رەپقەت غازى:ئۆيگە قايتىش(فرانز كافكا)

يوللىغۇچى : tahirhamut يوللىغان ۋاقىت : 2009-01-06 22:30:00

ئۆيگە قايتىش فرانز كافكا (نېمىسچىدىن رەپقەت غازى تەرجىمە قىلغان)مەن قايتىپ كەلدىم. دەھلىزدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ ئۆپ-چۆرەمگە نەزەر سالدىم. بۇ مېنىڭ دادامنىڭ كونا ھويلىسى. يىغىلىپ قالغان سۇ ھويلىن...

    ئۆيگە قايتىش فرانز كافكا (نېمىسچىدىن رەپقەت غازى تەرجىمە قىلغان)مەن قايتىپ كەلدىم. دەھلىزدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ ئۆپ-چۆرەمگە نەزەر سالدىم. بۇ مېنىڭ دادامنىڭ كونا ھويلىسى. يىغىلىپ قالغان سۇ ھويلىنىڭ ئوتتۇرسىدا تۇراتتى. كونا، ئەبجىقى چىقىپ كەتكەن ، ئۈستى-ئۈستىگە قويۇلغان ئەسۋاپلار پەلەمپەينى توسۇۋالغان ئىدى. مۆشۈك پەلەمپەينىڭ تۇتقۇچى ئۈستىدە ھۈرپىيىپ تۇراتتى. بىر قېتىم ئويۇن ئوينىغاندا ياغاچقا باغلانغان يىرتىق لۆڭگە شامالدا ئىرغىپ تۇراتتى. مەن كەلدىم. كىم مېنى كۈتىۋالىدىكىن؟ ئاشخاننىنىڭ ئىشىكىنىڭ كەينىدە كىم ساقلاۋاتىدىكىن؟ مۇرىدىن ئىس چىقىۋاتىدۇ، كەچلىك تاماققا قەھۋە قاينىتىلىۋېتىپتۇ. بۇلار ساڭا تونۇشلۇقمۇ؟ سەن ئۆزۇڭنى ئۆيۈڭدە ھىس قىلۋاتامسەن؟ مەن بىلمەيمەن، مەن ناھايىتى بىقارار. مېنىڭ دادامنىڭ ئۆيى بۇ، بىراق سوغۇق، بەزىلىرىنى مەن ئۇنتۇپ كەتكەن ۋە بەزىلىرىنى مەن ھىچقاچان بىلمىگەن سوغۇق، خۇددىي ھەممىسى ئۆز ئىشى بىلەن ھەلەكتەك پارچىمۇ-پارچە تۇراتتى. ئۇلارغا نىمە كېرىكىم كېلەر، ئۇلارغا ئەھمىيىتىم نېمە، يەنە مەن ئاشۇ قېرى دېھقان دادامنىڭ ئوغلىمۇ؟ مەن ئاشخانىنىڭ ئىشىكىنى چېكىشكە جۈرئەت قىلالمىدىم، پەقەت يىراقتىن قۇلاق سالدىم ، قۇلاق سالغۇچى بولۇپ ھەيران قالماسلىق ئۈچۈن پەقەتلا يىراقتىن تۇرۇپ قۇلاق سالىدىم. يىراقتىن قۇلاق سالغاچقا ھىچنېمە ئاڭلىيالمىدىم، پەقەت سائەتنىڭ بوش سوققان ئاۋازىنى ئاڭلىدىم ياكى بەلكىم، ئۇنى پەقەت ئۇدۇلدىكى يەسلىدىن ئاڭلىغانلىقىمغا ئىشەنگەندىمەن. ئۇندىن باشقا ئاشخانىدا نىمىلەرنىڭ بولۇۋاتقانلىقى ئاشخانىدا ئولتۇرغانلارنىڭ مەندىن يۇشۇرماقچى بولغان مەخپىيەتلىكلىرىدۇر. ئادەم ئىشىك تۈۋىدە قانچە ئىككىيلىنىپ تۇرغانچە، شۇنچە ياتلىشىپ كېتىدىكەن. ناۋادا ھازىر بىرسى ئىشىكنى ئاچسا ۋە مەندىن بىرنىمىلەرنى سورىسا قانداق بولار؟ (شۇنداق بولسا) مەن ئۆز مەخپىيەتلىكلىرىنى ساقلاپ قالماقچى بولغان ئادەمگە ئوخشىماي قالارمەنمۇ؟ Franz Kafka Ich bin zurückgekehrt, ich habe den Flur durchschritten und blicke mich um. Es ist meines Vaters alter Hof. Die Pfütze in der Mitte. Altes, unbrauchbares Gerät, ineinanderverfahren, verstellt den Weg zur Bodentreppe. Die Katze lauert auf dem Geländer. Ein zerrissenes Tuch, einmal im Spiel um eine Stange gewunden, hebt sich im Wind. Ich bin angekommen. Wer wird mich empfangen? Wer wartet hinter der Tür der Küche? Rauch kommt aus dem Schornstein, der Kaffee zum Abendessen wird gekocht. Ist dir heimlich, fühlst du dich zu Hause? Ich weiß es nicht, ich bin sehr unsicher. Meines Vaters Haus ist es, aber kalt steht Stück neben Stück, als wäre jedes mit seinen eigenen Angelegenheiten beschäftigt, die ich teils vergessen habe, teils niemals kannte. Was kann ich ihnen nützen, was bin ich ihnen und sei ich auch des Vaters, des alten Landwirts Sohn. Und ich wage nicht, an der Küchentür zu klopfen, nur von der Ferne horche ich, nur von der Ferne horche ich stehend, nicht so, daß ich als Horcher überrascht werden könnte. Und weil ich von der Ferne horche, erhorche ich nichts, nur einen leichten Uhrenschlag höre ich oder glaube ihn vielleicht nur zu hören, herüber aus den Kindertagen. Was sonst in der Küche geschieht, ist das Geheimnis der dort Sitzenden, das sie vor mir wahren. Je länger man vor der Tür zögert, desto fremder wird man. Wie wäre es, wenn jetzt jemand die Tür öffnete und mich etwas fragte. Wäre ich dann nicht selbst wie einer, der sein Geheimnis wahren will![/align]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر فىرانز كافكا