ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
2012–يىلى 10–ئاينىڭ 7-كۈنى (يەكشەنبە) ئۈرۈمچى ۋاقتى كەچ سائەت 7:00 دىن 8:00 غىچە ئاڭلىتىلىدىغان شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش پىروگراممىسى «ياشلىق مىلودىيەسى FM101.7» دە كەمىنە ئەمەتجان رۇسۇل(قىسمەت)نىڭ قسىمەتلىرى ھەققىدىكى زىيارەت بولغان ئىدى.
بۇ زىيارەتتە قىسمەت قانداق ئادەم؟ ئۇ بۈگۈنگىچە نېمە ئىشلار بىلەن ياشاۋاتىدۇ؟ بۇنىڭدىن كېيىن قانداق ياشىماقچى؟ دېگەندەك ئىشلار خۇسۇسىدا ئاز-تولا گەپ بولۇندى، قىزىقسىڭىز ئاڭلاپ بېقىڭ.
ما ئىشنى، ئۆتكەندىمۇ ئاڭلىيالمىغان ئىدىم. بۇ قېتىممۇ يەنە كىيىن قاپتىمەن. تەكرار ئاڭلىتىش ۋاقتى بولسا، شۇ ۋاقىتنى قالدۇرۇپ قويغان بولسىڭىز؟.
2012/10/07
رادىيو تەكرار ئاڭلىتىلمايدۇ، نەقمەيدان ئەمەسمۇ!؟ بىر-ئىككى كۈنگىچە ئۈن ھۆججىتىنى قىستۇرۇپ قوياي، شۇ چاغدا ئاڭلارسىز.
بۈگۈن يامان سوغۇق، زىيارەتكە كىرگەندىن تاكى ئۆيگە كەلگىچە جاقىلداپ توڭلاپ، تۈزۈك سۆزلىيەلمىدىم، ئاڭلىغۇچىلار بىزار بولۇپ قالمىغانلا بولسا مەيلى ئىدىغۇ
2012/10/07
بىزلەرگە تېخى سوغۇقنىڭ بىسلىرى يىتىپ كەلمىدى.
ئۈن ھۆججىتىنى ساقلايمەن.
2012/10/08
قىسمەت ئەپەندىگە:
رادىيو نەق مەيدان سۆھبىتى ئىنتايىن نەتىجىلىك بولدى. قىسمەتلىرىڭىزدىن خوشپۇراقلاپ تارقىلىپ كەتتى. ھەركىمدە مانا مۇشۇنداق ياشلىق ئىستەكلىرى، ئىنتىلىشلىرى، نەتىجىلىرى بولسا نىمىدىگەن ياخشى – ھە!!
قىسمەت ئەپەندىنىڭ كەچمىشلىرىدىن ئادەم تىرىشقاندىلا ھامان مەنزىلىگە تېز بارالايدىغانلىقىنى، ئادەم سەمىمىي ۋە مەسئۇلىيەتچان بولغاندىلا، قەدىرلىنىدىغانلىقىنى ھېس قىلماق تەس ئەمەس!
قىسمەت ئەپەندىنىڭ نۇتۇق قابىلىيىتىگە بارىكاللا! شۇنچە سوغۇقتا بۇنچە ناتىقكەنلا، ئىسسىق بولسا گەپ بار ئىكەن. زىيارەتنى تۇرپاندا قوبۇل قىلغان بولسىلا….. بۇنى تەسەۋۇرمۇ قىلماق تەس ئىكەن!!!
قىسمەت ئەپەندىنىڭ ياشلىقىغا بارىكاللا!! ئۈمۈر مەنزىللىرى يەنىمۇ پەخىرلىك ھېسلارغا تويۇنسۇن!!!
ئالىيلىرىنىڭ ۋاقتى يار بەرسە http://www.kulgin.com گىمۇ مەرھەمەت قىلىشلىرىنى كۈتىمىز!
2012/10/09
ئوبدان، كەپىلىرىگە ماڭدىم ئەمىسە …
2012/10/11
ئەسسالام،قىسمەتجان!بالا-چاقىلىرى ئوبدان تۇرۋاتامدۇ؟ھېلىقى قىزلىرى يېڭى مەكتەپكە كۈنۈپ قالغان چېغىۋا،بىزنىڭ خېشۇن تەرەپلەرنىىڭ گىپىنى قپمۇ قويمايلىغۇ؟ «باھا»سى ئەرزانكەن دەپ كۆز يۇگۇرتمىگەن ئوخشايلا-دە!ھىم. مائارىپ نازارىتىنىڭ نازىرى بىلوگ ئېچىپتىكەن،تۆۋەندىكى مەزمۇنلار بار بولغاچ،ئۆزلىرىگە زەللە قىلىپ ئالغاچ كەلدىم.قىسمەتلەرگە قىسىلىپ قالغانلارنى قۇققۇزۇپ قويسلىرى قانداق!مەزمۇنى:«…نازىر ئاكىنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك 72-باشلانغۇچ مەكتەپتىكى 2011-يىللىق قوش تىل سىنىپىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ،2012-يىللىق قوش تىل سىنىپى ئاچمىغانلىقىنى تەكشۇرۇپ،مەزكۇر مەكتەپ بىلەن بىر يوللا ئايرىلىپ تۇرىدىغان خېشۈن گۈللۈكى،خېڭچاڭ گۈللۈكى،جىنكۈن گۈللۈكى،لاڭتيەن گۈللۈكى،تۇمەن ئالتۇن كۆۋرۈك گۈللۈكى،…قاتارلىق ئولتۇراق رايۇنلاردىكى ئاز سانلىق مىللەت پەرزەنتلىرىنىڭ 72-باشلانغۇچ مەكتەپتە داۋاملىق قوش تىل سىنىپىدا ئوقۇش قانۇنى ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ بىرىشىنى سورايمىز..»دىگەندەك ئىنكاسلار ئىكەن. بىز دەيمىز:«….» كۆۋرۈكتىن ئۆتتى،ئىش پۈتتى دەپلا ھەممىنى ئۇنتۇپ، 308كە ئولتۇرۇپ چىراق ئاستىدىكى «قاراڭغۇ»مەھەللىمىزگە كىلىشنى ئۇنتۇپ قالساق،ئۈمىتلەرگە تۇلغان كۆڭلىمىز سىزدىن رەنجىپ قالارمىكىن دەيمىز-دە!
2012/10/13
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام!
ئۇنتۇپ قالغىنىمىز يوق. بىزدىن تۇغۇلسۇن ياكى باشقا قېرىنداشلىرىمىزدىن تۇغۇلسۇن ھەممىسىنى ئۆز پەرزەنتىمىز دەپ تونۇيمىز. گەرچە قىلغان ئىشىمىز جىق بولمىسىمۇ، ئەل قەلبىگە شىپا بولۇش ئارزۇيىمىز ئۇنداق ياكى مۇنداق سەۋەبلەر تۈپەيلى ئەمەلگە ئېشىپ بولالمايۋاتقان بولسىمۇ، يەنىلا يولىمىزدىن يانماي كېتىۋاتىمىز.
شىركەت، ئائىلە ۋە باشقا جاھاندارچىلىق، ئىنسانچىلىق ئىشلىرى كەمىنى ئالدىرىتىپ قويۇۋاتىدۇ. شىركەت ۋە ئائىلىدە 20 نەچچە قارا كۆز كەمىنىگە تەلمۈرۈپ تۇرۇۋاتقاچ، ۋاقىتىمىزنى يېتىشتۈرۈپ بولالمايۋاتىمىز. ئاللاھ خالىسا ئۆز يولىمىزنى، مەجبۇرىيىمىزنى زىنھار ئەستىن چىقارماسمىز.
قولىمىزدىكى پىلان بويىچە يەنە بۇرۇنقىدەكلا بىۋاسىتە قول سېلىپ، يۈرەككە تېگىدىغان سۆز-ھەرىكىتىمىز بىلەن باشقىلارنى ئاز-تولا ئويغىتىپ، كەلگۈسىمىز ئۈچۈن ھەسسە قوشقايمىز.
خەير، ئامان بولغايلا!
2012/10/13
ھەر نىمە بولسا….«كۆڭۈل -كۆڭۈلدىن سۇ ئىچەر »دىگەندەك بوپتۇ!.دەيمىزكى «تاما-تاما كۆل بۇلار»غا ئوخشاش ئۈمىدلىك بولىۋەرسەك ،’كەمىنە ‘ لىرىمىزنىڭ ۋاقتى چۇقۇم چىقىدۇ.«ئۆلمىگەن جاندا ،ئۈمىد بار» دەپ،«يولدىن چىقما،خاندىن قورقما»ي يوقىرى-تۆۋەن قاتىراپ باقساق ،جۈملىدىن ھەرقايسىلىرنىڭ ھەمدىمىدە ،ئاز تۇلا كەڭ ئاۋامنىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلىسەك،«سەبرىنىڭ تىگى ئالتۇن» بۇلۇپ قالغۇسى!.لىكىن،«چىدىغان ئالار،چىدىمىغان قالار»دەپ مىڭ كۈچىسەكمۇ،مۇناسىۋەتلىك چۇڭاملارنىڭ ھۆرمەت-سازاۋىرىگە نائىل بۇلالمىساق،«ئۆيدىكى ھىساپ ،تالاغا ماس كەلمەي» ،نۇرغۇن ئىشلاردا «چىراق تۈۋى قاراڭغۇ»بۇلۇپ قالىدىكەن.بۇلۇپمۇ،ھەممە يەردە قوش تىل مائارىپى ئەمەلىلىشىپ ،1-2-مەكتەپلەر بىرلىشىپ بولغان بۈگۈنكى «خاسىيەتلىك» كۈنلەردە،ئولتۇراق رايۇن بىلەن بىر يول ئايرىپ تۇرىدىغان مەكتەپنىڭ قوش تىل سىنىپىغا ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلماسلىقى،ھەقىقەتەن يولسىزلىق،قائىدىسىزلىك ھەم ئىستىل مەسىلىسى.ئېغىر قەدەملىرىنى يىنىك قىلىپ،ساياھەت قىلىپ كىتەلا.
2012/10/16
2012/10/14
ئاخىر بىر قېتىم ئاڭلاش پۇرسىتىگە ئىگە بۇلۇپتىمەن. ناھايىتى ياخشى چىقىپتۇ. پۇرسەت، خىرىس، رىقابەت، نىشان چوڭقۇر بايان قىلىنىپتۇ. سۆھبىتىڭىز خۇددى مەن بىلەن ئېلىپ بېرىلىۋاتقاندەك، مەن بىلەن پاراڭلىشىۋاتقاندەك تۇيغۇ بەردى. ئەڭ ئاخىرقى سۆزىڭىز ناھايىتى پاساھەتلىك چىقىپتۇ.
2012/10/16
نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا كىرىپ رادىئونىڭ ئۇشبۇ پروگراممىنى قويۇلۇش ۋاقتىنى ئۆتكۈزىۋەتكەنلىك سەۋەبى ئاڭلىيالماي قالغانىدىم، بۈگۈن ئېلاننىمۇ قوشۇپ ئاڭلىۋەتتىم
2012/10/18
قىسمەتنىڭ قىسمەتلىرىگە يەنە يىڭى قىسمەت قۇشۇلدى، ئائىلسىگە بەخىت قۇشى قوندى، ئاللا يەنە بىر قىز پەرزەنىت ئاتا قىلدى.
بۇندىن كىيىنكى ئىشلىرىغا ئاسايىشلىق تىلەيمەن.مۇبارەك بولسۇن
2013/01/09
رەھمەت بۇرادەر!
ئاللاھ خالىسا، پەرزەنتلىرىمىزنىڭ بەختى ئۈچۈن تېخىمۇ تىرىشقايمىز.
2013/01/09