خۇلاسە كالام، “سالچىلار” رومانى ۋە شۇ ۋەجىدىن كېلىپ چىققان تور، كوچا ئوبزورلىرى بىر دەۋر كىشىلىرىنى، بىر ساھەنى، زامانىمىزدىكى بەزى كىشىلەرنىڭ بەدىئىي ئەدەبىياتقا بولغان چۈشەنچە ۋە تەلەپلىرىنى ئەكس ئەتتۈردى. بۇ ئومۇمىي مەنزىرىدە بەك مۇپەسسەل بولمىسىمۇ، ئاپتورنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق كىشىلەرنىڭ، پېرسوناژلارنىڭ، زوقلانغۇچىلارنىڭ ۋە ئۇلار ياشىغان دەۋرنىڭ ئەپتىنى كۆردۇق. مەنمۇ مۇشۇنداق بىر تېمىنى ئەركىن مونولوگ شەكلىدە يېزىپ ئۆز ئەپتىمنى نامايان قىلماقتىمەن. مېنىڭچە، ئېستېتىك غايىلەر، مەۋجۇت بولغان ئېستېتىك رېئاللىقلارنى چەتكە قاقمايدۇ، چەتكە قاقالمايدۇ ۋە چەتكە قاقماسلىقى كېرەك. بىزنىڭ بارىمىز شۇ ئىكەن، ئەينەكتىكى ئەپتىمىز شۇ ئىكەن، ئالدى بىلەن ئاشۇ بارىمىزدىكى ئېستېتىكىلىق، ئېتىكىلىق جۇلالارنى بايقىشىمىز، ئىككىنچى قەدەمدە غايىۋى مەنزىللەرنى ئويلىشىشىمىز كېرەك. ھالبۇكى، تەشەببۇس قىلىنغۇسى بۇنداق ئېستېتىكىلىق، ئېتىكىلىق مەنزىللەر رېئال تۇرمۇشتا ئەمەلگە ئاشۇرۇش مۇمكىن بولغان سىستېمىلىق پەلسەپىۋى چۈشەنچە ئاساسىدا لايىھەلىنىشى زۆرۈر. “سالچىلار” ۋە ئۇنى مەركەز قىلغان زوقلىنىش جەريانى ئەپتىمىزنى ئۆزىمىزگە تونۇتتى. چىنلىقىمىزنى كۆزىمىزگە كۆرسەتتى، مانا بۇ روماننىڭ غەلىبىسى. بىزنىڭ چىنلىقتىن مەمنۇن بولمىغانلىقىمىز، ئۆزىمىزنىڭ ئەپتىمىزنىڭ ئانچە نۇرانە ئەمەسلىكىدىن ئىبارەت ئالدىنقى شەرتنى مەنبە قىلىدۇ، دەرۋەقە چىنلىق راستچىل ۋە روھىمسىز بولىدۇ، ئۇ يۈز - خاتىر قىلىشنى، ئارزۇلىرىمىزغا بېقىپ پەرداز قىلىپ چىقىشنى خالىمايدۇ. بىز يۇقىرىقىچە چىنلىقتىن، رېئاللىقتىن مەمنۇن بولمىغان ئىكەنمىز، ئۇنى ئۆزگەرتىشنىڭ ئەمەلىي قەدەملىرىنى باسساق بولىدۇ. بەدىئىي ئەدەبىيات رېئاللىققا تەسىر كۆرسەتمەيدۇ ئەمەس تەسىر كۆرسىتىدۇ، لېكىن ئۇ رېئاللىقنى ئۆزگەرتىشنىڭ ئاساسىي ۋاسىتىسى ئەمەس. ھەممىنى بەدىئىي ئەدەبىياتنىڭ بەجا كەلتۈرۈشىدىن ئۈمىد كۈتۈش، ئەسىر - ئەسىرلەپ ھەرقايسى پەلسەپىۋى تارماقلاردا ئۆزىنى تاپالماسلىق، دىداكتىكلىرىدا ئەقلىي يۈكسەكلىك، مەنتىقىي قۇدرەت بولماسلىق قاتارلىقلار −− مانا بۇ بىزگە خاس رەھىمسىز، لېكىن ئەخمەقلىققا تويۇنغان چىنلىقتۇر |