ئارقىلىق بەكمۇ كۆرەڭلەپ كەتمەسلىك ۋە بەكمۇ ئۈمىدسىزلىنىپ كەتمەسلىكتىن بېشارەت بەرگەندەك قىلىدۇ.
2
بىر مۇنەۋۋەر ئەدەبىي ئەسەر ئاز بولمىغان قىممەت قاتلاملىرىغا ئىگە بولىدۇ. قاتلاملارنىڭ ئىپادىلىنىش دەرىجىسىدىمۇ پەرقلەر بولىدۇ. ئوخشىمىغان ساپا، ئوخشىمىغان قىممەت قارىشىغا ئىگە كىشىلەرنىڭ بىر ئەسەردىن قېزىۋالىدىغان جاۋاھىرات ۋە ئەخلەتلىرى ئوخشاش بولمايدۇ. پەقەت پىسخىكىلىق ھۇزۇرلىنىشنىلا قوغلىشىدىغان كىشىلەر، ئۆزىنىڭ فىزىيولوگىيەلىك مېخانىزملىرىنى غىدىقلىيالمىغان، ھۇزۇرلاندۇرالمىغان ئەسەرنى ياقتۇرۇپ كېتىشى ناتايىن. ھالبۇكى، بۇنداق ئەسەر يەنىلا مۇنەۋۋەر ئەسەر بولۇپ، پەقەت ئۇنىڭدا ئاشۇ بىر قاتلاملا مەۋجۇت بولماسلىقى ياكى بۇ قاتلام مەۋجۇت بولسىمۇ، بايامقى شەخس ھېس قىلالىغۇدەك دەرىجىدە يارقىن بولماسلىقى مۇمكىن. دېمەكچىمەنكى، كۆپ قاتلاملىق ئەسەرلەرنىڭ بەدىئىي جەلپ قىلىش كۈچى يۇقىرى، زوقلانغۇچىلىرى (كىتابخانلىرى( نۇرغۇن بولىدۇ. مەن بۇ يەردە بىر ئەسەرگە ھەممە نەرسىنىزورلاپ تىقىش تەلىپىنى قويۇۋاتقىنىم يوق. بارلىق دېتال ۋە تەپسىلاتلار ئورگانىك بىر پۈتۈن گەۋدە بولۇپ ئۇيۇشۇشى كېرەك، ئەلۋەتتە! بۈگۈنكى دەۋرىمىزدە سەنئەتكار بىلەن زوقلانغۇچى ئوتتۇرىسىدا “لاپقۇتلىشىش” مۇناسىۋىتىنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە زۆرۈرلۈكى بارغانچە كىشىلەر تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنماقتا. گەرچە بۇ خىل مۇناسىۋەت مەدەنىيەت تارىخىدا شۇنچە قەدىمىيلىككە ئىگە بولسىمۇ، بىز بۇ خىل مۇناسىۋەتنىڭ ئەھمىيىتىنى، مەۋجۇتلۇقىنى نەزەرىيەۋى جەھەتتىن تونۇشقا باشلىغىنىمىزغا ئۇزاق بولمىدى. قاتلاملارنى يارىتىش ئاپتورنىڭ بۇرچى بولسا، قاتلاملارغا چۆكۈش زوقلانغۇچىنىڭ مەجبۇرىيىتى ۋە پائالىيەت شەكلىدۇر. نەق گەپكە كەلسەك، “سالچىلار”دا ئاز بولمىغان قىممەت قاتلاملىرى مەۋجۇت، ئۇلارنى ھېچ بولمىغاندا تۆۋەندىكىلەرگە يىغىنچاقلاش مۇمكىن: 1.بىلىش قاتلىمى. 2 . ئېستېتىك قاتلام. كۈل چېچىش ئارقىلىق ھاشارات ئۆلتۈرۈش، ئاپپاق غوجا مازىرىدىكى سەيلە... سالچىلىق، سال باغلاش ئۇسۇللىرى قاتارلىقلار ئارقىلىق، بىز ئەسەردە تەسۋىرلەنگەن ئەينى دەۋر كىشىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، ئەمگەك، تېخنىكا ۋە ئىجتىمائىي پائالىيەت شەكىللىرىدىن خەۋەر تاپتۇق. پېرسوناژلارنىڭ دىيالوگ، مونولوگلىرىدىن ئۇلارنىڭ تىل ئادەتلىرى (لۇغىتى(، قىممەت قاراشلىرىدىن، تەلپۈنۈشلىرىدىن خەۋەر تاپتۇق. بەزى پېرسوناژلارنىڭ كەچمىشلىرى ئارقىلىق ئەينى دەۋرنىڭ ئىجتىمائىي ئادەتلىرى، پاجىئەلىرى، ئادالەتسىزلىكلىرىدىن خەۋەر تاپتۇق. ناخشا - قوشاقلار، تۇرمۇش مەنقۇلاتلىرى ۋە ئادەتلىرى يەنە بىزنى كەڭ فولكلور دۇنياسى بىلەن ئۇچراشتۇردى، ۋەھاكازالار. ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلى بىزدە مەخسۇس تارىخىي ئەسەرلەر كەم بولۇپ كەلدى. تارىخىي رېئاللىقلار فولكلورلىرىمىزدا، بەدىئىي ئەسەرلىرىمىزدە ئەكس ئېتىپ، بىزنى ئۆتمۈشتىن خەۋەردار قىلدى ياكى بىر يىپ ئۇچى، بىر نىشان تاختىسى سۈپىتىدە كېيىنكىلەرنىڭ قېزىشىغا، تەپسىلىي يورۇتۇشىغا قالدۇرۇلدى. “سالچىلار” ئۆلچەملىك تارىخىي ئەسەر ئەمەس. ئۇ، پېرسوناژلىرى تارىخىي چىنلىق ئىچىدە، كەڭ تارىخىي دېكىراتسىيە ئىچىدە يارىتىلغان بەدىئىي ئەسەر. لېكىن ئۇ بىزگە نۇرغۇنلىغان تارىخىي ۋەقەلەرنىڭ تېماتىكىلىق مەۋجۇتلۇقلىرىدىن بېشارەت بەردى. “ئاپپاق غوجام سەيلىسى (ھەزرەت سەيلىسى)“ روماندا پەقەت سەمەت نوچى، ئۆمەر مەدداھ قاتارلىقلارنىڭ مەيدانغا كېلىش مۇھىتى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىققان. تېخىمۇ توغرىراقىنى ئېيتقاندا ئاپتور بۇ پېرسوناژلار ئۈچۈن خەلقىمىز ئۇزاق يىللاردىن بېرى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان مۇشۇنداق بىر سەيلە پائالىيىتىنى دېكىراتسىيە قىلىپ تاللىغان. ئوخشىمىغان بەدىئىي دىتقا ئىگە ئاپتورلار ئۆز پېرسوناژلىرىغا ئوخشىمىغان دېكىراتسىيەلەرنى تاللىشى، سەمەت نوچى، ئۆمەر مەدداھلارنى ھەزرەتتە ئەمەس، ئاللىقانداقتۇر باشقا مۇھىتلاردا يارىتىشى، مەسىلەن، ھېيتگاھتىمۇ يارىتىشى تامامەن مۇمكىن. “ھەزرەت سەيلىسى” ھەر تەرەپتىن قارىغاندا خەلقىمىزنىڭ ھاياتىدىكى ئەستايىدىل ئويلىشىشقا تېگىشلىك ئىزچىل فولكلور ئادىتى بولۇپ، ئاپتورنىڭ ئۇنى تاللىشى جايىدا بولغان. “ھەزرەت سەيلىسى” تارىخچىلارنىڭمۇ، ئەدىبلەرنىڭمۇ، سىياسىيونلارنىڭمۇ، دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچىلارنىڭمۇ ۋە باشقىلارنىڭمۇ تېمىسى بولالايدۇ. ئاپتور مۇشۇنداق بىر ئۇنىۋېرسال ۋە مۇھىم تېمىنى زامانىمىز كىشىلىرىنىڭ ئېسىگە سالىدۇ. “ھەزرەت سەيلىسى”دىن بىز مۇشۇنداق بىر پائالىيەتنىڭ بەدىئىي كارتېنىسىغا ئېرىشتۇق. تارىخىي پاكىتلارغا بولغان ھۆرمەت، شۇنداقلا تېماتىكىلىق بېشارەتلەر ئەخمەت ئەپەندىم ۋە غېنى باتۇرنىڭ سالغا چىقىشلىرى ھەققىدىكى تەپسىلاتلاردا يەنىلا ئەكس ئېتىدۇ. بىر پۈتۈن روماندا بۇنداق تەپسىلات ۋە بېشارەتلەر يۇقىرىقىلار بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ، ئەلۋەتتە. مانا مۇشۇلارنىڭ ھەممىسى يىغىلىپ، “سالچىلار”نى كۆپ قاتلاملىق ئەسەرگە، ئاز بولمىغان مەخسۇس تېما دالالەتلىرىگە ئىگە ئەسەرگە ئايلاندۇرغان. ئۇيغۇر تارىخى ۋە جەمئىيىتىدىكى تېماتىك قاتلاملاردىن بېشارەت بېرىشنىڭ ئۆزىمۇ مۇئەييەن مەنىدە ۋە مۇئەييەن شەرتلەر ئاستىدا ئەھمىيەتكە ئىگە. روماندا ئاساسىي قەھرىمانلارنىڭ پائالىيەتلىرى، دىيالوگ - مونولوگلىرىدا ئەينى دەۋر خەلق ئېستېتىكىسىنىڭ ئاز بولمىغان ئۇچۇرلىرىغا ئېرىشىمىز. راستچىللىق، مەردانىلىق قاتارلىقلار ھەم ئەنئەنىۋى ئەخلاق قاراشلىرىمىزدا ھەم گۈزەللىك قاراشلىرىمىزدا ئاساسىي ئۆلچەم بولۇپ كەلگەن. بۇنىڭدىن باشقا سالچىلارغا مۇھەببەت بىلەن سېلىنغان نەزەرلەردىن ئاپتورنىڭ ئېستېتىكىسىدىن خەۋەر تاپىمىز. بىر پۈتۈن روماندىن ئاپتورنىڭ “چىنلىق −− گۈزەللىك دېمەكتۇر” دەپ قارايدىغانلىقىنى پەرەز قىلىش تەس ئەمەس |