ئادەم كۈچى بايلىق ئوبزورى
ۋاقتى: 2016-08-09
ئاۋاتلىقى: 481 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
ئادەم كۈچى بايلىق ئوبزورى
بەزى كىشىلەر كارخانا ئادەم كۈچى بايلىقىغا نىسبەتەن ئوخشاش بولمىغان قاراشتا بولۇپ،بەزىلەر ئادەمنى بايلىق ئورنىدا قويسا تازا مۇۋاپىق ئەمەس دەپ قارايدۇ. ئادەم ئادىمىيلىك ھوقۇق، مۇستەقىل ئىرادىگە ئىگە؛ بايلىق، ئادىمىيلىك ھوقۇق ئىرادىگە ئىگە ئەمەس. بايلىق بولسا ماددا، ئادەم بولسا ماددىنىڭ ئىگىسى، بايلىق ئادەم تەرىپىدىن ئىگىلىنىدۇ، ئىشلىتىلىدۇ، ئادەمنى بولسا ئىگەللەشكە، ئىشلىتىلىشكە بولمايدۇ.كارخانا بولسا قانۇنىي ئىگە، كارخانا خادىمىغا نىسبەتەن قاراتمىلىققا ئىگە. ئادەمنى بايلىق دەپ قاراش، ئادەمنى ماددى بۇيۇم بىلەن ئوخشاش كۆرگەنلىك بولۇپ، ئادەمنى ماشىنا ئادەم ئورنىدا كۆرگەنلىك بىلەن ئوخشاش. ئادەم كۈچى بايلىق باشقۇرۇشتا، ئادەمنى بايلىق ئورنىدا كۆرۈپ باشقۇرىدۇ، بۇ بولسا: كارخانا ئىشلەتكەن خادىمنىڭ كارخانا قانۇنىي ۋەكىلى بىلەن تەڭ ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلىش، ئادەمنىڭ مۇستەقىللىق ۋە تەشەببۇسكارلىقنى ئىنكار قىلشتىن دېرەك بېرىدۇ. ئادەمنىڭ ئىقتىدارىنى بىر خىل بايلىق، مەبلەغ، كاپىتال دەپ قاراش، ئادەمنى بىر خىل بايلىق ، مەبلەغ، كاپىتال دەپ قاراشتىن مۇۋاپىق، بىراق ئادەم كۈچى ئالدى بىلەن ئادەم ئۆزىنىڭ بايلىقى، كارخانىنىڭ بايلىقى ئەمەس؛ پەقەت ئادەم ئىشلىتىش كېلىشىمى ۋە كارخانا ئىشلىتىش مۇناسىۋىتىنى ئورناتقانىدىلا، ئىشلىتىلگەن ۋاقىتتىكى خىزمەت ئىقتىدارى ئاندىن كارخانىنىڭ بايلىقىغا ئايلىنىدۇ.