6
“سالچىلار”نىڭ غىدىقلىشىدىن قوزغالغان تەسىرات، كۆز قاراشلىرىم يۇقىرىقىلار بولۇپ، ھاسىلاتلىرىمنى تۆۋەندىكىلەرگە يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ: 1 .مىللىتىمىزنىڭ ئېتىكىلىق، ئېستېتىكىلىق، تېئولوگىيەلىك، پولىتېكىلىق قىممەت قاراشلىرىغا، روھىي، ئىجتىمائىي دۇنياسىغا ئائىت ئىلمىي يەكۈنلەرنى، ئىلمىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش ئەڭ جىددىي خىزمەت. بۇنداق نەتىجە، بۇنداق يەكۈنلەر بولمىسا ئەدەبىيات - سەنئەت تەنقىدچىلىكى ھامان بىر تەرەپلىمىلىكتىن خالىي بولالمايدۇ، تۇيۇق يولغا كىرىپ قالىدۇ. مىللىي رېئاللىق قىممەت قاراشلىرى جەھەتتىكى خاسلىقنى شەرت قىلىدۇ. خاسلىق −− سەنئەتنىڭ ئالدىنقى شەرتلىرىنىڭ بىرى. بىز ئۆزىمىزنىڭ تەنقىد تىلى ۋە تەنقىد ئۆلچەملىرىنى تۇرغۇزۇپ چىقىشىمىز، تېپىپ چىقىشىمىز كېرەك. 2.چەت ئەللەرنىڭ ئەدەبىيات - سەنئەت نەزەرىيەسى قاتارلىقلاردىن ئىجادىي ۋە تەنقىدىي پايدىلىنىش كېرەك. ئۇنداق بولماي ئەينەن كۆچۈرۈپ كېلىنسە ئۇيغۇر ئەدەبىيات - سەنئىتى، بەدىئىي ھاياتى پىروگراممىلىنىش تەقدىرىگە، مەدەنىيەت ئاسسىمىلياتسىيەسىنىڭ تەسىرىگە دۇچ كېلىدۇ. ئەدەبىيات - سەنئەتنىڭ رەڭدارلىقى ۋە خاسلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش خاس قىممەت قاراشلىرىنى تەلەپ قىلىدىغان نەزەرىيەنىڭ تۇرغۇزۇلۇشى ۋە يېتەكلىشىگە موھتاج. نىسپىي مەنىدە “نەزەرىيە ئىنقىلابى” ۋە نەزەرىيە قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىش كېرەك، ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئۆزلىرى تەۋە بولغان ئىجتىمائىي توپنىڭ بەدىئىي، ئىجتىمائىي قىممەت قاراشلىرى رېئ−ال−لى−ق−ى ئاس−اسىدا تۇرۇپ، دۇنياۋى “ئىزم”لارنى ئۆزلەشتۈرۈشنى ئەڭ جىددىي خىزمەت قاتارىغا قويۇش كېرەك. ئۇنداق قىلىنمىغىنىدا ئۇيغۇر بەدىئىي ئىجادىيىتى بىلەن ئاتالمىش “ئۇيغۇر تەنقىدچىلىكى”ئوتتۇرىسىدا ئىككى قارىغۇنىڭ ھېكايىسىدەك كومېدىيەلىك مەنزىرە شەكىللىنىدۇ، ئەدەبىيات - سەنئەت ئىجادىيىتى “باشباشتاقلىق” بىلەن ئۆزى بىلگىنىنى قىلىۋېرىدۇ، تەنقىد بولسا نەۋرىلىرىنى گېپىگە كىرگۈزۈلمەي غۇدۇڭشۇپلا يۈرىدىغان بوۋاي - مومايلارنىڭ كۈنىگە قالىدۇ. 3 .سېتىفىن. ل. كارتىرنىڭ “گۇمانلىق مەدەنىيەت −− ئامېرىكا سىياسىيسى ۋە قانۇنىنىڭ دىنىي ئېتىقادقا بولغان تەسىرى” دېگەن كىتابىدا ⑦ دىن، ھاكىمىيەت، قانۇن، سىياسى قاتارلىقلارنىڭ مۇناسىۋىتى بىر قەدەر ئەتراپلىق تەھلىل قىلىنغان. كارتىر توختىلىپ ئۆتكەن يۇقىرىقى ساھەلەرنىڭ “ئەخلاق” بىلەن بولغان زىچ باغلىنىشقا ئىگ−ە ئىكەنلىكى ئازراقلا تەسەۋۋۇر ئىقتىدارىغا ئىگە ئادەملەرگە ئۆز - ئۆزىدىن مەلۇم. ئەخلاق دالالەتلىرى ئىنسانىيەتكە بەخت ئېلىپ كېلىشى كېرەكمۇ ياكى زۇلۇممۇ؟ ئورتاق ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك ئەخلاقىي مىزانلارنى چىقىش قىلىش كېرەكمۇ ياكى ھەممەيلەن ئۆزلىرىنىڭ ساھەسىنىڭ، ئۆز غايىلىرىنىڭ، ئۆز قىممەت قاراشلىرىنىڭ مىزانلىرىنى تەشەببۇس قىلىشى كېرەكمۇ؟ مانا بۇلار بىز ئويلىشىشقا تېگىشلىك نۇقتىلار. ھازىرقى زامان كىشىلىرى خىلمۇخىل بېسىملار ئىچىدە ياشايدۇ. ئىنسانلارنىڭ فىزىلوگىيەلىك تەلپۈنۈشلىرى روھىي ھاللىق قىممەت قاراشلىرىنىڭ چەكلىسىمىگە ئۇچرايدۇ. شەخسنىڭ ئېھتىياجلىرىدىن ئائىلە قۇربانلىق تەلەپ قىلىدۇ. ئائىلىۋى ۋاپادارلىقلاردىن ئىجتىمائىي غايىلىرى قۇربان بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ، مەھەللىۋى ۋاپادارلىقلاردىن دۆلەت ۋە مىللەت قۇربانلىق بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ، دۆلەت ۋە مىللەتتىن پۈتكۈل ئىنسانىيەت قۇربانلىق تەلەپ قىلىدۇ، بەندىنى خۇدا قۇربانلىق بېرىشكە بۇيرۇيدۇ. تەبىئەت ئىنساندىن قۇربانلىق تەلەپ قىلىدۇ، مەن ئەخلاقنىڭ ماھىيىتى ئېلىش ئەمەس، بېرىش دېگەندە مۇشۇ نۇقتىنى كۆزدە تۇتقان. ھەممىسى “ئالىمەن” دەيدۇ. “بېرىمەن” دېمەيدۇ. نوقۇل “ئېلىش”نى مەقسەت قىلغان ئاتالمىش “ئەخلاق”، ماھىيەتتە غەيرىي ئەخلاقىي ھادىسىدۇر. بىز بۇ نۇقتىلار ئۈستىدە ئەستايىدىل، ئىلمىي ئىزدىنىشىمىزكېرەك، ئۇقۇملارنىڭ ئالماشتۇرۇۋېتىلىشى ۋە سۇيىئىستېمال قىلىنىشى بىزنى خىلمۇخىل زىددىيەتكە مۇپتىلا قىلىپ، مەنىۋى جەھەتتىن قاتتىق ئازابلاپ تۇرماقتا |