ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

كارخانا مەدەنىيىتىنى ئومۇملاشتۇرۇپ شەكىلسىز ئارقىلىق شەكىللىكنى جانلاندۇرۇش

كارخانا مەدەنىيىتىنى ئومۇملاشتۇرۇپ شەكىلسىز ئارقىلىق شەكىللىكنى جانلاندۇرۇش

ۋاقتى: 2016-05-27 ئاۋاتلىقى: 399 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بېشى «خەيئېرنىڭ نەزەرىيەسى» بۇ يەردە!

 

 2. كارخانا مەدەنىيىتىنى ئومۇملاشتۇرۇپ شەكىلسىز ئارقىلىق شەكىللىكنى جانلاندۇرۇش


1995-يىلى 7-ئاينىڭ 4-كۈنى چىڭداۋ شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ قوللىشىدا، خوڭشىڭ زاۋۇتى قەرزلىرى بىلەن خەيئېرگە تەۋە بولدى. خەيئېرنىڭ خوڭشىڭ زاۋۇتىغا بولغان ئۆزگەرتىشى ئىككى قەەمگە بۆلۈم مېڭىلدى: ئالدى بىلەن خەيئېر كارخانا مەدەنىيىتى مەركىزىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، يېڭى خىزمەتچىلەرگە خەيئېرنىڭ كارخانا مەدەنىيىتىنى ئۆگىتىپ، ئەسلىدىكى مەسلىھەت دەلىللەش مەركىزىدىن سۈپەت كونترول قىلش خادىملىرىنى ئاجراتتى. ئىككىنچى قەدەمدە خەيئېر سۈپەت كاپالەت سىستېمىسى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، زاۋۇتنىڭ بارلىق ھالقىلىرىنى تەكشۈردى.


خەيئېر گۇرۇھى مال مۈلۈكنى جانلاندۇرۇشنىڭ ھالقىسى ئادەمنى جانلاندۇرۇش دەپ قاراپ، شەكىلسىز مال مۈلۈك ئارقىلىق شەكىللىك مال مۈلۈكنى جانلاندۇرماقچى بولدى. شۇنىڭ ئۈچۈن جاڭ رۈي مىن خوڭشىڭ زاۋۇتى خىزمەتچىلىرىنىڭ ئىدىيىسىنى ئزگەرتىدىغان ئاسان يولنى تاپقانلىقىغا ئىشەندى: خەيئېرنىڭ مەدەنىيەت قىممىتى ۋە ھەرىكەت ئۆلچىمىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىدى، ئەلۋەتتە ئەڭ چوڭ قىيىنچىلىق ئۇلارغا خەيئېر كارخانا مەدەنىيىتى نىشانىنى تونۇتۇش ۋە بىرلىككە كەلتۈرۈشتۇر. يېڭى خىزمەتچىلەرگە خەيئېر كارخانا مەدەنىيىتى لېكسىيەسى ئورۇنلاشتۇرغاندىن كېيىن، كارخانا مەدەنىيىتى مەركىزىنىڭ مەسئۇلى قوشۇۋېلىنغان كارخانىلارغا قارىتا ئەڭ مۇھىم خىزمەت ئۇلارغا نېمىنىڭ توغرا، نېمىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى دەپ بېرىپ، كېيىنكى قەدەمدە ياخشى ۋە ناچار ھەرىكەتلەرنىڭ ئۈلگىسىنى تېپىپ، ئۇنى «خەيئېرلىقلار» گېزىتىدىكى ھېكايىلەرگە ئايلاندۇردى، بۇنداق بولغاندا خىزمەتچىلەر ئاسانلا ئېسىدە ساقلىۋالالايدۇ ۋە تەھلىل قىلىشىدۇ. گەرچە ئەسلىدىكى خوڭشىڭ ئېلىكتر ئۈسكۈنىلىرى شىركىتى مۈشكۈل ئەھۋالدا قالغان بولسىمۇ، باشقۇرغۇچىلار ۋە بىر قىسىم خىزمەتچىلەر خەيئېرنىڭ قوشۇۋېلىشىغا قارشى ئىدى. خوڭشىڭنىڭ ساتقۇچىلىرى چۈشكۈنلەشكەن بولۇپ، شىركەتنىڭ قىياپىتىنى ئۆزگەرتىش ئويى يوق ئىدى. شۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرەيلەننىڭ گېپى بويىچە ئېيتقاندا، « سۇس پەسىل » (6-ئايدىن 9-ئايغىچە بولغان ۋاقىت) گە كەلگەندە، نەچچە ئاي قىلىدىغان ئىش يوق، قۇرۇق ساقلايدۇ، سېتىش ئورۇنلىرىغا بارمايدۇ. خەيئېر رەھبەرلىرىنىڭ قارىشىچە «مال ساتقۇچىلار چوقۇم ئۆزىنىڭ تەپەككۇر ئۇسۇلى ۋە ھەرىكەت ئۇسلۇبىنى ئۆزگەرتىشى كېرەك.»


