داڭلىق چولپانلارنىڭ ئۆلۈمى ۋە پەردە ئارقىسىدىكى تەشكىلات

يوللىغۇچى : ۋەلى يوللىغان ۋاقىت : 2013-06-16 20:26:50

تارىختا نۇرغۇنلىغان داڭلىق سەنئەتكارلار ئۆتكەن ئۇلار ئۆززامانىسىدە ئاجايىپ ئۇتۇقلانى قازىنىپ مەستانىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئۇرۇن ئالغان . ئۇلارنىڭ گاھىللىرىبۇ دۇنيادىن ۋاقىتسىز ئايرىلىپ كەتتى ۋە داۋاملى...

    تارىختا نۇرغۇنلىغان داڭلىق سەنئەتكارلار ئۆتكەن ئۇلار ئۆززامانىسىدە ئاجايىپ ئۇتۇقلانى قازىنىپ مەستانىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئۇرۇن ئالغان . ئۇلارنىڭ گاھىللىرى  بۇ دۇنيادىن ۋاقىتسىز ئايرىلىپ كەتتى ۋە داۋاملىق ئايرىلىۋاتىدۇ .  يەنە بەزىللىرى تاماششا چەمبىرىكىدىن ئىبارەت بۇ مۇرەككەپ ساھەدە ئۆزلۈكسىز تەرەققى قىلىپ نەتىجە يارىتىپ كىلىۋاتىدۇ . گەرچە بىز بىلىدىغان شۇنداقلا بىزنىڭ نەزىرىمىزدىكى باي-  باياشات ھۇزۇر-  ھالاۋەتتە تۇرمۇش كەچۈرۈپ بىزنىڭ  ھەۋىسىمىزنى قوزغاپ كىلىۋاتقان . ئەشۇ چولپانلارنىڭ قانچىلىك بېسىم ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقى پەقەت ئۈزىگىلا ئايان . نۇرغۇنلىغان داڭلىق چولپانلار قارىماققا ناھايىتى خۇشال ھالدا ھاياتنىڭ پەيزىنى سۈرۈپ ياشاۋاتقاندەك كۈرۈنسىمۇ ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ كۈپۈنچىسىنىڭ ئىچكى دۇنياسى قاراڭغۇلۇق ۋە قورقۇنۇچ ئىچىدە ئۈتىدۇ ....  

    نۇر جەمىيىتىدىن ئىبارەت بۇ تەسىر دائىرسى ئىنتايىن چوڭ بۇ بىدئەت تەشكىلاتنىڭ قارا قۇلى تاماششا ساھەسىنىڭ ئالدىنقى ئورنىغا سۇزۇلغان بۇلۇپ ئۇلار نامى چىققان چولپانلارنى كونتىرول قىلىپ ئۇلارنى ئۈزى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا قىستايدۇ . قارىماققا ئۇلار ئۈچۈن خىزمەت قىلغانلار كۈندىن  كۈنگە نامى چىقىپ پۇلنى كۆپ تاپقاندەك كۈرۈنسىمۇ ئەمىلىيەتتە ئۇلارنىڭ ئىچكى دۇنياسى . بېسىم ۋە قورقۇنۇچ ئىچىدە ئۈزى قىلىشنى خالىمايدىغان ئىشلارنى مەجبۇرى قىلىش بىلەن تۇشۇپ كەتكەن . { بۇ تەشكىلات خۇددى بىر چوڭ قورغانغا ئوخشايدۇ  . سىرتىدىكىلەر بۇلسا ئىچىگە  كىرىشنى ئارزۇ قىلىدۇ . ئىچىدىكىلەر بولسا بۇ قورغاندىن چىقىپ كىتىشنى ئارزۇ قىلىدۇ}   ئەگەر بۇ تەشكىلاتقا كىرگەن ھەرقانداق بىر ئادەم بۇ تەشكىلاتقا قارشى چىقسا . شۇ ئادەم كىيىنكى ئۆمرىدە نۇرغۇنلىغان ئازاپقا دۇچار بۇلىدۇ . ھەتتا تۈۋەندىكى كىشىلەرگە ئوخشاش ھەرخېل سەۋەپلەر بىلەن بۈ دۇنيادىن خوشلىشىدۇ 



    تۈۋەندە بىز  يېقىنقى يىللاردا ئەشۇ نۇر جەمىيىتى تەرپىدىن  پىلانلىق ھالدا ناھايىتى ئۇستۇلۇق بىلەن قەسلەپ ئۆلتۈرۈلگەن دەپ گۇمان قىلىنغان   دۇنيادىكى نامى چىققان داڭلىق شەخسلەرنىڭ كىملەر ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇلارنىڭ  ئۆلگەن ۋاقىتلىرىنى  بىلىپ باقايلى ، 

    1 - MICHAEL JACKSON  {  مودا ناخشا شاھى . دۇنيادىكى تەسېر دائېرسى ئەڭ چوڭ سەنئەتكار } 

    \


    2 -   FARRAH FAWCETT { دۇنياغا داڭلىق كىنو خانىشى . ناخشىچى } 

    \

    3 - SKY SAXON               { دۇنياغا داڭلىق ناخشا ئەترىتىنىڭ باش ناخشىچىسى } 
    2.jpg 

    4-  james brown             { كاتتا دەۋېر سۈرگەن  ناخشا چولپىنى } 
    1.jpg 

    5- dean martin              { ۋوللىۋوتنىڭ ئوسكار كىنو شاھى } 
    3.jpg 

    6- eartha mae kitt      { داڭلىق كىنو ئارتىسى . ناخشىچى } 

    \

    7 -  lisa lopes               { داڭلىق مودا ناخشىچى.  رەسىمدىكى بىر كۈزىنى قۇلى تۇسۇپ تۇرغان كۈرنۈشنىڭ ئۈزى شەيتان دىنىنىڭ ئەزاسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ ...   } 

    \

    8 - roger troutman       { بىرمەھەل دەۋېر سۈرگەن دېسكو ناخشىچى } 
    4.jpg 

    9 - Aaliyah haughton { ئامىركىنىڭ نىگىر مودا ناخشىچىسى . بىر مەھەل كاتتا دەۋېر سۈرگەن } 
    \

    يۇقارقى بۇ توققۇز نەپەر داڭلىق سەنئەتكارلار ئۈلۈپ كەتكەندىن كىيىن ئۇلارنىڭ كۈپۈنچىسىنىڭ  ئۈلۈمىگە . زەھەرنى كۆپ . چىكىۋەتكەنلىكتىن . تىنىچلاندۇرۇش دورىسىنى كۆپ يەۋەتكەنلىكتىن . ۋە تۇيۇقسىز جىددى خارەكتىرلىك كىسىلى قوزغالغانلىقتىن ئۆلگەن  دەپ دىئاگنوز قۇيۇلغان   بىراق ئادەمنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغىنى شۇكى  بۇلارنىڭ ھەممىسى ھايات ۋاختىدا نۇر جەمىيىتىگە ئەزا بۇلۇپ بىدئەت دىننىڭ مۇرتى بولغان . ۋە كىيىن بۇ تەشكىلاتتىن ئايرىلىپ چىقىپ كەتكەن، ۋە بۇ تەشكىلاتقا قارشى تۇرغان ،   ئادەمنى  تېخىمۇ ھايران قالدۇردىغىنى بولسا  بۇلارنىڭ ئۈلۈم ۋاختى  ئوخشاش بىر چىسلاغا يەنى 25 - چىسلاغا توغرا كىلىپ قالغان ، 
    نۇر جەمىيىتىدە  2.5 .7 .11 دىگەندەك بىر قىسىم رەقەملەر  بۇ تەشكىلاتتا  بەلۇم بىر مەنانى ئىپادىلەيدىكەن  .... 

    يۇقارقى چولپانلارنىڭ ۋاپات بولغان ۋاقتى -  

    2009 - يىلى  6- ئاينىڭ 25 - كۈنى    -      michael jackson    
    2009 - يىلى  6 - ئاينىڭ 25 - كۈنى    -      FARRAH FAWCETT    
    2009 -يىلى   6 - ئاينىڭ 25 - كۈنى     -      SKY SAXON  
    2006 - يىلى 12 - ئاينىڭ 25 - كۈنى  -      james brown 
    1995 - يىلى 12 - ئاينىڭ 25 - كۈنى  -      dean martin 
    2008 - يىلى 12 - ئاينىڭ 25 - كۈنى  -      eartha mae kitt 
    2002 - يىلى 4 - ئاينىڭ 25 - كۈنى    -      lisa lopes 
    1999- يىلى  4 - ئاينىڭ 25 - كۈنى     -      roger troutman 
    2001 -يىلى 8 - ئاينىڭ 25 - كۈنى     -      Aaliyah haughton  


