ئادىل تۇنىياز شېئىرلىرى1  (English)

يوللىغۇچى : aypalta يوللىغان ۋاقىت : 2008-01-18 13:26:00

ئانا تىل ئادىل تۇنىياز بىز ئالتۇندەك تۇغۇلدۇق پارقىرىغان قوڭۇر تۇپراققا. چۈشتى جىرىڭلاپ ئۇيغۇر پەرىشتىنىڭ ئاغزىدىن مۇزىكىسى سىڭدى قۇلاققا. ئەي، ئانا تىل سەرسان بولۇپ بىز ئۇپۇقۇڭدىن كەتتۇق ئ...

    ئانا تىل
    ئادىل تۇنىياز

    بىز ئالتۇندەك تۇغۇلدۇق پارقىرىغان قوڭۇر تۇپراققا.
    چۈشتى جىرىڭلاپ ئۇيغۇر
    پەرىشتىنىڭ ئاغزىدىن
    مۇزىكىسى سىڭدى قۇلاققا.

    ئەي، ئانا تىل سەرسان بولۇپ بىز
    ئۇپۇقۇڭدىن كەتتۇق ئۇزاققا.
    كۆكنار گۈلى دېڭىزنىڭ ھېدىنى ئەكىلىدۇ،
    خىيال ئۇزاق نەملىنىدۇ.
    رادىئونى ئېچىپ قويدۇم.
    ھاۋادا گەپ قىلىدۇ.

    سالقىن باغلار نېفىت، قۇم تاغلار
    رەڭگى ئۆزگەرگەن كىشىلەر توپى،
    شەھەر – قىشلاقلار قاقشال جىم.
    قەھۋە ئىچكەچ يىغلىۋەتتىم.
    دېڭىز دولقۇنى ئۆيگە كىردى.

    Mother tongue
    Adil Tuniyaz

     As the gold, we were given a birth Onto the glimmering, brown earth. Fell down with a resounding clang From Uyghur angle’s mouth Its music permeated into ears. Ah, mother tongue Uprooted we are gone way from your horizon. Opium poppy Brings the smell of the sea, Thoughts become moist for quit a while. I turned on the radio. In the air Speaks. Cool gardens Oil, sand mounts The crowd of people, whose color changed, So quit and dry the cities and villages. Having coffee I burst into tears. Waves of the sea entered the room.

     يېشىل رەڭلىك ئۇيغۇر شائىرى
    ئادىل تۇنىياز

     يېشىل رەڭلىك ئۇيغۇر شائىرى
    لەيلەپ يۈردى زىمىن يۈزىدە.
    قاقشال بولدى، ئۆچتى، سارغايدى
    بىراق ئۇچقۇن چاقنار كۆزىدە.

    ئۆز ئىلىنى كۆردى چۈشىدە
    زۇمرەت باغلار، قۇمتاغلار، نېفىت.
    شېئىر يازدى غەم- غۇسسىدە

    ھېلال ئاي پەش، يۇلتۇز كۆپ چېكىت.
    رەببىسى ئۆز كىشى يۇرتىدا،
    ئىشقى جۈپ كۆز كىشى يۇرتىدا.
    ئۇ رەببىنىڭ ئۆيىگە كىرىپ
    تىڭشىدى سۆز كىشى يۇرتىدا.

     يېشىل رەڭلىك ئۇيغۇر شائىرى
    ئۆز- ئۆزىنى قويدى يۈتتۈرۈپ.
    سەرسان بولۇپ زىمىن ئۈستىدە
    بىر بوپىنى يۈرەر كۆتۈرۈپ.

    Green – colored Uyghur poet
    Adil Tuniyaz

    The green –colored Uyghur poet
    is floating in surface of the land. Dried up, went out, looked poor But spark gleams in his eyes. He dreamt of his homeland Green gardens, sand mounts, oil. He wrote poems in worry The new moon is his comma And Stars as suspension points. His God is his own in foreign land, Two eyes are his love in foreign land. He got into his God’s house Listened to the words in foreign land. Green – colored Uyghur poet He himself lost himself. Wondering around the world Caring a heavy package.

     شېئىرنىڭ تېنى
    ئادىل تۇنىياز

    ياز پادىشاھى ئالماقتا ئارام،
    خەزىنىسى كەڭرى ئېچىلغان.
    قېرى دەرەخ قوۋزىقى ھاسىرايدۇ،
    ئىسسىقتا ياشىماق تەس.
    ۋاقىت سېمىزلىكىدىن ھالسىرايدۇ،
    كۆرۈنمەس تاپىنىدا بېسىلىپ قالغان
    بىر نەچچە تال كۆك ئېچىلغان كاناي گۈلى.

    شېئىر يېزىش مەن ئۈچۈن
    قۇتۇلۇشنىڭ بىر يولى.
    خۇددى نۇرلۇق يىلاندەك
    ئوت- چۆپلۈكتىكى
    خۇددى تەنھا يەر يېغىدەك
    يەر ئاستىدىكى
    خۇددى مەخپىي ئارزۇسىدەك
    بىر خەلقنىڭ

    يازنىڭ شامالسىز تىنجىق كۈنىدە
    قالمىغان ئۈمىدتىن بۆلەك ھېچنەرسە.
    سىلىق،يومۇلاق تاش.قاغىلىق.
    ئاپتاپ ئېيتىش مۈمكىن بولمىغان ئازاب.
    ئالقىنىدا ئاكاتسىيەنىڭ
    غورۇلاي تۇخۇملىرى پىشماقتا.
    شېئىر سۆزلەردىن توقۇلغان يېشىل چىمەنلىك،
    سەگىتمەكتە تېنىمنى.

    The body of poem
    Adil Tuniyaz
    The summer king is taking a rest, And his treasury is widely open. Old tree bark Is panting, In hot weather It’s hard to live. Time gets tired and weary of being fat, Some blue – blossomed morning glories can’t be seen under its sole. Poem writing is the way of extricating for me. Just like the shining snake in grassland Just like the lonely oil under the ground Just like the secret desire of a people On this windless hot summer’s day There left nothing, nothing but the hope. Smooth, round stone. Karghilik①.sunshine Grief that impossible to be told. In the palm of acacia tree Shrike’s eggs are being ready. Poem Is made from words Green lush garden, is cooling my body.[/align][/color]

     ئىنگلىزچىگە ئەنۋەر ھامۇت(ئايپالتا) تەرجىمە قىلدى.

    [admin تەستىقلىدى . 2010-2-13 22:04:32]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.