يەتتە قىز
يەتتە قىزلىرىم مەقبەرىسى
چىڭ ئىمپېراتورى چيەنلوڭ
«يەتتە قىزلىرىم مەقبەرىسى» ئۇچتۇرپان ناھىيە بازىرىنىڭ غەربىي تەرىپىگە توغرا كېلىدىغان ئاقتوقاي تاغ تىزمىلىرىنىڭ شىمالىي يان باغرىغا جايلاشقان بولۇپ، يەتتە قىزنىڭ قەبرىسى رىشاتكا ئىچىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ئۇ چىڭ ئىمپېراتورى چيەنلوڭنىڭ 30- يىللىرى (مىلادى 1765 – يىلى) زۇلۇمغا قارشى ئۇچتۇرپاندا يۈز بەرگەن ئاتا – بالا (بەزى مەنبەلەردە ئاكا – ئۇكا دېيىلىدۇ) رەھمىتۇللا بەگ ۋە ئەسمىتۇللا بەگ باشچىلىقىدىكى دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ (جىگدە يېغىلىقى) قاتناشچىلىرىدىن ئايال پالۋان مايسىخان باشلىق يەتتە قىز نەۋكەرنىڭ مەقبەرىسىدۇر .
«يەتتە قىزلىرىم مەقبەرىسى» ئىككى ئەسىردىن بۇيان ئىزچىل تاۋاپگاھ ۋە زىيارەتگاھ بولۇپ كەلمەكتە. بۇ ئورۇن «ناھىيە دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورنى» قىلىپ بېكىتىلگەن .
ئەپسۇسكى، ئۇزۇن يىللاردىن بېرى، ئىخلاسمەنلىرى تەرىپىدىن تاۋاپ قىلىپ كېلىنىۋاتقان بۇ مەشھۇر زىيارەتگاھ يېقىندا مەلۇم سەۋەبلەر بىلەن تاقىلىپ قالدى.
تۆۋەندە بۇ ھەقتە تارىخ ئىشتكەيسىلەر:
چىڭ سۇلالىسى (ئىمپېرىيىسى) دىيارىمىزنى ئىستېلا قىلغاندىن كېيىن، دىيارىمىزغا قارىتا ئىنتايىن ئېغىر بولغان زۇلۇم، ئاسمېلياتىسىيە سىياسىتىنى يۈرگۈزىدۇ. بىز ھازىر ئۇنتۇپ قېلىشقا يۈزلىنىۋاتقان «چەنتو» دېگەن ھاقارەتلىك نام ئەنە شۇ دەۋرنىڭ ئاچچىق يالدامىسىدۇر.
چيەنلوڭ زامانىسىدا چىڭ ھۆكۈمىتى بىلەن خوجىلار ئارىسىدىكى بىر قېتىملىق توقۇنۇشتا، خوجىلار تەرەپتىن ئىپارخان چيەنلوڭ خانغا ئەسىر چۈشىدۇ. ئىپارخان چيەنلوڭ خاننىڭ ھۇزۇرىغا كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئانا يۇرتى ئىشقىدا كېچە – كۈندۈز يىغلاپ ئۆتىدۇ. ئىپارخاننىڭ كۆڭلىنى ئېلىش ئۈچۈن، چيەنلوڭ خان ئىپارخانغا مەخسۇس ئۇيغۇر پاسونىدىكى بىر يۈرۈش ھويلا – ئارام تەييارلايدۇ، بۇنىڭغا دىيارىمىزغا خاس بولغان ھەرخىل دەل- دەرەخ تىكىش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلىدۇ.
