ھەر بىر تەنقىدچىنىڭ قولىدا ئۆزى ئىگىلىگەن ياكى ياقتۇرىدىغان ئۆلچەم، گەز بولىدۇ. ئۇ تەنقىدچى ئاشۇ ئۆلچەملىرى بىلەن بەدىئىي ئەسەرنى ئۆلچەيدۇ، بەدىئىي ئەسەر ئۇنىڭ ئۆلچىمىدىن ھالقىپ كەتسىمۇ، كەم قالسىمۇ بۇ ئەسەرنىڭ تارتقۇلىقى بار. بۇنداق تەنقىدچىلىك ئەندىزىسى بىلىپ - بىلمەي ئىجادىيەتنى قېلىپلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنىدۇ. ئۇنىڭدا نۇرغۇن لوگىكىلىق زىددىيەتلەر ئۆزىنى ئاشكارىلىغان ياكى يوشۇرۇنغان بولىدۇ. خەلقىمىزنىڭ “قازاندا نېمە بولسا چۆمۈچكە شۇ چىقىدۇ” دېگەن سۆزىدە چوڭقۇر پەلسەپىۋى ھېكمەت بار. سەنئەتكارنىڭمۇ، تەنقىدچىنىڭمۇ ئۆزلىرىنىڭ ق−ازىنى بار. ھ−ەر ئىككىسى ئۆز قازىنىدىكى “تائام”نى بازارغا سالىدۇ. بۇ مەنزىرىدە، سەنئەتكار گويا تائام ساتقۇچىلارغا ئوخشىسا، تەنقىدچى بازار تەرتىپىنى باشقۇرغۇچىلارنىڭ، ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغدىغۇچى خادىملارنىڭ رولىنى ئالىدۇ. قۇرۇلما جەھەتتىن ئېيتقاندا، بۇنداق ئىككى قاتلامنىڭ مەۋجۇت بولۇشى مۇقەررەرلىك بولۇپلا قالماي يەنە زۆرۈر. ئۇلار بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش، تەرەققىي قىلدۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ ۋە ئوينىشى كېرەك. لېكىن چىن مەنىسىدىكى ئىلمىي تەنقىد ئۆلچەملىرى تۇرغۇزۇلمىسا، غايىدىكىدەك نەتىجىلەرنىڭ، غايىدىكىدەك ئاقىۋەتنىڭ مەيدانغا كېلىشى ناتايىن. بىزنىڭ ئۆلچەملىرىمىز كونكرېت ئىجادىي ئەسەرنىڭ، بۇ ئەسەر تەۋە بولغان ئىجتىمائىي توپنىڭ ئورتاق قىممەت قاراشلىرىغا ۋەكىللىك قىلىشى، سەنئەتكارنىڭ “ئۆزى”نىڭ مەۋجۇت بولۇشىنى چەكلىمەيدىغان بولۇشى كېرەك. ئەگەر تەنقىدچىنىڭ ئۆلچەملىرى زىيادە ئىندىۋىدۇئاللىشىپ كەتسە، بۇ ھالدا ئۇنىڭ قىلغانلىرى “سۇيىئىستېمالچىلىق تەنقىدچىلىكى” بولۇپ قالىدۇ، يەنى تەنقىدچى تەنقىد ۋاسىتىسىدىن پايدىلىنىپ ئۆزىنىڭ ئىندىۋىدۇئال تەنقىد مىزانلىرىنى، ئىندىۋىدۇئال قىممەت قاراشلىرىنى بازارغا سالغان بولىدۇ، بۇنداق تەنقىد ئىلمىي تەنقىد ئەمەس ئەلۋەتتە. ئەسەردە ئەكس ئەتتۈرۈلگەن سىياسىي، ئىجتىمائىي، ئىلمىي تىندىنسىيە ۋە غايىلەرنى باھالاش، كۆرسىتىپ بېرىشكە بولىدۇ، “تەنقىد”لەپ ئۇجۇقتۇرۇش، ئەدەبىي تەنقىدنىڭ ۋەزىپىسى ئەمەس. بۇ ئالدى بىلەن شۇ ساھەلەرگە مەنسۇپ بولغان ئىلمىي ئەسەرلەرنىڭ ۋەزىپىسىدۇر. “سالچىلار” ھەققىدە تور دۇنياسىدا ۋە كوچا - كويلاردا ئوتتۇرىغا قويۇلغان يۇقىرىقى “تۆت ئەيىب” ئالدى بىلەن “ئەيىب” سۈپىتىدە ئىلمىي ئەسەرلەردە ئىسپاتلىنىشى كېرەك. ئىلمىيلىكى ئۆزىگىمۇ گۇڭگا بولغان تەنقىد ۋاسىتىلىرى ياكى تەنقىد دېتاللىرىدىن ئاپىرىدە قىلىنغان تەنقىدىي ئەسەرنىڭ ئۆزى تەنقىدكە بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ. بەزىلەر “سالچىلار”دىكى پېرسوناژلارنىڭ ئېغىزىنىڭ يامانلىقى، زىناخورلۇقى، ھاراقكەشلىكى شۇنداق ئېنىق تۇرسىمۇ ئاپتور ئۇلارنى قەھرىمان سۈپىتىدە، ئوت يۈرەك ئىنسانلار سۈپىتىدە مەدھىيەلىگەنلىكىدىن زادىلا مەمنۇن بولمىغان. بۇ “قەھرىمان”لارنىڭ يامان ئۈلگە بولۇش رولىنى ئويناپ پۈتۈن ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە بۇنداق ئەخلاقسىز “قەھرىمان”، ئەخلاقسىز “ئوت يۈرەك”، ئەخلاقسىز “شىر يۈرەك”لەرنىڭ قۇم - تۇپراقتەك يامراپ كېتىشىگە بولغان ئەندىشىسىنى روشەن ئىپادىلىگەن. بۇ خىل مەمنۇنىيەتسىزلىك، بۇ خىل ئەندىشىنىڭ مەيدانغا كېلىشىدىن ساقلانغىلى ۋە ئەجەبلەنگىلى بولمايدۇ. ساقلىنىشقا ۋە ئەجەبلىنىشكە تېگىشلىك بولغىنى بىر قۇتۇپقا ئېغىپ كېتىشتىن ئىبارەت. بۇنداق كىشىلەر ئاپتورنى سىپايىگەرلىك قىلىپ يالغاننى توقۇشقا، ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ “ئەخلاقسىز” بولۇشىغا، رېئالىستىك مېتود بىلەن يېزىلغان بۇ ئەسەرنى ئۇنداق يازماي، رومانتىزملىق ئۇسلۇب بىلەن يېزىشقا، چىنلىقنى ئەينەن يازماي، ئۇنىڭ بولۇشقا تېگىشلىك ھالىتىنى تەسۋىرلەشكە دالالەت قىلغاندەك قىلىدۇ. ئەپسۇس، بۇ تەنقىدچىلەرنىڭ نەزەرىدە ئەسەردە ئەكس ئەتتۈرۈلگەن چىنلىق تولىمۇ بەتبەشىرە بولۇپ، بۇ تەنقىدچىلەر چىنلىقنىڭ ئۆزىدىن ئالالمىغان دەردىنى ئاپتوردىن ئالغاندەكمۇ قىلىدۇ. بۇنداق ئەخلاق قارىشى، بۇنداق گۈزەللىك قارىشىنى پەقەت ئاشۇ كىشىلەرنىڭ ئاپتورلاردىن كۈتىدىغان تەلىپى، “ئاشخانا”گە كىرگۈچىلەرنىڭ ئىشتىھاسىغا بېقىپ قىلغان “تاماق” بۇيرۇتمىسى دېيىشكىلا بولىدۇكى، ئورتاق ئىلمىي تەنقىد مىزانى دېيىشكە ئەسلا بولمايدۇ. مەمتىمىن ھوشۇر چىنلىقنىڭ بىزنى ئازابلايدىغان رەھىمسىز يۈزىنى بىزگە ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى. ئۇنى ئۆزگەرتىش ئەلۋەتتە مەمتىمىن ھوشۇر ياكى بەدىئىي ئەدەبىيات تەنھا ئورۇنداپ كېتەلەيدىغان ۋەزىپە ۋە مەجبۇرىيەت ئەمەس. مەمتىمىن ھوشۇر بۇ يەردە يەنىلا بېشارەتچىلىك قىلىپ “بىز مانا مۇشۇنداق خەق” دېگەندەك قىلدى. مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ بۇ “ئەخلاقسىز” كىشىلەرگە بولغان مۇھ−ەببىتى، خەيرخ−اھ−لىقى ھ−ەرگىز ئۇنىڭ “ئەخلاقسىزلىق”نى تەرغىب قىلغانلىقىنىڭ ئىسپاتى ئەمەس، ئەكسىچە مەمتىمىن ھوشۇر بىزگە “تاز بولسىمۇ سېنىڭ داداڭ” دېمەكچىدەك قىلىدۇ. ئۇيغۇر خەلقىنىڭ “ئۆڭكۈر بولسىمۇ ئۆيۈڭ بولسۇن، ئېيىق بولسىمۇ ئېرىڭ بولسۇن” دېگەن گېپىدە چوڭقۇر ھېكمەت ۋە چوڭقۇر ئۆزلۈك ئېڭى مەۋجۇت. بىز ھېچ بولمىغاندا بەزى نەزەرىيەۋى ئۇقۇملارنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىش ھەققىدە ئويلىشىپ باقساق بولىدىغاندەك قىلىدۇ |