«ئۆزبېكىستان ئىسلام ھەرىكىتى» ھەققىدە ئىزدىنىش

يوللىغۇچى : يوللىغان ۋاقىت : 2013-10-24 18:33:26

«ئۆزبېكىستان ئىسلام ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ تۈزۈمى چىڭ، ئىش تەقسىماتى ئېنىق بولۇپ، بازىسى دىنىي ئەنئەنە پۇرىقى قويۇق بولغان فەرغانە ئويمانلىقىغا جايلاشقان، تاجىكىستاننىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدىكى ھۆكۈمەتنىڭ باشقۇرۇشى ئاجىز بولغان تەۋىلدارادا ئالدىنقى سەپ ھەربىي قوماندانلىق مەركىزى تەسىس قىلغان. قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە، مەزكۇر تەشكىلات بىن لادىن، تالىبان، سەئۇدى ئەرەبىستانى ۋە چېچىنىيە قاتارلىق خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ كۆپ تەرەپلىك قوللىشىغا ئېرىشتى، مەبلىغى تولۇق، قورال-ياراقلىرى ئىلغار بولۇپ، يۇقىرى پەللىگە يەتكەندە ھەتتا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەت ئارمىيىلىرىنىڭ قورال-ياراقلىرىدىن ئېشىپ كەتتى.

چۈشۈرۈش

    يىغىنچاقلىغاندا،  «ئۆزبېكىستان ئىسلام ھەرىكىتى» نىڭ تۆۋەندىكىدەك نەچچە كۆرۈنەرلىك ئالاھىدىلىكى بار: تەشكىلىي قۇرۇلمىسىنىڭ ھەربىيلىشىشى ۋە مەخپىيلىشىشى؛ پائالىيەت ۋاسىتىسىنىڭ كۆپ خىللىقى؛ كۆپ تەرەپتىن دەھرىي جەمئىيەتكە ئارىلىشىش؛  پائالىيەت بوشلۇقىنىڭ كېڭىشى؛ خەلقئارا ئارقا كۆرۈنىشنىڭ مۇرەككەپلىشىشى؛ سىرتقى كۈچلەرنىڭ سىڭىپ كىرىشنى تېزلىتىشى؛ زوراۋانلىق خاھىشىنىڭ كۈنسېرى ئېغىرلىشىشى قاتارلىقلار.
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر ئىسلام