جەننەتماكان دادامنى ئەسلەيمەن
ئاپتورى: قىسمەت | سەھىپە: ماقالە-يازمىلار | ۋاقتى: 05-02-2011 | خەتكۈشلەر: دادام
.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، دادا!
بۈگۈن (2011-يىلى 2-ئاينىڭ 5-كۈنى) ۋاپاتىڭىزنىڭ 26 يىللىق خاتىرە كۈنى. 1985-يىلى ئالتە يېشىمدا كەنجىتايىڭىزنى يىتىملىك كوچىسىغا تاشلاپ، ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ماڭغان ئىدىڭىز. ئەمدى قارىسام كىچىك قىزىم مەكتەپكە كىرىپ، ئالدىمدا ئويناپ يۈرۈپتۇ.
ھاۋانىڭ پەيلى يامان تۇرىدۇ، كەيپىممۇ ھەم ناچار. كۆزلىرىمگە يىغا ياماشقان ھالدا، سىزگە ئاسايىشلىق تىلەپ دۇئا قىلىۋاتىمەن، دادا !
دﺍﺩﺍ، 1980–ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭘﻼ، «ﻛﻪﻣﺒﻪﻏﻪﻟﻠﻪﺭ ﻛﯧﺴﯩﻠﻰ» ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯚﭘﻜﻪ ﻛﯧﺴﯩﻠﻰ ﯞﯗﺟﯘﺩﯨﯖﯩﺰﻧﻰ ﭼﯩﺮﻣﯩﻐﺎﻥ ﺋﯩﻜﻪﻥ، 1984–ﻳﯩﻠﯩﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ، ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﯖﯩﺰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺋﯧﻐﯩﺮﻟﯩﺸﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﭙﺘﯘ، ﺋﯚﻳﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭ ﺳﯩﺰﻧﻰ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﺯﮔﯩﻞ ﺩﺍﯞﺍﻻﺗﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﻳﻪﻧﯩﻼ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻻﻟﻤﺎﭘﺴﯩﺰ. ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺑﯩﻠﺴﻪﻡ، ﺳﯩﺰ ﺋﺎﻧﺎﻣﻨﻰ، ﺑﯩﺰﻧﻰ ﻗﯩﻴﻨﺎﭖ ﻗﻮﻳﯩﻤﻪﻥ ﺩﻩﭖ، ﺋﻮﺑﺪﺍﻧﺮﺍﻕ ﺩﺍﯞﺍﻻﻧﻤﺎﭘﺘﯩﻜﻪﻧﺴﯩﺰ. ﺋﺎﻗﯩﯟﻩﺕ، ﺋﺎﻟﻼﮬﺪﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﻪﺟﻪﻝ ﺑﯩﻠﻪﻥ، 1985–ﻳﯩﻠﻰ 2–ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 5–ﻛﯜﻧﻰ ﺳﻪﻛﺮﺍﺗﻘﺎ ﭼﯜﺷﯜﭘﺴﯩﺰ، ﺋﺎﻛﯩﻠﯩﺮﯨﻢ ﻣﯧﻨﻰ ﺋﻮﻳﻨﺎﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﻳﯧﺮﯨﻤﺪﯨﻦ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﭗ ﻛﻪﻟﺪﻯ. ﻗﺎﺭﯨﺴﺎﻡ، ﮬﻪﻣﻤﻪﻳﻠﻪﻥ ﺑﯧﺸﯩﯖﯩﺰﺩﺍ ﺗﯘﺭﯗﺷﯘﭘﺘﯘ، «ﺭﺍﺯﯨﻠﯩﻖ ﺑﻪﺭ، ﺳﺎﯕﺎ ﺗﺎﺭﺗﯩﺸﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪﻯ» ﺩﯦﻴﯩﺸﺘﻰ، «ﺭﺍﺯﻯ ﺑﻮﻟﯘﯓ» ﺩﯦﮕﯩﻨﯩﻢ ﺋﯧﺴﯩﻤﺪﻩ، ﺑﯩﺰﮔﻪ – ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﯖﯩﺰﻏﺎ ﺗﻮﻳﻤﺎﻱ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﻣﯘﺑﺎﺭﻩﻙ ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﯨﯖﯩﺰ ﻳﯘﻣﯘﻟﺪﻯ…
