دېمەك، »كونا كوچا« رومانىنىڭ ئىجتىمائىي ئۈنۈمى ۋە بەدىئىي قىممىتى ئاپتورنىڭ باشقا يىرىك ئەسەرلىرىدە ئىزچىللىققا ئىگە بولغان تۇرمۇش ساداقەتمەنلىكى ۋە سەمىمىيلىكىدىن كەلگەن. مۇشۇ نۇقتىدىن رېئالىزمچى يازغۇچى ئەخەت تۇردىنىڭ رومانلىرىنى يېڭى دەۋر ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ بەدىئىي ئەينىكى دېيىشكە ھەقلىقمىز. ئەخەت تۇردى ئىجادىيىتىنىڭ بەدىئىي مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى خاراكتېرلەيدىغان يەنە بىر روشەن بەلگە −− ئۇنىڭ تىل ماھارىتىدىن ئىبارەت. ئەدەبىيات تېگى - تەكتىدىن ئالغاندا تىل سەنئىتى بولغاچقا يازغۇچى، شائىرلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئۇنىڭغا يۈكسەك ئېتىبار بىلەن قارايدۇ. شۇڭا تارىختىن بۇيان بۈيۈك مۇتەپەككۇرلار، مەشھۇر كىلاسسىك يازغۇچىلار، ئەدەبىياتشۇناسلار ۋە پەيلاسوپلار تىل ماھارىتىنى يېتىلدۈرۈشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ۋە تەخىرسىزلىكىنى ئىزچىل تەكىتلەپ كەلگەن. دېمىسىمۇ ئادەتتىكى تىل بىلەن كىشى قەلبىنى ھاياجانلاندۇرىدىغان گۈزەل ئەسەرلەرنى ياراتقىلى بولمايدۇ. بەدىئىي تىل )ئەسەر تىلى( چوقۇم ئوبرازلىق، جانلىق، ھېسسىياتچان، راۋان، مەنىلىك ۋە ھېكمەتلىك بولۇشى كېرەك. »بىزدە >لاينى چالا تەپسەڭ كوزا بولىدۇ، راسا تەپسەڭ جانان بولىدۇ< دېگەن گەپ بار. يازغۇچى ئەسەر تىلى ئۈستىدە ئىشلىگەندە، ئەنە شۇ لاينى راسا تېپىپ پىشۇرۇپ جانانغا ئايلاندۇرغان كۇلالچىدەك جاپالىق ئەمگەك قىلىشى كېرەك« دەپ يازىدۇ، ئەخەت تۇردى. دەرۋەقە »ئۆز قەدرىنى بىلگەن سۆز قەدرىنى بىلۇر« دېگەندەك، يازغۇچىلىق قەدىر - قىممىتىنى چوڭقۇر ھېس قىلغان ئەخەت تۇردى ئۆز ئانا تىلىنىڭ زەرگەرى بولۇشنى كۆڭلىگە پۈككەن ۋە بۇ يولدا ئىزچىل جاپالىق ئىزدەنگەن تىل سەنئەتكارىدۇر. ئاپتور ئۆزىنىڭ ئىجادىيەت يولىنى ئەسلەپ مۇنداق دەيدۇ: »مەن ياش ۋاقتىمدىن تارتىپلا تىل ماھارىتىنى ئۆگىنىشتە خاتىرە تۇتۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرگەن. ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدىن تارتىپلا، >مەدداھلىق< سەنئىتىنى ئاڭلاشقا ئامراق ئىدىم، خەلق ئارىسىدىن يېتىشىپ چىققان بۇ ناتىقلارنىڭ نۇتۇقلىرىدا مۇبالىغە، ئوخشىتىش، يۇمۇر، ھەجۋىي دېگەندەك ئوبرازلىق، جانلىق ئىپادىلەش ۋاسىتىلىرى كۆپ ئىدى. مەن ئۇلارنىڭ سۆزلىرى ئىچىدىكى ئۆزۈم ئۈچۈن يېڭى، قىزىق، تەسىرلىك تۇيۇلغان سۆز - جۈملىلەرنى خاتىرىلىۋالاتتىم. كېيىنكى ۋاقىتلاردا بۇ ئادىتىم تېخىمۇ كۈچىيىپ، يېزىدا يۈرگەن چاغلىرىمدا دېھقانلاردىن، شەھەردە ھۈنەرۋەن - كاسىپ، دىنىي ئۆلىما ۋە زىيالىيلاردىن، ھەتتا بەڭگى - قىمارۋاز، ئوغرى - لۈكچەكلەردىن ئاڭلىغان يېڭى سۆز - ئىبارە، ماقال - تەمسىللەر ۋە ئالاھىدە روھىي كەيپىياتلارنى خاتىرىلىۋالىدىغان بولدۇم. بۇنداق خاتىرىلەر ئىجادىيەت جەريانىدا ماڭا كۆپ ئەسقاتتى.