چىنلىقنىڭ رەھىمسىز يۈزى(3)

يوللانغان ۋاقتى:17-02-2014   مەنبە: تارىم 2013-6-سان   مۇھەررىر: ھەزرەتئەلى ئەخەت   كۆرۈلۈشى: قېتىم   ئىنكاس: 0 پارچە
قىستاش ۋە ئىلمىي ئوربېتىدىن چىقىرىۋېتىش رولىنى ئويناپ قالىدۇ . بۇ رومان مېنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان مۈگىدەپ ياتقان،
قىستاش ۋە ئىلمىي ئوربېتىدىن چىقىرىۋېتىش رولىنى ئويناپ قالىدۇ.

بۇ رومان مېنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان “مۈگىدەپ” ياتقان، ئۇنتۇلغان ئەدەبىي تەنقىد ۋە سەنئەتكە ئالاقىدار بەزى خاتىرىلىرىمنى ئېسىمگە سالغاندەك قىلىدۇ. لېكىن، مەن بۇ يازمىنى “ئۆلچەملىك” ۋە “مودا” تەنقىد ئەسىرى دەپ قارىيالمايمەن. يازغانلىرىمنىڭ زادى نېمە ئىكەنلىكىگە كىتابخانلار ۋە مۇتەخەسسىسلەر باھا بەرسۇن. ئەسكەرتىپ قويىدىغىنىم: بۇ يازما مېنىڭ “سالچىلار”دىن ئالغان بىۋاسىتە تەسىراتلىرىمنىڭ، “سالچىلار”نىڭ غىدىقلىشى بىلەن ئوتتۇرىغا چىققان ئېستېتىكا، ئېتىكا ۋە بەدىئىي ئەدەبىيات ھەققىدىكى بىر قىسىم قاراشلىرىمنىڭ ئەركىن بايانى.

1

نۇرغۇن ئادەملەر رېئال تۇرمۇش ئىچىدە ياشاۋاتقىنىدا كۈندىلىك زۆرۈرى تۇرمۇش پائالىيەتلىرىگە ئەسىر بولۇپ ئۆزىگە، ئۆزىنىڭ تۇرمۇش جۇغلانمىلىرىغا زامان - ماكان ۋە بىر پۈتۈنلۈك نۇقتىسىدىن نەزەر تاشلىيالماي قالىدۇ. شۇڭغىچە بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ھايات سەرگۈزەشتلىرىنى يىغىنچاقلاپ نىسپىي ئابستراكت يەكۈنلەرنى چىقىرىش ئادىتى نۇرغۇن كىشىلەردە يېتىلمىگەن بولىدۇ. ھالبۇكى، چىنلىق سىياھى بىلەن يېزىلغان بىر ئەسەرگە تۇرمۇش، تارىخ، ھايات ھەققىدىكى تەپسىلات ۋە يەكۈنلەر يۇغۇرۇلغان بولىدۇ. بۇنداق ئەسەر بىزنىڭ ئۆزىمىزنى، تارىخنى، ھاياتنى بىلىشىمىزدە ئەينەكلىك رول ئوينايدۇ. ئۆتمۈشىمىزگە، ھازىرىمىزغا سەپسېلىش، ئۆزىمىزنى تونۇش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. گەرچە بۇ خىل ئۇچرىشىش تولا ھاللاردا ئازابلىق بولسىمۇ، بۇ بىر ياخشى باشلىنىشتۇر. چۈنكى، چىنلىقنى ماتېرىيال قىلغان “ئەسەر”دىن ئىبارەت بۇ ئەينەك، ئەپتىمىزنى ئەينەن كۆرسىتىپ، غۇبار ۋە ئازاب مەنبەلىرىمىزدىن ئاگاھلاندۇرىدۇ. جىلۋە - جۇلالىرىمىزغا ئىلھام بېرىدۇ، بىزنىڭ توغرا يەكۈن ۋە توغرا قارار چىقىرىشىمىزغا يېتەكچىلىك قىلىدۇ. بىر مۇنەۋۋەر ئەسەرگە قويۇلىدىغان ئەڭ ئالدىنقى شەرت مېنىڭچە پەقەت بىرلا. ئۇ بولسىمۇ چىنلىق!

چىنلىق ۋە ئۇنىڭ تۈرلىرى ھەققىدە ئالاقىدار كەسىپ ئىگىلىرى، ئېستېتىكا نوپۇزلۇقلىرى نۇرغۇن ۋەسىقىلەرنى قالدۇرغان. چىنلىق ۋە گۈزەللىك بىر - بىرىنى شەرت قىلىدىغان ۋە تولۇقلايدىغان ئېستېتىكا كاتېگورىيەلىرى بولۇپ، ئەدەبىياتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سەنئەت ساھەسىدە، ئۇلارنىڭ “بەدىئىي چىنلىق” ۋە “بەدىئىي گۈزەللىك” دەپ ئاتىلىپ كېلىۋاتقانلىقى ھەممىمىزگە مەلۇم. “سالچىلار” رومانى مېنىڭدە ئالدى بىلەن “بۇ ئەسەر ئوخشىمىغان دەۋر ئىچىدىكى بىر كەسپىي ساھەنى يورۇتۇش جەريانىدا تۇرمۇش چىنلىقى ۋە بەدىئىي چىنلىقنى ئورگانىك ھالدا مۇجەسسەملەشتۈرۈش يولىدا كۆپ ئەجىر سىڭدۈرۈلگەن ئەسەر ئىكەن” دېگەن تەسىراتنى ۋۇجۇدقا كەلتۈردى.

قەھرىمانلىق، گۈزەللىك، ئەخلاق قاتارلىقلار ھەم ئېستېتىكا ھەم ئېتىكا ئۇقۇملىرى بولۇپ، بىر - بىرىنى شەرت قىلىدۇ. بىر - بىرىگە سىڭىشكەن بولىدۇ. ئۇلارنىڭ تەكتىدە چىنلىق ئۆزەك سۈپىتىدە جىلۋە قىلغان بولىدۇ. چىنلىقتىن ئايرىلغان ئاتالمىش “گۈزەللىك” ماھىيەتتە خۇنۈكلۈكتۇر. چىنلىقنى ئالدىنقى شەرت قىلمىغان ئاتالمىش “ئەخلاق”، ماھىيەتتە رىياكارلىق ۋە ئەخلاقسىزلىقتۇر. چىنلىقنى ئالدىنقى شەرت قىلمىغان ئاتالمىش “قەھرىمانلىق” ماھىيەتتە سۇيىئىستېمالچىلىق ۋە پۇرسەتپەرەسلىكتۇر. بۇ تەشەببۇسلارنى قوبۇل قىلىشتىكى ئالدىنقى شەرت بىزنىڭ چىنلىقنى، چىنلىقنىڭ ئۇقۇم دائىرىسىنى قانداق چۈشىنىشىمىزگە، قانداق شەرھلىشىمىزگە باغلىق. مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ چىنلىققا دادىل يۈزلىنىشىنىڭ ئۆزىمۇ مەلۇم مەنىدە قەھرىمانلىقتىن ئىبارەت.

“سالچىلار” رومانىدا، مەيلى ئەسەرنىڭ باش قەھرىمانى بولغان سەمەت نوچى، مەيلى قۇۋان ئەزمە، مەيلى ئۆمەر مەدداھ بولسۇن، مەيلى ھۈسەن بايۋەچچە، ئوسمان ئۇلاغچى ياكى گۈلئايىم بولسۇن، زامانىسىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ئۇلارنىڭ نۇرغۇن پىروتوتىپلىرىنى ئۇچرىتىش تەبىئىي. بۇ پېرسوناژلار ئارقىلىق بىز ئەينى دەۋر كىشىلىرىنىڭ پاجىئەلىرى، تەقدىر - قىسمەتلىرى، ئوي - پىكىرلىرى، تەلپۈنۈشلىرىدىن خەۋەر تاپتۇق.

“سالچىلار” بىر ئەينەك سۈپىتىدە ئەينى دەۋر ئۇيغۇر ھاياتىنىڭ خېلى كەڭ قاتلىمىنى، بىزگە ئانچە تونۇشلۇق بولمىغان بەزى ساھەلەرنى بىزگە روشەن ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى. بۇ پېرسوناژلارنىڭ “لۇغىتى” ۋە “ئارخىپى”دىن، ئۇلار ھەققىدە ئاز بولمىغان ئۇچۇرلارغا ئېرىشتۇق. مەمتىمىن ھوشۇر بىزگە بۇ رومان




ھالقىلىق سۆزلەر : تارىخ، تارىم، ئوبزور


بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
------分隔线----------------------------

ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار