«سالچىلار» رومانى ھەققىدە دەسلەپكى تەنقىد(5)

يوللانغان ۋاقتى:28-01-2014   مەنبە: تارىم 2013-4-سان   مۇھەررىر: ھەزرەتئەلى ئەخەت   كۆرۈلۈشى: قېتىم   ئىنكاس: 7 پارچە
ئۇكاموي! دەپ ياش سالچىنىڭ دولىسىغا ئۇردى قارا سىدىق دەپ ئاتىلىدىغان بىر سالچى، سالچى دېگەنگە مازارنىڭ لازىمى

“ −− ئۇكاموي! −− دەپ ياش سالچىنىڭ دولىسىغا ئۇردى قارا سىدىق دەپ ئاتىلىدىغان بىر سالچى، −− سالچى دېگەنگە مازارنىڭ لازىمى يوق، سالچى ئۆلسە يەر كەممۇ؟ پۈتۈن ئايدالا بىزنىڭ مازىرىمىز... سالچى دېگەنچۇ، ماڭا قارا، مەن ساڭا ئېيتاي، جەڭ مەيدانىدىكى جەڭچىگىلا ئوخشايدۇ، قانداق دېدىم، رەخىم ئۇستا؟ −− دەپ يېنىدىكى سالچىغا قارىدى ئۇ. رەخىم ئۇستا مىللىي ئارمىيە سېپىدە جەڭلەرگە قاتناشقان ئادەم ئىدى” (858 - بەت(.
ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئىنقىلابى ھەققىدە يېزىشنى خالىمىغان يازغۇچى ئىلاجى يوق، ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئىنقىلابىنىڭ داھىيسى ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ 1949 - يىلى ئەتىيازدا سالچىلار بىلەن كۆرۈشكەنلىكى ھەم بىر نەچچە كۈن سالدا ئولتۇرۇپ سالچىلار بىلەن بىللە سەپەر قىلغانلىقى توغرىسىدىكى ھەقىقىي ۋەقەلىكنى “ياماتۇ” دېگەن 42 - بابتا قىستۇرما ھېكايە قىلىپ ئۆتۈپ كېتىدۇ. بۇ ھېكايىنى جۇماق دېگەن سالچى باشقا سالچىلارغا سۆزلەپ بېرىدۇ. ئۇنىڭ بۇ ھېكايىنى ئەسلەپ سۆزلەپ بېرىشىگە بىر سالچىنىڭ “يېڭى ھۆكۈمەت ياماتۇغا سالچىلار ئۈچۈن قونالغۇ سالغۇدەك” دېگەن خەۋىرى سەۋەب بولىدۇ. بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان كونا سالچى جۇماق “ئەخمەتجان ئەپەندىمنىڭ دېگەن گەپلىرى ئەمدى ئىشقا ئاشىدىكەن - دە!” دەپ، ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ سالچىلار بىلەن ئىلى دەرياسىدا ماڭغانلىقى توغرىسىدىكى ھېكايىنى سۆزلەپ بېرىدۇ. روماندا “ئازاد زامان”غا سوۋغا قىلىنغان بۇ ھېكايە سالچىلارنىڭ ھاياتىدىكى ئۇنتۇلمايدىغان، ئۇلارنىڭ كەسپىگە شەرەپ ئاتا قىلغان، ئۇلارنى غۇرۇرلاندۇرىدىغان، ھەممىگە مەشھۇر ھېكايە ئىدى. بۇ ھېكايىنى جۇماقنىڭ باشقا سالچىلارغا ئەسلەپ بېرىشى ئوقۇرمەننى تازا قايىل قىلالمايدۇ. چۈنكى جۇماق كەسىپداشلىرىغا بۇ ھېكايىنى ئەسلەپ بەرگەن چاغ ئاپتورنىڭ يازغىنى بويىچە “ئازادلىقنىڭ دەسلەپكى يىللىرى” بولۇپ، بۇ چاغدا ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ ئىلى دەرياسىدا سالچىلار بىلەن بىللە ماڭغىنىغا تېخى بەش يىلچە ۋاقىت بولغانىدى. ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، بەش يىل ئىلگىرىكى ھەممىگە مەشھۇر بولغان بىر ۋەقەنى، بەش يىللار ئۆتكەندە كونا سالچى ئەسلەپ ھېكايە قىلىپ بەرگەن قىلىپ يېزىش بىمەنىلىك بولۇپ قالغان.
