەينىڭ ئىلغارلىق، باراۋەرلىك، خەلقچىللىق دېگەن شوئارلىرىنى چۆرۈپ تاشلاپ، شىنجاڭ مىقياسىدىكى ئىلغار زاتلارنى، تونۇلغان بايلارنى تۈركۈملەپ قولغا ئېلىشقا، بۇلاپ - تالاشقا، ئۆلتۈرۈپ يوق قىلىشقا كىرىشكەن ۋاقتى 1938 - يىلىنىڭ باشلىرىغا توغرا كېلىدۇ. ئۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ بۇ خىل جىنايى ھەرىكەتنى باشلىغان بولسىمۇ، كۆلىمى ۋە ۋەھىمىسى ئۇنداق چوڭ بولمىغان. چۈنكى شېڭ شىسەينىڭ يېنىدا مۇئاۋىن ئۆلكە رەئىسى سالاھىيىتىدىكى خوجىنىياز ھاجى ھەم ئۇنىڭ ئارقا تېرىكى بولغان قەشقەردە تۇرۇشلۇق ماخمۇت مۇھىتى قوماندانلىقىدىكى 1500 كىشىلىك قوشۇنى بار ئىدى. بۇنداق ئەھۋالدا، ئۇنىڭ كىشىلەرنى ئالدايدىغان “ئالتە بۈيۈك سىياسەت”نى چۆرۈپ تاشلىيالىشى تەس ئىدى. 1937 - يىلى ماخمۇت مۇھىتى چەت ئەلگە قاچقاندىن كېيىن، شېڭ شىسەي خوجىنىياز ھاجى قاتارلىق مىڭلىغان كىشىلەرنى قولغا ئالغان. 1938 - ۋە 1939 - يىللاردا ئۇ ئاندىن تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن بايلارنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك قامىغان ۋە مال - مۈلكىنى مۇسادىرە قىلغان.
يۇقىرىقى ئىككى ئۇچۇر بىزنىڭ روماندىكى تارىخىي دەۋر 1940 - يىلارنىڭ باشلىرى بولۇشى مۇمكىن دېگەن پەرەزنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىمىزغا تۈرتكە بولىدۇ. دېمەك، سەمەت باشچىلىقىدىكى قەشقەرلىك يولۇچىلار دەل مۇشۇ يىللاردا ئىلى ۋادىسىغا قەدەم قويغان.
ئىككى توملۇق بىر ئىجتىمائىي تېمىدىكى رومان ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنغان تارىخىي دەۋرنى ئوقۇرمەنگە بۇنداق پەرەز قىلدۇرۇپ قىيناشمۇ تازا قاملاشمىغان ئىش ھېسابلىنىدۇ. بۇ يەردىكى نېگىزلىك مەسىلە ئەسەردە يازغۇچىنىڭ تارىخ تۇيغۇسىنى ئىپادىلەشكە ئەسلا ئەھمىيەت بەرمىگەنلىكىدە دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. يازغۇچى بۇ رومانىغا تارىخ تۇيغۇسىنى سىڭدۈرۈشنى مەقسەت قىلغان بولسا، بۇنداق زۆرۈرىيەتسىز پەرەزلەرگە ئىمكان قالمىغان بولاتتى. ئەلۋەتتە كىيىم - كېچەك، سۆز - جۈملە، قورال - جابدۇق، كەسىپ - ۋەزىپە قاتارلىق نۇرغۇن نەرسىلەرنىڭ نامى، پاسونى، شەكلى، كېلىش مەنبەسى ھەققىدىكى كىچىككىنە ئۇچۇرلاردىنمۇ ئەسەردىكى ۋەقەلىك يۈز بېرىۋاتقان تارىخىي دەۋرنى مۇئەييەن دەرىجىدە پەرەز قىلغىلى بولىدۇ. لېكىن “سالچىلار” رومانىدا بۇ خىلدىكى ئۇچۇرلارمۇ مۈجمەل، ئارىلاش قوللىنىلغان. مەسىلەن، يازغۇچى سەمەتنى قەشقەردىكى ھەزرەت سەيلىسىدە ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويغانلىقى ئۈچۈن تۇتماقچى بولغانلارنى “يامۇلنىڭ چېرىكلىرى” دەپ يازغان بولسا، غۇلجا شەھىرىدە ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويغان غاپپارنى تۇتقانلارنى “ساقچى”، سوتلىغانلارنى “سوتچى” دەپ يازغان. ئوخشاش بىر يىلدىكى ۋەقەلەرنى بايان قىلغاندا ئىشلىتىلگەن بۇ پەرقلىق ئاتالغۇلار بىزگە قايسى تارىخىي دەۋردىن ئۇچۇر بېرىشى مۇمكىن؟ يازغۇچى رومانىدا يەنە كىشىنى گاڭگىرىتىپ قويىدىغان مۇنداق بىر نەچچە قۇر باياننى يازغان:
“بۇ پۇللارنىڭ ئىچىگە شۇ زامانلاردا كىشىلەر يىپقا ئۆتكۈزۈۋېلىپ خەجلەيدىغان ئوتتۇرىسى تۆت چاسا تۆشۈك يارماق، قىزىل مىستىن قۇيۇلغان تومپۇر، كۈمۈش تەڭگىلەر، يەنە قانداقتۇر ھەر خىل رەڭدىكى قەغەز پۇللار ئارىلىشىپ كەتكەنىدى” (188 - بەت(.
شۈبھىسىزكى، پۇل مۇئەييەن تارىخىي دەۋردىن ئۇچۇر بېرىش قىممىتى يۇقىرى ماددىي پاكىت. “سالچىلار” رومانىدا بۇ خىل ماددىي پاكىتمۇ ئەھمىيەتسىز نەرسە بولۇپ قالغان. چۈنكى شېڭ شىسەي دەۋرىدە ئاپتور يۇقىرىدا بايان قىلغان مېتال پۇللار ئىستېمالدىن قالغانىدى. گېپىمىزنى پاكىت بىلەن بايان قىلساق، “شىنجاڭ پۇللىرى” دېگەن كىتابتىكى تۆۋەندىكى مەلۇماتنى نەقىل كەلتۈرۈشكە بولىدۇ:



ھالقىلىق سۆزلەر : سالچىلار، رومان، تارىم


بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
------分隔线----------------------------

ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار