جەننەتتىكى ھۈرىلەرنىڭ دۇنيادا يۈرگەن جۈپتىلىرىنى كۆرىشى ھەققىدە

يوللانغان ۋاقتى : 2013-12-07 / سەھىپە تۈرى : تاغدىن ـ باغدىن / كۆرۈلىشى : 588 views / ھازىر0دانە پىكىر بار پىكىر بىرىش

20131207-170655.jpg

جەننەتتىكى ھۈرىلەرنىڭ دۇنيادا يۈرگەن جۈپتىلىرىنى كۆرىشى ھەققىدە
ئىبنى زەيىد ھەدىس رىۋايەت قىلىدۇ: « جەننەت ئەھلىدىن بولغان ئايال ئاسماندىكى پەيتىدە: ‹ دۇنيا ئەھلىدىن بولغان جۈپتىڭنى كۆرۈشنى خالامسەن؟›دەپ سورايدۇ
.ئۇ:‹ھەئە›دەيدۇ.شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە پەردە كۆتۈلۈپ، ئۇ بىلەن جۈپتى ئوتتۇرسىدىكى ئىشىك ئېچىلىدۇ.ئۇ جۈپتىنى كۆردۇ، ئۇ تونۇيدۇ، ئۇنىڭغا قاراش بىلەن ۋەدىلىشىدۇ، ھەتتا ئۇنىڭ كىلىشىنى سەبىرسىزلىك بىلەن كۈتىدۇ،خۇددى كۆرمىگىنىگە ئۈزاق بولغان ئايالغا ئوخشاش سېغىنىدۇ ۋە مۇھتاج بولىدۇ.ئەگەر جۈپتى بىلەن دۇنيا ئايالى ئوتتۇرىسىدا ئازارلىشىش بولسا، يەنى گەپ تالىشىش، ئۇرشۇش بىلەن ئېرىگە غەزەپ قىلسا، بۇ ئىش جەننەتتىكى ھۈرىگە مالال يەتكۈزىدۇ ۋە ھۈر ئايال :‹ ھالىڭغا ۋاي سېنىڭ!!! ئۇنىڭغا يامانلىق قىلما. ئۇ سەن بىلەن ناھايىتىمۇ ئاز كېچە بىللەن بولىدۇ( يەنى پات يېقىندا يېنىمغا كىلىدۇ)› دەيدۇ».
تېرمىزى شۇ مەنەدا مۇئاز ئىبنى جەبەل رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىدۇ: « دۇنيادا ئايال قاچان ئېرىگە ئازار بەرسە، ھۈرلەردىن بولغان ئايالى: ‹ اللە جېنىڭنى ئالسۇن، ئۇنىڭغا ئازار بەرمە!!! ئۇ سېنىڭ ھۇزۇرۇڭدا مۇساپىردۇر. پات يېقىندا سەندىن ئايرىلىپ يېنىمغا كېلىدۇ» دەيدۇ.
ئىمام قۇرتۇبىنىڭ « جەننەتنىڭ ئىشەنچىلىك خەۋەرلىرى » دېگەن كىتابتىن ئىلىندى.

پىكىر يوللاش

ئىسمىڭىز *

ئىلخەت *