«سالچىلار» رومانى ھەققىدە دەسلەپكى تەنقىد(7)

يوللانغان ۋاقتى:28-01-2014   مەنبە: تارىم 2013-4-سان   مۇھەررىر: ھەزرەتئەلى ئەخەت   كۆرۈلۈشى: قېتىم   ئىنكاس: 7 پارچە
ئەسەرنىڭ باش پېرسوناژى سەمەتمۇ ۋىجداندىن مۇستەسنا، ئىدراكى تۆۋەن. ئەخلاق ئېڭى يوق، ھاياتىنى قەدىرلەشنى بىلمە

ئەسەرنىڭ باش پېرسوناژى سەمەتمۇ ۋىجداندىن مۇستەسنا، ئىدراكى تۆۋەن. ئەخلاق ئېڭى يوق، ھاياتىنى قەدىرلەشنى بىلمەيدىغان، خام خىيالغا بېرىلىدىغان، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ئاجىز بىر يارىماس بايقۇش. ئۇ 20 ياشلىرىدا تاسادىپىي بىر ۋەقە تۈپەيلى قەشقەر تەۋەسىدىكى تۇغۇلغان يۇرتىدىن چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ئىلىدا يېرىم ئەسىردەك ياشايدۇ. مۇشۇ جەرياندا “ئېتىنىڭ چۇلۋۇرىغا ئېسىلىپ يىغلاپ قالغان ئانىسى”نى بىرەر قېتىممۇ ئەستايىدىل ئەسلەپ قويمايدۇ. دېرىكىنىمۇ سۈرۈشتە قىلمايدۇ. ئانىسىنىڭ قانداق كۈنلەرنى كۆرۈۋاتقانلىقىدىن، ئۆلۈك - تىرىكلىكىدىن ئەنسىرەپمۇ قويمايدۇ. پەقەت بالا ۋاقتىدا مەھەللىسىدىكى كۆل بويىدا يىراقتىن كۆرگەن، ئەمما ھېچقانداق ھېسسىيات ئۆتۈشۈشى بولمىغان (قىز پۈتۈنلەي بىخەۋەر) لەيلىگۈل دېگەن بىر قىزنىڭ ئىشقىدا سۇس كۆيۈش بىلەن، ئۇنىڭ ۋىسالىغا يېتىشنى بىر ئۆمۈر خام خىيال قىلىپ ياشايدۇ. ئارىدىن 40 يىللار ئۆتكەندە ئۇ بالىلىقىدا يۈرىكىگە ئوت سالغان لەيلىگۈل بىلەن غۇلجا شەھىرىدە توساتتىن ئۇچرىشىپ قالىدۇ. بۇ چاغدا ئۇ ئۆز - ئۆزىگە مۇنداق دەيدۇ:
“شۇ...شۇ... نەق ئۆزى شۇ... توۋا! −− دەيتتى سەمەت ئۆز - ئۆزىگە، −− مەن مۇشۇ ئايالنى ئۇچرىتىپ قالارمەن، دەپ ئۈمىدلىنىپ، قەشقەردىن داۋان ئاتلاپ چىقىپ ياقا - يۇرتلاردا مۇساپىر بولۇپ ھازىرغىچە ئۆيلەنمەي يۈرگەن بولسام - ھە؟ ! ئەجەب مەن ئۇنى قېرىمايدىغاندەك، ھازىرغىچە شۇ سۇمبۇل چاچ، كىچىككىنە قىز ھالىتىدىلا كۆز ئالدىمغا كەلتۈرۈپ يۈرۈپتىمىنا...”
