5
ئەخلاق دېگەن نېمە؟ بۇ ئىنسانىيەت مەڭگۈ ئىزدىنىدىغان سوئال. بىر مەھەل “سىنىپىي ئەخلاق” ⑤ داۋرىڭى بازار تاپتى. مۇئەييەن نۇقتىلاردا دىنىي ئەخلاق ئەڭ ئۇزۇن ۋە ھازىرغىچە نوپۇزلۇق ئورنىدىن ئايرىلىپ باققىنى يوق، ھەتتا دىنىي ئەخلاق ئىنسانىيەت ئېتىكىسىنىڭ بۆشۈكى بولۇپ كەلدى. ئەخلاقشۇناسلار ئەخلاقنىڭ نېمىلىكى ھەققىدە ناھايىتى نۇرغۇن ۋەسىقىلەرنى قالدۇردى. ھازىرغىچە ئەخلاقنىڭ مۇكەممەل، ھەممە ئورتاق ئېتىراپ قىلىدىغان ئېنىقلىمىسى مەيدانغا كەلمىدى. بۇ تېمىنىڭ ۋەزىپىسى ئەخلاق ياكى ئېستېتىكا مەسىلىلىرى ئۈستىدە ئىلمىي نۇقتىدىن مەخسۇس توختىلىش ئەمەس. پەقەت “سالچىلار” رومانىدىكى بەزى پېرسوناژلارنى (پىروتوتىپلارنى ھەم) ئەخلاقسىزلىقتا ئەيىبلەشكە يېتەرلىك ئاساسىمىز بارمۇ - يوق، دېگەن سوئال ئۈستىدە ئانچە - مۇنچە ئىزدىنىپ كۆرۈش. ئەخلاقىي مەجبۇرىيەتلەر ئېتىكا تارىخىدا دەسلەپ شەخسلەرنىڭلا ئۆتەشكە تېگىشلىك بۇرچى دەپ مەيدانغا كەلگەن. تەدرىجىي ھالدا كەسپىي ئەخلاق نورمىلىرىغا قاراپ تەرەققىي قىلىشقا باشلىدى. مەسىلەن، دوختۇرلۇق ئەخلاقى، ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاقى دېگەندەك. لېكىن ئەڭ مۇھىم بىر ساھە ئۆزىنىڭ ئەخلاقىي بۇرچلىرىنى نەزەرىيەۋى جەھەتتىن تونۇپ يەتكىنى، تۇرغۇزغىنى يوق، ئۇ بولسىمۇ سىياسىي. سىياسىي ئەخلاقشۇناسلىق −− سىياسىي ئېتىكا تۇرغۇزۇلمىسا ياكى سىياسىي جەھەتتىكى ئەخلاقىي نورمىلار تۇرغۇزۇلمىسا، جەمئىيەتنى “ئەخلاق كىرىزىسى” قاپلاپ كېتىدۇ. ئەخلاق ھەققىدىكى تەشەببۇسلار ئادەم ئالدايدىغان قۇرۇق نەرسىگە، شۇ تۈپەيلى ماھىيەتتە ئەخلاقسىزلىققا ئايلىنىپ قالغان بولىدۇ. ئادىللىق، باراۋەرلىك، لەۋزىدە تۇرۇش... قاتارلىق ئەخلاق كاتېگورىيەلىرىنى سىياسىيغا تەتبىقلىماسلىققا كۆرسىتىدىغان ھېچقانداق باھانىمىز يوق. كەسپىي، خۇسۇسىي، سىياسىي، ئومۇمىي ئەخلاق ئۆلچەملىرى ئۆزئارا ئورگانىك بىر گەۋدە سۈپىتىدە ئۇيۇشالىغاندىلا ئاندىن ئەخلاق كىرىزىسلىرىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ. سىياسىينىڭ ئەخلاق رامكىسىدىن سىرتتا قېلىشى ئىنسانىيەت بېشىدىن كەچۈرگەن پاجىئەلەرنىڭ تۈپ سەۋەبلىرىنىڭ بىرى. سىياسىي كۆپ ھاللاردا ئەخلاقنىڭ چەكلىمىسىگە بويسۇنمايدىغان بىشەم نەرسە بولغانلىقى ئۈچۈنلا گىتلېر مەيدانغا كېلىپ “كىشىنىڭ ھەققى”گە خىرىس قىلالىدى، گىتلېرنىڭ مەيدانغا كېلىشى ئېتىكا، ئېستېتىكا قاتارلىق ساھەلەردە ئالەمشۇمۇل نەتىجىلەرنى ق−ولغا كەلتۈرگەن بۇ “پەلسەپىۋى مىللەت”نىڭ يۈزىنى قارا قىلىپ قويدى. ئەينى ۋاقىتتىكى گېرمانىيە گىتلېرغا تىز پۈككىنىدە ھەم چىن مەنىسىدىكى قەھرىمانلىقتىن، ھەم چىن مەنىسىدىكى ئەخلاقتىن ئايرىلىپ قالغانىدى. كانت، گېگىلدەك بۈيۈك مۇتەپەككۇرلار بۇ ۋاقىتتا قەبرىسىنىڭ ئىچىدە يېتىپ تۇرۇپ، قانچىلىك ئازابلانغان بولغىيتتى - ھە؟! بىزمۇ ھازىر دۆلەتنى قانۇن بىلەن باشقۇرۇشتىن باشقا ئەخلاق بىلەن باشقۇرۇش تەشەببۇسىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇۋاتىمىز⑥ . نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر بۇ تەشەببۇس بىر سىياسىينىڭ ئەخلاققا تۇتقان پوزىتسىيەسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ “سىياسىي ئەخلاقشۇناسلىق”نىڭ زۆرۈرلۈكىدىن دېرەك بەردى. ئارىستوتىلنىڭ “ئادەم سىياسىي ھايۋان” دېگەن تەدبىرىنى مۇئەييەن مەنىدە ئىلمىي قىممەتكە ئىگە دەپ قارىغان ئەھۋالدىمۇ، “سىياسىي ئەخلاقشۇناسلىق” ئاللىقاچان كۈنتەرتىپكە قويۇلدى. لېكىن زىيالىيلار قاتلىمى بۇ “يېشىل چىراغ”تىن ئىلھاملىنىپ، ئۆزى قىلىشقا تېگىشلىك ئىشنى ھازىرغىچە قىلغىنى يوق. مۇبادا سىياسىي ئادەمنى ئەخلاقسىز بولۇشقا مەجبۇرلىسا، سىز قوپۇپ ماھىيىتى ئۆزىڭىزگىمۇ روشەن بولمىغان “ئەخلاق ئۆلچەملىرى” ۋە ئەخلاقىي دەۋەتلەر بىلەن ئازابلىسىڭىز بۇ ئىلمىي ۋە ئەخلاقىي ھادىسە بولماي قالامدۇ - قانداق؟! چۈنكى، زۇلۇم سېلىش ئەزەلدىنلا غەيرىي ئەخلاقىي ھادىسە دەپ قارىلىپ كەلگەن. بۇ يەردە ئىنسانلار مەلۇم نۇقتىدا ئەخلاقلىق بولغىنى بىلەن دەل شۇ ئەخلاق يەنە بىر نۇقتىدا ئەخلاقسىزلىق بولۇش قىسمىتىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. مېنىڭ بۇ تېمىغا يۇقىرىقىلارنى قىستۇرۇشۇمدىكى سەۋەب، تارىخىي ۋە رېئال شەخسلەرنىڭ ئەخلاقىغا باھا بەرگەندە ئىلمىي ۋە ئەتراپلىق بولۇشنى ئەسكەرتىش. سېيىت نوچىنىڭ ئەخلاقى بىلەن سۇڭ جاڭنىڭ ئەخلاقى بەزىلەرنىڭ نەزەرىدە قىممەتكە ئىگە، لېكىن باشقا بىر نۇقتىدىن ئەخلاقسىزلىق بولۇشىمۇ تەبىئىي. دېمەكچىمەنكى، ئورتاق، بىرلىككە كەلگەن ئەخلاق قاراشلىرىنى مەيدانغا كەلتۈرمەي تۇرۇپ، ئېلىپ بېرىلغان ئەخلاقىي دالالەت ۋە تەنقىدلەرنىڭ ئىلمىي بولۇشى ناتايىن. يەنى “سالچىلار”نى ئەخلاق نۇقتىسىدىن دۇمبالاشنىڭ ئاساسلىرى يېتەرلىك ئەمەس. مېنىڭ ئېتىكىلىقئۆلچىمىمدە ئەخلاق ئالدى بىلەن ئېلىش ئەمەس، ئەكسىچە بېرىشتۇر. تار مەنىدىكى “مەن”گە نىسبەتەن ئېيتقاندا ئېلىشنىلا ئويلاش غەيرىي ئەخلاقىي ھادىسە ھېسابلىنىشى كېرەك |