    يۇقارقى چولپانلارنىڭ ئىچىدە ئالدىغا تىزىلغان جېكسون قاتارلىق ئۈچ نەپەر چولپان ئوخشاش بىريىل . ئوخشاش بىر ئاي . شۇنداقلا ئوخشاش بىر كۈندە ۋاپات بولغان .....  بۇنىڭ ئىچىدە جېكسون ئۈلۈپ  كىتىشتىن ئىلگىرى ئۈزىنىڭ بۇ تەشكىلات تەرپىدىن قەسلىنىشىنى پەرەز قىلغان ۋە بۇ توغرىسىدا ئازراق ئۇچۇرمۇ قالدۇرغان. لىكىن ئۇچۇرىدا تەشكىلاتنى تىلغا ئالمىغان . پەقەتلا بەزىلەر ماڭا تەھدېت سېلىۋاتىدۇ دىگەندەك گەپلەرنىلا قىلغان ...   

                                شەيتان دىنىنىڭ قول ئىشارە بەلگىسى 

                                    \ 



      شەيتان دىنىنىڭ تارىخى بىر قەدەر ئۇزۇن بۇلۇپ. پەقەت 1776 - يىلى 5 - ئايدا  7 نەپەر كاتتا پۇلدارلار  تەرىپىدىن قايتىدىن  قۇرۇلغان ۋە ئۆزلىكسىز تەرەققى قىلغان ، ھالا ھازېقى دەۋېرگە كەلگەندەيەنى1966 - يىلى شەيتان دىنى  لېۋىلى دىگەن ئەبلەخ تەرىپىدىن  رەسمى قانۇنلۇق ھالدا قۇرۇلۇپ مۇرۇت توپلاشقا باشلىغان  1969 - يىلىغا كەلگەندە شەيتان  دىنى ئىنجىلى نەشېر قىلىنىپ تارقىتىلغان  ... 

        نۇر جەمىيىتى بولسا شايتان دىنىغا قاراشلىق بىر تەشكىلات بۇلۇپ ئۇنىڭ  تەسېر دائىرسى ناھايىتى چوڭ  دۇنيانىڭ ھەرقايسى بۇلۇڭ - پۇشقاقلىرىغىچە تارقالغان . ياۋرۇپا دۆلەتلىرىدە بۇلۇپمۇ ئامېرىكىدا شەيتان دىننىڭ تەسىرى ھەر ساھەگە كەڭ تارقالغان بۇلۇپ . مەكتەپ . سىياسى ساھە .  ناخشا ساھەسى . كىنو ساھەسى . دۇنيادىكى ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان داڭلىق ماركىلار  . ھەتتاكې ئامېرىكا زۇڭتۇڭ سايلىمى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى نۇر جەمىيىتىنىڭ پەردە ئارقىسىدا تۇرۇپ بىۋاستە يىتەكلىشىدە بارلىققا كىلىدۇ ... بۇلارنىڭ ئىچىدە شەيتان دىنىنىڭ ئەڭ چوڭ تەشۋىقات قۇرالى كۆڭۈل ئېچىش ساھەسى بۇلۇپ ۋوللىۋودتا قاراشلىق دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ بولغان . MGM    . كۇلۇمبىيە . 20 - ئەسىر فوكېس شېركىتى . ئاكا - ئۇكىلار كىنو شېركىنى  قاتارلىق 7 چوڭ كىنو شېركەتلىرى نۇرجەمىيىتىنىڭ قوللىشىدا ۋە كونتىروللىقىدا پۇت تىرەپ تۇرىدۇ ... ۋوللىۋودتىكى ھەرقانداق بىر داڭلىق كىنولاردا مەسىلەن : ئاۋارتا . 2012 - يىلى . ھۆكۈمىران ئۈزۈك . خاككېر ئىمپىريەسى . خارىي پوتتېر  . جاسوس ئىچىدە . داۋىنچىنىڭ مەخپىيىتى .  كارېپ دېڭىز قاراقچىسى . بىشارەت . ياللانما ئەترەت .ئاخرلاشتۇرغۇچى.  ئالۋاستى ئۈچ بۇرجەك ئارىلى .  قاتارلىق ھەرقانداق بىر كىنودا نۇرجەمىيىتىنىڭ بەلگىللىرى . ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار كۈرۈلۈپ تۇرىدۇ . ھەتتا ئامېرىكا دوللىرى . ياۋرۇ  قاتارلىق دۇنيادىكى قىممىتى ئەڭ يۇقرى پۇللارغىمۇ نۇر جەمىيىتىنىڭ بەلگىللىرى بېسىلغان .... ئۇنىڭدىن باشقا . ئاق ساراي يەنى ئامېرىكا زۇڭتۇڭ مەھكىمىسى . كېرمىل سارىيى    . دېسنىي باغچىسى.  ئۇنىڭدىن باشقا چەتئەللەردىكى داڭلىق قۇرلۇشلار . داڭلىق يوللار ۋە كاتتا بايلارنىڭ چوڭ تۇرالغۇللىرى قاتارلىق قۇرلۇشلارنىڭ قۇرلۇش شەكلىدە شەيتان دىنىغا قاراشلىق  نۇرجەمىيىتىنىڭ بەلگىسى مەخپىي ئەكىس ئەتتۇرۇلگەن . ئىگىز بوشلۇقتا تۇرۇپ بۇ قۇرلۇشلارنى كۈزەتكەندە نۇر جەمىيىتىنىڭ بەلگۈللىرىنى ئەينەن كۆرگىلى بۇلىدۇ .... كىشىنىڭ ئەڭ ھەيرانلىقىنى كەلتۈردىغىنى شۇكى گۇمانىي قاراشلاردىن مەلۇم بۇلۇشىچە  9.11 يەنى 11 سىنتەبېر ۋەقەسىنى نۇر جەمىيىتى پەردە ئارقىسىدا تۇرۇپ بىۋاستە پىلانلىغان دىگەن   گۇمانىي قاراشلار  تەھلېلچىلەر تەرىپىدىن بارلىققا كەلگەن . 11 سىنتەبېر ۋەقەسى يۈز بىرىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئامېرىكا ھۈكىمىتى بۇنى بازا تەشكىلاتىنىڭ كاتتا بېشى بىللادىننىڭ بىر قوللۇق پىلانلىشى ئاستىدا بولغان دەپ گۇمان قىلغان . بۇ ۋاقىتتا بازا تەشكىلاتى ئىپادە بىلدۈرۈپ بۇ ۋەقە بىلەن بازا تەشكىلاتىنىڭ ھېچقانداق ئالاقىسى يوقلىقىنى ئېيتقان بىراق ئۇزۇن ئۆتمەيلا . بىللادىن قايتىدىن بۇ ۋەقەنىڭ ئۈزىنىڭ بىر قوللۇق پىلانلاپ ئىشقا ئاشۇرغانلىقىنى ئىلان قىلغان .... 

    ناخشا ساھەسىدە بولسا ھازېرقى ياۋرۇپا ئەللىرىدە  ئەڭ داڭلىنىۋاتقان ۋە ئۆزلۈكسىز  تەرەققى قىلىپ پۇلغا كۈمۈلۈپ كىتىۋاتقان مودا ناخشىچىلارنىڭ ھەممىسى نۇر جەمىيىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقانلاردۇر . بۇلارنىڭ ئىچىدە . 

    ئۈزىنى شەيتاننىڭ بالىسى دەپ ئاتىۋالغان . نۇرجەمىيىتىگە ساداقىتىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئەسەبىيلەرچە ئۈزىنىڭ بىر كۈزىنى ئۇيۇۋالغان مودا ناخشا تەلۋىسى { مارلىيان مەنسون } ھازېرقى ئۆزلۈكسىز قىزىق نۇقتا بۇلىۋاتقان ئايال ناخشا تەلۋىسى { لەيدى گاگا } نۇرغۇن ياشلارنىڭ مىڭىسىنى زەھەرلەپ ئۇلارنى ئىختىيارسىز تۇيۇق يولغا باشلاشقا سەۋەپ بۇلىۋاتقان { گىرمانىيە جەڭ ماشىنىسى ناخشا ئەترىتى }  ئامېرىكىدىكى ئالدىنقى قاتاردىكى 12 چوڭ باينىڭ 4 - ئۇرۇنغا تىزىلغان مودا ناخشىچى { بون جوۋى } بىر مەھەل كاتتا دەۋېر سۈرگەن شۇنداقلا مەستانىلەر تەرىپىدىن كىچىك تاتلىق دەپ نام ئالغان ئايال ناخشىچى { بۇلاننىي } ناخشا خانىشى دەپ ئاتالغان بۇزۇق ناخشىچى { مادوننا }  2005 - يىللىرى دۇنيا مودا ناخشا ساھەسىدە قىززىق نۇقتىغا ئايلانغان {  U2 ناخشا ئەترىتى }  ئىلگىرى بىرمەھەل دەۋىر سۈرگەن يەنى{ كالفورنىيە مىھمانخانىسى دىگەن داڭلىق ناخشىنىڭ 1976 - يىلىدىكى ئەسلى ئۆزگەرمىگەن تىكىستىدە شەيتانغا ئەگىشىش تەشۋىق قىلىنغان . ناخشىنىڭ ئىجادچىسى { Eagles }يەنى بۈركۈت مۇزىكا ئەترىتى ،  ھەتتا ھازېرقى دەۋېر  چەتئەل ياش ئۇغۇل - قىزلىرىنىڭ مەبۇدىسىغا ئايلانغان كانادالىق بالا ناىشا چولپىنى { جاستېن }  ۋە نۇرغۇن - نۇرغۇنلىغان داڭلىق ناخشىچىلارنىڭ ھەممىسىنى نۇر جەمىيىتى ئىچكى جەھەتتىن كونتۇرۇللىقىغا ئېلىۋالغان . ئۇلار ھەرخىل كىيىنىش ئۇسۇللىرى . ھەرخىل قول ئىشارىللىرى . ۋە ھەرخىل ناخشىللىرى ئارقىلىق كەڭ تاماششىبىنلارغا شەيتان  دىننى تەرغىپ قىلىدۇ .... 


    سەمىيمى ئەسكەرتىش : چەتئەل مودا ناخشىللىر ۋە چەتنىڭ ئۆرۈپ ئادەتلىرى  كۆپلەپ دىيارىمىزغا كىرىۋاتىدۇ . ۋە دىيارىمىز ياشلىرىنىڭ ياختۇرۇپ ئاڭلىشىغا  ۋە ئۆرۈپ ئادەتلىرىنى ئۈگۈنۈشكە مۇيەسسەر بۇلىۋاتىدۇ . ئۈزىمىزنىڭ ناخشىللىرىنى ئاڭلاش بىلەن بىرگە شۇ قاتاردا  چەتئەل ناخشىللىرىنى ئاڭلاشنىڭ ۋە ئۈزىمىزنىڭ ياخشى بولغان ئۆرۈپ ئادەتلىرىمىزنى يۇقاتمىغان ھالدا  چەتئەلنىڭ ياخشى  ساغلام بولغان  ئۆرۈپ - ئادەتلىرىنى ئۈگۈنۈشنىڭ   زىيىنى يوق دەپ قارايمەن  . بىراق گەپ كىمنىڭ ناخشىسىنى ئاڭلاشتا قانداق ئۆرۈپ ئادەتنى يىتىلدۈرۈشتە  ...    بۇلۇپمۇ چەتئەل مودا  دېسكۇ ناخشىللىرىنى ئاڭلىغاندا بەك دىققەت قىلىش كىرەك  ، ناخشىلارنىڭ تىكىستىنى بىلمەي تۇرۇپ ئاڭلىغان ناخشىللىرىڭىزنى  دوراپ ئۇقۇپ سالماڭ . چۈنكى لەيدى گاگا.  مارلىيان مەنسوندەك ناخشا ئەخلەتلىرى نىڭ ناخشا تىكىستى ساغلام ئەمەس ، ئۇلار نىڭ ناخشا تىكىستى پەقەت شەيتان دىنىنى تەرغىپ قىلىش. ئوخشاش جىنىسلىقلارنىڭ  مۇھەببەتلىشىشىنى تەشەببۇس قىلىش  ئۈچۈنلا يېزىلغان . بۇنداق ناخشىچىلارنىڭ  ناخشىللىرى ۋە  mv  كۈرنۈشلىرى بىر قىسىم ئىرادىسى ئاجىز  ياش ئۇغۇل قىزلىرىمىزنىڭ ئىدىيەسىنى بۇرمۇلاپ . ئۇلاردىكى شەرمىي ھايانىڭ ئاجىزلىشىشىنى كەلتۈرۈپ .  ئۇيۇن تاماشاغا بىرلىپ ئۈزىنىڭ ئىپپەت نۇمۇسىنى يۇقۇتۇشقا سەۋەپ بۇلىۋاتىدۇ. يەنە بىر قىسىم ياشلار ئۈزىنىڭ نىمە قىلغىنىنى بىلمەي چەتئەللىك  مودا ناخشىچىلاردىن دۇراپ  ئۇلارنىڭ قوللىرىغا چەكتۈرۋالغان چەكمىلەرنى ئوخشاش قىلىپ ئۈزىنىڭ قوللىرىغا چەكمە قىلىپ چەكتۈرۋاتىدۇ ... 
    بۇنداق ئىشنى مەن ئالدىنقى ئايدا ئۈرۈمچىدە بىر كۇچا ئاپتۇبۇسى ئىچىدە 23 ياشلاردىكى بىر بالىنىڭ بىلىكىدە كۆردۈم . ئۇنىڭ بىلىكىدىكى چىكىۋالغان چەكمە بولسا لەيدى گاگا نىڭ بىلىكىدىكى چەكمىگە ئۇپمۇ ئوخشاش بۇلۇپ بۇ بەلگە شەيتان دىنىنىڭ ئەڭ ۋەكىللىك بەلگۈللىرىنىڭ بىرى . ئويلاپ قالدىم بۇ بالا بىلمەي قىزىقىشتىن چەكتۈرگەنمىدۇ دەپمۇ قالدىم . بىراق ئۇنىڭ بىر مىڭكوخەن ئىكەنلىكىنى كىيىۋالغان كىيىمىنى  ۋە يېنىدىكى خەنزۇ  دوستىغا قىلغان بەزى گەپلەرنى ئاڭلىغاندىن كىيىن ئۇنىڭ بۇ چەكمىنىڭ مەنىسىنى بىلىپ تۇرۇپ چەكتۈرگەنلىكىگە ئازراق ئىشىنىپمۇ قالدىم . { بۇ يەردە دىمەكچى بولغۇنۇم . مىنكوخەن بالىلارنىڭ  ھەممىسىلا ئۇنداق دىمەكچى ئەمەسمەن ... كۆپ قىسىم خەنزۇچىدا ئۇقىغان بالىلار ئۈزىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى ئۇنۇتمىغان ئاساستا ئۈگەنگەنلىرىنى توغرا ئىشلىتىۋاتىدۇ  يەنە بىرقىسىم بالىلار زۈرۈر تېپىلغاندا  ھەقىقەتنى ياقىلاش يوللىرىدا ئىشلىتىپ يۈزىمىزنى يۇرۇق قىلىۋاتىدۇ  ،  پەقەت ئاز بىر قىسىم خەنزۇ لىشىپ كەتكەن ئۇيغۇر ياشلىرى ئۈزىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ بەزى ئىشلارنى خەنزۇلاردىنمۇ بەك ئاشۇرۇپ قىلىۋاتقانلىقىغا ئەقلىم ھەيران قېلىۋاتىدۇ .  } 
    بارغانچە تۇيۇق يولغا كىرىپ قېلىۋاتقان ئاز بىرقىسىم ئازغۇن ياشلىرىمىزنىڭ  پاتقاق ئىچىدىن بالدۇرراق چىقىپ دىلىنىڭ يۇرۇپ  توغرا يولدا مېڭىشىنى شۇنداقلا  ھىدايەت تېپىشىنى  چىن دىلىمدىن تىلەيمەن .....        

    مىنىڭ بۇ ئەبجەق كونا كومپىيوتىرىمدا بۇ تىمىنى يېزىپ پۈتتۈرمەك بەك تەسكە توختىدى.... بىراق بىلمەيدىغانلارغا ئازراق بولسىمۇ پايدىسى تىگىپ قالارمىكى دەپ كۆپ ۋاقىت كەتسىمۇ  ئاخىرى يېزىپ پۈتتۈردۈم... 

    مەنبە : بەيدۇ . ۋە ئۈزۈم ساقلىۋالغان قىسمەن ماتېرياللار      
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.