سەمەتنىڭ بۇ مونولوگىدا ئىشق ئوتىدا بىر ئۆمۈر ئۆرتەنگەن بىر ئادەمنىڭ مەھرۇم بولۇش تۇيغۇسى ئىپادىلەنمىگەن، بەختىنى تاپالمىغان بىر بەختسىز ئەرنىڭ ھەسرەتلىك نىداسىنىڭ سايىسىمۇ كۆرۈنمىگەن، پەقەت بەختسىزلىكىنىمۇ چۈشىنىپ يېتەلمەيدىغان بىر دەلتە ئادەمنىڭ لەقۋالارچە ئىنكاسىلا ئايان بولغان خالاس. مۇشۇنداق ئالاھىدە ئەھۋالدا سەمەت دېگەن بۇ كالۋا پېرسوناژ نېمىلەرنى قىلىدۇ، دېگەندە گويا سودىسى پۈتكەن كاززاپ سودىگەرگە ئوخشاش، ئۇ ئايال (بىر ئۆمۈر ۋىسالىغا يېتىشنى ئارزۇ قىلغان خۇپىيانە ئاشىقى) ئېتىپ بەرگەن ئوخشىغان پولۇنى ئىشتىھا بىلەن يەپ، تۇغۇلۇپ ئۆسكەن مەھەللىسى ھەققىدە قىزغىن پاراڭغا چۈشۈپ كېتىدۇ.
روماندىكى تەپسىلات ۋە تەسۋىرلەرنى ئوقۇغان ئوقۇرمەن سەمەت دېگەن بۇ پېرسوناژنىڭ ھەقىقەتەنمۇ ئۇچىغا چىققان بىر گالۋاڭ ئادەم ئىكەنلىكىنى ھېس قىلماي قالمايدۇ. دوستى قۇۋانغا دېگەن تۆۋەندىكى گېپىدىن ئۇنىڭ مەجرۇھ مەنىۋى دۇنياسىنى تېخىمۇ روشەن كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ:
“ −− باينىڭ ھېلىقى خېنىمىنىڭ ئىسسىق قوينىنى تېپىپ خاتىرجەم بولغاندىن كېيىن ھەممىنى ئۇنتۇدۇم دېگىنە... بوپتۇ، ئادەم دېگەن شۇ. ھېلىمۇ بولسا ئۇچراشتۇق، ئەمدى بىزدىن ئايرىلما! مانا، ماڭا ياردەمچى سالچى بولىسەن، يېڭى ھۆكۈمەت كەلدى. ئەمدى ئىشلىرىمىز ياخشىلىنىپ كېتىدىغاندەك تۇرىدۇ... ھە ھېلىقى باينىڭ خېنىمىنىڭ گېپىنى قىلە” (875 - بەت(.
“قۇۋان، ئاڭلاپ قوي، −− دېدى ئۇ، −− ئىلىخوغا چىقىپ مېنىڭ ئۆگەنگەن ھۈنىرىمنىڭ بىرى سال ھەيدەش، يەنە بىرى ھاراق ئىچىش بولدى” (861 - بەت(.
مەن ئىككى توملۇق بۇ روماننى ئوقۇپ، باشتىن - ئاخىر سەمەتتىن ئىبارەت بۇ مەسئۇلىيەتسىز ھەم گالۋاڭ پېرسوناژدا “ئوت يۈرەك ئادەم”لەردە بولىدىغان بىرەر خىسلەتنى ئۇچرىتالمىدىم. مېنىڭ نەزەرىمدە ئۇنىڭ تۇرغان - پۈتكىنى بىر دۆت ئىدى، خالاس!
يازغۇچى رومانىدىكى سەمەت باشلىق بۇ بىر توپ سالچىلارنىڭ ئوبرازىنى مۇئەييەن مەقسەتتە ئەتەي شۇنداق گالۋاڭ ھەم خۇنۈك ئادەملەر قىلىپ ياراتقانمۇ؟ دەپ سوئال قويۇلسا، مېنىڭچە روماندىكى ئومۇمىي خاھىشتىن بۇنداق مەقسەتنى ھېس قىلغىلى بولمايدۇ، دەپ جاۋاب بېرىشكە توغرا كېلىدۇ. يازغۇچى ئۇلاردا “ئوت يۈرەك ئادەم”لەردە بولۇشقا تېگىشلىك بىرەر خىسلەتنى نامايان قىلىشنى خىيالىغا كەلتۈرمىگەن .
ئەجەللىك يېرى شۇكى، ئەكسىچە يازغۇچى ئۇلارنىڭ تاپتىن چىققان قىلمىش - ئەتمىشلىرىنى يوللۇق كۆرسىتىشكە ئۇرۇنغان ھەم ئۇلارنىڭ چۈشكۈن ھاياتىغا ئوچۇق - ئاشكارا ھېسداشلىق قىلغان. بۇنى بىز يازغۇچىنىڭ ئوقۇرمەنلەرگە قارىتىپ بىۋاسىتە ئېيتقان تۆۋەندىكى بىر ئابزاس سۆزىدىن كۆرۈۋالالايمىز:
“سىز >سالچى< دەپ ئاتىلىدىغان بۇ ئادەملەرنى چۈشەنمەيسىز. ئۇلار قۇچاق يەتمەيدىغان ياغاچلارنى بىر - بىرىگە چېتىپ، دەھشەتلىك ئېقىنلاردا جاننى ئالىقىنىغا ئېلىپ قويۇپ يۈرىدىغان ئادەملەر. ئۇلار ئىش ھەققىنى ئالغاندا ئاشپۇزۇللاردا كېرىلىپ ئولتۇرۇپ قورسىقىنى بولۇشىغا تويغۇزىدۇ، چۈنكى ئۇلار دەريا سۈيىدە كۈنلەپ داۋالغۇپ ئېقىپ ئىسسىق تاماق كۆرمەيدۇ، بەزىدە ئاچمۇ قالىدۇ؛ ئۇلار قانغۇچە بازار چۆرگىلەشنى، ئادەملەر بىلەن پاراڭلىشىشنى، غوۋغا كۆتۈرۈشنى ياخشى كۆرىدۇ، چۈنكى ئۇلار كۈنلەپ ئادەم دىدارىنى كۆرمەيدۇ؛ بار پۇلىنى ئوتتۇرىغا تاشلاپ قانغۇچە ئىچىپ، ناخشا ئېيتىپ كۆڭلىنى ئاچىدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ بۇ جېنى ئولجىغا قالغان جان، يەنە بىر قېتىم شەھەرگە كەلگۈچە كىم بار، كىم يوقلۇقىنى بىلمەيدۇ، قاراڭغۇ چۈشكەندە ئۇلار قانداقتۇر بىر كوچىغا كىرىپ تونۇش بىر ئىشىكنى قېقىپ، ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان بىر جاناننىڭ قوينىدا يېتىپ تاڭ ئاتقۇزىدۇ، چۈنكى ئۇلار كۈنلەپ ئەسكى چاپاننى يېپىنىپ گۈلخان يېنىدا تۈنەپ، بىر ئايال زاتىنىڭ ئۆزلىرىنى ئىسسىق باغرىغا ئېلىپ قۇچاقلىشىغا تەشنا بولۇپ كېتىدۇ...” (809 - بەت(
بۇ بىر ئابزاس باياندا، قىيىنچىلىقىنى پەش قىلىپ، ھەمراھسىز كۈنلىرىنى باھانە قىلىپ چۈشكۈن ھايات كەچۈرۈشكە ئادەتلىنىۋالغان بىر توپ ئۆكتەم ھەم رەسۋا ئادەملەر ئاقلانغان.
ئىنسان تەبىئىتىنىڭ تۇراقسىز ھەم مۇرەككەپ بولىدىغانلىقى، شۇ سەۋەبتىن خېلى - خېلى ئادەملەرنىڭمۇ ھاياتىدا چۈشكۈنلەشكەن مەزگىللىرى بولىدىغانلىقى ھەممىگە ئايان. ئەمما بىر ئادەمنىڭ بىر ئۆمۈر چۈشكۈن ھايات كەچۈرۈشى ئېغىر پىسخىكىلىق كېسەللىك ھېسابلىنىدۇ، بولۇپمۇ بىر توپ ئادەملەرنىڭ بىر ئۆمۈر چۈشكۈن ھايات كەچۈرۈشى ئېغىر ئىجتىمائىي ئىللەت ھېسابلىنىدۇ. قانۇن ۋە ئەخلاق نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، چۈشكۈنلەشكەن ئادەملەرنىڭ ئىچى پۇشسىلا ئۆكتەملىك قىلىدىغان قىلمىشلىرى ياكى ئەخلاق جەھەتتە تاپتىن چىقىدىغان ئادەتلىرى تېگىشلىك جازالىنىدۇ، چەكلىنىدۇ ۋە ئەيىبلىنىدۇ. مۇشۇنداق ئەھۋالدا بۇنداق قىلمىش ۋە ئادەتلەرنى يوللۇق قىلىپ كۆرسىتىش پۈتۈنلەي خاتا ! مەيلى بىر ئادەم بولسۇن ياكى بىر توپ ئادەم بولسۇن، ئىچى سىقىلسىلا كەيپ - ساپاغا ۋە ئەيش - ئىشرەتكە بېرىلىپ، تۇرمۇشىدىكى ئوڭۇشسىزلىق، كۆڭۈلسىزلىك، زېرىكىش ۋە مەنىسىزلىكنى ھەل قىلىشىنى نورمال ئەخلاق ئېڭىغا ئىگە ھەرقانداق ئادەم ۋە جەمئىيەت خوپ كۆرمەيدۇ. يازغۇچىنىڭ “سالچىلار” ناملىق بۇ رومانىدا بارلىق سالچىلار ئوبرازىنى پۈتۈنلەي چۈشكۈنلەشكەن ئادەملەر توپى سۈپىتىدە تەسۋىرلىشى، ئۇلارنىڭ ناتوغرا ھەرىكەت ۋە ئەخلاقسىز قىلمىشلىرىغا ھېسداشلىق پوزىتسىيەسىنى ئىپادىلىشى ئۇنىڭ بۇ خىل چۈشكۈن روھىي ھالەتنى ئېغىر ئىجتىمائىي ئىللەت دەپ قارىمايدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.
دېمەك، مەن “سالچىلار” رومانى ھەققىدىكى بۇ تەنقىدىي ماقالەمدە ئاساسلىقى يازغۇچىنىڭ بۇ روماننى يېزىشتىكى ئۈچ تۈرلۈك مۇددىئاسىنىڭ بىرىگە يېتىپ، ئىككىسىدە مەغلۇپ بولغانلىقىنىلا پاكىتلىق ۋە ئىلمىي يوسۇندا كۆرسىتىپ ئۆتتۈم.
پايدىلانمىلار:
① مەمتىمىن ھوشۇر: “سالچىلار” (ئىككى توم)، شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى، 2012 - يىلى نەشرى.
② شىنجاڭ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى تارىخىنى يېزىش - تەھرىرلەش كومىتېتى تۈزگەن: “شىنجاڭ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا دائىر چوڭ ئىشلار خاتىرىسى”، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1995 - يىلى نەشرى.
③ شىنجاڭ پۇللىرى رەسىملىك توپلىمىنى تۈزۈش ھەيئىتى تۈزگەن: “شىنجاڭ پۇللىرى”، شىنجاڭ گۈزەل سەنئەت فوتو سۈرەت نەشرىياتى بىلەن شياڭگاڭ مەدەنىيەت - مائارىپ نەشرىياتى، 1991 - يىلى نەشر قىلىنغان.
④ تېكەس ناھىيەلىك سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى تارىخ ماتېرىياللار ئىشخانىسى تۈزگەن: “تېكەس ناھىيە تارىخ ماتېرىياللىرى” (3)، 2008 - يىلى بېسىلغان.
⑤ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق سىياسىي كېڭەش تارىخ ماتېرىياللار كومىتېتى تۈزگەن: “ئىلى تارىخ ماتېرىياللىرى” (51)، 2007 - يىلى بېسىلغان.
⑥ سەۋىردىن ئۆمەر، ئابدۇللا ئاۋۇت تۈزگەن: “جەننەت ماكان - ئىلى”، بېيجىڭ مىللەتلەر نەشرىياتى، 2012 - يىلى نەشرى.
⑦ ئىسرائىل تۇردى: “سال ۋە سالچىلار”، “شىنجاڭ تەزكىرىچىلىكى”نىڭ 2008 - يىللىق 3 - سان.
⑧ خەپىز ساتتار سالىخ: “ئىلى دەرياسىنىڭ تارىختىكى سۇ قاتناش ئىشلىرى”، “شىنجاڭ تەزكىرىچىلىكى”نىڭ 2008 - يىللىق 3 - سان.




ھالقىلىق سۆزلەر : سالچىلار، رومان، تارىم


بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
------分隔线----------------------------

ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار