-
ئېنىق، توغرا ماتېماتىكا ۋە غۇۋا پەلسەپە - [يېڭى ئارىلىق پەنلەر]
2010-06-24
ماتېماتىكا بىلەن پەلسەپە زىچ مۇناسىۋەتكە ئىگە. قەدىمكى يۇنان پەيلاسۇپ پلاتون ئىشىكىنىڭ ئالدىغا:«گىئومىتىريە بىلمىگەن كىرەلمەيدۇ.» دېگەن خەتنى ئويدۇرۇلغان ئىكەن. غەربتىكى نۇرغۇنلىغان پەيلاسوپلار ئەسلىدە ماتىماتىكچى. مەسلەن: پلاتون، ئارخىمىد، دىكارت قاتارلىقلار. نيۇتۇننىڭ ئالەملىك تارتىش كۈچى قانۇنىنى ئاڭلاتقان كىتابقا«تەبىئەت پەلسەپىسىنىڭ ماتېماتكىلىق پرىنسىپلىرى» دەپ نام قويغان.
سوقرات بىر داڭلىق پەيلاسۇپ بۇلۇش بىلەن بىرگە بىر ماتىماتىكچى.
پلاتوننىڭ قارشىچە سانلاردا بىر خىل ئوبيېكتىپلىق مەۋجۇت دەپ قارىغان، مۇشۇنىڭدىن پايدىلىنىپ «پلوتىنىزم»(柏拉图主义) ئىدىيىسى مەيدانغا كەلگەن. 20-ئەسىرگە كەلگەندە ماتېماتىكىنىڭ تەتقىقات ئىلمىدىكى ئۈچ ئېقىمنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.
ئىككى مىڭ يىلدىن بىرى، ماتېماتىكا ۋە پەلسەپە ئۆزئارا تەسىر قىلىپ كەلدى، بىرسى يەنە بىرسىنىڭ تەرەققى قىلىشىنى ئىلگىرى سۈردى، شۇڭلاشقا بۇ ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتنى تەتقىق قىلىش ئوتتۇرىغا چىقتى. مەسلەن: ماتېماتكنىڭ ھەقىقەت ئىكەنلىكى قانداق چۈشىنىمىز؟ سان دېگەن نېمە؟ چەكسىزلىكنى قانداق چۈشىنىمىز؟... دېگەنگە ئوخشاش. بۇ خىل مەسىلىلەر ماتماتكىنى پەلسەپە ئارقىلىق ئانالىز قىلىشقا يېتەكلەيدۇ.
«قۇتادغۇ بىلىك» تىكى تەبئىي پەنگە ئائىت مەسىلىلەرنى چۈشەندۈرگەن بىر كىتابنى ئوقۇغان، ئەمما ھازىر يېنىمدا ئۇ كىتاپ يوق، بولمىسا ئۇ كىتابتىن مىسال ئېلىش ئارقىلىق بەزى نەرسىلەرنى چۇشەندۇرەتتىم. بۇ كىتابتىكى بىر مىسال ئېسىمدە قاپتۇ. يۈسۈپ خاس ھاجىپ كىتابتا پادىشاھنىڭ تەختىنىڭ ئۈچ پۇتلۇق ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ ئۈچ پۇتلۇق بولسا پۇختا مۇكەممەل بىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان. بۇ بىزگە ماتېماتىكىدىكى بىر تۈز سىزىق ئۇستىدە بولمىغان ئۈچ نوقتا بىر تەكشىلىكنى بەلگىلەيدۇ دېگەن قائىدىنى ئەسلىتىدۇ. خاس ھاجىپ ئارقىدىن بىر ئەمىلى مىسال كەلتۈرگەن.
ماتېماتىكا ئۇگىنىش ئارقىلىق كاللىنى چېنىقتۇرغىلى بۇلىدۇ. ياش ئۆسمۇرلەرگە ماتىېماتكىنى ياخشى ئۇگتىش كىرەك. توغرا ئەملى تۇرمۇشتا تۆت ئەمەل بىلەن نۇرغۇنمەسىلنى ھەل قىلىپ كىتەلەيمىز. نۇرغۇنلىغان كىشلەر ماتىماتكىنى ئەملى تۇرمۇشتا جىق قوللىنىپ كەتمەيمىز دەپ قارايدۇ. ئەمىيەتتە ئۇ ئىنسانغا بىر خىل لوگىكىق چۈشنىش قابىليىتىنى سوۋغا قىلدۇ.
收藏到:Del.icio.us