قوڭغۇراقلار

يوللىغۇچى : mardana يوللىغان ۋاقىت : 2014-03-05 18:46:21

چانىلارغا ئېسىلغان شۇنداق، قاتار-قاتار كۆمۈش قوڭغۇراق. كېلەر تاتلىق خۇشاللىق كۈيى. جىرىڭلىغان يارقىن ئاۋازى، ئاڭلىنىدۇ سوغۇق تۈنلەردە. چاراقلايدۇ كۆكتە يۇلتۇزلار، جاراڭلايدۇ ھەتتاكى ئاسمان، شادلىقىدىن بېرىپ ئۇ نىشان.

     
    قوڭغۇراقلار
     
    ئېدگار ئاللان پوئى (ئامېرىكا)
    (جېك ھانسوننىڭ «ھەممىگە جاۋابتۇر سۆيگۈ-مۇھەببەت» كىتابىدىن)
     (مەھمۇدجان خوجا ئۈمىدۋار تەرجىمىسى)

     
    چانىلارغا ئېسىلغان شۇنداق،
    قاتار-قاتار كۆمۈش قوڭغۇراق.
    كېلەر تاتلىق خۇشاللىق كۈيى.
    جىرىڭلىغان يارقىن ئاۋازى،
    ئاڭلىنىدۇ سوغۇق تۈنلەردە.
    چاراقلايدۇ كۆكتە يۇلتۇزلار،
    جاراڭلايدۇ ھەتتاكى ئاسمان،
    شادلىقىدىن بېرىپ ئۇ نىشان.
    رىتىملىرى لەززان مۇزىكا،
    ياڭراپ تۇرار تەكرا ۋە تەكرار.
    ئەزگۈ ھېسلار گوياكى  قىيان.
    قوڭغۇراقتىن كېلىدۇ سادا:
    جىرىڭ، جىرىڭ،
    ئۇ شۇ قەدەر لەززان مۇزىكا.
     
    مەنبە:«شىنجاڭ ياشلىرى» ژۇرنىلى 2012-يىللىق 11-سانىدىن ئېلىندى
     
    The Bells
     
    Hear the sledges with the bells
    Silver bells
    What a world of merriment their melody foretells
    How they tinkle, tinkle, tinkle
    In the icy air of night
    While the stars that oversprinkle
    Allthe heavens, seem to twinkle
    Whith a crystalline delight
    Keeping time, time, time
    In a sort of runic rhyme
    To the tintinnabulation that so musically bells
    From the bells, bells, bells, bells
    Bells, bells,bells
    From the jingling and the tinkling of the bells
     
    铃铛
     
    听听学雪橇上的铃铛
    一个个银铃声
    它们的曲调预示着多少的欢畅
    听它们的玎玲玎玲
    响在夜色的霜风中
    而布满天空的星星
    像怱闪怱闪的水晶
    在表明他们的喜悦
    像有着神秘的韵律一般
    有节拍的一闪一闪
    和着充满乐感的玎玲当啷
    这乐音发自铃铛铃铛铃铛
    铃铛铃铛铃铛
    这乐音发自铃铛叮叮当当
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.