چىنلىقنىڭ رەھىمسىز يۈزى(2)

يوللانغان ۋاقتى:17-02-2014   مەنبە: تارىم 2013-6-سان   مۇھەررىر: ھەزرەتئەلى ئەخەت   كۆرۈلۈشى: قېتىم   ئىنكاس: 0 پارچە
تۆۋەندىكىدەك ئۈچ خىل ھادىسە كۆرۈلدى : 1 . بەدىئىي ئەدەبىياتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇيغۇر سەنئىتىدىكى تالاغا قارا
تۆۋەندىكىدەك ئۈچ خىل ھادىسە كۆرۈلدى:

1 . بەدىئىي ئەدەبىياتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇيغۇر سەنئىتىدىكى “تالاغا قاراپ قېلىش ھادىسىسى”

بۇنىڭدا ھەررەڭ، ھەر شەكىلدىكى زىيادە تەقلىدچىلىكلەردىن ساقلانغىلى بولمىدى. زامانىۋىلىق، دۇنياۋىلىقلارنىڭ مىللىي سەنئەتتىكى توغرا تەبىرى ئۈستىدە ئىزدىنىلمەي، ئۇ گويا تاشقى دۇنيا تەنقىدچىلىكى دەپ چۈشىنىلدى. بۇ خىل ئۆزىدىن ھالقىپ كەتكەن تەقلىدچىلىك ماھىيەتتە “ئۆزىنى يوقىتىش” يولىدىكى تىرىشچانلىق ئىدى. ئەدەبىيات - سەنئەتتە ژانىر، ئىپادىلەش ۋاسىتىسى، ئىلغار ئىدىيە قاتارلىقلارنى ئىمپورت قىلىشقا بولىدۇ، لېكىن ئۇلارنى ئۆزىنىڭ ساقلاپ قېلىشقا تېگىشلىك بولغان قىممەت قاراشلىرىنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە ئىمپورت قىلىش ئەدەبىيات - سەنئەتتە “ياساش كەسپى”نى شەكىللەندۈرىدۇ. ھالبۇكى، بۇ “كەسىپ”نىڭ “تاۋار”لىرى بولسا، ئۆزى سادىق بولغان “تاشقى دۇنيا”دىمۇ، ئۆزى تەۋە بولغان ئىجتىمائىي توپتىمۇ قارشى ئېلىنىپ كېتىشى ناتايىن. چۈنكى، بۇنداق ئەسەرلەرنى مەيدانغا كەلتۈرىدىغان “ياساش كەسپى”بىر مېخانىك قۇراشتۇرۇش جەريانى بولۇپ، ئۇ ئاپىرىدە قىلغان “تاۋار”لاردا ھاياتىي كۈچ ۋە بەدىئىي جەلپ قىلىش كۈچى بولمايدۇ. ئۇيغۇر تەنقىدچىلىكى بۇنداق “تالاغا قاراپ قېلىش” ھادىسىسىگە سۈكۈت قىلدى، ھەتتا ئۆزى بىلىپ - بىلمەي، ئۇيغۇر ئەدەبىيات - سەنئىتىنى بۇنداق “ئاسىيلىق”قا قۇتراتتى. چەت ئەللەردىن ئۇنىڭ “نەزەرىيەۋى ئاساس”لىرىنى ئېلىپ كىرىپ، بۇ “ئاسىيلىق”قا ئۈمىد ۋە ئىپتىخار بېغىشلىدى. بىز تولىمۇ قىسمەنلىكلەرنى، بەزى زۆرۈرىيەتلەرنى ھېسابقا ئالمىغاندا، باشقىلار ئۈچۈن ناخشا ئېيتىپ، ئەسەر يېزىپ بەرمىسەكمۇ بولىدۇ. چۈنكى، بىز ھامان ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىدەك قاملاشتۇرالمايمىز، ھەركىم ئۆز ناخشىسىنى ئۆزى ئېيتىشى كېرەك، ھەركىمنىڭ ئۆزىگە خاس تېماتىكىسى بولىدۇ.

2. ئادەتلەنگەن نەزەرىيەۋى قېلىپلاردىن بىراقلا ھالقىپ كېتىش

“گۇڭگا شېئىرىيەت” مەلۇم مەنىدە قاتمال، كونسېرۋاتىپ بولغان، ھە دېسىلا “يامان بولىدۇ” دەپ ت−ۇرۇۋېلىپ، سىقىلغان روھنىڭ پارتلىشىنى تەقىپ قىلىدىغان “تەنقىد”دىن ئىبارەت بۇ “قېرى دىداكتىكىچى”غا قىلىنغان خىرىس ئىدى، بۇ “ قېرى دىداكتىكىچى” ئاساسەن ئىستىلىستىكىلىق مەسىلىلەرنى تەكىتلەيدىغان، دەسمايىسى بىر مۇنچە ئىمپورت قىلىنغان “پەرھىز”لەردىنلا ئىبارەت بولغان بىر “بوۋاي” بولغانلىقى سەۋەبلىك، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى چىخوپنىڭ “بىلىكوپ”ىدەك پورتىرېتقا مەھكۇم قىلىش رولىنى ئويناپ كەلگەن. لېكىن بۇ مەسىلىنىڭ پەقەت بىر تەرىپى، “گۇڭگا شېئىرىيەت”نىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى رېئاللىقىدىمۇ مەسىلە ئاز ئەمەس. زىيادە ئىندىۋىدۇئاللىشىپ كېتىش بۇ قېتىمقى شېئىرىيەت ھادىسىسىدىكى تۈپ مەسىلە ئىدى. ئەينى دەۋردىكى بەزى تەنقىدچىلىرىمىز مۇشۇنداق بىر ھادىسىگە سۈكۈت قىلىپلا قالماي، ھەتتا زىيادە ئىندىۋىدۇئاللىققا يەل بەردى. بۇنداق يەل بېرىش شۇنداق ئەسەرلەرنى ۋۇجۇدقا كەلتۈردىكى، بۇنداق ئەسەرلەرنى كىتابخانلار بۇ ياقتا تۇرسۇن، ئاپتور ئۆزىمۇ ئېنىق شەرھلەپ بېرەلمەيتتى. ئۆز پىرىنسىپلىرىنى ئۆزى ياشاۋاتقان ئىجتىمائىي توپنىڭ ئىستىتىكىلىق ئورتاقلىقى ۋە خاسلىقى ئۈستىگە تۇرغۇزمىغان سەنئەت ۋە تەنقىدچىلىك ھامان زىددىيەتكە پاتقان، مەغلۇبىيەتكە يۈزلەنگەن، ئىجتىمائىي بۇرچ تۇيغۇلىرىدىن ئايرىلغان بولىدۇ.

3 . نەزەرىيە، ئەدەبىي تەنقىد ھامان ئەڭ كەڭ مەنىدە دىداكتىكىلىق، پېداگوگىكىلىق ئەمگەكتىن ئىبارەت. پەرۋىشكارلىق ۋە يېتەكلەش ئۇنىڭ ئاساسىي مېتودى، ئالدىنقى شەرتى بولسا، ئىلمىي ۋە مۇنازىرىگە بەرداشلىق بېرەلەيدىغان “پىروگرامما”دىن ئىبارەت بولۇشى كېرەك.

ھازىر بۇنداق “پىروگرامما”نىغۇ تاما قىلماي، بىزنىڭ تەنقىدچىلىرىمىز، نەزەرىيەچىلىرىمىز پەرۋىشكارلىققا يېتەرلىك كۆڭۈل بۆلەلىدىمۇ - يوق؟ دېگەن سوئال ئۈستىدە ئەستايىدىل ئويلىشىپ كۆرسەك بولىدۇ. بىز “نادىر” ئەسەر مەستانىلىقى ۋە چاقىرىقىغا ئەڭ كۆپ كۆڭۈل بۆلدۇق (ئۆزىمىزدە ئۇنىڭ ئېنىق ئۆلچىمى بولۇش - بولماسلىقىدىن قەتئىينەزەر(، لېكىن پەرۋىشكارلىق بۇرچىمىزنى تولۇق ياكى يېتەرلىك ئادا قىلمىدۇق. مۆجىزە كۈتتۇق، لېكىن جاپالىق، كونكرېت ئەمگەكلەرنى ئىشلىمىدۇق، “ئۈلگىلىك ئەسەر”لەرنى مەدھىيەلەپ ھوشىمىزدىن كېتەي دېدۇق. بۇ ئەسەرلەرنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن كونكرېت، جاپا - مۇشەققەتلىك جەريانلار ۋە شەرت - شارائىتلار دىققىتىمىزدىن يىراقتا تۇرۇپ كەلدى. بىز “نادىر”لار ئارقىلىق يېتىلىۋاتقان ياش تالانتلىقلارنى، تالانت ئۇچقۇنلىرىنى مەنسىتمىدۇق ياكى دۇمبالىدۇق، ھەتتا بەزى ھاللاردا ئۇجۇقتۇرۇپتاشلىدۇق. بىز ئەدەبىيات  -  سەنئەت ئالدىنقى سېپىگە، غەلىبىگە، قەھرىمانغا كۆڭۈل بۆلدۇق. ئارقا سەپكە، ئەدەبىياتنىڭ كېلەچىكىگە يېتەرلىك كۆڭۈل بۆلمىدۇق. ئىدىيال مۇكەممەللىكلەر نۇقتىسىدا تۇرۇۋېلىپ، رېئال مۇمكىنلىكلىرىمىزنى دۇمبالىدۇق... ۋەھاكازالار. بىزنىڭ نەزەرىيەچىلىرىمىز، تەنقىدچىلىرىمىز ئۆزى ئۈستىدە ئەستايىدىل ئويلىشىشقا تېگىشلىك يەردىن ئۆتۈپ كەتتى. بۇ خىل ئويلىنىشنى يەنە كېچىكتۈرسەك بولمايدۇ. تەنقىدچىلىرىمىز قەھرى - غەزەپلىك گېنېرالنىڭ رولىنى ئېلىۋەرمەي، كۆيۈمچان يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ رولىنىمۇ ئېلىشى كېرەك، “نادىر” ئەسەرلەرنىڭ ئېلانچىسىغىلا ئايلىنىپ قالماي، نۇقسان ئىچىدىكى تالانت بىخلىرىنى بايقىيالايدىغان ۋە ئۇلارنى پەرۋىش قىلالايدىغان كۆيۈمچان ئەمگەكچىمۇ بولۇشى كېرەك. بەدىئىي ئەدەبىيات گۈلشىنىنىڭ گۈزەل كېلەچىكى ئالدى بىلەن پەرۋىشكە موھتاج!

ئەسلىدىكى گېپىمىزگە قايتىپ كەلسەك، مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ “ساراڭ” قاتارلىق ھېكايىلىرىدىن باشلىنىپ “قۇم باسقان شەھەر”دە ۋايىغا يەتكۈزۈلگەن مەمتىمىن ھوشۇرچە ئۇسلۇب بولسا “تالاغا قاراپ قېلىش”نىڭ ئەمەس، ئۇيغۇر ئومۇمىي خەلق ئېستېتىكىسىنىڭ مەھسۇلى سۈپىتىدە مەيدانغا چىقتى. “مەمتىمىن ھوشۇرچە ئۇسلۇب” يېڭى بىر بەدىئىي دۇنيا بىلەن بىزنى ئۇچراشتۇرۇپلا قالماي، ھېلىقى “قېرى دىداكتىكىچى”نىڭ مېڭىسىگە كېلىشتۈرۈپ بىر مۇشت سالدى. بۇ مۇشتنىڭ زەربىسى شۇنچە ئۇشتۇمتۇت، شۇنچە قاتتىق بولدىكى، ھازىرغىچە بۇ “بوۋاي” ئېسىگە كېلەلمەيۋاتىدۇ. “مەمتىمىن ھوشۇرچە ئۇسلۇب” بىزگە نېمە دېمەكچى ياكى نېمىلەرنى ئۇقتۇردى؟ ئۇ سەنئەتكارلارغا ئېيتماقچىكى، ئۇيغۇر سەنئىتىنىڭ “تالاغا قاراپ قېلىش”ىنىڭ ھاجىتى يوق. ئۆزىمىزدە بارلىق بەدىئىي ئىجادىي ئىمكانىيەتلەر يېتەرلىك. ئۆزۈڭلارمۇ تونۇيالمايدىغان “بالىلار”نى تەۋەللۇت قىلىشتىن ساقلىنىڭلار! ئۇ تەنقىدچىلەرگە ئېيتماقچىكى، سىلەر ئۆزىمىزدە بار بولغان نەرسىلەرنى قېزىپ ئۇنىڭدىن نەزەرىيە ياساڭلار، سىلەر “تالاغا قاراپ” قالساڭلار بىر مۇنچە بالىلارنى ئەگەشتۈرۈپ كېتىدىكەنسىلەر. تەييارغا ھەييار بولىدىغان ياكى قۇراشتۇرمىچىلىق بىلەن ئەپلەپ - سەپلەپ جان باقىدىغان خۇيۇڭلارنى تاشلاڭلار!

ئۇيغۇر بەدىئىي ھاياتى بىلەن ئۇيغۇر تەنقىدچىلىكى ئىلمىي ھالدا جىپسىلاشمىسا، نەزەرىيە ۋە بەدىئىي ئەمەلىيەت ئۇيغۇر مەنىۋى ھاياتىنى، نىسپىي ئورتاق بولغان ئۇيغۇر ئېستېتىكىسىنى ئاساس قىلمىسا، تەرەققىياتتىن سۆز ئېچىش مۇمكىن ئەمەس. بۇ ھالدا نەزەرىيە سەنئەت ئەمەلىيىتىنى قايمۇقتۇرۇش، تەقلىدچىلىككە




ھالقىلىق سۆزلەر : تارىخ، تارىم، ئوبزور


بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
------分隔线----------------------------

ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار