بۇ باياندا يازغۇچىنىڭ ئۈچ تۈرلۈك مۇددىئاسى ئەكس ئەتكەن. بىرى، ئەستىن كۆتۈرۈلۈپ، ئۇنتۇلۇپ كېتىشكە قاراپ يۈزلەنگەن بىر تارىخ، يەنە بىرى ئەستىن كۆتۈرۈلۈپ، ئۇنتۇلۇپ كېتىشكە قاراپ يۈزلەنگەن بىر كەسىپ، يەنە بىرى ئەستىن كۆتۈرۈلۈپ، ئۇنتۇلۇپ كېتىشكە قاراپ يۈزلەنگەن بىر توپ ئوت يۈرەك ئادەملەر توغرىسىدىكى بىر داستان. ئۇنداقتا يازغۇچىنىڭ “سالچىلار” ناملىق بۇ رومانى ئەستىن كۆتۈرۈلۈپ، ئۇنتۇلۇپ كېتىۋاتقان “بىر تارىخ، بىر كەسىپ ۋە بىر توپ ئوت يۈرەك ئادەملەر توغرىسىدىكى بىر داستان” بولالىغانمۇ - يوق؟ مېنىڭچە بولالمىغان. بىرىنچى، تارىخىي قىممىتى جەھەتتىن باھالىساق، بۇ روماندا تارىخىي تۇيغۇ دېگەن نەرسە يوق ھېسابتا. مەن ئىككى توملۇق بۇ روماننىڭ 1 - تومىنى ئوقۇپ بولۇپمۇ، يازغۇچىنىڭ ئەينى دەۋردىكى جەمئىيەت ئەھۋالىغا بولغان قارىشىنى ئىپادىلەيدىغان بىرەر ئابزاس مۇھاكىمە ياكى باياننىمۇ ئۇچرىتالمىغاننىڭ ئۈستىگە، ئەقەللىيسى يازغۇچىنىڭ بۇ روماندا قايسى تارىخىي دەۋرنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغانلىقىنىمۇ بىلەلمىدىم. مانا بۇنىڭدىن ئەسەردە تارىخ تۇيغۇسىنىڭ ئىپادىلەنمىگەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. يامۇل، چېرىك، ئامبال، دوتەي، داچەن، تومپۇر دېگەن تارىخىي ئاتالغۇلاردىن 20 - ئەسىرنىڭ دەسلەپكى يېرىمىدىكى شىنجاڭ جەمئىيىتىنىڭ قىسمەن ئىجتىمائىي، سىياسىي ئۇچۇرلىرىغا ئېرىشسەكمۇ، ئەمما كونكرېت قايسى دەۋر ئىكەنلىكىنى پەقەتلا بىلگىلى بولمايدۇ. ئادەتتە رومان بىر تارىخىي دەۋرنى، شۇ تارىخىي دەۋردىكى سىياسىي، ئىجتىمائىي ھاياتنى ياندىن بولسىمۇ يورۇتۇپ بېرىدىغان خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولىدۇ. ئەگەر بۇ ئىككى توملۇق روماننىڭ 1 - تومىدا قايسى تارىخىي دەۋر ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلىشقا بولىدىغان بىر ئۇچۇر بار دەپ قارالسا، مۇنۇ باياننى مىسال كەلتۈرۈشكە بولىدۇ: «1944-يىلىدىن 1946 - يىلىغىچە شوتىدا تۇرغان ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئارمىيەسى ئەينى يىللاردا جەڭچىلەرنى سەپەرۋەر قىلىپ، بۇ ئارىشاڭنىڭ ھەر بىر كۆزى ئۈستىگە ئايرىم - ئايرىم ئۆيلەرنى ياساپ، ھەر بىر ئۆي ئىچىگە يەنە يۇيۇنىدىغان، كىيىم - كېچەك سالىدىغان بۆلۈمچىلەرنى ئايرىم - ئايرىم ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئارىشاڭ ئەتراپىغا يەنە داۋالىنىشقا كەلگەنلەر ئۈچۈن ياتاق ئۆيلەرنى ۋە بىر مەسچىت سالغان. بىزنىڭ يولۇچىلىرىمىز بۇ يەرگە يېتىپ كەلگەن يىللاردا تېخى ئارىشاڭ ئەتراپىدا بۇ قۇرۇلۇشلار يوق ئىدى» (984 - بەت.) بۇ نەقىلدە تىلغا ئېلىنغان يولۇچىلار قەشقەردىن ئىلىغا قاراپ سەپەر قىلغان ئۇلاغلىق كارۋان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئەسەرنىڭ باش پېرسوناژى سەمەت، يانداش پېرسوناژى قۇۋان ئەزمە بىلەن ھۈسەن بايۋەچچە بار ئىدى. بىز يۇقىرىقى ئۇچۇردىن بۇ يولۇچىلارنىڭ مۇز داۋاندىن ھالقىپ ئىلى تەۋەسىگە قەدەم باسقان مەزگىلىنى ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئىنقىلابىدىن ئىلگىرىكى چاغلار ئىكەن دەپ پەرەز قىلساقمۇ، ياڭ زېڭشىن دەۋرىمۇ، جىن شۇرېن دەۋرىمۇ، شېڭ شىسەي دەۋرىمۇ ياكى گومىنداڭ دەۋرىمۇ، بۇنى ئېنىق بېكىتىشكە ئامالسىز قالىمىز. “چېرىك”، “لەشكەر” دېگەن ئاتالغۇلارنىڭ شېڭ شىسەي دەۋرىدىن ئىلگىرىكى زامانلارغا مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى، شېڭ شىسەي دەۋرىدىن باشلاپ “ئەسكەر”، “ساقچى” دېگەن ئاتالغۇلارنى ئىشلىتىش ئومۇملاشقانلىقىنى نەزەرگە ئالساق، پەرىزىمىز تېخىمۇ مۈجمەللىشىپ كېتىدۇ. دېمەك، روماننىڭ 1 - تومىدىن شىنجاڭنىڭ مۇئەييەن تارىخىي دەۋرىنى ئېنىق كۆرسىتىدىغان ھېچقانداق ئۇچۇرغا ئېرىشكىلى بولمايدۇ. مۇشۇنداق ئەھۋالدا يازغۇچىنىڭ بۇ روماننى “ئەستىن كۆتۈرۈلۈپ، ئۇنتۇلۇپ كېتىۋاتقان بىر تارىخ توغرىسىدىكى داستان” سۈپىتىدە يېزىپ چىقىش مۇددىئاسىغا يېقىنمۇ كېلەلمىگەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇ. ئۇنداقتا روماننىڭ 2 - تومىدىمۇ تارىخىي دەۋر توغرىسىدىكى ئېنىق ئۇچۇر يوقمۇ؟ دەپ سورالسا، بۇ سوئالغا ئۇچۇر بار، ئەمما يۇقىرىدا ئېيتقىنىمدەك تارىخ تۇيغۇسىنىڭ ئىپادىسى يوق، دەپ جاۋاب بېرىشكە توغرا كېلىدۇ. ئالدى بىلەن بىزگە يەتكەن ئۇچۇردىن سۆز ئاچساق، 2 - تومنىڭ 620 - ۋە 628 - بېتىدە ئىپادىلەنگەن ئۇچۇرلار روماندىكى تارىخىي دەۋرنى 1940 - يىللارنىڭ بېشى، يەنى شېڭ شىسەي دەۋرىنىڭ ئاخىرقى يىللىرى ئىكەن دەپ پەرەز قىلىشىمىزغا ئاساس بولالايدۇ: «قۇربانجان بۇ يەرلىك مەمەتنىياز دېگەن بايلار بىلەن بىرلىكتە پۇل چىقىرىپ مەكتەپ ياسىتىپ، مەكتەپ قۇرۇلۇشىدىن ئېشىپ قالغان ياغاچلارنى بۇ دەريا بويىغا يۆتكەپ كېلىپ، يەنە ئاقسۇ، چىكىرچى دېگەن جايلاردىن ياغاچ سېتىۋېلىپ بۇ كۆۋرۈكنى سالدۇرغانىكەن. شۇ قۇربانجان بىلەن مەمەتنىياز دېگەن بايلارنى ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت كېيىن كۈمۈش مېدال بىلەن ت−ارتۇقلىغان دېيىشىدۇ» (620 - بەت(. |