ﺋﺎﺗﯩﺴﯩﺰ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭ ﺑﺎﺷﻼﻧﺪﻯ، ﺋﺎﻧﺎﻡ ﭘﺎﺕ–ﭘﺎﺕ «ﺩﺍﺩﺍﯓ ﺭﻩﮬﻤﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯜﻣﯩﺪﻯ ﺳﻪﻧﺪﻩ ﺋﯩﺪﻯ، ﺳﯧﻨﻰ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺗﺎﻣﻨﯩﯔ ﺗﯜﯞﯨﺪﻩ ﺑﻮﻳﯘﻥ ﻗﯩﺴﯩﭗ ﻗﺎﻻﺭﻛﯩﻦ، ﺩﻩﭖ ﺋﻪﻧﺪﯨﺸﯩﺪﻩ ﺋﯩﺪﻯ» ﺩﻩﻳﺪﯨﻐﺎﻥ. ﺋﺎﻟﻼﮬﻨﯩﯔ ﺋﯩﻠﺘﯩﭙﺎﺗﻰ، ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺩﯗﺋﺎﻟﯩﺮﯨﯖﯩﺰ ﺑﻪﺭﻛﺎﺗﯩﺪﺍ، ﺑﻮﻳﯘﻥ ﻗﯩﺴﯩﭙﻤﯘ ﻗﺎﻟﻤﯩﺪﯨﻢ، ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻢ ﺟﺎﻳﯩﺪﺍ ﻛﯧﺘﯩﭗ ﺑﺎﺭﯨﺪﯗ. ﻗﺎﻳﺴﯩﺒﯩﺮ ﺋﯩﺸﯩﻤﺪﺍ ﻏﻪﻟﯩﺒﻪ ﻗﺎﺯﺍﻧﻐﯘﺩﻩﻙ ﺑﻮﻟﺴﺎﻡ، ﺋﺎﺗﺎﻡ ﺑﻮﻟﺴﯩﭽﯘ ﻛﺎﺷﻜﻰ، ﻣﯘﺷﯘ ﺧﯘﺷﮭﺎﻟﻠﯩﻘﻠﯩﺮﯨﻤﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﻪ، ﺩﻩﭖ ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻢ ﻳﺎﺷﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭ غەلىبىدىن ﻛﯜﻟﺴﻪ، ﻣﻪﻥ ﻳﯩﻐﻼﻳﻤﻪﻥ. ﺩﺍﺩﯨﺴﯩﺰ ﻛﯜﻥ ﻛﯜﻧﻤﯘ؟
ﺟﺎﻥ ﺩﺍﺩﺍ، ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﯩﺰﻧﻰ ﺩﻩﭖ ﺗﺎﺭﺗﻘﺎﻥ ﺟﺎﭘﺎﻟﯩﺮﯨﯖﯩﺰﻧﻰ ﺋﻪﺳﻠﻪﻳﻤﻪﻥ، «ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺯﻭﺭ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﻰ» ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﻩ ﺳﯩﺰﻧﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪﺍﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﻟﯩﺴﻰ ﺩﻩﭖ، ﻛﯜﻧﻠﻪﭖ ﺋﯘﺧﻼﺗﻤﺎﻱ ﻛﯜﺭﻩﺵ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻼﺭ ﮬﯧﻠﯩﮭﻪﻡ ﻳﺎﺷﺎﯞﺍﺗﯩﺪﯗ، ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﮬﻪﺭﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﺳﻪﻡ، ﭼﺎﻳﻨﺎﭖ ﭘﯜﺭﻛﯜﯞﻩﺗﻜﯩﻢ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﮬﯩﺠﯩﻴﯩﭗ ﺗﯘﺭﯗﭖ، ﺳﺎﻻﻡ ﺑﻪﺭﮔﻪﻧﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ، ﺧﻪﻳﺮ، ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭ ﻛﯧﻠﻪﺭ، ﺋﺎﻟﻼﮬ ﮬﻪﻣﻤﯩﻨﯩﯔ ﮬﯧﺴﺎﺑﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﯩﺪﯨﻐﯘ! ﺑﻪﻧﺪﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﮬﯧﺴﺎﺑﯩﻤﯘ ﮬﯧﺴﺎﺑﻤﯘ، ﺩﻩﻳﻤﻪﻥ.
ﺩﺍﺩﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﻗﺎﻗﺸﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭﻧﻰ، «ﺩﺍﺩﺍﻡ ﺋﯘﻧﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﻪﺭﻣﯩﺪﻯ، ﺑﯘﻧﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﻪﺭﻣﯩﺪﻯ» ﺩﯦﮕﻪﻧﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯘﭼﺮﺍﺗﺴﺎﻡ، ﺋﺎﻏﺰﯨﻐﺎ ﺋﯘﺭﻏﯘﻡ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ، «ﺩﺍﺩﺍﯓ ﺳﺎﯕﺎ ﻧﯧﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﻪﺭﺳﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﺳﯧﻨﯩﯔ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﻳﺎﺭﯨﻠﯩﺸﯩﯖﻐﺎ ﻛﯜﭺ ﺑﯧﺮﯨﺸﺘﯩﻨﻤﯘ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﺋﯩﺶ ﺑﺎﺭﻣﯘ، ﺳﺎﯕﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﻧﯧﻤﻪ ﺑﻪﺭﺳﻪ ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ، ﻧﺎﻛﻪﺱ؟» ﺩﯦﮕﯩﻢ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ. ﺧﻪﻳﺮ، ﺑﯩﺰ ﻛﻪﺑﯩﻲ ﻗﺎﺭﺍ ﻛﯚﺯﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﻪﺧﺘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ، ﮬﻪﻣﻤﯩﮕﻪ ﻗﺎﺩﯨﺮ ﺋﺎﻟﻼﮬ دادىلارنى ﺋﺎﻣﺎﻥ ﻗﯩﻠﺴﯘﻥ.
بۈگۈن قەلبىمدىكى گىگانت ئىنسان-دادام ۋاپاتىغا 26 يىل بولدى. ھاۋا تۇتۇق، كەيپىم ناخۇش، يۈرەكلەر پىغانلىق… قادىر ئاللاھقا دۇئا قىلىمەن: ئىي ئاللاھ! رەھمىتى دادامغا جەننەتۇل رىزۋاندىن ئورۇن بەرگەيسەن !!!
تەكلىپ: يازما سىزگە يارىدى بولغاي، بۇ يەرنى بېسىپ «ئۇلانما تورى» دا تەۋسىيە قىلىڭ، تېخىمۇ كۆپ كىشى بەھرىلەنسۇن ... يازما ئادرېسى: [يازما مەنبەسى ۋە ئادرېسىنى ئەسكەرتىپ، پايدىلانسىڭىز بولىدۇ.] ئالدىنقى يازما: ئاپاق خوجىغا ئوچۇق خەت 6
ۋاقتى: 2011-يىلى 5-فېۋرال 10:55
سېغىنىش ئىلكىدە ،،،مەنمۇ سەپەرسىكى ..جاپاكەش دادامنى …ئەسلىدىم …
ۋاقتى: 2011-يىلى 5-فېۋرال 12:04
شۇ رەھمىتى ئاتامنىڭ روھى قورۇنمىسۇن دېسىڭىز تېخىمۇ بەردەم بولۇڭ! رەھمىتى ئاتا-ئانىمىزنىڭ دۇئاسى ۋە بىز بىر ئۆمۈر سىزگە ھەمراھ!
ئاتىمىزنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولغاي، ئامىن!
ۋاقتى: 2011-يىلى 5-فېۋرال 16:28
مەرھۇم بوۋامنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولغاي…
ۋاقتى: 2011-يىلى 5-فېۋرال 19:54
يىتىملىكنڭ دەردىنى پەقەت يىتىم بىلىدۇ
مەنىمۇ سىزگە قاراپ مەرھۇم دادامنى ئەسلەپ قالدىم …………………..
ۋاقتى: 2011-يىلى 6-فېۋرال 01:25
قۇدرىتى چەكسىز، شەپقىتى بىقىياس بولغان ئۇلۇغ ئاللاھ ئاتىڭىزنىڭ گۇناھلىرىنى مەغفىرەت قىلسۇن، ئاخىرەتلىكىنى خەيرىلىك قىلسۇن، جەننۇتۇل رىزۋانلارغا نىسىپ قىلسۇن ! ئاتا جۇدالىقىدا خەستىلەنگەن ھەر قەلبىكە ئاللاھ بەرداشلىق ۋە سەبرى – تاقەت ئاتا قىلسۇن! …
دۇئا قىلىڭ بۇرادەر ! ئالەمدىن ئۆتۈپ كەتكۈچىلەر ئۈچۈن ئەڭ كاتتا ياردەم ۋە ياد ئېتىش ئۇلارغا ھەققىگە ئاتاپ دۇئا قىلىشتۇر .
ۋاقتى: 2011-يىلى 6-فېۋرال 21:40
ئەجەپ يازىسىز جۇمۇ قىسمەتكا، كۆزلىرىمدىن ياش تاراملاۋاتىدۇ… تەدبىركارمۇ دەپ قويىدۇ ئاسان ھاياجانلىنىسەن دەپ…لىكىن بۇ قېتىم راستىنلا….
ھايات ۋاقتىدا قەدرىگە يېتەيلى…ئۇلۇغ ئاللاھ ئاشۇ مۆئمىنلەرنىڭ ئۆمرىنى ئۇزۇن قىلسۇن، ھىچ بولمىسا بىز بىرەر ئىشنىڭ پېسىنى تۇتۇپ،ئانا-دادا دىگۇچە….
ۋاقتى: 2011-يىلى 6-فېۋرال 22:15
يازمىغا دىققەت قىلغانسىز بەلكىم، «ﻗﺎﻳﺴﯩﺒﯩﺮ ﺋﯩﺸﯩﻤﺪﺍ ﻏﻪﻟﯩﺒﻪ ﻗﺎﺯﺍﻧﻐﯘﺩﻩﻙ ﺑﻮﻟﺴﺎﻡ، ﺋﺎﺗﺎﻡ ﺑﻮﻟﺴﯩﭽﯘ ﻛﺎﺷﻜﻰ، ﻣﯘﺷﯘ ﺧﯘﺷﮭﺎﻟﻠﯩﻘﻠﯩﺮﯨﻤﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﻪ، ﺩﻩﭖ ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻢ ﻳﺎﺷﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭ غەلىبىدىن ﻛﯜﻟﺴﻪ، ﻣﻪﻥ ﻳﯩﻐﻼﻳﻤﻪﻥ» .
ئاللاھ خالىسا نەچچە كۈندىن كېيىن، كەمىنە بىلەن بىرلىكتە يەنە بىر قېتىم يىغلايسىز.
لېكىن ئۈمىدىم شۇكى، ئاللاھ ھەر بەندىسىنى قايغۇدىن يىراق، ئەمىن ياشاشقا نېسىب قىلسۇن!
ۋاقتى: 2011-يىلى 7-فېۋرال 13:21
دىگىنىڭىز كەلگەي…
ۋاقتى: 2011-يىلى 7-فېۋرال 05:28
ﺩﺍﺩﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﻗﺎﻗﺸﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭﻧﻰ، «ﺩﺍﺩﺍﻡ ﺋﯘﻧﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﻪﺭﻣﯩﺪﻯ، ﺑﯘﻧﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﻪﺭﻣﯩﺪﻯ» ﺩﯦﮕﻪﻧﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯘﭼﺮﺍﺗﺴﺎﻡ، ﺋﺎﻏﺰﯨﻐﺎ ﺋﯘﺭﻏﯘﻡ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ، «ﺩﺍﺩﺍﯓ ﺳﺎﯕﺎ ﻧﯧﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﻪﺭﺳﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﺳﯧﻨﯩﯔ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﻳﺎﺭﯨﻠﯩﺸﯩﯖﻐﺎ ﻛﯜﭺ ﺑﯧﺮﯨﺸﺘﯩﻨﻤﯘ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﺋﯩﺶ ﺑﺎﺭﻣﯘ، ﺳﺎﯕﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﻧﯧﻤﻪ ﺑﻪﺭﺳﻪ ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ، ﻧﺎﻛﻪﺱ؟» ﺩﯦﮕﯩﻢ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ.
ۋاقتى: 2011-يىلى 7-فېۋرال 12:58
ياتقان يېرى جەننەت بولغاي. بەندىغۇ ئەقىلسىز كېلىدۇ…
ۋاقتى: 2011-يىلى 8-فېۋرال 09:23
مەرھۇم ئاتىمىزنىڭ ياتقان يېرى جەننەت بولغاي!