خوڭشىڭنىڭ 105 نەپەر ئوتتۇرا قاتلامدىكى رەھبەرلىرىمۇ يەنە بىر قىيىنچىلىقنى شەكىللەندۈردى. ئۇلارنىڭ ئېنىق ۋەزىپىسى بولمىغانلىقتىن، ئۇلار ئىش قىلغاندا توغرا ئەمەس ۋە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىمۇ كەمچىل. نەتىجىدە شىركەتنىڭ ئىچكى قىسمىدا كىچىك بيۇروكرات چەمبىرەكلىرى ھاسىل بولۇپ، بەزى كىشىلەر كارخانىغا، بازارغا مەسئۇل بولماي، مۇناسىۋەت ئورنىتىش، شەخسىي مەنپەئەتنى كۆزلەش بىلەن بولدى. تېخىمۇ يامىنى خوڭشىڭ كىرئالغۇسىنىڭ سۈپىتى ئىنتايىن ناچار بولۇپ، كۆپ مىقداردا زاپاس مال ساقلاقلىق ئىدى، ئەينى ۋاقىتتا 110 مىڭ دانە كىرئالغۇ سېتىلمىغان بولۇپ، كۆپىنچىسى ئوڭشىتىش ئۈچۈن قايتۇرۋېتىلگەنلىرى ئىدى، ئەلۋەتتە بۇ خەيئېرنىڭ ئادەتتىكى ئۆلچىمىدىن بەك يىراق ئىدى. ئەمەلىيەتتە بۇ خوڭشىڭنىڭ ماركىسىنىڭ ئېغىر تەسىرگە ئۇچرىغانلىقىدىن دېرەك بېرەتتى. گەرچە نۇرغۇن سودىگەرلەر خوڭشىڭغا قەرزدار بولسىمۇ ، لېكىن سودىگەرلەر سۈپىتى ناچار مەھسۇلاتلارنى قايتۇرۇش ئۇلارنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزدى دەپ قارىدى. سودىگەرلەر خوڭشىڭنىڭ كىرئالغۇسىنى كىرگۈزۈشنى خالىمىدى.



1995-يىلى 7-ئاينىڭ 5-كۈنى—ئۆتكۈزۈپ بەرگەننىڭ ئىككىنچى كۈنى، خەيئېر گۇرۇھىنىڭ مۇئاۋىن دېرىكتورى ياڭ ميەنميەن خەيئېرنىڭ ئەسلىدىكى مەسلىھەت دەلىللەش مەركىزى، مال مۈلۈك باشقۇرۇش مەركىزى، ئۆتكۈزۈۋېلىش تەتقىقات مەركىزى، مالىيە مەركىزى ۋە كارخانا مەدەنىيىتى مەركىزى قاتارلىق بەش بۆلۈمنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن خوڭشىڭغا كەلدى. ئۇلار بارلىق خىزمەتچىلەرگە خەيئېرنىڭ كارخانا روھىنى چۈشەندۈردى: «كەسىپنى قەدىرلەپ دۆلەتكە جاۋاب قايتۇرۇش، يۇقىرىغا ئىنتىلىش». ياڭ ميەنميەندىن ئىبارەت بۇرۇندىن باشقۇرۇشنى سۈپەتنى چىڭ تۇتىدىغان بۇ خەيئېرنىڭ يۇقىرى قاتلام رەھبىرى خەيئېرنىڭ شەخسنىڭ مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى، يۇقىرى سۈپەت ۋە ئىناۋەتنى قوغلىشىدىغانلىقىنى شۇنداقلا ئىش ئورنى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى يولغا قويىدىغانلىقىنى دەپ ئۆتتى. ئۇ يەنە پەقەت ئاشكارا رىقابەتلەشكەندىلا ئاندىن مەۋجۇت بولغىلى بولىدىغانلىقىنى سۆزلەپ، خىزمەتچىلەرنىڭ خوڭشىڭنىڭ خارابلىشىشىدىن ئۆزىنى ئەيىبلىمەسلىكىنى، باشقۇرغۇچىلارنىڭ كەم دېگەندە %80 مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدىغانلىقىنى دېدى.
8-ئايدا جاڭ رۈيمىن ئۆزى شىركەتنىڭ ئوتتۇرا قاتلام رەھبەرلىرىگە ئوخشاش مەسىلە ئۈستىدە ئىزاھات بەردى. ئۇ ئادەم بايلىقىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشتىكى مۇھىم ئامىل ئىكەنلىكىنى دەپ ئۆتتى. ئۇ ئوتتۇرا قاتلامدىكى رەھبەرلەرنىڭ كارخانا تەرەققىياتىدىكى ۋەزىپىسىنى دەپ، (80/20) پرىنسىپىنى نەقىل كەلتۈردى، يەنى كارخانىدىكى مۇھىم %20 ئادەم باشقا %80 ئادەمگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ دېدى. جاڭ رۈيمىن كۆپچىلىكنى دەرھال ھەرىكەتلىنىپ ھەرقايسى تىجارەت ھالقىسى(ھەربىر ئادەم ۋە ھەربىر تىجارەت) دا ياخشى پىلان قىلىشقا چاقىردى. ئۇ يەنە خەيئېر كىرئالغۇسىنىڭ ئىستراتېگىيەسىنىڭ نەچچە مۇھىم نۇقتىسىنى خۇلاسىلىدى:


-- بازارنى يېتەكچى قىلغان خەيئېر كىرئالغۇسى ئىناۋەتنى سېتىشى، ئەرزان باھالىق مالنى ساتماسلىقى، باسقان ھەربىر قەدىمىدە خېرىدارلارنىڭ ئېھتىياجىنى يېتەكچى قىلىشى كېرەك.


-- تەننەرخنى تۆۋەنلىتىپ، كىرىمنى ئاشۇرۇپ، ھاسىلاتنى ئەڭ يۇقىرى چەككە، مەبلەغنى ئەڭ تۆۋەن چەككە يەتكۈزۈش كېرەك.
-- ھەممە ئادەم ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن پىلان ۋە ئېنىق نىشان تۇرغۇزۇپ، 2-3 يىل ئىچىدە خەيئېر كىرئالغۇ زاۋۇتىنى جۇڭگودىكى كىرئالغۇ ئىشلەپچىقىرىدىغان بىرىنچى زاۋۇت قىلىپ چىقىشتەك ئومۇمىي نىشانغا يېتىش ئۈچۈن تىرىشىشى كېرەك.



خوڭشىڭغا باش لىدىر قىلىپ ئەۋەتىلگەن چەي يوڭسېن ئەپەندى 1984-يىلى شاڭخەي ماشىنىسازلىق ئىنىستىتۇتىنى پۈتتۈرگەن بولۇپ، 1995-يىلى ئۇ تېخى 32 ياشتا ئىدى، بۇ ياش رەھبەرنىڭ پىكرى ئۆتكۈر، ھەرىكىتى چاققان بولۇپ، خەيئېرنىڭ خوڭشىڭنىڭ قىياپىتىنى ئۆزگەرتىشتىكى ئىستىراتىگىيىلىك ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىنى توغرا چۈشىنىپ قىلالايتتى. خىزمەتچىلەرنىڭ قىزغىنلىقىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، چەي يوڭسېن خەيئېر كىرئالغۇسى خىزمەتچىلىرىنى يېڭى مەھسۇلاتى تەتقىقات تۈرىگە قاتناشتۇرۇپ، بىرىنچى ئېيىدىلا 36 خىل يېڭى مەھسۇلاتنىڭ مودىلىنى ياسىدى، تېزلا بۇنىڭ ئىچىدىكى ئىككىسى بازارنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى:


«كىچىك تالانتلىق بالا»: بىر خىل دۆلەت ئىچىدىكى بازارغا يۈزلەنگەن پۈتۈن ئاپتوماتىك كىرئالغۇ(بۇرۇن تۈن ئاپتوماتىك كىرئالغۇ پەقەت خەلقئارا بازارلارغىلا سېتىلاتتى)


«كىچىك ئالاھىدە ئىقتىدارلىق كۆپۈك» : بىر خىل چوڭ ھەجىمدىكى كۆپۈكلىك قوش داسلىق كىرئالغۇ.


سېتىش ۋە بۆلۈپ سېتىشنىڭ ئالدىنقى سېپىدىمۇ چەي يوڭ سېننىڭ ھەرىكىتىمۇ ئىنتايىن تېز بولدى. ساتقۇچىلارنى ھەرىكەتلەندۈرۈش ئۈچۈن، ئۇ ئۇلارنىڭ مائاشىنىڭ پۈتۈنلەي ئۆزىنىڭ خىزمەت ئۈنۈمى بىلەن باغلىق بولىدىغانلىقىنى جاكارلىدى، بۇ ئۇلارنىڭ «سۇس»، «ئاۋات» پەسىل قارىشىنى سۇسلاشتۇردى. گەرچە سودىگەرلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى قايتا قۇرۇش مەلۇم نۇقتىدىن تەس بولسىمۇ، چەي يوڭسېن ئەڭ ئاخىرىدا سودىگەرلەرنى خەيئېر كىرئالغۇسىغا يەنە بىر پۇرسەت بېرىشكە قايىل قىلدى، خەيئېرنىڭ خوڭشىڭنىڭ بارلىق ناچار ماللىرىنى قايتۇرۋېلىش ياكى رېمونت قىلىپ بېرىشنىڭ جاۋابى ئورنىدا سودىگەرلەر ئۇلارنىڭ بۇرۇنقى قەرزىنى قايتۇرۇپ بېرىدىغان بولدى، بۇنىڭ بىلەن خەيئېرنىڭ ئىناۋىتى بازار يولىنى داغدام قىلدى. ئۇزۇن ئۆتمەي، چەي يوڭسېن خەيئېر كىرئالغۇسىنىڭ بەزى خىزمەتچىلىرىنى تەقدىرلىدى، مۇكاپاتلىدى. بۇلارنىڭ قىممەتلىك ئۆزىنى بېغىشلاش روھىنى ماختىدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە بەزىلىرى ئۆيىدىكى بىمارغا قارىيالمىغان، بەزىلىرى باشقا قېيىنچىلقلارنى يېڭىپ، تىرىشىپ سېتىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، ئاكتىپلىق بىلەن خىزمەت ۋاقتىنى ئۇزارتقان، چەي يوڭسېن بارلىق خىزمەتچىلەرنى ئۇلاردىن ئۆگىنىشكە چاقىردى. 1995-يىلىنىڭ ئاخىرىدا خەيئېر كىرئالغۇسى كۈچنى يىغىپ، قارشى ئېلىشقا ئېرىشكەن مەھسۇلاتلارنى تەتقىق قىلىش، ئېچىش ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن كونا بىرقانچە خىل مەھسۇلاتنى بىكار قىلدى. ئۇلارنىڭ نىشانى ھەرئايدا بىر خىل يېڭى مەھسۇلات تەتقىق قىلىپ چىقىش بولدى، كېيىنكى ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى ئۇلارنىڭ ھەريىلى ئىشلەپچىقارغان يېڭى مەھسۇلاتى بۇ نىشاندىن نەچچە ھەسسە ئارتىپ كەتتى.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى