«1931- يىلى قومۇلدا دېھقانلار قوزغىلىڭى كۆتۈرۈلدى. كۆپ ئۆتمەي 1933 - يىلى شېڭ شىسەي بىلەن ما جۇڭيىڭ ئوتتۇرىسىدا مىلىتارىستلار ئۇرۇشى باشلىنىپ، ئۇرۇش ئوتى ئۇزاققا سوزۇلۇپ، پۈتكۈل شىنجاڭ قالايمىقانلاشتى. ئۆلكە پۇلى بىلەن قەشقەر پۇلى ھەربىي ئېھتىياج ئۈچۈن زور مىقداردا تارقىتىلىشقا باشلىدى. بولۇپمۇ ئۆلكە پۇلى بەكمۇ كۆپ تارقىتىلغانلىقتىن، قىممىتى شىددەت بىلەن تۆۋەنلەپ كەتتى. بازاردا كۈمۈش يارچەن، كۈمۈش قۇيمىسى، مىس پۇل، داچەن پۇل قاتارلىق مېتال پۇللار بىر مەھەل ئوبوروت ساھەسىدىن چىقىپ كېتىپ، كۆرۈنمەيدىغان بولۇپ قالدى. 1939-يىلى مالىيە مۇتەخەسسىسى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى ماۋ زېمىن پارتىيەمىزنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى مىللىي بىرلىك سەپ سىياسىتىنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن شېڭ شىسەيگە ياردەملىشىپ، مالىيەنى تەرتىپكە سېلىپ، پۇل تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىش، سەرنى يۈەنگە (سومغا) ئۆزگەرتىش، ئۆلكە پۇلى بىلەن قەشقەر پۇلىنى يىغىۋېلىپ، ئايرىۋاشلانمايدىغان، لېكىن تولۇق زاپاس فوندى بولغان شىنجاڭ ئۆلكە پۇلىنى تارقىتىش ئارقىلىق، پۈتۈن ئۆلكىنىڭ پۇل تۈزۈمىنى بىرلىككە كەلتۈردى.” دېمەك، “سالچىلار” رومانىدا بايان قىلىنغاندەك ئۇنداق خىلمۇخىل مېتال پۇللار ۋە ھەر خىل رەڭدىكى قەغەز پۇللار ئارىلىشىپ كەتكەن ئەھۋال 1940 - يىلىنىڭ بېشىدا كۆرۈلۈشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس ئىدى. روماندىكى قەشقەردىن چىققان سەمەت قاتارلىق يولۇچىلارنىڭ ئىلى تەۋەسىگە قەدەم قويغان مەزگىلىنى 1940 - يىلىنىڭ باشلىرى دەپ پەرەز قىلىشىمىزغا ئاساس بولىدىغان يەنە بىر پاكىت روماننىڭ 713 - بېتىدە كۆرۈلىدۇ. بۇ پاكىت سەمەت قاراكۆل دېگەن يەردە سالچىلارغا قوشۇلۇپ، سالچىلار بىلەن تۇنجى قېتىم دەريادا ماڭغان چاغدا ۋاققاس، غوجاخۇن، جاپپار ئۈچەيلەن بىر سالنىڭ ئۈستىدە پاراڭلىشىپ كېتىۋاتقاندا باش سالچى غوجاخۇن ئېيتقان تۆۋەندىكى سۆزدە ئۇچرايدۇ: « - پاھ، ماۋۇ ۋاققاسنىڭمۇ قۇلىقى ئىتتىككىنا؟ - دەپ ھەيران بولۇپ ۋاققاس تەرەپكە قارىدى جاپپار. ۋاققاس ئۈنچىقماي پالاقنى تارتقىنىچە كۈلۈپ قاراپ تۇراتتى. - قۇلىقى ئىتتىك، - دېدى غوجاخۇن، - بولغان ھەممە پاراڭنى ئاڭلاپ كېتىۋاتىدۇ... ھە، شۇ مۇخەممەرنىڭ دەپ بېرىشىچە، قايسى يىللىرى دەيدۇ ئەيتاۋۇر، 1 - دۇنيا ئۇرۇشى پارتلىغان زامانلاردا ئورۇسلارنىڭ پادىشاھى تۇڭگانلاردىنمۇ مەجبۇرىي ئەسكەر ئالغىلى تۇرۇپتىكەن» (317 - بەت(. ھەممىگە مەلۇمكى، 2 - دۇنيا ئۇرۇشىدىن ئاۋۋال 1 - دۇنيا ئۇرۇشىنى “1 - دۇنيا ئۇرۇشى” دەپ ئاتاش دۇنيانىڭ ھېچقانداق جايىدا، مەيلى ئىلىم ساھەسىدىكىلەرنىڭ ئىچىدە، مەيلى ئاۋام ئىچىدە قوللىنىلمىغان ئاتالغۇ ئىدى. كىشىلەر1 - دۇنيا ئۇرۇشىنى “ياۋروپا ئۇرۇشى”، “جاھان ئۇرۇشى” دەپ ئاتىشاتتى. 2 - دۇنيا ئۇرۇشى 1939 - يىلى 9 - ئايدا پارتلىغاندىن كېيىن، ئاندىن بۇ ئىككى قېتىملىق جاھان ئۇرۇشىنى پەرقلەندۈرۈش ئېھتىياجى بىلەن “1 - دۇنيا ئۇرۇشى”، “2 - دۇنيا ئۇرۇشى” دەپ ئاتاش بارلىققا كەلگەن. غوجاخۇن دېگەن سالچىنىڭ تىلىدىن بېرىلگەن “1 - دۇنيا ئۇرۇشى” دېگەن ئاتالغۇ تەبىئىي ھالدا 1940 - يىلىدىن كېيىنكى مەزگىلنى ئېسىمىزگە سالىدۇ. يازغۇچى بۇ ئاتالغۇنى ئاڭلىق ئىشلەتتىمۇ - ئاڭسىزمۇ؟ بۇ تەرىپىنى بىلمەيمەن. ئەمما يۇقىرىقى ئاتالغۇدىن بىزگە يەتكەن ۋاقىت ئۇچۇرى شۇكى، سەمەت قوشۇلغان سالچىلارنىڭ ئىلى دەرياسىدا ماڭغان ۋاقتى 1940 - يىلىدىن كېيىنگە توغرا كېلىدۇ. يازغۇچى روماننىڭ 2 - تومىنىڭ ئاخىرقى بابلىرىدا “ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئىنقىلابى”، “ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئارمىيەسى”، “ئەخمەتجان قاسىمى”، “غېنى باتۇر”، “يېڭى ھۆكۈمەت”، “ئازادلىق”، “مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى” دېگەن ئاتالغۇ ۋە ئىسىملارنى ئاندا - مۇندا تىلغا ئالغان بولسىمۇ، بۇ تارىخىي ۋەقە ھەم تارىخىي شەخسلەرنى رومانىدىكى ئاساسىي پېرسوناژلار ۋە ۋەقە - ھادىسىلەر بىلەن ماھىيەت جەھەتتىن باغلاشقا ئازراقمۇ ئەھمىيەت بەرمىگەن. مەسىلەن، ئىلى ۋادىسىدىكى سالچىلار ۋە ياشلىقىدا قەشقەردىن ئىلىغا چىقىپ كېيىنكى ئۆمرىنى ئىلىدا ئۆتكۈزگەن ئاساسلىق پېرسوناژ سەمەت ۋە ئۇنىڭ دوستلىرى قۇۋان ھەم ھۈسەن بايۋەچچىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئىلىنى قاپلىغان “ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئىنقىلابى” ئۇلارنىڭ تەقدىرى ۋە روھىيىتىگە ھېچقانداق تەسىر كۆرسەتمىگەن ھالەتتە يېزىلغان. ئاپتور رومانىدا بۇ شانلىق ئىنقىلابنى تۈزۈكرەك تىلغا ئېلىپمۇ قويمىغان، ھېلىدىن ھېلىغا، گۇچۇڭ ھارىقىنىڭ قانداق كەيپ قىلىدىغانلىقى، چوڭ كۆۋرۈكتىكى جېدەل - ماجىرا، ئەتىيازدىكى پاتقاقچىلىق، ئەھمىيىتى يوق قىزىقچىلىق، مازار ۋە بازارلارنىڭ شەكىللىنىشى دېگەندەك نەرسىلەرنى ناھايىتى تەپسىلىي يازغان. بىز شۇ قەدەر شانلىق تارىخىي ئىنقىلابقا پەرۋاسىز مۇئامىلە قىلغان يازغۇچىدىن 20 ياشلارغا كىرگەندە ئىلى ۋادىسىغا قەدەم قويغان سەمەت نوچى 1954 - يىلى 2 - ئاينىڭ 3 - كۈنى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىي ھۆكۈمىتى ماقۇللىغان 19 - نومۇرلۇق قارارنىڭ ئوبيېكتى تۇرۇپ، نېمە ئۈچۈن بۇ قارارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدۇ؟ دەپ سورىماي تۇرالمايمىز. 19- نومۇرلۇق بۇ قاراردا مۇنۇلار بەلگىلەنگەنىدى: “ھەربىي خىزمەت ئۆتەش قانۇنى بويىچە، 20 ياشتىن 22 ياشقىچە بولغانلىكى پۇقرالارنى ئەسكەرلىككە چاقىرىش، ھەربىي خىزمەت ئۆتەش مۇددىتى ئۈچ يىل بولۇش؛ ھازىر ئومۇمىي سەپەرۋەرلىك قىلىش مەزگىلى بولغاچقا، 23 ياشتىن 45 ياشقىچە بولغان پۇقرالارمۇ ئەسكەر بولۇپ ھەربىي خىزمەت ئۆتەش؛ مەيلى ئوفىتسېر ياكى ئەسكەر بولسۇن، ھەربىي تەرەپ ئۇلارنى كىيىم - كېچەك، يېمەك - ئىچمەك بىلەن تەمىنلىگەندىن باشقا، يەرلىك ھۆكۈمەتلەر ئۇلارنىڭ ئائىلىسىگە جان سانىغا قاراپ قوشۇمچە ياردەم بېرىش.” مانا مۇشۇنداق جىددىي قانۇن بىلەن يېشى 20 لەردىن ئاشقان سەمەت نوچىنىڭ ھايات قىسمىتى پۈتۈنلەي مۇناسىۋەتسىز بولۇشى مۇمكىنمۇ؟ ياش قۇرامى سەمەت بىلەن دېمەتلىك بولغان قۇۋان ئەزمە ھەم ھۈسەن بايۋەچچىلەرنىڭمۇ پۈتكۈل ئىلى ۋادىسىنى قاپلىغان ھەم 1944 - يىلى كۈزدىن 1949 - يىلى كۈزگىچە داۋام قىلغان شانلىق ئىنقىلاب مەزگىلىدە تامامەن چەتتە قېلىشى مۇمكىنمۇ؟ ئۇلارنىڭ بۇنداق چەتتە قېلىشىغا سەۋەب بولىدىغان بىرەر ئالاھىدە ئىش بارمۇ؟ ناۋادا بۇ پېرسوناژلار ئىلى ۋادىسىدىن باشقا جايلاردا، مۇنداقچە ئېيتقاندا، شەرقىي شىنجاڭ ۋە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ۋىلايەت ياكى يېزا - قىشلاقلاردا پائالىيەت قىلدۇرۇلغان بولسا، يازغۇچىنىڭ بۇنداق ئورۇنلاشتۇرۇشىنى توغرا چۈشىنىشكە بولاتتى. ئەمما ئۇلار ئىلى ۋادىسىدا پائالىيەت قىلدۇرۇلغان، ئەمەلىيەتتە يازغۇچى ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئىنقىلابىنىڭ بۇ پېرسوناژلارنىڭ روھى ۋە تەقدىرىگە بولغان تەسىرىنى يېزىشنى ئېسىگە كەلتۈرۈپمۇ باقمىغان. ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئىنقىلابىغا مۇناسىۋەتلىك بىرەر ھاياجانلىق سۆز - ئىبارىنىمۇ تىلغا ئالمىغان. گويا ئىلى ۋادىسىدا ئۇنداق زور ئىنقىلاب بولۇپ ئۆتمىگەندەك، ئۇنداق شانلىق تارىخ مەۋجۇت ئەمەستەك مۇئامىلە قىلغان. سەمەت قاتارلىق بۇ پېرسوناژلارنىڭ ئىلىدىكى كەچۈرمىشلىرىنى ۋە روماننىڭ ۋەقەلىكىنى بىۋاسىتىلا يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان مەزگىلگە ئۇلىغان: “ئارىدىن يەنە خېلى يىللار ئۆتۈپ كەتتى. زېمىن ئۈستىدە قانچە بورانلار كۆتۈرۈلۈپ، قانچە شىۋىرغانلار قۇتراپ، قانچە زىمىستان ئۇزاپ يەنە باھار يېتىپ كەلدى. قارلىق تاغلارنىڭ باغرىدىكى تالاي قارىغايلار قاراسلاپ يىقىلدى. تېكەس، كۈنەس، قاش دەريالىرىنىڭ خەتەرلىك ئېقىنلىرىدىن يەنە قانچە ساللار لەپەڭشىپ ئېقىپ ئۆتتى. شىددەتلىك دولقۇنلاردا قانچە سالچىلارنىڭ ساللىرى تاشلارغا ئۇرۇلۇپ، كىملەرنىڭدۇ جەسەتلىرى ئايدالالاردا قېپقالدى. شۇ نامسىز قەھرىمانلارنىڭ دولقۇنلار بىلەن ئېلىشىپ ئېقىتىپ كەلگەن ياغاچلىرى بىلەن قانچە ئايۋان - ساراي، ئىمارەتلەر ئۆرە بولدى. بىپايان چۆللەردە سانسىز ئىستۇلبىلار قەد كۆتۈردى... ئازادلىقنىڭ دەسلەپكى يىللىرى ئىدى. سالچىلارنىڭ كۆپىنچىسى يەنىلا قىشىچە خاڭنىڭ ئاستىدا ئىشلەپ سوغۇق كۈنلەرنى ئۆتكۈزۈپ، يازدا سال ھەيدەيتتى. سالچىلار ئارىسىدا >ئەمدى خاڭدا ئىشلەيدىغانلار بىلەن سال ھەيدەيدىغانلارغا ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئىگە بولغۇدەك، بۇنىڭدىن كېيىن ھەممە ئىشلار تەشكىللىك بولارمىش...< دېگەن گەپلەر تارقىلىپ يۈرەتتى” (839 - بەت(. دېمەك، يازغۇچى رومانىدا بىر پۈتۈن ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئىنقىلابى دەۋرىنى “ئارىدىن يەنە خېلى يىللار ئۆتۈپ كەتتى” دەپلا يېزىپ، ئېتىبارغا ئالماي ئاتلاپ ئۆتۈپ كەتكەن. ياشلىق ۋە قىران چاغلىرى ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئىنقىلابى دەۋرىگە توغرا كېلىدىغان سەمەت نوچى باشلىق بىر توپ قارام، قورقۇمسىز سالچىلارنىڭ ھاياتىنى تەسۋىرلەۋاتقان بىر روماندا، پۈتكۈل ئىلى خەلقىنىڭ تەقدىرى، روھىيىتى، تۇرمۇشى قاتارلىق نېگىزلىك تەرەپلەرگە چېتىلىپ كەتكەن بىر چوڭ مىللىي ئىنقىلابنى “ئايلار ئۆتتى، يىللار ئۆتتى، بۇلبۇل يارىنى كۈتتى” دېگەندەك شەكىلدە يېزىپ ئۆتۈپ كېتىش ئوقۇرمەنگە نىسبەتەن نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟! شۈبھىسىزكى بۇ يازغۇچىنىڭ تارىخ ئېڭىنىڭ تۆۋەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئوقۇرمەندە شۈبھىلىك سوئاللارنى تۇغدۇرىدىغان مۇشۇنداق ئەھۋالدا يازغۇچى “ئەستىن كۆتۈرۈلۈپ، ئۇنتۇلۇپ كېتىۋاتقان بىر تارىخ توغرىسىدىكى داستان”نى يازدىم دېيەلەمدۇ؟! ناۋادا يازغۇچى رومانىدا ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئىنقىلابىغا ئالاقىدار ھېچنېمە دېمىگەنمۇ دەپ سورالسا، بۇ ھەقتە ئۇچۇر بار دەپ جاۋاب بېرىمەن. ئەمما بۇ ئۇچۇر يازغۇچىنىڭ تىلى بويىچە ئېيتقاندا “ئازادلىقنىڭ دەسلەپكى يىللىرى”دا تاغدىن - باغدىن پاراڭلىشىپ ئولتۇرغان سالچىلارنىڭ سۆھبىتى تەسۋىرلەنگەندە، مۇنداقلا تىلغا ئېلىنغان: |