« بۇ خاتىرىدىن يازغۇچىنىڭ تىل ئۆگىنىشكە قانچىلىك ئىجتىھات قىلىدىغانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ. ئۇ ئەسەرلىرىدە ياراتقان پېرسوناژلىرىنىڭ تىپىك خاراكتېرىنى گەۋدىلەندۈرۈشتە تىلنىڭ ئىندۇۋىدۇئاللىقىغا، دەلمۇدەللىكىگە، جانلىقلىقى ۋە مەنىدارلىقىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشتىن تاشقىرى، تىل خەزىنىسىنىڭ دۇر - جاۋاھىرى بولغان ماقال - تەمسىللەر ۋە خەلق ھېكمەتلىرىدىن ناھايىتى ئۈنۈملۈك پايدىلانغان. بولۇپمۇ »كونا كوچا« رومانىدا ئەقىلنى ئۆتكۈرلەشتۈرىدىغان چوڭقۇر مەنىلىك ھېكمەت دۇردانىلىرى بىزنىڭ دىققىتىمىزگە سازاۋەردۇر. »كونا كوچا« رومانىدىكى ھېكمەتلىك سۆزلەرنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى ئىجادىيلىققا ئىگە بولۇپ، ئۇ يازغۇچىنىڭ يۈرەك سەترىلىرى، خەلق ئىستېداتىنىڭ مۇساپە بىلمەس شولىلىرى، تۇرمۇش ھەقىقەتلىرىنى مۇجەسسەملىگەن »ھايات قامۇسى«، زۇلۇم، ئادالەتسىزلىك كۆكسىگە سانجىلغۇچى ئادالەت تىغىدۇر. خۇددى ئۆزبېك يازغۇچىسى ئابدۇللا قادىرى ئېيتقاندەك، خەلق ھېكمەتلىرى »تۇرمۇش ئانىسىنىڭ دەرد چېكىپ تۇغقان تۇنجى ئوغلى«دۇر. قەدىمكى يۇنان پەيلاسوپى ئارىستوتېل: »ئادەمنىڭ كۈچى ئوزۇقلۇقتىن، ئەقلىنىڭ كۈچى ھېكمەتتىن« دەپ توغرا ئېيتقان. ئەخەت تۇردى ئىجادىيىتىدە قوللىنىلغان بۇ ھېكمەت دۇردانىلىرى ئەدەبىي سۇژىتلارنى جانلاندۇرۇش ۋە رەڭدارلاشتۇرۇش مەقسىتىدىكى بىر خىل ئىپادىلەش ئۇسۇلى، بەدىئىيلەشتۈرۈش ۋاسىتىسىلا ئەمەس، بەلكى ئۇ تەتبىقلانغان ئوبيېكتنىڭ مۇرەككەپ روھىيىتىنى ئېچىپ بەرگۈچى پوئېتىك قورال سۈپىتىدە كونكرېت بەدىئىي ئوبرازلارنىڭ تاشقى ئالەم بىلەن بولغان پىسخىك مۇناسىۋىتىنىڭ ھەرىكەتچان ھالەتتىكى ئوبرازلىق يەشمىسىدۇر. »كونا كوچا« رومانىنىڭ تىل پاساھىتى تىلغا ئېلىنغاندا، ئاپتورنىڭ يەنە بارغانسېرى ئۇنتۇلۇپ كېتىۋاتقان مىللىي تىل بايلىقىمىزنى قوغداش ۋە ۋارىسلىق قىلىشتىكى تىرىشچانلىقى كۆزىمىزگە چېلىقىدۇ. »پاساھەتلىك تىل ئۇستازى« دەپ ھەممىمىز بىردەك ئېتىراپ قىلىدىغان تالانتلىق شائىر مەرھۇم تېيىپچان ئېلىيېف كېسەل كارىۋىتىدا يېتىپ تۇرۇپ يازغان ئاپتورنىڭ »ئۇنتۇلغان كىشىلەر« رومانى ھەققىدىكى تەسىراتىدا: »رومانىڭىزدا مەن ئاڭلىمىغان 32سۆز بار ئىكەن« دەپ، ئەخەت تۇردىنىڭ تىل ماھارىتىدىن ئالاھىدە سۆيۈنگەنىدى. مەن »كونا كوچا« رومانىنى ئوقۇش جەريانىدا يېڭى تۈزۈلگەن ئۇيغۇر تىلىنىڭ لۇغەتلىرىگە كىرمىگەن، ياشلار تېخىمۇ بىلمەيدىغان »غەلدەغەش«، »بولجىماس«، »كۈمەك«، »تېكىنەك«، »كۈتلەك«، »خاكسار«، »غوجغۇن«، »سالىك«، »دۇررەك«، »كوۋۇك«، »پەغەز«، »نوۋەس«، »پەلەڭ«، »بۇغۇل«، رەخشە«، »مەررا«، »دۇزكېپەن«، »سىرەج«، »دىرەش«، »ۋەتەۋەرەك«... قاتارلىق 50تىن ئارتۇق سۆزلەمنى ئۇچراتتىم. خەلق تىلىدا ئىشلىتىلىپ كېلىۋاتقان بۇنداق جانلىق سۆزلەر ناھايىتى كۆپ بولۇپ، تىل گادايلىقى كۈنسېرى ئەۋج ئېلىپ كېتىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە جانلىق تىلىمىزنىڭ بۇنداق نەمۇنىلىرى ئۇيغۇر تىلى لۇغەت فوندىنىڭ سىرتىدا قالماقتا. ئەمەلىيەتتە بىر مىللەتنىڭ تىل بايلىقى ئالدى بىلەن شۇ مىللەتنىڭ ئەدەبىياتىدا ئەكس ئېتىدۇ. يازغۇچى - شائىرلارنى »تىل سەنئەتكارى« دېيىشىمىزنىڭ سەۋەبىمۇ شۇ يەردە. شۇڭا تۇرمۇشقا چوڭقۇر چۆكۈپ خەلقنىڭ جانلىق تىل بايلىقلىرىنى قوغداش، ۋارىسلىق قىلىش يازغۇچىلىرىمىزنىڭ مۇقەددەس بۇرچى ۋە مەسئۇلىيىتى. |