يازغۇچى 20 - ئەسىر مىللىي ھاياتىمىزدىكى پاجىئەسى مىسلىسىز بولغان يەنە بىر زور ۋەقە - “مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى”نىمۇ سالچىلارنىڭ ھايات قىسمەتلىرى بىلەن باغلاپ تەسۋىرلەشكە ئەھمىيەت بەرمىگەن. “مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى”نىڭ گېپى “ھەيكەل” دېگەن بابتا، يەنى 1055 - بەتتە ئىنتايىن يۈزە تىلغا ئىلىنغان. يازغۇچى بۇ بابنىمۇ “كۈنلەر بىر - بىرىنى قوغلىشىپ ئۆتمەكتە ئىدى. كىملەردۇر تۇغۇلاتتى، كىملەردۇر ئالەمدىن ئۆتەتتى. ئۆلمىگەن ئادەمگە ھەر كۈنى قاراڭغۇلۇق تاراپ، يەنە يېڭى بىر تاڭ باشلىناتتى...” دەپ باشلاپ، خۇددى “ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئىنقىلابى” دەۋرىنى تىلغا ئالماي ئاتلاپ ئۆتۈپ كېتىپ، “ئاق ئۆي” دېگەن بابنىڭ بېشىنى “ئارىدىن خېلى يىللار ئۆتۈپ كەتتى. زېمىن ئۈستىدە قانچە بورانلار كۆتۈرۈلۈپ، قانچە شىۋىرغانلار قۇتراپ، قانچە زىمىستان ئۇزاپ يەنە بىر باھار يېتىپ كەلدى”، بۇ “ئازادلىقنىڭ دەسلەپكى يىللىرى ئىدى” دەپ پەرۋاسىز باشلىغاندەك ئىش قىلغان.
يازغۇچى بۇ ئىككى ئالاھىدە دەۋرگە بولا - بولماس مۇئامىلە قىلغاچقا، رومانىدا يۈرەكنى لەرزىگە سالىدىغان بىرەر ھاياجانلىق تەپسىلات، ئوقۇرمەننى ئۇنتۇلغۇسىز تەسىراتقا چۆمدۈرىدىغان بىرەر تىراگېدىيەلىك ۋەقە ئۇچرىمايدۇ. پۈتكۈل ئەسەر يىل بويى شاۋقۇنسىز لۆمشۈپ ئاقىدىغان بىر ئۆستەڭ لاي سۇدەك تەسىرسىز داۋام قىلىدۇ. ئىككى توملۇق بىر روماننىڭ سۇژىتىنىڭ دىراماتىك توقۇنۇشلاردىن خالىي يېزىلىشى، ئوقۇرمەننى جازالىغاندەك بىر ئىش بولغان. ھەرقانداق ئوقۇرمەن بىرەر روماننى ئوقۇغاندا بۇ روماندىكىدەك مەنىسىنىڭ تايىنى، تەپسىلات - توقۇلمىلىرىنىڭ تەبىئىيلىكى يوق زېرىكىشلىك باياننى ئوقۇشنى خالىمايدۇ. ھېچ بولمىغاندا يازغۇچىنىڭ تارىخ ۋە جەمئىيەت توغرىسىدىكى چوڭقۇر مەنىلىك بايانلىرى، كىنايە ياكى تەنقىدكە تولغان سۆز - جۈملىلىرى، كىشىنى ئويغا سالىدىغان مۇلاھىزىلىرىنى كۆرۈشنى خالايدۇ.
كىشىلىك ھاياتتا مۇھەببەت - نەپرەت تۇيغۇسى يوق، ياخشى - ياماننى پەرقلەندۈرگۈدەك پىرىنسىپى يوق، دوست بىلەن دۈشمەننى ئايرىغۇدەك ئىدراكى يوق، پايدا - زىياننى مۆلچەرلىگۈدەك چۈشەنچىسى يوق، چوڭ ئىش بىلەن كىچىك ئىشنى، مۇھىم ئىش بىلەن ئادەتتىكى ئىشنى ئاڭقىرالىغۇدەك دىتى يوق، ئۆزىنىڭ كۈلپەتكە تولغان تەقدىر - قىسمەتلىرىنىڭ سەۋەبىگىمۇ قىزىقمايدىغان، ھاياتنىڭ ئەرزىمەس ساختا خۇشاللىقلىرىغا ئالدىنىپ، پەقەت قورساق كويىدىلا سوكۇلداپ، كۈن چىقتى، كۈن پاتتى دەپلا ياشايدىغان بىر تۈركۈم نادان ئادەملەر بولىدۇ. يازغۇچىنىڭ “سالچىلار” رومانىدا “ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئىنقىلابى” بىلەن “مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى”نى قەلەمگىمۇ ئالماي “ئايلار ئۆتتى، كۈنلەر ئۆتتى” دېگەن شەكىلدە ئاتلاپ ئۆتۈپ كېتىشى ماڭا ئاشۇ خىلدىكى ئادەملەرنى ئەسلەتتى. مەسئۇلىيەتچان بىر ئەدىبتە يېتەرلىك تارىخ بىلىمى ۋە چوڭقۇر تارىخ تۇيغۇسى بولمىسا ھەرگىز بولمايدۇ. بىر مۇنەۋۋەر يازغۇچى ئۆز خەلقىنىڭ ھاياتىدا يۈز بەرگەن مەيلى شانلىق، مەيلى تىراگېدىيەلىك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، شۇ قەدەر چوڭ ئىنقىلابلارغا ھەرقانداق ئەھۋالدا پەرۋاسىز مۇئامىلە قىلماسلىقى لازىم! يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇرمۇ بۇ مىللىي پىرىنسىپنى ئۇنتۇماسلىقى كېرەك ئىدى. چۈنكى ئۇنىڭ ئىككى توملۇق “سالچىلار” رومانىدىكى سەمەت قاتارلىق پېرسوناژلار بۇ ئىككى ئالاھىدە دەۋرنى باشتىن كەچۈرگەن!
مەن يۇقىرىقى پاكىتلىق مۇلاھىزىلىرىم ئاساسىدا شۇنداق خۇلاسە چىقىرىمەنكى، “سالچىلار” رومانىدا يۇمۇر تۇيغۇسى بولغان بىلەن تارىخ تۇيغۇسى يوق! شۇڭا بۇ رومان “ئەستىن كۆتۈرۈلۈپ، ئۇنتۇلۇپ كېتىۋاتقان بىر تارىخ توغرىسىدىكى داستان” بولۇشتىن تولىمۇ يىراق بولۇپ قالغان.
ئىككىنچى، كەسىپ قىممىتى نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، بۇ روماننى “ئەستىن كۆتۈرۈلۈپ، ئۇنتۇلۇپ كېتىۋاتقان بىر كەسىپ توغرىسىدىكى داستان” بولۇشقا يېقىنلاشقان دەپ مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇ.
سالچىلىق كەسپى بۈگۈنكى كۈندە خۇددى ئوۋچىلىق كەسپىگە ئوخشاش ۋاقتى ئۆتكەن كەسىپ بولۇپ قالدى. مەن سالچىلىق كەسپى توغرۇلۇق تۇنجى قېتىم ماخمۇت مۇھەممەدنىڭ 1980 - يىللاردا يېزىلغان مەزكۇر تېمىنى ئىپادىلىگەن بىر ھېكايىسىدىن مەلۇماتقا ئېرىشكەنىدىم. كېيىن خەپىز ساتتار سالىخنىڭ “ئىلى دەرياسىنىڭ تارىختىكى قاتناش ئىشلىرى” دېگەن ماقالىسى بىلەن ئىسرائىل تۇردىنىڭ “سال ۋە سالچىلار” دېگەن ماقالىسىدىن سالچىلىق كەسپى توغرىسىدا بىر قەدەر ئەتراپلىق چۈشەنچىگە ئېرىشتىم. ئىسرائىل تۇردى ماقالىسىدە سالچىلىق كەسپىنىڭ قىممىتىگە بولغان قارىشىنى بايان قىلىپ مۇنداق يازغان:
“بالىلىق چاغلىرىمدا تەڭتۇشلىرىم بىلەن بىللە دەريا بويىغا بېرىپ، ئۇ يەر، بۇ يەرلەرگە توختىتىپ قويۇلغان سالنىڭ ئۈستىگە چىقىپ ئوينايتتۇق. ئۇ چاغلاردا سالغا پەقەت بالىلارچە قىزىقىش بىلەنلا قارايتتۇق، ئۇنىڭ ئەھمىيىتى ۋە نەقەدەر جاپالىق ھەم خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتۇق. كېيىن ھېس قىلىشىمچە قاتناش تەرەققىي قىلمىغان بۇ چاغلاردا شۇنچە كۆپ قارىغاينى پەقەت ئىككىلا ئادەمنىڭ شۇنچە يىراق جايلارغا يۆتكەپ بېرىشى پەۋقۇلئاددە زور ئىش ئىكەن.
ئىنسانىيەت تارىخىدا بىر قىسىم كەشپىياتلار دەۋر خاراكتېرىگە ئىگە بولۇپ، مەلۇم مەزگىلدىن كېيىن ئۇ ئەمەلدىن قالىدۇ. سال دەل مۇشۇنداق بولدى. تېكەس دەرياسىدا پەيدا بولغان سال ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن مەيدانغا كېلىپ، موتورلۇق قاتناش قوراللىرى يوق، يوللار ناچار چاغلاردا ياغاچ توشۇشتا پەۋقۇلئاددە چوڭ رول ئوينىدى.”



ھالقىلىق سۆزلەر : سالچىلار، رومان، تارىم


بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
------分隔线----------------------------

ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار