چىنلىقنىڭ رەھىمسىز يۈزى(7)

يوللانغان ۋاقتى:17-02-2014   مەنبە: تارىم 2013-6-سان   مۇھەررىر: ھەزرەتئەلى ئەخەت   كۆرۈلۈشى: قېتىم   ئىنكاس: 0 پارچە
4 باتۇرلۇق، قەھرىمانلىقلارنىڭ بىرلىككە كەلگەن ئېنىقلىمىسى بارمۇ - يوق، خەۋەرسىزمەن. ئەگەر ئېنىقلىما بېرىشكە ت

4

باتۇرلۇق، قەھرىمانلىقلارنىڭ بىرلىككە كەلگەن ئېنىقلىمىسى بارمۇ - يوق، خەۋەرسىزمەن. ئەگەر ئېنىقلىما بېرىشكە ت−وغرا كەلسە “رېئاللىققا قارشى چىقىش، رېئاللىققا جەڭ ئېلان قىلىش، تەۋەككۈلچىلىك قىلىش، ۋاز كېچىش، قۇربان بېرىش، ئەندىزىگە ئاسىيلىق قىلىش” دېگەندەك تېرمىنلارنىمۇ بۇ ئېنىقلىما ئىچىگە كىرگۈزۈشنى ئويلىشىپ كۆرۈشنى تەشەببۇس قىلىمەن.

ئوخشىمىغان دەۋر ياكى ئوخشىمىغان توپلارنىڭ قاراشلىرىدا خۇددى ئەخلاققا بېرىلگەن ئىزاھلار پ−ەرقلىق ب−ولۇپ كەلگىنىدەك، قەھرىمانلىققا بېرىلگەن ئىزاھات، تەدبىرلەرمۇ پەرقلىق بولۇپ كەلدى. لېكىن بۇلارنىڭ ھەممىسىدە رېئاللىققا بولغان ئىسيانكارلىق رەت قىلىنماي، مەركىزىي ئورۇنغا قويۇلىدۇ. رېئاللىق بولسا كۆپ قاتلاملىق بولۇپ، ئىجتىمائىي، سىياسىي تەقدىر - قىسمەتلەرگە بولغان ئىسيانكارلىقمۇ، ئائىلە رېئاللىقىغا بولغان ئىسيانكارلىقمۇ، ئىشقىلىپ ھەممە نۇسخىسىنى تاپقىلى بولىدۇ. روماندىكى ئاساسىي قەھرىمانلار مەشھۇر تارىخىي شەخسلەر بولماي ئادەتتىكى كىشىلەر بولۇپ، ئۇلارغا بىز تارىخىي مىللىي قەھرىمانلىرىمىزغا قويۇلغان تەلەپلەرنى قويالمايمىز. بۇ “سالچىلار”نى بولسا بىر كەسپىي ساھەنىڭ قەھرىمانلىرى، تەۋەككۈلچىلىك روھىغا باي كىشىلەر دەپ قارىساق خاتالاشقان بولمايمىز. ئۇلارنىڭ قەھرىمانلىقى، ھايات بىلەن مامات ئوتتۇرىسىدىكى تاللاشتا تەۋەككۈلچىلىك قىلالىغانلىقىدا، گەرچە باشقا تاللاشلار يوق بولمىغان ھالەتتىمۇ، خەۋپ - خەتەرگە تولغان بۇ ساھەنى تاللاشتا ئىپادىلىنىدۇ. دېمەكچىمەنكى، دۇنيادا “چاپايۇفچە قەھرىمانلىق”، “پاۋىل كورچاگىنچە قەھرىمانلىق” بولۇپلا قالماي، يەنە “سېيىت نوچىچە قەھرىمانلىق”، “غېنى باتۇرچە قەھرىمانلىق”، “سادىر پالۋانچە قەھرىمانلىق”لارمۇ ئەلۋەتتە بار. قەھرىماننىڭ يارىلىشى بىلەن قەھرىماننىڭ ئېتىراپ قىلىنىشى ئىككىسى ئىككى ئىش. “غېنى باتۇر”نىڭ ئوخشىمىغان تارىخىي دېكىراتسىيەدە “غېنى ئوغرى” بولالايدىغانلىقىنىمۇ ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك.

خەلق ئارىسىدا “داۋان ئاتلاپ چىققان ئوغۇل باللا بىز، جۇمۇ” دېگەن گەپلەرنى كۆپ ئاڭلىغانىدۇق، دەرۋەقە خەۋپ - خەتەرگە تولغان مۇزداۋان سەپىرىگە جۈرئەت قىلىشنىڭ ئۆزى بىر قەھرىمانلىق روھتىن ئىبارەت. قارىغاندا بىز قەھرىمانلىق، ئەخلاق ھەققىدىكى ئۆلچەملىرىمىز ھەققىدە قايتا ئويلاشمىساق بولمايدىغان يەرگە يەتك−ەندەك ت−ۇرىدۇ. ئەت−راپىمىزدا قەھرىمانلىق كۆپ، دارۋازلىق مۇشۇنداق قەھرىمانلىقلارنىڭ بىرى. شۇنىسى ئېنىقكى، قەھرىمانلىق ئالدىدا روھتا مەيدانغا كېلىپ، ئاندىن پۇت - قولدا، چىرايلىرىمىزدا، پوزىتسىيەلىرىمىزدە ئىپادىلىنىدۇ. روماندا تەۋەككۈلچىلىك - قەھرىمانلىق روھى كەمچىل پېرسوناژ بەلكىم قۇۋان ئەزمە بولۇشى مۇمكىن. قالغانلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ دېگۈدەك روھىدا قەھرىمانلىق خېلى روشەن ئەكس ئەتكەن. لېكىن، بىز قۇۋان ئەزمىدە زادىلا قەھرىمانلىق ئېلېمېنتى يوق دېيەلمەيمىز. ئۇنىڭ سالغا چىقىشىدا، ئۇستازىغا، دوستلارغا بولغان ئۆزىنى بېغىشلاش روھى قاتارلىقلاردا بۇنداق ئېلېمېنتلارنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ.

ئۆزىنى مەركەز قىلىش، بۈگۈنكى كىشىلىرىمىزنىڭ تۈپ مىزانىغا ئايلىنىپ قالغىلى تۇردى. ئۇلار قەھرىمانلىق قىلسا پەقەت خۇسۇسىي مەنىدىكى “ئۆزى” ئۈچۈن قىلىدۇ. ئۇلار سىرتتىن ئالىدۇ - دە، ھېلىقى تار مەنىدىكى “ئۆزى”گە بېرىدۇ، ئۆزى مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان ئىجتىمائىي توپقا بولسا بىر نەرسە بېغىشلىيالمايدۇ. ئۇلاردا قەھرىمانلىقنى ئۈزۈل - كېسىل يوق دېيىشكە بولمايدۇ، ئەلۋەتتە. ئۇلارنىڭ قەھرىمانلىقى مەيلى نېمىنى بەدەل قىلىپ بولسىمۇ تار مەنىدىكى “ئۆزى”نىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قېلىش، ئۇلارنىڭ لۇغىتىدە “ئېلىش” −− قەھرىمانلىق، “بېرىش” بولسا جىنايەت ۋە زەيپانىلىقتۇر. تارىخ بىزگە شۇلارنى ئەسكەرتكەنكى، تار مەنىدىكى “ئۆزى”نىلا مەركەز قىلىدىغان بۇنداق كىشىلەر، “ئۆزى” ئۈچۈن ھەرقانداق شەرتلەرنى قوبۇل قىلىدىغان بۇنداق كىشىلەر ھامان ئىجتىمائىي توپنىڭ مەنپەئىتىنى قۇربان قىلىش ياكى ئۇنىڭغا خىرىس قىلىش رولىنى ئويناپ كەلدى.

مەمتىمىن ھوشۇر “سالچىلار”دا بىزنىڭ ئۇنتۇلۇپ كېتىۋاتقان ئەنئەنىۋى قىممەت قاراشلىرىمىزنى يادىمىزغا سالغاندەك قىلىدۇ. ۋۇجۇدىدا ئادىللىق تۇيغۇسى پۈتۈنلەي ئۆلۈپ كەتمىگەن كىشىلەرگە ئايانكى، بىزنىڭ قەھرىمانلىق ھەققىدىكى قاراشلىرىمىز بۇرمىلىنىپ كەتتى ۋە بۇرمىلىنىپ كېتىۋاتىدۇ. بىزنىڭ ئەجدادلىرىمىزنىڭ، بىزنىڭ سالچىلىرىمىزنىڭ قەھرىمانلىق ھەققىدىكى ئەقەللىي ئىستىخىيەلىك مىزانلىرى بۇنداق ئەمەس ئىدى. بىز چىن مەنىسىدىكى قەھرىمانلارنى “ئەقىلسىز”، “زەيپانە”، “مەغلۇبىيەتچى” كىشىلەر دېگەن قاراشقا بارغانچە مايىل بولماقتىمىز. ۋۇجۇدىدا قۇۋان ئەزمىچىلىكمۇ جاسارەت يوق كىشىلەر (ئۇنىڭ سالغا چىقىشىنىڭ ئۆزى بىر قەھرىمانلىق، ئەلۋەتتە( “قەھرىمان”غا ئايلانماقتا. رېئاللىق بىزنى قەھرىمانلىق ھەققىدە قايتا ئويلىشىشقا قىستىماقتا. بىز بۇ نۇقتىغا جىددىي مۇئامىلە قىلىشىمىز كېرەك. قەھرىمانلىقنىڭمەۋجۇت تەرتىپلەرگە بولغان ئىسيانكارلىق ئىكەنلىكىنى، بۇ مەۋجۇت تەرتىپلەر بولسا، يالغۇز سىياسىي دۇنياغىلا مەنسۇپ بولماستىن، ئىجتىمائىي ھاياتنىڭ ھەممە ساھەلىرىگە مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى ئەستىن چىقارماسلىق كېرەك. مۇشۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، بىزنىڭ ئەتراپىمىزدا قەھرىمانلار ئاز ئەمەس. قەھرىمانلىق ياكى قەھرىمانلىق ئېلېمېنتلىرى چۈشىنىلىشى، قەدىرلىنىشى، بايقىلىشى، پەرۋىش قىلىنىشى كېرەك. ھەممە ساھەلەرنىڭ دېگۈدەك ئۆز قەھرىمانلىرى بولىدۇ. سىز پەقەت ئ−ۆزىڭىز تەلپۈنگەن بىرەر ساھەنىڭلا قەھرىمانلىرىنى ئېتىراپ قىلسىڭىز ئىلمىي ھەم ئادىل بولمايدۇ، ھەممە ساھەگە قەھرىمان كېرەك




ھالقىلىق سۆزلەر : تارىخ، تارىم، ئوبزور


بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
------分隔线----------------------------

ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار