ئاشىقلىق ۋە ئەرك
غوجىمۇھەممەت مۇھەممەت
Love & freedom
Hojamuhammad Muhammad
مەن سېنى ئۈزمەيمەن، كەچۈرگىن ئەي گۈل،
گۈزەللىك ئالدىدا بولىمەن تەسلىم .
ئىشقىمنىڭ بورانلىق، چاڭقاق چۆلىدە،
تۇرسىمۇ ئاھ جۇل-جۇل يىرتىلىپ قەلبىم.
Sorry hey flower, I never pick you,
To beauty I’d rather surrender.
Even In windy desert of my love,
My heart is broken in wonder
مەن سېنى تۇتمايمەن كەچۈرگىن ئەي قۇش،
ئازاد كۈي ئالدىدا ئېگىمەن بېشىم.
ئاھ،چەكسىز جىملىقتىن بولسىمۇ پارە،
غېرىب ھەم ۋەيرانە كۆڭۈل قەپىزىم .
Sorry hey birdy, I never catch you,
To freedom I’d rather surrender.
Bitterness to my broken heart
Even the emptiness surely render.
بىلىمەن،مۇھەببەت ئالار جېنىمنى،
ئۈلگۈرمەي يارىمنى ئۆپۈشكە بىر رەت.
گۈزەللىك،ئازاد كۈي... دەيمەن پىچىرلاپ،
ئاداققى نەپسىمدە شۇ سۆزنى پەقەت.
I know the love will take my life,
Even before I can kiss my love.
Beauty, freedom… I then whisper,
My last breath flies out as a dove.
ئىنگلىزچىگە ئەنۋەر ھامۇت( ئايپالتا) تەرجىمە قىلدى.
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.