«كونا كوچا»دىن تۇغۇلغان ھېسلار

يوللانغان ۋاقتى:01-04-2012   مەنبە: تارىم 2011-يىل 4-سان   مۇھەررىر: ھەزرەتئەلى ئەخەت   كۆرۈلۈشى: قېتىم   ئىنكاس: 0 پارچە
2012- يىلنى ئىجتىھاتلىق ۋە ئىستېداتلىق يازغۇچىمىز ئەخەت تۇردىنىڭ ھايات مۇساپىسىدىكى مول مەزمۇنلۇق ھالقىما يىل دېيىشكە بولىدۇ. بۇنىڭ

ئاپتورى: ئابدۇكېرىم راھمان

 

2012- يىلنى ئىجتىھاتلىق ۋە ئىستېداتلىق يازغۇچىمىز ئەخەت تۇردىنىڭ ھايات مۇساپىسىدىكى مول مەزمۇنلۇق ھالقىما يىل دېيىشكە بولىدۇ. بۇنىڭ ئاساسى شۇكى، بىرى، شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى مەزكۇر يازغۇچى ئىجادىيىتىنىڭ 50يىللىقىنى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن ئۇنىڭ ئاساسلىق ئەسەرلىرىنى ئون توم ھالىتىدە كۆركەم ۋە سۈپەتلىك نەشر قىلىپ، كەڭ ئوقۇرمەنلىرى بىلەن يۈز كۆرۈشتۈردى. يەنە بىرى، دەل مۇشۇ يىلنىڭ 28- نويابىر كۈنى ئۈرۈمچىنىڭ ئاۋات كوچىسىغا جايلاشقان »قاينام رېستورانى«نىڭ مەرىكە زالىدا يازغۇچىمىزنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى، يىراق - يېقىندىكى ئۇرۇق - تۇغقان ئەقرەبالىرى، ساۋاقداش، خىزمەتداش، دوست - بۇرادەرلىرى، ئىجادىيەت كېمىسىدە بىللە ئۈزۈۋاتقان سەپداشلىرى، بىر قىسىم ئالىي مەكتەپلەر، نەشرىيات ۋە گېزىت - ژۇرناللارنىڭ ۋەكىللىرى قاتارلىقلار جەم بولۇپ، يازغۇچىمىز ئەخەت تۇردىنىڭ 70ياشقا كىرگەنلىكى ۋە ئەدەبىي ئىجادىيىتىنىڭ 50يىللىقىنى داغدۇغىلىق ھالدا خاتىرىلىدى ھەمدە مۇشۇ قوش خاتىرە كۈنىگە ئاتاپ نەشر قىلىنغان 11 - كىتابى −− »كونا كوچا« ناملىق رومانى ئەھمىيەتلىك سوۋغا سۈپىتىدە ئۇنىڭ »خاتىرىلەش پائالىيىتى«گە قاتناشقان بارلىق يولداشلارغا تارقىتىپ بېرىلدى.
بۇ ھەقىقەتەن ئىسمى − جىسمىغا لايىق »كۆڭۈل سوۋغىسى«، شۇنداقلا ئاپتورنىڭ قەلبىدە 70يىلدىن بۇيان يالقۇنجاپ كېلىۋاتقان يۇرت مۇھەببىتىدىن، ئوچۇقراق ئېيتقاندا، قەشقەر جانانلىرىنىڭ پاناھگاھى −− »جانان كوچا« ئىشتىياقىدىن تۇغۇلغان پوئېتىك »ناخشا« ئىدى.
»شۇنداق، ئۇزاق تارىخنىڭ ئۆچمەس ئىزنالىرى، ئەجداد روھىنىڭ نۇر - شولىلىرى ئەكسىلىنىپ تۇرغان.« بۇ كوچىغا ئاپتورنىڭ كىندىك قېنى تۆكۈلگەن؛ ئاساۋ تايدەك كىشنەپ يۈرگەن بالىلىق، ئۆسمۈرلۈك چاغلىرى مۇشۇ كوچىدا ئۆتكەن؛ ئۇنىڭ ئەدەبىياتقا بولغان مەجنۇنلارچە سەۋدالىقىمۇ مۇشۇ كوچىدا قوزغالغان؛ ئۇنىڭ بۇنىڭدىن 52يىل مۇقەددەم »تارىم« ژۇرنىلى ئوقۇرمەنلىرىنى سۆيۈندۈرگەن ۋە ئۈمىدلەندۈرگەن »گۈرۈچ« ناملىق ھېكايىسىنىڭ خېمىرى مۇشۇ كوچىدا پىشۇرۇلغان؛ بەرھەقكى »مىڭبىر كېچە« سىر - ئەسرالىرىدىن بىنا بولغان بۇ كوچا ئەخەت تۇردى ھاياتىغا مەزمۇن ۋە مەنە بېغىشلىغۇچى مۇقەددەس قەلئەدۇر. شۇڭا ئۇ رومانىغا مۇشۇ كوچىنىڭ ئىسمىنى ماۋزۇ قىلىپ قويغان. »كونا كوچا« رومانىنى قولۇمغا ئېلىپلا خىيال كەپتىرىم، جانان كوچىسىدىكى »رېشىت پەلەڭ« )»كونا كوچا« رومانىدىكى بىر پېرسوناژ(نىڭ پەغىزىگە قوندى؛ بالىلىق ۋە ئۆسمۈرلۈك چاغلىرىمدا بۇ كوچىنىڭ مەركىزىدىكى ئەخەت تۇردىنىڭ قوش قانات دەرۋازىلىق ئازادە ئۆينىڭ بالىخانىسىدا ئۇنىڭ بىلەن تالاي قېتىم ھەمسۆھبەت، ھەمداستىخان بولغان كۈنلەر كۆڭۈل ئېكرانىمدا ئايان بولدى؛ قىسقىسى، بۇ كوچا ماڭىمۇ ناتونۇش ئەمەس ئىدى. قەشقەر كونا شەھىرىدىكى ئىسمى - جىسمى بار تىلسىماتلىق 99 كوچا ئىچىدە بۇ كوچا باشقىچىرەك ھۆرمەت ۋە ئىناۋەتكە ئىگە بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭغا »جانان« دېگەن بۇ گۈزەل ئىسىم قويۇلغان بولۇشى ئېھتىمال. جۇغراپىيەلىك ئورنى جەھەتتىن ئۆستەڭبويى چوڭ يولى ئېغىزىغا جايلاشقان بۇ كوچا ھېيتگاھ جامەسىنىڭ »ئوڭ قولى«غا ئوخشايتتى. ئەدناسى، شۈمەكتىن تارتىپ ئالتۇن - كۈمۈشلەردىن ياسىلىدىغان زىبۇ - زىننەت بۇيۇملىرىغىچە تېپىلىدىغان بۇ »ھۈنەر - سەنئەت كوچىسى«نى سەير ئەتكەن ھەرقانداق بىر كىشى بۇ كوچىغا ھەۋەسلىنىپ قارايتتى. مەنمۇ ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىلىمدە بۇ كوچىنى كۆپ ئەگىگەن، ھەتتا بالىلىق ھېسسىياتىمدىن ئۇرغۇغان مۇنداق نەزملەرنىمۇ يازغان:


باغۇئىرەم ھېيتگاھىمنىڭ سۇلكىتى −− جانان كوچام،
سەندە جەمىغ جەمشىتلەرنىڭ قۇدرىتى −− جانان كوچام.
ھەر دەرۋازاڭ بىر قامۇستۇر قىسمەتلىرىڭ پۈتۈلگەن.
ۋەلىخانوفھەم يائۇشېفنىڭئۈلپىتى −− جانان كوچام.


دېمەك، ئەخەت تۇردى ئۈچۈن تولىمۇ قەدىناس بولغان بۇ جەلپكار كوچا »يېشىل مەرۋايىت« دەپ سۈپەتلىنىدىغان قەشقەرنىڭ كۆزى ۋە سۆزى ئىدى. شۇڭا چىنلىقنى بەدىئىي ئەدەبىياتنىڭ جېنى دەپ بىلىدىغان رېئالىزمچى يازغۇچىمىز ئەخەت تۇردى قەشقەرنىڭ ئۆتمۈشى، بۈگۈنى ۋە ئەتىسىنى ئەكس ئەتتۈرگەن رومانى ئۈچۈن بۇ »كونا كوچا«نى ماۋزۇ قىلىپ تاللىشى گوياكى »ئالتۇن ئۈزۈككە ياقۇت كۆز«دەك خوپ ياراشقان.
ئەخەت تۇردى ئۆزىنىڭ ئەدەبىي ئويلىرى ۋە ئەسلىمىلىرىدىن تەركىبلەنگەن »دەۋر ساداسى« ناملىق كىتابىدا: »مېنىڭچە، يازغۇچى − شائىرنىڭ ئىككى ئۇستازى بولىدۇ؛ بىرى، تۇرمۇش؛ يەنە بىرى ئۆزى« دەيدۇ. بۇ مەزكۇر يازغۇچىمىزنىڭ يېرىم ئەسىرلىك ئىجادىيەت ئەمەلىيىتىدىن چىقىرىلغان يەكۈن بولۇپ، ئۇنىڭ »كونا كوچا« ناملىق رومانىنىڭ روياپقا چىقىش جەريانىدا بۇ يەكۈن تېخىمۇ تولۇق ئىسپاتلانغان. تۇرمۇشنى قىزغىن سۆيۈش، تۇرمۇشقا كەڭ قۇچاق ئېچىش ھەرقانداق يازغۇچى ئۈچۈن زۆرۈر شەرت ئىكەنلىكىدەك بۇ ئاددىي ھەقىقەت دۇنيانىڭ ئەدەبىيات مۇنبىرىدە ئورتاق ئېتىراپقا ئېرىشكەن. لېكىن ھەممە يازغۇچىنىڭ تۇرمۇشتىن ئىبارەت بۇ ئۇلۇغ ئۇستازغا بولغان چىن ئىخلاسى ۋە ئېتىقادى، رېئال تۇرمۇشتىن بەدىئىي تۇرمۇش يارىتىش ئۇسۇلى بىردەك بولمايدۇ. گەرچە »ئەدەبىياتنىڭ مەنبەسى −− تۇرمۇش« ئىكەنلىكى نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت جەھەتتىن ئاللىقاچان ھەققانىي ھۆكۈمگە ئايلانغان بولسىمۇ، لېكىن ئەدەبىيات سىياسىينىڭ ئارقىسىدىن ئەگىپلا يۈرۈيدىغان مەزگىللەردە بازارغا سېلىنغان »تېمىنى ئالدىن بەلگىلەش«، »»تېما ئالدىدا يۈرۈش« شامىلىنىڭ تەسىرىدىن ئۈزۈل - كېسىل قۇتۇلدۇق دەپ ئېيتالايمىز. جەمئىيەت −− تۇرمۇش جەڭگاھى، ئەتراپىمىزنىڭ ھەممىسى تۇرمۇش، شۇڭا ئىجادىيەتتە بەدىئىي دىت ۋە ماھارەت بولسىلا ئەدەبىياتتىن تۇرمۇش قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ، دەپ قارىغۇچىلارمۇ يوق ئەمەس. لېكىن بەدىئىي دىت بىلەن رېئال تۇرمۇشنىڭ دىيالېكتىك مۇناسىۋىتىدىن قارىغاندا، تۇرمۇش ھەرقانداق يازغۇچىنىڭ بەدىئىي دىتى ۋە ماھارىتىنى يېتىلدۈرىدىغان، تەربىيەلەيدىغان ۋە كامال تاپقۇزىدىغان مۇنبەت تۇپراق، ئاشۇ بىرلەمچى مەنبە ئارقىلىقلا يازغۇچى ئەقىل تاپىدۇ ۋە ئۇنىڭدا ئىجادىي ھاياجان قوزغىلىدۇ. كۆپلىگەن داڭلىق يازغۇچىلارنىڭ ئىجادىيەت تەجرىبىسىدىن قارىغاندا، يازغۇچى ئۈچۈن تۇرمۇشتىن ئالغان بىۋاسىتە تەسىراتى ئىنتايىن مۇھىم. بىۋاسىتە تەسىرات بىلەن ۋاسىتىلىك تەسىراتنىڭ بەدىئىي ئۈنۈمى ۋە قىممىتى بىر - بىرىگە ئوخشىمايدۇ. يازغۇچىنىڭ بەدىئىي غايىسىدىكى تارىخقا، دەۋرگە، خەلققە ۋە مىللەتكە بولغان سەمىمىيىتى ئۇنىڭ تۇرمۇشقا بولغان سەمىمىيىتىدە ئەكس ئېتىدىغان بولغاچقا، يازغۇچى تۇرمۇشتىن ھەرگىزمۇ ئۆزىنى چەتكە ئالماسلىقى كېرەك. »يازغۇچىنىڭ ۋىجدانى تۇرمۇشنىڭ تارازىسى بولۇشى لازىم.