يۇقىرىقى سەۋەبلەرگە كۆرە، 1765 – يىلى مۇئەللىپ (قىسمەت) نىڭ ئانا يۇرتى ئۇچتۇرپان شەھىرى (شۇ يىللاردا ئۇچتۇرپان شەھەر ئىدى) گە جىگدە ئالۋىنى چۈشىدۇ. ئۇچتۇرپاننىڭ شۇ چاغدىكى ئامبالبېگى ئابدۇللا بىلەن چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئۇچتۇرپاندا تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرگۈچىسى سۇچىڭ ئۆزىنىڭ بىر قاتار سىياسىي قارا نىيىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئۇچتۇرپان دىيارىدا نامى چىققان رەھمىتۇللا بەگنى كۆزدىن يوقىتىشنى نىيەت قىلىپ، ئۇنى بۇ ئىشقا باش قىلىش باھانىسى بىلەن، نەچچە مالتاققا جىگدە كۆچىتىنى تىكتۈرۈپ، بېيجىڭغا يولغا سالىدۇ. رەھمىتۇللا بەگ باشچىلىقىدىكى بۇ كارۋان ياڭخې (ھازىر ئۇچتۇرپان ناھىيىسىگە قاراشلىق بىر يېزا، «ئاچاتاغ» دەپ ئاتىلىدۇ) غا كەلگەندە، كارۋان ئىچىدىكى چىڭ چېرىكلىرىنى كاتتىسى (سۇچىڭنىڭ ئوغلى) ئۇيغۇر ئىشلەمچىلىرىنى ئۇرۇپ – سوقۇپ، بىر نەپىرىنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەبچى بولىدۇ. بۇنىڭغا چىدىمىغان ئىشلەمچىلەر سۇچىڭنىڭ ئوغلىنى ئۆلتۈرۈپ تاشلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن جاھان تارىخىدا مەشھۇر بولغان «جىگدە يېغىلىقى» قوزغىلىدۇ.
بۇ ئىنقىلاب داۋاملىشىپ ئالتىنچى ئېيىغا قەدەم قويغاندا، ئىنقىلاب بېشى رەھمىتۇللا بەگ، ئىزباسارى (ئوغلى، بەزى ماتېرىياللاردا ئىنىسى دەپمۇ قارىلىدۇ) ئەسمىتۇللا بەگلەر خائىنلارنىڭ كاساپىتى بىلەن ۋاپات بولىدۇ. ئىگىسىز قالغان خەلقنىڭ تەرەپ – تەرەپكە چېچىلىپ كېتىشى كۆزگە كۆرۈنۈپ تۇرغان پەيتتە، رەھمىتۇللا بەگنىڭ قىزى مايسىخان ئاتىسىنىڭ ئىزىدىن بېسىپ (ئۆزى بىلەن قۇرداش ئالتە قىزنىڭ ھەمكارلىقىدا) خەلقنى تەشكىللەپ تاغ، جىلغا، ئورمانلىقلاردا يوشۇرۇنۇپ چىڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرىغا داۋاملىق زەربە بىرىدۇ.
مايسىخان باشچىلىقىدىكى بۇ قوزغىلاڭچى قوشۇن ئۈچ ئاي جاپالىق جەڭ قىلىدۇ. ئەمما ئەسكىرىي كۈچ جەھەتتە غايەت زور ئۈستۈنلۈككە ئىگە چىڭ قوشۇنى يورۇق تاڭغا تەشنا خەلقنى قانلىق باستۇرىدۇ.
ئاقىۋەت، بۇ جەسۇر يەتتە قىز ئاقتوقاي تاغ تىزمىلىرىنىڭ ئۈستىگە قامىلىپ قالىدۇ. چىڭ چېرىكلىرى تەرەپ – تەرەپتىن قىستاپ كېلىدۇ. دۈشمەن قولىغا چۈشۈپ، دەپسەندە قىلىنىشتىن ئۆلۈمنى ئەۋزەل كۆرگەن بۇ يەتتە قىز تاغدىن سەكرەپ، باتۇرلارچە قۇربان بولىدۇ.
بۇ قېتىمقى قوزغىلاڭدىن كېيىن، چىڭ ھۆكۈمىتى ئۇچتۇرپان شەھرىدە قەتلىئام (ئومۇمىي قىرغىن) يۈرگۈزىدۇ، ئۇچتۇرپان دىيارىدا ئادەم زاتى قالمايدۇ. بۇ ھەقتە ئەنە شۇ ۋەقەلەرنىڭ قەلەمگە ئالغۇچىسى موللا شاكىر ئۆزىنىڭ «زەپەرنامە» داستانىدا مۇنداق يازىدۇ: «ئۇچتۇرپان شەھرىدە ئاتا ئۈچۈن يىغلايدىغان بالا، ئەر ئۈچۈن يىغلايدىغان خوتۇن قالمىدى. توشقان دەرياسىنىڭ سۈيىنى ئۈچ يىلغىچە (قان ئېقىپ تۇرغانلىقتىن) ئىچكىلى بولمىدى.»
قىستۇرۇپ ئۆتۈش زۆرۈركى بۇ قېتىمقى ئۇچتۇرپان «جىگدە يېغىلىقى» چىڭ سۇلالىسىنىڭ دىيارىمىزدىكى ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى قوزغالغان (دىيارىمىزدىكى) تۇنجى قېتىملىق خەلق ئىنقىلابىدۇر.
ئاخىرىدا ھۆرمەت ساھىبلىرى يەتتە قىز خاتىرىسگە بېغىشلانغان « يەتتە قىزلىرىم خانىم-قىزلار تور بېكىتى » گە ھۆرمەت بىلدۈرىمىز.
ئاتۇشتىن چىققان قارىم ئىنىمنى قىش بولسىمۇ ئۇ يەرگە باشلاپ باردىم ، چوڭ دەرۋازا سىم بىلەن چىڭ تاقىۋېتىلگەن بولغاچ كونا بىلەت سېتىش ئۈچۈن ياسالغان ئۆينىڭ بۇزۇلغان دەرىزىسىدىن چۈشتۇق . ئىچى تاشلىپ قالغاچ مەينەتچىلىك ، ئەخلەت بىلەن تۇلۇپتۇ . باراڭغا ئېسىلغان ئۈزۈمنى كۆمۈپ قۇيىدىغان بىر ئىنسان چىقماپتۇ . غەرب تەرەپتىن سانىغاندا ئۈچىنجى قەۋرە ئۆرۈلۈپ كېتىپتۇ تولىمۇ ئەپسۇسلىنىش ئىچىدە قايتىپ كەلدۇق .
ئاۋۇ «يەتتە قىزلىرىم مازىرى » دىگەن خەتنى چوڭ دادام يازغان ئەينى ۋاقىتتا .
2011/01/14
بىزدىمۇ بار ، ئاشۇنداق بولۇپ كەتكىچە بىرمۇ ئادەم چىقپ ئازراق رېمۇنت قلىپ قوياي ، سۈپۈرۈپ تازلاپ قوياي دېمەپتۇ…بېراق نېملە بولسۇن ، يەتتە قىزلىرم ، قەھرىمانلار ،، شېھىتىلەر ، زولۇمغا ، قوللۇققا قارشى قۇربان بولغانلار قەلبىمزدە مەڭگۈ ھايات….
2011/04/29
بىزدىن چىقماي باشقا مىللەتلەردە يەنى قازاق،ئۆزبەگ،قىرغىزلاردىن چىققان بولسا،قەبرىلەر بۇنداق تاشلىنىپ قالمىغان،بەلكى زىيارەتچىلەر،تاۋاپچىلار،تەتقىاتچىلار،ئالىم،پەيلاسوپ،شائىرلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيدىغان تاۋاپگاھ بۇلۇر ئىدى،ئۈچتۇرپاندا شۇ شېھىتلەر شەرپىگە ھەيكىلى تۇرغۇزۇلغان،مەرھۇملار ھەققىدە تالاي قىسسە،رىۋايەتلەر بارلىققا كەلگەن،ئۇلار ئۈچۈن يىلدا كاتتا خاتىرلەش پائالىيەتلىرى،ئەنجۈمەنلىرى ئۆتكۈزۈلگەن،يەنە شۇلار ھاياتى تەسۋىرلەنگەن دەستە-دەستە كىتابلار نەشىرياتتا بېسىلىپ ئۈلگۈرمىگەن، ئۇلار ھاياتى قانچە قىسىملىق فىلىم قىلنىپ ئىشلەنگەن بۇلۇر ئىدى.
مەرھۇملار توغرىسىدا 80-يللاردا روياپقا چىققان بىر شىئىرىي داستانى بار ئىدى،ئەپسۇس ئېلكىتاب ياسالمايمەن دە،تولىمۇ ئەپسۇس.
2011/06/11
بىزنىڭ خەلقىمىز ھازىر نىشە چىكىش قاتارلىق ھەرخىل بولمىغۇر قىلمىشلار بىلەن ئاۋارە بۇ قەبرىلەرگە قارايدىغانغا چولىسى يوق ……..
2013/07/23