مەن “سالچىلار”غا ۋە شۇ تۈپەيلى قوزغالغان غوۋغالارغا تەشەككۈر بىلدۈرىمەن. سەۋەب، ئۇلار مېنىڭ ئالاقىدار مەسىلىلەردە ئۆزۈمنى ئەسلىشىمگە تۈرتكە بولدى. يۇقىرىقى تاققا - تۇققا مونولوگلار بۇ ئەسلەشنىڭ خاتىرىلىرىدۇر. ئېھتىمال مەنمۇ بىر “ساراڭ”دۇرمەن. “مەن كىم؟” بۇ بەكمۇ قەدىمى، لېكىن شۇنىڭ بىلەن بىللە مەڭگۈ يېڭى سوئال بولسا كېرەك. “مەن كىم”نىڭ جاۋابى ئېنىق بولغاندىن كېيىنلا ئاندىن “كىم بولۇشۇم كېرەك؟”كە ئۆتىمىز!... بەدىئىي ئەدەبىيات ئالدىنقى سوئالنىڭ جاۋابىنى بىزگە تەقدىم قىلىشتا تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ كەلدى، كېيىنكى سوئالنىڭ جاۋابى بەدىئىي ئەدەبىياتنىڭ ۋەزىپىسى ئەمەس، بەلكى ئالدى بىلەن ئىلمىي ئەمگەكلەرنىڭ ۋەزىپىسىدۇر. ئەپسۇس، زىيالىيلار قاتلىمى، ئالدىنقىسىنىڭمۇ، كېيىنكىسىنىڭمۇ ئورتاق ئېتىراپ قىلىنىدىغان ئىلمىي جاۋابى ئۈستىدە ئەستايىدىل ئىزدەنگىنى، تۇتامغا چىققۇدەكنەتىجە قولغا كەلتۈرگىنى يوق! ئەقەللىيسى، بىر مىللەتنىڭ بەدىئىي ئەسەرلىرىنى شۇ مىللەتنىڭ ئورتاق مىللىي ئېستېتىكىسى، پەلسەپىۋى چۈشەنچىلىرى نۇقتىسىدا تۇرۇپ شەرھلىيەلمىگەن، بەدىئىي ئەدەبىياتنىڭ نېمە بولۇشى لازىملىقى، زادى نېمىلىكى قاتارلىق سوئاللارغا ئېنىق جاۋاب ھازىرلىمىغان ئەدەبىيات تەنقىدىي، سۇيىئىستېمالچىلىق پاتقىقىغا ئاسانلا پېتىپ قالىدۇ! |