« ① مانا بۇ ھېكمەتلىك پىكىر يازغۇچىمىز ئەخەت تۇردى ئۆزىنىڭ يېرىم ئەسىرلىك بەدىئىي ئىجادىيەت ئەمەلىيىتىدىن چىقارغان يەكۈندۇر. ئۇنىڭ يېڭى دەۋر ئۇيغۇر پىروزىچىلىقىنىڭ تۆرىدىن ئورۇن ئېلىشقا مۇناسىپ بولغان، ئوقۇرمەنلەرنىڭ سۆيۈپ ئوقۇشىغا ۋە يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشكەن »ئۇنتۇلغان كىشىلەر«، »ھايات شۇنداق«، »ئاي يامغۇرى«، »سەرسان روھ«، »بەختسىز سەئىدىيە«، »قاباھەت«، »كونا كوچا« قاتارلىق رومانلىرى يازغۇچىنىڭ بىۋاسىتە تۇرمۇش تەسىراتىنىڭ شېرىن مېۋىلىرى ھېسابلىنىدۇ. مەن شاھىت بولغان ئۇنىڭ 50نەچچە يىللىق ئىجادىيەت مۇساپىسىدە ھەممىدىن گەۋدىلىك بولغان ۋە مەندە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان مۇنداق ئۈچ ئەۋزەللىك بار. بىرى، ئىجادىيەتنى ئۇلۇغ ۋە مۇقەددەس بۇرچ دەپ بىلىش؛ يەنە بىرى، تۇرمۇش ئۆگىنىش، تۇرمۇشقا چوڭقۇر چۆكۈش، تۇرمۇش ھاسىلاتلىرىدىن ماھىيەتنى تېپىپ چىقىشقا جۈرئەتلىك بولۇشنى مەڭگۈلۈك ئەقىدە ۋە ئېتىقادقا ئايلاندۇرۇش؛ ئۈچىنچى، مەسئۇلىيەتچان، تەلەپچان بولۇش، كۈچلۈك ئىرادە ۋە ئىشەنچ تىكلەش، بۇ ئەۋزەللىكلەر ئەخەت تۇردىنىڭ ئىجادىيەت خاسلىقى بولۇپ، ئۇنىڭ كونكرېت ئەسەرلەرگە تەتبىقلىنىش تەپسىلاتى »دەۋر ساداسى« توپلىمىدا ھەقىقىي ۋە جانلىق سۈرەتلەنگەچكە، بۇ ھەقتە تەكرار ئەزۋەيلەش بىھاجەت. دەرۋەقە، ئەخەت تۇردىنىڭ سەپداشلىرىغا ئايانكى، ئۇنىڭ ھەر بىر ئەسىرى ھېچقاچان تەييار خىشتىن قوپۇرۇلغان بىنا ئەمەس، بەلكى بىر ئوچېرككە ماتېرىيال بولغۇدەك تەسىرلىك ۋە جاپالىق ئىزدىنىشتىن، تۇرمۇشقا سەمىمىي مۇئامىلە قىلىشىدىن ھاسىل بولغان. ئۇ ئۆزىدە كۈچلۈك ئىجادىي ھاياجان قوزغىغان بىرەر دېتالغا ئېرىشكەندە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بولغان مۇرەككەپ ۋە سىرلىق تۇرمۇش مۇھىتىغا بىۋاسىتە شۇڭغۇپ كىرىشتىن ئەسلا باش تارتمىغان. ئىسلاھات، ئىشىكنى ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن كېيىن جەمئىيىتىمىزدە يۈز بەرگەن ئىككى خىل ئەقلىي، ئەخلاقىي كۈچنىڭ رەھىمسىز ئېلىشىشى ۋە بۇ يولدىكى شىددەتلىك مەنىۋى توقۇنۇشىدىن ھاسىللانغان تىراگېدىيەلىك گۈزەللىكنىڭ بەدىئىي كارتىنىسى ب−ولغان »قاباھەت« رومانىنى يېزىش ئۈچۈن 2005- يىلى ۋە 2006- يىلىنىڭ ئاخىرى 2 قېتىم شاڭخەي، گۇاڭجۇ، شېنجېن، جۇخەي، خەيكۇ ۋە سەنيا قاتارلىق شەھەرلەرگە بېرىپ روھىيىتىمىزنى خۇنۈكلەشتۈرۈۋاتقان بۇ قاباھەتلىك تۇرمۇشنىڭ ئىچىگە بىۋاسىتە شۇڭغۇپ كىرىشكە جۈرئەت قىلالىدى؛ ۋەتەنپەرۋەرلىك قەسىدىسى بولغان »سەرسان روھ«نى يېزىش ئۈچۈن 1991 - يىلىدىن 1995- يىلىغىچە ئىلگىر - ئاخىر بولۇپ سەئۇدى ئەرەبىستان، تۈركىيە، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان قاتارلىق ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرى كۆپرەك ماكانلاشقان دۆلەتلەرنى كۆپ قېتىم زىيارەت قىلىپ، ئانا يۇرت، ئانا تۇپراق، ۋەتەن سۆيگۈسى پىراقىدا قەلبى ئۆرتەنگەن مۇھاجىر - مۇساپىرلارنىڭ ھايات قىسمەتلىرىنى بىۋاسىتە ئۆگەندى ۋە بۇ مۇرەككەپ تۇرمۇش جۇغلانمىلىرىنى رەتلەپ، تاللاپ ۋە تاۋلاپ »ناتونۇش بولغان تونۇش ئادەم«لەرنىڭ غايىۋى ئوبرازىنى يارىتالىدى.




ھالقىلىق سۆزلەر :


بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
------分隔线----------------------------

ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار