يوپكىلىق قىز
چىمەنگۈل ئاۋۇتChimengul Awut
شەلۋەرەپ تۇرىدۇ شۇ قەدەر مۇڭلۇق،
شەھەر كېچىسىدەك ئىللىق بىر يارا.
ۋاقىتنىڭ قۇترىشى قىستايدۇ جاننى،
ئۆزۈمنى سۆيۈشۈممۇ گۇناھتۇر، گۇناھ .
, Eroding in such a really mournful way
. The warm wound like the night of a city
,Life cornered by the instigation of time
.It’s a now sin to love myself, what a pity
ساپسېرىق سەبدەدەك كوچا چىرىغى،
تارىتار مېھرىمگە سېنىڭ قەدرىڭنى.
ئايدىڭكۆل ئەتراپىغا قوندى بەش ئاققۇ،
يالاڭ ئاياغ كەزمەكتىمەن ئازاب دەشتىمنى.
,The streetlamps are like the yellow marigold
.Tossing your importance just upon my love
,There landed five swans in a moonlit lake
.Traveling love’s desert, barefoot I’m though
چوقان-سۈرەنلەرگە قوشۇلدۇم مەغرۇر،
مەستخۇشلۇق، يالغۇزلۇق ئوخشاشلا پىغان.
سېغىنىش زۇلمىتىدە كۆيسەم چاراسلاپ،
يورۇدى يەنىلا سەن بەرگەن ئىمكان.
,I proudly joint the hustle and even the bustle
.The same fury is being drunk or the loneliness
,Though I burn in the fire of missing you all day
.I saw a light in your possibility more then the less
ئىنگلىزچىگە ئەنۋەر ھامۇت( ئايپالتا) تەرجىمە قىلدى .
[admin تەستىقلىدى . 2010-2-12 10:40:56]
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.