چىنلىقنىڭ رەھىمسىز يۈزى(11)

يوللانغان ۋاقتى:17-02-2014   مەنبە: تارىم 2013-6-سان   مۇھەررىر: ھەزرەتئەلى ئەخەت   كۆرۈلۈشى: قېتىم   ئىنكاس: 0 پارچە
4 .سالچىلار رومانى مۇئەييەن دائىرىدە دەۋرنىڭ چىنلىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى. بۇ نۇقتىدا رومان چىنلىقنى تەكىتلە

4 .“سالچىلار” رومانى مۇئەييەن دائىرىدە دەۋرنىڭ چىنلىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى. بۇ نۇقتىدا رومان چىنلىقنى تەكىتلەپ قەسەم ئىچىدىغان، ئەمما سېپى ئۆزىدىن يالغان بولغان بەزى ئەسەرلەرگە نىسبەتەن ئۆزىنىڭ گۈزەللىك ۋە ئەخلاقىي پىرىنسىپلارغا سادىق بولغانلىقىنى ئىپادىلىدى. ئەگەر بۇ روماندا پىرىنسىپال نۇقسان بار دېيىلسە، ئۇ ھالدا ئۇنىڭدىكى مەسىلىلەرنىڭ چېتىلىش دائىرىسىنىڭ ناھايىتى كەڭ بولۇپ كەتكەنلىكى، ئۆزىنىڭ “ئالىيجاناب” ۋە “تەمكىن”لىكى تۈپەيلى سۈكۈتنى ئەلا بىلىپ كېلىۋاتقان بەزى كەسپىي ساھە ۋە ژانىرلارنىڭ قىلىدىغان ئىشىغىمۇ چېقىلىپ قويغانلىقى ئۇنىڭ “نۇقسان”ى بولسا كېرەك. بىزدە ئۆلچەملىك رومان ئەندىزىسى بارمۇ؟ غەربتىن كىرگەن بۇ ژانىر ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە يەنىلا غەربنىڭ رومانغا قويىدىغان تەلەپلىرىنى ئۆلۈك تەتبىقلىشى كېرەكمۇ؟ مېنىڭچە بۇنداق تەشەببۇس قوللاشقا ئېرىشىپ كېتىشى ناتايىن. بۇ يەردە مۇنداق ئىككى مەسىلە مەۋجۇت: بىرى، غەرب ئۆز رېئاللىقىغا ئاساسەن ئۆزىنىڭ ئېستېتىك، ئېتىكىلىق نەزەرىيە سىستېمىسىنى تاماملاپ بولغان، پەقەت ئىسلاھات ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. بىزدە ئۇنداق ئىلمىي سىستېما شەكىللەنگىنى يوق. بىزنىڭ زىيالىيلىرىمىز تېخى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ قىممەت قاراشلىرىنى ئاساس قىلغان بۇنداق نەزەرىيەلەرنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ھېس قىلىپ يەتمىدى، ھېس قىلغانلىرى بولسىمۇ، ئەمگەك قىلىپ ئورتاق قوبۇل قىلغۇدەك بىرەر نەتىجىنى روياپقا چىقارغىنى يوق. قىلىۋاتقىنىمىز غەرب قىممەت قاراشلىرى، ژانىر ئەندىزىلىرى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئىجادىي ئەسەرلىرىنى دۇمبالاش، خالاس! ئىككىنچىسى، غەربنىڭ ھەرقايسى ئالاقىدار كەسپىي ساھەلىرى ئۆزلىرىنىڭ قىلىدىغان ئىشىنى قىلىپ كەلگەن. مەسىلەن، غ−ەرب−تە “سالچىلىق” ۋە “س−ال”دەك مۇشۇنداق ئاتالغۇلار ۋە ئۇنىڭغا ئالاقىدار تۇرمۇش بار دەپ قارىساق، بۇ ئاتالغۇلارنىڭ مەنىسى غەربنىڭ ئىزاھلىق لۇغەتلىرىدە، تارىخىي بايانلىرىدا، پوبلىستىك ئەسەرلىرىدە يېتەرلىك تونۇشتۇرۇلغان بولىدۇ. بۇ ھالدا بەدىئىي ئىجادىيەتچى ئۆز ئەسىرىدە بۇ تەكرار خىزمەتلەر ئۈچۈن باش قاتۇرمىسىمۇ بولىدۇ. بىزدىچۇ؟ بىز ئاۋامغا ئانچە تونۇش بولمىغان بىر ساھەنىڭ بەدىئىي كارتېنىسىنى ياراتماقچى بولساق، بىچارە يازغۇچى ھەممە ساھەنىڭ ۋەزىپىسىنى تەڭ ئورۇنداشقا تىرىشچانلىق كۆرسەتمىسە بولمايدۇ.

يۇقىرىقىدەك ئەھۋالدا ئۇيغۇر رومانچىلىقى ئۈستىدە ئەستايىدىل ئويلىشىش، ئۇنىڭ ئۇيغۇرچە ئېنىقلىمىسى ئۈستىدە كاللا قاتۇرۇش بەكمۇ مۇھىم. سەنئەت كاتېگورىيەسىگە مەنسۇپ بولغان بارلىق ئەسەرلەردە مىللىي، ئارگىنال خاسلىقلار بولىدۇ. سەنئەت پۈتۈن ئىنسانىيەت بىرلا قاراشقا ئىگە بولۇشقا تېگىشلىك تەبىئىي پەن ساھەسى ئەمەس، سەنئەتتە ئۆزىمىز بولۇشىمىز كېرەك، ھەممە ساھەنىڭ ياكى نۇرغۇن ساھەلەرنىڭ ۋەزىپىسىنى قوشۇمچە ئۆتەپ قويۇشقا مەجبۇرلانغان بەدىئىي ئەدەبىيات، مانا مۇشۇنداق “چېپىلغاق” بولىدۇ ۋە شەرتلىك ھالدا “چېپىلغاق” بولۇشى كېرەك! 




ھالقىلىق سۆزلەر : تارىخ، تارىم، ئوبزور


بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
------分隔线----------------------------

ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار