خەۋپ - خەتەرگە دادىل يۈزلەنگەن بۇ سالچىلارنىڭ قەھرىمانلىقىنى، ھەقلىق رەۋىشتە “قەھرىمانلىق”نى تۈر ۋە قاتلاملارغا ئايرىش ئارقىلىق تېپىپ ئالالايدىغىنىمىزدەك، ئۇلاردىكى ئەخلاقىي جۇلالارنى كۆزەينەك ئالماشتۇرۇپ باقساق روشەن كۆرۈپ يېتەلەيمىز. بۇ كۆزەينەك −− ئەخلاق ھەققىدىكى قاتمال، قېلىپلاشقان، كونىرىغان، ھېسسىي بولغان، رېئاللىقنى مۇپەسسەل ۋە ئادىل كۆزىتىش ئىقتىدارىغا، سىستېمىلىق ئىلمىي نەزەرىيەۋى ئاساسقا ئىگە بولمىغان بوۋا مىراس كۆزەينەكلەرنى ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلاش ئارقىلىق مەيدانغا كېلىدۇ. كىلاسسىك ئېتىكا ئۇقۇملىرى نۇقتىسىدىن نەزەر سالساقمۇ، “سالچىلار”نىڭ پېرسوناژلىرىنى ئەخلاقلىق كىشىلەر دېيىشكە يېتەرلىك ئاساسلىرىمىز بار. مەن ئۇلارنى ھەرگىز ئەخلاقىي جەھەتتە مۇكەممەل كىشىلەر دەۋاتقىنىم يوق. بۇ يەردە “مۇكەممەللىكنىڭ نېمىلىكىنى، ئۇنىڭ مۇمكىن بولىدىغان، رېئاللىققا ئايلىنالايدىغان نەرسە ياكى ئەمەسلىكىنى ئالدى بىلەن ئويلىشىش كېرەك. دەرۋەقە بۇ سالچىلاردا نۇقسان يوق ئەمەس، ھالبۇكى ئۇلار ئاشۇ نۇقسانلىرى بىلەن چىن گۈزەل ۋە پىرىنسىپال مەسىلىلەردە ئەخلاقلىق كىشىلەردىن ئىبارەت. مۇكەممەللىك ھەرقاچان ئىنساننىڭ ئىدېئال دەرىجىسىدۇر. ئىنسان مەڭگۈ ئۆز ئىدېئالىنى ئىزدەيدۇ، لېكىن مەڭگۈ ئۆز ئىدېئالىغا يېتەلمەيدۇ. ئۇ بۇنداق مەڭگۈلۈك سەپەردە غايىۋى مەنزىللىرىنىڭ جۈزى ئۆتەڭلىرىدە قونۇپ ئۆتىدۇكى، يەنىلا ئۆز ئىدېئالىنىڭ قورشاۋى ئىچىدە، ئۆز ئىدېئالىغا چەكسىز تەلپۈنۈپ ياشايدۇ. مانا بۇلار ماتېماتىكىدىكى لېمىت ئۇقۇمىنىڭ ئىجتىمائىي ئېستېتىكىدىكى ئىپادىلىنىش شەكلىدىن ئىبارەت. دېمەك، مۇكەممەللىك قوغلىشىشقا، چاقىرىق قىلىش ۋە قوبۇل قىلىشقا تېگىشلىك نىدا. لېكىن، رېئال ئىنساندىن مۇكەممەللىكنى تەلەپ قىلىش ئىلمىي بولمىغان “ئەدەبىي تەنقىد دونكىخوتچىلىقى”دىن ئىبارەت. بۇ يەردە ۋىناسنىڭ بىر قولىنىڭ يوق بولۇشى ئۇنىڭ گۈزەللىكىگە تەسىر يەتكۈزەلمىگەنلىكىنى، غەرب دۇنياسىدا بۇ ھەقتە نۇرغۇن تەلقىنلەرنىڭ ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئەسكە ئېلىپ ئۆتسەك كۇپايە. سالچىلار سالچىلىقدىن ئىبارەت بۇ كەسىپكە ئۆزىنى بېغىشلىغىنىدا، ماماتقا تەۋەككۈل قىلغىنىدا، بەزى ئېتىكاشۇناسلار تەشەببۇس قىلغان “مەجبۇرىيەت ئېتىكىسى”نىڭ ئەخلاق نورمىلىرىنى قانائەتلەندۈرىدۇ. “ئېلىش” ئەمەس، “بېرىش” ئۇلارنىڭ ئەخلاقىي قارىشى ۋە ھەرىكەتلىرىدە روشەن ئەكس ئەتكەن. ۋاپادارلىق، سادىقلىق، يۈز - خاتىر قىلىش قاتارلىقلار كىلاسسىك ئېتىكا ئۇقۇملىرى، ئەنئەنىۋى ئەخلاق نورمىلىرىدىن ئىبارەت. قۇۋان ئەزمە سەمەت نوچىنىڭ يۈزىنى قىلىپ ئۆلۈمگە تەۋەككۈل قىلىپ سالغا چىققىنىدا مۇشۇ يۈز - خاتىر قىلىشتىن ئىبارەت ئەنئەنىۋى ئەخلاق دالالىتىنىڭ قۇربانى بولۇشنى تاللىغان. ئۇنىڭ ئۆمەر مەدداھقا بولغان سېغىنىشلىرىدا سادىقلىقتىن ئىبارەت ئەنئەنىۋى ئەخلاق نورمىسىنىڭ نۇرى جىلۋە قىلىدۇ. ھەققانىيەت تەرەپتە تۇرۇش، ئادىل ۋە جاسارەتلىك بولۇش ئوخشاشلا ئېتىكىلىق دالالەتلەردىن ئىبارەت. سەمەتنوچىنىڭ ئىش - ھەرىكەتلىرىدىن بىز بۇنداق ئەخلاقىي جىلۋىلەرنى كۆپلەپ ئۇچرىتالايمىز |