چىمەنگۈل ئاۋۇت :  قارا ئەتىرگۈل English

يوللىغۇچى : spruce يوللىغان ۋاقىت : 2008-02-16 14:22:00

قارا ئەتىرگۈل تەرجىمە قىلغۇچى : ئابۇزەر ( شەمشاد ) A Black Rose By Chimengul Awut Translated by Abzer The grief is so sweet today , Floats the smell of the rain all around. I felt the weight of my solitary, Some of dry seeds in my hand He fel

    قارا ئەتىرگۈل
     تەرجىمە قىلغۇچى : ئابۇزەر ( شەمشاد )           

        A Black Rose By Chimengul Awut Translated by Abzer The grief is so sweet today , Floats the smell of the rain all around. I felt the weight of my solitary, Some of dry seeds in my hand He felt perhaps I was smiling in sadness, At the moment ,I feel boring of my pride , I chose the voice from myself : How was passed many years ; Why My thought couldn’t be in my heart Why am I happy or am I woeful. If I love the life as I love myself , How would this being felt to others . A wound of mine became worst finally , I wanna tell him right now about that . Solitary , music , just a flower , love , and sadness of my heart. The grief is so sweet today I wanted to cry from the depth of my heart . I would put up with all sadness , However Sacred guilty will be bright by my warmth.


            قارا ئەتىرگۈل
    ئازاپمۇ شۇ قەدەر سۆيۈملۈك بۈگۈن ،
    لەيلەيدۇ ئەتراپتا يامغۇر پۇرىقى .
    ھىس قىلدىم يالغۇزلۇقنىڭ ئېغىرلىقىنى ،
    قولۇمدا قۇرىغان گۈلنىڭ ئۇرىقى .

    پەرىشان كۈلگىنىمنى سەزدى ئۇ بەلكىم ،
    زېرىكتىم مۇشۇ دەم مەغرۇرلىقىمدىن .
    شۇنچە يىل قانداقمۇ ئۆتكەن بولغىيتتى ،
    دىگەن بىر ئاۋازنى سۈزدۈم ئۆزۈمدىن .

     ئويلىرىم نىمىشقا سىغماس ئىچىمگە ،
    مەن نىچۈن پەرىشان ، مەن نىچۈن خوشال .
    ئۆزۈمنى سۆيگەندەك سۆيسەم ھاياتنى ،
    كىملەرگە قانداقراق تۇيۇلار بۇ ھال !؟

    ئاخىر ئېغىز ئالدى مەندىكى يارا ،
    ئۇنىڭغا بۇلارنى دىگۈم بار شۇ تاپ .
    مۇھتاجلىق ، مۇزىكا ، پەقەت بىر تال گۈل ،
    دىلدىكى مۇھەببەت ، دىلدىكى زەرداپ .

    ئازاپمۇ شۇ قەدەر سۆيۈملۈك بۈگۈن ،
    قاينايدۇ ئىچىمدىن ئىسسىق بىر يىغا .
    چىدايمەن ھەممىگە ، چىدايمەن لېكىن ،
    پارلايدۇ مېھرىمدە مۇقەددەس گۇناھ !

    چىمەنگۈل ئاۋۇت < بارسا كەلمەس يول > ناملىق شېئىرلار توپلىمىدىن .
    تەرجىمە قىلغۇچى : ئابۇزەر ( شەمشاد )

    [admin تەستىقلىدى . 2010-2-12 19:08:33]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق